گراژدانلىق

2022-يىلى 3-مارت

 

گراژدانلىق شەخس بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولۇپ، بۇ ئىككىسى ھەق ۋە مەجبۇرىيەتلەر ئارقىلىق بىر-بىرىگە باغلىنىدۇ. گراژدانلار ئۆزلىرى تەۋە سىياسىي توپ ياكى دۆلەتنىڭ تولۇق ئەزاسى سۈپىتىدە ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇش جەھەتتە پۇقرالار (subjects) دىن ۋە ياتلار (aliens) دىن پەرقلىنىدۇ. گراژدانلىق شەخسچىلىك ياكى كوممۇناچىلىق (جامائەتچىلىك) (communitarianism) تەرىپىدىن شەكىللەنگەنلىكىگە قاراپ ئوخشىمىغان تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. ئالدىنقىسى لىبېرالىزمغا باغلانغان بولۇپ، «ھەق-ھوقۇقلار گراژدانلىقى» پرىنسىپىنى ياقىلايدۇ، شەخسىي ئىمتىيازغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇنداقلا شەخسكە ئۆزخوجا (ئاپتونوم) رولچى سۈپىتىدە قارايدۇ. كوممۇناچىلىقنىڭ سوتسىيالىستىك ۋە كونسېرۋاتىپ نۇسخىلىرى بار بولۇپ، ھەر ئىككىسى «مەجبۇرىيەت گراژدانلىقى» پرىنسىپىنى ياقىلاپ، پۇقراۋىي مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ خىل نەزەرىيەلەر دۆلەتنى ئەخلاق ئورگىنى سۈپىتىدە تەسۋىرلەشكە، شۇنداقلا جەمئىيەت بىلەن ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇقنىڭ رولىغا بولغان ئېھتىياجنى تەكىتلەشكە مايىل كېلىدۇ.

داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*