تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى
تەھرىر: ئابدۇرېھىم دۆلەت
ئاندرېئاس ب. فورسبى تەرىپىدىن 2025-يىلى «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر» ژۇرنىلىنىڭ 101-توم، 2-سانىدا (583-602-بەتلەر) نەشر قىلىنغان بۇ ماقالە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قارىتىلغان «ھېسسىيات داۋراڭچىلىقى» سىياسىتىنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىدىكى مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى سىستېمىسى چەمبىرىكىدە سىستېمىلىق تەھلىل قىلىدۇ. مۇئەللىپ، دانىيە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ، بۇ تەتقىقاتنى دانىيە مۇستەقىل تەتقىقات فوندى ۋە نورۋېگىيە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مالىيە ياردىمى بىلەن ئېلىپ بارغان. بۇ ئەسەر، خىتاينىڭ «ئاساسىي مەنپەئەتلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان قىممەتلىرىنى قوغداش جەريانىدا كۈچىيىۋاتقان ۋە ئۆزگىچە بىر دىپلوماتىك ھەرىكەت ئۇسۇلىنى نامايان قىلىدۇ. ماقالە، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ خەلقئارا سىستېمىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ تارىخىي، ھېسسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەركىبلىرىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى تېخىمۇ كەڭ نۇقتىدىن چۈشىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
تەتقىقاتنىڭ نەزەرىيەۋى ۋە مېتودولوگىيەلىك ئاساسى
مۇئەللىپ، ماقالىنىڭ باشلىنىشىدا خىتاينىڭ ھېسسىي داۋراڭچىلىقىنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ھېسسىيات تەتقىقاتى ۋە مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى نەزەرىيەلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىدۇ. فورسبى، تەتقىقاتتا ئىككى خىل نەزەرىيەۋى چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان: بىرىنچىسى، راتسىيونالىزمغا تايانغان ئىستراتېگىيەلىك-قورالچىلىق(instrumentalistic) ياقلاشىم. بۇ ياقلاشىم بويىچە، خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقى ئىستراتېگىيەلىك ھېسابلارغا تايىنىدۇ ۋە نىشانغا ئېلىنغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردىن سىياسىي، ئىقتىسادىي ياكى باشقا مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھېسسىي ئىپادىلەرنى قورال قىلىپ ئىشلىتىدۇ. يەنى، غەزەپ، نارازىلىق ياكى ئىچ ئاغرىتىش كۆرسىتىش، مەلۇم نەتىجىگە يېتىش ئۈچۈن سەھنىلەشتۈرۈلگەن بىر «ئويۇن» سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. ئىككىنچىسى، سوتسىيال-پسىخولوگىيەلىك ياقلاشىم. بۇ چۈشەندۈرۈش، خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنى مىللىي كىملىك، تارىخىي ئاڭ ۋە دۆلەت ئابرويىغا باغلايدۇ. بۇ نەزەرىيەگە كۆرە، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى تارىخىي-مەدەنىي كىملىكىگە قىلىنغان تەھدىت ياكى 19-20-ئەسىرلەردىكى «خورلۇق» تەجرىبىلىرىگە تۇتىشىدىغان چوڭقۇر ھېسسىياتلارنىڭ تەبىئىي ئىپادىسىدۇر. بۇ يەردە، ھېسسىياتلار سەمىمىي بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت سۈپىتىدىكى تۇيغۇلىرى ۋە ئۆتمۈشتىكى جاراھەتلىرى بىلەن چەمبەرچەس مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
فورسبى، بۇ نەزەرىيەلەرنى ئومۇملاشتۇرغاندىن كېيىن، مېتودولوگىيە جەھەتتە خەۋەر ماتېرىياللىرى، رەسمىي باياناتلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قاراتقان سىياسىتىگە دائىر ئاشكارا مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. تەتقىقات، 2008-2021-يىللار ئارىلىقىدىكى سەككىز ۋەقەنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىدۇ، بۇ ۋەقەلەر خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنىڭ كونكرېت كۆرۈنۈشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ماقالە، بۇ ۋەقەلەر ئىچىدىن ئىنتىل شىركىتى ۋەقەسى ۋە «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» ۋەقەسى نى تاللاپ، تېخىمۇ چوڭقۇر تەھلىلگە مەركەزلەشكەن. بۇ تاللاش، خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنىڭ تىپىك ۋە كۆپ تەرەپلىمە خاراكتېرلىرىنى، يەنى ھېسسىيات بىلەن مەجبۇرلاش ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت تەلەپ قىلىش جەھەتتىكى مۇرەككەپلىكىنى تولۇق كۆرسىتىدۇ.
خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىق سىياسىتىنىڭ تەھلىلى
ھېسسىيات داۋراڭچىلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئاساسىي خاراكتېرلىرى
خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىق سىياسىتى، ئادەتتە، ئىككى باسقۇچتا شەكىللىنىدۇ. بىرىنچى باسقۇچتا، چەت ئەلدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات (شىركەت، مېدىيا تەشكىلاتلىرى ياكى ئىجتىمائىي گۇرۇھلار) خىتاينىڭ «قىزىل سىزىق»لىرىنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ. «قىزىل سىزىق»لار، خىتاينىڭ «ئاساسىي مەنپەئەتلىرى» ياكى كىملىكىگە دائىر ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلىلەرنى كۆرسىتىدۇ، بۇلار تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكى (تەيۋەن، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭ)، دۆلەت ئابرۇيى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىيلىقى ۋە بەزى تارىخىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەسىلىلەر، خىتاينىڭ دۆلەت سۈپىتىدىكى تۇيغۇلىرى ۋە تارىخىي ئېڭى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، ھەر قانداق دەخلى-تەرۇز خىتاينىڭ چوڭقۇر جاراھەتلىرىنى قوزغايدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھېسسىيات داۋراڭچىلىق ئىپادىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدا ھېسسىياتلار ئارقىلىق بېسىم يارىتىلىدۇ ۋە گۇناھكارلار مەجبۇرلانغاندىن سىرت، باشقىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. بۇ باسقۇچنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە:
- 1. غەزەپنىڭ پارتلىشى: غەزەپ، ئىچ ئاغرىتىش ۋە نارازىلىق قاتارلىق ھېسسىياتلار كۈچلۈك ۋە دىراماتىك شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ، بۇ خىتاينىڭ ۋەزىيەتكە بولغان سەزگۈرلۈكىنى نامايان قىلىدۇ.
- ھېسسىياتنى سۆز بىلەن تەكىتلەش: سەلبىي ھېسسىياتلار ئاشكارا ۋە بىۋاسىتە گۇناھكارلارغا قارىتىلىدۇ، شۇنداقلا باشقا مۇمكىن بولغان تەھدىتچىلەرگە سىگنال بېرىلىدۇ.
- ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ھەرىكەت: بۇ داۋراڭچىلىق دۆلەت خادىملىرى، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى (دۆلەت كونتروللۇقىدىكى خەۋەر ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھەررىرلىرى قاتارلىقلار) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، سىستېمىلىق ۋە نىشانلىق خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ.
- خەلقچىللىق دەۋاسى: ھېسسىيات داۋراڭچىلىقى، خىتاي خەلقىنىڭ ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ، «خىتاي خەلقىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى زەخىملەندۈرۈش» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن تەكىتلىنىپ، خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىدىغان تەشۋىقات تەرىپى كۈچەيتىلىدۇ.
- مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى: ھېسسىيات داۋراڭچىلىقى، گۇناھكارنى خىتاينىڭ قىزىل سىزىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدۇ، شۇنداقلا باشقىلارنى بۇنداق قىلىشتىن توسىدۇ.
- ئۆزۈر سوراش تەلىپى: ھەرىكەتنى ئۆزگەرتىشتىن سىرت، ھېسسىيات داۋراڭچىلىقى گۇناھكاردىن ئاشكارا ۋە رەسمىي كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ خىتاينىڭ ھېسسىياتىنى تىنچلاندۇرۇش ۋە ئابرۇيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۇ ئالاھىدىلىكلەر، خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنىڭ ھەم ھېسسىياتقا تايانغان، ھەم سىستېمىلىق ۋە دىپلوماتىك بېسىم سىياسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ دۆلەت كىملىكى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىگە تايانغان ھېسسىي تەلەپلەر بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى بىرلەشتۈرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
ھېسسىيات داۋراڭچىلىق سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق مىساللىرى
2008-2021 -يىللار ئارىلىقىدا ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قارىتىلغان سەككىز ۋەقە تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، تۆۋەندىكى مىساللار خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ:
– CNN ۋەقەسى (2008): CNN مۇخبىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئاۋانگارت ۋە جالاپ» دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى «خىتاي خەلقىنىڭ، ھەم ئىچىدىكى ھەم چەت ئەلدىكىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى» دەپ جار سېلىپ كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ۋەقە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قارشى ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنىڭ دەسلەپكى مۇھىم كۆرۈنۈشى بولۇپ، كېيىنكى ۋەقەلەرگە يول ئاچقان.
مېرسېدېس-بېنز ۋەقەسى (2018): مېرسېدېس-بېنز شىركىتى ئىنستاگرامدا دالاي لامانىڭ شېئىرىنى نەقىل كەلتۈرگەندىن كېيىن، خىتايدا (ئىجتىمائىي ۋە دۆلەت مېدىياسىدا) كۈچلۈك غەزەپ پەيدا قوزغىلىپ، خەلقنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. شىركەت دەرھال پوستنى ئۆچۈرۈپ، «بۇ ئىشنىڭ خەلقنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى زەخمىلەندۈرگەنلىكىنى بىلىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز» دېگەن بايانات چىقارغان.
شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيەسى ۋەقەسى (2018): شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيەسى خىتايلىق ساياھەتچىلەرنى مەسخىرە قىلغان پىروگرامما كۆرسەتكەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنى «خىتايغا ۋە خىتاي خەلقىگە قارىتىلغان ئېغىر ھاقارەت ۋە ۋەھشىيانە ھۇجۇم» دەپ ئەيىبلەپ، رەسمىي كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان.
ماررىئوت مېھمانخانىسى ۋەقەسى (2018): ماررىئوت مېھمانخانىسى تەيۋەن، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېننى تور بېتىدە ئايرىم «دۆلەت» دەپ تىزىملىغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنى «خىتاينىڭ تەۋەلىك قانۇن-نىزاملىرىنى ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى زەخىملەندۈرۈش» دەپ باھالاپ، باش ئىجرائىيە دىرېكتورنى كەچۈرۈم سوراش باياناتى ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىغان.
يۇللاندس-پوستېن ۋەقەسى (2020): دانىيەدىكى يۇللاندس-پوستېن گېزىتى خىتاي بايرىقىدىكى يۇلتۇزلارنى كورونا ۋىرۇسى سىمۋوللىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ كارىكاتۇرا ئېلان قىلغاندا، خىتاينىڭ دانىيەدىكى ئەلچىخانىسى قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، گېزىتتىن رەسمىي كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان ۋە كارىكاتۇرانى «خىتاي خەلقىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى زەخىملەندۈرگەن» دەپ ئەيىبلىگەن. دانىيە ھۆكۈمىتى بولسا، سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پارتىيە ھالقىغان بىرلىك بىلەن كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرگەن.
بۇ ۋەقەلەر، خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلغانلىقىنى ۋە ھەر خىل ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قارىتا تەتبىقلىنىدىغان سىستېمىلىق بىر سىياسەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنىڭ تەسۋىرى: «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» ۋەقەسى
2020-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقاندا، «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» «خىتاي ئاسىيانىڭ ھەقىقىي كېسەل ئادىمى» دېگەن ماۋزۇدا ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدا كولۇمنىست ۋالتېر رۇسسېل مېد، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋابا ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى چارىلىرىنى تەنقىد قىلغان. بۇ ماقالە دەسلەپتە خىتاي ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولسىمۇ، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋالتېر رۇسسېل مېدقا قارىتا: «سېنىڭ سۆزلىرىڭدىن، مەغرۇرلۇقۇڭدىن، پىكىر-قارىشىڭدىن ۋە نادانلىقىڭدىن نومۇس قىلىشىڭ كېرەك» دېگەن قاتتىق ۋە ھېسسىياتلىق سۆزلەرنى قىلغان.
بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۈچلۈك ھېسسىيات داۋراڭچىلىقى كۆرسىتىپ، «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» نى بىۋاسىتە نىشانغا ئالغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، ژۇرنال مۇھەررىرلىرىنى «ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ھەددىدىن ئاشقان ماۋزۇ» بىلەن «خىتاي خەلقىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى زەخىملەندۈرگەن ۋە خەلقنىڭ غەزىپى ۋە ئەيىبلىشىنى قوزغىغان» دەپ ئەيىبلەپ، ژۇرنالدىن «خاتالىقىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ، ئاشكارا كەچۈرۈم سوراش ۋە زۆرۈر جاۋابكارلىققا تارتىلىشنى» تەلەپ قىلغان. دۆلەت مېدىياسى بۇ خەۋەرنى دەرھال تارقىتىپ، ژۇرنالغا قارشى ھاياجانلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ۋە ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئىلتىماسلارنى خەۋەرلىرىگە كىرگۈزگەن. «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» رەسمىي كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ژۇرنالنىڭ ئۈچ مۇخبىرىنىڭ خىتايدىكى سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان. گېزىتنىڭ نەشرىياتچىسى مۇخبىرلارنىڭ ۋىزىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، «بۇ ماۋزۇنىڭ خىتاي خەلقى ئارىسىدا نارازىلىق ۋە ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئەپسۇسلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن. بىراق، بۇ تولۇق كەچۈرۈم سوراش بولمىغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى بېسىشقا يەتمىگەن.
ئەتىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى: «خىتايغا ئاشكارا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان، ئىرقىي كەمسىتىشنى ياقىلايدىغان ۋە زەھەرخەندىلىك بىلەن خىتاينى قارىلايدىغان مېدىيا تەشكىلاتلىرى چوقۇم بەدەل تۆلىشى كېرەك» دەپ جاكارلىغان. نەتىجىدە، «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» نىڭ مۇخبىرلىرى خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتىشى ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئالغان. مۇئەللىپنىڭ تەھلىلىچە، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق نامايان قىلغان. بىرىنچىدىن، ئەخلاقىي ئىچ ئاغرىتىش ھېسسىياتى بۇ داۋراڭچىلىقنىڭ مەركىزى تۈۋرۈكى بولغان، چۈنكى «كېسەل ئادەم» دېگەن ھاقارەت خىتاينىڭ تارىخىدىكى «خورلۇق ئەسىرى» گە قايتىدۇ. بۇ دەۋردە غەرب خىتايلىقلارنى پاسكىنا ۋە كېسەلمەن خەلق دەپ كۆرسەتكەن. ئىككىنچىدىن، ئۆزۈر سوراش تەلىپى، خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنىڭ مەركىزىي تەلەپلىرىدىن بولۇپ، ژۇرنال مۇھەررىرلىرىدىن قايتا-قايتا رەسمىي كەچۈرۈم سوراش تەلەپ قىلىنغان. ئۈچىنچىدىن، بۇ داۋراڭچىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن بىۋاسىتە تەشكىللىنىپ، دۆلەت مېدىياسىدا سىستېمىلىق تارقىتىلغان، بۇنىڭدا مۇخبىرلارنى قوغلاپ چىقىرىش دىپلوماتىك ۋە سىياسىي تەسىرگە يول ئاچقان.
كۈچلۈك ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر كونتېكستىدىكى ھېسسىيات داۋراڭچىلىقى: ئىنتىل ۋەقەسى
2021 -يىلى 12-ئايدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە قارشى يېڭى نىزام چىقارغان. بۇ نىزامغا بويسۇنۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك (چىپ) ئىشلەپچىقارغۇچى ئىنتىل شىركىتى، ماتېرىيال تەمىنلىگۈچىلىرىگە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈرگەن. بۇ 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاشكارا بولغاندا، خىتايلىق ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا بولغان، كېيىن دۆلەت تەۋە مېدىيا قوشۇلۇپ: «ئامېرىكىنىڭ چىپ ئىشلەپچىقارغۇچى ئىنتىل شىركىتى، خىتاي بازىرىنىڭ غەزىپىنى ھېس قىلىشقا باشلىشى مۇمكىن… كۈچىيىۋاتقان غەزەپ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرىنى خاتالىقلارنى تۈزىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە يېتەكلىمەكتە» دەپ، «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دە يازغان.
12 -ئاينىڭ 23-كۈنى، ئىنتېل شىركىتى ۋېيبو ۋە ۋىچەتتە خىتايچە بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇ مەسىلىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى تونۇغانلىقىنى» ۋە «ھۆرمەتلىك خىتاي خېرىدارلىرىمىزغا كەلتۈرگەن قولايسىزلىق ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمىز» دېگەن. بىراق، بۇ بايانات خىتاي جەمئىيىتىنىڭ غەزىپىنى باسالمىغان بولۇپ، دۆلەت مېدىياسى بۇنى «سەمىمىيەتسىز ئۆزۈر سوراش، خېرىدارلار ئارىسىدىكى نارازىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتتى» دەپ تەنقىد قىلغان. بۇ ۋەقە، خىتاينىڭ ھېسسىي داۋراڭچىلىقىدا راتسىيونالىست ۋە سوتسىيال-پسىخولوگىيەلىك تۈرتكىلەرنىڭمۇ بىرلىشىپ كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ غەزىپىنى كۆرسىتىپ، باشقا شىركەتلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا قارشى تەدبىر قوللىنىشتىن چېكىندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى. يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاينىڭ دۆلەت ئابرۇيى، تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تەھدىت دەپ قارالدى، بۇ غەربنىڭ كەڭ كۆلەملىك پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىپ، چوڭقۇر ھېسسىي جاراھەت ۋە ئىچ ئاغرىتىشنى قوزغىدى. شۇڭا، ئىنتېلگە قارشى نارازىلىق پەقەت ئىستراتېگىيەلىك تىجارىي تاللاش بولۇپ قالماستىن، دۆلەت كىملىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ ھېسسىي ئىپادىسىگە ئايلاندى.
خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنىڭ تۈرتكىلىرى
ئىچ ئاغرىتىش ھېسسىياتى ۋە كىملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكلەر
مۇئەللىپ، تەھلىللىرىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنىڭ مەركىزى ھېسسىياتىنىڭ غەزەپ ئەمەس، بەلكى ئىچ ئاغرىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ھېسسىيات تەتقىقاتچىلىرى مارىيا مىچېلى ۋە كرىستىئانو كاستېلفرانچىنىڭ تەھلىللىرىگە كۆرە، ئىچ ئاغرىتىش غەزەپتىن پەرقلىق بولۇپ، پەقەت زىيانكەشلىك ياكى توسقۇنلۇق بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، بەلكى ھەقسىزلىك تۇيغۇسى (ئادالەتسىز مۇئامىلە) بىلەن قوزغىلىدۇ. خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىدا بۇ ئەخلاقىي ھەقسىزلىك تۇيغۇسى مەركىزىي رول ئوينايدۇ.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قارىتىلغان ھېسسىيات داۋراڭچىلىقى، ئاساسلىقى تارىخىي «خورلۇق ئەسىرى» دىن قالغان چوڭقۇر جاراھەتلەر ۋە ئىچ ئاغرىتىشلار بىلەن باغلىنىدۇ. 19-20-ئەسىرلەردە، غەرب ۋە ياپون ئىمپېرىيالىزمى دەۋرىدە، خىتاي كۆپلىگەن ھاقارەت ۋە خورلۇقلارغا دۇچ كەلگەن. بۇ دەۋردە، خىتاي «ئاسىيانىڭ كېسەل كۆرپىسى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ تەسەۋۋۇر خىتاينىڭ تارىخىي ئېڭى ۋە دۆلەت كىملىكىگە سىڭىپ، داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەتقىقاتچىلار پېتىر ھايس گرىېس، ۋىلىئام ئا. كاللاھان ۋە جېڭ ۋاڭ قاتارلىقلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خورلۇقنى ئۇنتۇماسلىق» دېگەن تارىخىي قاراشنى كۈچەيتىپ، مىللىي تۇيغۇ ۋە خەلقنىڭ قوللىشىنى ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ تارىخىي جاراھەت، خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولۇپ، چەت ئەلدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەتلىرى بۇ جاراھەتنى قايتا قوزغىغاندا كۈچلۈك ھېسسىي ئىنكاسلار پەيدا بولىدۇ.
ھېسسىيات داۋراڭچىلىقنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە تاكتىكىلىق ئامىللىرى
ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنىڭ سوتسىيال-پسىخولوگىيەلىك تەركىبلىرى مۇھىم بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئامىللىرىنىمۇ كۆزدىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. خىتاي، ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنى تىزگىنلەنگەن ۋە تەشكىللىك شەكىلدە كۆرسىتىپ، ئىككى تاكتىكىلىق مەقسەتكە خىزمەت قىلىدۇ. بىرىنچىدىن، نىشانغا ئېلىنغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتنى ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش. بۇ، ماررىئوت مېھمانخانىسى، مېرسېدېس-بېنز ۋە CNN قاتارلىق ۋەقەلەردە كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىغا دۇچ كېلىپ، ئاشكارا كەچۈرۈم سوراپ، ھەرىكەتلىرىنى تۈزەتكەن. ئىككىنچىدىن، «توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قىلىش » پىرىنسىپى بويىچە، بىر تەشكىلاتنى جازالاش ئارقىلىق باشقىلارنى ئوخشاش ھەرىكەتتىن چېكىندۈرۈش. بۇ، «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» ۋەقەسىدە روشەن كۆرۈلگەن. خىتاي چارە قوللانغاندىن كېيىن، كېيىنكى يىللاردا باشقا مېدىيا تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى كەمسىتىش تەنقىدلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايغان.
بىراق، مۇئەللىپنىڭ مۇھىم باھاسى شۇكى، ئىستراتېگىيەلىك ۋە سوتسىيال-پسىخولوگىيەلىك ئامىللار كۆپ ھاللاردا ئايرىم-ئايرىم ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىگە تەسىر قىلىدۇ. «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» ۋەقەسىدە، خىتاينىڭ چارىلىرى پەقەت ئىستراتېگىيەلىك ھېسابلاش بىلەن چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى بۇ چارىلەر ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي زىيان يەتكۈزگەن بولسىمۇ، خىتاي بۇنى داۋاملىق كۈچەيتكەن. بۇ، ھېسسىيات داۋراڭچىلىقنىڭ ھەقىقىي ھېسسىي تۈرتكىلەرگە تايىنىدىغانلىقى ۋە تارىخىي جاراھەتلەرنى قوغداشنى مەركەز قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە كەلگۈسى
ماقالىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى، خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە كەلگۈسى تەسىرلىرىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ. مۇئەللىپنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھېسسىي داۋراڭچىلىقى پەقەت دىپلوماتىك ئىستراتېگىيەنىڭ بىر قىسمى ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلەت كىملىكىنىڭ مەركىزىي ئىپادىسىدۇر. بۇنىڭ بىر نەچچە سەۋەبى بار:
بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ «خورلۇق ئەسىرى» گە بولغان تارىخىي ئەسلىمىلىرى، دۆلەت سىياسىتىدە ھېسسىي تۈرتكىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قانۇنىيلىقى، خىتاينى خورلۇقتىن قۇتقۇزۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا يېتەكلەش ۋەدىسىگە تايىنىدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەتلىرى بۇ خورلۇقنى قايتا ئەسلىتىدىغان بولسا، بۇ دۆلەت ۋە پارتىيە ئۈچۈن چوڭ سىناق بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ھېسسىيات داۋراڭچىلىق روشەن مەنپەئەت يوق جايلاردىمۇ كۆرۈلگەن. «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» ۋەقەسىدە، خىتاي باشقا دۆلەتلەرنىڭ جىددىي ئىنكاسلىرى ۋە دىپلوماتىك زىيانلارغا قارىماي، بۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرغان، بۇ ھەقىقىي ھېسسىي تەلەپلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ھېسسىيات داۋراڭچىلىقى ئىچ ئاغرىتىشقا تايىنىدۇ، بۇ كۈچلۈك ۋە داۋاملىشىدىغان بىر ھېسسىيات. غەزەپتىن پەرقلىق ھالدا، ئىچ ئاغرىتىش ھەقسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىك تۇيغۇسىدىن كېلىدۇ ۋە پەقەت ھەرىكەتنى ئۆزگەرتىش بىلەنلا تىنچلانمايدۇ، سەمىمىي كەچۈرۈم سوراش ۋە ئادالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ كەچۈرۈم سوراش تەلىپىدىكى قەتئىيلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بۇ سەۋەبلەر، خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنى پەقەت تاكتىكىلىق ئويۇن دەپ قاراشنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق تونۇش، خاتا چۈشەنچە ۋە ھېسابلاشلارغا يول ئاچىدۇ. خىتاينىڭ سىياسىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن، ئىستراتېگىيەلىك ۋە ھېسسىي ئامىللارنى بىرلىكتە قاراش زۆرۈر.
تەتقىقاتنىڭ ئىلمىي ئەھمىيىتى ۋە كەلگۈسى تەكشۈرۈشلەر
فورسبى ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، بۇ تەتقىقاتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەلىرىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى تەكىتلەيدۇ. بىرىنچىدىن، ماقالە مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى ۋە ھېسسىيات تەتقىقاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى نەزەرىيەۋى رامكا تەمىنلەندى. مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسىدە، راتسىيونالىزم بىلەن چەكلەنمەي، سوتسىيال-پسىخولوگىيەلىك كىملىك ۋە ھېسسىياتلارنىڭ رولى كۆرسىتىلدى. ئىككىنچىدىن، ھېسسىيات تەتقىقاتىدا، قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قارشى كۈچلۈك ھېسسىي ئىنكاسلىرىنىڭ تەسىرى تەھلىل قىلىندى.
فورسبى، كەلگۈسى تەتقىقاتچىلارنى خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشكە، سەككىز ۋەقەنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ۋە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھېسسىي دىپلوماتىيەسى (مەسىلەن: چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە قارىتىلغان) بىلەن سېلىشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. مەسىلەن: خىتاينىڭ تارىخىي «خورلۇق ئەسىرى» تەجرىبىلىرى، ئۇنى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسىغا باشلامدۇ؟ بۇ سوئاللار، تەتقىقاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يول ئاچىدۇ.
سىياسەت تەسىرلىرى ۋە ئەمەلىي خۇلاسىلەر
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، مۇئەللىپ سىياسەت تۈزگۈچىلەر ۋە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتتىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا بولغان تەسىرلىرىنى تەكشۈرىدۇ. خىتاينىڭ «قىزىل سىزىق»لىرىنى بۇزغان غەرب تەشكىلاتلىرى، ھېسسىيات داۋراڭچىلىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەندە، ئاشكارا ۋە سەمىمىي كەچۈرۈم سورىمىسا، بۇ بېسىمدىن قۇتۇلۇشى تەس. غەربتىكى تىجارەت تەشكىلاتلىرى بۇنى چۈشىنىپ، رەسمىي تەلەپ كەلمەي تۇرۇپ ئالدىن كەچۈرۈم سوراشقا تەييارلىق قىلىدۇ. مېدىيا تەشكىلاتلىرى بولسا، تېخىمۇ مۇستەقىل بولغاچقا، بەزىدە بۇ بېسىمغا بويسۇنمايدۇ.
مۇئەللىپنىڭ ئاخىرقى باھاسى شۇكى، خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقى، ئۇنىڭ جامائەت دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ، خەلقئارا سەھنىدە «قىزىل سىزىق»لىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە «ئاساسىي مەنپەئەتلىرى»نى قوغداش ئىمكانى بېرىدۇ. بۇ، غەرب دىپلوماتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئۈنۈملۈك دىيالوگ ئورنىتىشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
ئاندرېئاس ب. فورسبىنىڭ «ھېسسىيات داۋراڭچىلىقى: خىتاينىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قارشى مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى» ماقالىسى، خىتاينىڭ ھېسسىياتلىرىنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيەدىكى رولىنى، بولۇپمۇ مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسىدىكى تەسىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ تەتقىقات، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى پەقەت ماددىي ۋە راتسىيونال ئامىللار بىلەن چەكلەيدىغان ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ، دۆلەت كىملىكى، تارىخىي ئاڭ ۋە كوللېكتىپ ھېسسىياتلارنىڭ مۇمۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. خىتاينىڭ ھېسسىيات داۋراڭچىلىقى، تارىخىي جاراھەتلەر، كىملىك تۇيغۇسى ۋە ئەخلاقىي ئىچ ئاغرىتىش بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرىگە داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ تەتقىقات، غەربىي بولمىغان كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھېسسىيات ۋە كىملىك ئامىللىرىنى چۈشىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يول ئاچىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















