ياشلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش ھەققىدە

2021-يىلى 27-ئىيۇن

 

سۆز بېشى

ئوقۇغانلىرى ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش باشقىلارغا بىلىم يەتكۈزۈشلا ئەمەس، ئۆگەنگۈچى ئۈچۈنمۇ ياخشى بىر تەكرار بولىدۇ. مەن شۇ سەۋەبتىن ئۆزۈم ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىش داۋامىدا قېرىنداشلىرىمغا پايدىسى بوپقالار دېگەن بىلىم، مەلۇماتلارنى قىسقىچە دەرس خاتىرىلىرى شەكلىدە بۇ يەردە ئورتاقلىشىمەن. بۇ دەرسلەر ھەر خىل پەنلەردىن بولىدۇ، بەزىلىرى مەن توردا ئاڭلىغان دەرسلەر، بەزىلىرى ئوقۇغان كىتابلىرىمدىن تەسىراتلار بولۇشى مۇمكىن. ئىشلىرىمىزنى بىلىم ئاساسىدا قىلىش بىزنى نەتىجىگە ئۇلاشتۇرىدىغان ئەڭ ئاددى ۋە قىسقا يولدۇر، شۇنداقتىمۇ، بىلىم ئىگەللەشنىڭ كىچىككىنە جاپالىرى سەۋەبىدىن، نۇرغۇنلىرىمىز مەخسۇس ئۆگىنىلىدىغان، بىزدىن ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغان بىلىمگە ئەمەس، بەلكى كوچا، مېدىيالاردا تارقىلىپ يۈرگەن بىزگە ئاڭلىنىدىغان ۋە چېلىقىدىغان، ئىشەنچسىز، بىزدىن ھېچقانداق ئاڭلىق تىرىشچانلىق تەلەپ قىلمايدىغان ئاممىۋىي ساۋاتلارغا تايىنىشقا مايىل بولىمىز، بەلكىم، مۇشۇ ئېرىنچەكلىكىمىز بىزنىڭ چوڭ تىراگىدىيەلىرىمىزنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن.

  

 

ياشلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش ھەققىدە

دەرس سۆزلىگۈچىلەر: Stephane Chye , Yvonne Seng , Tan chee  Caroline Koh (سىنگاپۇر نەنياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى)

 

1-دەرس: ئاكتىپچانلىق (motivation)[1] نېمە؟

ئاكتىپچانلىقنىڭ ئۈچ تەرىپى

Motivation involves those psychological processes that cause the arousal/initiation, direction, and persistence of voluntary actions that are goal-directed.” (Mitchell, 1982: 81)

ئاكتىپچانلىق مەلۇم نىشانغا قارىتىلغان تەشەببۇسكار ھەرىكەتنىڭ قوزغىلىش، يۆنىلىش ۋە داۋاملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر پىسخولوگىيەلىك جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.( مىچېل 1982: 81)

قوزغىلىش (initiation): مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا بەل باغلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش.

يۆنىلىش (direction): شۇ ئىشنى قايسى نىشانغا قاراپ، قايسى يۆنىلىشنى بويلاپ قىلىشنى بىلىش

داۋاملاشتۇرۇش (persistence): بۇ نىشان يولىدا قانداق توسالغۇلارغا ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر چىشىنى چىشلەپ داۋام قىلىش.

 

ئاكتىپچانلىقنىڭ تۈرلىرى

مۇنداق ئىش بەلكىم كۆپىنچىمىزنىڭ بېشىمىزدىن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن، مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمىزدا مەلۇم دەرسلەرنى پەقەت ئىمتىھان يېقىنلاشقاندا ئاندىن تەكرارلاشقا باشلايمىز، چۈنكى، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەك يا سىنىپ قالىمىز، ياكى دادىمىز ۋەدە قىلغان مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيمىز، ۋە ياكى ياخشى نومۇر ئالالىساق دادىمىز ۋەدە قىلغان چوڭ بىر مۇكاپات بار. دېمەك، بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىمىز شۇ پەنگە ئامراقلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى مەلۇم مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھەۋىسى ياكى مەلۇم جازادىن قورقۇشتىن كېلىدۇ. بۇنداق ئاكتىپچانلىقنى بىز سىرت ئاكتىپچانلىق دەيمىز. (extrinsic motivation)

مۇنداق ھاللارمۇ بولىدۇ. مەلۇم پەنگە ئالاھىدە قىزىقىمىز، مەيلى ئىمتىھان نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ پەننى ئۆگىنىشتىن ھۇزۇر ئالىمىز، ئىمتىھان ئۈچۈنلا ئۆگەنمەيمىز. بۇ خىل ئاكتىپچانلىقنى ئىچ ئاكتىپچانلىق دەيمىز. (intrinsic motivation)

 

ئۇنداقتا بۇ ئىككى خىل ئاكتىپچانلىقنىڭ قايسىسى بەكرەك پايدىلىق؟

ئەلۋەتتە، قارىماققىلا ئىچ ئاكتىپچانلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى ھەممىمىز ھېس قىلالايمىز. مەيلى ئۆزىمىز ئۈچۈن ياكى بالىلىرىمىز ئۈچۈن. ھەممەيلەن بالىلىرىنىڭ دەرسلىرىنى زوق-شوق بىلەن ئۆگىنىپ كېتىشىنى خالايمىز. تەتقىقاتلارمۇ ئىچكى ئاكتىپچانلىق تۈرتكىسىدە ئۆگىنىدىغان بالىلارنىڭ سىرتقى ئاكتىپچانلىققا تايىنىدىغان بالىلارغا قارىغاندا ياخشى ئوقۇيالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ كۈندىلىك ھايات تەجرىمىزمۇ شۇنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. كىم بالىسىنىڭ ئىزا ئاڭلىماي تىرىشىپ ئوقۇشىنى خالىمىسۇن؟ ئۇنداقتا، سىرتقى ئاكتىپچانلىقنىڭ پەقەت قىممىتى يوقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئەگەر بىز يۇقىرىقى مىسالنى قايتا ئەسلەپ باقىدىغان بولساق، ئىمتىھان ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆگىنىدىغان بالىلارنىڭ يەنىلا مەكتەپتە ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز، چۈنكى، ئىمتىھان ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆگەنمەيدىغان نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمىزنى ئەسلىيەلەيمىزغۇ؟ يەنى، سىرتقى ئاكتىپچانلىقنىڭ بولغىنى، ھېچقانداق ئاكتىپچانلىقنىڭ بولمىغىنىدىن يەنىلا كۆپ ياخشى.

روچېستىر ئۇنىۋېرسىتىدىكى پىروفېسسور دېسى (Deci) ۋە راين (Ryan) ئاكتىپچانلىقنى يۇقىرىقىدەك پەقەت ئاق ياكى قارا شەكلىدە ئىككى تۈرگىلا ئايرىمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئادەملەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى خۇددى ماتېماتىكىدىكى ئوقىدەك نۆل نۇقتىدىن كەينىدىكى سانلىق قىممەتلەرگە قەدەر سوزۇلىدىغان سان ئوقىغا ئوخشايدۇ. يەنى، نۆل نۇقتىدا ھېچقانداق ئاكتىپچانلىق بولماسلىقتىن باشلىنىپ، ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى بولغان ئىچكى ئاكتىپچانلىققىچە سوزۇلىدۇ، بۇ سوزۇلغان جەريان دىنامىك بولۇپ تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.

 

 ئەسكەرتىش: بۇ ئىككى پىروفېسسور مۇشۇ ساھەدىكى دۇنيادىكى يېتەكچى تەتقىقاتچىلاردۇر.

———————————————————

[1]  مەن بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشتا تولا ئويلىنىپ ھازىرچە مۇشۇ ئىبارىنى قوللانغاچ تۇردۇم.

 

ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ:

View Fullscreen

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*