2030 -يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى بىرگە مەۋجۇت بولۇشنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن سېنارىيەسى

2025-يىلى 11-ئاپرېل

 

 

كرىستوفېر س. چىۋۋىس

تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىشلەرنىڭ تىزىملىكى بارغانسېرى ئۇزىراپ بارماقتا. بېيجىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي مانېۋرلىرى ئارقىلىق تەيۋەنگە تەھدىت سالماقتا، ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە بىلەن چەكسىز ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى، ئادەتتىكى قوراللار ۋە يادرو قوراللىرىنىمۇ كەڭ كۆلەمدە كۈچەيتىۋاتىدۇ ھەمدە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي قوراللىرىنى ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ھەمكارلىرىغا قارشى ئىشلەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شى جىنپىڭنىڭ باشقۇرۇشىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تېخىمۇ شەخسىيلەشتۈرۈلدى، بۇ ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بەزى جەھەتلەردىن بولسىمۇ ئالدىن مۆلچەرلەش تېخىمۇ قىيىن ھالغا ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا بۇ ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن، خىتاينى نىشانغا ئالغان كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي تەدبىرلەر، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەش تەدبىرلىرى، كونگرېس ئەزالىرىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان قۇترىتىش خاراكتېرىدىكى زىيارەتلىرى، ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان دىپلوماتىك تەشەببۇس ۋە ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىنكاس قايتۇردى. خىتاي بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىق قىلىش ئىستراتېگىيەسىگە دائىر ئورتاق قاراش يىمىرىلدى، دېموكراتلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پەقەت خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇش مەسىلىسىدىلا ئورتاق پىكىرگە كېلەلىدى. شۇڭا يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىققان كۆپلىگەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىرلەر كۈچلۈك مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ھەربىي كۈچ ۋە ئىدېئولوگىيەلىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى تەقەززا قىلدى [1].

بۇ يۈزلىنىشلەر خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى تېخىمۇ مۇقىم ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان مۇناسىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويدى. ئەمما بۇنداق تەخمىنلەر ئىنتايىن مۇھىم. تارىخ بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، دۆلەتلەر توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشىنى مۇقەررەر ياكى مۇمكىن دەپ قارىغاندا، ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ تەدبىرلەر كۆپ ھاللاردا ئۇلار ساقلىنىشقا تىرىشقان توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇپ قويىدۇ، بەزىدە بۇ ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پەرەزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مانا مۇشۇ نۇسخىنى تەكرارلىماقتا، بۇ ھال ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە  ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئىستەكلىرىنى تۆۋەنلىتىپ، قۇيۇن دىنامىكىسى پەيدا قىلماقتا [2].

ئەمما ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يەنىلا كۆپ خىل سېنارىيەلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە رېئاللىققا ئۇيغۇن ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىرىمۇ بار. بۇ سېنارىيەلەردە ئىككى دۆلەت بىرگە مەۋجۇت بولۇشنىڭ مۇقىم يولىنى تېپىپ، سۈركىلىش ۋە توقۇنۇشلىرىنى چوڭ كۈچلەر ئۇرۇشىغا كىرىپ قالماي باشقۇرالايدۇ. بۇ مۇمكىنچىلىك مەزكۇر دوكلاتنىڭ تېمىسى بولۇپ، بۇ باب بۈگۈندىن 2030-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇنداق بىر سېنارىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە دۇنيا تەرتىپى جەھەتتە قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىدۇ:

  • ئىقتىسادىي جەھەتتە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي تەڭ ئورۇندا تۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما بىرگە مەۋجۇت بولۇش يەنىلا مۇمكىن. گەرچە ئىككى كۈچ ئارىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئۈستىدىكى سىياسىي سۈركىلىشنىڭ ئازىيىشى تېخىمۇ مۇھىم. تېخنىكا جەھەتتىن مەلۇم دەرىجىدە ئايرىلىش مۇقەررەر، ئەمما بۇ كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە چەككە يېتىشى، شۇنىڭ بىلەن يېقىندا پەيدا قىلغان جىددىيچىلىكنى ئازايتىشى مۇمكىن.
  • شەرقىي ئاسىيادىكى ئاساسەن باراۋەر ھەربىي كۈچنى ئىستراتېگىيەلىك بىرگە مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئاساسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك رېئاللىق يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى تەسىر دائىرىسى كېڭەيگەن بولسىمۇ، ئەمما، دۇنيا مىقياسىدا ئامېرىكانىڭ ھەربىي كۈچىگە تەھدىت سالالايدىغان ئىقتىدارنى تېخى يېتىلدۈرمىگەن بولىدۇ.
  • ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى 21-ئەسىرنىڭ دۇنيا تەرتىپىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئۈستىدىكى جىددىي ئىختىلاپلار داۋاملىشىدۇ، ئەمما بۇ جىددىيچىلىك ئازىيىدۇ ۋە بەزى ساھەلەردە ھەمكارلىق باشلىنىدۇ. ئەڭ ياخشى نەتىجىدە، بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئىقلىم، سۈنئىي ئەقىل نورمىلىرى ۋە دۇنيا ساغلاملىق ئىشلىرى قاتارلىق ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە دۇنياۋى مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىدۇ.

بۇ سېنارىيە گېئوپولىتىكىلىق كېلىشىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا ئامېرىكا خىتاينىڭ داۋاملىق يۈكسىلىشى ۋە تەرەققىياتىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ رايونلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ ھەمدە بېيجىڭدىن ئامېرىكادىن دۇنياۋى ئۈستۈنلۈك تالاشمايدىغانلىقىغا كاپالەت ئالىدۇ. خىتاي ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ، شەرقىي ئاسىيادىكى كۈچلەر مۇۋازىنىتى ۋە تېخىمۇ چوڭ دۇنياۋى رول بىلەن قانائەتلىنەلەيدىغانلىقىنى، ياكى ھېچ بولمىغاندا بۇنىڭ ئۇرۇشقا كىرىش ياكى ئامېرىكانى ھەممە يەردە ئاجىزلاشتۇرۇشقا تىرىشىشتىن ياخشىراق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ سېنارىيەدە، خىتاي گەرچە تەيۋەنگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغان ۋە كۈچ ئىشلىتىشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچمەيدىغان بولسىمۇ، تەيۋەندىكى تېررىتورىيەلىك مەۋجۇت ھالنى كۈچ ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپ دۆلەت بايلىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقىرىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتە رىقابەتلىشىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇنى مەقسەتلىك ھالدا بىر-بىرىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان ئۇسۇلدا ئېلىپ بارىدۇ. ھەربىي كىرىزىسنى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى، قورال كونتروللۇقى ۋە ھېچ بولمىغاندا دۇنياۋى باشقۇرۇشنىڭ بەزى مۇھىم مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىشىش شەكلىدىكى قوغدىغۇچى «قوراللار» مۇناسىۋەتنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ.

شۈبھىسىزكى، بۇ سېنارىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ھالبۇكى، بۇ ئۆزگىرىشلەر ھەرگىز ئەمەلگە ئاشماسلىقىمۇ مۇمكىن. بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدا ئىشەنچ يېتەرسىز بولۇپ، بۇ ئەھۋال مەزكۇر سېنارىيەنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەيدىغان سىياسەتلەرنى پەرەز قىلىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بۇ سېنارىيەنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئارزۇسىنى بەك چەكلەپ قويىدۇ دەپ قاراپ، رەت قىلىشى ۋە خەتەرگە قارىماي تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن. خىتاي ئۆزىگە قارىتىلغان بەزى چەكلىمىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن. ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەرقانداق دۇنياۋى رولىنى قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن. ئەمما بۇ سېنارىيە بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا جەلپ قىلارلىق ، چۈنكى ئۇ رېئاللىققا ئۇيغۇن تەڭپۇڭلۇقنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ تەڭپۇڭلۇق چوڭ كۈچلەر ئۇرۇشىنىڭ خەتىرىنى ئازايتىش ئاستىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ گۈللىنىشىگە يول قويىدۇ.

بۇ باب ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى جىددىيچىلىكنى يۇمشىتىش ھەققىدە قىسقىچە ئومۇمىي چۈشەنچە بېرىش بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ تارىخىي باسقۇچ كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا نېمىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە پايدىلىق ئۆرنەك بولىدۇ. ئاندىن بۇ باب ئامېرىكا ۋەخىتاينىڭ بىرگە مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە دۇنيا تەرتىپى جەھەتلىرىدىكى ئىپادە ۋە تەسىرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

سوغۇق ئۇرۇش ئۆرنىكى

سوغۇق ئۇرۇشتىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش مەزگىلى 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، يەنى دەل چوڭ كۈچلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ چىقىمنىڭ زورلۇقى ۋە خەتىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئايدىڭلاشقان ۋاقىتتا باشلانغان. بۇ ئايدىڭلىشىش قىسمەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا بىلەن يادرو كۈچىدە تەڭلىككە ئېرىشكەنلىكىدىن كەلگەن. يادرو قوراللىرى مۇسابىقىسىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زور چىقىمى ۋە ئېلىپ كېلىدىغان قورقۇنچلۇق خەتىرى ، بولۇپمۇ تارىخنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان يادرو ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كېتىشكە تاس قالغان كۇبا راكېتا كىرىزىسىدىن كېيىن تېخىمۇ روشەن بولدى. ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى چوڭ كۈچلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. بۇنى ۋيېتنام ئۇرۇشى ۋە يادرو دەۋرىنىڭ بېسىمىدىن چارچىغان نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارمۇ ئۈمىد قىلاتتى. شۇ چاغدىكى پىرېزىدېنت رىچارد نىكسون ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ھېنرى كىسسىنگېر مۇھىم ئىتتىپاقداش غەربىي گېرمانىيەنىڭ «شەرققە قاراش سىياسىتى» ئارقىلىق موسكۋا بىلەن مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىشقا باشلىغانلىقىنى ياقتۇرمايتتى. ئۇلار جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنىڭ ئامېرىكانى شەرق-غەرب مۇناسىۋەتلىرىدە يەنە تەشەببۇسكار ئورۇنغا قايتۇرۇشىنى ۋە موسكۋانىڭ غەربىي ياۋروپاغا قاراتقان «بۆل، ئىدارە قىل» تاكتىكىسىنى توسۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇلار يەنە (بىھۇدە) موسكۋانىڭ ۋيېتنامدا ئۇرۇشنى توختىتىشقا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. موسكۋا يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ۋاشىنگتون بىلەن چىقىمنى ئازايتىش ۋە يادرو ئۇرۇشى توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى ئورتاقلىشاتتى ھەمدە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنى قانۇنىيلىق ۋە ئابرۇيغا ئېرىشىشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارايتتى [3].

جىددىيلىكنى پەسەيتىشنى ئاسانلاشتۇرغان مۇھىم ئامىل شۇكى، شەرق-غەرب دۈشمەنلىكى ۋە يادرو ئۇرۇشى خەتىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا قارىماي، ياۋروپادىكى چوڭ كۈچلەر توقۇنۇشىنىڭ جۇغراپىيەلىك چېگرالىرى تۇراقلىشىپ قالغان ئىدى. گەرچە نىكسون سىياسىي مۇھاپىزەتكار بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆزى ئاشكارا جاكارلىغان ۋە كۆپچىلىك ئىشەنگەندەك كاپىتالىزمغا قارشى ئىنقىلابىي كۈچ ئەمەس، بەلكى مەۋجۇت ۋەزىيەتنى ساقلاشنى خالايدىغان كۈچ دەپ قارايتتى. بۇ كرېمىل بىلەن سۆھبەتلىشىشنى مۇمكىن قىلدى. نىكسون مۇداپىئە مىنىستىرى مېلۋىن لېيردقا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن: «بىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك؛ نۆۋەتتىكى شارائىتتا بىز ئۆز مەنپەئەتلىرىمىزنى بەلگىلەشتە بۇلارنى ھېسابقا ئالماي تۇرالمايمىز. بىز سوۋېت رەھبەرلىرىنىڭ بىزگىمۇ ئوخشاش يول تۇتۇشىنى كۈتىدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئۇلاردا گۇمان قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك» [4]. سوۋېت رەھبەرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار يادرو قورال-ياراغلىرىنى كۈچەيتىشتە ئېرىشكەن ئىلگىرىلەش تۈپەيلىدىن ئامېرىكا بىلەن تەڭداش سالاھىيەتتە سۆھبەتلىشىش مۇمكىن بولغان ئىدى.

كىسسىنگېرنىڭ ئېيتىشىچە، نىكسوننىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ماھارىتى موسكۋا بىلەن «كېلىشىش ئېھتىماللىقىنى ياخشىلاش» بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋاشىنگتوننىڭ دىپلوماتىك يولىنى كېڭەيتىشنىمۇ نىشان قىلغان [5]. كونكرېت ئېيتقاندا، نىشان يان رايونلاردىكى توقۇنۇشلارنى ئازايتىش ۋە ئەڭ مۇھىم رايونلاردا توقۇنۇشنىڭ باشقا ئالتېرناتىفلىرىنى يارىتىش ئىدى. شۇڭا نىكسون 1969-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋاقىتتىكى نۇتقىدا ئۆزىنىڭ دەۋرى «سۆھبەتلىشىش دەۋرى» بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان [6]. ئىككى تەرەپ كېيىن ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنى يېتەكلەيدىغان «ئاساسىي پىرىنسىپلار» توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان ھەمدە ئاخىرىدا راكېتادىن مۇداپىئەلىنىش ۋە يادرو قوراللىرى ھەققىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان كېلىشىملەرنى، شۇنداقلا سوۋېت ئاشلىقىنىڭ ئامېرىكاغا ئېقىشىغا يول قويغان يېڭىچە سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالىغان.

بەزى ئالىملار جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنىڭ بۈگۈنكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈنمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار نىكسون ۋە كىسسىنگېرنىڭ تىرىشچانلىقلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان توقۇنۇشنى پۈتۈنلەي ھەل قىلالمىغان دەپ قارايدۇ. شۈبھىسىزكى، شۇ دەۋردىكى ئامېرىكانىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ماھارىتى مۇكەممەل ئەمەس ۋە ئۆتكۈنچى ئىدى. جىمى كارتېرنىڭ پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە سوۋېت قوشۇنلىرى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندا ۋە رونالد رېگان ھاكىمىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئامېرىكا-سوۋېت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنى بۇنداق رەت قىلىش يۈزەكى تارىخىي ئانالىز ھېسابلىنىدۇ. نىكسون ۋە كىسسىنگېر باشلىغان ئىشنىڭ ئۆزىلا مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كېيىن سوغۇق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ياردەم بەرگەن كېيىنكى تىرىشچانلىقلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئىدى. بۇ يەنە 1970-يىللاردىكى ئۇرۇش خەتىرىنىمۇ ئازايتقان.

نىكسون ۋە كىسسىنگېرنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ماھارىتى ئۇلارنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى ۋە بەزىدە كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ئوچۇق-ئاشكارا بىپەرۋالىقى سەۋەبلىك ھەقلىق رەۋىشتە تەنقىدلەنگەن. ئەمما بۇ يىللاردا ئامېرىكانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق چوڭ كۈچلەر ئۇرۇشى خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە پاراۋانلىقىغا قوشقان ھەقىقىي تۆھپە ئىدى. 1975-يىلدىكى خېلسىنكى كېلىشىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش دۇنيا مىقياسىدا ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ئورتاق تونۇشنى مۇمكىن قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.

بۇ يىللاردا جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنى ئاسانلاشتۇرغان ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىچكى سىياسىي قوللىشى، ھەربىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كەلگۈسىدە ئېرىشكىلى بولىدىغان نەتىجىلەرنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىرلىكتە تونۇپ يېتىشى، شۇنداقلا ئۇرۇش خەتىرىنى ۋە ئۇنىڭغا دائىم تەييارلىق قىلىش چىقىمىنى ئازايتىشتا ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقى نامەلۇم. جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش مەزگىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئارىسىدىكى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان مۇھىم بىر مەسىلە شۇكى، ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋا 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ياۋروپادىكى مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ نېمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاساسەن ئورتاق تونۇشقا ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا بىلەن خىتاي شەرقىي ئاسىيادىكى مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ نېمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تونۇشتا ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كېلەلمەيۋاتىدۇ، بۇ مۇھىم توسالغۇ بولۇپ تۇرماقتا.

شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكا-سوۋېت جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىشنى ئامېرىكا-خىتاي جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىشنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنىڭ  ئۆزگەرمەس يول خەرىتىسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ يۇمشىشى ئامېرىكا-سوۋېت تەجرىبىسىگە بەزى جەھەتلەردىن ئوخشاپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس قوزغاتقۇچ كۈچلىرى بولۇشى مۇقەررەر. ئەڭ بولمىغاندىمۇ، 1970-يىللاردىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئەڭ توقۇنۇشچان چوڭ كۈچلەر مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئىجابىي ئۆزگىرىش پوتېنسىيالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈچ ساھەگە بۆلگىلى بولىدۇ: بىرىنچىسى، دۇنيا گېئوپولىتىكىسىغا ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغان نىسبىي ئىقتىسادىي كۆلەم بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي سوممىسى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشى بىلەن بەلگىلىنىدۇ؛ ئىككىنچىسى، بولۇپمۇ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئىككى ئىقتىساد ئارىسىدىكى ئۆز ئارا تايىنىش دەرىجىسى؛ ئۈچىنچىسى، يېقىنقى يىللاردا قوش ئىشلىتىلىشچان تېخنىكىلارنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقان تېخنىكا مۇناسىۋىتى.

نىسبىي ئىقتىسادىي كۆلەم

خىتاينىڭ ئۆتكەن ئون يىلدا ۋاشىنگتوندا شۇنچە كۆپ ئەندىشە پەيدا قىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشى ۋە كەلگۈسىدىكى پوتېنسىيالىدۇر. بۇ ئۆسۈش نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەلبىدە قورقۇنچ پەيدا قىلدى. بۇ قورقۇنچ پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى گېئوپولىتىكىلىق سەۋەبلەردىنمۇ كېلىپ چىققان. ئىقتىسادىي كۈچ دۇنيا سىياسىتىدىكى دۆلەت كۈچىنىڭ مۇھىم بەلگىلىگۈچىسىدۇر. ئەگەر خىتاي دۆلەت ئىقتىسادىي كۈچىدە ئامېرىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتسە، دۇنياغا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئەمەلىي ئۇرۇنغۇدەك يېتەرلىك مەنبەگە ئىگە بولالىشى مۇمكىن [7].

بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە، بىرگە مەۋجۇت بولۇش .ئاساسەن مۇمكىن بولمايدۇ ۋە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھۆكۈمرانلىق تالىشىش ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە كۈچىيىدۇ [8]. خۇشاللىنارلىقى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچتە ئامېرىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىلگىرىكى مۆلچەرلەر ھازىر خاتا چىقىدىغاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، كەلگۈسى ئون ياكى يىگىرمە يىل ئۈچۈن ئىقتىسادىي مۆلچەر قىلىش قىيىن، ئەمما COVID-19 كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي كىرىزىستىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تەخمىنەن ئىقتىسادىي تەڭلىكتە تۇرۇشى تېخىمۇ مۇمكىن بولىدىغاندەك قىلىدۇ. خىتاي ئامېرىكىغا نىسبەتەن چوڭ رەقىبلىق ئورنىدا تۇرۇۋېرىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۈچتە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇ تەڭلىك خىتاينىڭ ئىلگىرىكى يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۆسۈش سەۋىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن بولغان ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ 2030-يىللار ۋە 2040-يىللاردا بىرگە مەۋجۇت بولۇشىنى تېخىمۇ مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلىشى مۇمكىن.

خىتاي ئىقتىسادى COVID-19 ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن كېلىپ چىققان جىددى ئاستىلاشتىن ئەسلىگە كەلدى، ئەمما 2024-يىلغا كەلگەندە، ئۇ يەنىلا خېلى ئېغىر يېقىن ۋە ئوتتۇرا مۇددەتلىك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇلار ئىچىگە قەرزگە چۆكۈپ كەتكەن مۇقىم مۈلۈك سېكتورى، ئاستىلىغان ئۈنۈمدارلىقنىڭ ئاستىلىشى، ئامېرىكا بىلەن بولغان داۋاملىشىۋاتقان سودا ئۇرۇشى (بۇ ياۋروپاغىچە كېڭىيىشى مۇمكىن) ۋە ئازىيىۋاتقان نوپۇس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىر چاغلاردا ياۋرو-ئاسىيا ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىسادىي تەسىرىنى كېڭەيتىش ئارزۇسىنىڭمەركىزىدە تۇراتتى، ئەمما خىتاينىڭ ھەمكارلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشتىن گۇمانلىنىشقا باشلىغانلىقى ۋە بېيجىڭنىڭ ھەددىدىن زىيادە زور مەبلەغ سېلىش ئېلىپ كەلگەن مالىيە بېسىمى سەۋەبلىك، بۇ ئىستەك ھازىر تۆۋەنلىگەندەك كۆرۈنىدۇ [9].

شى جىنپىڭ يەنىلا خىتاينى دۇنيانىڭ سانائەت چوڭ كۈچى قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي ئىچكى تەلەپنى ئاشۇرالمىسا ياكى قالغان دۇنيانى يۇقىرى دەرىجىلىك سانائەت ئېكسپورتىنى كەڭ كۆلەمدە سېتىۋېلىشقا قايىل قىلالمىسا، بۇ قىيىن بولىدۇ [10]. ئىچكى تەلەپ ئېشىشى مۇمكىن، ئەمما زۆرۈر ئىسلاھاتلار تېخى يىراق بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇلارنى يولغا قويىدىغان-قويمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك توۋارلارنى ئېكسپورت قىلىشقا بولغان ئىزچىل تەلىپى خىتاي توۋارلىرىغا قارشى كۆپلىگەن پاراۋان دۆلەتلەردە ئىنكاس قوزغىماقتا. بۇنى يېقىندا ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ خىتاي توك ماشىنىلىرىغا قويغان تاموژنا بېجىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنداق شارائىتتا، خىتاينى ئون يىللارچە ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەت يولىغا ئېلىپ ماڭغان ئېكسپورتقا يۈزلەنگەن بۇ مودېل ئىلگىرىكىدەك جەلپكار ئۆسۈش سەۋىيەسىنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ [11].

شۇڭا كۆپىنچە ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ كېيىنكى  يىگىرمە يىلدىكى ئوتتۇرىچە GDP ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ ئىككى پىرسەنتتىن بەش پىرسەنتكىچە بولىدىغان مىقدارغا چۈشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. مەسىلەن: خەلقئارا پۇل فوندى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 2024-يىلدىكى بەش پىرسەنتلىك ئۆسۈشتىن 2029-يىلغا بارغاندا ئۈچ پىرسەنتتىن سەل يۇقىرىراق نىسبەتكە تەدرىجىي تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە [12].

بۇ سەۋىيەدە، خىتاي 2050-يىلغا بارغاندا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ پەقەت ئازراقلا ئېشىش بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئامېرىكىنىڭكىدىن پەقەت 15 پىرسەنت يۇقىرى بولىدۇ [13]. خىتاينىڭ كۆپ نوپۇسىنىڭ ئېھتىياجى ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى مۇقەررەر ئارقىدا قېلىشىنى ھېسابقا ئالغاندا، بۇ ئانچە چوڭ ئىلگىرىلەش ھېسابلانمايدۇ [14]. ئەگەر خىتاي ئىقتىسادى مۆلچەرلەنگەندىنمۇ ئاستا ئۆسسە، ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈشى ئالاھىدە ئاقساپ قالمىسىلا، خىتاي ئامېرىكىدىن ھەرگىز ئېشىپ كېتەلمەيدۇ [15]. پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈشى بەك تۆۋەن ۋە خىتاينىڭ ئۆسۈشى بەك يۇقىرى بولغان ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن سېنارىيەدىلا، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئامېرىكىنىڭكىدىن 2050-يىلدىن خېلىلا بۇرۇن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن [16].

دېمەك، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى باسالىغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ئىقتىسادىي كۈچ توپلاش ئىستىقبالى ئون يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خىرەلەشكەندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ [17]. تېخىمۇ مۇمكىن بولغىنى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھېچ بولمىغاندا كېيىنكى ئون يىلدا، ھەتتا ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ دۇنيا ئىقتىسادىدا تەخمىنەن تەڭ سالماققا ئىگە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچتە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەم ئامېرىكانىڭ ئەندىشىسىنى يېنىكلىتىشى، ھەمدە بېيجىڭنىڭ يېڭى دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى رېئال بولمىغان ئۈمىدلىرىنى سوۋۇتۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى ياكى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سۈركىلىش ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. خىتاي يەنىلا ئامېرىكىنىڭ تەخمىنەن تەڭدىشى بولۇپ، ئۇ كېيىنكى ئون يىللاردا ئامېرىكانىڭ ئۈستۈنلۈكىگە قارشى تۇرالايدۇ ۋە شۇنداق قىلىدۇ [18].

سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتى

ئامېرىكا-خىتاي سودا ۋە مەبلەغ مۇناسىۋىتى ئۆتكەن ئون يىلدا بارغانسېرى جىددىيلەشتى. ئەگەر شى جىنپىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى دۇنيا بازىرىغا تۆكۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، بۇ تېخىمۇ تالاش-تارتىشلىق ھالغا كېلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، ئۆز ئارا پايدىلىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىنى تولۇق يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ. ھەتتا ئىككى ئىقتىساد مەلۇم دەرىجىدە ئايرىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ مۇقىم سىياسىي مۇناسىۋەت ياكى دۇنياۋى ئاممىۋى مەنپەئەتلەر ئۈستىدىكى ھەمكارلىقنى توسۇپ قويمايدۇ.

ۋاشىنگتون خىتاينىڭ قورۇقچىلىقى، ئەقلىي مۈلۈك ئىجرالىرى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېكسپورت سانائەتلىرىگە بېرىدىغان دۆلەت ياردىمىنىڭ خىتايغا ئادىل بولمىغان ئۈستۈنلۈك ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ گۈللىنىشىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىد قىلىپ كەلدى. شى جىنپىڭنىڭ 2015-يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان زور كۆلەملىك سانائەتنى كېڭەيتىش پىلانى بولغان «خىتايدا ياسالغان 2025» [19] ئامېرىكا ۋە باشقا چوڭ ئىقتىسادلاردا قورۇقچىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن. ئامېرىكا كاپىتالىنىڭ خىتايدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىش سېكتورلىرىغا سېلىنغان مەبلىغىنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلارغا ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خەۋپىمۇ ئىقتىسادىي بىرلىشىشنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئاستىلىتىشى مۇمكىن.

ئەمما خىتاينىڭ ئەركىن بولمىغان ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى  ۋە ئامېرىكانىڭ قورۇقچىلىقى ئايرىلىشقا مۇقەررەر ئېلىپ بېرىشى ناتايىن.  يېقىنقى يىللاردىكى سودا سۈركىلىشلىرىنىڭ 2030-يىللارغا بارغاندا ئازىيىدىغان ۋە ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ مۇقىملىشىدىغان سېنارىيەسىمۇ مەۋجۇت. بۇ ھالەتتە، ئىككى تەرەپلىك سودا يەنىلا مۇھىم سالماققا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋە جو بايدىن دەۋرىدە يولغا قويۇلغان يۇقىرى تاموژنا بېجى بولغان تەقدىردىمۇ، ئىككى تەرەپ سودىسى ھەر ئىككى ئىقتىسادقا نىسبەتەن يەنىلا مۇھىم: ئامېرىكا 2022-يىلى خىتايغا 154 مىليارد دوللارلىق توۋار ئېكسپورت قىلدى، بۇ شۇ يىلى خىتاينى ئامېرىكانىڭ توۋار ئېكسپورتىدىكى ئۈچىنچى چوڭ بازىرىغا ئايلاندۇردى [20]. ئامېرىكا مەبلىغى يۇقىرى پېتى قالدى. 2019-يىلدىن 2022-يىلغىچە سىرتقا چىقىرىلغان بىۋاسىتە چەتئەل مەبلىغىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مىقدارى 10 مىليارد دوللار بولدى [21].

خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ ھەر ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ساقلاپ قېلىشتىن مەنپەئەت ئالىدۇ. خىتاي ئىزچىل ئۆسۈشنى ساقلاش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بازارلىرىغا موھتاج. ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇشىنى مۇھىم سەۋىيەدە ساقلاش ھەربىي چەكلىمىنى قوللاشقىمۇ پايدىلىق. بېيجىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كەلگۈسىنى ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىقتىسادىغا كىرىش بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قارايدىغان بولسا، تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش ياكى ھەربىي قامال ئارقىلىق كەسكىن ئۈزۈلۈش پەيدا قىلىشتىن تېخىمۇ ئۆزىنى تارتىدۇ. ئامېرىكامۇ گەرچە بۇ توقۇنۇشقا قارشى بولسىمۇ، خىتاي بىلەن مەلۇم دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي ئۆز ئارا تايىنىشنى ساقلاپ قېلىشتىن سىرت، باشقا پۇرسەتكىمۇ ئىگە [22].

ئەگەر سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتسە، بىرگە مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلەيدۇ، ئەمما پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتمەيدۇ. ئىقتىسادىي ئۆز ئارا تايىنىش تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلالمىغىنىدەك، بۇ تىنچ بىرگە مەۋجۇت بولۇشنىڭمۇ شەرتى ئەمەس. مەسىلەن: ئامېرىكا-سوۋېت مۇناسىۋىتى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىنىڭ ئۆز ئارا تايىنىش دەرىجىسى بۈگۈنكى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن ئىدى.

تېخنىكا مۇناسىۋىتى

ئىلغار تېخنىكا ئۈستىدىكى رىقابەت سۈنئىي ئەقىل، ئىلغار بىئولوگىيەلىك تېخنىكا، كۋانت كومپيۇتېرى ۋە باشقا تېخنىكىلارنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئالدىمىزدىكى خېلى يىللارغىچە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىش ساھەسى بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر. ئەمما تېخنىكا رىقابىتىنىڭ ھەممىنى قاپلىۋېلىشى ناتايىن. تېخنىكىنى ئورتاقلىشىش ئۈستىدىكى سۈركىلىشلەرمۇ ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئازىيىشى مۇمكىن، چۈنكى ئامېرىكا بىلەن خىتاي تېخنىكا چەكلىمىلىرىنىڭ تەبىئىي ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان يېڭى نورمال ھالەتكە كۆنۈپ قالىدۇ.

بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسىغا ئېرىشىشىنى چەكلەيدىغان كەڭ كۆلەملىك ئېكسپورت ۋە مەبلەغ سېلىش چەكلىمىلىرىنى يولغا قويدى. بۇلار ئاساسلىقى سۈنئىي ئەقىل ياكى مەخسۇس ھەربىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنى نىشان قىلىدۇ [23]. ئامېرىكا قاتتىق چەكلەنگەن تېخنىكىلارنىڭ سانىنى ناھايىتى چەكلىك تۇتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن، ئەمما تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىلارنى چەكلەش كۈچلۈك  تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈشىنى تۆۋەنلىتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خىتاينىڭ ئىددىئاسى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك بوپقالىدۇ ھەمدە بېيجىڭنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ [24].

بۇ يۈزلىنىشكە قارىماي، بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى، بولۇپمۇ مۇھىم ساھەلەردىكى قانۇنلۇق بىخەتەرلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قوغداشقا تىرىشىشى نورمال ئەھۋالدۇر. ئامېرىكا پۈتۈن سوغۇق ئۇرۇش ۋە سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەزگىللەردە ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنى قوللانغان. ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى يېقىن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەنمۇ ئورتاقلاشمايدۇ. بېيجىڭ بۇ رېئاللىقنى خىتاينىڭ كۈچىيىشىگە قارىتىلغان تەبىئىي بولمىغان ياكى ئادىل بولمىغان ھۇجۇم دەپ قارىماي قوبۇل قىلالىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا چەكلىمىلىرى كۆزلىگەن ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى چېكىگە يەتكەنسېرى ئاستىلىشى مۇمكىن. نېمىلا بولمىسۇن، ئامېرىكا بۇنداق تەدبىرلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ تېخنىكىغا ئېرىشىشىنى پۈتۈنلەي توسۇۋېتەلمەيدۇ، پەقەت خىتاينىڭ ئوخشاش تېخنىكىلارغا ئېرىشىشىنى كېچىكتۈرەلەيدۇ، خالاس. تېخنىكا بىلىمى ئىلمىي تەتقىقاتقا تايىنىدۇ، خىتاينىڭ يەرلىك تەتقىقات ئىقتىدارى ئۆتكەن ئون يىلدا زور دەرىجىدە ئۆستى ، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئۆسۈش ۋە ھەربىي ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە تېخىمۇ شۇنداق [25]. شۇڭا يېڭى چەكلىمىلەرنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە بولغان پايدىسى خىتاي ئۆز ئىقتىدارىنى ئاشۇرغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ. قوشۇمچە ئامېرىكا چەكلىمىلىرى تەبىئىي ھالدا بارغانسېرى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي ئۆسۈشكە نىسبەتەن ئەھمىيىتى تۆۋەن  تېخنىكا ساھەلىرىنى نىشان قىلىدۇ، شۇڭا ئامېرىكا قوشۇمچە چەكلىمىلەر يۈرگۈزۈشنىڭ مەنىسى قالمىغان نۇقتىغا يېتىشىمۇ مۇمكىن. ھازىر يولغا قويۇلغانلىرى قېلىشى مۇمكىن، ئەمما يېڭىلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش سۈرئىتى كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە ئاستىلاپ، بۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا پەيدا قىلغان ئىككى تەرەپلىمە سۈركىلىشنى ئازايتىشى مۇمكىن.

ھەربىي تەڭپۇڭلۇق

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇق ھەرقانداق بىرگە مەۋجۇت بولۇش سېنارىيەسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنى ئۈچ دەرىجىدە ئانالىز قىلغىلى بولىدۇ: دۇنياۋى ھەربىي تەڭپۇڭلۇق، شەرقىي ئاسىيادىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇق ۋە يادرو-ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق.

دۇنياۋى ھەربىي تەڭپۇڭلۇق

خىتاي ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى خېلى كېڭەيتتى، ئەمما بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى ھەربىي ئۈستۈنلۈكىگە كۆرسىتىدىغان تەھدىتىنى مۇبالىغە قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىدە ئامېرىكانىڭكىدىن كۆپ كېمە بار ۋە بۇ ئەھۋال داۋاملىشىدۇ [26]. بۇ پەرق تېخىمۇ چوڭىيىدىغاندەك تۇرىدۇ. كېيىنكى ئون يىلدا ئامېرىكا فلوتى 290 كېمە ئەتراپىدا تۇرۇۋېرىدىغان بولسا، خىتاينىڭكى 370 تىن 435 كېمىگە كۆپىيىشى كۈتۈلمەكتە [27]. ئەمما كۆپلىگەن دېڭىز ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى ئەسكەرتكەندەك، فلوتنىڭ چوڭلۇقى ئۇنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنىڭ توغرا ئۆلچىمى ئەمەس، ئامېرىكا فلوتى پەقەت تونناژدىلا چوڭ بولۇپلا قالماستىن (ئامېرىكا كېمىلىرى ئېغىرراق)، يەنە ئىقتىدارى كۈچلۈكرەك دەپ قارىلىدۇ [28]. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي فلوتىنىڭ كۆپ قىسمى شەرقىي ئاسىياغا مەركەزلەشكەن، شۇڭا ئۇنىڭ چوڭلۇقى خىتاينىڭ شۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىگە تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىتاينىڭ دۇنياۋى ھەربىي كۈچ پوتېنسىيالىغا ئانچە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس.

خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دېڭىز بازىسى قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى، ۋاشىنگتوندىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنى خىتاينىڭ پات ئارىدا ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ كەلگەن دېڭىز-ئوكيان ئۈستۈنلۈكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئەندىشىگە سالدى. ۋاشىنگتوننىڭ خىتاينىڭ بازا قۇرۇشىنى كۆزىتىشىنىڭ ئورۇنلۇق ئىستراتېگىيەلىك سەۋەبلىرى بار، ئەمما بۇنىڭ بېيجىڭنىڭ دۇنياۋى ھەربىي ئورنىغا بولغان مۇھىملىقى دائىم مۇبالىغە قىلىنىدۇ. نۆۋەتتە، خىتاي ئاسىيانىڭ سىرتىدا جىبۇتىدا بىرلا ھەربىي بازا قۇردى. ئۇ باشقا بازىلارنى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ھىندى ئوكياندا بولۇۋاتىدۇ، خىتاي بۇ يەردە ئۆزى تايىنىدىغان ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىدىغان ئېنېرگىيە تىرانسىپورتىنى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى  ئۈمىد قىلىدۇ [29]. خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ خىتاينىڭ دۇنياۋى تىجارەت پورتلار تورىنىڭ بەزى لوگىستىكىلىق قولايلىقلىرىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى راست، ئەمما بۇ تور ھەربىي بازىلار تورى بېرەلەيدىغان ئىقتىدارنىڭ يېرىمىغىمۇ يېتەلمەيدۇ [30].

نىيەت ئىقتىدار ئەمەستۇر. خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ئۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەقىقىي دۇنياۋى دېڭىز ئارمىيەسى يارىتالايدىغان دەرىجىدە بازىلىرىنى كېڭەيتەلىشى ئىنتايىن قىيىن ۋە ئون يىللارچە ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ لوگىستىكىسى ئۈچۈن ئىشەنچلىك دۇنياۋى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇش، ھەتتا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ياكى ھاۋا ئارمىيەسى ئۈچۈنمۇ بۇنداق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇش ئۇزۇن مۇددەتلىك سىجىل تىرىشچانلىق، ناھايىتى پايدىلىق سىياسىي شارائىت ۋە ياخشى تەلەي تەلەپ قىلىدۇ [31].

ئەنگىلىيە ئۆزىنىڭ دۇنياۋى مەۋجۇتلۇقىنى بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە قۇردى، ئامېرىكا بولسا كۆپ قىسمىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى غەلىبىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە قۇردى، بۇ بىر ئالاھىدە تارىخىي پەيت ئىدى.

خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى كېڭىيىشى مۇمكىن، ئەمما ئون يىلدىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن 75 يىلدا قۇرغان دۇنياۋى ھەربىي ئۈستۈنلۈكىگە سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان نەرسىسى بولمايدۇ. ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى ھەربىي ئىزى ئونلىغان دۆلەتلەرگە جايلاشتۇرۇلغان يۈز مىڭلىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، ئۈچ چوڭ چەتئەل رايونىدىكى زور ھاۋا كۈچى، مىسلى كۆرۈلمىگەن دېڭىز بازىسى ھوقۇقى ۋە ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ھەمدە كەڭ دائىرىلىك دىپلوماتىك ۋە سىياسىي قوللاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ئامېرىكانىڭ ھازىرقىدەك ئەركىن دۇنيا مىقياسىدا ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا تەھدىت سېلىشى مۇمكىن، ئەمما پەقەت بەزى زور چىقىملىق يوللارنى تاللىغاندىلا ئاندىن شۇنداق بولىدۇ. مەسىلەن: ئەگەر خىتاينىڭ فلوتى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكىگە ئوخشاش قىلىقلارنى قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنى دۇنيا مىقياسىدا بوزەك ئەتسە  ۋە بېسىم ئىشلەتسە، بۇ ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇش پەيدا قىلمىغان تەقدىردىمۇ، جىددىي مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بېيجىڭ دۇنياۋى ئومۇمىي گەۋدىنىڭ قۇرغۇچى كۈچى دەپ قارالماقچى بولسا، ئۆزىنىڭ دۇنياۋى دېڭىز ئارمىيەسى مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىشى كېرەك.

خىتاينىڭ بىۋاسىتە ئادەتتىكى ھۇجۇمغا قوشۇن يۆتكىشى ئېنىقكى ۋاشىنگتوننى ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ. مەسىلەن: ئەگەر خىتاي لاتىن ئامېرىكىسىدا مۇھىم ئورۇن ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشسە، بۇنداق ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما بەزىدە بۇنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئەمەس، چۈنكى غەربىي يېرىم شاردىكى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بىخەتەرلىك جەھەتتىكى يېقىن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا بەك ئىلگىرىلەپ كەتسە، ئېنىقلا ئامېرىكانىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدۇ. بەزىلەرنىڭ بۇ يۆنىلىشتە ئالغان كىچىككىنە قەدەملىرىگە قاراپلا، كەلگۈسى چوقۇم مۇشۇنداق بولىدىكەن دەپ ھۆكۈم چىقىرىۋېلىشقا بولمايدۇ.

شەرقىي ئاسىيادىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇق

شەرقىي ئاسىيادا مۇقىم ھەربىي تەڭپۇڭلۇق شەكىللەندۈرۈش ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئومۇمىي مۇناسىۋەتلىرىدە بىرگە مەۋجۇت بولۇش يولىنى تېپىشتىكى ئەڭ قىيىن مەسىلىدۇر. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە، 1960-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدا يادرو تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئادەتتىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇق شەكىللەنگەن ئىدى. ئىككى تەرەپ تولۇق قوراللانغان ئەھۋالدا، ھېچقايسىسىنىڭ ئۇرۇشتىن ئالىدىغان نەتىجىسى يوق ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. جىددىي نۇقتىلار بېرلىن تېمىغا ئوخشاش مۇستەھكەملەشلەر ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇلغان. بۇ تەڭپۇڭلۇق ياۋروپانى مۇقىملاشتۇرۇشقا ۋە 1970-يىللاردا جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنىڭ ئاساسىنى سېلىشقا ياردەم قىلغان. كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا شەرقىي ئاسىيادا بۇنىڭغا ئوخشاش تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىش ناھايىتى قىيىن بولىدۇ، ئەمما 2030-يىللارغا بارغاندا ۋەزىيەت بۈگۈنكىدىن بەكرەك تەڭپۇڭلاشقان بولۇشى مۇمكىن.

ئەڭ ئالدى بىلەن، خىتاي ئەتراپىدىكى تېررىتورىيەلىك مەسىلىلەر، بولۇپمۇ تەيۋەن، جەنۇبىي ۋە شەرقىي خىتاي دېڭىزلىرى ئۈستىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىنى خىيال قىلىش تەس. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكىنىڭ ئەكسىچە، تەيۋەن مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ نېمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئاساسىي كېلىشىم يوق. ۋاشىنگتون مەۋجۇت ۋەزىيەتنى ئاساسلىقى تېررىتورىيەلىك نۇقتىدىن كۆرسە، خىتاي ئاساسلىقى سىياسىي نۇقتىدىن كۆرىدۇ. بېيجىڭ تەيۋەندىكى سىياسىي مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ئارالنىڭ قۇرۇقلۇقتىن مەڭگۈ ئايرىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ۋاشىنگتوندا ئومۇملاشقان كۆز قاراش بېيجىڭنىڭ ھەربىي كۈچ ئارقىلىق تېررىتورىيەلىك مەۋجۇت ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىدۇر. بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ جىددىي دىپلوماتىك خىزمەتلەرگە كىرىشىشى ۋە بەزى چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇشى كېرەك.

بىر چاغلاردا، ھېچبولمىغاندا نەزەرىيەدە، تەيۋەن ئۈستىدىكى توقۇنۇشنى چوڭ كېلىشىم ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ بىرلىشىش ئارزۇسىغا يول قويۇشى ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى [32]. ئەمما بۇنداق سىياسەتنى بۈگۈن قوللايدىغانلار يوق ھەمدە ئۇنى قوللىنىش خىتاي رەھبەرلىكىنى باشقا جايلاردا تېخىمۇ تاجاۋۇزكار تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشكە جۈرئەتلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

شۇڭا ھەربىي تەڭپۇڭلۇق پەيدا قىلىدىغان پوپوزا سىياسىتى مۇقىملىق ۋە بىرگە مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئاساسى بولۇشى كېرەك. 2030-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، بۇ رېئاللىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ياكى خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى خاتا چۈشىنىپ قېلىپ ئۇرۇشقا كىرىپ قېلىشىنىڭ نۇرغۇن ئامىللىرى بار، ئەمما يەنە ئون يىلدىن كېيىن ھەربىي تەڭپۇڭلۇق بۈگۈنكىدىن بەكرەك ئېنىق بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكانىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى كۈچەيتىلگەن ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى، مەسىلەن: B-21 يوشۇرۇن بومباردىمانچى ئايروپىلانى، تېخىمۇ كۆپ يادرو كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتلىرى، تېخىمۇ كۆپ يىراق مۇساپىلىك راكېتا زاپىسى، كۈچەيتىلگەن قوماندانلىق ۋە كونترول تورلىرى، قوشۇن تارقىتىش، بازىلار ۋە مۇھىم ئۇل مۇئەسسەسەلەرنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق ئامېرىكا يولغا قويۇۋاتقان تەدبىرلەر، تېخىمۇ مۇقىم تەڭپۇڭلۇق يارىتىشقا ياردەم قىلىشى كېرەك. بۇ تەڭپۇڭلۇق ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەگە ئوخشاش مۇھىم ئىتتىپاقداشلارنىڭ كۈچەيتىلگەن ئىقتىدارى ۋە تەيۋەننىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشى ئارقىلىق كۈچەيتىلىدۇ.

2030-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا تاسادىپىي كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىنى ئازايتىدىغان ھەربىي كىرىزىسنى باشقۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بەرپا قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، خىتاي بەزىدە بۇنداق ئۇسۇللارنى يولغا قويۇشتىن ئۆزىنى تارتىپ كەلگەن، چۈنكى ئۇ مۇقىمسىزلىقنى رايونلۇق نىشانلىرىغا پايدىلىق دەپ قارىغان. خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى تارىخى كىشىگە ئۈمىد بەرمەيدۇ. ۋاشىنگتوننىڭ سوغۇق ئۇرۇش تەجرىبىسى ئۇنى بۇنداق تەدبىرلەرگە ئىجابىي قارىتالايدۇ، ھالبۇكى، بېيجىڭنىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي مەدەنىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇنداق تارىخى يوق. شۇنداقتىمۇ، ئەگەر كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە، مەسىلەن: شەرقىي ئاسىيانىڭ ھەربىيلىشىشىنىڭ كۈچىيىشى تۈپەيلىدىن ھەربىي ۋەقەلەر كۆپەيسە، بۇ بېيجىڭنى تېخىمۇ قۇرۇلما خاراكتېرلىك يول تۇتۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى مۇمكىن. 2023-يىلى 11-ئايدىكى بايدىن-شى جىنپىڭ يىغىنىدا ئالاقە قاناللىرىنى قايتا جانلاندۇرۇش توغرىسىدىكى كېلىشىمى توغرا يۆنىلىشتىكى قەدەم بولدى ۋە بەختكە قارشى، بۇ 2030 -يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا ئىشلەيدىغان كىرىزىس مېخانىزمىلىرىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

سىياسىي ھەربىي ئىستراتېگىيە مۇنازىرىلىرىدە، رەقىبلەرنى خاتىرجەم قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش بەك ئاسان. شۇنداقتىمۇ، رەقىبلەر ئۆزلىرىنىڭ چەكلىمە قوللىنىشىنىڭ مېۋە بېرىدىغانلىقىنىمۇ بىلىشى كېرەك. ئامېرىكا چەكلىمە قوللىنىش ئارقىلىق بېيجىڭنى جۈرئەتلەندۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەندەك، بېيجىڭمۇ ئۆزىنىڭ چەكلىمە قوللىنىشىنىڭ ۋاشىنگتوننى تەيۋەننى قۇرۇقلۇقتىن مەڭگۈ ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش يولىدا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ، بۇ بېيجىڭ ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش. ۋاشىنگتون خىتاينىڭ تەيۋەننىڭ بىر تەرەپلىمە مۇستەقىللىق قەدەملىرىنى قوللىمايدىغانلىقى ۋە تەيۋەننى قۇرۇقلۇقتىن مەڭگۈ ئايرىپ تۇتۇپ تۇرۇشنى ئىزدىمەيدىغانلىقى ھەققىدە قايتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ چۈشەنچىدىن ساقلىنالايدۇ ياكى ھېچبولمىغاندا ئۇنى ئازايتالايدۇ.

شۇنداق قىلىش بېيجىڭنىڭ ئارالغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئىستىكىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا سىياسىتىنى ئەڭ ناچار سىياسەت دەپ چۈشىنىش مايىللىقىنى يۇمشىتىدۇ. بۇ ئامېرىكانىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ياكى مەڭگۈلۈك ئۆزىنى باشقۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقى ياكى قوللاشقا ماقۇللۇقىنى كۆرسىتىدىغان باياناتلار ۋە ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكانىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىگە بولغان سادىقلىقىنى كۈچەيتىشنى ۋە ھەتتا ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىققا قاراپ مېڭىش ئالامەتلىرىنى كۆرسەتسە، ئۇنى ئاشكارا تەنقىد قىلىش ئادىتىگە قايتىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن [33].

يادرو-ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق

خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ كۈچىيىشى جەھەتتە، ۋاشىنگتوندا كۆپچىلىكنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى خىتاينىڭ 2035-يىلغا بارغاندا 1500 دانە ئىشلەيدىغان يادرو قورالى بازىسى قۇرۇش پىلانىدۇر [34]. بۇ پىلان يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش نۇقتىسىدىن ئېنىق چاتاق ئىش. ئەگەر خىتاي يادرو قوراللىرىنى ئۆزىگە تەيۋەن بوغۇزىدا تېخىمۇ كۆپ نورمال ھەربىي ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتى بېرىدۇ دەپ قارىسا، بۇ تەيۋەن بوغۇزىدىكى توسۇشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، 2030-يىللارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ قورال كۈچىنى ئاشۇرۇشىنىڭ بىر ئىجابىي تەرىپى بولۇشىمۇ مۇمكىن. يادرو قوراللىرى كۆپ بولغاندا، خىتاي (ئەگەر ئامېرىكا ئۆزىنىڭ يادرو ياكى يادروغا مۇناسىۋەتلىك ئادەتتىكى ئىقتىدارلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتمىگەن بولسا) ئۆزىنىڭ ئىككىنچى زەربە بېرىش ئىقتىدارىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ئىشەنچ قىلالىشى كېرەك. شۇڭا ئۆز ئارا قورقۇتۇش بىر رېئاللىققا ئايلىنىدۇ ۋە بېيجىڭ بۇ شارائىتتا ئىستراتېگىيەلىك قورال سۆھبىتىدىن كۆپرەك مەنپەئەت كۆرىدۇ.

بۇنداق سۆھبەتلەر كۆپرەك سانغا مەركەزلىشىشى مۇمكىن، ئەمما يەنە كەڭرەك مەنىدە، مەسىلەن: كىرىزىسنى باشقۇرۇش ئۈچۈن چېكىنىش يوللىرى، ئالاقە قاناللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياكى ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان باشقا تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن [35]. بۇ خىلدىكى سۆھبەتلەر يەنە 1970-يىللاردا نىكسون دەۋرىدە ۋە 1980-يىللاردا رېگان دەۋرىدە ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن قىلغىنىدەك، مۇناسىۋەتكە ۋاسىتە بولالايدۇ.

ئەگەر مۇقىملىق چوقۇم مەلۇم دەرىجىدىكى توسۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بولسا، 2030-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا قورال مۇسابىقىسى، ئىككى تەرەپ چىقىمنى تۆۋەنلىتىشتىن مەنپەئەت كۆرىدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئاستىلىشى مۇمكىن. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئادەتتىكى قورال ياراغلار ۋە يادرو قوراللىرى كۈچەيتىشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان مالىيە بېسىملىرى قورال كونترول كېلىشىملىرىنىڭ ئاساسىنى سالغان، بۇ كېلىشىملەر ئۆز نۆۋىتىدە چوڭ كۈچلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەم قىلغان. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىمۇ ئوخشاش دىنامىكىلارنى ئاسانلا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.

يەنە بىر مۇھىم نۇقتا: ئەگەر خىتاي ئۆزىنىڭ يادرو قوراللىرى توپىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىش پىلانىنى داۋاملاشتۇرسا، بۇ 2030-يىللاردىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېڭى خەتەرلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. يادرو قوراللىرى سانىنىڭ ئېشىشى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىققا ۋە توقۇنۇشتىن ساقلىنىشقا ئەكس تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

دۇنيا تەرتىپى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چوڭ تالاش-تارتىشنىڭ ئاخىرقى بىر ساھەسى دۇنيا تەرتىپىنى شەكىللەندۈرىدىغان قائىدىلەر، نورمىلار ۋە ئورگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بېيجىڭ نۆۋەتتىكى دۇنياۋى باشقۇرۇش قۇرۇلمىلىرىنى چوڭ ئىسلاھات قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا رەھبەرلىرى بۇنداق ئىسلاھاتلارنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا تەرتىپىگە تەھدىت سالىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى [36]. خىتاي قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان سىستېمىدا، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ۋاشىنگتوننىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە دۇنيا ئىقتىسادىدىكى كۈچى ۋە ئۇنىڭ دۇنياۋى ئىتتىپاقلىرى ئاجىزلىتىلىدۇ. بۇ بىر قانچە سەۋەبتىن ئامېرىكا ئۈچۈن بىر خەتەر ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تەرتىپنى خىتاي باشچىلىقىدىكى تەرتىپ بىلەن ئالماشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىغا يىغىنچاقلانمايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا توغرا دىپلوماتىيە ۋە ئىسلاھاتلارغا ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن يېقىنلاشسا، بۇنى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتىن بۇيانقى ئارزۇلىرىنى ئۈچ تەشەببۇس ئارقىلىق ئىپادىلىدى: دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى ۋە دۇنياۋى مەدەنىيەت تەشەببۇسى. ئۇنىڭ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى سىياسىي شەرتلەرگە باغلانمىغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ، دۇنياۋى مەدەنىيەت تەشەببۇسى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەققىدىكى ئوخشىمىغان چۈشەنچىلەر بىرگە مەۋجۇت بولىدىغان كۆپ خىللىق دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن پاكىت كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياۋى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى خەلقئارالىق توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتا كۈچ ئىشلىتىشتىن كۆرە سۆھبەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

دۇنياۋى بىخەتەرلىك تەشەببۇسىدە يەنە ساقچى تەربىيەلەش ۋە دېموكراتىيەلىك بولمىغان تۈزۈملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىدىغان نازارەت تېخنىكىلىرىنى ئېكسپورت قىلىش قىسمى بار [37]. بۇ جەھەتتە، شۇنداقلا دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئېلېمېنتلىرى سۈپىتىدە «بلوكلار»نى تەنقىد قىلىشىدا، دۇنياۋى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى خىتاينىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ھەر خىل دەرىجىدە دۈشمەنلىك قىلىدىغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئىتتىپاقلارنىڭ كۈچلۈك سىستېمىسى بىلەن قورشالغانلىقىغا بولغان قورقۇنچىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

شۇڭا خىتاينىڭ باشقىچە دۇنيا تەرتىپى توغرىسىدىكى تەكلىپلىرى قىممەتلەر ۋە مەنپەئەتلەر جەھەتتە ئۆزى بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى رېئال پەرقلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئەمما ئۇلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇلار ھىندىستان، ھىندونېزىيە، بىرازىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە تۈركىيەگە ئوخشاش دۇنيا تەرتىپىنىڭ كەلگۈسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇلار قىسمەن بېيجىڭنىڭ ئۆز تەشەببۇسلىرىنى قوللىغانلارغا تېخنىكا، مالىيە ۋە سودا تەرەپتە پايدا ۋەدە قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ يېڭى كۈچلەرنى جەلپ قىلىدۇ، ئەمما خىتاينىڭ تەشەببۇسلىرى يەنە كۆپلىگەن يېڭى كۈچلەر ئورتاقلىشىدىغان نۆۋەتتىكى دۇنيا تەرتىپىدىكى ئادالەتسىزلىكلەر ھەققىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەندىشىلەرگىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ[38].

ئەمما خىتاي ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزىنىڭكى بىلەن ئالماشتۇرۇش ئالدىدا تۇرمايۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇ بۇنداق قىلىشنى ئىزدىمەيدۇ ۋە ئەگەر ئۇرۇنۇپ باققان تەقدىردىمۇ جىددىي توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تەرتىپنى تەنقىد قىلىش ۋە قىيىنلاشتۇرۇشقا يېتەرلىك كۈچى بار، ئەمما، خىتاي مەلۇم پائالىيەت ساھەلىرىدە ئۆز ئىستەكلىرىنى سىڭدۈرەلىسىمۇ، ھەرتەرەپتىن ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر تەرتىپنى تېڭىشقا كۈچى يەتمەيدۇ، ھەتتا. يېڭى كۈچلەر خىتاينىڭ بەزى تەشەببۇسلىرىنى قوللايدۇ، چۈنكى ئۇلار نۆۋەتتىكى سىستېمىغا بولغان ئورتاق تەنقىدتە ئورتاقلىققە ئىگە، بىراق، قوللىشىنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىسلاھاتلار ئۈچۈن خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان لايىھەلەرنى ياقتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس.

خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسىدە بولغىنىدەك، ئۆزى جاكارلىغان پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلماسلىقىمۇ ئۆزىنىڭ ئىشىغا زىيان كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭنىڭ «بلوك سىياسىتى»گە قىلغان ھۇجۇمى ۋاشىنگتوننىڭ ئىتتىپاقلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەنپەئەتىگە ئوچۇق-ئاشكارا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ خەلقئارالىق سىستېمىدا ئۆز كۈچى ۋە تەسىرىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان بەزى يېڭى كۈچلەرنى جەلپ قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ «بلوكلار»غا ئەزا بولۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئامېرىكانىڭ نۇرغۇن ئىتتىپاقداشلىرىنى جەلپ قىلالمايدۇ.

بېيجىڭ ئىقلىم ئۆزگىرىشىنى ئاستىلىتىش، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق قىيىن يەرشارىۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە مەنبە تەمىنلەشتە ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى نامايان قىلالمىدى. گەرچە خىتاي ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئارىسىدا كېلىشىم تۈزۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، نەتىجىلەر كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۇنيا تەرتىپى مەسىلىلىرىدە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر بەزىدە مۇبالىغە قىلىنىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، بېيجىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق تەرتىپنى ئۆرۈۋېتىپ، ئۇنى ھەممە جەھەتتە پۈتۈنلەي باشقىچە بىر نەرسە بىلەن ئالماشتۇرۇشنى ئىزدىمەيدىغاندەك كۆرۈنىدۇ ۋە ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشنى ئىزدەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشنىڭمۇ ھېچقانداق سەۋەبى يوق[39]. نۆۋەتتىكى دۇنياۋى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا بولغان نارازىلىقى ئاساسلىقى بۇ سىستېمىدىكى ئامېرىكانىڭ قۇرۇلما كۈچىنى تۆۋەنلىتىش ۋە دېموكراتىيەلىشىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىش بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نورمىلارنى ئۆزگەرتىشكە مەركەزلەشكەن. بۇلار ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم خەتەر ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بۇخىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كېلىشكىلى بولمايدىغان پەرقلەرنى ئىپادىلىمەيدۇ.

ۋاقىت ئۆتۈشى ۋە توغرا ئۇسۇل بىلەن، ئامېرىكا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا تەرتىپىگە قويۇۋاتقان خەتىرىنى يېنىكلىتەلىشى مۇمكىن. بۇ بېيجىڭنىڭ بەزى تەكلىپلىرىنى ئامېرىكانىڭ ئاساسىي مەنپەئەتلىرىگىمۇ ماس كېلىدىغان دۇنيا تەرتىپىنى ئىسلاھ قىلىش پروگراممىسىغا سىڭدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەنە يېڭى كۈچلەرنى خىتايدىن ئىزدەۋاتقان مالىيە ۋە تېخنىكىلىق مەنپەئەتلەرنىڭ باشقا ئالتېرناتىپلىرى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق ئۇسۇل بىرازىلىيە، ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيەگە ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى ئورگانلاردىكى ئاۋازىنى كۈچەيتىشكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ.

بۇ يەنە ئامېرىكانىڭ دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە دېموكراتىيەنى تەكىتلىشىنىڭ، ئۆزى ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغان باشقا قائىدە ۋە نورمىلارنى، مەسىلەن: ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 2-ماددىسىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئومۇمەن تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشنى قوللايدىغان دۇنياۋى بىرلىكنى قۇرۇش تىرىشچانلىقىنى ھەمىشە ئىلگىرى سۈرەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن[40]. يېڭى كۈچلەر ئارىسىدا تېخىمۇ ئاز تالاش-تارتىش قوزغايدىغان ياخشى باشقۇرۇش ۋە ئامېرىكانىڭ باشقا مۇھىم ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش بۇنداق ئۇسۇل بىلەن ماس كېلىدۇ[41].

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك قاناللارنى ساقلاپ قالغان ئەھۋالدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈنئىي ئەقىلنى ئىشلىتىش نورمىلىرىنى بەلگىلەش، ئىقلىم ئۆزگىرىشىنى باشقۇرۇش ۋە پەسەيتىش، دۇنياۋى ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزملىرىنى كۈچەيتىش قاتارلىق دۇنياۋى باشقۇرۇشنىڭ چوڭ مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىشىش يوللىرىنى تېپىشى مۇمكىن.

بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئۆزى ياخشى بولۇپلا قالماي، ئەگەر ئۈنۈملۈك ۋە ياخشى نىيەتتە ئېلىپ بېرىلسا، بۇنداق ھەمكارلىق بىرگە مەۋجۇت بولۇشنى كۈچەيتەلەيدۇ.

خۇلاسە

يۇقىرىدا سۈرەتلەنگەن تېخىمۇ مۇقىم ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قاراپ مېڭىش قىيىن بولىدۇ. بۈگۈنكى مۇناسىۋەتتىكى خەتەرلەرگە مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش چارىسى يوق. شۇنداقتىمۇ، رېئاللىققا ئۇيغۇن ياخشىراق ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىرەر تەسەۋۋۇر ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ بولمىسا، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇن خەتەر ۋە توزاقلار ئەتراپىدىن يول تېپىپ مېڭىشى تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ.

بۇلارنىڭ بەزىلىرى ناھايىتى مۇھىم. ئامېرىكانىڭ دۇنيادا نۇرغۇن مەنپەئەتلىرى بار، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى خىتاي بىلەن ئۇرۇشتىن ساقلىنىش. خىتاي ئۇرۇشنىڭ بېسىمى ئاستىدا چوقۇم يىمىرىلىدۇ، ئەمما ئامېرىكامۇ ھەقىقەتەن چوڭ كۈچلەر ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زور تالاپەتلەر تۈپەيلىدىن چوڭ دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.

ئىككى تەرەپ شۇنداق قىلىشنى خالىغان تەقدىردىمۇ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاقىلانە باشقۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان چەكلىمە ۋە تەرتىپنى ساقلىيالىشىغا ھېچقانداق كاپالەت يوق. ئەمما تارىختا بۇنىڭدىن بەك مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارالغان  ئىشلارمۇ يۈز بەرگەن، شۇڭلاشقا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ بۇنى ئىمكانسىز دەپ قاراش خەتەرلىك.

 

 

  • Elbridge Colby, Strategy of Denial (New Haven: Yale University Press, 2021); Kevin Rudd, Avoidable War: The Dangers of a Catastrophic Conflict between the US and Xi Jinping’s China (New York: PublicAffairs, 2022); Michael Beckley and Hal Brands, Danger Zone: The Coming Conflict with China (New York: W. Norton & Company, 2022); Robert D. Blackwill and Richard Fontaine, Lost Decade: The U.S. Pivot to Asia and the Rise of Chinese Power (New York: Oxford University Press, 2024).
  • Robert Jervis, Perception and Misperception in International Affairs (Princeton: Princeton University Press, 1976).
  • See George Herring, From Colony to Superpower (Oxford University Press: 2018), 771; see also Raymond
  1. Garthoff, Detente and Confrontation : American-Soviet Relations from Nixon to Reagan, revised edition (Washington, D.C.: Brookings Institution, 1994); Henry Kissinger, White House Years (Boston: Little Brown and Co., 1979); Anatoly Fedorovich Dobrynin, In Confidence: Moscow’s Ambassador to America’s Six Cold War Presidents (1962-1986) (New York : Times Books, Random House, 2001).

(New York: Random House, 1987).

on Push to Be Self-Reliant in Tech, Premier Says,” Reuters, https://www.reuters.com/world/china/china- stresses-need-tech-reliance-firms-should-lead-innovation-2023-03-05/; Chris Buckley, “Xi Sticks to His Vision for China’s Rise Even as Growth Slows,” New York Times, March 9, 2024, https://www.nytimes. com/2024/03/09/world/asia/china-economy-xi.html.

Goldman Sachs, December 8, 2022, https://www.goldmansachs.com/insights/articles/ the-global-economy-in-2075-growth-slows-as-asia-rises.

current levels of economic interdependence with America, Europe, and other Asian economies that would probably be lost as a consequence of a war will tend to act as a deterrent against Beijing initiating one. For academic literature that broadly supports this framing see Dale C. Copeland, “Economic Interdependence and War.” International Security 20, no. 4 (Spring 1996): 5-41. See also, Philippe Martin, Thierry Mayer, and Mathias Thoenig, “Make Trade Not War?” Review of Economic Studies 75, no. 3 (2008): 865–900; J.

  1. Oneal, F.H. Oneal, Z. Maoz, Z., and B. Russett, “The Liberal Peace: Interdependence, Democracy, and International Conflict, 1950-85”. Journal of Peace Research 3, no. 1 (1996): 11-28. For an alternative view see Katherine Barbieri, «Economic Interdependence: A Path to Peace or a Source of Interstate Conflict?» Journal of Peace Research 33, no. 1 (1996): 29-49; Henry Farrell, Abraham L. Newman, “Weaponized Interdependence: How Global Economic Networks Shape State Coercion” International Security 44, no.1 (2019): 42–79.

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*