يالقۇن ئۇلۇغيول
خىتاينىـڭ خەلقئارالىـق سـەھنىدىكى كۈچلـۈك دۆلەتلــەر قاتارىدىــن ئــورۇن ئېلىشــى خەلقئارالىــق مۇناسـىۋەت مۇتەخەسسىسـلىرى ئارىسـىدا كەسـكىن مۇنازىرەلەرگــە ســەۋەب بولماقتــا. تەتقىقاتچىــلار كــەڭ دائىرىــدە خىتاينىــڭ يۈكسىلىشــى ۋە جاھانگىرلىكتىـن كېيىنكـى خەلقئارالىـق تۈزۈمگـە )Post – Hegemonic International Order( بولغــان تەســىرىنى خىتاينىــڭ 21 – ئەســىردىكى قىممـەت قـاراش تەشـۋىقاتى، تەرەققىيـات ئەندىزىسـى، ئــورگان قۇرۇلمىســى ۋە تاشــقى سىياســىتى قاتارلىــق نۇقتىلاردىــن چۈشىنىشــكە تىرىشــماقتا. بــۇ تەتقىقاتلارنىــڭ ئورتــاق نۇقتىســى شــۇكى، خىتاينىــڭ كۈنســايىن كۆتۈرۈلۈشــى مەۋجــۇت دۇنيــا تەرتىپىگـە جـەڭ ئېـلان قىلىـش بىلـەن بىـر ۋاقىتتـا، ئامېرىـكا باشـچىلىقىدىكى خەلقئارالىـق باشـقۇرۇش سىستېمىســىغا تەھدىــت ئېلىــپ كەلگەنلىكىــدۇر. بولۇپمــۇ خىتــاي رەئىســى شــى جىنپىڭنىــڭ يېتەكچىلىكىــدە، خىتــاي ھــەم سىياســىي ھــەم ئىقتىســادىي جەھەتتىــن دۆلەتلــەر ئــارا مۇناســىۋەت دائىرىســىدە تېخىمــۇ تەشەببۇســكار ۋە قەتئىــي رول ئالماقتــا. بــەزى ئوبزورچىــلار 21 – ئەســىرنىڭ ئــەڭ مۇھىــم پىلانلىرىدىــن بىــرى دەپ قاراۋاتقــان بىــر بەلبــاغ بىــر يــول قۇرۇلۇشــى تەرەققىــي قىلىۋاتقــان دۆلەتلــەردە مەبلــەغ ســېلىش پۇرســىتى يارىتىــش ۋە خىتــاي بىلــەن بولغــان تىجــارەت مۇناســىۋەتلىرىنى كۈچەيتىـش ئارقىلىـق تەسـىر دائىرىسـىنى دۇنيانىـڭ ھەرقايسـى جايلىرىـدا كېڭەيتمەكتـە. بۇنىـڭ بىلـەن بىرگــە ئاســىيا ئــۇل ئەســلىھە ســېلىنما بانكىســى بىـر تەرەپتىـن خىتـاي شـىركەتلىرى ۋە تۈرلىرىنىـڭ چەتئەلدىكــى مەۋجۇتلۇقىنــى قوغدىســا، يەنــە بىــر تەرەپتىــن دۆلەتلەرگــە قــەرز بېرىــش ئارقىلىــق خەلقئارالىــق تەرەققىيــات مالىيــە دىنامىكىلىرىنــى ئۆزگەرتمەكتــە.
داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















