م. تەڭرىقۇت
ترامــپ ئامېرىكاغــا پىرېزىدېنــت بولغــان تــۆت يىلنــى ئامېرىــكا ۋە دۇنيــا سىياســىتىنىڭ بۇرۇلـۇش نۇقتىسـى دېسـەك ئاشـۇرۇۋەتكەن بولمايمىـز. چۈنكـى بــۇ دەۋردە بــۇرۇن ســۇ يۈزىگــە چىقمىغــان نۇرغــۇن زىددىيەتلــەر ئۆزىنــى كۆرســەتتى، دۇنيــا سىياســىتىدە تەرەپلــەر ئېنىــق بولۇشـقا باشـلىدى، بىزگـە يۈرگۈزۈلگەن زۇلـۇم دۇنيا دۆلەتلىرى تەرىپىدىــن تارىختــا كۆرۈلــۈپ باقمىغــان دەرىجىــدە دىققــەت – نەزەرگــە ئېلىنــدى، خەلقئــارا جەمئىيەتنىــڭ خىتايغــا بولغــان ھوشـيارلىقى ئاشـتى ۋە دۇنيـا ئامېرىـكا ۋە خىتاينـى چۆرىدىگەن ھالـدا قايتىدىـن شەكىللىنىشـكە باشـلىدى. ئۇنداقتـا، ترامـپ بـۇ بۇرۇلۇشـنى بارلىققـا كەلتۈرگـەن كىشـىمۇ ياكـى ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىشــكە باشــلىغان بۇرۇلۇشــنى تېزلەتتىمــۇ؟ بــۇ ماقالىـدە نوختىلىـق ھالـدا ترامـپ ھۆكۈمىتىنىـڭ قالـدۇرۇپ كەتكــەن سىياســىي مىراســى نېمــە ۋە بــۇ مىــراس ئامېرىــكا ۋە مەۋجـۇت دۇنيـا تەرتىپىگـە قانـداق تەسـىر كۆرسـىتىدۇ؟ دېگـەن سوئالنى چۆرىدەپ تەھلىل يۈرگۈزۈلۈش بىلەن بىرگە، يەنە يۇقىرىقى ئىككى سوئال ھەققىدىمۇ توختىلىدۇ. ماقالـە تـۆت بۆلەككـە ئايرىلغـان. بىرىنچـى بۆلىكـى ترامپنىـڭ پىرېزىدېنـت بولۇشـتىن بـۇرۇن سىياسـەتكە ئالاقىدار ســۆزلىگەن ســۆزلىرىگە ئاساســەن ئۇنىڭغــا پىرېزىدېنتلىــق يىللىرىــدا تاقــاپ قويۇلغــان »تەخمىــن قىلغىلـى بولماسـلىق« ماركىسـىنىڭ تـازا توغـرا ئەمەسـلىكى بىلـەن باشـلىنىدۇ. ئۇنىڭدىـن كىيىـن ترامـپ ھۆكۈمىتىنىـڭ تـۆت يىـل جەريانىـدا ئىچكـى سىياسـەت ۋە دىپلوماتىيـە ساھەسـىدە قىلغـان مۇھىـم )توغـرا ۋە خاتـا( ئىشـلىرى ئوتتۇرىغـا قويۇلىـدۇ. ئىچكـى سىياسـەت جەھەتتـە، ئامېرىـكا جەمئىيىتىدىكـى قۇتۇپلىشـىش، ۋىرۇســنى ياخشــى كونتــرول قىلالماســلىقىنىڭ ئىچكــى ۋە تاشــقى سىياســەتكە بولغــان تەســىرى ۋە ئەدلىيــە ساھەســىدىكى ئۆزگەرتىشــلىرى تىلغــا ئېلىنىــدۇ . تاشــقى سىياســەت جەھەتتــە، ترامــپ ھۆكۈمىتىنىــڭ بۇرۇنقــى ھۆكۈمەتلەرنىــڭ يــەر شــارى خاراكتېرلىــك تاشــقى سىياســىتىنىڭ ئەكســىچە، رايــون خاراكتېرلىــك سىياسـەت يۈرگۈزگەنلىكـى ئوتتۇرىغـا قويۇلىـدۇ. بـۇ نوقتىدىـن چىقىـش قىلغـان ھالـدا، ئوتتـۇرا شـەرق،ياۋروپا ۋە شـەرقىي ئاسـىيادىكى سىياسـەتلىرى تەھلىـل قىلىنىـدۇ. ترامـپ دەۋرى تاشـقى سىياسـىتىنىڭ ئـەڭ يارقىـن نوقتىسـى بولغـان خىتـاي ۋە ياۋروپـا ئىتتىپاقـى بىلـەن بولغـان مۇناسـىۋىتىنىڭ قانـداق ئۆزگەرگەنلىكـى ۋە بۇنىــڭ ســەۋەبىنىڭ نېمــە ئىكەنلىكــى، شــۇنداقلا، بــۇ خىــل مۇناســىۋەتنىڭ دۇنيانىــڭ ئومۇمىــي تەرەققىيــات مۇساپىسـىگە قانـداق تەسـىر كۆرسـىتىدىغانلىقى بىرقـەدەر تەپسـىلىي مۇلاھىزە قىلىنىـدۇ.
داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















