(Pain)
ئازاب[1] ، بەدەندە مەيدانغا كېلىدىغان ھەرقانداق يارىلىنىش، زەخىملىنىش ياكى جىسمانىي زىيانغا ھەمراھ بولىدىغان سېزىم ۋە ھېسسىي تەجرىبىدۇر. شۇنداقلا ياقتۇرۇلمايدىغان روھىي ھالەت ياكى تۇيغۇ سۈپىتىدىمۇ تەرىپلىنىدۇ. ئازاب، ھۇزۇرنىڭ قارشىسى، زىت تەرىپى دەپ قارىلىدۇ ۋە پەلسەپىۋى جەھەتتىن ئىنسان تەجرىبىسى ۋە ھاياتىدىكى سەلبىي ئامىل سۈپىتىدە باھالىنىدۇ. ئازابتىن قېچىش ۋە ھۇزۇرنى قوغلىشىش، نۇرغۇن پەيلاسوپلار تەرىپىدىن ئىنساننىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلىرى دەپ قوبۇل قىلىنغان. بۇ جەھەتتىن، ئازاب، ئىنسان قېچىشنى خالايدىغان، ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر تەجرىبىدۇر.
ئەمما بەزى پېسسىمىست-ئۈمىدسىزلىكنى ياقلىغۇچى پەيلاسوپلار، بولۇپمۇ ئارتۇر شوپېنخاۋېر[2] قاتارلىق مۇتەپەككۇرلار، ئازابنىڭ ھاياتنىڭ ئەڭ ئاساسىي ۋە مەركىزىي ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شوپېنخاۋېرغا كۆرە ھۇزۇر ۋاقىتلىق ۋە يۈزەكى بىر ھالەتتۇر، ئەمما ئازاب ھاياتنىڭ جەۋھىرىدۇر. ئۇ، ئىرادىنى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئىنسان ئىرادىسىنىڭ تاشقى دۇنيانى چۈشىنىش دەرىجىسىگە قاراپ ئىككى تاللاش يولى سۇنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ: ئەگەر تاشقى دۇنيانى ياخشى دەپ چۈشەنسەك ياشاشنى تاللايمىز؛ يامان دەپ چۈشەنسەك ئۆلۈشنى تاللايمىز. بۇ جەھەتتىن، ئازاب ۋە دەرد-ئەلەم، ئىنسان ئىرادىسىگە قارشى كەلگەن توسالغۇلار سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ، ھۇزۇر بولسا ئىرادە قانائەتلەنگەن پەيتلەردە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
شوپېنخاۋېرغا كۆرە ھەر بىر ھەرىكەت ۋە پائالىيەت، بىر ئېھتىياجنىڭ نەتىجىسىدۇر. قاندۇرۇلغان ئېھتىياجلار ھۇزۇر ئېلىپ كېلىدۇ، ئەمما بۇ ھۇزۇر دائىم ۋاقىتلىقتۇر. بىر ئارزۇنىڭ قاندۇرۇلۇشى، ھۇزۇرنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە يېڭى بىر ئارزۇ باشلىنىدۇ. ئارزۇلارنىڭ باشلىنىشى بولسا ئارزۇ قانائەتلەندۈرۈلگۈچە ئازاب ياكى دەرد-ئەلەم بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بۇ ئايلانما جەريان، ھاياتنىڭ ئاساسىدا داۋاملىق بىر ئازابنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شوپېنخاۋېرغا كۆرە، ھاياتنىڭ ماھىيىتى ئازابتۇر، چۈنكى، ئارزۇ چەكسىزدۇر ۋە ھېچقانداق ئارزۇ مەڭگۈلۈك قانائەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. ئېھتىياجلار، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئارزۇلارغا سەۋەب بولىدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن، ئىنسان ھاياتى داۋاملىق بىر ئازاب ۋە قانائەتسىزلىك ئايلىنىشى ئىچىدە داۋاملىشىدۇ.
بۇ پەلسەپىۋى كۆز قاراشقا ئاساسەن، ئازاب پەقەت جىسمانىي بىر سېزىملا ئەمەس، شۇنداقلا ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق تەجرىبىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر. ھۇزۇرنىڭ ۋاقىتلىق تەبىئىتى، ئۇنى ھاياتتا قىسقا مەزگىللىك بىر يېنىكلىش ھالىتىگە ئايلاندۇرسا، ئازاب ۋە ئارزۇ بولسا ھاياتنىڭ داۋاملىق ۋە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئامىللىرى دەپ قارىلىدۇ.
[1] pain
[2] Arthur Schopenhauer
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















