ۋاسىتىلەرنى ئالماشتۇرۇش: خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىلغار تىپتىكى توكلۇق ماشىنا ھۆكۈمرانلىقى

2025-يىلى 11-فېۋرال

 

2024-يىلى توكلۇق ماشىنىلارنىڭ (EV) سېتىلىشى دۇنيا مىقياسىدا يېڭى رېكورت ياراتتى، خىتاي 11 مىليون توكلۇق ماشىنا سېتىپ، بۇ ساھەدە 40 پىرسەنت ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى. بەزى غەرب دۆلەتلىرى خىتاي توكلۇق ماشىنىلىرىنىڭ ئىمپورتىنى چەكلەش ئۈچۈن باج بېكىتكەن بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، باج ئىمتىيازى بېرىش ۋە يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئاسانلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى.

قازاقىستاندا 2024-يىلى خىتاي توكلۇق ماشىنىلىرىنىڭ سېتىلىشى 36 ھەسسە ئاشتى، 2035-يىلى بۇ ساننىڭ 40,173 ماشىنىغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ ساھەدە قىرغىزىستان ئاساسلىق ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ قالدى، تاجىكىستان توكلۇق ماشىنا ئىمپورتىغا 10 يىل باجدا ئېتىبار قىلىش ئىمتىيازى بەردى، ئۆزبېكىستاندا بولسا، تۇنجى خىتاي توكلۇق ماشىنا زاۋۇتىنى قۇرۇلدى، يەنە بىرى 2025-يىلى قۇرۇلماقچى بولۇۋاتىدۇ.

خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى ئادىنا ماسالبېكوۋا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا توكلۇق ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇشى ئىستراتېگىيەلىك قەدەم. بۇ سودىدىن ھالقىپ، نېفىتكە تايىنىشنى ئازايتىدۇ ۋە بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.»

مۇقىمسىزلىق ۋە قانۇننىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىغا قارىماي، رايونلۇق مەبلەغ سېلىش يىغىنلىرى يەنىلا يۈزلىگەن خىتاي تىجارەتچىلەر ۋە ئەمەلدارلىرىنى جەلپ قىلىۋاتىدۇ ، بۇ خىتاينىڭ كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي نوپۇزىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ.

 

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*