بەلۇجىستاندىن كەشمىرگىچە

2025-يىلى 12-ماي

رايوندىكى ھەل قىلىنمىغان نارازىلىقلار كۆمۈلۈپ قالمايدۇ

شيام تېكۋانى

نېپال ۋاقىت گېزىتى | 2025-يىل 8-ماي

تەرجىمە: ئا. ئاقھۇن | مۇھەرررى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

2025-يىلى، قارىماققا بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنگەن ئىككى زوراۋانلىق ھەرىكەت رايوندىكى مۇقىملىق خام خىيالىنى بىتچىت قىلدى. مارت ئېيىدا، قوراللىق ئۇنسۇرلار بەلۇجىستاندىكى بولان ئېغىزىغا يېقىن جايدا بىر يولۇچىلار پويىزىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، ئەسكەرلەرنى شەپقەتسىزلەرچە بىلەن ئۆلتۈردى. بىر ئايدىن كېيىن، كەشمىرنىڭ پەھالگام ۋادىسىدىكى قوراللىق نامەلۇم كىشىلەر ساياھەتچىلەرنى قىرغىن قىلدى.

ئىسلامئاباد ۋە يېڭى دېھلىدىمۇ ئىنكاس ئوخشاش بولدى: ھەر ئىككى دۆلەت زوراۋانلىقنى ئەيىبلىدى، تاشقى دۈشمەنلەرنى سەۋەبكار كۆرسەتتى، ۋەزىيەتنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما جەنۇبىي ئاسىيا رەھبەرلىرى پەقەت قوراللىق ئۇنسۇرلار [ئەسلى تېكىستتە «terrorists» دېيىلگەن بولۇپ، بۇ يەردە مەزمۇنغا ئاساسەن «قوراللىق ئۇنسۇرلار» دەپ ئېلىندى، چۈنكى ئۇلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان] بىلەنلا كۈرەش قىلىۋاتقىنى يوق. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ساتقىنلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن كۈرەش قىلماقتا.

بەلۇجىستان، كەشمىر، مانىپۇر ۋە باشقا جايلاردا، نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان مەجبۇرىي يوق قىلىش، ئادا قىلىنمىغان ۋەدىلەر ۋە ۋەھشىيانە ھەربىيلەشتۈرۈش بۇ دۆلەتلەرنى بىر گەۋدە قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان ئىجتىمائىي كېلىشىملەرنى ئىچىدىن يىمىرىپ تۈگەتتى. 1940-يىللاردىن 1990-يىللارغىچە بولغان ئىسيانلارغا سەۋەب بولغان نارازىلىقلار، يەنى، ئىززەت-ھۆرمەت، ئېتىراپ قىلىنىش ۋە سىياسىي ھوقۇق-مەنپەئەت تەلەپلىرى – ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىلىپ ھەل قىلىنمىدى. ئۇلار ئاسفالت يوللار ۋە تەشۋىقاتلارنىڭ ئاستىغا كۆمۈلدى، تەرەققىيات تۈرلىرى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بىلەن يۆگەلدى.

دۆلەتلەر غەلىبىنى جاكارلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنىڭ غەلىبىلىرى سەراب كەبى بولۇپ، ھەر قانداق ئادەم سەللا يېقىندىن نەزەر سالسا، كۆز ئالدىدىلا غايىب بولىدۇ. جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئاياغلاشمىغان ئۇرۇشلىرى زوراۋانلىققا تولغان ئۆتمۈشنىڭ قالدۇقلىرى ئەمەس. ئۇلار كەلگۈسىگە بەتلەنگەن ھەقىقىي ئوق-دورا.

بەلۇجىستان ھازىرقى زامان تارىخىنىڭ كۆپ قىسمىدا پاكىستان بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى. تەبىئىي گاز، مىنېرال بايلىقلار ۋە دېڭىز قىرغىقىغا باي بۇ ئۆلكە، «دۆلەت تەرەققىياتى» دېگەن باھانە بىلەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندى.

خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى [China-Pakistan Economic Corridor, CPEC] غا ئوخشاش تۈرلەر تەرەققىياتقا ۋەدە قىلىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە چەتكە قېقىشنى ئېلىپ كېلىدۇ، مىنېراللار قېزىلىدۇ، پورتلارنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، ئەمما بەلۇچلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇجۇم قىلىنىدۇ، مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

بۇ قوزغىلاڭ ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى توختىماي تەكىتلەۋاتقاندەك تاشقى سۇيىقەستلەر تۈپەيلىدىن ئەمەس، بەلكى پاكىستان دۆلىتىنىڭ ئۆز بەلۇچ پۇقرالىرىنى پەقەتلا باشقۇرۇشقا تېگىشلىك بىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى دەپ قاراشتىن باشقا ھېچقانداق نەرسە سۈپىتىدە كۆرەلمەسلىكى سەۋەبىدىن ئۈزۈلمەي داۋاملاشماقتا.

كەشمىردە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 2019-يىلى ئۇنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، ۋادىنى «نورماللاشتۇردۇق» دەپ جار سالماقتا. بۇ ئەھۋال ئىشغالىيەتكە ئىنتايىن ئوخشايدۇ. ئەسكەرلەرنىڭ سانى يەرلىك رەھبەرلەردىن كۆپ، ئۆكتىچى پىكىرلەر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ، ئىنتېرنېتنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشى جامائەت ھاياتىنى بوغۇپ تاشلايدۇ. ساياھەتچىلىك تەشۋىقاتى ۋە مەبلەغ سېلىش يىغىنلىرى ھاياتى كوچىغا چىقىشتىن چەكلەنگەن ۋە ھاياتى نازارەت ئاستىدا ئۆتكەن بىر ئەۋلادنىڭ ئېسىدىن بۇ زۇلۇملارنى چىقىرالمايدۇ.

مانىپۇرنىڭ 2023-يىلى ئېتنىك قىرغىنچىلىققا پېتىپ قېلىشى دېھلى ھۆكۈمىتى كۆرمەسكە سېلىۋالغان يەنە بىر توقۇنۇش نۇقتىسىنى ئاشكارىلىدى. مېيتېي ۋە كۇكى جامائەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جىددىيچىلىك ئاخىرى زوراۋانلىققا ئايلىنىپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە دائىر ھەر قانداق خام خىيالنى پارە-پارە قىلدى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كېچىككەن، سىياسىي مەقسەتتە تۇتقان پوزىتسىيەسى نۇرغۇن مانىپۇرلۇقلارنىڭ ئەزەلدىن گۇمانلىنىپ كەلگەنلىرىنى، يەنى ئۇلارنىڭ پەقەت ھىندىستانغا پايدىلىق ۋاقىتلاردىلا ھىندىستان پۇقرالىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ھەتتا بېرمادىن [Myanmar] قوغلىنىپ، دۆلەت تەۋەلىكىدىن مەھرۇم قالغان روھىنگيالارمۇ ئۆزلىرىنى جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئېتنو-مىللەتچىلىك ھېساب-كىتابلىرى ئىچىدە چىرمىشىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ چىقسىمۇ، يەنە بېنگال ۋە ھىندىستاندا ئ‍وخشاشلا جىنايەتچى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. يەنى، ئۆزلىرىنى رەت قىلغان دۆلەتلەر بىلەن ئۇلار ھەرگىز ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىغان ۋەھىمىلىك ئەسلىمىلەر ئارىسىدا قىستىلىپ قالىدۇ.

جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشتا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. ئەمما قوزغىلاڭلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى تۈپتىن يوقىتىشتا مەغلۇپ بولدى. شۇنداقلا، جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئۆز ئۆيىدە ئۇنتۇشقا تىرىشقان ئۇرۇشلىرى چەت ئەللەردە يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى.

كانادا، ئاۋسترالىيە، بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، دىئاسپورادىكى [چەت ئەللەردىكى مۇھاجىرلار] جامائەتلەر خاتىرە ساقلىغۇچىلارغا، ھەمدە بارغانسېرى ئۆز ۋەتىنىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كۈرەشلىرى ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلتۈرگۈچى كۈچلەرگە ئايلاندى.

ۋانكۇۋېر ۋە مېلبۇرندىكى ھىندىستان كونسۇلخانىلىرىنىڭ سىرتىدا خالىستان بايراغلىرى جەۋلان قىلماقتا. تامىل پائالىيەتچىلىرى لوندون كوچىلىرىدا نامايىش قىلىپ، مۇللىۋايكالدىكى قىرغىنچىلىقلار ئۈچۈن جاۋابكارلىق تەلەپ قىلماقتا. ۋاشىنگتون ۋە نيۇ-يوركتىكى كەشمىر نامايىشلىرى ھىندىستاننىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ دىپلوماتىك ئۇنتۇلۇشقا مەھكۇم بولۇشىغا يول قويمايدۇ.

بۇ ھەرىكەتلەر ساھىبخان دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر قىسىم جاۋابى تەس سوئاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پىكىر ئەركىنلىكى ئاشقۇنلىق ئەندىشىسى بىلەن توقۇنۇشىدۇ. يېڭى ماكانلىرىدىمۇ كونا جاراھەتلەرنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان جامائەتلەر ئارىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ رەقىبلىرىنى چەت ئەللەردىمۇ قوغلىماقتا. ھىندىستان كانادا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا سىخ پائالىيەتچىلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كەلمەكتە. پاكىستان بىر تەرەپتىن چەت ئەللەردىكى كەشمىر ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى بەلۇچ ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرماقتا. سىرىلانكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋەھشىيلىكلىرىنى تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تامىل دىئاسپورا تەشكىلاتلىرىنى تېررورلۇقنىڭ نىقابى دەپ قارىلاش ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا.

كونا قوزغىلاڭلار مەغلۇپ قىلىنمىدى. ئۇلار دۇنياۋىلاشتى. جەنۇبىي ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان جىمجىتلىقنى مۇقىملىق دەپ خاتا چۈشىنىپ كەلدى.

پەنجاپتا، ھىندىستان خالىستان قوزغىلىڭىنى ۋەھشىيانە كۈچ ئىشلىتىپ باستۇردى. ئېتىزلار قايتىدىن يېشىللاندى، پويىزلار ۋاقتىدا قاتنىدى. ئەمما جاراھەتلەر ئەسلا ساقايمىدى، بۇ ھەرىكەتنىڭ يۈرىكى ئامرىتساردا ئەمەس، بەلكى برامپتون ۋە سۇررېيدا سوقماقتا.

سىرىلانكىدا، ھەربىيلەر 2009-يىلى تامىل يولۋاسلىرىنى غايەت زور رەھىمسىزلىك بىلەن يوقاتتى. تامىل ئائىلىلىرى ھېلىھەم يوقاپ كەتكەنلىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ، ھېلىھەم ئۆلگەنلىرىگە ماتەم تۇتماقتا ۋە ھېلىھەم دىئاسپورادا ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشمىغان ئادالەت ئۈچۈن تەشكىللىنىۋاتىدۇ.

كەشمىردە، دېھلى ھۆكۈمىتى يېڭى تاشيوللار ۋە مەبلەغ سېلىش كارىدورلىرى بىلەن ماختىنىپ، بۇ رايوننى بىرلىكنىڭ غەلىبە مىسالى سۈپىتىدە نامايان قىلماقتا. ئەمما مېھمانلار كېتىپ، كامېرالار يىغىشتۇرۇلغاندا، تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، ئاختۇرۇش، تۇتقۇن قىلىشلار ۋە تىلسىز ئۈمىدسىزلىك شۇ پېتى قېلىۋېرىدۇ.

غەلىبە نامايىشلىرىنىڭ ھەيۋىسى پەسلەيدۇ. نارازىلىق بولسا داۋاملىشىدۇ. قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۇرۇش-جەڭلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلارغا ئوت تۇتاشتۇرغان ئىدىيە-غايىلەرنى ئاخىرلاشتۇرالمايدۇ. تارىخنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆتمۈش بولۇپ قالمايدىغان، ئەسلىمىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىختىيارىي بولمايدىغان بۇ رايوندا، باستۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پەقەتلا ۋاقىت ئۇتۇۋاتقان بولىدۇ. ھەمدە كۆپىنچە ئەھۋالدا، بۇ ۋاقىت ئۇنچىۋالا ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئاياغلاشمىغان ئۇرۇشلىرى تاسادىپىيلىق ئەمەس. بۇ بويسۇندۇرۇشنى ماقۇللۇق بىلەن، يوقىتىۋېتىشنى يارىشىش بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتىدۇر. ئۇلار خاتىرىنى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق يوق قىلالمايدۇ.

بەلۇجىستاندىكى ھەر بىر غايىب بولغان پەرزەنت، كەشمىردىكى ھەر بىر يېرىم تۇل خوتۇن [ئېرى غايىب بولغان، ئەمما ئۆلگەن-تىرىكلىكى رەسمىي جەزملەشمىگەن ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ]، روھىنگيا لاگېرىدا دۆلەت تەۋەلىكىسىز تۇغۇلغان ھەر بىر مۇساپىر بالا ساتقىنلىقنىڭ خاتىرىسىنى  ئەسكەرلەردىن، سىياسەتچىلەردىن ۋە تىنچلىق كېلىشىملىرىدىنمۇ ئۇزۇن ياشايدىغان بىر خاتىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە كەلگۈسىگە ئېلىپ ماڭىدۇ.

بۇ رايوننىڭ كەلگۈسى پەقەتلا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى سانلىق مەلۇماتلىرى ياكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرى بىلەنلا بەلگىلەنمەيدۇ. ئۇ، بۇ رايوندىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان باستۇرۇپ كەلگەن ھەقىقەتلەرگە يۈزلىنىش ئۈچۈن سىياسىي جاسارەتنى سەپەرۋەر قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقى، ياكى ئۇنتۇش مەجبۇرىي تەلەپ قىلىنىدىغان ۋە قوزغىلاڭ مۇقەررەرلىشىپ كېتىدىغان بىر يولدا داۋاملىق مېڭىش-ماڭماسلىقى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.

شيام تېكۋانى ھاۋايدىكى دانىيال ك. ئىنوئۇيې ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى. بۇ ماقالە ئەسلىدە DKI APCSS بىخەتەرلىك تورى [ئەسلى ئىنگلىزچە نامى: DKI APCSS Security Nexus] دا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولۇپ، DKI APCSS، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ياكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سىياسىتى ياكى مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. تاشقى تور بەت ئۇلانمىلىرىنىڭ بېرىلىشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (DoD) نىڭ ئۇلانغان تور بەتلەرنى ياكى ئۇنىڭدىكى ئۇچۇر، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتلەرنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ تور بەتلەردە سىز ئۇچرىتىشىڭىز مۇمكىن بولغان ئۇچۇرلارغا قارىتا ھېچقانداق تەھرىرلەش، بىخەتەرلىك ياكى باشقا كونتروللۇق ھوقۇقىنى يۈرگۈزمەيدۇ.

Balochistan to Kashmir | Nepali Times

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*