ئالدىراپ ئومۇملاشتۇرۇۋېتىش خاتالىقى
(Hasty Generalization)
ئالدىراپ ئومۇمىيلاشتۇرۇۋېتىش خاتالىقى[1] ئىلمىي ۋە تەنقىدىي پىكىر قىلىشقا زىت كېلىدىغان بىر مەنتىقە خاتالىقىدۇر. بۇ خاتالىق، چەكلىك بىلىم، يېتەرسىز مەلۇماتلار ياكى نەتىجىنى دەلىللەشكە يېتەرلىك بولمىغان ئاساسلارغا تايىنىپ ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا كۆرۈلىدۇ. ئاساس قىلىنغان دەلىل ياكى مىساللارنىڭ ۋەكىللىك كۈچى ئاجىز بولغان ئەھۋاللاردا ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە دەلىل، مەلۇمات ياكى مىساللار ئىشلىتىلمەي قىلىنغان ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىك ھۆكۈملەردە، يۈزەكى خۇلاسىلەر چىقىرىلىدۇ. بۇنداق خاتالىقتا، چەكلىك ساندىكى مىساللارغا ئاساسلىنىپ، پۈتۈن بىر ئەھۋال ياكى كەڭ بىر گۇرۇپپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، پاسىلى بېكىتىلمگەن بىر ئومۇملاشتۇرۇش كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ مەنتىقە خاتالىقى، يېتەرلىك مەلۇمات توپلانماي قىلىنغان ئالدىراقسان ۋە يۈزەكى خۇلاسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئازدۇرغۇچى نەتىجىلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن: بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ھەققىدىكى چەكلىك كۆزىتىشلەرنى ئاساس قىلىپ، پۈتۈن گۇرۇپپا ھەققىدە خۇلاسە خاراكتېرلىك بىر ئومۇمىي ھۆكۈم چىقىرىش بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. تەنقىدىي پىكىرگە ئاساسلانغان ئىلمىي ياقلاشىم، ئومۇملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن قولدىكى مەلۇماتلارنىڭ يېتەرلىك، ئەتراپلىق ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئالدىراپ ئومۇملاشتۇرۇۋېتىش خاتالىقى، بۇ جەرياننى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، پىكرىي خاتالىقلارغا سەۋەب بولىدىغان يۈزەكى ۋە تېز خۇلاسىلەرنىڭ چىقىرىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.[2]
تەرجىمە قىلغۇچى: دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر
تەھرىرى: دوكتورانت ئابدۇرېھىم دۆلەت
[1] fallacy of hasty generalization
[2] Ahmet cevizci, Felsefe sözlüğü (s.7)
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















