شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش (ھەرىكىتى)

2024-يىلى 13-نويابىر

 

ئەسكەتىش: ماقالىنىڭ يازغۇچىلىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامىنى شىنجاڭ دەپ ئالغان بولۇپ، بىز ماقالىنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ دەپ ئالدۇق. بۇ ھەرگىزمۇ ئىنىستۇتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

يازغۇچى: لىندسەي مېيزلاند  Lindsay Maizland

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلئەزىز ئاقھۇن

مۇھەررىر: ئابدۇرېھىم دۆلەت

قىسقىچە مەزمۇنى:

 

  • تەخمىنەن 11 مىليون ئۇيغۇر – مۇسۇلمان، تۈركىي تىللىق مىللەت – غەربىي شىمالىي رايون شىنجاڭدا ياشايدۇ.
  • خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە تۇتقۇن قىلىنمىغانلارنى كەسكىن نازارەت، دىنىي چەكلىمىلەر، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا دۇچار قىلغان.
  • ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتكەن بولۇپ، ب د ت دوكلاتىدا بۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇشى مۇمكىنلىكى بايان قىلىنغان.

 

كىرىش سۆز

 

دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا قانۇنسىز شەكىلدە قامىغان. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭ رايونىدا ياشايدىغان تۈركىي تىللىق مىللەت. تۇتقۇن قىلىنىشتىن باشقا، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارئۇزۇن زاماندىن بېرى، ئىنچىكە نازارەت، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق باشقا ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگىمۇ ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە باشقا بىر قانچە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتكەن بولۇپ، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە 2019-يىلى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى تاقىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئەمما، خەلقئارالىق مۇخبىرلار ۋە تەتقىقاتچىلار سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، شەخسلەرنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ۋە پاش بولغان خىتاي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ئارقىلىق پۈتۈن رايوندا داۋاملىشىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش سىستېمىسىنى ھۆججەتلەشتۈرگەن.

مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش قاچان باشلانغان؟

خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھېسابلىشىچە، 2017-يىلدىن باشلاپ تەخمىنەن 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق باشقا مۇسۇلمانلار تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مۇئەسسەسەلەرنى «كەسپىي تەربىيەلەش ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇلار قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى، تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى ۋە تۇتقۇن لاگېرلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بەزى ئاكتىۋىستلار بۇلارنى جازا لاگېرلىرى دەپ تەسۋىرلەيدۇ.

لاگېرلارنىڭ سىرتىدا، رەسمىي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىدىغان شىنجاڭدا ياشاۋاتقان 11 مىليون ئۇيغۇر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نەچچە ئون يىللارچە داۋاملاشقان باستۇرۇشىغا ئۇچرىماقتا.

تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيەلەش ھەرىكەتلىرى 2014-يىلى باشلانغان ۋە 2017-يىلى زور كۆلەمدە كېڭەيتىلگەن. شۇ يىلدىن باشلاپ، ئۇلار يېڭى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەۋجۇت مۇئەسسەسەلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن كېڭەيتىلگەنلىكىنى ھۆججەتلەشتۈرگەن. رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى كۆزىتىپ، 39 لاگېرنىڭ 2017-يىلى ئاپرېلدىن 2018-يىلى ئاۋغۇستقىچە دېگۈدەك ئۈچ ھەسسە چوڭايغانلىقىنى بايقىغان؛ ئۇلار جەمئىي 140 پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى يەرنى ئىگىلىگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، گېرمانىيەدىكى شىنجاڭ مۇتەخەسسىسى ئادرىيان زېنز يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى يەرلىك ۋە دۆلەتلىك خامچوتلارنى تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭدىكى بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك مۇئەسسەسەلەرنىڭ قۇرۇلۇش چىقىمى 2017-يىلى 20 مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 2.96 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) ئاشقانلىقىنى بايقىغان.

2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ رەئىسى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ «ئوقۇشنى پۈتتۈرگەنلىكى»نى ئېيتقان. مۇخبىرلار بىر قانچە لاگېرنىڭ راستتىنلا تاقالغانلىقىنى بايقىغان. ئەمما كېيىنكى يىلى، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) تەتقىقاتچىلىرى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق 380 دىن ئارتۇق گۇمانلىق تۇتقۇن قىلىش مۇئەسسەسەسىنى بايقىغان. ئۇلار خىتاينىڭ بەزى تۆۋەن دەرىجىلىك قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى رەسمىي تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى ياكى تۈرمىلەرگە ئايلاندۇرغانلىقىنى؛ مەۋجۇت تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنى كېڭەيتكەنلىكىنى؛ ۋە شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە يېڭى، يۇقىرى بىخەتەرلىكتىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى قۇرغانلىقىنى بايقىغان. (خىتايلىق ئەمەلدارلار ASPI نىڭ ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن مەبلەغ سېلىنغان خىتايغا قارشى قورال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.) كىشىلەرنى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئورنىغا، ھاكىمىيەت بارغانسېرى رەسمىي ئەدلىيە سىستېمىسىنى كىشىلەرنى يىللاپ قاماش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. 2022-يىلى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، 2017-يىلدىن باشلاپ يېرىم مىليون كىشىنىڭ رەسىمىي جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. بىرلەشمە پىرېس ئاگېنتلىقى بىر ناھىيەدە تەخمىنەن ھەر 25 ئۇيغۇردىن بىرىگە تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەر بىلەن جازا ھۆكۈمى چىقىرىلغانلىقىنى بايقىغان.

شىنجاڭدىكى يۈزلىگەن تۇتقۇن قىلىش ئورۇنلىرى

[سۈرەت – خەرىتە]

2020-يىلى تەتقىقاتچىلار 201 قايتا تەربىيەلەش لاگېرى ۋە 179 تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى ۋە تۈرمىنى ھۆججەتلەشتۈرگەن.

قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا نېمە ئىشلار يۈز بەرگەن؟

قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھېچقانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنمىگەن ۋە ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن ھېچقانداق قانۇنىي يول بولمىغان. ئاخبارات دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۇتقۇن قىلىنغانلار خىلمۇخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نىشانغا ئېلىنغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ سەۋەبلەر تۈركىيە ۋە ئافغانىستان قاتارلىق خىتاي ھېسابلىغان 26 سەزگۈر دۆلەتكە بېرىش ياكى ئۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش؛ مەسچىتلەردە ئىبادەت قىلىش؛ ئۈچتىن كۆپ بالىلىق بولۇش؛ ۋە قۇرئان ئايەتلىرى بار ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ قوشۇمچە قىلىشىچە، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ بىردىنبىر جىنايىتى مۇسۇلمان بولۇشتۇر، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار پەقەت دىنىنى تۇتقانلىقى ئۈچۈنلا رادىكال دەپ قارالغان.

ب د ت نىڭ دوكلاتى خەلقئارالىق مۇخبىرلار، تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرىكى بايقاشلىرىنى تەستىقلىغان. تۈرلۈك ئاشكارىلاشلار تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە سادىقلىق قەسىمى قىلىشقا ۋە ئىسلامدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، شۇنداقلا كوممۇنىزمنى مەدھىيەلەش ۋە خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇر قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بەزى كىشىلەر كامېرا ۋە مىكروفونلار بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ۋە سۆزىنى نازارەت قىلىدىغان شارائىتى تۈرمىگە ئوخشاش يەرلەرنى مەلۇم قىلغان. باشقىلار سوراق جەريانىدا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇخلىماسلىققا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئېيتقان. ئاياللار زوراۋانلىققا ئۇچراش، جۈملىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچراش ھەققىدە كەچۈرمىشلىرىنى ئورتاقلاشقان. بەزى قويۇپ بېرىلگەن تۇتقۇنلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ئويلىغان ياكى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىغا گۇۋاھ بولغان.

تۇتقۇن قىلىش يەنە ئائىلىلەرنىمۇ بۇزغان. ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا ئەۋەتىلگەن بالىلار كۆپىنچە دۆلەت باشقۇرىدىغان يېتىمخانىلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. چەت ئەلدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار يۇرتقا قايتىپ بالىلىرى بىلەن بىللە بولۇپ تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىش، ياكى چەت ئەلدە قېلىپ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشالماسلىقتىن ئىبارەت قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەن.

خىتاي ئەمەلدارلار لاگېرلار توغرىسىدا نېمە دەيدۇ؟

ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دەسلەپتە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئۇلار شىنجاڭدا «كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرى» بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىغان. ئۇلار بىر ھۆكۈمەت دوكلاتىدا ئېيتىلغاندەك، لاگېرلارنىڭ ئىككى مەقسىتى بارلىقىنى ئاشكارا بايان قىلغان: خىتايچە، خىتاي قانۇنلىرى ۋە كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگىتىش، ھەمدە پۇقرالارنىڭ رادىكال ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، «تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى بۆشۈكىدە يوقىتىش»لاردىن ئىبارەت. ئەمەلدارلار شىنجاڭدا 2016-يىلى دېكابردىن بۇيان تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، لاگېرلارنىڭ زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

دەپسەندىچىلىكلەرگە قارىتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئەيىبلىشى كۈچەيگەنسېرى، خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە دۆلەت ئاخباراتلىرى شىنجاڭ ھەققىدىكى دوكلاتلارنى تۈرلۈك تاكتىكىلار بىلەن يالغانغا چىقىرىشقا، جۈملىدىن خاتا ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئاكتىۋىستلارنى پاراكەندە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇلار «خىتايغا قارشى كۈچلەر»نىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدە «كونا يالغانلارنى» تارقىتىۋاتقان دېگەن سۆزلەرنى تەكرارلىغان. بېيجىڭ ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ دوكلاتنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان. دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتايلىق ئەمەلدارلار بۇنى يالغان ئۇچۇر دېگەن ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ «نۇرغۇن مىش-مىش گەپ ۋە يالغانلارنى تارقاتقانلىقى» غا قارشى رەددىيە ئېلان قىلغان.

خىتاي نېمىشقا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئالىدۇ؟

شىنجاڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1949-يىلى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن بېرى خىتاينىڭ تەۋەلىكى دەپ دەۋا قىلىنىپ كەلگەن. ئۇ يەردە ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار بۇ رايوننى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدۇ ۋە خىتايدىن مۇستەقىل بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. شىنجاڭ خىتاي زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ ۋە ئافغانىستان، پاكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ دەۋرىدە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دىننى خىتايلاشتۇرۇش، يەنى بارلىق دىنلارنى رەسمىي دىنسىز پارتىيەنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە كۆپ سانلىق خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تۇتقان. گەرچە ھۆكۈمەت بۇددىزم، كاتولىك، داۋىزم، ئىسلام ۋە پىروتېستانت دىنى قاتارلىق بەش دىننى ئېتىراپ قىلسىمۇ، چەتئەللىكلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلەردىن بۆلگۈنچىلىكنى قوزغاش ئۈچۈن پايدىلىنىشىدىن ئۇزۇندىن بۇيان ئەنسىرەپ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئارا-تۇرا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش سۈپىتىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقانداق ئىسلامىي ئىپادىلەرنى رادىكاللىق دەپ سۈپەتلەشكە باشلىغان. ھۆكۈمەت يېقىنقى ئون يىللاردا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى جەڭچى ئۇيغۇرلار قۇرغان بۆلگۈنچى گۇرۇپپا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ئارتقان. (2020-يىلى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بۇ گۇرۇپپىنىڭ كەم دېگەندە ئىلگىرىكى ئون يىل ئىچىدە، شىنجاڭدا پائالىيەت قىلغانلىقىغا ئىشەنچلىك دەلىل يوقلۇقىنى ئېيتىپ، ئۇنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن.) 9/11 ھۇجۇمىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئاقلاشقا باشلىغان. ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ» – بۆلگۈنچىلىك، دىنىي رادىكاللىق ۋە خەلقئارالىق تېررورلۇق بىلەن ھەرقانداق بەدەل تۆلەپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2009-يىلى، شىنجاڭنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە ئاساسەن ئۇيغۇر نامايىشچىلار دۆلەت تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن خىتايلارنىڭ رايونغا كۆچۈشى ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت كەمسىتىشىگە قارشى نامايىش قىلغان. تەخمىنەن ئىككى يۈز كىشى ئۆلگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇنى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇئامىلىسىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارىغان. بېيجىڭنىڭ نەزىرىدە، بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورىست ياكى تېررورىستلارنى قوللىغۇچى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارئىدى. كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ھاكىمىيەت يەرلىك ھۆكۈمەت ئىدارىسى، پويىز ئىستانسىسى ۋە ئوچۇق بازاردىكى ھۇجۇملارنى، شۇنداقلا بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ۋەقەنىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئارتقان.

2014-يىلى شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن شى جىنپىڭ «دىنىي رادىكاللىقنىڭ زەھىرى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ۋە بىر قاتار مەخپىي نۇتۇقلىرىدا ئىسلامىي رادىكاللىقنى يوقىتىش ئۈچۈن «دىكتاتۇرلۇق قوراللىرى»نى ئىشلىتىشنى تەرغىب قىلغان. نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 2019-يىلى ئاشكارىلىغان بۇ نۇتۇقلاردا، شى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا ئوچۇق-ئاشكارا چاقىرىق قىلمىغان بولسىمۇ، شىنجاڭدىكى باستۇرۇشنىڭ ئاساسىنى سالغان.

بۇ چەكلىمىدە ئىقتىسادىي ئامىللار مەۋجۇتمۇ؟

شىنجاڭ خىتاينىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئارقىلىق سوزۇلغان زور كۆلەملىك تەرەققىيات پىلانى بولغان «بەلباغ ۋە يول تەشەببۇسى»نىڭ مۇھىم ھالقىسى. بېيجىڭ شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەر قانداق ئېھتىماللىقىنى تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شىنجاڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ كۆمۈر ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە. ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى شىنجاڭدىكى تەبىئىي بايلىق ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن كۆپىنچە خىتايلار بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانسېرى چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

كۆپلىگەن دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇن كىشىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2017-يىلدىن 2020-يىلغىچە، ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان 80 مىڭ ئۇيغۇر خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 83 دۇنيا ماركىسىغا باغلانغان زاۋۇتلارغا ئەۋەتىلگەن. ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارالىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنىڭ مۇھىم ئېلېمېنتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا شىنجاڭنى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەركىزى قىلىشنىڭمۇ كىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتايلىق ئەمەلدارلار بۇ سىياسەتنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دەپ تەسۋىرلىگەن.

لاگېرلارنىڭ سىرتىدا نېمە ئىشلار يۈز بەرمەكتە؟

بۇ رايونغا زىيارەتكە كەلگەن خەلقئارالىق مۇخبىرلار شىنجاڭنىڭ مىليونلىغان كىشىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئەڭ يېڭى تېخنىكىغا تايىنىدىغان نازارەت دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. چېننىڭ دەۋرىدە، ئاخبارات دوكلاتلىرىدا تەسۋىرلەنگەندەك، شىنجاڭ تور باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاستىغا قويۇلغان بولۇپ، شەھەر-يېزىلار تەخمىنەن 500 كىچىك كاتەكچىلەرگە بۆلۈنگەن. ھەر بىر كاتەكچىدە ساقچىخانا بار بولۇپ، ئۇلار ئاھالىنىڭ كىملىكلىرىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ، سۈرەت ۋە بارماق ئىزلىرىنى ئېلىپ، يانفونلىرىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى قاتتىق نازارەت قىلىدۇ. غەربىي شىنجاڭدىكى قەشقەردەك بەزى شەھەرلەردە، ھەر 100 مېتىردا بىرساقچى تەكشۈرۈش پونكىتى بار بولۇپ، يۈز تونۇش كامېرالىرى ھەممە يەردە بار. ھۆكۈمەت يەنە «ھەممەيلەن ئۈچۈن تەن ساقلىقىنى تەكشۈرتۈش» دەپ تەشۋىق قىلىنغان مەجبۇرىي پىروگرامما ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ بىئومېتىرىك ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ ساقلايدۇ.

بۇ ئۇچۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى «بىرگەۋدىلەشكەن سۇپا» دەپ ئاتىلىدىغان زور كۆلەملىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا توپلىنىدۇ، ئاندىن سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئاتالمىش گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ تىزىملىكى تۈزۈلىدۇ. خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسى 2019-يىلى ئاشكارىلىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىدە، 2017-يىلى 6-ئايدىكى يەتتە كۈن ئىچىدە 15 مىڭدىن ئارتۇق شىنجاڭلىقنىڭ ئالگورىزمنىڭ بەلگىلىشى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنى «پۈتۈنلەي ئويدۇرما» دېگەن.

مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭدىن قىلغان خەۋەرلىرىدە بايقىلىشىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. 2014-يىلدىن باشلاپ پارتىيە ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرىدە تۇرۇپ، روزا تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق «ئەشەددىي» ھەرىكەتلەرنى مەلۇم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىنغان. مەمۇرلار مىڭلىغان مەسچىتلەرنى بۇزۇۋەتكەن بولۇپ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بىنالارنىڭ قۇرۇلۇشى ناچار ۋە ئىبادەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن بىخەتەر ئەمەس دەپ باھانە كۆرسەتكەن. ئۈرۈمچىدە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھالال يېمەكلىككە قارشى تۇرۇش پائالىيىتى سەۋەبلىك، ئىسلام قائىدىسى بويىچە تەييارلانغان ھالال تاماقلارنى تېپىش تېخىمۇ قىيىنلاشقان.

ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلگەن ۋە بالىياتقۇغا ئۈزۈك سېلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغان، ئەمەلدارلار تۇغۇت چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان ياكى بەك كۆپ پەرزەنتلىك بولغانلارنى تۇتقۇن قىلىش بىلەن تەھدىت سالغان. زېنز ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئىككى ۋىلايىتىدە تەبىئىي نوپۇس ئۆسۈش نىسبىتى (كۆچمەن نوپۇس ئۆزگىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 2015-يىلدىن 2018-يىلغىچە 84 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى، 2019-يىلى تېخىمۇ تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا بالىلىرىغا مۇھەممەد ۋە مەدىنەدەك مۇئەييەن ئىسىملارنى قويۇش چەكلەنگەن.

بېيجىڭ يەنە باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتايدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشقا مەجبۇرلىغان. ۋىلسون مەركىزى 2022-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، چەت ئەلدىكى 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇرۇۋاتقان دۆلىتىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ياكى خىتايغا قايتۇرۇلۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى بايقالغان. مەسىلەن: 2015-يىلى تايلاند 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قايتۇرغان، 2017-يىلى مىسىر بىر قانچە ئوقۇغۇچىنى قايتۇرغان. خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسى ئاشكارىلىغان ھۆججەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلارغا چەت ئەلدە ياشاۋاتقان خىتايلىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاشنى تاپىلىغانلىقى ۋە نۇرغۇنلىرىنىڭ خىتايغا قايتىپ كىرىشى بىلەنلا تۇتقۇن قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

دۇنيانىڭ كۆپ قىسمى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشىنى ئەيىبلىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى خىتاينى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ قەيەردىلىكىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى. بۇ ئىشخانا 2022-يىلى دوكلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتىتېدىكى بىر قانچە غەرب دۆلىتى خىتايغا قارشى قارار لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇشنى، تەكشۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇشنى مۇلاھىزە قىلغان.

كانادا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتنىڭ قانۇن چىقارغۇچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى؛ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 1-ئايدا بۇنى تۇنجى بولۇپ جاكارلىغان. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق خىتايلىق ئەمەلدارلار ۋە ئورۇنلارغا جازا يۈرگۈزدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ 2021-يىلى خىتايلىق ئەمەلدارلارغا جازا يۈرگۈزدى، بۇ بىرلەشمىنىڭ 1989-يىلدىن بۇيان خىتايغا تۇنجى قېتىم چەكلىمە قويۇشى ئىدى.

بۇنىڭدىن سىرت، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا چەكلىمە قويدى. ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئارقىلىق بۇ رايوندىن كىرىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلارغا ئاساسەن چەكلىمە قويدى. ئەنگلىيە زەنجىرلىك تەمىنلەشتە مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىغان شىركەتلەرگە جەرىمانە قويۇش تەدبىرلىرىنى تەكلىپ قىلدى. ياۋروپا پارلامېنتى 2022-يىلى ئوتتۇرىلىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەشكە چاقىرىدىغان مەجبۇرىي كۈچكە ئىگە بولمىغان قارار ماقۇللىدى.

خىتاينىڭ شېرىكلىرى  بولسا روشەن سۈكۈت قىلدى. نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە پەرۋا قىلمىدى. 2022-يىلى 6-ئايدا 60 دۆلەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئىنسان ھەقلىرىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى» تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئىمزالىدى. پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق مۇسۇلمان كۆپ سانلىق دۆلەتلەر بۇ باياناتقا ئىمزا قويغانلارنىڭ قاتارىدا ئىدى. ئىنسان ھەقلىرى گۇرۇپپىلىرى مۇسۇلمان كۆپ سانلىق دۆلەتلەرنى بۇ دەپسەندىچىلىكلەرگە رازى بولغانلىقى ئۈچۈن تەنقىد قىلدى.

تەۋسىيە قىلىنغان مەنبەلەر

  • ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى 2022-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتتا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى دەپسەندىچىلىكلىرىنى خاتىرىلىگەن.
  • ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ نۇرى تۈركەل ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ بېت ۋان شاك Foreign Affairs ژۇرنىلىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
  • BBC شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى نامى بىلەن تونۇلغان ھۆججەتلەر توپلىمىدىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق خىتاينىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بەردى.
  • خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ساق قالغۇچىلار New Yorker ژۇرنىلىدا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
  • The President’s Inbox رادىيو پىروگراممىسىدا ئۇيغۇر مۇخبىر گۈلچېھرە خوجا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشى ھەققىدە پاراڭلاشتى.
  • BuzzFeed يېڭى قۇرۇلغان زاۋۇتلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىپ، شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
  • مۇخبىر نىتىن كوكا Foreign Affairs ژۇرنىلىدا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشلىرىنىڭ ئۇنىڭ مۇسۇلمان كۆپ سانلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلدى.

 

مەنبە:  China’s Repression of Uyghurs in Xinjiang | Council on Foreign Relations

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*