
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پەنلىرى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان «Foreign Affairs» ژۇرنىلىنىڭ 2025-يىللىق نويابىر/دېكابىر سانىدا ئېلان قىلىنغان ۋە 2025-يىلى 21-ئۆكتەبىر ئاۋامنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلغان، جۇلىئان سمىس ۋە لىندسېي فورد ئىمزالىق «يېڭى ياۋرو-ئاسىيا تەرتىپى: ئامېرىكا ئاتلانتىك ئوكيان ۋە تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى بىر-بىرىگە باغلىشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى، يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئۈچىنچى ئون يىلىدا شەكىللىنىۋاتقان يەرشارىۋى كۈچ-قۇدرەت تالىشىش كۈرىشىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ يېڭى تەرتىپكە ماسلىشىش زۆرۈرىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىنتايىن مۇھىم ۋە دەل ۋاقتىدا يېزىلغان بىر ئانالىزدۇر. ماقالىدە، ئامېرىكانىڭ رەقىبلىرى دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا، ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدە بارغانسېرى بىرلىشىۋاتقان ۋە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان يېڭى بىر گېئوپولىتىك گۇرۇھنىڭ مەيدانغا كېلىشى مەركەز قىلىنغان. ئاپتورلار، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دەۋردە ئامېرىكا تەرىپىدىن قوللىنىلغان ۋە ياۋروپا (ئاتلانتىك ئوكيان) بىلەن ئاسىيا (تىنچ ئوكيان) بىخەتەرلىك سەھنىلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىم مۇئامىلە قىلىدىغان ئەنئەنىۋى تاشقى سىياسەت پارادىگماسىنىڭ ئەمدى رولىنى يوقاتقانلىقىنى ۋە ھازىرقى تەھدىتلەر ئالدىدا خەتەرلىك دەرىجىدە يېتەرسىز قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ تەتقىقات، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاساسىي پىكىرلىرىنى، ئوتتۇرىغا قويغان دەلىللىرىنى ۋە سىياسەت تەكلىپلىرىنى، تېكىستنىڭ ئۆز ئىچكى قۇرۇلمىسىغا ئەگىشىپ، قاتمۇ-قات ئانالىز قىلىشنى ۋە تەنقىدىي باھالاشنى مەقسەت قىلىدۇ.
1. يېڭى گېئوپولىتىك رېئاللىق: ياۋروئاسىيا سەھنىسىدىكى ماسلاشقان رىقابەت
سمىس ۋە فورد ئانالىزىنى يەرشارى بىخەتەرلىك مۇھىتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ۋەقە بىلەن باشلايدۇ. 2024-يىلى 28-ئۆكتەبىر، كورېيەلىك ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ بىريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) غا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئىتتىپاقنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى باشقا ئۈچ ھەمراھى ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەگە، شىمالىي كورېيەنىڭ مىڭلىغان ئەسكىرىنى رۇسىيەنىڭ كۇرسك رايونىغا ئەۋەتىپ، موسكۋانىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلىشى، ماقالىنىڭ ئاساسىي تېزىسىنى كونكرېتلاشتۇرىدىغان بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇ ئۆزگىرىش، پەقەت شىمالىي كورېيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىشى نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى سېئۇلنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات ئانالىزچىلىرىنى بۇ ئۇچۇرنى ھەمبەھرىلەش ئۈچۈن بىريۇسسېلغا ئەۋەتىشى بىلەنمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. بۇ ئىككى ۋەقە، ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، ئەمدى سەل قاراشقا بولمايدىغان يېڭى بىر رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ: ئامېرىكانىڭ رەقىبلىرى، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىپ، ياۋروئاسىيادا بىرلىككە كەلگەن رىقابەت سەھنىسىنى ياراتماقتا. بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىمۇ ئۆزئارا يېقىنلىشىپ، بۇ يېڭى تەھدىت تۇيغۇسىغا جاۋاب قايتۇرماقتا. AUKUS (ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا) بىخەتەرلىك شەرتنامىسى، ناتونىڭ يىللىق يىغىنلىرىغا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تەكلىپ قىلىشى ۋە 2024-يىلى ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دورا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى بۇزۇش ئۈچۈن بىر ئىتتىپاق قۇرۇشى قاتارلىق تەشەببۇسلار، بۇ يۈزلىنىشنىڭ دەسلەپكى كونكرېت قەدەملىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنماقتا.
ئەمما ئاپتورلار، دەل مۇشۇ رايونلار ئارا ھەمكارلىق ھاياتىي مۇھىملىققا ئىگە بولغان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىگە قارىتىلغان بۇ «رايون ھالقىغان» (trans-regional) ئۇسۇلدىن ۋاز كېچىۋاتقاندەك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەندىشە بىلەن تىلغا ئالماقتا. ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى ئېلبرىج كولبىينىڭ، ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىنى ھىندى-تىنچ ئوكيانغا بىر ئاۋىياماتكا ئەۋەتىش پىلانىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى ۋە ئۇلارغا «بىز سىلەرنى ئۇ يەردە كۆرۈشنى خالىمايمىز» دېگەن ئۇچۇرنى بېرىپ، تېخىمۇ يېقىن تەھدىتلەرگە، يەنى رۇسىيەگە مەركەزلىشىشىنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ھەققىدىكى دەۋا، بۇ ئىستراتېگىيەلىك چېكىنىشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە. ۋاشىنگتوننىڭ ئاسىيالىق ۋە ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆز «مەھەللىلىرى» گە سادىق قېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان بۇ سىياسىتى، ئاپتورلار تەرىپىدىن «ئۆتمۈشكە قايتىش» ۋە ھازىرقى دەۋرنىڭ روھىغا «ماس كەلمەيدىغان» بىر تاشقى سىياسەت دەپ سۈپەتلەنمەكتە. چۈنكى خىتاي ۋە رۇسىيە، تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، قورال-ياراغ ۋە تېخنىكا ھەمبەھرىلەۋاتىدۇ ۋە بىرلىكتە، ئامېرىكانىڭ ئون يىللاردىن بۇيان دۇچ كەلگەن ئەڭ قىيىن تەھدىتلەرنىڭ بىرىنى شەكىللەندۈرمەكتە. ماقالىنىڭ بۇ بۆلىكىدىكى ئاساسىي پىكىر، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى سىزىقلارنىڭ بارغانسېرى خىرەلىشىۋاتقانلىقى ۋە بىر قىتئەدىكى كرىزىسلارنىڭ يەنە بىر قىتئەدە بىۋاسىتە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىدەك بىر رېئاللىقتدۇر. شۇڭلاشقا ئامېرىكا، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۆزئارا قۇرغان بۇ يېڭى تورلىرىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، ۋاشىنگتون ئۆزىنى يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ گىرۋىكىدە قېلىش خەۋپىگە دۇچار قىلىدۇ.
2. ئامېرىكا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تارىخىي كودى: سپايكېماننىڭ مىراسى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى كۈچتىن قېلىشى
ماقالە، ئامېرىكانىڭ يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەسىنىڭ تارىخىي ئاساسلىرىغا چوڭقۇرلاپ، ھازىرقى سىياسەت ئۆزگىرىشىنىڭ قانچىلىك رادىكال بىر ئۈزۈلۈش ئىكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا نامايان قىلىدۇ. 1940-يىللاردا سىياسەتشۇناس نىكولاس سپايكېماننىڭ، ياۋروئاسىيانىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى رايونلارنى، يەنى «گىرۋەك بەلۋاغلىرى» (rimlands) نى كونترول قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن مەشھۇر نەزەرىيەسى نەقىل كەلتۈرۈلىدۇ: «كىمكى گىرۋەك بەلۋاغلىرىنى كونترول قىلىدىكەن، ئۇ ياۋروئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. كىمكى ياۋروئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىكەن، ئۇ دۇنيانىڭ تەقدىرىنى كونترول قىلىدۇ.». ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، دونالد ترامپتىن باشقا، شۇ ۋاقىتتىن بۇيانقى ھەر بىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى سپايكېماننىڭ بۇ ئاساسىي چۈشەنچىسىنى ئورتاقلاشقان. بۇ پىرېزىدېنتلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتىگە تەھدىت سېلىشى مۇمكىن بولغان كۈچلۈك بىر ياۋروئاسىيا گۇرۇھىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىقى كېرەكلىكى توغرىسىدىمۇ بىردەك پىكىردە بولغان. رايونلۇق كۈچلەرنىڭ، مەيلى ئىتتىپاقداش سۈپىتىدە بولسۇن ياكى ئامېرىكاغا قارشى ماسلاشقان ئۆكتىچىلىك ئىچىدە بىر يەرگە جەم بولۇشى، ئامېرىكانىڭ ئۈستۈنلۈكىگە قارىتىلغان بىر تەھدىت دەپ قارالغان. شۈبھىسىزكى، بۇ ئەھۋال 1910-ۋە 1930-يىللاردا يۈز بەرگەندە، ئامېرىكا ئىككى قېتىملىق ۋەيران قىلغۇچ دۇنيا ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىرىلگەن. بۇ تارىخىي ساۋاقنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھەم ئاسىيا ھەم ياۋروپا بىخەتەرلىكىگە مەھكەم باغلانغان، ئەمما كېيىنكى 50 يىلدا رەقىبلىرىنى بۆلۈنگەن، ئىتتىپاقداشلىرىنى بولسا ئايرىم ھالدا تۇتۇشقا تىرىشقان.
بۇ ئۇسۇل، ئامېرىكا ھۆكۈمرانلىقىنى ئون يىللارچە داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، سمىس ۋە فوردنىڭ قارىشىچە ئەمدى «مەقسىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس». ئامېرىكا ھازىر، باش كۆتۈرۈۋاتقان بىر ياۋروئاسىيا ھەربىي-سانائەت گۇرۇھىنىڭ ئېھتىماللىقىغا دۇچ كەلمەكتە. سېتىۋېلىش كۈچى بويىچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاي، رۇسىيە بىلەن ئىسمى ئېنىق قويۇلمىغان بىر ئىتتىپاق ماھىيىتىدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى قۇرماقتا. ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ئارمىيەسى ۋە تور ھۇجۇملار، دېڭىز تىرانسپورتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە دېزىنفورماتسىيە پائالىيەتلىرى قاتارلىق ئارىلاش ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتا ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسى بار. رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئۆزئارا مۇداپىئە شەرتنامىسى ئىمزالىشى، خىتاينىڭ بېلۇرۇسىيە ۋە سېربىيە بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى بۇ گۇرۇھنىڭ ھەربىي تەرىپىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان قەدەملەردۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ۋە رۇسىيە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (SCO) ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇپپىسى ـ BRICS قاتارلىق ئاپپاراتلاردىن پايدىلىنىپ، پىلانلىرىغا بىر خىل قانۇنىيلىق تۈسىنى بېرىشكە ئۇرۇنماقتا.
ئاپتورلار، بۇ بوشاڭ رەقىبلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتتىن بەكرەك «ئورتاق شىكايەتلەر» تەرىپىدىن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ بۇنى كۆرمەسكە سېلىۋالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ۋاشىنگتون، رايونلار ئارا مۇناسىۋەتلەرگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىرىنى بىرلەشتۈرۈشى لازىم. پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ «دېموكراتىك ئىتتىپاقلارنىڭ مۇسكۇللىرىنى» بەرپا قىلىش تەسەۋۋۇرى ۋە AUKUS شەرتنامىسىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداش مۇداپىئە سانائەتلىرى ئارىسىدا يېڭى ئالاقىلەرنى قۇرۇش تىرىشچانلىقى، بۇ ئېھتىياجنى ھېس قىلغان قەدەملەر سۈپىتىدە ماختالماقتا. چۈنكى ئىتتىپاقداشلارمۇ بۇ يېڭى رېئاللىقنى ھېس قىلماقتا. ئۇكرائىنادا رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىۋاتقان خىتاي تېخنىكىلىرى ۋە شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرى، ياۋروپالىق شېرىكلەرنىڭ ئاسىيا گېئوپولىتىكىسىنىڭ گىرۋىكىدە قېپقالالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە سەۋەب بولدى. ئوخشاش شەكىلدە، ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى شېرىكلەرمۇ ئۇكرائىنادا بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ، ئەتە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. ياپونىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوشىماسا ھاياشىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «ياۋروپادىكى بىخەتەرلىك بىلەن تىنچ ئوكياندىكى بىخەتەرلىك بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.». يېقىنقى يەتتە يىلدا فىرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، ئاسىيا دېموكراتىك دۆلەتلىرى بىلەن چىداملىق تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇشنىڭ ۋە دېڭىز-ئوكيانلاردا ئەركىن سەپەر قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىغان يېڭى ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەلىرىنى ھازىرلىشى بۇ چۈشەنچىنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر.
3. «قوش بالا»: خىتاي-رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ كۆپ قاتلاملىق ماھىيىتى
سمىس ۋە فورد، ماقالىنىڭ كېيىنكى بۆلەكلىرىدە خىتاي ۋە رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئامېرىكا تەييارلىقسىز قالغان شەكىللەردە قانداق تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي شەرھلەيدۇ. بۇ ئىككى كۈچ، پەقەت ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنىلا ئەمەس، بەلكى شىمالىي كورېيە ۋە ئىران بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپمۇ مەسىلە تۇغدۇرماقتا. ھەم ئاسىيادا ھەم ياۋروپادا بېيجىڭ ۋە موسكۋا، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى بوزەك قىلىش، ئارمىيەلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى، «تەرەققىي تاپقان يەتتە گۇرۇھى» (G-7) ۋە ناتو قاتارلىق دېموكراتىك گۇرۇھلارنىڭ بىرلىكى ۋە ئىقتىدارىنى گۇمان ئاستىغا قويۇش ئۈچۈن «كۈل رەڭ رايون» ھەرىكەتلىرىنى قوللانماقتا. مەسىلەن، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ياپونىيە ۋە كورېيە دېڭىز قىرغاقلىرىدا بىرلەشمە ھاۋا چارلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ بۇ دۆلەتلەرنى قورقۇتۇشقا ئۇرۇنۇشى؛ ياۋروپالىق ئەمەلدارلارنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى سۇ ئاستى كابېللىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېمىلەرنى تەكشۈرۈشى؛ «ياۋروپا سىياسەت مەركىزى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تور دېزىنفورماتسىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ئەمدى «ھەم تاكتىكا ھەم نىشان جەھەتتە بارغانسېرى بىرلىشىشى» بۇ كۈل رەڭ رايون پائالىيەتلىرىگە مىسال قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە. بۇ دېزىنفورماتسىيە پائالىيەتلىرىدە، خىتاي ۋە رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇلىرى، ناتونى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتىن مەسئۇل دەپ كۆرسىتىش ۋە COVID-19 يۇقۇمى ھەققىدە سۇيىقەست نەزەرىيەلىرىنى تارقىتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىر-بىرىنىڭ بايانلىرىنى كۈچەيتمەكتە.
تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ۋە رۇسىيە، كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشلارنى شەكىللەندۈرىدىغان شەكىلدە ئىقتىدارلىرىنى بىرلەشتۈرمەكتە. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى يىللارچە بومباردىمان قىلىشىنىڭ خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ قورال-ياراغ، تېخنىكا ۋە خادىملىرىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارنىڭ ئىپادىلىرىگە قارىغاندا، موسكۋا بۇ ياردەملەرنىڭ ھەققىنى بېيجىڭ ۋە پيوڭياڭغا ئىلگىرى ھەمبەھرىلەشكە ئۇنىمىغان ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان كۆرۈنمەس ئايروپىلان، سۇ ئاستى كېمىسى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىلىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق قايتۇرماقتا. ئامېرىكا ئاخبارات جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەھدىت باھالاش دوكلاتىدا، رەقىبلەرنىڭ بۇ كۈچىيىۋاتقان ماسلىشىشىنىڭ، «ئامېرىكانىڭ بۇ رەقىبلەردىن ھەر قانداق بىرى بىلەن ياشىغان جىددىيچىلىكلىرى ياكى توقۇنۇشىنىڭ يەنە بىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلماقتا. ئوخشاش شەكىلدە، سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلاردىن تەركىب تاپقان پارتىيەلەر ھالقىغان بىر پارلامېنت كومىتېتىمۇ 2024-يىلى، ئامېرىكانىڭ «رۇسىيە، خىتاي، ئىران ياكى شىمالىي كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بىۋاسىتە توقۇنۇشقا كىرگەن تەقدىردە، ئۇ دۆلەتنىڭ باشقىلاردىن ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردەم ئالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشى كېرەكلىكى» توغرىسىدا خۇلاسە چىقارغان.
بۇ ھەمكارلىق، خىتاي ۋە رۇسىيەنى رايونلۇق توقۇنۇشلارنى تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەكتە. ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى، ئۆزلىرىمۇ ھەربىي جەھەتتىن ھەمكارلاشمىغان ئەھۋالدا بۇ قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار بولالمايدۇ. بەختكە يارىشا، ۋاشىنگتوننىڭ دوستلىرى بۇنى ئاللىقاچان قىلماقتا. خۇددى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ياردىمىگە تايانغىنىدەك، ناتومۇ ئۇكرائىنا مۇداپىئەسىنى داۋاملاشتۇرالىدى، چۈنكى ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكانىڭ 155 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك ئوقى ۋە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپىسىنى ئاستىرتتىن تولدۇرۇپ بەردى. ئوخشاش شەكىلدە، ياۋروپانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان سەھنىسىگە قىلغان چەكلىك بولسىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا كېمىلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە ۋە باشقا جايلارغا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر مەزگىلدە، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدا ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بەردى. ئەمما بۇ تەشەببۇسلار ياخشى بىر باشلىنىش بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىشى كېرەكلىكى ئېنىق.
4. كۆپ سەھنىلىك ئۇرۇش خەۋپى ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ سانائەتتە بىرلىشىش زۆرۈرىيىتى
خىتاي ياكى رۇسىيەنىڭ بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش يوشۇرۇن كۈچى، بىرلا ۋاقىتتا كۆپلىگەن سەپلەردە توقۇنۇش يۈز بېرىش، يەنى «كۆپ سەھنىلىك ئۇرۇش» خەۋپىنى ئاشۇرماقتا. ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتېنىڭ ئىيۇل ئېيىدا، تەيۋەن مەسىلىسىدە بىر كىرىزىس يۈز بەرگەن ئەھۋالدا خىتاينىڭ رۇسىيەدىن «ناتو زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ ۋاشىنگتون ۋە شېرىكلىرىنى ياۋروپادا ئالدىراش قىلىپ قويۇشىنى» تەلەپ قىلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى بۇ خەۋپنى كونكرېتلاشتۇرىدۇ. موسكۋا يەنە، ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە تورلىرىغا تور ھۇجۇمى قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتسىز يوللار بىلەنمۇ دۆلەتلەرنى تەيۋەنگە ياردەم بېرىشتىن توسۇپ قېلىشى ياكى دىققىتىنى بۆلۈۋېتىشى مۇمكىن. بۇ ئېھتىماللىق ئالدىدا، ئىتتىپاقداش ئارمىيەلەر ۋە مۇداپىئە پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ كۆپ سەھنىلىك ئۇرۇش ئېھتىماللىقىنى كوللېكتىپ ھالدا بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. ئاپتورلار، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ پايتەختلىرى ئارىسىدا نەقمەيدان ئۇچۇر ھەمبەھرىلەشنى كېڭەيتىپ، ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى ئاجىزلىقلارنى ئازايتىپ، ئېنېرگىيە بازىرىدىكى تەۋرىنىشلەرگە قارشى پىلان تۈزۈپ ۋە ئالەم بوشلۇقى بىلەن تور ھۇجۇمى ئىقتىدارلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىشنى باشلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ، بىر-بىرىنىڭ قورال-ياراغ ئامبارلىرىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن مۇداپىئە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشىنى ماسلاشتۇرۇشى ھاياتىي مۇھىملىققا ئىگە. نىشان، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇم قوراللىرى، ئوق-دورا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بايلىقلىرىنى بىرلەشتۈرمىسە، كەلگۈسىدىكى بىر توقۇنۇشتا ھالقىلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى (CSIS) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش ئويۇنلىرى، ئامېرىكانىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن بولغان بىر ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى سەككىز كۈنى ئىچىدە ئوق-دورا زاپىسىنىڭ تۈگەپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ، پەقەت بېيجىڭنىڭ ھەربىي-سانائەت ئىقتىدارىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا بايلىقلىرىنى ئورتاقلىشىشى لازىم بولىدۇ. ئەگەر رۇسىيەمۇ خىتايغا ئوق-دورا ئەۋەتسە، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كوللېكتىپ بايلىقلىرىنى ئىشلىتىش ئېھتىياجى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.
بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ۋاشىنگتون ياۋروپا ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان سەھنىلىرىدە ئوق-دورا زاۋۇتلىرى قۇرۇش ئارقىلىق ئامېرىكا رەقىبلىرىنىڭ تەمىنلەش لىنىيەلىرىنى كېسىۋېتىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىشى كېرەك. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردە ئامېرىكا سۇپىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاسراش، رېمونت قىلىش ۋە چوڭ رېمونت قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشى، بۇمۇ بىر كىرىزىس جەريانىدا ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ تەييارلىق ۋە ھوشيارلىق ھالىتىنى ئاشۇرىدۇ. ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ يەنە سەھنىلەر ئارىسىدا ئىقتىدارلارنى تېزلىكتە يۆتكەش مەشىقى قىلىشى لازىم. مەسىلەن، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، فىرانسىيە، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكانىڭ ئەسكەر ۋە قورال-ياراغلارنى ئۇزۇن مۇساپىلەرگە توشۇش مەشىقى قىلىدىغان ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «ھەرىكەتچانلىق قوغدىغۇچىسى» ناملىق ھەربىي مانېۋىرىغا تېخىمۇ كۆپ ياۋروپالىق ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقداشلىرىنى كىرگۈزۈشى كېرەك.
5. «گۇرۇپپا سۆھبىتىنىڭ سىرتىدا قېلىش»: ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى
ماقالىدىكى ئەڭ جانلىق ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ بىرى، ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى شەكىللەندۈرگەن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ سىرتىدا قېلىش خەۋپىدۇر. ئاپتورلار، ئاسىيالىق ۋە ياۋروپالىق شېرىكلەرنىڭ، ئامېرىكاغا قارشى بىر «قوغدىنىش» (hedging) مېخانىزمى سۈپىتىدە ئۇزۇندىن بۇيان بىر-بىرىگە يۈزلەنگەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ۋاشىنگتون «ئىشەنچسىز ياكى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان» بولغاندا، ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كۈچىيىش يۈزلىنىشىگە كىرىدۇ. مەسىلەن، تۇنجى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن سودىدىن چېكىنىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ياپونىيە ۋە ۋىيېتنام بىلەن كەڭ دائىرىلىك سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالاشقا ئىتتىرگەن. ئىككىنچى ترامپ ھۆكۈمىتىدە بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيە بىلەن يېڭى سودا كېلىشىملىرى ئىمزالاشقا يېقىنلاشقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېننىڭ ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى پرابوۋو سۇبىيانتونىڭ يېنىدا تۇرۇپ: «ئىقتىسادىي ئېنىقسىزلىق گېئوپولىتىك داۋالغۇش بىلەن بىرلەشكەندە، بىزگە ئوخشاش شېرىكلەر تېخىمۇ يېقىنلىشىشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرى بۇ يۈزلىنىشنى خۇلاسىلەيدۇ.
خىتاي-رۇسىيە ھەمكارلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ تۇراقسىز تاشقى سىياسىتى سەۋەبىدىن، ئاتلانتىك ۋە تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەر بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بىر سەپكە كېلىۋاتىدۇ. 2023-يىلى ياپونىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مەشىق ۋە نۆۋەتلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول ئاچىدىغان بىر كېلىشىم ئىمزالىشى، فىرانسىيە ۋە فىلىپپىننىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر كېلىشىمنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى، ئاۋسترالىيەنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەربىي كېمە ۋە ئايروپىلانلارنى توشۇش ئۈچۈن ئورتاق ئىشلىتىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان بىر ئەشيا ئوبوروتى تەشكىلاتى بولغان ياۋروپا ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزى (Movement Coordination Centre Europe) نىڭ ناتو سىرتىدىكى تۇنجى ئەزاسى بولۇشى بۇ يېقىنلىشىشنىڭ كونكرېت مىساللىرىدۇر. 2024-يىلى نويابىردا بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم ياپونىيە ھەم كورېيە بىلەن يېڭى بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقلىرىنى ئىمزالاپ، بىريۇسسېلنىڭ ئاسىيالىق شېرىكلەر بىلەن تۇنجى قېتىم بۇ دەرىجىدە بىر ھەمكارلىققا كىرگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ھەمكارلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ياكى ئۇنى كىچىكلىتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى «شەكىللەندۈرۈشى» كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاپتورلار، ئەكسىچە يۈز بېرىدىغان خەتەرلەرگە دىققەتنى ئاغدۇرىدۇ. ياۋروپالىق رەھبەرلەر، ئاسىيانىڭ «كەڭ دائىرىلىك ۋە ئىلغار تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق كېلىشىمى» (CPTPP) غا ئاخىرقى ھېسابتا قاتنىشىش نىيىتىنى ھازىردىن باشلاپ ئېنىق بىلدۈرمەكتە. بۇ، ۋاشىنگتوننى دۇنيا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن 30 پىرسەنتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر سودا گۇرۇھىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشى مۇمكىن بولغان بىر ھەرىكەتتۇر. ئامېرىكا، سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكى قائىدىلىرى ياكى سۈنئىي ئەقىل نىزاملىرى قاتارلىق ساھەلەردە شېرىكلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئۆلچەملەرنى ماسلاشتۇرۇش ياكى جەلپ قىلارلىق تاللاشلارنى سۇنۇش ئارقىلىق خەلقئارا سودىنىڭ يۆنىلىشىنى ھېلىھەم بەلگىلىيەلەيدۇ.
ئەمما ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى باشقا ماسلىشىش شەكىللىرى ئامېرىكا ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن. ئىتالىيە، ياپونىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ بىرلىكتە يېڭى بىر كۈرەشچى ئايروپىلان لايىھەلىشى، كەلگۈسىدىكى تۈرلەر ئۈچۈن بىر سىناق مەيدانى ماھىيىتىدىدۇر. ئون يىللاردىن بۇيان، ئىتتىپاقداشلار ئارا ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى (interoperability) ئامېرىكا تېخنىكىلىرى ئەتراپىدا شەكىللەنگەن. ئەگەر ئاسىيالىق ۋە ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلار ئۆزلىرىنىڭ سىستېمىلىرىنى ياسىسا، بۇ بىرلىشىش تېخىمۇ قىيىن ھالغا كېلىشى مۇمكىن ۋە ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىكى بولمىسا ئىتتىپاقداشلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن. ئامېرىكا، ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان يېڭى گۇرۇپپىلاردىن ياكى ئاپپاراتلاردىن يىراق تۇرسا، خەلقئارا سودا ۋە بىخەتەرلىكنىڭ قائىدىلىرىنى بەلگىلەش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە CPTPP ئەزالىرى، ئامېرىكانىڭ تۆھپىسى بولمىغان ئەھۋالدا ئاسىيا ۋە ياۋروپادا رەقەملىك سودا قائىدىلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نىيىتىنى ھازىردىن باشلاپ ئىپادىلەپ بولدى. بۇ خىل تورلار، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئامېرىكا سىياسىتىگە تېخىمۇ بىۋاسىتە قارشى چىقىشى، ياكى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ نىشانلىرىغا قارشى قارشىلىقلىرىنى يۇمشىتىشى مۇمكىن.
6. ئاپپاراتلار ئۇرۇشى ۋە يېڭى تەرتىپ ئىزدەش: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى
ماقالە، يەرشارىۋى رىقابەتنىڭ پەقەت ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىلا ئەمەس، بەلكى ئاپپاراتلار سەۋىيەسىدىمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى ۋە رەقىبلىرىنىڭ قايتىدىن سەپ تۈزىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمرانلىقىنى تەمىنلىگەن ئاپپاراتلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن. گەرچە ئامېرىكانىڭ سانائەت يۈرىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشقا كېرەكلىك كۈچنى تەمىنلىگەن بولسىمۇ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن نەرسە، ۋاشىنگتوننىڭ خەلقئارا قائىدىلەرنىڭ شەرتلىرىنى بەلگىلەش ئىقتىدارى بولغان. خىتاي ۋە رۇسىيە بۇ كۈچنى چۈشىنىدۇ ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن تەلەپ قىلىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (SCO) ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇپپىسى قاتارلىق رايون ھالقىغان ئاپپاراتلار، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ئۈچۈن ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئورنىنى ئالدى. بۇ ئاپپاراتلار ئارقىلىق خىتاي ۋە رۇسىيە، يېڭى پۇل-مۇئامىلە قوراللىرى ۋە دۆلەت باشلامچىلىقىدىكى تور بىخەتەرلىكى مودېللىرىنى قۇرماقتا.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سېنتەبىردىكى تيەنجىن يىغىنى، ئامېرىكا ئۈچۈن نېمىلەرنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. 20 دىن ئارتۇق دۇنيا رەھبىرى ۋە ب د ت باش كاتىپى قاتناشقان يىغىندا، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ، ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر قانچە دۆلەتنىڭ ئۆي قائىدىلىرىنىڭ» يەرشارى ئىشلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا بىلدۈردى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇپپىسى باشلامچىلىقىدىكى ئوخشاش بىر ئاپپاراتقا ۋە خىتاينىڭ «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى» غا قاتنىشىدىغان يېڭى بىر تەرەققىيات بانكىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، شۇنداقلا قانۇن ئىجرا قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى رايونلۇق مەركەزلەر قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بېيجىڭ يەنە يىغىندىن پايدىلىنىپ، يەرشارىۋى ئاپپاراتلاردىكى غەرب تەسىرىنى سۇيۇلدۇرۇش ھەرىكىتى بولغان «يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى» نى ئېلان قىلدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئورگانلار ئون يىللاردىن بۇيان مەۋجۇت بولسىمۇ، خىتاي ۋە رۇسىيە ئۈچۈن ئوخشىمىغان نەتىجىلەرنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىزچىل بوش چاغلىنىپ كەلگەن. ئەمما بۇ چەكلىمىلەرگە قارىماي، رايون ھالقىغان ئورگانلار خىتاي ۋە رۇسىيەگە يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپىنى قۇرۇشتا ئەۋزەللىك ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ ئاپپاراتلارنىڭ چىدامچانلىقى ۋە كېڭىيىشى، بېيجىڭ ۋە موسكۋانىڭ باشقا ئەللەرنىڭ غەرب ئۆلچەملىرى ۋە سودا ئەمەلىيەتلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى ئۆز پايدىسىغا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بېيجىڭ، ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ياۋروپادا تەرەققىيات خىراجەتلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق غايەت زور تەسىرگە ئېرىشتى. دۇنيا ئامېرىكا دوللىرىدىن ۋاز كېچىشتىن يىراق بولسىمۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇپپىسى «دوللاردىن خالىيلاشتۇرۇش» جەريانىنى تېزلىتىشكە ئۇرۇنماقتا.
خۇلاسە ۋە سىياسەت تەكلىپلىرى: قايتىدىن لايىھەلەنگەن بىر رەھبەرلىك زۆرۈرىيىتى
سمىس ۋە فورد ماقالىسىنى ئامېرىكا ئۈچۈن بىر يول خەرىتىسى سۇنۇش ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرىدۇ. خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ دۇنيا تەرتىپىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقى، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەندىشىگە سالدى ۋە ئۇلارنى يېڭى ۋە كۈچلۈك يوللار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى كەڭ كۆلەملىك ئىشغال قىلىشىدىن كېيىن ناتونىڭ ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ «بەش كۆز» (Five Eyes) ئاخبارات ئىتتىپاقىنىڭ ئۇچۇر ھەمبەھرىلەشنى ئاشۇرۇش ۋە تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش قەدەملىرىنى ئېلىشى؛ ۋە « يەتتە دۆلەت گۇرۇھى» (G-7) نىڭ دائىم ئاۋسترالىيە، ھىندىستان ۋە كورېيەنى يىغىنلىرىغا تەكلىپ قىلىشى بۇ ئىجابىي ھەرىكەتنىڭ كۆرسەتكۈچلىرىدۇر.
ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتتىن پايدىلىنىپ ئىتتىپاقداشلارنى تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرالايدۇ. توقۇنۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان ھۆكۈمەتلەر ئارا بىر تەشكىلات بولغان « يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا قوشۇلغانلار» (G-7 Plus)، ھالقىلىق مىنېراللارنىڭ بىخەتەرلىكى ياكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش توغرىسىدا بىر ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ئايلىنالايدۇ. ئامېرىكا تەۋە بولغان ئىككى «تۆت تەرەپ گۇرۇھى» (ھىندى-تىنچ ئوكياندا ئاۋسترالىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە بىلەن؛ ياۋروپادا فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە بىلەن) نىڭ بىرلەشمە يىغىنى، ئىككى رايونلۇق گۇرۇپپىنىڭ ئېكسپورت كونتروللۇقى، سانائەت سىياسەتلىرى ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
خۇلاسىلىگەندە، جۇلىئان سمىس ۋە لىندسېي فورد، ئامېرىكانىڭ بىر يول ئېغىزىداتۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى، ۋاشىنگتون ئۇلارغا قوشۇلسۇن ياكى قوشۇلمىسۇن، بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما ۋاشىنگتوننىڭ قاتنىشىشى بولمىسا ئۇلار تولۇق يوشۇرۇن كۈچىگە يېتەلمەيدۇ. سەكسەن يىل ئىلگىرى يەرشارى تەرتىپىنى يارىتىش ئۈچۈن جاسارەتلىك بىر ئامېرىكا رەھبەرلىكى ۋە دىپلوماتىيەسى كېرەك بولغان. ئۇنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئوخشاش دەرىجىدە يېڭىلىق يارىتىشچان بىر رەھبەرلىك كېرەك بولىدۇ. ئالدىنقى بىر دەۋر ئۈچۈن قۇرۇلغان ئامېرىكا ئىتتىپاق سىستېمىسى، رەقىبلەرنىڭ سەپ تۈزۈشىنىڭ يېڭى رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان شەكىلدە ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. ئامېرىكانىڭ يالغۇز خىتاي-رۇسىيە سەپ تۈزۈشىنى باشقۇرالمايدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ھەر قانداق بىر ياۋروئاسىيا توقۇنۇشىنىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋالالمايدىغانلىقى ئېنىق. ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى، ۋاشىنگتون خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن، مۇناسىۋەتلىرىنى تېزلىكتە ئۆزگەرتمەكتە. بۇ تورلار، ۋاشىنگتوننىڭ ئۇلار بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا ئاساسەن يا ئامېرىكا مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ ياكى ئۇلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا، ئاسىيالىق ۋە ياۋروپالىق شېرىكلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن تەڭشىيەلمىسە، تېزلىكتە ئۆزگىرىۋاتقان بىر دۇنيا تەرتىپىنىڭ گىرۋىكىدە قېلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ ماقالە، پەقەت بىر ئەھۋال ئانالىزى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن جىددىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك بىر ھەرىكەت چاقىرىقىدۇر.
مەنبە:
Smith, Julianne and Ford, Lindsey. «The New Eurasian Order: America Must Link Its Atlantic and Pacific Strategies». Foreign Affairs, November/December 2025. Published online October 21, 2025.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















