ئاشكارىلاش ۋە ئاشكارىلاپ داۋالاش ئۇسۇلى

2024-يىلى 8-نويابىر

تەييارلىغۇچى ئابدۇرېھىم دۆلەت

(abreaction, abreaction therapy)

ئاشكارىلاش ۋە ئاشكارىلاپ داۋالاش ئۇسۇلىغا پىسخوئانالىستلارنىڭ بىمارنىڭ باستۇرۇلغان ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئىلگىرىكى ئازاب-قايغۇلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى قېزىپ چىقىرىش مەقسىتىدە ئىشلىتىدىغان ئۇسۇلى دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. بۇ جەرياندا بىمار، ئىلگىرى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سەلبىي ياكى ئازاب-قايغۇلۇق بىر ۋەقەنى ئەسلەپ، شۇ پەيتنى ھېسسىي جەھەتتىن قايتا ياشايدۇ. بۇ ئەسلەش، ئۆتمۈشتە باستۇرۇلغان كۈچلۈك ھېسسىي ئىنكاسلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە كىشىنىڭ بۇ ھېس-تۇيغۇلار بىلەن يۈزلىشىشىگە ئىمكان يارىتىدۇ. بۇ ئۇسۇل، ئادەتتە كىشىنىڭ ئازاب-قايغۇلۇق تەجرىبىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان پىسخىكىلىك قىيىنچىلىقلارنى يېنىكلىتىش ۋە روھىي ساغلاملىقنى ياخشىلاش مەقسىتىدە قوللىنىلىدۇ.

سىگمۇند فىروئىد كونترولدىن چىققان ھېسسىيات (ھېستېرىيە)[1] ۋە باشقا پىسخىكىلىق كېسەللىكلەرنىڭ يىلتىزىدا دەسلەپكى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن ۋە باستۇرۇلغان ئازاب-قايغۇلۇق ۋەقەلەرنىڭ ياتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى پىسخوئانالىستلاردىن بىرى. فىروئىدنىڭ بۇ نەزەرىيەسى، بىمارنىڭ ئاڭسىز ھالدا باستۇرغان ئازاب-قايغۇلۇق خاتىرىلىرى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ، كېسەللىك ئالامەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. فىروئىد، بىمارنىڭ بۇ باستۇرۇلغان خاتىرىلەرنى ئەسلەپ ھېسسىي جەھەتتىن قايتا ياشىشىنىڭ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىشىگە ۋە ساقىيىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ قاراش، ئاڭسىز جەريانلارنىڭ بىمارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرىنى چۈشىنىشكە قارىتىلغان پىسخوئانالىتىك داۋالاشلارنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن.

ئاشكارىلاپ داۋالاش ئۇسۇلى، بولۇپمۇ ئازاب-قايغۇ ئاساسلىق پىسخىكىلىق بۇزۇقلۇقلارنى داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ داۋالاش ئۇسۇلى جەريانىدا بىمارلار، ئادەتتە بىر پىسخىكا دوختۇرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆتمۈشتىكى ئازاب-قايغۇلىرىنى بىخەتەر مۇھىتتا قايتا باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ جەرياندا بىمار، ئازاب-قايغۇلۇق ۋاقتىدا ھېس قىلغان كۈچلۈك تۇيغۇلىرىنى ۋە ئىنكاسلىرىنى ئىپادىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئازاب-قايغۇلۇق ۋەقەنىڭ ھېسسىي يۈكىدىن قۇتۇلۇش، كىشىنىڭ شۇ ۋەقەگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە ھېسسىي ساقايتىش جەريانىنى باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاشكارىلاپ داۋالاش ئۇسۇلى، بىمارنىڭ ئاڭسىز ھالدا باستۇرغان خاتىرىلىرى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى تونۇپ يېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ تەجرىبىلەرنىڭ شەخسنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى تەسىرىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.

پىسخوئانالىتىك داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىچىدە ئاشكارىلاش ئۇسۇلى، ھەر خىل تېخنىكىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئەركىن تەسەۋۋۇر، بىمارنىڭ ئاڭسىز پىكىرلىرىگە يېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يەنە بىر تېخنىكا بولۇپ، ئاشكارىلاش جەريانىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، گىپنوز (ئۇيقۇ كەلتۈرۈش) قاتارلىق ئۇسۇللارمۇ ئاشكارىلاپ داۋالاش ئۇسۇلى جەريانىدا قوللىنىلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن بىمارنىڭ ئاڭسىز ھالىتىگە تېخىمۇ ئاسان يېتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، ئاشكارىلاش ۋە ئاشكارىلاپ داۋالاش ئۇسۇلى، پىسخوئانالىتىك داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ ۋە كىشىنىڭ ئۆتمۈشتە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئازاب-قايغۇلۇق تەجرىبىلەرنىڭ ھېسسىي يۈكىدىن قۇتۇلۇشىغا، شۇنداقلا روھىي تەڭپۇڭلۇقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ[2].

مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن ياكى كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ھېسسىيات ياكى ھاياجان [1]

[2]  Sosyoloji Sözlüğü, Gordon Marshall  BİLİM VE SANAT YAYINLARI (1.s)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*