ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېخنولوگىيە رىقابىتى: سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى رىقابەت ئىستراتېگىيەسى

2024-يىلى 31-دېكابىر

 

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

مۇھەررىرى: ئابدۇرېھىم دۆلەت

كىرىش سۆز

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېخنولوگىيە رىقابىتى، كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ رىقابەتنىڭ مەركىزىدە سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەسى تۇرماقتا. سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتىدا ھالقىلىق رول ئوينايدىغان ھېسابلاش كۈچى، پەقەت تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈكنىلا ئەمەس، بەلكى دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە دۇنياۋى يېتەكچىلىك ئورنىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىلغا ئايلانماقتا.

ھازىر ئامېرىكا، ئېكسپورت چەكلىمىلىرى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىلغار ھېسابلاش ئۈسكۈنىلىرىگە ئېرىشىشىنى چەكلەشكە تىرىشماقتا. خىتاي بولسا، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە مەمۇرىي تۈزۈلمىسىنى قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق بۇ چەكلىمىلەرگە تاقابىل تۇرماقتا. خىتاينىڭ نىشانى، يەرلىك سۈنئىي ئەقىل تەتقىقات مەركەزلىرىنى دۇنياۋى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ۋە بۇ ساھەدە ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ئورۇنغا يېتىشتۇر.

بۇ ماقالە، ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەسى ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ ئىقتىسادىي، تېخنولوگىيەلىك ۋە گېئوپولىتىك تەسىرلىرىنى ھەر تەرەپلىمە مۇھاكىمە قىلىدۇ.

رىقابەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى: ھېسابلاش كۈچى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈنئىي ئەقىل رىقابىتىدە غەلىبە قىلىش، پەقەت ئومۇمىي ھېسابلاش كۈچىگىلا ئەمەس، بەلكى بۇ كۈچنىڭ قانچىلىك ئۈنۈملۈك مەركەزلەشتۈرۈلگەنلىكىگىمۇ باغلىق. نۆۋەتتىكى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 2025-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا خىتايدىن 9.5 مىليون كۆپرەك سۈنئىي ئەقىل ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ سان پەرقى، ئامېرىكانىڭ تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىكىنى كۆرسەتسىمۇ، رىقابەتنىڭ نەتىجىسى خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئىلغار سۈنئىي ئەقىل لابوراتورىيەلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان يەرلىك تەتقىقات مەركەزلىرىنى قۇرۇپ چىقىش چىقالماسلىقىغا باغلىق.

بۇ نۇقتىدا، «مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئىقتىدارلار» ئۇقۇمى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تېخنولوگىيەلىك ئۇل مۇئەسسەسەلىرىدىن كۆرە، مۇھىم تەتقىقات ۋە تەرەققىيات تۈرلىرىنى يولغا قويالايدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك مەنبەلەرگە ئىگە بولۇشى، خەلقئارالىق رىقابەتتە تېخىمۇ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. خىتاينىڭ نىشانى ئامېرىكا بىلەن ھەر تەرەپتە تەڭ بولۇش ئەمەس، بەلكى سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەسىنىڭ مۇھىم ساھەلىرىدە دۇنياۋى سەۋىيەدە يېڭىلىق يارىتالايدىغان مۇھىم نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان كۈچلۈك ئاساسىي قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشتۇر.

خىتاينىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىرى

خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل رىقابىتىدىكى ئۈچ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەسى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  1. مەمۇرىي تۈزۈلمىنى يېڭىلاش ۋە مەركەزلەشتۈرۈش

خىتاي پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنى (MOST) يېڭىدىن تەشكىللەپ، يېڭى مەركىزىي پەن-تېخنىكا كومىتېتى (CSTC) نى قۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە تېخنولوگىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىنى بىۋاسىتە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىگە ئۆتكۈزدى. بۇ قايتا تەشكىللەش تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىش ۋە دۆلەت مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغان يۆنىلىشلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

گەرچە MOST نىڭ يېڭىدىن تەشكىللىنىشى خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئىستراتېگىيەلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش ئىمكانىيىتىنى ياراتقان بولسىمۇ، بۇ يېڭى تۈزۈلمە ئامېرىكانىڭ مۇرەككەپ يېڭىلىق يارىتىش ئېكوسىستېمىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا چەكلىمىلىككە ئىگە. ئامېرىكانىڭ خۇسۇسىي سېكتور، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئارىسىدىكى ئەركىن ھەم ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق مېخانىزمى، ئۇنىڭ تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىدا مۇھىم ئاساس بولۇپ كەلمەكتە.

  1. مەبلەغ سېلىش ۋە مۇھىم ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى

خىتاي سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتلىرىغا كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىش بىلەن بىرگە، بۇ ساھەنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى زور كۆلەمدە كۈچەيتمەكتە. نۇرغۇن يېڭى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ، بۇ مەركەزلەردە قوللىنىلىدىغان پروتسېسسورلارنى يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرى تېزلىتىلمەكتە. بىراق، بۇ ساھەدە NVIDIA، Intel ۋە AMD قاتارلىق دۇنياۋى يېتەكچى شىركەتلەر تېخنىكا جەھەتتە خىتايدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرى تۇرماقتا.

خىتاي بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدا قۇرغان يۇقىرى تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى ۋە سۈنئىي ئەقىل تەتقىقات رايونلىرى، بۇ ئىستراتېگىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەملەردۇر. بۇ مەركەزلەردە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ھېسابلاش ئۈسكۈنىلىرى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تور ئۇلىنىشلىرى ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق مۇتەخەسسىسلەر بار بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىغا ئايلىنىۋاتىدۇ.

  1. خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە دىپلوماتىيەنى كۈچەيتىش

خىتاي ئىچكى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئارقىلىق تېخنولوگىيەلىك بىلىم ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكىمۇ ئالاھىدە كۈچ چىقارماقتا. ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئىمزالانغان تېخنولوگىيە ھەمكارلىق كېلىشىملىرى، خىتاينىڭ خەلقئارالىق تېخنولوگىيە تورىنى كېڭەيتىشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا. خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئارقىلىق تېخنولوگىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، تېخنولوگىيە ئالماشتۇرۇش ۋە يەرلىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بىراق، خىتاينىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى ئامېرىكانىڭ ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق كۈچلۈك تېخنولوگىيە دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلىدىن چەكلىنىشكە ئۇچرىماقتا. بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكانىڭ تېخنولوگىيە چەكلەش تەدبىرلىرىگە ماسلىشىپ، خىتاي بىلەن بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەمكارلىقنى چەكلىمەكتە.

ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى

ئامېرىكا خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا قارىتا مۇكەممەل بىر سىستېمىلىق ئىستراتېگىيە تۈزىگەن بولۇپ، بۇ ئىستراتېگىيە تۆۋەندىكى بەش چوڭ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  1. تېخنولوگىيە چەكلىمىسى ۋە ئېكسپورت كونتروللىرى

ئامېرىكانىڭ تېخنولوگىيە چەكلىمىسى ئىنتايىن سىستېمىلىق بولۇپ، بۇ تەدبىرلەر ئۈچ ئاساسلىق نۇقتىنى نىشان قىلغان. بىرىنچى، خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئېرىشىشىنى چەكلەش. مەسىلەن: NVIDIA نىڭ A100 ۋە H100 قاتارلىق ئەڭ كۈچلۈك سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنىڭ خىتايغا سېتىلىشىنى چەكلىگەن. ئىككىنچى، ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىتايغا يۆتكىلىشىنى توسۇش. مەسىلەن: گوللاندىيەنىڭ ASML شىركىتىنىڭ EUV ماشىنىلىرىنىڭ خىتايغا سېتىلىشى چەكلەنگەن. ئۈچىنچى، يۇقىرى تېخنىكىلىق تالانتلارنىڭ خىتايغا يۆتكىلىشىنى چەكلەش، مەسىلەن: ئىلغار سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىغا چەك قويۇلغان.

  1. ئىتتىپاقداشلار بىلەن ھەمكارلىق ۋە كوللېكتىپ چەكلەش مېخانىزمى

ئامېرىكا دۇنيادىكى ئاساسلىق تېخنولوگىيە كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا قارشى كەڭ دائىرىلىك چەكلەش سىستېمىسى قۇرغان. بۇ ھەمكارلىق قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكى تۆت ئاساسلىق نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

– ياپونىيە ۋە گوللاندىيە بىلەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنولوگىيەسىنى چەكلەش ھەمكارلىقى

– ھىندىستان بىلەن سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتى ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقى

– ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سۈنئىي ئەقىلنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملىرىنى بەلگىلەش

– ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقى

  1. ئىچكى يېڭىلىق يارىتىش ئېكوسىستېمىسىنى كۈچەيتىش

ئامېرىكا CHIPS ۋە Science Act قاتارلىق قانۇنلار ئارقىلىق 280 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغنى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتلىرىغا ئاجراتقان. بۇ مەبلەغ تۆۋەندىكى تۆت چوڭ ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن:

بىرىنچى، ئاساسىي تەتقىقاتلارنى قوللاش. بۇ تەرەپتە، MIT، Stanford ۋە Carnegie Mellon قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتلىرىغا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىنغان. ئىككىنچى، يەرلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى كېڭەيتىش. Intel، TSMC قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىدا يېڭى زاۋۇتلارنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىلگەن. ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش مەركەزلىرىنى قۇرۇش. مەسىلەن: سۈنئىي ئەقىل بويىچە دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغان. تۆتىنچى، خۇسۇسىي سېكتوردىكى تەتقىقات ۋە تەرەققىيات تۈرلىرىنى قوللاش. Google، Microsoft ۋە Amazon قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتلىرىغا تۈرلۈك ئىمتىيازلار بېرىلگەن.

  1. تالانتلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە قوغداش سىستېمىسى

ئامېرىكا تالانت ئىستراتېگىيەسىنى تۆت چوڭ تەرەپتىن يولغا قويغان:

بىرىنچى، يەرلىك تالانتلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى كۈچەيتىش. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىلىرى كۆپەيتىلگەن، مائارىپ مەبلىغى ئاشۇرۇلغان ۋە ئوقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك ئوقۇش مۇكاپاتلىرى تەسىس قىلىنغان.

ئىككىنچى، خەلقئارالىق تالانتلىقلارنى جەلپ قىلىش. بۇ جەھەتتە ئىقتىدارلىق تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ۋىزا سىياسەتلىرى ئاسانلاشتۇرۇلغان، «يېشىل كارتا» بېرىش تېزلەشتۈرۈلگەن ۋە ئىش ئورنى رۇخسىتى سىستېمىسى ئىسلاھ قىلىنغان.

ئۈچىنچى، تالانتلىقلارنى تۇتۇپ قېلىش مېخانىزمى. يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن يۇقىرى مائاش، ياخشى تەتقىقات مۇھىتى ۋە كەسپىي تەرەققىيات يوللىرى تەمىنلەنگەن.

تۆتىنچى، مۇھىم ساھەلەردىكى تالانتلىقلارنى قوغداش. ئىستراتېگىيەلىك تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتايغا كېتىشىنى چەكلەش، ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرىنى قوغداش ۋە مەخپىيەتلىك چارىلىرىنى كۈچەيتىش.

  1. خەلقئارالىق قائىدە-تۈزۈملەرنى بەلگىلەش

ئامېرىكا سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە خەلقئارالىق قائىدە-تۈزۈملەرنى بەلگىلەشتە يېتەكچى رول ئېلىشقا تىرىشماقتا. بۇ تەرەپتىكى تىرىشچانلىقلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بىرىنچى، سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتىنىڭ ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلەش. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى ۋە ئەركىن بازار پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملىرىنى بەلگىلەشكە تىرىشماقتا.

ئىككىنچى، تېخنولوگىيە ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش سىستېمىسى. ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تېخنولوگىيە ئېكسپورتىنىڭ خەلقئارالىق قائىدىلىرىنى تۈزمەكتە.

ئۈچىنچى، مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغداش قانۇنلىرى. بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ قوللىنىلىشىدىكى بىخەتەرلىك ۋە مەخپىيەتلىك ئۆلچەملىرىنى بېكىتمەكتە.

كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە نەتىجىسى

سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى رىقابەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى بىر قانچە مۇھىم ئامىلغا باغلىق بولۇپ، بۇلارنى تېخنولوگىيەلىك، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللار دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن.

تېخنولوگىيەلىك تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئالغاندا، يېقىن كەلگۈسىدە چوڭ تىللىق موتورلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ پىكىر قىلىش ۋە مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ. كىۋانت كومپيۇتېر تېخنولوگىيەسىنىڭ تەرەققىياتى سۈنئىي ئەقىلنىڭ ھېسابلاش كۈچىنى غايەت زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ. نېيرون ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلىنىشى بولسا، سۈنئىي ئەقىل قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

سىياسىي تەرەپتىن قارىغاندا، خەلقئارالىق ھەمكارلىقنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. يېڭى تېخنولوگىيە ئىتتىپاقلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدە خەلقئارالىق بىخەتەرلىك قائىدىلىرىنىڭ بەلگىلىنىشى رىقابەتنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەيدۇ. ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتىغا قاراتقان سىياسەتلىرى، جۈملىدىن دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتنى ساقلاش، تېخنولوگىيە چەكلىمىلىرىنىڭ دائىرىسى ۋە تەتقىقات-تەرەققىياتنى قوللاش دەرىجىسى قاتارلىقلار بۇ رىقابەتنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

ئىجتىمائىي ئامىللار تەرىپىدىن ئالغاندا، تالانتلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە جەلپ قىلىش ئىقتىدارى، جەمئىيەتنىڭ يېڭى تېخنولوگىيەلەرنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى، شۇنداقلا سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلار مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ جەھەتتە، ئامېرىكانىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنەرلىك ئارتۇقچىلىق ئاتا قىلغان بولسا، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە مەركەزلەشكەن پىلانلاش ئىقتىدارى ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاخىرقى خۇلاسە

سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەسى كەلگۈسى دۇنيا تەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينايدىغان ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك تېخنولوگىيە سۈپىتىدە، خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتماقتا. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ساھەدىكى رىقابەت، كەلگۈسى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن بولغان كۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نۆۋەتتە ئامېرىكا، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىلمىي-تەتقىقات سىستېمىسى ۋە خەلقئارالىق ئىتتىپاقداشلىق تورى بىلەن يېتەكچى ئورۇندا تۇرماقتا. خىتاي بولسا كۈچلۈك دۆلەت باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە زور ئىچكى بازىرى ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى قىسقارتىشقا تىرىشماقتا. خىتاينىڭ 2030-يىلىغا بارغاندا سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىش نىشانى، ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما خىتايغا ئوخشاش دېموكراتىك بولمىغان، مۇستەبىت دۆلەتتە بۇنداق مۇھىم تېخنىكىلارنى بولۇشى ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتى ئىچىدە ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خەلقئارا جەمىئىيەتنىڭ ئېتىرازىغا پەرۋا قىلماستىن، ئۆزى خالىغانچە داۋام قىلىشىغا تېخنىكىلىق ئىمكان يارىتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت خەلقئارا سىستېمىنى ئاغدۇرۇپ، خىتايچە بىر تەرتىپنى ئورنىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بۇ يېڭى ئېرا يارىتىش ئېھتىمالى بولغان سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەسى ساھەسىدە خىتاينىڭ يېتەكچى ئورۇنغا چىقىشىنى يېقىندىن ھەمكارلىشىپ توسۇشى كېرەك. بولمىسا، بۇ پەرۋاسىزلىقىنىڭ بەدىلىنى ئېغىر تۆلىشى مۇمكىن. ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئامېرىكا-خىتاي سۈنئىي ئەقىل رىقابىتى تارىختىكى تېخنولوگىيە رىقابەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇرەككىپى بولۇپ، بۇ رىقابەتنىڭ نەتىجىسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*