ئادەم مەركەزچىلىك

2024-يىلى 12-نويابىر

ئادەم مەركەزچىلىك، بىر دۆلەتتە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنىڭ  بەرپا بولۇشى ۋە ھەرىكەتلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قوللىنىش ئۇسۇلى بولۇپ، مەركىزىي تەشكىلاتقا باغلىق بولمىغان يەرلىك باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ مۇستەقىل قارار چىقىرىشىنى مۇمكىن قىلىدىغان تارماق ئىدارە شەكلىدۇر. بۇ ئۇقۇمنىڭ تۈركچىگە كىرىشى 1876-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ 108-ماددىسىدىكى «ۋىلايەتلەرنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق كېڭەيتىش ئۇقۇمىنىڭ فرانسۇزچە تەڭدېشى بولغان « decentralisation » سۆزىنىڭ،  شاھزادە ساباھەددىن (ۋاپاتى 1948) تەرىپىدىن «ئادەم مەركەزچىلىك» تەرىقىسىدە تەلەپپۇز قىلىنىشى بىلەن بولغان، كېيىنچە «يەرلىك باشقۇرۇش» مەنىسىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. كۈنىمىزدىمۇ ھەق- ھوقۇق كېڭەيتىش ياكى ھەق-ھوقۇق كەڭلىكى ئۇقۇمى، ۋىلايەتلەرنى باشقۇرۇشتا ئاساسىي پىرىنسىپ سۈپىتىدە ئاساسىي قانۇننىڭ 126-ماددىسىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*