ئۇقتۇرۇش
ئىنستىتۇتىمىز، 2018 – يىلى 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنىدىن 29 – كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا 22 – 35 ياش ئارىسىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن، ئىنگلىزچە سەۋىيەسى ياخشى ئۇيغۇر ياشلىرىغا «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە» بويىچە بىر ھەپتىلىك كۇرس ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. قوبۇل قىلىنىدىغان كۇرسانتلار يۇقىرى سانى 10 بولۇپ، قىزىققۇچىلارنىڭ 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە editor@uysi.org ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: ئەركىن ئەكرەم
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى
2018- يىلى 13 – سېنتەبىر
ئەسكەرتىش: ئىلتىماس سۇنغۇچىلارنىڭ ئىسمى – فامىلىسى، تۇرۇۋاتقان دۆلىتى، ئوقۇش تارىخى قاتارلىقلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى قوشۇپ يوللىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. باشقا ئەتراپلىق ئۇچۇرلار قوبۇل قىلىنغان كۇرسانتلارغا ئايرىم يوللاپ بېرىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















