خىتاينىڭ يېڭى دۇنيا تەرتىپى تەسەۋۋۇرى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى

2020-يىلى 31-ئۆكتەبىر

نادەيج روللاند

دۆلەتلىك ئاسىيا تەتقىقات بىيۇروسى، سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئالاھىدە تەتقىقاتچىسى

كۆپ يىللاردىن بۇيان، غەرب ھۆكۈمەتلىرى خىتاينى ھازىرقى خەلقئارا سىستېمىسىنى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنى، ئورگانلىرىنى، ئۇ ئاساسلانغان قىممەت قاراش ۋە ھەرىكەت مىزانلىرىنى قوللايدۇ، شۇنداقلا بۇ سىستېمىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىدۇ دەپ قارىغان ئىدى. بېيجىڭدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى زور دەرىجىدە مەنپەئەتلەنگەن، بولۇپمۇ 2001-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغىنىدىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولغان بۇنداق بىر سىستېمىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغۇدەك ھېچبىر باھانىسى بولماسلىقى كېرەك  ئىدى. ئەمما، 2012-يىلى ئۆكتەبىردە ھوقۇق تۇتقىنىدىن باشلاپ، شى جىنپىڭ خىتاينىڭ پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىگە ماس ھالدا خەلقئارا سەھنىدە مەركەزلىك ئورۇندا تۇرۇشىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە مەۋجۇت سىستېمىنىڭ ئېلېمېنتلىرىنى ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى ۋە ئارزۇلىرىغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ۋە ئۇنىڭغا قايتا ئېنىقلىما بېرىشنى ئويلايدىغانلىقىنى سابىق رەئىسلەردىنمۇ روشەن رەۋشتە ئىپادىلەپ كەلدى.

خىتاي رەھبەرلىرى ئۆز يېتەكچىلىكىدە بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولغان مەزكۇر يېڭى سىستېمىسىنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغانلىقى، قايسى خىل مېخانىزم، ئورگانلار، ھەرىكەت مىزانى ۋە قائىدىلەرگە تايىنىدىغانلىقى ھەققىدە دۇنياغا ئېنىق ئىزاھات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئىستەكلىرى ھەققىدە كونكىرت تەسەۋۋۇرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ھۆكۈمەت باياناتلىرى تەمىنلەۋاتقان بۇ ھەقتىكى بەزى يىپ ئۇچلىرىدىن باشقا، يېتىشكەن سىياسەت ئانالىزچىلىرىنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغىنىمىزدىمۇ بەزى قوشۇمچە ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز. مەزكۇر يېڭى سىستېمىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى خىتاينىڭ ھازىرقى دىپلوماتىيە سىياسىتىدىمۇ روشەن ئىپادىلەنمەكتە.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقتتىن بۇيان، دۆلەتلىك ئاسىيا تەتقىقات بىيۇروسىدىكىلەر خىتاينىڭ رەسمىي باياناتلىرى ۋە خىتاي باشلامچىلىقىدىكى كەلگۈسى دۇنيا تەرتىپىنىڭ تەسەۋۋۇرلىرى يورۇتۇلغان ئاكادېمىك يازمىلىرىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلدۇق. بىر قانچە دۆلەت ۋە مۇناسىۋەتلىك رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان يەتتە تۈرلۈك ئۆرنەك مىسالنى قوشۇمچە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئاشكارا ھالدا يۈرگۈزىۋاتقان ئىجرائاتلىرىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئېنىقلاشقا تىرىشتۇق. تەتقىقات نەتىجىمىز سۈپىتىدە تۆت ئاساسلىق نۇقتىنى،  ئۇلارنىڭ تۆت چوڭ تەسىرىنى ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىگە كېرەكلىك سىياسىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

تەتقىقات نەتىجىسى

خىتاينىڭ ئۆتمۈشىدىن ئىلھام ئالغان ۋە لېنىنىزمچە كۈچ نەزەرىيەسىدە تاۋلانغان بىر تەسەۋۋۇر. ئاكادېمىكلار ۋە سەرخىللارنى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرغان خىتاي كومپارتىيە دۆلىتى خىتاي باشلامچىلىقىدىكى دۇنيا تەرتىپىنىڭ قانداق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئىنچىكە ئىزدىنىشلىرىنى داۋام قىلماقتا. نۆۋەتتە يۈرگۈزىۋاتقىنىدەك، خىتاي كومپارتىيە دۆلىتى غەربچە دۇنيا تەرتىپىنى رەت قىلىپ، ئەسلىدىكى تارىخي ۋە ئەنئەنىۋى ئىمپېرىيالىزم ئۇقۇمى بولغان تىيەنشا (پۈتۈن دۇنيا خىتاي دېمەكتۇر) ۋە ئولپان سىستېمىسىنى قايتىدىن ئويلىشىۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۆتمۈشتىكى بۈيۈك خىتاي تەسەۋۋۇرى مودېلىغا  كۈچلۈك يوسۇندا تايىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي سىياسەتچىلىرى ۋە سەرخىللىرى بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ ئۆلچەملىك ئۈستىقۇرۇلۇلمىسى ھەققىدىكى سوئاللاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. خىتاي باشلامچىلىقىدىكى دۇنيا تەرتىپى تەسەۋۋۇرى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى پاراسىتى ياكى كۇڭزى نەزەرىيەسىدىن، ۋە ياكى كوممۇنىستىك ئىنقىلاب ئىدىيەسىدىن يىلتىز تارتقان ئەمەس. خىتاينىڭ ئۆتمۈشتىكى ئىمپېرىيالىزمىنى تىلغا ئېلىشتىكى مەقسىتىمىزمۇ بېيجىڭنىڭ پەقەتلا سىمۋول خاراكتېرىلىك ئۆزگىچىلىك ئىزدەۋاتقانلىقىدىن ئەمەس. مەزكۇر تەسەۋۋۇر ئەمەلىيەتتە لېنىنىزم ئىدېئولوگىيەسىگە باغلانغان كۈچ ۋە ھۆكۈمرانلىق نەزەرىيەسىدىن كېلىپ چىققان. كونكىرت بىر ئوبېكىتنى نىشانلاپ بۆسۈپ كىرىش، ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت لېنىنىزم ئۇقۇملىرى خىتاي كېڭەيمىچىلىكىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلماقتا. يېغىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ مەزكۇر تەسەۋۋۇرى- تىيەنشىيا ئىدېئولوگىيەسى بىلەن لېنىنىزمنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىبارەتتۇر.

نە يەرشارىلاشمىغان، نە رايون خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكى بولمىغان بىر تارماق سىستېما: قارىماققا بېيجىڭ ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى ئەمەس، بەلكى، ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇرا مەزگىلدە، ھازىرقى تەرتىپتىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن يېڭى تارماق سىستېما بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان.

خىتاي مەركىزى ئورۇندا بولغان ۋە ئەڭ ئۈستۈن قىسىمىدا جاي ئالغان مەزكۇر تارماق سىستېما- مەرتىۋە تۈزۈمىدىكى سىممېتىرىك بولمىغان سىستېمىدىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدا خىتاي ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كۈچلۈكى، تېخنىكىدا ئەڭ ئىلغارى بولىدۇ. كىچىك، ئاجىز ۋە ئەگەشكۈچى دۆلەتلەر مەركەزنى چۆرىدەپ ئۆز ئوربىتىسدا چۆرگىلەيدۇ. خىتاي باشلامچىلىقىدىكى دۇنيا تەرتىپى يەرشارىلاشقان ياكى رايون خاراكتېرلىك بولمايدۇ. بەلكى، غەرب دۆلەتلىرىدىن باشقا، تەرەققىي قىلىۋاتقان، بىرلىكتە تەڭپۇڭ- باراۋەر بولمىغان بىر سىستېمىنى قۇرۇپ چىقىش مۇمكىن دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ..

خىتاي ھۆكۈمرانلىقى سايىسى ئاستىدا كەڭرى قويۋىتىش. تارماق سىستېمىنىڭ چەكلىمىسى دائىرىسىدە، خىتاي كۆلەملىك، قاتتىق  كونترول يۈرگۈزمەيدۇ ۋە ياكى باشقا دۆلەتلەرنى تامامەن قوشۇۋالمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى سايىسىدە شەكىللەنگەن، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۈچ جەھەتتە رىقابەتلىشىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان، بىر- بىرىگە چوڭقۇر تايانغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشانلايدۇ. خىتاي بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا ئېرىشكەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك جەھەتلەردىكى مەنپەئەتلەر ھەم مەزكۇر سىستېمىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن قوشۇلغان تۆھپە، ھەم  ئۇنىڭ كۈچىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۈۋرۈك بولىدۇ.

تارماق سىستېمىنىڭ چەكلىمىسى دائىرىسىدە، خىتاي باشقا دۆلەتلەردىن ئۆزىنىڭ سىياسىي سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئۆز ئەينى دوراشنى تەلەپ قىلىپ يۈرمەيدۇ. ئەمما لىبېرال دېموكراتىك قىممەت قاراشلار ۋە پىرىنسىپلارنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭدەك باشقا دۆلەتلەرنى قانۇن- تۈزۈم، مائارىپ، ئاخبارات ساھەسى، تەرەققىيات، ياردەم سىياسىتى، سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش ئۆلچىمى ۋە ئەمەلىيەتلىرى قاتارلىق كەڭ كەتكەن ساھەلەردە ئۆزىنىڭ يەرلىك سىياسەتلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

يېغىپ ئېيتقاندا، بېيجىڭ يۇمشاق قول، ئېلاستىكلىققا ئىگە قىسمەن بۈيۈك كۈچكە ئايلانماقچى. مەزكۇر بۈيۈك كۈچنىڭ قىسمەنلىكى شۇ يەردىكى، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇشقا ئىنتىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۆز تەسىر دائىرىسى ئىچىدىكى رايونلاردىلا ئاكتىپ بولىدۇ. يۇمشاق قول بولۇشى بولسا، خىتاينىڭ باشقا دۆلەت ۋە رايونلارنى بىۋاسىتە ياكى مۇتلەق كونتروللۇقى ئاستىدا باشقۇرۇش ئىستىكىنىڭ يوقلۇقىدىن، ئېلاستىكلىقى- خىتاينىڭ كۈچىگە ئەل بولغان دۆلەتلەرنىڭ، پەقەت خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ھۆرمەت قىلىش شەرتى ئاستىدا، جۇغراپىيىلىك، مەدەنىي ياكى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىدىن بولىدۇ.

خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا. بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بېيجىڭ ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەشەببۇس خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمى روياپقا چىقارماقچى بولغان يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ تايانچ كۈچىدۇر، مەزكۇر پىلاننىڭ ھەر تۈرلۈك پارچىلىرى بىرلىشىپ، خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. پۇرسەت نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلغان تەدرىجى تەسىرگە ئىگە بولۇش ئۇسۇلىمۇ ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى كۈچكە ئېرىشىشنى نىشان قىلغان ستراتېگىيىلىك لوگىكىنىڭ يېتەكچىلىكدە بولىدۇ.

خىتاينىڭ يېڭى دۇنيا تەسەۋۋۇرى ھېلىھەم مۇكەممەللىشىش باسقۇچىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئەبەدىيلىكتىن كۆرە ۋاقتلىق. خىتاينىڭ ماددىي كۈچى يار بەرگەن ۋە قارشى كۈچلەر ۋۇجۇدقا چىقىپ قالمىغان ئەھۋالدا، تارماق سىستېما قۇرۇپ چىقىش- بۈيۈك كۈچ بولۇشنىڭ ئۆتكۈنچى قەدىمى ھېساپلىنىدۇ ھەربىي كۈچنى ئىشلىتىش ياكى مەجبۇرلاش ھازىرچە تېخى  ئىستراتېگىيەلىك نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتىگە ئايلانمىغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ رىقابەتچىسىز تارماق سىستېمىدىكى كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىر قوشۇمچە تاللاش بولۇپ قالىدۇ.

ئامېرىكا ئۇچرايدىغان تەسىرلەر ۋە سىياسىي تەدبىرلەر

ھېلىھەم دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرىۋاتقان، خىتاي تەسەۋۋۇرىدىكى بۈيۈك كۈچ ماھىيەت جەھەتتىن يۇمشاق، قىسمەن ۋە ئېلاستىكىلىق بولغاچقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ نىشانىنى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق شەكىلگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ باقسا بولىدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى  تۆت خىل تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

يېڭى رىقابەت ساھەلىرىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. خىتاينىڭ يېڭى دۇنيا تەرتىپى تەسەۋۋۇرى ئىككى مۇھىم ساھەنى نىشانلاۋاتىدۇ: غەرب دۆلەتلىرىدىن باشقا دېموكراتىك بولمىغان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە نۆۋەتتە مەۋجۇت بولغان خەلقئارالىق ئورگانلار. بۇلار ئىككىسى ئامېرىكا-خىتاي ئىستىراتېگىيە رىقابىتى قانات يېيىۋاتقان ۋە  شۇ سەۋەپتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىققىتىگە سازاۋەر بولۇشقا تېگىشلىك ساھەلەر دەپ تونۇلمىقى زۆرۈر.

بۇ، ئامېرىكا چوقۇم خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى زېھىن ۋە ماددى ئەشيالارنى تېجەش نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، ئىشلارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى بېكىتىۋېلىشى، ھەربىي كۈچنى پەقەت ئېھتىياجلىق ئورۇنغا سەرپ قىلىشى، خىتاينىڭ يوشۇرۇن ئاجىزلىقلىرىدىن پايدىلىنىشقا كۈچىشى ۋە «سېلىنمىنى ئاشۇرۇش» ئىستىراتېگىيەسى قوللىنىشى كېرەك.

خىتاينىڭ «جەنۇبتىكى دۆلەتلەر («تەرەققىي تاپمىغان ياكى تېپىۋاتقان دۆلەتلەر» دېگەن مەنىدە)» گە بولغان قىزىقىشىمۇ ئامېرىكىغا ئتتىپاقداش بولمىغان، لېكىن خىتاينىڭ ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلاشماق ئېھتىماللىقى بار بولغان كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئامېرىكا ئۈچۈن خىتاينىڭ «ئارقا ھويلىسى» دا ئۇنىڭ بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر خىتاي شەرقىي ئاسىيادا ياخشى كونترول قىلىنسا، ئۇنىڭ باشقا رايونلارغا كېڭىيىشى ياكى كەڭ كۆلەمدە خىتاي- مەركەزلىك تەسىر دائىرىسى بەرپا قىلىشى قىيىنلىشىدۇ.

خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئاساسلىق تايانچىسى ھەربىي قوراللار ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادى كۈچ بىلەن بىللە، تەسىر كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى ۋە خەلقئارا تەرتىپنى مۇستەھكەملەشتە ئىدىيە ۋە مىزانلارنى سىڭدۈرىدىغان كۈچ بولغان «ئالاقە كۈچى» ئارقىلىق تاشقىي مۇھىت شەكىللەندۈرۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلىش. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىككىلا تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ۋە ھەربىي ساھەگە ئوخشاش دەرىجىدىكى رىقابەت ساھەسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

ئاكتىپ ئاممىۋىي دىپلوماتىيە يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك«چوڭ كۈچلەر ھەمىشە قىلىغۇسى كەلگەننى قىلىدۇ» دېگەن قاراشقا ئاساسەن،  دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە نىسبەتەن خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىكى ئارىسىدا ئالاھىدە پەرق بولماسلىقى مۇمكىن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، لېبرال دېموكراتىيە تەرىپىدىن يۈگۈزۈلىدىغان خەلقئارا رەھبەرلىكى بىلەن لىبرال بولمىغان مۇستەبىت ھاكىمىيەت تەرىپىدىن يۈزگۈزۈلىدىغان خەلقئارا رەھبەرلىك ئارىسىدىكى پەرقنى نامايان قىلىشتا تېخىمۇ سىستېمىلىق بولۇشى ، شۇنداقلا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى لېبرال دېموكراتىيەنى قوللاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.

خىتاينىڭ تىرىشچانلىقلىرى ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى سىستېمىدىكى باشلامچىلىق ئورنىنىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپنى تەشكىل قىلىدىغان نېگىزلىك پرىنسىپلارنىڭمۇ ئورنىنى تەۋرىتىۋاتىدۇ. ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رىقابەتنىڭ ئامېرىكىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل سىستېمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى دۇنيادىكى ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەرگە بىلدۈرۈلۈشى كېرەك.

كەسپى ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. بېيجىڭنىڭ نەزىرىدىكى يېڭى دۇنيا تەرتىپى بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدا كۆرگەنلىرىمىزدىن ناھايتى پەرقلىق بولغان بىر ئۇقۇمدۇر. ئۇنى بىزگە تونۇشلۇق بولغان تارىخى مىساللاردىكى كېڭەيمىچىلىك ۋەياكى ئىمپىرىيەلەرگە سېلىشتۇرماق- باشقىلارنى قايمۇقتۇرغانلىق بولىدۇ. ھەم شۇنداقلا، مەزكۇر تەرتىپنىڭ پەرقلىق بولۇشى، ئۇنىڭ مۇقەررەر مەغلۇپ  بولىدىغان خام خىيال سۈپىتىدە يوق قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.

بىزنىڭ كەسپچانلىقىمىز خىتاينى ئۆز خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن چۈشىنىشمىز ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا دەل جايىدا ئىپادە بىلدۈرۈشىمىز ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر. خىتاي سىياسىتىگە ئالاقىدار ئاساسى تەتقىقاتلار، زامانىۋى ئىستىراتېگىيە مەسىلىلىرى تەتقىقاتى ۋە خەلقئارا تەتقىقاتلارغا مەبلەغ سېلىش خۇددى  تەبئىي پەنلەر ئاساسى تەتقىقاتىغا مەبلەغ سالغانغا ئوخشايدۇ- تەتقىقاتنىڭ جەريانى ئاستا ۋە مۇرەككەپ، دەماللىققا پايدىسى ئاز كۆرۈلىدۇ، ئەمما رېئال سىياسىي پائالىيەتلەردە  ئۇنى قايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرقى خىتاي ھەققىدە مۇشۇ خىل ئاساسى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە خىتاي تىلىدىكى ئوچۇق مەنبەلىك ماتېرىياللاردىن پايدىلىنالايدىغان بىر ئەۋلاد ئانالىزچىلارنى تەربىيەلەش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئورگان ۋە شەخسلەرنى ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە قوللىشى كېرەك. توغرا تەھلىل قىلىنغان بۇ خىلدىكى ماتېرىياللار خىتاي سەرخىللىرىنىڭ تەپەككۇرى ھەققىدە زور مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ.

بىر قەدەم ئاۋۋال ئويلاش ۋە تەييار تۇرۇش كېرەك. خىتاينىڭ يېڭى دۇنيا تەرتىپى نىشانى ھېلىھەم تەرەققىيات باسقۇچىدا بولسىمۇ، مەزكۇر نىشاننىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشقۇچە ساقلاپ، ئاندىن ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تېگىشلىك ئىنكاسى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلاش خاتالىق ھېساپلىنىدۇ. ئىستراتېگىيىلىك يىراقنى كۆرەرلىك- ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىگە تەييارلىق قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئەگەر خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسىدىكى ئىستەكلىرىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرىگە ئىستىراتىگىيىلىك يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنغان بولسا ئىدى، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي قۇرغان 5G تورىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى تەسىرلىرىنى ئالدىن پەرەز قىلالىغان ۋە ئۇنى توسۇپ قالالايدىغان قارارلارنى چىقىرالىغان بولاتتى. بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلە خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھەرىكىتىگە ئاستا ئىنكاس قايتۇرۇشتا ۋە كىرىش چەكلەنگەن رايون قۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىمۇ كۆرۈلگەن.

يەنى، بىز خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئارزۇ- ئىستەكلىرىنىڭ غۇۋا سىگناللىرىنى ئەمدىلەتىن  كۆرۈپ يېتىشكە باشلىدۇق. بىز تېخى سىياسىي قارارلىرىمىزنى بەلگىلىمەستىلا، خىتاينىڭ ئۆز پىلانلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىشىغا قاراپ ئولتۇرماسلىقىمىز كېرەك. سىتېراتېگىيىىك ئالدىن كۆرەرلىكنى ئاللىبۇرۇن تەدبىر بەلگىلەشنىڭ قورالى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقان ھەرقايسى ئامېرىكا ئورگانلىرى خىتاينى تېخىمۇ سىستېمىلىق ھالدا پائالىيەتلىرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى ۋە ئۇرۇشتىن ھالقىغان پەرەزلەر ئاساسىدا پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.

تەرجىمان: ئابدۇرېشىت ئىمىن

تەرجىمە تەھرىرى: مەلىكەزات

مەنبە:

https://www.nbr.org/publication/chinas-vision-for-a-new-world-order-implications-for-the-united-states/

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*