كوممۇنىزمدىن كېيىنكى خىتاي: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن كېيىنكى دەۋرگە تەييارلىق قىلىش

2025-يىلى 24-ئىيۇل

 

ھۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ شۇ ناملىق دوكلاتىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

مايلېس يۈ (Miles Yu) تەھرىرلىكىدە، ئامېرىكا ھۇدسون تەتقىقات ئورنى (Hudson Institute) تەرىپىدىن 2025-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلىنغان «كوممۇنىزمدىن كېيىنكى خىتاي: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن كېيىنكى دەۋرگە تەييارلىق قىلىش» (China after Communism: Preparing for a Post-CCP China) ناملىق بۇ دوكلات، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ كەلگۈسىدە يىمىرىلىش ئېھتىماللىقىغا قارىتا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قانداق تەدبىر ۋە ئىستراتېگىيەلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ۋە كۆپ قاتلاملىق ئانالىز قىلغان مۇھىم ئەسەردۇر. بۇ دوكلات خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىنى پەقەت بىر پەرەز ياكى ئابستراكت مۇلاھىزە دائىرىسىدە ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان بىر ئىستراتېگىيەلىك ئەھۋال سۈپىتىدە كۆرىدۇ ۋە بۇ ئەھۋالغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە ھەربىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي، كىشىلىك ھوقۇق، ئادالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئاساسىي قانۇن قۇرۇلمىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە كونكرېت تەكلىپ-پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دوكلاتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ھەر بىر ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چوڭقۇر تەتقىقاتىغا ئاساسلانغان بولۇپ، تارىخىي تەجرىبىلەر، ئىستراتېگىيەلىك ئالدىن كۆرەرلىك ۋە ساھەگە خاس بىلىملەرنى بىرلەشتۈرۈپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى قالايمىقانچىلىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىشىش باسقۇچىدا دۇچ كېلىنىدىغان مەسىلىلەرنى ۋە پۇرسەتلەرنى تەپسىلىي شەرھلەيدۇ.

دوكلات ھەربىي ئىشلار، ئاخبارات، ئىقتىساد، كىشىلىك ھوقۇق، ئۆتكۈنچى دەۋر ئادالىتى ۋە ئاساسىي قانۇن باشقۇرۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن يېزىلغان بىر يۈرۈش ماقالىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەن ھامان قوللىنىشقا تېگىشلىك دەسلەپكى قەدەملەرنى ۋە خىتاينىڭ مۇقىملىشىش باسقۇچىدىن كېيىنكى ئۇزاق مۇددەتلىك يۆنىلىشىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ. بۇ ئەسەر تارىخىي تەھلىل، ئىستراتېگىيەلىك ئالدىن كۆرەرلىك ۋە ساھەگە خاس تەجرىبىلەرگە تايىنىپ، بۇ خىرىسلارنى بىر «ئېھتىماللىقلار مەشقى» سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. ھەر بىر بابتا، بىر پارتىيەلىك تۈزۈمنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم ساھەلىرىدە قانداق يىمىرىلىدىغانلىقى ۋە سىياسىي ئاپپاراتلارنىڭ قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۆزىگە خاس سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنغان. بۇ ماقالىلەر بىرلىكتە، ئۇزۇن مۇددەت باستۇرۇلغان بىر دۆلەت يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرىدىغان كۈچلەرنى باھالايدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئاپتورلار بۇ ئۆتكۈنچى دەۋردىكى خەتەر ۋە پۇرسەتلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن سىياسەت تەكلىپلىرىنى بېرىشنى مەقسەت قىلغان. دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى پەقەت خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىنكى خىتايغىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ كەلگۈسى تەرتىپى ۋە خەلقئارا مۇقىملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىمۇ ئالدىن كۆرۈپ، بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىشىدە ياتىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ دوكلات ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى بېكىتىشتە مۇھىم ئىلمىي ئاساس ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 

1-باب: خىتايدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇلازىمەت ئىشخانىسى (Office of Strategic Services, OSS)): خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ رولى

بۇ بابتا نامسىز بىر ئاپتور، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى ئۆتكۈنچى دەۋردە ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ (US Special Operations Forces, US SOF) ئوينايدىغان مۇھىم رولىنى تارىخىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغان. ئاپتور ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇلازىمەت ئىشخانىسىنىڭ (Office of Strategic Services, OSS) خىتايدىكى پائالىيەتلىرىنى تارىخىي ئۈلگە قىلىپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن كېيىنكى خىتاينى مۇقىملاشتۇرۇشتا قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەپسىلىي شەرھلىگەن. بۇ بابنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى شۇكى، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى بىۋاسىتە ئارىلىشىشتىن ساقلىنىپ، «يەرلىك كۈچلەر ئارقىلىق، ئۇلار بىلەن بىللە ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشى بىلەن» (by, with, and through) پىرىنسىپى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ياردەم بېرىش، مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنى قوغداش ۋە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تىنچلىق بىلەن بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۇ جەرياندا، ئاپتور پەقەت ھەربىي ۋە سىياسىي ئىستراتېگىيەلەرگىلا ئەمەس، بەلكى كوممۇنىزمدىن كېيىنكى ئۆتكۈنچى دەۋردىكى بايانلار، تارىخىي ئەسلىمىلەر ۋە سىمۋوللۇق قانۇنلۇقنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

بابنىڭ باشلىنىشىدا، ئاپتور نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى بورىس پاستېرناكنىڭ (Boris Pasternak) «دوكتور ژىۋاگو» (Doctor Zhivago) رومانىدىكى «ھەممە نەرسىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئاتاش» دېگەن ئىدىيەسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن كېيىنكى خىتاينىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئازابلىق زامانىۋى تارىخىغا قايتىدىن ئىسىم قويۇش ۋە ئۇنى شەرھلەش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ پەقەت تارىخىي ھەقىقەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشلا ئەمەس، بەلكى خىتاي خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە مىراسلىرىنى، زامانىۋىلىق ئىچىدىكى ئورنىنى ۋە خەلقئارا سىستېما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن بېكىتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەرياندا، ئاپتور خىتاينىڭ «قۇرۇقلۇق» ۋە «دېڭىز» مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي زىددىيەتنى ۋە بىرىكىش ئېھتىياجىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلغان. خىتاينىڭ سېرىق تۇپراقلىق ئىچكى قۇرۇقلۇق مەدەنىيىتى ئۇنى ئەنئەنىۋى، ئىچىگە يېپىق ۋە قاتلاملىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە باغلىغان بولسا، 19-ئەسىردىن باشلاپ غەربنىڭ دېڭىز مەدەنىيىتى ئۇنىڭغا زور رىقابەت ۋە خىرىسلارنى ئېلىپ كەلگەن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دەل مۇشۇ قۇرۇقلۇق ئىدىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، دېڭىز مەدەنىيىتىنى «بۇرژۇئازىيە»، «ئەكسىلئىنقىلابىي» ۋە «جاھانگىرلىك» دەپ قارىلاپ، خىتاينى زامانىۋى دۇنيا بىلەن ياراشتۇرۇش جەريانىنى ئۈزۈپ قويغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، خىتاي خەلقى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئۆز-ئۆزىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى، 1919-يىلدىكى «تۆتىنچى ماي ھەرىكىتى» ۋە 1989-يىلدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتى قاتارلىق ئۈزۈلۈپ قالغان زامانىۋىلىشىش يولىنى قايتىدىن تېپىشى كېرەك. بۇ جەرياندا ئامېرىكىنىڭ رولى ئىنتايىن نازۇك ۋە مۇھىم. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشىنى قەتئىي قوللىشى، ئەمما ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىپ، ئۆز قىممەت قارىشىنى تېڭىشتىن ساقلىنىشى لازىم. ئامېرىكا سىياسىتى چوقۇم خىتاي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئارقىلىق، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋە ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە يولغا قويۇلۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، خەلقئارا دېڭىز سىستېمىسىنى قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرۇقلۇقنىڭ ئۆزىگە خاس ئەھۋالىغا سەل قاراش خاتالىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، ئاپتور ئۇنى بىر قانچە باسقۇچقا ئايرىپ چۈشەندۈرگەن.

بىرىنچى باسقۇچ (Phase 0)، يەنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىمىرىلىشتىن خېلى بۇرۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر يەتكۈزۈش، ئاممىۋى دىپلوماتىيە، ئۇچۇر ئۇرۇشى ۋە مەخپىي تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پارتىيە بىلەن دۆلەت، پارتىيە بىلەن قوراللىق كۈچلەر، ۋە پارتىيە بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىمىچىلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. بۇ ئايرىمىچىلىق ھاكىمىيەت يىمىرىلگەندە، پارتىيەنىڭ پۈتكۈل خىتاينى ئۆزى بىلەن بىللە يوقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھالقىلىق ئامىل بولىدۇ. ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى ۋە ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار ۋاكالەتچى تورلارنى بەرپا قىلىپ، شېرىك كۈچلەرنى تەربىيەلەپ، تور ھەرىكەتلىرىنى قوزغاپ، خىتاي ئىچىدىكى خەلققە ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشى لازىم. بۇ ئۇچۇر ھەرىكەتلىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆتمۈشكە بولغان مونوپوللۇقىغا گۇمان پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە ئەنسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاشكارىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى باسقۇچ (Phase 1)، يەنى ھاكىمىيەت يىمىرىلگەن ھامان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا ۋە شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنياڭ، ۋۇخەن قاتارلىق كونسۇلخانىلىرىغا دىپلوماتلارنى، ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە تەخمىنەن 20 نەپەر ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى ئەزاسىنى جىددىي ئەۋەتىشى كېرەك. ئۇلار ھازىرقى ئالاقە يوللىرى ئارقىلىق ئامېرىكا باش ئەلچىسى بىلەن ۋاقىتلىق دۆلەت كېڭىشى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئوتتۇرىسىدا كرىزىسلىق ئالاقە مېخانىزمىنى قۇرۇشى لازىم. بۇ دەسلەپكى ئالاقىدە، ئامېرىكا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى دىپلوماتىك ئېتىراپ قىلىش ۋە چېگرا رايونلىرىدىكى پۇرسەتپەرەس تاجاۋۇزلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاخبارات ھەمبەھرىلەش كېلىشىمى تۈزۈشنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى يېڭىدىن قۇرۇلغان خىتاي ئارمىيەسىگە چېگرا بىخەتەرلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە يادرولۇق قوراللارنى قوغداش قاتارلىق ئۈچ جىددىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا ياردەم بېرىدۇ.

بۇ باسقۇچتا، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ تارقاق، كىچىك گۇرۇپپىلىق ۋە ۋاكالەتچىلەر پۇقرالار ئارىسىدا ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى بۇ نازۇك ۋەزىپىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھەددىدىن زىيادە چوڭ ياكى ئاشكارا ئارىلىشىشى يېڭىدىن قۇرۇلغان ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇقلۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش خەۋپىگە ئىگە. شۇڭا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىچىك كۆلەملىك، تۆۋەن دەرىجىدە كۆزگە چېلىقىدىغان ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى ئارقىلىق ھالقىلىق جىددىي ئېھتىياجلارنى نىشانلىشى كېرەك. مەسىلەن: چېگرا بىخەتەرلىكىدە، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشى، توپىلاڭ قوزغىشى، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى ۋە چېگرا رايونلىرىدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شېنياڭدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىكى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى شىمالىي ھەربىي رايون قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ئالاقىچى بولۇپ، ئاخبارات ھەمبەھىرلىشىپ، چېگرا بىخەتەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداۋاتقان خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قىسىملىرىغا مەسلىھەت بېرىشى ۋە ھەمراھ بولۇشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئۈزۈلۈپ قالغان ۋەزىپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچ (Phase 2)، بۇ باسقۇچتا، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ پۇقراۋى ئىشلار ۋە ھەربىي ئۇچۇر قوللاش گۇرۇپپىلىرى يىمىرىلىۋاتقان كونا تۈزۈم بىلەن يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان دۆلەتنى ئايرىشقا ياردەم بېرىدۇ. خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي كومىسسارلىرى، مۇدىرلىرى ۋە يېتەكچىلىرى ئەمدى پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ساقلاشقا مەسئۇل بولماستىن، بەلكى ئۆز قىسىملىرىغا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى خەۋەرلىرىنى ۋە ئارمىيەنىڭ بۇ يېڭى ئۆتكۈنچى دەۋردىكى رولىنى يەتكۈزىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ غايەت زور تەشۋىقات ئاپپاراتى بېيجىڭدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئاددىي پاكىتلارنى يەتكۈزۈش، مىش-مىش پاراڭلارنى ۋە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ۋە بۇ ئېنىقسىزلىق مەزگىلىدە ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن تەييار بىر ۋاسىتە بولۇشى كېرەك. بۇ ئاپپاراتلارنىڭ ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى ۋەزىپىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پىسخىكىلىق ھەرىكەتنى پارچىلاش ۋە قايتا ئىشلىتىش. كوممۇنىزمدىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتېرنېت نازارىتى، ئىدېئولوگىيەلىك سىڭدۈرۈش ۋە ئاممىۋى كۆزىتىش سىستېمىسى توختايدۇ، ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاۋازلار خىتايغا قايتىدىن كىرىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى، ئىستراتېگىيەلىك مۇلازىمەت ئىشخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋىليام دونوۋان (William Donovan) تەشەببۇس قىلغان «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يېڭى بىر سۇپا بولىدۇ، يەنە بىرى بولسا «خىتاي ئاۋازى» (中国之音) بولىدۇ.

ئاخىرىدا، ئاپتور خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ رولى خىتاينىڭ ئۇزۇن تارىخىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق مىراسى بىلەن دېڭىزدىن كەلگەن خەلقئارا سىستېما ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئەسلەپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى خۇلاسىلىگەن. ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئارقىلىق، ئۇلار بىلەن بىللە ۋە ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى، جىددىي ئەھۋالنىڭ بىۋاسىتە ئېھتىياجى بىلەن يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك قانۇنلۇقلۇقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. ئون يىللار مابەينىدە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي ئىدېئولوگىيەسى ۋە ئۆتمۈشنى ئۇستىلىق بىلەن ئىگىلىشى، خىتاينىڭ خەلقئارا سىستېمىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق، قانۇنلۇق، كۈچلۈك ۋە ئەركىن بىر مىللەت-دۆلەت بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بۇ نىشانغا يېتىش قايتىدىن مۇمكىن بولىدۇ. ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىغا ئوخشاش، خىتايمۇ قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئوتتۇرىسىدا ئۇزاق مۇددەتلىك تەڭپۇڭلۇقنى ئورنىتىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۈزۈلۈپ قالغان بىر ۋەزىپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

2-باب: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن بىيولوگىيەلىك قوراللار ئەسلىھەلىرىنى توغرا نىشانلاش: مۇھىم مۈلۈكلەر، ئورۇنلار، ھەرىكەت تاللانمىلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىجرا پىلانى

بۇ بابتا، ئاپتور رايان كىلارك (Ryan Clarke)  خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «قوش ئىشلىتىلىدىغان» (dual-use) بىيولوگىيەلىك تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەھدىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەن ئەھۋالدا، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەسلىھەلەرنى قانداق قىلىپ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك نىشانلاپ، ئۇلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ۋە ئاپەتلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ تاجاۋۇزچان قوش ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچى (pathogen) تەتقىقات ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ئىستراتېگىيەچىلىرى بىيولوگىيەلىك قوراللارنى ئادەتتىن تاشقىرى سۇپا ئەمەس، بەلكى ئۆلچەملىك جەڭ تەرتىپىنىڭ يادرولۇق تەركىبىي قىسمى دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا، ئامېرىكىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندە، خىتاينىڭ قوش ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچى تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ پۈتۈن گەۋدىسىنى نىشانلاش ئۈچۈن بىۋاسىتە ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان بىر يۈرۈش تاللانمىلارغا ئىگە بولۇشى ھاياتىي مۇھىم. بۇ بابتا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم بىيولوگىيەلىك قوراللار تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئۇلار ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالاھىدە خەتەرلىك كېسەللىك قوزغاتقۇچى تەتقىقاتىنىڭ تۈرلىرى ئىستراتېگىيەلىك دەرىجىدە بايان قىلىنغان، ھەمدە ئۈچ خىل توغرا نىشانلاش ھەرىكەت تاللانمىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجرا پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاپتور ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشقۇرىدىغان بىر قانچە مۇھىم تەتقىقات ئورنىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنى (Wuhan Institute of Virology) ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. 1956-يىلى قۇرۇلغان بۇ ئورۇن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ SARS ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن، بىيولوگىيەلىك بىخەتەرلىك 4-دەرىجىلىك (BSL-4) تەجرىبىخانىسىنى قۇرۇشنى باشلىغان. بۇ تەجرىبىخانا فىرانسىيەنىڭ لىئون (Lyon) شەھىرىدىكى BSL-4 تەجرىبىخانىسىنىڭ تېخنىكىسى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىپ، 2015-يىلى پۈتكەن. ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنى ئوتتۇرا شەرق نەپەسلىنىش سىندىرومى (MERS)، زىكا، SARS ۋە SARS غا ئوخشاش ۋىرۇسلاردىن تارتىپ، نىپا، ئېبولا، ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ھەر خىل ھاشاراتلار ئارقىلىق تارقىلىدىغان ۋىرۇسلارغىچە بولغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنى تەتقىق قىلىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى «مۇنەۋۋەرلەر مەركىزى»گە ئايلانغان. ئاپتور، بۇ ئورۇندىكى ئەڭ داڭلىق تەتقىقاتچى، دوكتور شى جېڭلى (Shi Zhengli) نىڭ شەپەرەڭ كورونا ۋىرۇسى ۋە فۇنكسىيەنى كۈچەيتىش (gain-of-function, GoF) تەتقىقاتىدىكى خەلقئارالىق ھەمكارلىقلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىلگىرى ھەربىي باشقۇرۇش بۆلۈمى (Military Management Division, MMD) نى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قوش ئىشلىتىلىش خاراكتېرى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىككىنچى مۇھىم ئورۇن خاربىن ۋېتېرىنارىيە تەتقىقات ئورنى (Harbin Veterinary Research Institute, HVRI) بولۇپ، 1948-يىلى قۇرۇلغان بۇ ئورۇن ھايۋان ۋىرۇسلىرى، بولۇپمۇ H5N1 ۋە H7N9 قاتارلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسلىرىنى تەتقىق قىلىشتا خەلقئارادا تونۇلغان. ئۇ 2018-يىلى خىتاينىڭ ئىككىنچى BSL-4 تەجرىبىخانىسىغا ئايلانغان. بۇ ئورۇندىكى داڭلىق تەتقىقاتچى، دوكتور چېن خۇالەن (Chen Hualan) نىڭ قۇش زۇكىمى ۋىرۇسلىرىنى بىيو-ئىنژېنېرلىق قىلىش تەجرىبىلىرى، بولۇپمۇ 2013-يىلى H5N1 بىلەن H1N1 ۋىرۇسلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، سۈت ئەمگۈچىلەر ئارىسىدا ھاۋا ئارقىلىق تارقىلالايدىغان يېڭى بىر خىمىرا (chimera) ۋىرۇسىنى ياساپ چىققانلىقى قاتتىق تالاش-تارتىش قوزغىغان. بۇ ئورۇن يەنە ياپونىيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بويىچە يەر شارى تەتقىقات تورى (J-GRID) بىلەن، بولۇپمۇ دوكتور يوشىخىرو كاۋائوكا (Yoshihiro Kawaoka) بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورناتقان، بۇ ھەمكارلىق خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان ۋىرۇس تەتقىقات تورىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۈچىنچى ئورۇن خىتاي تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە بېيجىڭ ئىتتىپاق تېببىي ئىنستىتۇتى (Chinese Academy of Medical Sciences and Peking Union Medical College, CAMS-PUMC). بۇ ئورگان BSL-3/4 تەجرىبىخانىلىرى، دوختۇرخانىلار ۋە مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتلىك ئۇل ئەسلىھەگە ئىگە. ئۇنىڭ قارمىقىدىكى تېببىي بىيولوگىيە ئورنى (كۇنمىڭ)، ھايۋان تەجرىبىخانىسى پەنلىرى ئورنى (بېيجىڭ) ۋە كېسەللىك قوزغاتقۇچى بىيولوگىيە ئورنى (بېيجىڭ) قاتارلىقلار خېيىم-خەتىرى ئالاھىدە يۇقىرى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېقىندا ئاشكارىلانغان ئېلخەتلەر كۇنمىڭدىكى تېببىي بىيولوگىيە ئورنىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي شۆبىسى (UTMB) بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر BSL-4 تەجرىبىخانىسىنى قۇرغانلىقىنى ۋە بۇ يەردە ئالاھىدە خەتەرلىك ۋىرۇس تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ ئورگان يەنە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى (Academy of Military Medical Sciences, AMMS) بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، زىكا ۋىرۇسىغا ئوخشاش ۋىرۇسلارنى كونترول قىلىش ۋە GoF تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان.

تۆتىنچى ئورۇن ھەربىي تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى (Academy of Military Medical Sciences, AMMS) بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئەڭ كۆپ خىللاشقان ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان يۇقىرى خەتەرلىك ۋىرۇس تەتقىقات ئورنى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنى ۋە خىتاي تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئورگانلار بىلەن ۋە UTMB غا ئوخشاش خەلقئارالىق شېرىكلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان. بۇ ئورگاندىكى مۇھىم شەخس، گېنېرال-مايور چېن ۋېي (Chen Wei)، بىيولوگىيەلىك مۇداپىئە ۋە بىيولوگىيەلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى بولۇپ، كانادانىڭ دۆلەتلىك مىكروبىيولوگىيە تەجرىبىخانىسى (NML) دىكى ئالىم چيۇ شياڭگو (Qiu Xiangguo) بىلەن ھەمكارلاشقان، چيۇ كېيىن ئېبولا ۋە خېنىپا ۋىرۇسى (Henipavirus) ئەۋرىشكىلىرىنى ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىغا ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلغان. ھەربىي تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى يەنە 2021-يىلى ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىنىڭ شى جېڭلى بىلەن ھەمكارلىشىپ، SARS-CoV-2 ۋىرۇسى بىلەن يۇقىرى خەتەرلىك تەدرىجىي يۇقتۇرۇش (serial passaging) تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان.

بۇ تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەھدىتىگە قارىتا، ئاپتور ئۈچ خىل ھەرىكەت تاللانمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بىيولوگىيەلىك قورال ماتېرىياللىرىنى ۋە ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەمدە جۇغراپىيەلىك تارقاق ۋە كېسەللىك قوزغاتقۇچى جەھەتتە كۆپ خىللاشقان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىيولوگىيەلىك قوراللار پىروگراممىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا نىشانلىنىشىنى تەكىتلەيدۇ.

1-تاللانما: بۇ تاللانما بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىيولوگىيەلىك قوراللار ئەسلىھەسىگە مەجبۇرىي كىرىپ، بىيولوگىيەلىك قورال ماتېرىياللىرىنى يۆتكەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىنى، يەنە بىر گۇرۇپپىنىڭ نەق مەيداننى قوغداپ، كىرىش-چىقىشنى كونترول قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەرىكەت نەق مەيدان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھاۋا ئۈستۈنلۈكىنى قۇرۇشنى ۋە ئۇنى ساقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكا گۇرۇپپىسى نەق مەيداننىڭ كەم دېگەندە بىر مىل رادىئۇسى ئىچىدىكى جۇغراپىيەنى كونترول قىلىشى، ئاكتىپ توسۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى ۋە بىر گەۋدىلەشكەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى يولغا قويۇشى كېرەك. ئۇچۇر ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، نەق مەيداندىكى خادىملار سانىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك خادىملار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

2-تاللانما: بۇ تاللانما نەق مەيداندا ئامېرىكىنىڭ ئاشكارا مەۋجۇتلۇقىنى تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى فىزىكىلىق ۋەيران قىلىشقا، يەنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھاسىل قىلىش ئارقىلىق خەتەرلىك بىيولوگىيەلىك ماتېرىياللارنى يوقىتىشقا مەركەزلىشىدۇ. ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ بۇنى ئادەتتىكى ھاۋا ھۇجۇمى ياكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى (دېڭىز ياكى قۇرۇقلۇقتا قويۇپ بېرىلگەن) ياكى بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. ئىشلىتىلىدىغان ئوق-دورا نىپا ۋىرۇسىغا ئوخشاش بارلىق يۇقىرى خەتەرلىك كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنى يوقىتالايدىغان تېمپېراتۇرا ھاسىل قىلىشى كېرەك، ھەمدە يەر ئاستى قۇرۇلمىلىرىنىمۇ ۋەيران قىلالايدىغان «گەمە بۇزغۇچ» (bunker-busting) ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى لازىم.

3-تاللانما: بۇ تاللانما خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى/خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىيولوگىيەلىك قوراللار خادىملىرىنى تۇتۇشنى ۋە ھەر بىر نەق مەيداننىڭ كونكرېت بىلىملىرىگە ئاساسەن، تېخىمۇ كونترول قىلىنغان بىر جەريان ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ تاللانما خىتاي سىرتىدىكى يېقىنلىرى بار خادىملارنى قېچىشقا قايىل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىر قىسمى شۇكى، بىيولوگىيەلىك قوراللار تەتقىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش كۆپ دۆلەتلىك شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى پىلانلاش كېرەك. يەنە بىر قىسمى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردە خىتاي ئورگانلىرى تەرەققىي قىلدۇرغان تېخنىكىلارنى ساتىدىغان يۇقىرى قىممەتلىك ۋاكالەتچى شىركەتلەرنى قۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىيولوگىيەلىك قوراللار خادىملىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

ئاخىرىدا، ئاپتور «ۋەيران قىلىش بىردىنبىر تاللاش» ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلىگەن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزىنىڭ بىيولوگىيەلىك قوراللار پىروگراممىسىنى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئاساسەن ئۈزۈلدۈرمەي تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن. ئۇ  GoF، سىنتېتىك ۋىرۇس ياساش ۋە باشقا ئالاھىدە خەتەرلىك كېسەللىك قوزغاتقۇچى تەتقىقات ساھەلىرىدە كەڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق تېخنىكىلىق تەجرىبىلەردىن پايدىلانغان ۋە ئۇلارنى ئۆزلەشتۈرگەن. بۇ ئورگانلارنى ساپ ئاممىۋى سەھىيە تەتقىقات ئورگانلىرى قىلىپ قايتا قۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بىيولوگىيەلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يادرولۇق ئورگانلىق مەركەز بولۇشى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن بىۋاسىتە ھەمكارلىشىشى ۋە نەچچە ئون يىللىق خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كونترولى ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنى، خاربىن ۋېتېرىنارىيە تەتقىقات ئورنى، خىتاي تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە ھەربىي تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئورگانلارنى ئىسلاھ قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەزەلدىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرەققىي قىلدۇرغاندەك بىر بىيولوگىيەلىك قوراللار پىروگراممىسى بولۇپ باقمىغان. ئامېرىكىنىڭ توغرا نىشانلىشى ئۇنى يوقىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن قايتا قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈزلۈكسىز كۆزىتىش ۋە ئىز قوغلاش ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

3-باب: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن خىتاي پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇش: قايتا كاپىتاللاشتۇرۇش، رەت قىلىش، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ۋە مەركەزسىزلەشتۈرۈش

بۇ بابتا، ئاپتور رايان كىلارك (Ryan Clarke) خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشقۇرۇشىدىكى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ تۈپ ئاساسىنىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە قۇرۇلمىلىق نۇقسانلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يىمىرىلگەن ھامان دەرھال گۇمران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە ئاپىتىنىڭ «ئۇستا مېمارى» بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت قەرز ئېشىشى ئارقىلىقلا ئۆزىنى بېقىشقا قادىر بولغان پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى يىلتىزىدىن مۇقىمسىز. شۇڭلاشقا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇش، يەنى قايتا كاپىتاللاشتۇرۇش، قانۇنسىز قەرزلەرنى رەت قىلىش، دۆلەت مۈلكىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ۋە پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى مەركەزسىزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، يېڭى، ساغلام ۋە بازار ئېگىلىكىگە ئۇيغۇن بىر سىستېما بەرپا قىلىشنىڭ ھاياتىي مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ جەريان پەقەت خىتاي خەلقىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئۈچۈنمۇ يېڭى بازار پۇرسەتلىرىنى يارىتىدۇ.

ئاپتور ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشقۇرۇشىدىكى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بۇ سىستېما تۇرغۇن قەرزلەر (Nonperforming loans, NPLs)، خاتا باھالانغان مۈلۈكلەر، ئېغىر دەرىجىدىكى كاپىتالنىڭ خاتا تەقسىملىنىشى، يوشۇرۇن قەرزلەر ۋە باشقا مەجبۇرىيەتلەر، توغرا بولمىغان پايدا-زىيان ۋە كاپىتال زاپىسى ھېساباتى قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن لىق تولغان. نەتىجىدە، خىتاينىڭ «تۆت چوڭ بانكىسى» (سانائەت ۋە سودا بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، خىتاي بانكىسى ۋە قۇرۇلۇش بانكىسى) ۋە باشقا كۆپلىگەن سىستېمىلىق مۇھىم پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خىتاي خەلق مەركەز بانكىسى (PBOC, China’s central bank) نىڭ ئۈزلۈكسىز كاپىتال ئوكۇلى ۋە باشقا ۋاقىتلىق ياردەم تەدبىرلىرىگە تايىنىدۇ. بۇ بانكىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ياكى ئۈنۈملۈك كىرېدىت يارىتىش ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتلىرىنى قوللاش ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ چىرىكلىك ئارقىلىق بېيىشىغا شارائىت يارىتىشتىن ئىبارەت. بۇ بانكىلار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دوستلىرىنى مۇكاپاتلاپ، دۈشمەنلىرىنى جازالايدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىدىن تارتىپ قورال-ياراغ ئەتكەسچىلىكىگىچە بولغان قانۇنسىز پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغان مۇھىم قورالىدۇر.

ئاپتور خىتاينىڭ كارخانا، ھۆكۈمەت ۋە ئائىلە قەرزىنىڭ توختاۋسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىسپاتلىغان. يېقىنقى مۆلچەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ كارخانا قەرزى 27 تىرىليون دوللارغا يېتىپ، دۇنيا قەرز ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 31 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. خىتاينىڭ قەرزىنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە بولغان نىسبىتى 159 پىرسەنت بولۇپ، دۇنياۋى ئوتتۇرىچە 101 پىرسەنتتىن ۋە ئامېرىكىنىڭ 85 پىرسەنتىدىن كۆپ يۇقىرى. بۇ خىل قۇرۇلمىلىق ئەھۋالدا، خىتاينىڭ قەرزى ئۇنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن تېز ئېشىۋاتىدۇ. باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، خىتاي پۇلىنى قىممەتسىزلەندۈرۈش ئارقىلىق قەرز كىرىزىسىدىن قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس، چۈنكى خىتاينىڭ كۆچمەس مۈلۈك ئاچقۇچىلىرى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئېلىنغان قەرزلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تارقاتقۇچىلىرى بولۇپ، پۇلنىڭ قىممەتسىزلىنىشى ئۇلارنىڭ قەرز تۆلەش تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئاپتور يەنە 2007-2008-يىللىرىدىكى يەرشارى پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىدىن كېيىن، خىتاي بانكا سىستېمىسىدىكى مۈلۈكنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كېڭەيگەنلىكىنى، ئومۇمىي مۈلۈكنىڭ 4 تىرىليون دوللاردىن 45 تىرىليون دوللارغا كۆپەيگەنلىكىنى، ئەمما تۇرغۇن قەرزلەرنىڭ نىسبىتىنىڭ يەنىلا ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، 40 تىرىليون دوللارلىق تۆۋەن سۈپەتلىك كىرېدىت يارىتىلغان. بۇ غايەت زور كېڭىيىش پەقەت ئىككى تىرىليون دوللارلىق بانكا ھوقۇقى ۋە بىر تىرىليون دوللارلىق زاپاس پۇلغا قارشى يۈز بەرگەن. خىتاينىڭ «تۆت چوڭ بانكىسى» تېخنىكىلىق جەھەتتىن ۋەيران بولغان بولۇپ، پەقەت خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز نەق پۇل ئوكۇلىغىلا تايىنىدۇ. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 400 پىرسەنتىگە تەڭ كېلىدىغان بىر بانكا سىستېمىسىنى پەيدا قىلغان. خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە سودىسىنىڭ پەقەت 1.8 پىرسەنتىلا خىتاي خەلق پۇلى بىلەن ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، خىتايدىكى كونترولسىز پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى يەرشارى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن.

بۇ كىرىزىسلىق ئەھۋالغا قارىتا، ئاپتور «ئامېرىكىنىڭ بېسىمنى كۈچەيتىش ۋاقتى كەلدى» دەپ قاراپ، بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھېسابات تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم بايلىقلارنى (يېمەكلىك، ئېنېرگىيە، خام ئەشيا قاتارلىقلار) سېتىۋېلىش ۋە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كېڭىيىشىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئاساسەن دوللارغا تايىنىدۇ. ئامېرىكا بۇ «ھاياتلىق كوزىر» ىنى ئىشلىتىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.

بىرىنچى تەدبىر، رەقەملىك يۈەننى توختىتىش. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەقەملىك يۈەننى خەلق پۇلىنىڭ  خەلقئارالىشىشىنىڭ نامايەندىسى قىلىپ بازارغا سالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تاشقى سىياسەت قورالى، يەرشارىۋى كۆزىتىش مېخانىزمى ۋە جازادىن قېچىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىمىرىلگەن ھامان، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قەدەملىرىدىن بىرى بۇ «تىرويا ئېتى» (trojan horse) رەقەملىك پۇلىنى خەلقئارادا كۆرۈنەرلىك كۆلەمگە يېتىشتىن بۇرۇن «تاقىۋېتىش» بولۇشى كېرەك. رەقەملىك يۈەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى بىۋاسىتە كونترول قىلىش، ئۇلارنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ھەققىدە بىۋاسىتە ئۇچۇرغا ئېرىشىش، ۋە ئامېرىكىنىڭ دۈشمەن كۈچلەرگە قاراتقان جازاسىنى ئۈنۈمسىز قىلىش ئىمكانىيىتىنى بېرىدۇ.

ئىككىنچى تەدبىر، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قانۇنسىز كاپىتال ئېقىمىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ۋە پۇقرا ئامانەتچىلىرىنى قوغداش. چىرىك خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەمەلدارلىرى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئوفىتسېرلىرى، ئاخبارات خادىملىرى ۋە باشقىلار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ بانكىلىرىنى ئىشلىتىپ، ھەر خىل قانۇنسىز پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ھاكىمىيەت يىمىرىلگەن ھامان، بۇ كىشىلەر ئوخشاش قانۇنسىز يوللار بىلەن كاپىتاللىرىنى خىتايدىن تېزلىكتە يۆتكەشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەگەر بۇ كەڭ كۆلەمدە يۈز بەرسە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزىنى قايتا قۇرۇش ۋە قۇرۇلىدىغان يېڭى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى قۇرۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن پۇل-مۇئامىلە بايلىقىغا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، ئامېرىكا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىمىرىلگەن ھامان تېز ۋە قەتئىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا چوڭقۇر ئېقىشچانلىققا(liquidity) ئىگە بىردىنبىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاينىڭ چوڭ بانكىلىرىنى قايتا كاپىتاللاشتۇرۇش، پۇقرا ئامانەتچىلەرنى قوغداش ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئامېرىكا تېخنىكىلىق ۋە پۇل-مۇئامىلە ياردىمىنى سەمىمىي بېرىدۇ، ئەمما بىر مۇھىم شەرت بىلەن: قايتا كاپىتاللاشتۇرۇلغان ھەر بىر خىتاي پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتى بارلىق خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ھېسابات ئۇچۇرى ۋە سودا خاتىرىسىنى ئامېرىكا دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك، ۋە بۇ ھېساباتلار تەكشۈرۈش تاماملانغۇچە توڭلىتىلىدۇ.

ئۈچىنچى تەدبىر، شياڭگاڭ-ئامېرىكا پۇل پېگىنى (currency peg) مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ۋە شياڭگاڭنى ئەركىن قىلىش. شياڭگاڭنىڭ بانكا كەسپى ئۇنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 850 پىرسەنتىگە تەڭ بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن شياڭگاڭ يۇقىرى قەرزدار بانكىلارغا ۋە يەر شارىدىكى ئەڭ يۇقىرى قەرزدار ئائىلىلەر ۋە كارخانىلارغا ئىگە بولۇپ قالغان. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەن ئەھۋالدا، ئامېرىكا شياڭگاڭ پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قايتا كاپىتاللاشتۇرۇش ئارقىلىق شياڭگاڭ-ئامېرىكا پۇل پېگىنىڭ ئاساسىنى قايتا تىكلىيەلەيدۇ. قايتا كاپىتاللاشتۇرۇلغان شياڭگاڭ بانكىلىرىمۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھېسابات ئىگىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئامېرىكىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

ئاخىرىدا، ئاپتور يېڭى بىر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن كېيىنكى دەۋردە، خىتاي بانكىلىرىنى قايتا كاپىتاللاشتۇرۇش، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ۋە مەركەزسىزلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. يېڭى خىتاي پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق لايىھەلەش پىرىنسىپى «نۇرغۇن ۋە كىچىك» بولۇشى، ۋە بازار مېخانىزملىرىنىڭ ئىشلىشىگە يول قويۇشى كېرەك. بۇ نۇرغۇن كىچىك بانكىلار ھەر خىل تەدرىجىي تەرەققىيات يوللىرى بويىچە ئۆسۈپ، يەرلىك ئىقتىسادىي ئېھتىياجغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان ۋە مەركەزسىزلەشكەن پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ تېخىمۇ ئاجىز بولمايدۇ ۋە بىر ئورگاندىكى ياكى بېيجىڭدىكى بىر خاتالىق سەۋەبىدىن ئاپەت خاراكتېرلىك يىمىرىلىشكە ئۇچرىمايدۇ. خىتاي بانكىلىرىنى رايونلاشتۇرۇش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش يەنە ئامېرىكا ۋە خىتاينى قىينىغان مۈلۈك كۆپۈكلىرىنى چەكلەيدىغان بىر ۋاسىتە بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى ئارىلىشىشى، ساغلام قايتا كاپىتاللاشتۇرۇش، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ۋە مەركەزسىزلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلىشىشى كېرەك. پەقەت شۇنداق سىستېمىلا خىتاي خەلقىگە ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىپ، ئامېرىكا كارخانىلىرى، شىركەتلىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن بازار پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ، يېڭى خىتايغا مەنىلىك تۆھپە قوشالايدۇ.

4-باب: خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلۈكلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش

بۇ بابتا، ئاپتور گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە يىمىرىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ خىل ئەھۋالغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە پۇقرالىرىنى خىتايدىن جىددىي چېكىندۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى تەسىرى قانچە ئاز بولسا، كونا ياكى يېڭى ھاكىمىيەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئىشلىتىدىغان پىشاڭى شۇنچە ئاز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا خىتاي تەرەپنى ئامېرىكىنىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ھەر قايسى ئىقتىسادىي ساھەلىرىدىن چىقىرىپ، ھاكىمىيەت يىمىرىلىشىگە بولغان ئاجىزلىقىنى ئازايتىشى كېرەك. ۋاشىنگتون يەنە دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ دېھقانچىلىق ياكى چارۋىچىلىق يەرلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشىنى چەكلىشى لازىم. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى «ئالاقە» (engagement) سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى خىتاينىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن قويۇشنى باشلىشى كېرەك.

ئاپتور بابنىڭ بېشىدا خىتايدىكى نۆۋەتتىكى كىرىزىسلارنى تەسۋىرلەپ، ئۇنى «سائەتلىك بومبا» (A Ticking Time Bomb) غا ئوخشاتقان. يېقىنقى مەزگىللەردە، ھەممە كىشى خىتاي گۈللىنىۋاتىدۇ دەپ ئويلاۋاتقان بولسا، ھازىر بۇ بايان ئۆزگەرگەن. دۆلەتنىڭ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر بىلەن قىينىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. چوڭ شىركەتلەرنىڭ قەرز دېفولتى (debt defaults) داۋاملىشىۋاتىدۇ، مۈلۈك باھاسى چۈشۈۋاتىدۇ، ئىقتىساد چېكىنىۋاتىدۇ، يېمەكلىك كەمچىللىكى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، مۇھىت ناچارلىشىۋاتىدۇ ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋەيران بولۇۋاتىدۇ. پۇل قىممىتى چۈشۈۋاتىدۇ، كارخانىلار خىتايدىن ئايرىلىۋاتىدۇ، ۋە پۇل دۆلەتتىن سىرتقا ئېقىپ چىقىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىتاي خەلقى غەزەپلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان بىر قاتار نامايىشلاردا كوچىلارغا چىقىپ، بەزىلىرى دادىللىق بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. باشقا خىتايلار بولسا ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، دۆلەتتىن ئايرىلىشنى تاللىغان. بۇ ئەھۋاللار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاپتور بۇ خىل ۋەزىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى مۇلاھىزە قىلىش ئۈچۈن، ھاكىمىيەت يىمىرىلىشىنىڭ ئۈچ خىل ئېھتىماللىق سېنارىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان:

1-سېنارىيە: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكىغا دوستانە بولغان بىر خىتاي گۇرۇپپىسى بىلەن تىنچ ئۆتۈش. بۇ سېنارىيەدە، ئەگەر يېڭى خىتاي رەھبەرلىرى ۋاشىنگتوندىن خىتايلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنى تەلەپ قىلمىسا، ئامېرىكا ھېچقانداق ئىش قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما بەزى ئۆكتىچىلەر ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىسىغا ئىگە ياكى ھەتتا ئامېرىكا پۇقراسى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئامېرىكىدا سوت جېدەللىرى يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئاپتور بۇ يەردە فىلىپپىننىڭ سابىق دىكتاتورى فېردىناند ماركوس (Ferdinand Marcos) نىڭ مىراسىغا دائىر سوت دېلولىرىنى مىسال قىلىپ، بۇ خىل سوت جېدەللىرىنىڭ نەچچە ئون يىل داۋاملىشىدىغان مۇرەككەپ كۈرەشلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. خىتايغا مۇناسىۋەتلىك دېلولار تېخىمۇ كەسكىن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان. شۇڭا، ئامېرىكا سوتلىرىدا بۇ خىل قىلمىشلار ئۈچۈن «چەتئەللىكلەرنىڭ ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قانۇنى» (Alien Tort Claims Act) بويىچە دەۋالار ئېچىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.

2-سېنارىيە: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكىغا دۈشمەن بولغان بىر گۇرۇپپا بىلەن تىنچ ئۆتۈش. بۇ ئەھۋالدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەرھال بارلىق خىتاي دۆلەت ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىپ، كەلگۈسىدە ئېچىلىدىغان دەۋالارنىڭ ھەل قىلىنىشىنى كۈتۈشى كېرەك. ئامېرىكا توڭلىتىش بۇيرۇقىنى كېيىنچە بىكار قىلالايدۇ، ئەمما ئەگەر ئۇنى تېزلىكتە يولغا قويمىسا، يېڭى ھۆكۈمەت ياكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۈلۈكلەرنى يۆتكەپ يوشۇرۇپ، ئامېرىكا سوتلىرىدا ھەق تەلەپ قىلغۇچىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشى مۇمكىن. بۇ جەرياندا، ئامېرىكىدىكى خىتاي مۈلۈكلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى كىمگە تەۋە دېگەن چوڭ مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۈلۈكلىرىنى ئايرىمىغان. ئەمما تېخنىكىلىق جەھەتتىن، پارتىيە بىلەن دۆلەت ئايرىم ئورۇنلار. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق ئىممۇنىتېتى (sovereign immunity) گە ئىگە، ئەمما پارتىيە بۇ ھوقۇققا ئىگە ئەمەس. شۇڭا، COVID-19 نىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن زىيان تارتقان دەۋاگەرلەر، ئەگەر زىياننى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، ئۇلارنىڭ دېلولىرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن.

3-سېنارىيە: كوممۇنىستىك پارتىيە يىمىرىلگەندىن كېيىنكى قالايمىقانچىلىق. بۇ ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى سېنارىيە، چۈنكى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدۇ. شى جىنپىڭ مىخائىل گورباچېۋ (Mikhail Gorbachev) غا ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىپ، «تارىخنىڭ كۈچلىرى» گە تەسلىم بولمايدۇ. 2012-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى بولغاندىن بىر ئاي كېيىن، شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدىكى كادىرلارغا مەخپىي نۇتۇق سۆزلەپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى رەھبىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، گورباچېۋنىڭ «بىر ئېغىز سۆزى» بىلەنلا بىر ئۇلۇغ پارتىيە يوقاپ كەتكەن، «ئاخىرىدا ھېچكىم ھەقىقىي ئەركەك بولۇپ، قارشىلىق كۆرسىتىشكە چىقمىغان». بۇ شى جىنپىڭنىڭ ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىدە، ئامېرىكا دەرھال خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىشى، بولۇپمۇ خىتاي بانكىلىرىنىڭ مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىشى كېرەك. خىتاي بانكىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۆت بانكا ئورگىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا ئۇلانغان.

ئاپتور يەنە ئامېرىكىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاينىڭ يېمەكلىك مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنى ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 2013-يىلى، خىتاي شىركىتى WH Group دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چوشقا گۆشى پىششىقلاپ ئىشلىگۈچى ۋە چوشقا ئىشلەپچىقارغۇچى Smithfield Foods نى سېتىۋالغان. COVID-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە، Smithfield نىڭ ئامېرىكا بازىرىدا ساتقاندىن كۆپ پايدا ئالىدىغان ئەھۋالدا، خىتايغا چوشقا گۆشى توشۇغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. بۇ سېتىۋېلىش خىتاينىڭ بىر شىركەتنىڭ تىجارىتىنى خىتاينىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئامېرىكىلىقلارغا ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي سودا ئورۇنلىرىنى دۈشمەن خىتاي دۆلىتىنىڭ قورالى دەپ قارىشى كېرەك.

ئاخىرىدا، ئاپتور خۇلاسە قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئامېرىكىلىقلارنى قوغداش ۋە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى كېرەك. ئۇلار خىتايدىكى ياخشى تەرەپلەرنىڭ ھاكىمىيەتكە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىشنى ئويلىغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالماسلىقى كېرەك. دۇنيا ئۆرلەۋاتقان خىتاي بىلەن چېكىنىۋاتقان ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ھازىر خىتاي تېزلىكتە چېكىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا نوپۇس كىرىزىسىمۇ قوشۇلۇپ، خىتاينىڭ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئەڭ تۈپ ئامىل بولماقتا. شى جىنپىڭ نوپۇس ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۆزىنىڭ تارىخىي نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىنىڭ كۆزنىكىنىڭ تارىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئامېرىكا ۋە باشقا بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر مەسىلە پەيدا قىلىدۇ: بىر جەڭگىۋار ھاكىمىيەتنىڭ تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا ئۈندەيدىغان ئامىللىرى يېتەرلىك بولغاندا، ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ ئامېرىكا بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن يېڭى بىر ئۇسۇل بىلەن ساقلىنالايدۇ ياكى ھېچ بولمىغاندا ئۇنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلەيدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى يىمىرىلىشى ئەھۋالىدا مۈلۈكلەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىسىنى، خىتايدا مۈلكى بولماسلىق ئارقىلىق ئازايتقىلى بولىدۇ. شۇڭا، ھازىر ئەڭ زور دەرىجىدە ئالاقىنى ئۈزۈش ۋاقتى كەلدى.

5-باب: خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە قايتا قۇرۇش

بۇ بابتا، ئاپتور رىك فىشېر (Rick Fisher) كەلگۈسىدىكى بىر كىرىزىسنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دىكتاتورلۇقىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، يېڭى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھايات قېلىشىغا ياردەم بېرىش ۋە يېڭى بىر مۇقىملىق دەۋرىنى يارىتالايدىغان تاللاشلارنى قىلىشى ئۈچۈن باشقا ھۆكۈمەتلەرگە ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ. ئۇ يەنە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن كېيىنكى ھۆكۈمەتنى كېلىشىش ۋە تىنچلىقنى تاللاشقا قايىل قىلالماسلىقنىڭ ئېغىر يۈكىنى قىسقىچە مۇلاھىزە قىلىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن كېيىنكى دەۋردىكى خىتايغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى (People’s Armed Police, PAP) ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى (Militia of China) كاپالەتكە ئىگە قىلىش، مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ۋە قايتا قۇرۇش دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھالقىلىق بىر ھەمكارلىق تۈرى بولىدۇ. يېڭى بىر كۆپ خىللاشقان سىياسىي تەرەققىيات دەۋرى ئۈچۈن ئىچكى بىخەتەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمدە ئاسىيا ۋە دۇنيادا يېڭى بىر تىنچلىق ۋە مۇقىملىق دەۋرىنى يارىتىش زۆرۈر بولىدۇ. بۇ غايەت زور بىر ۋەزىپە: خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى (Ministry of Public Security, MPS) نىڭ تولۇق ئىشتاتلىق كۈچلىرى 4.59 مىليون خادىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 2018-يىلىدىكى بىر خىتاي مەنبەسىدە بولسا قوشۇمچە ئىشتاتلىق خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ 8 مىليون ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىمىرىلگەندە، دۇنيا تارىخىي بىر خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان تەخمىنەن 60-70 مىليون خىتاي پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە دۇنيا مىقياسىدا 7 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان كورونا ۋىرۇسى سەتچىلىكىدىكى رولى، پارتىيەنىڭ تەيۋەننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىنكى كۆپلىگەن ئۇرۇشلاردا نەچچە يۈز مىليونلىغان ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ئېھتىماللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ بۇنى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى يوقىتىش ۋە يەرشارىۋى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى كونتروللۇق ئورگانلىرىنى تىكلەش يولىدا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن كېيىنكى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پىروگراممىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى ياكى سابىق خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سەرخىللىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بىر ئەھۋالدا، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ توسۇش ۋە قايىل قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئادەتتىكى قورال كۈچىگە ئىگە بولۇشى ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر يېڭى ھۆكۈمەت كۆپ خىل ئىسلاھاتقا ئوچۇق بولسا ۋە تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرلىك تاشقى سىياسىتى بولمىسا، ئۇ دەرھال ياردەمگە موھتاج بولىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن، ئىتتىپاقداشلارنىڭ خىتاينى قايتا قۇرۇشتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسى ئۆز-ئۆزىنى قوغداش تۈرى بولغان دۆلەت مەبلىغىنى ھەربىي خامچوت، ئارتۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە تەتقىقات-تەرەققىياتتىن يۆتكەپ، دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسىنى تېزلىكتە قىسقارتىش بولىدۇ. ئۇ بۇ مەبلەغلەرنى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى، خەلق ئەسكەرلىرى، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەتقىقات ساھەلىرىدىكى كۆپ ساندىكى خىزمەتتىن بوشىتىلغانلار ئۈچۈن مائاش، پاراۋانلىق ۋە بوشىتىش ياردەم پۇلىنى داۋاملاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىشى كېرەك. بۇ تۈرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە بىر دىۋىزىيە كۆلىمىدىكى، خىتاي تىلىدا سۆزلەيدىغان قايتا قۇرۇش ئەترىتىنى تەشكىللىشى كېرەك بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بۇ ئەترەتنى ئىستراتېگىيەلىك ۋە كەڭ كۆلەمدە خىتايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى دۆلەت ئۆزگىرىشى سۇيىقەستلىرىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم بېرىشى، ئاندىن ئىمكانقەدەر تېزلىكتە سادىق ئىچكى بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي كونتروللۇق ئورگانلىرىنى قۇرۇشنى باشلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى ھۆكۈمەت ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زىيارەت ھوقۇقى بېرىشى لازىم.

خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى تەڭشەشتىن بۇرۇن، ئىتتىپاقداشلار باشقا چوڭ ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىشى كېرەك:

  • خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن كېيىنكى ھۆكۈمەتنى ئەركىن تەيۋەننىڭ ئەتراپلىق ئىسلاھاتنى قانداق يارىتىش ۋە ئېلىپ بېرىشنىڭ جانلىق ئۈلگىسى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىش.
  • شىمالىي كورېيەنى قوللاشنى ئاخىرلاشتۇرۇش.
  • شىمالىي كورېيە، پاكىستان ۋە ئىران تەرىپىدىن يادرولۇق قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش.
  • ياپونىيە، كورېيە، تەيۋەن، ۋىيېتنام، فىلىپپىن، مالايسىيا، ھىندونېزىيە ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان زېمىن تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش.
  • جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئىمپېرىيە كونتروللۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.
  • يېڭى ھۆكۈمەتنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يەرشارىۋى ۋە ساماۋى ھۆكۈمرانلىق نىشانىدىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىش.

بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ كىچىك بىر ھەربىي كۈچ ئۈچۈن تەلەپلەرنى كۈچەيتىشى ياكى ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. ئەمما خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كۆلىمىنى تەڭشەش يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى دەۋردىكى بىر مۇھىم خاتالىقتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ: ئادەتتىكى ۋە يادرولۇق قورال كۈچلىرى سەۋىيەسى ئۈچۈن ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان كېلىشىملەرنى تۈزەلمەسلىك. خىتاينىڭ كەلگۈسىدە يەرشارىۋى زىيارەتتىن بەھرىمەن بولۇش ئىقتىدارى، ئۇنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرۇش ۋاسىتىلىرىگە ئىگە بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭمۇ خىتايغا تاجاۋۇز قىلىش ۋە ئۇنى بويسۇندۇرۇش ۋاسىتىلىرىگە ئىگە بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېنىق بىر كېلىشىمگە باغلىق بولۇشى كېرەك.

ئاپتور يەنە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئارزۇسى ۋە ھەربىي كۈچ يېتىلدۈرۈشىنى تەھلىل قىلغان. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي كۈچنى قۇرۇۋاتىدۇ، بۇ پەقەت ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۈچ كۆرسىتىش، ھۆكۈمران بولۇش ۋە قارشىلىقنى باستۇرۇپ، ئۆز دىكتاتورلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈندۇر. ئۇ «كەلگۈسى 50 يىلدا خىتاي چوقۇم قىلىدىغان ئالتە ئۇرۇش» ناملىق كىتابنى مىسال قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش (2020–25)، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئاراللارنى تارتىۋېلىش (2025–30)، جەنۇبىي تىبەتنى قايتۇرۇۋېلىش (2035–40) قاتارلىق ھەربىي پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەربىي تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ، جاسۇسلۇقنى قوللاپ، ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش پىلانىنى تۈزگەن.

ئاپتور خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسى، خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى كۈچ-قۇدرىتىنى تەپسىلىي تەسۋىرلەپ، ئۇلارنىڭ پەقەت مۇداپىئە ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تاجاۋۇزچىلىق ۋە ھۆكۈمرانلىق ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مەسىلەن: خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 13 گۇرۇپپا ئارمىيە ۋە 80 بىرىكمە قوراللىق بىرىگادىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھۇجۇم خاراكتېرلىك كۈچكە ئىگە. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى 2030-يىلىغا بارغاندا 550 پاراخوتقا يېتىشنى پىلانلاپ، 2040-يىللىرى 10 ئاۋىياماتكا گۇرۇپپىسىنى قۇرۇشنى نىشان قىلغان. بۇ كۈچلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن كېيىنكى دەۋردە كەسكىن قىسقارتىلىشى كېرەك.

ئاپتور خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى, خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى قايتا قۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش ئۈچۈن كونكرېت تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر ئىتتىپاقداش دېموكراتىك دۆلەتلەر يېڭى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دىكتاتورلۇق قۇرۇلمىسىنى دېموكراتىك ئىسلاھات كۈنتەرتىپى بىلەن ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، ھۆكۈمەت يۇقىرىدىكى يېڭى تاشقى ۋە مۇداپىئە سىياسىتى نىشانلىرىنى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇ يەنە ھەربىي كۈچنى تېخىمۇ ئاسان كەسىپلەشتۈرۈپ، كۈچلىرىنى ئالاھىدە قىسقارتىدۇ. كەلگۈسىدىكى كۈچ قۇرۇلمىسىدا، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سابىق خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى يېرىمىغا قىسقارتىش دەسلەپتە ئەڭ ياخشى نىشان بولۇشى مۇمكىن.

  • قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: 13 گۇرۇپپا ئارمىيەدىن تەركىب تاپقان ھۇجۇم خاراكتېرلىك كۈچنى بەش ياكى ئالتە گۇرۇپپا ئارمىيەگە ۋە يېرىم سۇ-قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى ۋە ھاۋا- desant قىسىملىرىغا قىسقارتىش مۇۋاپىق.
  • دېڭىز ئارمىيەسى: دېموكراتىك خىتاينىڭ يەنىلا يەرشارىۋى مەنپەئەتلىرى بولىدۇ، ئەمما ئۇ 500 دىن ئارتۇق پاراخوتلۇق ھۇجۇم خاراكتېرلىك دېڭىز ئارمىيەسىگە موھتاج ئەمەس. ئامېرىكا ۋە خىتاي 250 چوڭ پاراخوت دائىرىسىدىكى دېڭىز ئارمىيەسى ساقلاشقا كېلىشىشى مۇمكىن.
  • ھاۋا ئارمىيەسى: ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى يەرشارىۋى ھۆكۈمرانلىققا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلمىسا، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى كىچىكرەك بولالايدۇ.
  • خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى, جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ۋەزىپىسى كۆرۈنەرلىك كىچىكلەپ، دۆلەت ئىچى جاسۇسلۇقى، باستۇرۇش ۋە كۆزىتىش ۋەزىپىلىرىگە بولغان ئېھتىياجى ئازىيىدۇ. خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ باستۇرۇش ۋە جازا لاگېرلىرىنى يوقىتىش مۇمكىن بولىدۇ. ئەمما خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى, جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ بەزى ئېلېمېنتلىرىنى جىددىي ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى سۈپىتىدە قايتا تەشكىللەش مۇۋاپىق.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ باب خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن كېيىنكى بىر تىنچ ۋە مۇقىم خىتاينى قۇرۇپ چىقىشتا، ئۇنىڭ غايەت زور ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ئاپپاراتىنى قايتا قۇرۇش، قىسقارتىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ ھالقىلىق ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ جەريان پەقەت ئىچكى ئىسلاھاتقىلا باغلىق بولماستىن، بەلكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئاكتىپ، ئەقىللىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ياردىمىگە ۋە يېتەكچىلىكىگە موھتاج. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، خىتاي خەلقى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ۋەيرانچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ، ھەقىقىي تىنچلىق ۋە گۈللىنىش يولىغا قەدەم قويالايدۇ.

6-باب: جاسۇسقا قارشى جاسۇس، جاسۇسقا قارشى جاسۇس: مەركىزىي ھاكىمىيەت يوق ئەھۋالدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە جاسۇسلۇق ئاپپاراتى

بۇ بابتا نامسىز بىر ئاپتور، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت مەركىزىنىڭ كەلگۈسىدە ئاجىزلىشىشى ياكى يىمىرىلىشى ئەھۋالىدا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ۋە جاسۇسلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ يەرلىك دەرىجىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىلىرى (State Security Bureaus, SSBs) ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى (Public Security Bureaus, PSBs) نىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى تارىخىي ۋە سىياسىي نۇقتىدىن چوڭقۇر تەھلىل قىلغان. ئاپتور خىتاي جەمئىيىتىدىكى «ئاسماننىڭ ئەمرى» (Mandate of Heaven) ئۇقۇمىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ساداقىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى، شۇنداقلا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى «مىلىتارىستلار دەۋرى» (Warlord Period) ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ تارىخىي ئۈلگىلىرىنى كۆرسىتىپ، كەلگۈسىدىكى ئېھتىماللىقلارنى مۇلاھىزە قىلغان. بۇ بابنىڭ يادرولۇق مەقسىتى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا بۇ خىل ئەھۋالغا قانداق تەييارلىق قىلىش ۋە قانداق سىياسەتلەرنى قوللىنىش ھەققىدە تەكلىپلەر بېرىشتىن ئىبارەت.

ئاپتور ئالدى بىلەن خىتاي جەمئىيىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان «تەڭرىنىڭ ئەمرى» (天命, Tiān mìng) ئۇقۇمىنى شەرھلىگەن. بۇ ئۇقۇم بويىچە، ھۆكۈمدارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى ئاسمان تەرىپىدىن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ھوقۇق ئۇنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىشى ۋە مۇقىملىقنى ساقلىشىغا باغلىق. ئەگەر ھۆكۈمدار زالىم بولۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇ «تەڭرىنىڭ ئەمرى» نى يوقىتىدۇ، خەلقنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئاپتور خىتاينىڭ ئەڭ ئاۋات ئىزدەش موتورى بەيدۇ (Baidu) دىكى بۇ ئۇقۇم ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھازىرقى خىتاي خەلقىنىڭمۇ بۇ ئەنئەنىۋى قاراشتىن تەسىر ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەگەر خەلق بېيجىڭدىكى ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇقلۇقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىسا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، بولۇپمۇ قوراللىق كۈچكە ئىگە بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ساداقىتىنى قايتىدىن ئويلىشىشى مۇمكىن. ئۇلار مەركەزگە قارشى چىقىشنى ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارىشى ياكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆز يولىنى تۇتۇشى مۇمكىن.

بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتور چىڭ سۇلالىسىنىڭ (1644–1911) يىمىرىلىشىنى تارىخىي مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. چىڭ ھۆكۈمىتى 70 يىلدىن ئارتۇق چەتئەل تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى قىسمەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، ئىقتىسادنى ئۆزگەرتىش، ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ياكى كەڭ تارقالغان چىرىكلىكنى تىزگىنلەشتە مەغلۇپ بولغان. چىڭ سۇلالىسى يىمىرىلگەندە، خىتاي سەرخىللىرى دۆلەتنى قۇتقۇزۇش يولىدا بۆلۈنۈپ كەتكەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە «مىلىتارىستلار دەۋرى» (1916–28) ئوتتۇرىغا چىقىپ، دۆلەت قوراللىق گۇرۇھلارغا پارچىلىنىپ كەتكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتى چەتئەل دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇش، قوراللىق كۈچلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە كۈچلۈك ئىقتىساد بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئەمما، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىدىكى يۈكسەك مەركەزلەشتۈرۈش، كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىش سىستېمىسى ۋە شەخسكە چوقۇنۇش قاتارلىق سىياسەتلەر يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلق ئارىسىدا نارازىلىقنى كۈچەيتمەكتە. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ سىياسەتلەر ۋە تېخنىكىلىق تەرەققىياتلار ئۆلكە ۋە چوڭ شەھەرلەرگە ئۆز خەلقىنى كونترول قىلىشتا شى جىنپىڭدىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ كۈچ بەرگەن. ئەگەر مەركىزىي ھاكىمىيەت تۇيۇقسىز ئاجىزلىسا، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى ئۆز يولىنى تۇتۇش ياكى مەركەزگە سادىق بولمايدىغان باشقا بىر يولنى تاللىشى مۇمكىن.

ئاپتور يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى خادىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلغان. جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئادەتتىكى جىنايەتلەرنى، ئۆكتىچىلەرنى، قانۇنسىز دىنىي ئەگەشكۈچىلەرنى ۋە تېرورچىلارنى تەكشۈرۈش ۋە تۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئاساسەن ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئىشلار بىلەن چەكلىنىدۇ. ئەكسىچە، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىلىرى يەرلىكتىكى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە چەتئەلدىكى ئاخبارات ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مەسىلەن: جياڭسۇ ئۆلكىلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىكى شۈ يەنجۈن (Xu Yanjun) ئامېرىكىنىڭ General Electric شىركىتىدىن ئايروپىلان موتورى تېخنىكىسىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغان. بۇ خىزمەت خاراكتېرىدىكى پەرق سەۋەبىدىن، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىلىرى خادىملىرى بېيجىڭدىكى مىنىستىرلىقنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىققىتىگە ۋە نازارىتىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئاپتورنىڭ كۆزىتىشىچە، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىلىرى خادىملىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە «ھەقىقىي ئىشەنگۈچىلەر» گە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان گۇرۇپپا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى پارتىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش. ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۇسلۇبى خىلمۇخىل: بەزىلىرى چەتئەلدە ناھايىتى نازۇك ۋە سىلىق بولسا، بەزىلىرى دۆلەت ئىچىدە ناھايىتى قوپال ۋە تەھدىتچان بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بىر مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ قورقۇنچ: «ئىچكى دۈشمەنلەردىن داۋاملىق قورقۇش؛ شى جىنپىڭنىڭ توختاۋسىز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن يەنىلا پارىخورلۇقنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر مەدەنىيەت ئارىسىدا قېلىش قورقۇنچى، شۇنداقلا شىنىڭ ‹ئىدىيەسى› گە ۋە ئۇنىڭ ‹يادرولۇق› ئورنىغا يېتەرلىك سادىق بولماسلىق قورقۇنچى».

بۇ خىل مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە قارىتا، ئاپتور ئامېرىكىنىڭ قوللىنىشقا تېگىشلىك سىياسەت تەكلىپلىرىنى ئىككى باسقۇچقا ئايرىپ ئوتتۇرىغا قويغان.

«ئاپەتتىن بۇرۇن» (Before the Deluge) قوللىنىدىغان سىياسەتلەر:

  1. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى خادىملىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش: ئامېرىكا دىپلوماتىك ئورگانلىرى ئۆلكە ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى ئەمەلدارلىرى ۋە ھەربىي رايونلاردىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن بولغان ئالاقىنى ياخشىلىشى كېرەك. ئۇلار مۇھىم شەخسلەرنىڭ خاراكتېرى ئالاھىدىلىكى، بولۇپمۇ كىرىزىس ئەھۋالىدا بېيجىڭنىڭ بۇيرۇقلىرىغا قۇلاق سالماي، مۇستەقىل قارار چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولغان شەخسلەرنىڭ پىسخىكىلىق خاراكتېرىنى ئېنىق بىلىۋېلىشى لازىم.
  2. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان ساداقەتسىزلىكنى ئۆلچەش ۋە مەخپىي ئىلھاملاندۇرۇش: ۋاشىنگتون خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچەيتىلگەن كۆزىتىش پىروگراممىلىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرگە بولغان ئەمەلىي تەسىرىنى تەتقىق قىلىشى ۋە ئېنىقلىشى كېرەك. بەزى كىشىلەر بۇ خىل كۆزىتىشنى توغرا تېپىپ، پەقەت جىنايەتچىلەر ۋە ئالدامچىلارلا قورقىدىغان ئىش بار دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمما باشقىلار ئۇنداق ئەمەس. غەرب دۆلەتلىرى خىتاي تىلىدىكى تاراتقۇلاردا گېرمانىيەنىڭ شەرقىي گېرمانىيە مەخپىي ساقچىسى (Stasi) نى قانداق زەرەرسىزلەشتۇرگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئاممىغا ئاشكارىلىغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ نەتىجىسى Stasi نىڭ ئىقتىدارى ۋە دائىرىسى ھەققىدىكى سىرنى يېشىپ، Stasi نىڭ قانچىلىك كۆپ شەرقىي ۋە غەربىي گېرمانلارنى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا سالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

«ئاپەتتىن كېيىن» (After the Deluge) قوللىنىدىغان سىياسەتلەر:

  1. دېموكراتىك نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش: بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە، پورتۇگالىيە ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەخپىي ساقچى تەشكىلاتى ۋە خادىملىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ساۋاقلار بېرىدىغان پىروگراممىلارنى يولغا قويغان. بۇ مىساللار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن كېيىنكى خىتايدا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا خىتاي خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ يېڭى رەھبەرلىرىگە دېموكراتىك نەتىجىلەرنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ يىمىرىلىشىدىن قانداق بارلىققا كېلىدىغانلىقى، بېرلىننىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش بىلەن بىرگە «غالىبنىڭ ئادالىتى» دىن قانداق ساقلانغانلىقى، ۋە گېرمانىيەنىڭ مەخپىي ئارخىپلارنى ئاممىغا ئاشكارىلاش ئارقىلىق Stasi مەخپىي ساقچىسى ھەققىدىكى ئەپسانىلەرنى قانداق يوقاتقانلىقىنى ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىدىغان پىلانلارنى تۈزۈشى كېرەك.
  2. ئىمپېرىيالىستىك ئارىلىشىش تۇيغۇسىدىن ساقلىنىش: ۋاشىنگتون خىتاينىڭ ئۆلكىلىرى، شەھەرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلىرىدا دېموكراتىك نەتىجىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇشنى قارار قىلغاندا، زامانىۋى خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ مىراسىغا دائىر سەزگۈرلۈكنى ئەستايىدىل ئويلىشىشى، دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش تۇيغۇسىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ھېچنېمە خىتاي خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇلار چەتئەل مۇداخىلىسى دەپ قارايدىغان ھەرىكەتلەردىن بەكرەك تېز بىرلەشتۈرەلمەيدۇ.

ئاخىرىدا، ئاپتور شۇنى تەكىتلەيدۇكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ھاكىمىيىتى ئاجىزلىغاندا، يەرلىك بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىنكاسى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ئامېرىكا بۇ ئەھۋالغا ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، يەرلىك كۈچلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئاكتىپ يۆنىلىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق، خىتاينىڭ تىنچ ئۆتۈشىگە ۋە دېموكراتىيەگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولالايدۇ. بۇ جەرياندا، ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل، ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىكى سەزگۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم.

7-باب: خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق

بۇ بابتا، ئاپتور نىنا شى (Nina Shea) خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتى يىمىرىلىپ، فۇنكسىيەلىك بىر دېموكراتىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش ئارىلىقىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋردە، ئامېرىكىنىڭ ئىرقىي زوراۋانلىق، ئىچكى ئۇرۇش ۋە زوراۋانلىق خاراكتېرلىك سىياسىي ئۆچ ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رەھبەرلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي جەمئىيىتىنى كەلگۈسى ئۈچۈن مۇقىم بىر ئاساسقا قويۇش مەقسىتىدە، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە، دىنىي ئەركىنلىك، سۆز ئەركىنلىكى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرى ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتورنىڭ سىياسەت تەكلىپلىرى ھەربىي ھەرىكەتتىن كۆرە دىپلوماتىيە ۋە پۇقراۋى ھەرىكەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھازىرقى خىتاي خەلقىنىڭ ئىختىيارىي ھەمكارلىقى ۋە قاتنىشىشىنى ئىلھاملاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. «كىرىزىس خەتەرلىك شامالغا مىنگەن پۇرسەتتۇر乘着危险之风的机会 » دېگەن خىتاي ماقالىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ سىياسەتلەرنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى خەلقلەرنى زور سىياسىي ئېنىقسىزلىق ئىچىدە تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى يارىتىش پۇرسىتىنى كۆرۈشكە ئۈندەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئاپتور ئامېرىكا سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ تىنچ ۋە تەرتىپلىك بىر ئۆتكۈنچى جەرياننىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ سىياسەتلەر ئۈچ كەڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ:

  1. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە بەش ئاپتونوم رايون (گۇاڭشى، شىنجاڭ، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ۋە نىڭشيا) نىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي ئورنىنى بېكىتىشكە دائىر ئويلىنىشلار. بۇ رايونلاردا تەخمىنەن 118 مىليون ئاھالە ياشايدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئەڭ قاتتىق باستۇرۇلغان ۋە ئەڭ كۆپ ئازاب چەككەن ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ يۇرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  2. بۇ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى خەلقلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئادالەتنىڭ قانۇندىن ھالقىغان زورلۇق-زومبۇلۇق ياكى ئۆچ ئېلىشسىز ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىغانلىقىغا دائىر ئۈمىد تۇغدۇرۇش چارە-تەدبىرلىرى. بۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، تاجىك ۋە باشقا تۈركىي ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  3. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ قورقۇنچى ۋە ئۈمىدسىزلىكىنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرى. خرىستىيانلار ۋە فالۇنگۇڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىككى چوڭ دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپا بولۇپ، كۆپىنچىسى خىتاي ۋە بىرلىكتە 200 مىليونغا يېقىن كىشىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەنە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، ئوقۇغۇچى نامايىشچىلار ۋە باشقا ئۆكتىچىلەرنىمۇ قاتتىق باستۇرىدۇ.

ئاپتور بۇ ئاپتونوم رايونلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاجىزلىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى ئەندىزە بويىچە ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلاشقا باشلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان. ئۇلار كەلگۈسىدىكى قانۇنىي ئورنىنى ھەل قىلىش ۋە ئازابلىق ئۆتمۈشىنى يېڭىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ دەرھال ياردىمىگە موھتاج بولىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بۇ رايونلارنىڭ مۇستەقىل بولۇش قارارىنى چىقىرىشىدا ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ۋە مەسلىھەت بېرىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقنى قوللىشى ئۆلكە خەلقىنىڭ ئىرادىسى، ھەر قايسى رايونلۇق ئامىللار ۋە ۋاشىنگتوننىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر يۈرۈش يېتەكچى پىرىنسىپلارغا باغلىق بولۇشى كېرەك. بۇ يەردە، 1991-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى ھارپىسىدا، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جېيمىس بەيكېر (James Baker) ئوتتۇرىغا قويغان بەش پىرىنسىپ ئاساس بولالايدۇ:

  • دېموكراتىك پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش.
  • مەۋجۇت چېگرالارنى ئېتىراپ قىلىش.
  • دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئىدارىچىلىكىنى قوللاش.
  • كىشىلىك ھوقۇق ۋە مىللىي ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش.
  • خەلقئارا قانۇن ۋە مەجبۇرىيەتلەرگە ھۆرمەت قىلىش.

ئاپتور بۇ ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەھۋالىنى ئايرىم-ئايرىم تەھلىل قىلغان:

شياڭگاڭ: 7.5 مىليون نوپۇسى بار شياڭگاڭ، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» پىرىنسىپى بويىچە يۇقىرى دەرىجىدە ئاپتونومىيەگە ئىگە بولۇشقا ۋەدە بېرىلگەن بولسىمۇ، بېيجىڭ بۇ ۋەدىسىنى بۇزۇپ، ئۇنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا مەجبۇرىي ئېلىۋاتىدۇ. شياڭگاڭنىڭ دېموكراتىك ئەركىنلىككە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشى، يېقىنقى دېموكراتىك تەجرىبىسى، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىنسانىي تەرەققىياتى ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىقتىسادى، ئۇنى پۇرسەت كەلگەن ھامان خىتايدىن مۇستەقىل بولۇشقا ئىنتىلىدىغانلارنىڭ ئالدىنقى سېپىگە قويىدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سايىسىدىن قۇتۇلغان شياڭگاڭ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دېموكراتىك دۆلەت سۈپىتىدە تېزلىكتە مۇقىملىشىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئەۋزەل بىر ئورۇنغا ئىگە.

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان): شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۇچرىغان قاتتىق باستۇرۇش ۋە ئايرىمىچىلىق سەۋەبىدىن، بېيجىڭ بىلەن ھېچقانداق ئىشەنچ ئاساسى مەۋجۇت ئەمەس، شۇڭا ئۇ تۇنجى پۇرسەتتىلا مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىشى شۈبھىسىز. بۇ رايون خىتاي قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، 26 مىليون نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىنى تۈركىي مۇسۇلمانلار. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇ يەردىكى تۈركىي خەلقلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن. بۇ رايون مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن ئۈمىدۋارلىق سەۋەبلىرىگە ئىگە بولسىمۇ، دېموكراتىك تەجرىبىنىڭ كەمچىللىكى، ئىرقىي بۆلۈنۈشلەر، خىتاي مىللىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە قوشنا ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىن كېلىدىغان ئىسلام تېرورلۇقى ۋە ئەسەبىيلىك تەھدىتى قاتارلىق زور خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ بۇ ساھەلەردە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كۈچلۈك ياردىمىگە موھتاج بولىدۇ.

تىبەت: تىبەت ئاپتونوم رايونى قاتتىق باستۇرۇلغان، نىسبەتەن نامرات ۋە مۇداپىئەسىز بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندە ئىككى تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ: مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغلىشىش ياكى تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيە بىلەن خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ قېلىش. دالاي لاما تىبەتلىكلەر ئۈچۈن تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم بىر ئاۋازى بولۇپ كەلگەن. ئۇ مۇستەقىللىقنى رەت قىلىپ، «ئوتتۇرا يول» سىياسىتىنى قوللاپ، مەنىلىك ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ ياكى ئۇنىڭ ۋارىسىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يوق ئەھۋالدا بۇ قاراشنى داۋاملاشتۇرىدىغان-داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقى نامەلۇم. تىبەتنىڭ چېگرا مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ خىتاي-ھىندىستان چېگراسى، ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.

ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى ۋە نىڭشيا: بۇ رايونلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەھۋالى بار. ئىچكى موڭغۇلدا خىتايلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بولغاچقا، موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىشىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ مۇستەقىل بولۇشى ئەڭ مۇۋاپىق تاللاش. گۇاڭشىدىكى جۇاڭ (Zhuang) مىللىتى خىتايلارغا كۆپ دەرىجىدە سىڭىپ كەتكەن بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ستالىنچى دۆلەتلىرىنىڭمۇ پۇرسەت كەلگەندە مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىنى تاللىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. نىڭشيادىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلىرى يېقىنقى يىللاردىكى دىنىي باستۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆز كىملىكىنى قايتىدىن تونۇشقا باشلىغان، ئۇلارمۇ مۇستەقىللىققا قىزىقىشى مۇمكىن.

ئاپتور ئاخىرىدا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئالدىن تەييارلانغان يېتەكچى پىرىنسىپلار بىلەن، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن جۇمھۇرىيەتلەرنى تېزلىكتە ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، چېگرا تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇشىنى قوللاپ، ۋە ئەڭ مۇھىمى، كىشىلىك ھوقۇق ئىسلاھاتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق، بۇ ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ تىنچ ۋە مۇقىم ئۆتۈشىگە رەھبەرلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى خۇلاسىلىگەن. بۇ تەدبىرلەر ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ تۈپ تاشقى سىياسەت پىرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، نارازىلىقنى يېنىكلىتىپ، سابىق زالىملارغا قارشى ئۆچ ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈزۈلمەس زوراۋانلىق ۋە ھەتتا ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىيلىكىدىن ساقلىنىدۇ.

قوشۇمچە ئىزاھات: دوكلاتنىڭ بۇ بابىدىن كېيىن، «خىتايدا ھەقىقەت ۋە يارىشىش جەريانىنى قانداق باشلاش كېرەك» ۋە «ئاساسىي قانۇن قۇرۇلتىيى پىلانى» ناملىق ئىككى بابمۇ بار. بۇ بابلاردا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن كېيىنكى خىتاينىڭ ئۆتمۈشتىكى جىنايەتلەرنى قانداق تەكشۈرۈپ، ئاشكارىلاپ، كەچۈرۈم ۋە يارىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ھەمدە يېڭى بىر دېموكراتىك ئاساسىي قانۇننى قانداق تۇرغۇزۇش ھەققىدە تەپسىلىي پىلانلار ۋە تەكلىپلەر بېرىلگەن. بۇلارمۇ خىتاينىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان قەدەملەر سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*