توقۇنۇش نەزىرىيەلىرى ۋە كىملىك مەركەزلىك توقۇنۇشلار: نەزىرىيەۋى تەھلىلى

2020-يىلى 30-ئىيۇل

ياقۇپ شاھىن

قىسقىچە مەزمۇنى: 7000 يىل ئىكەنلىكى بىلىنگەن ئىنسانىيەت تارىخىدىن بۇيان ھەر بىر ئەسىرنىڭ 87 يىلى ئۇرۇش بىلەن ئۆتكەن. ئىنسانىيەت تارىخىغا نەزەر سېلىنىدىغان بولسا، ئىنسانلار مەيلى شەخسىي بولسۇن مەيلى توپ ھالىتىدە بولسۇن ئوخشىمىغان مەقسەتلەر تۈپەيلى ئۆز-ئارا توقۇنۇشۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇرۇشلارنىڭ كۆپ قىسمى “دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار”نىڭ ئورنىغا دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئېتنىك ۋە دىن سەۋەبلىك بولغان توقۇنۇشلار، يەنى توپلۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېتنىك توقۇنۇشلار ياكى كىملىكىنى مەركەز قىلغان بۆلۈنۈپ چىقىش ھەرىكىتى ئىچىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ تېرروزىمغا مۇراجىئەت قىلىشى بىلەن “كىملىك مەركەزلىك توقۇنۇشلار”قايتىدىن بەس-مۇنازىرە قىلىنىشقا، شۇنداقلا بۇلارنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش تىرىشچانلىقلىرى باشلاندى. بۇ توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبلىرى ‘پىسخولوگىيەلىك، بىيولوگىيەلىك ۋە قۇرۇلمىلىق”بولۇپ جەمئىي ئۈچ ئاساسىي نەزىرىيە ۋە بۇ نەزىرىيەلەرنىڭ يانداش ماۋزۇلىرى چىقىش قىلىنىپ ئىزاھلاندى.  ماقالىمىزدا بۇ تېما پەرقلىق نەزىرىيەلەر ئارقىلىق ئىزاھلىنىپ كېلىنسىمۇ، بۇ نەزىرىيەلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە زىت ئەمەسلىكى، ھەتتا بىر-بىرىلىرىنى تولۇقلايدىغانلىقى، شەرت-شارائىتلارغا ئاساسەن بىر نەزىرىيەنىڭ بەكرەك ئىشقا يارايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. توقۇنۇشلار ئومۇمەن ئۈچ ئاساسلىق نەزىرىيە بىلەن ئىزاھلىنىپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، “كونكرېت” (rational) (ئەقلىي-ئوبيېكتىپ) ۋە ئابستراكت (irrational) (غەيرى ئەقلىي-سوبيېكتىپ)دەپ ئىپادە قىلىنىۋاتقان توقۇنۇشلار تۈرلىرى بەكرەك مەنپەئەت، ھاكىمىيەت ۋە ئىقتىسادىي مەنبەلەرنى ئۈلۈشۈش، كۈلتۈر ياكى سىياسىي ھەق-ھوقۇقلار، كىملىكسىز ئىختىلابلارنىڭ (باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا دىن، ئىدېئولوگىيە، ئېتنىك ياكى جىنسىيەتكە ئوخشاش كىملىك تەلەپلىرىنىڭ توقۇنۇشى) قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەيرى ئوبيېكتىپ توقۇنۇشلار بولسا بەكرەك پىسخىلىك بولۇپ بىر تەرەپلىمە قاراش، مىللىتىنى چوڭ بىلىش ۋە زىھنى پوزىتسىيەلەر، ئۆتمۈشتىكى تىراگېدىيەلەر، ئىدېئولوگىيەلىك، دىنى ياكى كۈلتۈر قەدرىيەتلىرىنىڭ توقۇنۇشى، زىتلىقلار ياكى بۇلارنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن شەكىللىنىپ ۋەزىيەتكە ئاساسەن كېلىپ چىققان توقۇنۇشلار بولۇپ، مۇتلەق كونكرېت سەۋەبلەر تۈپەيلى پەيدا بولغان توقۇنۇشلار ئەمەس. بەزى نەزىرىيەچىلەر كىملىك سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان توقۇنۇشلار دائىرىسىگە ئېتنىك سەۋەبلىك كېلىپ چىققان توقۇنۇشلارنى كىرگۈزسە،  يەنە بەزى نەزىرىيەچىلەر بولسا بەكرەك پىسخىلىك توقۇنۇشلارنى كىرگۈزىدۇ. كىملىك ئىنساننىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسىغا ئۆزى ھەققىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرى، ئىدراكلىرى ۋە چۈشەنچىلىرى (ئىجتىمائىي، ئېتنىك، دىنى، ئىدېئولوگىيەلىك، جىنسىيەت ياكى سىنىپىي)چىقىش قىلىنغاندا ئىشلىتىلىدۇ. كىملىككە ئاددىيلا ئېنىقلىما بېرىدىغان بولساق، بىر نەرسىنىڭ “نېمە ۋە كىم ئىكەنلىكى، ئۆزىنى قانداق تونۇيدىغانلىقى، ئۆزگىلەردىن قانداق ئايرىپ، ئوخشاشلار بىلەن قانداق ئوخشاشلىق ھاسىل قىلغانلىقى، ياكى ئۆزگىلەر تەرىپىدىن قانداق تونۇلىدىغانلىقى”غا مۇناسىۋەتلىكتۇر. كىملىككە تەئەللۇق ھېس قىلىنغان گۇرۇپپا ۋە بۇ گۇرۇپپىنىڭ قەدرىيەتلىرى ۋە مەقسەتلىرى نۇقتىسىدىن ئېنىقلىما بېرىلگەن بولغاچقا، ئوخشلاشلا كىملىك توقۇنۇشىنىمۇ “سىنىپىي، دىنىي، ئىدېئولوگىيەلىك” نۇقتىدىن ئىزاھلاشقا بولىدۇ. كىملىك سەۋەبلىك كېلىپ چىققان توقۇنۇشلار تېخىمۇ ئىنچىكە تەھلىل قىلىنغىنىدا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نەزىرىيەلەر ئىچىدە ئېرىتىۋېتىلگەنلىكىنى، بەزىدە ئايرىم بەزىدە تاللانما خاراكتېرلىك ئىزاھلانغانلىقىنى بايقايمىز. ماقالىمىزدا كىملىك مەركەزلىك توقۇنۇشلار،  مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيەلەر ھەققىدىكى پەرقلىق قاراشلار تۈرتكىسىدە مۇلاھىزە قىلىنىش ئارقىلىق كىملىك سەۋەبلىك كېلىپ چىققان توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبلىرى ئىزاھلىنىش بىلەن بىرگە، بۇ خىل توقۇنۇشلارنى بىرلا سەۋەب ئارقىلىق ئىزاھلاشنىڭ ئورنىغا كۆپ خىل سەۋەب ئارقىلىق ئىزاھلاشقا تىرىشىمىز. ماقالىمىزدا يەنە كىملىك سەۋەب بولغان توقۇنۇشلاردا پەرقلىق ئامىللارنىڭ ئوخشىمىغان نىسبەتتە تەسىرلىرى بارلىقى يەنى بەزى ئەھۋاللاردا ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە بايلىقلار، بەزى ئەھۋاللاردا ھاكىمىيەتنىڭ تەقسىماتى، بەزى ئەھۋاللاردا بولسا گۇرۇپپا كىملىكىنىڭ تونۇلۇشى ۋە كۈلتۈر تەلەپلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. كىملىك سەۋەب بولىدىغان توقۇنۇشلاردا پىسخىكىلىق ئامىللارنىڭمۇ تەسىرى بارلىقى تەكىتلىنىدۇ، لېكىن بۇلارنىڭ نوقۇل پىسخىكىلىق ئامىللار ئەمەسلىكى، ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەنلەرنىڭ تەسىرى بىلەن چۈشەنچىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە توقۇنۇشلارغا سەۋەبسىزلا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. پىسخىلىك ئامىللارنىڭ بەزى ئەھۋاللاردا بىر تەرەپلىمە قاراشلار تۈپەيلى بولىدىغانلىقىمۇ تەكىتلىنىدۇ. خۇلاسىلىغاندا، كىملىك سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان توقۇنۇشلارنىڭ كۆپ قىرلىق، مۇرەككەپ قۇرۇلمىسى بارلىقى، توقۇنۇشلاردا ھەر ئامىلنىڭ تەسىرىنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى  بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي ۋە كونكرېت شارائىتلارغا ئاساسەن ئەڭ مۇھىم توقۇنۇش سەۋەبلىرى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

ئاچقۇچلۇق ئۇقۇملار: توقۇنۇش، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق، كىملىك، كىملىك سەۋەب بولىدىغان توقۇنۇشلار

توقۇنۇشنىڭ ئېنىقلىمىسى

ئىجتىمائىي پەنلەردىكى نۇرغۇن ئۇقۇمغا ئوخشاش “توقۇنۇش”ئۇقۇمىمۇ پەرقلىق مەنىلەردە ئىزاھلىنىشقا ئوچۇقتۇر ياكى ئوخشاش مەنىلەر بىلەن ئىزاھلانماقتا. بەزى سىياسەت ئىلىمى مۇتەخەسسەسلىرى توقۇنۇشنى “قەدرىيەت-قىممەت قاراش، كۈچ، سالاھىيەت ۋە بايلىقلار ئۈستىدە ھەققى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇلارنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن رەقىبلەرنى يوق قىلىش ياكى قەبىلە، ئېتنىك، تىل، كۈلتۈر، دىن، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، سىياسىي قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن ئاتالغان گۇرۇپپىلارنىڭ پەرقلىق ۋە بىر-بىرىگە زىت مەقسەتلەر سەۋەبىدىن بىر-بىرى بولغان سۈركىلىشى”[1]دەپ ئىزاھلايدۇ. خەلقئارا قانۇن، جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە ۋە توقۇنۇش ئانالىزى قاتارلىق ساھەلەردە توقۇنۇش ئۇقۇمى پەرقلىق مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇقۇملارغا قارىلىدىغان بولسا، خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن “سۈركىلىش-ئىختىلاپ” بولسا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھەق ياكى مەنپەئەتلەردە قارشى ئىستەك ياكى قاراشلارنىڭ بارلىقى دەپ ئىزاھلانسا، “توقۇنۇش”نىڭ بەكرەك قوراللىق توقۇنۇشلارنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بايقايمىز.[2]بەكرەك تەپسلىي قارايدىغان بولساق، سۈركىلىش ئومۇمەن مەلۇم بىر مەسىلە ياكى تېما ھەققىدە تەرەپلەرنىڭ پىكىر ئوخشىماسلىقى ياكى مەنپەئەتلىرىنىڭ زىتلىقى دەپ ئىزاھلىنىدۇ. توقۇنۇش بولسا تەرەپلەرنىڭ يوشۇرۇن پوزىتسىيە ۋە ئەھۋاللىرىنىڭ بىر-بىرىگە ماس كەلمەسلىكى ياكى كەلگۈسىدىمۇ ماس كەلمەيدىغانلىقى چۈشەنچىسى بىلەن، كۈچ، بايلىقلار، مەنپەئەت ياكى قەدرىيەت قاتارلىقلار جەھەتلەردە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش مەقسىتىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ بارغانچە ئۇلغىيىشى، شۇنداقلا تەرەپلەرنىڭ ھېچبولمىغاندا بىرىنىڭ مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە زىت ھالدا مەقسەتلەرگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىپ قېلىشى دەپ ئىزاھلىنىدۇ. سۈركىلىش بىلەن توقۇنۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن بىر-بىرىگە زىت مەنپەئەتلەرنىڭ بولۇشى ۋە بۇ مەنپەئەتلەرنى تەرەپلەرنىڭ سوبيېكتىپ ئويلىۋېلىشىدۇر. شۇنىسى ئېنىقكى، سۈركىلىش ئومۇمەن قوراللىق توقۇنۇشتىن بىر باسقۇچ بۇرۇنقى ئەھۋالدۇر. [3]توقۇنۇش جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن شەخسلەر ياكى گۇرۇپپىلارنىڭ، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي نىشانلىرىنىڭ، قەدرىيەت ۋە نورمىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا سۈركىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تىركىشىش دەپ قارىلىدۇ.جەمئىيەتشۇناسلىق توقۇنۇش نەزىرىيەلىرى ئىچىدە توقۇنۇشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە پەرقلىق نەزىرىيەلەر مەۋجۇت. بۇ قاراشلارنىڭ مەزمۇنىغا ماقالىمىزنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا ئورۇن ئاجىرىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ماقالىمىزدا پەقەت ئۇقۇملارغا ئېنىقلىما بېرىدۇ.[4] ئىىجتىمائىي پىسخولوگىيەدىكى بەزى نەزىرىيەلەر توقۇنۇشنى ئىقتىساد، كىملىك ياكى سىياسىي جەھەتتىن بىر-بىرىگە زىت نىشان، ھەرىكەت، مەقسەت ۋە ئېتىقاد قاتارلىقلارنىڭ توقۇنۇشى دەپ ئىزاھلايدۇ. [5]

توقۇنۇش –سۈركىلىش ئانالىزى ۋە تىنچلىق تەتقىقاتلىرى (Conflict Analyses and Resolution) ماتېرىياللاردا توقۇنۇشقا مۇقەررەرلىك، مەنپەئەتلەر، قەدرىيەتلەر ۋە ئېتىقادلار سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر، جېدەللار، توقۇنۇشلار ۋە ئىنكاس خاراكتېرلىك بۆلۈنمىلەر[6]دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. شۇنداقلا “شەخسىي، كوللېكتىپ ۋە خەلقئارا جەھەتلەردە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان، بىرى-بىرىگە ماس كەلمەيدىغان  پەرقلىق قەدرىيەتلەر ۋە مەنپەئەتلەر ئۈستىدىكى رىقابەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قۇرۇلمىلىق (ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشى، كۈلتۈر ھۆكۈمرانلىقى ۋە كىملىكنىڭ تونۇلۇشى قاتارلىق) ۋە پىسخولوگىيەلىك (قەدرىيەتلەرنىڭ ماس كەلمەسلىكى ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلار) ئامىللارنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سۈركىلىشلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ.[7]بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، توقۇنۇش ئەڭ ئاز ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە زىت مەقسەتلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ۋە ھەر ۋاقىت چوقۇم زوراۋانلىق ياكى كۈچ ئىشلىتىشنى تەقەززا قىلمايدىغان سۈركىلىشلەردۇر. [8]

يۇقىرىدا توقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك تېرمىنلار پەرقلىق ئىپادە قىلىنغان بولسىمۇق، لېكىن توقۇنۇشقا دائىر بارلىق ئېنىقلىمىلارنىڭ ئوخشاش مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بايقايمىز. ئىنگىلىزچىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋالنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن: ” Conflict, Dispute, Clash, Struggle” قا ئوخشاش كەلىمىلەر بەزىدە بىر-بىرىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن ” Conflict ” كەلىمىسى ھەر ۋاقىت زوراۋانلىق ۋە كۈچ ئىشلىتىلگەن توقۇنۇشلارنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. لېكىن توقۇنۇش ئۇقۇمى ماقالىمىزدا تېمىمىزنىڭ ئاساسلىق چىقىش نۇقتىسى ۋە تەتقىقات ئوبيېكتى دائىرىسىدە “زوراۋانلىق ۋە كۈچ ئىشلىتىلگەن توقۇنۇش”مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.

توقۇنۇش ياكى سۈركىلىش تېرمىنلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئۇقۇم نۇقتىسىدىن چوقۇم قاراپ چىقىش كېرەك. توقۇنۇش ئانالىزى ۋە چارىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىلىمشۇناسلاردىن بىرى بولغان ج. بۇرتون نورمىلار، مۇناسىۋەتلەر، ئۆزگە دۆلەت، گۇرۇپپا ياكى كىشىلەرنىڭ پەرقلىق مەسىلە ۋە ئىشلارغا قارار بېرىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ياكى كونكرېت نىشانلارغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىش، ھەتتا قارشى تەرەپنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرگە توقۇنۇش دەپ ئېنىقلىما بەرسە، ئاسان ھەل بولىدىغان ۋە توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتمىگەن مەسىلىلەرگە ئىختىلاب دەپ ئېنىقلىما بەرگەن.[9]

2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھەر قايسى ساھەلەردە بارلىققا كەلگەن ئېغىر ئاقىۋەتلەر ۋە يادرو تەھدىتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە “توقۇنۇش ئانالىزى ۋە چارىلىرى”ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىش رەسمىي باشلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنلا توقۇنۇش ئانالىزى ۋە چارىلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم.  لېكىن 1950-يىللاردىن كېيىن بۇ ساھە جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، سىياسەت ئىلمى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمى نۇقتىسىدىن ئەتراپلىق تەتقىق قىلىندى، ھەتتا بۇ پەنلەر ئوتتۇرىسىدا مەخسۇس بۇ ساھە بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى. تەتقىقاتچىلار بۇ ساھەدە بارلىققا كەلگەن ۋەزىيەتنى تەرىپلەش ئۈچۈن توقۇنۇش ئانالىزى ۋە چارىلىرى ئېقىمى دېگەندەك ئىبارىنىمۇ ئىشلەتتى. بۇ ئېقىم باشلىغاندىن بۇيان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە بەكرەك دۆلەتلەر ئارا، 1990-يىللاردىن باشلاپ دۆلەتلەر ئىچىدىكى توقۇنۇشلارغا مەركەزلەشتى. بۇ ئېقىم ئوخشىمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغانلىقتىن شەخسلەر، ئائىلە، شىركەتلەر ئىچىدىكى توقۇنۇشلار، شىركەتلەرئارا، پارتىيەلەر ئارا مەسىلىلەرگە چارە تېپىش مەقسىتىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى. تەتقىقاتچىلار توقۇنۇشلارغا چارىلەر ئىزدەش جەريانىدا ئەنئەنىۋى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە سىياسەت ئىلمى ئۇسۇللىرىنىڭ قېلىپىدىن چىقىپ، ئەمەلىىي چارىلەرگە يۈزلەندى. شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئىسكاندىناۋ دۆلەتلىرىدە بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرىنەرلىك بولدى. مەسىلەن، شىمالىي ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى توقۇنۇش تەتقىقاتلىرى ۋە چارىلىرى ساھەسىدە بەكرەك پراگماتىك-ئەمەلىي ۋە ۋاقىتلىق چارىلەرگە يۈزلگەنلىكى ئۈچۈن “ئەمەلىيەتچىلەر”، ئىسكاندىناۋ دۆلەتلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار بولسا تارىخىي، ئېتىك ۋە قۇرۇلمىلىق ئانالىزلار ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك چارىلەرگە مەركەزلەشكەنلىكلىرى ئۈچۈن قۇرۇلمچىلار دەپ بىلىنىدۇ.[10]

توقۇنۇشلار شەخسلەر، گۇرۇپپىلار ياكى دۆلەتلەر سەۋىيەسىدە تەتقىق قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ماقالىمىزنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، ماكرو توقۇنۇشلار بولغان ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئىجتىمائىي توقۇنۇشلار، ئىچكى ئۇرۇشلار ياكى ئىجتىمائىي كىملىك گۇرۇپپىلارنىڭ تەسىرىدە دۆلەتلەرئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا دائىر نەزىرىيەلەرمۇ[11] بايان قىلىنىدۇ.[12]ئىچكى ئۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي توقۇنۇشلارنىڭمۇ ئېنىقلىمىسى بېرىلىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى توقۇنۇشلارغا تەبىر بېرىش ئۈچۈن “ئىچكى ئۇرۇش” ۋە “ئىجتىمائىي توقۇنۇش”غا ئوخشاش ئۇقۇملار ئىشلىتىلسىمۇ، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا رۇشەن پەرق يوقلىقى، ھەر ئىككىلى ئۇقۇمنىڭ بەزىدە بىر-بىرىنىڭ ئورنىغا ئىشىلىتىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئىشلىتىش نۇقتىسىدىن ئېنىقلىمىسىغا قارايدىغان بولساق، “ئىچكى ئۇرۇش” بىر ياكى بىردىن ئارتۇق گۇرۇپپىنىڭ پەرقىق سەۋەبلەر تۈپەيلى مەۋجۇت دۆلەت ھاكىمىيىتىگە قارشى ياكى دۆلەت ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندا گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار دەپ ئىزاھلىنىدۇ. ئىچكى ئۇرۇشقا ئوخشاش “ئىجتىمائىي توقۇنۇش”مۇ جەمئىيەتتىكى گۇرۇپپىلارنىڭ پەرقلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆز-ئارا توقۇنۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي توقۇنۇشلار پەيدا قىلغان مالمانچىلىقنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يوق قىلىپ ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.[13]

توقۇنۇش تۈرلىرى

توقۇنۇشلارنى تۈرگە ئايرىش توقۇنۇشنىڭ ئېنىقلىىمسىىغا پاراللېل تەرىقىدە بولىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، توقۇنۇش تۈرلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تۈرگەن ئايرىشنىڭ ئوبيېكتىپ (رىئالىستىك، ئەقلىي، ئەمەلىي) ۋە سۇبيېكتىپ (غەيرى رىئالىستىك، غەيرى ئەقلىي، غەيرى ئەمەلىي) ئىختىلابلار تەرىقىسدە ئىككىگە ئايرىلغانلىقىنى بايقايمىز. ئەمەلىيەتتە بۇلارنى ئەقلىي ياكى غەيرى ئەقلىي ۋە ھېس-تۇيغۇلۇق پوزىتسىيەلەر دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئوبيېكتىپ تەرىقىدە ئىپادە قىلىنغان توقۇنۇش تۈرلىرى بەكرەك مەنپەئەت، ھاكىمىيەت ۋە ئىقتىسادىي بايلىقلارنى ئۈلۈشۈش، كۈلتۈر ياكى سىياسىي ھەق-ھوقۇقلار، كىمىلىك ئىختىلابلىرى (دىنى، ئىدېئولوگىيەلىك، ئېتنىك ياكى جىنسىيەتكە ئوخشاش كىملىك تەلەپلىرىنىڭ توقۇنۇشى)قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۇبيېكتىپ توقۇنۇشلار بولسا   بەكرەك پىسخىكىلىق بولۇپ بىر تەرەپلىمە قاراشلار، ئۆز مىللىتىنى چوڭ بىلىش، زىھنى پوزىتسىيەلەر، ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن تىراگېدىيەلەر، ئىدېئولوگىيەلىك[14]، دىن ياكى كۈلتۈر قەدرىيەتلىرىنىڭ توقۇنۇشى، زىتلىقلار ياكى بۇلار ئاساس قىلىنىپ بەرپا بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ۋەزىيەتكە ئاساسەن پەيدا بولغان توقۇنۇشلار بولۇپ، مۇتلەق كونكرېت سەۋەبلەردىن تۈپەيلى پەيدا بولغان توقۇنۇشلار ئەمەس. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ قويۇش زۆرۈركى، ئوبيېكىتپ ۋە سۇبيېكىتپ سەۋەبلەر تۈپەيلى پەيدا بولغان توقۇنۇشلارنى رۇشەن پاسىللار بىلەن ئايرىشقا بولمايدۇ. چۈنكى پەرقلىق سەۋەبلەر بىر-بىرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تولۇقلايدۇ، ئۆتمۈشتە ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ھادىسە كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئوبېيكتىپلىقتىن چىقىپ، پىسخولوگىيەلىك توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولالايدۇ ياكى پىسخىكىلىق سەۋەبلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ناھايىتى ئاددىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوبيېكتىپ ۋە ھەققىي توقۇنۇشلارغا ئايلىنالايدۇ.[15]توقۇنۇش تۈرلىرىنى تۈرگە ئايرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلارمۇ تالاش-تارتىش قىلىنماقتا. مەسىلەن، جوھان گالتۇڭ توقۇنۇشنى قۇرۇلمىلىق، قىلىق ۋە زىھنى دەپ ئۇچ بۇلۇڭلۇق تەرىقىدە تۈرگەن ئايرىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرى توقۇنۇش تۈرى نۇقتىسىدىن پەرقلىق بولسىمۇ توقۇنۇشقا ئاساسەن تەسىرلىرىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.[16]بەزى تەتقىقاتچىلار قەدرىيەت ۋە نورمىلارمۇ سەۋەب بولغان توقۇنۇشلارنى ئوبيېكتىپ توقۇنۇشلار دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، بەزى تەتقىقاتچىلار بولسا يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىشىدۇ. ماقالىمىزدە قەدرىيەتلەر توقۇنۇشىنىڭ كونكرېت ۋە ئەمەلىي سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىقمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ سۇبيېكتىپ توقۇنۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى دېگەندە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت تالىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان توقۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ، مەنپەئەت توقۇنۇش رىقابەتنى ئاساس قىلىدۇ، بىر تەرەپ مەنپەئەتى ئۈچۈن يەنە بىر تەرەپنى تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى مەقسەت نۇقتىسىدىن ئىككىگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، بىرسى ماددىي بايلىققا ئېرىشىشنى كۆزلەپ كېلىپ چىققان مەنپەئەت توقۇنۇشى بولسا، يەنە بىرى كىملىك-سالاھىيەتكە ئېرىشىشنى كۆزلەپ كېلىپ چىققان مەنپەئەت توقۇنۇشىدۇر.  مۇناسىۋەتلىك خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار بولسا، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچىنىڭ بولماسلىقى، دۈشمەنلىك تۇيغۇسى، سەلبىي چۈشەنچىلەر، سۇس ئالاقىلەر ۋە ماغدۇرىيەت ئېگوزىمىدىن پەيدا بولغان پىسخىكىلىق توقۇنۇشلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇشلار بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشىدىغان قەدرىيەتلەر ياكى دۇنيا قاراشلىرىدىن پەيدا بولغان توقۇنۇشلار بولۇپ، بۇ ئىجتىمائىيلىشىش ۋە ئىدىئاللاشتۇرۇش جەريانلىرىنىڭ تەسىرىدە ئۆزلۈكنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئېتىقاد ۋە قاراشلارنىڭ، كىملىكى بىر پۈتۈن ھالەتتە چۈشىنىلگەن تاشقى كۈچلەرگە قارشى كۈچەيگەن كىملىكنى كۈچلۈك تەرىقىدە ياقىلاش ۋە ئىشىنىش تۈرتكىسىدە ئۆزلۈكنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان قەدرىيەتلەرنىڭ ئۆزگە قەدرىيەتلەر، ئېتىقادلار ۋە نورمىلاردىن پەرقلىشىشىپ زىت ھالەتكە كېلىشى سۈپىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. قۇرۇلمىلىق ئىختىلابلار ۋە توقۇنۇشلار شەخسلەرنىڭ كونتروللۇقى سىرتىدا شەكىللەنگەن ماددىي بايلىقلارنىڭ ئادالەتسىزلەرچە ئۈلەشتۈرۈلۈشى، ئازسانلىقلارنىڭ سىياسىي جەريانلاردىن سىقىپ چىقىرىلىشى، كۈلتۈر زوراۋانلىقىغا ئوخشاش مەسىلىلەردىن كېلىپ چىققان توقۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ. [17]

توقۇنۇش ئانالىزى ۋە نەزىرىيەلىرى

بۇ ھەقتە ھەممە بىردەك ئىتىراپ قىلغان، ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلاستۇرۇلغان توقۇنۇش نەزىرىيەسى تېخى روياپقا چىقمىدى. بۇنداق بولۇشىدا بۇ ساھەنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئىنچىكە بولۇشى، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىغا بېرىپ يەتمەسلىكىدۇر. غەلىتە يېرى شۇكى، بەزى مەنبەلەردىكى نەزىرىيەلەرنىڭ باشقا مەنبەلەردە پەقەتلا تىلغا ئېلىنماسلىقى ياكى ئوخشاش نەزىرىيەلەرنىڭ پەرقلىق ھەتتا زىددىيەتلىك ھالەتتە شەرھىيلىنىشىدۇر. بۇنىڭدىن سىرت، ئوخشىمىغان نەزىرىيەلەرنىڭ بايان قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەنبەلەردىمۇ بۇ نەزىرىيەلەرنىڭ بىر=-بىرلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى، نەزىرىيەلەرنىڭ بىر=بىرىنىڭ تەكرارىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى ياكى بىر-بىرلىرىنىڭ تولۇقلىغۇچىسى ئىكەنلىكى كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئومۇمەن قوبۇل قىلىنىپ كەڭ ئىشىلىتىلىۋاتقان تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى بولسا “ئېتنولوگىيەلىك، قۇرۇلمىلىق ۋە پىسخىلىك”بولۇپ ئۈچ ئوخشىمىغان ئېقىم ۋە بۇ ئېقىملارنىڭ تارماقلىرىدۇر. [18]بۇلارنى چىقىش قىلغان ھالدا توقۇنۇش نەزىرىيەلىرى تەھلىل قىلىنىدىغان بولسا، توقۇنۇشلارنىڭ ئومۇمەن ئىجتىمائىي، پىسخولوگىيەلىك ۋە بىيولوگىيەلىك يىلتىزلىرىنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەرگە دائىر توقۇنۇشلار ئجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئەھۋالى پەرقلىق بولغان گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاب ۋە توقۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ،  پىسخىكىلىق تەتقىقات ئېقىمىدا بولسا توقۇنۇشلار گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ يىلتىزىدا ئىجتىمائىي شارائىتلار، تارىخىي تەرەققىياتلار، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، ھاكىمىيەت ۋە سىياسىي قاتلام سىستېمىسى، گۇرۇپپىلارنىڭ سالاھىيىتى، بايلىقلار ۋە ھاكىمىيەتنىڭ ئادالەتسىزلەرچە ئۈلەشتۈرۈلۈشى قاتارلىقلار ياتىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنىڭ ئەكسىچە، توقۇنۇش ئانالىزى ئېلىپ بېرىلغىنىدا كلاسسىك نەزىرىيەلەرچىلەردىن پەرقلىق ھالدا يېڭى نەزىرىيەچىلەرنىڭ نەزىرىيەلىرىنىڭ ئەتراپلىق، كۆپ قىرلىق ۋە تېخىمۇ سىستېمىلىق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. نەزىرىيەلەر ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىلغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلاردىن بىرسى، ھەر نەزىرىيەنىڭ ئوخشىمىغان مۇھىت ۋە شارائىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، شۇڭا نەزىرىيەلەرنىڭ بۇ خىل ئۆزگىچىلىكىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق بولۇشىدۇر.

بۇ سەۋەبتىن ھەم ماقالىمىزنىڭ ئاساسلىق ئىدىيەسى ھەمدە يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان ئۈچ خىل ئېقىمنىڭ ئوخشاشلىقلىرى سەۋەبىدىن تۈرگە ئايرىشنىڭ ئورنىغا ئېتنولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق ئامىللار بىرلىكتە، قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر بولسا تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تەپسىلىي شەرھىيلىنىدۇ. لېكىن ئومۇمەن ئېتىراپ قىلىنغان نەزىرىيەلەر ھەققىدە بەكرەك توختىلىش بىلەن بىرگە، ماقالىمىزنىڭ ئاساسلىق ئىدىيەسى تۈپەيلى كىملىك توقۇنۇشى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ئۈچ ئاساسلىق ئېقىمنىڭ سىرتىدا بايان قىلىنىدۇ.

بىيولوگىيەلىك ۋە پىسخىلىق قاراشلار

بىيولوگىيەلىك قاراشلار بەكرەك ئىنسان تەبىئىتىگە مەركەزلىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئېقىمدا ئىنسان زوراۋان، خىرسلىق، كۈچنىڭ كويىدا يۈرۈيدىغان، كۈچكە تويماس مەخلۇق دەپ قارىلىدۇ. بىيولوگىيەلىك ئامىلنى چىقىش قىلىدىغان توقۇنۇش نەزىرىيەلىرى ئېتنولوگ لورېزننىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە مۇناسىۋەتلىك قارىشىنى ئاساس قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، لورېزننىڭ قارىشىچە ئىنسان زوراۋان ۋە قوپال تەبىئەتكە ئىگە. لورېنز ھايۋانلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سىنىقىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىنسانلارغا تەدبىقلىغان بولۇپ، ئۇ توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئىنسان تەبىئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ زوراۋان ، قوپال، خىرسلىق، كۈچكە تويماس ۋە كۈچكە ئېرىشىشنىڭ كويىدىلا يۈرۈيدىغان مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.[19]بۇ قىلىقلارنىڭ ھايات مەنبەلىرى ۋە رايونلىرى سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھايات-ماماتلىق كۈرەشلەرنىڭ ھالقىسىمان ئايلىنىشىنىڭ “ئىنسان تەبىئىتى”ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى، يەنى كۈرەش، زوراۋانلىق، توقۇنۇش ياكى ئۇرۇشنىڭ ئىستىخىسىز، تۇغما ۋە ئۆگىنىلمىگەن ئامىللار تۈرتكىسىدە كېلىپ چىقىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.[20]لورېنزن ھايۋانلارنىڭ ئۆز تۈرلىرى بىلەن قانداق توقۇنۇشىدىغانلىقىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، كۆزىتىش نەتىجىلىرىنى ئىنسانلارغا تەبىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەبىئىي زوراۋنلىق نەزىرىيەسىگە ئاساس ياراتقان. لېكىن لورېنزنىڭ نەزىرىيەسىدە كۆزگە چېلىقىدىغان مۇنداق بىر مۇھىم نۇقتا بار: ئىنساننىڭ زوراۋانلىقى ئۇنىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتى دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ھەم ئىنسانلارنى ھەمدە ھايۋانلارنى زوراۋانلىققا ئېلىپ بارىدىغان، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا  بەلكىم ئۇلارنىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتىنى قوزغىتىدىغان  سەۋەبلەردۇر. بۇ سەۋەبلەر بەزىدە ئۆز پاسىللىرىنى قوغداش بولسا، بەزىدە ئېھتىياجلىرىنى ۋە گۇرۇپپا ئەزالىرىنى تاشقى خەتەرلەردىن ساقلازش تەرىقىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. لورېزننىڭ نەزىرىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا، زوراۋانلىق ۋە ھايات-ماماتلىق كۈرەشلەر تۈرلەرنىڭ ئۆز ئىچىدە يۈز بېرىشتىن باشقا، كۆپ قىرلىق يەنى پەرقلىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىمۇ توقۇنۇشلارنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، بۇ ئەھۋال كىملىك توقۇنۇشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.[21]ئىنساننىڭ تەبىئىتى بىلەن زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇشنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ياقلايدىغان بەزى نەزىرىيەچىلەر، پىسخىكىلىق ۋە پىخسىك ئانالىزغا دائىر نەزىرىيەلەر ئىچىدە بايان قىلىنىدىغان فىرويىدنىڭ قاراشلىرىغىمۇ مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانىي كىشىلىكنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا، كىشىلەرئارا ياكى گۇرۇپپىلارئارا زىددىيەتلەر ۋە توقۇنۇشلارنىڭ پىسخىكىلىق تەرىپىنى ئالاھىدە تەكىتلىشىدۇ.ئۇلار توقۇنۇشلارنىڭ ئەسلىدە پىسخىكىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ۋە ئىنساننىڭ تۇغما خۇسۇسىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ۋە ئوبيېكتىپ شارائىتلارنىڭ تەسىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توقۇنۇش ھالىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى،ھەتتا كونترولدىن چىقىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭمۇ بارلىقىنى دېيىشىدۇ.[22]ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيەنى تەنقىد قىلغان بەزىلەر، توقۇنۇشلارنىڭ نوقۇل يوشۇرۇن ئېڭى ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە كۆرۈلمەسلىكىنى، بۇنىڭ ھەققىي سەۋەبلىرىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى لازىملىقىنى، ئېتنىك، دىنىي، كۈلتۈر، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئامىللارنى ئاساس قىلىدىغان ئىجتىمائىي دارۋىنىزمنىڭ تەسىرى بىلەنمۇ يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ.[23]

پىسخىكىلىق ۋە پىسخىك ئانالىز قاراشلىرى

فىرويىدنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭى تاشقى دۇنياغا ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، يوشۇرۇن ئاڭ مىخانىزملىرى ئارقىلىق يوشۇرۇن ئاڭدىكى نەپرەت زوراۋانلىق ۋە ئىختىلابلار پەيدا قىلىنىپ بېسىقتۇرۇلىدۇ، بۇ سەۋەبتىن كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭلىرى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلار بىلەن غەيرىي ئەقلىي تەرىقىدە نامايان بولىدۇ. پىسخىك ئانالىز قاراشلىرى فىرويىدنىڭ دەل مۇشۇ قارىشىنى ئاساس قىلىدۇ. كېيىنچە “يېڭىچە-پىسخىك ئانالىستىك”دەپ ئاتالغان بۇ ئېقىم فرويىدنىڭ بەزى ئاساسلىق قاراشلىرىنى بولۇپمۇ پىسخىك ئانالىز ۋە پىسخىكىلىق ئاساسلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، سەۋەبلىرى توغرۇلۇق پەرقلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. نامىك ۋولكان باشچىلىقىدىكى بۇ ئېقىم، توقۇنۇشلارنىڭ يىلتىزىنىڭ ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا بوش بىر ئەينەككە ئوخشاش كېلىپ دۈشمەن ۋە دوست ئوبرازلىرىغا ئېھتىياج ھېس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتىلىشىدۇ. ئىنسان پىسخىكىلىق جەھەتتىن ئارام تېپىپ قىلىش ئۈچۈن ئۆزى ياقتۇرغان كىشىلەرگە دوست سۈرىتى چاپلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىجابىي قارايدۇ، ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرگە بولسا سەلبىي دۈشمەن سۈرىتىنى چاپلايدۇ. دۈشمەن ئوبرازى تاللاش كىشىلەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ. كىشىلەر دۈشمەنلىرىنى پەرقلىق ناملار بىلەن تامغىلايدۇ، كېيىنچە بۇ دۈشمەنلىك ئۆزگىچىلىككە ئايلىنىدۇ.[24]ئەمەلىيەتتە  نامىك ۋولكاننىڭ بۇ خىل ئوخشىتىشى لاكاننىڭ ئىنساننىڭ ئۆزلىكىنى تېپىپ تەبىر بېرىشىدە ئىشلەتكەن ئەينەك ئوخشىتىشىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ۋولكان جەمئىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن تىراگېدىيەلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەر زور رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، توقۇنۇشلارنىڭ ئىجتىمائىي-پىسخىكىلىق تەرىپىنى ئەسكەرتىدۇ. ۋولكان ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەنلەرنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مۇبالىغە ھالەتتە يەتكۈزۈلۈشى نەتىجىسىدە گۇرۇپپا كىملىكىنى شەكىللەندۈرىدىغان قىسىملارنىڭ بىرى ھالىتىگە كېلىدىغانلىقىنى، بۇ ھادىسىلەر قالدۇرغان تەسىرلەر ۋە مۇبالىغە قىلىنىش سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن ھېكايىلەر تۈرتكىسىدە تىراگېدىيەنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باقمىغان ئىنسانلارمۇ پىخسىكىلىك جەھەتتىن تەسىرگە ئۇچراپ باشقا گۇرۇپپىلارغا نىسبەتەن دۈشمەنلىك ۋە ئىنتىقام تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا بۇ خىلدىكى ئامىللارمۇ ئىختىلابلارغا سەۋەب بولغان.[25]جون دوللارد بولسا فىرويىد ۋە لورېنزنىڭ نەزىرىيەلىرىگە تەنقىدىي نۇقتىدىن قاراش ئارقىلىق، توقۇنۇش ۋە زورۋانلىقنىڭ توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئىنساننىڭ تەبىئىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دوللارد شەخسلەر ياكى گۇرۇپپىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەقسەتلىرى سەۋەبىدىن ئەسلىدىلا ئىنسان تەبىئىتىدە بار بولغان تۇغما زوراۋانلىققا يۈزلىنىش ئارقىلىق توقۇنۇشقا كىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.[26]بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتىدىلاردىن بىرى دوللاردنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ ئىنسان تەبىئىتىدە تۇغما ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان بولۇشىنىڭ ئەكسىچە يۈز بېرشىنىڭ ياكى ئىزچىللىققا ئىگە بولۇشىنىڭ توقۇنۇشقا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇر. دوللاردنىڭ بۇ قارىشى ماقالىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا باشقا نەزىرىيەلەر سېلىشتۇرۇلغان ھالدا بايان قىلىنىدۇ.

يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان نەزىرىيەلەردە بىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق ئامىللار ئايرىم ھالدا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ھەممىسىدە توقۇنۇش خاھىشىنىڭ ئىنساننىڭ تەبىئىتىدىن كېلىپ چىققانمۇ ياكى پەرقلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن يۈز بەرگەنمۇ دېگەن نۇقتا ياتىدۇ.

پىخسىكىلىق نەزىرىيەلەرگە نەزەر سېلىنغىنىدا دەسلەپ مۇزاپپەر شەرىفنىڭ “ھەققىي مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى” قارشى بەكرەك قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، مۇزاپپەر شەرىفنىڭ قارىشىچە، ئىككى شەخس ياكى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار مەنپەئەتلەرنىڭ پەرقلىق بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، قانداقتۇر ئۇلار دېگەندەك ئۆزلىرى تەئەللۇق بولغان نەرسىنىڭ پەرقلىق بولۇشىدىن توقۇنۇش كېلىپ چىقمايدۇ. كېيىنچە لىيون فېستىگېرنىڭ “ئىجتىمائىي سېلىشتۇرما نەزىرىيەسى”دە شەخسلەرنىڭ ئالاقە ئىچىدىكى ۋە ئۆزلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان كىشىلەر بىلەن ئۆزلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ نەزىرىيە 1960 ۋە 1970-يىللاردا ھ.تاجفېل ۋە ج.س تەرىپىدىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ گۇرۇپپا سەۋىيەسىدە تەدبىق قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ ئەھۋال مۇزەپپەر شەرىفنىڭ “ھەققىي مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى”دېگەن نەزىرىيەسىنىڭ ئۇلىنى تەۋرەتكەن. فېستىگېر ئىنسانلار ئۆزلىرىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۆزلىرىنىڭ سىرتىدىكىلەردىن بەكرەك ئۆزلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىنسانلار بىلەن ئۆزلىرىنى سېلىشتۇرىدىغانلىقىنى دەيدۇ. بۇنىڭغا ئىجتىمائىي سېلىشتۇرما دېيىلىدۇ. بۇ نەزىرىيە يەنە ئۆزلۈككە ئوخشاش ئۇقۇملاردىنمۇ پايدىلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىشنى خالاش بىلەن بىرگە ياخشى، توغرا، ئۈستۈن ئىكەنلىكلىرىنىمۇ نامايەن قىلغۇسى كېلىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. يەنە بىر پىسخولوگ ۋىللىس، فېستىنگېر نەزىرىيەسىنى چىقىش قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ياخشى ۋە ئۈستۈن بولۇش تۇيغۇلىرىنى ئۆزلىرىدىن تېخىمۇ ناچار بولغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.[27] تاجفېل بىلەن تۇرنېرنىڭ “ئەڭ ئاز گۇرۇپپا بىلىش ئەندىزىسى”دېگەن نامنى بېرىپ كېيىنچە ئۇنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ “ئىجتىمائىي كىملىك نەزىرىيەسى”دېگەن نەزىرىيەسى، ھەر قانداق بىر مەسىلە ھەتتا ئالاقە بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ئىنسانلارنىڭ سۈنئىي ھالدا گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ ئۆزگىلەرگە سەلبىي ئوبرازلارنى يۈكلەپ، ئۇلارغا ئايرىمچىلىق ۋە زوراۋانلىق قىلىش ئارقىلىق “مەن قالتىسچىلىق” قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان زوراۋانلىق پەرقلىق زوراۋانلىق تۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.[28]پىسخىكىلىق نەزىرىيەلەر كېيىنچە م.ب برۋېر 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن بۇيان سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان سەلبىي ئىجتىمائىي كىملىكنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا توقۇنۇشنى تولۇق يورىتىپ بېرەلمەيدىغانلىقى، گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا يوشۇرۇن ياكى ئوچۇق مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى، چوڭقۇر كۈلتۈر پەرقلىرى، ئىدېئولوگىيەلىك ئازغۇنلۇققا ئوخشاش باشقا ئامىللارنىڭمۇ توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، توقۇنۇشقا دائىر ئىككى ئېقىمنى بىرلەشتۈرۈپ چىقىدۇ.[29]

شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، پىخسىكىلىق ئامىللارنى ئاساس قىلىدىغان قاراشلار ئىختىلاب ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ھەر ۋاقىت راتسىيونال (ئەمەلىي ۋە ئەقلىي)  مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىدىن كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ. تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈك ياكى ئاجىزلىق چۈشەنچىسى، سۈنئىي يوللار ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلىدىغان گۇرۇپپىلىشىشنىڭ ئىپادىسى بولغان بىر تەرەپلىمە قاراشلار، سەلبىي چۈشەنچىلەر ۋە “مەن قالتىسچىلىق” ئىدىيەسى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان توقۇنۇشلار بىلەن مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى، سىياسىي ياكى كۈلتۈر ھۆكۈمرانچىلىققا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ پىسخىكلىق ئىپادىسى سۈپىتىدە كېلىپ چىقىدىغان توقۇنۇشلار بولۇپ ئىككى خىل توقۇنۇش قارشى مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە توقۇنۇش نەزىرىيەلىرى ئايرىم ئىزاھلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى ئېقىمنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى، بىر-بىرلىرىنىڭ تولۇقلىغۇچىسى ۋە غىدىقلىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق لازىم.

قۇرۇلمىلىق نەزىرىيەلەر

بۇ نەزىرىيەلەر توقۇنۇشلارنىڭ تېگىدە ئىقتىسادىي، سىياسىي، كۈلتۈر ۋە ئىجتىمائىي ئورۇن قاتارلىق ئېھتىياج ۋە مەنپەئەتلەر ئۈستىدىكى تەڭسىزلىكلەر ۋە ئايرىمچىلىقلار بىلەن پۇرسەتلەر، بايلىقلار، ئىمكانىيەتلەر، ھاكىمىيەت ۋە مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىش مەقسىتى سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلغان سۈركىلىش ۋە توقۇنۇشلارغا مەركەزلىشىدۇ.

  • جەمئىيەتشۇناسلىق نەزىرىيەلىرى

“ياتلىشىش ۋە مودېرنلىشىش”: جەمئىيەتشۇناسلىق نەزىرىيەلىرى ئىچىدىكى نەزىرىيەلەردىن بىرى ‘مودېرنلىق ۋە ياتلىشىش”قا مۇناسىۋەتلىكتۇر. تېز سۈرئەتتىكى سانائەتلىشىش ۋە مودېرنلىشىشنىڭ زىددىيەتلىك نەتىجىلىرىنى تېما قىلىدىغان بۇ نەزىرىيەنى ماركس، دۇركھېيىم ۋە ئې. فرومغىچە بولۇپ نۇرغۇن نەزىرىيەچىلەر پەرقلىق تەرىقىدە شەرھىيلىگەن. ك.ماركس “ياتلىشىش” دەپ ئىزاھلىغان ۋە سانائەت ئىنقىلابى نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىغان مەھسۇلاتلاردىن يىراقلىشىپ كونترول قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن بىر سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئېڭى ۋە ئەمگىكىدىن مەھرۇم قېلىشى نەتىجىسىدە ياتلىشىشقا دۇچار بولغانلىقى، ياتلىشىش سەۋەبىدىن قايغۇغا مۇپتىلا بولغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى “ئازابلار”نى رىئاللىققا ئىتتىرىپ چىقىرىپ، ئۇلارنى ئاسانلا توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىققا باشلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دۇركھېيىم، بولۇپمۇ فروم ئەدەبىيات-سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى، ئىسلاھات ھەرىكىتى ۋە كەينىدىن بارلىققا كەلگەن مودېرنىزم بىلەن باشلىغان تەرەققىيات جەريانىدا، ئىنسانلارنى ئەسىرلەرچە قامال قىلىپ كەلگەن پىسخىكىلىق توساقلارنىڭ پاچاقلانغانلىقى، زىددىيەتلىك ھالدا ئېتىقاد بۇتلىرىنىڭ يىقىلىشى نەتىجىسىدە بۇ بۇتلار شەكىللەندۈرگەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ خاتا ۋە توغرىنى ئايرىش مەسلىسىدە دۇچ كەلگەن زىدىيەتلىك ئەھۋاللار، ئۈزۈلگەن رىشتىلەر، ئاجىزلاشقان كونترول مىخانىزملىرى قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە ئاجىز ۋە تەشۋىش چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ئەھۋالنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىش خۇمار بولۇپ قېلىشىنى، زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قېلىشىنى، ئاشقۇن دىنى ئېقىم ۋە ئىدېئولوگىيەلەرگە مايىل بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، شۇنداقلا بىخەتەرلىك كىرزىسىدىن قېچىشنىڭ يەنە بىر يولى بولغان زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇشنى ئاسانلا پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە ئىنسانلارنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىدىن سىرت ھۆرمەت، سۆيگۈ قاتارلىقلارغىمۇ ئېھتىياجى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.[30]

مودېرنلىشىشنىڭ توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى يەنە بىر قاراشقا كۆرە،  مودېرنلىشىشقا ئەگىشىپ ئوخشىمىغان كىملىكلەرنىڭ بىرلا كىملىك بەرپا قىلىش پىروگراممىسى ئاستىدا ئېرىتىلسە، بايلىقلار، ھاكىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي-كۈلتۈر ھاياتلىرىدىن مەھرۇم قىلىنسا ياكى تەڭسىز شەكىلدە ئورون ئالسا توقۇنۇشلار مۇقەررەر يۈز بېرىدۇ. [31]

سىنىپ ياكى ھاكىمىيەت توقۇنۇشى: سىياسەت جەمئىيەتشۇناسلىقىدا توقۇنۇش دەسلەپ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالماسلىقنىڭ سەلبىي ئىپادىلىرى سۈپىتىدە كېلىپ چىقىدىغانلىقى، توقۇنۇشنىڭ قەدرىيەت ۋە نورمىلار كۈچلۈك ئورۇندا تۇرىدىغان كۈلتۈر سەۋەبلىك بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسا، كېيىنچە “قۇرۇلمىلىق=فۇنكسىيەلىك”جەمئىيەتشۇناسلىق ئېقىمىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ قەدرىيەتلەر ۋە نورمىلارنىڭ تەسىرىمۇ نەزىردىن ساقىت قىلىنماسلىق بىلەن بىرگە، توقۇنۇشنىڭ مەركىزىدە ئىقتىسادىي ۋە قۇرۇلمىلىق ئامىللارنىڭ بارلىقى تەكىتلىنىشكە باشلىغان. يەنى، توقۇنۇش بايلىقلار، سىنىپىي ۋە ئىجتىمائىي سالاھىيەت-ئورۇنلار، ئىدېئولوگىيەلىك پوزىتسىيەلەر، ئېتنىك ياكى دىنى كىملىكلەرنى ئاساس قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىپادىلەيدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ كۈچ تىركىشىشىنىڭ مۇرەسسە ھالىتىگە كېلەلمەسلىكى ياكى تېخىمۇ كەسكىنىپ كېتىشى ۋەياكى پەرقلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.[32]1960-يىللاردا باش كۆتۈرگەن ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى، يۇرتداشلىق ھەق-ھوقۇقلىرى، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان ۋە ئىجتىمائىي توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي ئايرىمچىلىقنىڭ ئەھمىيىتىمۇ بۇ ئېقىملاردا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. سوتسىيولوگىيەلىك توقۇنۇشقا دائىر تۆت ئېقىم ئاساسىي ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ ئېقىملار ئاساسەن ماركسىزم ۋە ۋېبېريان چۈشەنچىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا تەرەققىي قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىككى ئاساسلىق ئېقىم =بۇ ئېقىملاردىن باشقا توقۇنۇشلار نەزىرىيەلىرى بولسىمۇ مۇنازىرىلەر ئاساسىي ئېقىمنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمىگەنلىكتىن تارماق ماۋزۇدا بايان قىلىنىدۇ- ئاساس قىلىنىپ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ ئىككى ئاساسلىق ئېقىمغا قارىغىنىمىزدا، “ماركىسىزملىق توقۇنۇش نەزىرىيەسى”ماركىسنىڭ ئىجتىمائىي ئىختىلابلارنىڭ تېگىدە ئىجتىمائىي سىنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭسىزلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان توقۇنۇشلارنىڭ بارلىقىنى، تارىخنى ئىمتىيازلىق ۋە ئىمتىيازسىزلار دەپ ئايرىلغان ئىككى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى تەڭسىزلىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان توقۇنۇشلارنى چىقىش قىلىپ ئىزاھلىغانلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ماركس ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ ھاكىمىيەت ۋاستىلىرىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى تامامەن نەزىردىن ساقىت قىلماسلىق بىلەن بىرگە، سىنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادنى تىركىشىشنىڭ كەينىگە قالدۇرۇپ قويغان. [33]شۇنداقلا، ماركىسىزملىق توقۇنۇش نەزىرىيەسىدىكى “ئاستى قۇرۇلما-تۆۋەن قۇرۇلما پرىنسىپى”دېگەندە كۈلتۈر سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن توقۇنۇش ياكى كۈرەشلەرنىڭ “بۇرژۇئازىيە دۆلىتىنىڭ”قولى بىلەن ياكى ئۇنىڭغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئورتودوكس ماركىسىزم نەزىرىيەسى توقۇنۇشلارنى نوقۇل سىنىپىي كۈرەش نۇقتىسىدىن ئىزاھلىسىمۇ پوست-قۇرۇلمىلىق ياكى پوست-ماركىسىزمچى ئېقىملار، ۋېبېرچى توقۇنۇش نەزىرىيەلەرگە ئوخشاش تەرىقىدە، مۇنازىرىلەرنىڭ نوقۇل سىنىپىي توقۇنۇشنى ئاساس قىلىدىغان شەرھىيلەر بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق كېرەكلىكى، سىنىپىي كۈرەش بىلەن دىن، كۈلتۈر، جىنسىيەت ياكى ئېتنىكقا ئوخشاش كىملىك مەركەزلىك تېمىلارنىمۇ سىنىپىي كۈرەش، توقۇنۇش ۋە مۇنازىرە ساھەلىرىگە داخىل قىلغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

مۇستەملىكە ۋە مۇستەملىكىدىن (شۈمۈرگەچىلىك) كېيىنكى توقۇنۇش نەزىرىيەسى ئېقىمى: جون ئا. ھوبسون (John A.HObson)، ر. لۇكېسبېرگ (R.Luxeburg)، لېنىنغا (l.Lenin) ئوخشاش شەخسلەر ماركىسنىڭ قاراشلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ خەلقئارالىق توقۇنۇشلارنىڭىمۇ كاپىتالىستىك كېڭەيمىچلىك بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى ئىمپىرىيالىزم-جاھانگىرلىك نەزىرىيەسى دەپ ئاتاشقان. بۇ نەزىرىيەنىڭ ئىزىدىن ماڭغان نۇرغۇن ماركىسزمچى نەزىرىيەچلەر 1-دۇنيا ئۇرۇشنى دەل مۇشۇ نەزىرىيە بىلەن ئىزاھلاپ، مەيلى ئىجتىمائىي توقۇنۇشلار بولسۇن مەيلى ئۇنىڭ داۋامى بولغان خەلقئارا ئۇرۇشلاردا كاپىتالىزم ۋە ئۇ سەۋەب بولغان سىنىپ توقۇنۇشنى، مۇستەملىكچىلىككە-شۈمۈرگەچىلىككە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.[34]ما.ھېچتېرغا ئوخشاش بەزى ماركىسىزمچى يازغۇچىلارمۇ كاپىتالىزمدىكى تەڭسىز تەرەققىياتنىڭ، دۆلەتنى باشقۇرىدىغان ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ئەتراپتىكى ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنىڭ “ئىچكى مۇستەملىچىلىك”سۈپىتىدە ئىجتىمائىي-كۈلتۈر، سىياسىي، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن شۈمۈرۈشنىڭ باشقىچە بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.[35]ئىچكى مۇستەملىكچىلىك-شۈمۈرگەچىلىككە دائىر شەرھىيلەر توقۇنۇشلارنىڭ ئانالىزىغا مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيەلەردە پەرقلىق شەكىللەردە بولسىمۇ  “ئاساسلىق ئېھتىياجلار” بىلەن “كىملىك”توقۇنۇشلىرى ئىچىدە ئۇچرايدۇ.

ماركىسىزملىق توقۇنۇش نەزىرىيەسى بىلەن باشقا ئىجتىمائىي توقۇنۇش نەزىرىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ رۇشەن پەرقنىڭ ماركىسىزمنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتنى چۈشەنچىسىنىڭ باشقا نەزىرىيەلەردە بولماسلىقىدۇر.[36]

باشقا توقۇنۇش نەزىرىيەلىرى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي توقۇنۇشلارغا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇقەررەرلىكى ۋە ئىزچىللىقى نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولۇپ، سىنىپ توقۇنۇشىنى ئەڭ ئاساسلىق توقۇنۇش دەپ قارىمايدۇ. ئۇلار سىياسىي ھاكىمىيەت ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن سىرت ئىرق، جىنسىيەت، دىن، تىلغا ئوخشاش باشقا ئامىللارنىڭمۇ توقۇنۇش ئامىللىرى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ ئامىللارنىڭ ھەر بىرى ئىجتىمائىي توقۇنۇش نەزىرىيەلىرىگە نىسبەتەن پەرقلىق سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن تىركىشىدىغان گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ۋە توقۇنۇشلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ۋېبېرچى توقۇنۇش نەزىرىيەلىرى:نوپۇزلۇق جەمئىيەتشۇناس ۋېبېر توقۇنۇش دەپ تەبىرلەنگەن نەرسىنى سىياسىي كۈچ تەقسىمىدىن ئىقتىسادقا، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سالاھىيەتتىن كۈلتۈر ساھەلىرىگىچە كېڭەيتىپ، ئىقتىساد مەركەزلىك مەنپەئەتلەرنى رەت قىلماستىن ماركىسىزمدىكى سىنىپ ئۇقۇمىنىڭ چالا ۋە يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى تەنقىدلەش ئارقىلىق قايتىدىن تەبىرلەپ چىققان. [37]توقۇنۇشلانى (كۈرەش ۋە تىركىششلەر)مۇ (ماركسىزملىق نەزىرىيەدىكى ئوخشاش ئاشقۇن ۋە كۈچلۈك تەرىقىدىمۇ بولمىسىمۇ) ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدىكى ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سالاھىيەتتىكى گۇرۇپپىلارنىڭ  ئۆز-ئارا تىركىشىش ۋە كۈرەشلىرى دەپ تەرىپلەيدۇ.بەزى مەنبەلەردە ۋېبېرنىڭ چۈشەنچىسىنىڭ ۋاستىلىك ھالدا ئىقتىسادىي، سىياسىي، كۈلتۈر ياكى سالاھىيەت قاتارلىقلارنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈچ تىركىشىشلىرىگە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.  ۋېبېرچى توقۇنۇش نەزىرىيەسىنىڭ ئورتاق نۇقتىسى بولسا، توقۇنۇشنىڭ سىياسىي ھاياتنى چىقىش قىلغان ھالدا شەرھىيلىنىشىدۇر. [38]

داھرېندورف ۋە كولىنسنىڭ توقۇنۇش نەزىرىيەلىرى:  بۇ نەزىرىيەلەر تىلغا ئېلىنغاندا جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە تۇنجى ئەقىمىزغا كېلىدىغىنى داھرېندورفتۇر. داھرېندورف ماركسنىڭ سىنىپ ۋە سىنىپ پەرقى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىسادىي توقۇنۇش، ۋېبېرنىڭمۇ ھاكىمىيەت ۋە سالاھىيەت-نوپۇز، كۈچ نەزىرىيەلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق سىياسىي، ئىقتىسادىي، كۈلتۈر ۋە باشقا ئىجتىمائىي ساھەلەرگە تەۋە پەرقلىق گۇرۇپپىلار (نوپۇزىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغان ھۆكۈمران گۇرۇپپا بىلەن بۇ نوپۇزغا قارشى چىققۇچىلار) ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ماركىسنىڭ ئىككىلا سىنىپ ئۇقۇمىغا قارشى چىقىپ سىنىپ ئۇقۇمىنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە توقۇنۇش نەزىرىيەچىلىرى ئىچىدە يەنە بىر مۇھىم شەخس بولسا كولىنس بولۇپ، ئۇ ماركىسزمنىڭ سىنىپ مەركەزلىك توقۇنۇش نەزىرىيەسىدىن ھالقىش ئارقىلىق ۋېبېرنىڭ سالاھىيەت-نوپۇز ۋە كۈچ كۈرىشى ياكى توقۇنۇشىغا دائىر چۈشەنچىسىنى يېڭىدىن شەرھىيلەپ چىقىدۇ. كولىنس توقۇنۇشنىڭ بەزىدە پەرقلىق كۈلتۈر مەنسۇبلىرى ئوتتۇرىسىدا، بەزىدە تەشكىللىك كۈچ ھېسابلىنىدىغان پەرقلىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.[39]

2)ئېھتىياجلار ۋە مەنپەئەت نەزىزىيەلىرى

قۇرۇلمىلىق نەزىرىيەلەر ئىچىدىكى جەمئىيەتشۇناسلىق مۇنازىرىلىرىدىن سىرتىدىكى باشقا نەزىرىيەلەرگە قارىغىنىمىزدا، بۇ نەزىرىيەلەر بەكرەك ئېھتىياجلار، مەنپەئەتلەر، ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىگە ئوخشاش تېمىلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. تۆۋەندە بۇلارغا قاراپ چىقايلى.

ئاساسلىق ئېھتىياجلار نەزىرىيەسى: ئارىستوتىل، ماركس ۋە  فرويىد بولۇپ نۇرغۇن مۇتەپەككۇر ۋە ئىلىم ئىگىلىرى ئېھتىياج مەھرۇملىقىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرگە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن. لېكىن ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجلىرى ۋە بۇ ئېھتىياجلاردىن مەھرۇم قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەتىجىلەرنى سىستېملاشتۇرۇپ چىققان ئابراھىم ماسلوۋدۇر (Abraham Maslow).[40]بۇرتون، ماسلوۋدىن يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر ۋاقىت ھەر يەرگە ماس كېلىدىغان ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى، بۇلار قامدالمىغان-ھەل قىلىنمىغان تەقدىردە ئىختىلاب ياكى توقۇنۇش كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇرتون ئېھتىياجلارنىڭ ھەل قىلىنماسلىقى ياكى قامدالماسلىقىنىڭ ئىختىلابلار ۋە توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنى ناملىرى ۋە مەزمۇنلىرى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر تۈزۈم ياكى سىستېما ئىنسانىي ئېھتىياجلارنى ھەل قىلمىغان ئەھۋاللاردا ئىختىلابلار ۋە توقۇنۇشلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەيدۇ.[41]

يىلتىز تارتقان ئىجتىمائىي توقۇنۇش نەزىرىيەسى: بۇرتوننىڭ قاراشلىرىغا پاراللىل ھالدا، ھەتتا بىرلىكتە ئاكادېمىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئېدۋارد ئازار، توقۇنۇش نەزىرىيەلىرىنىڭ ئېھتىياجقا بەرگەن ئەھمىيىتىنى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكىتلەيدۇ. 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا “يىلتىز تارتقان، ئىزچىللاشقان ئىجتىمائىي توقۇنۇش نەزىرىيەسى ( protracted social conflict )نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، لىۋاندىكى ئىچكى ئۇرۇشنى ئىزاھلاشقا تىرىشىدۇ. كېيىنچە، سىرىلانكا، شىمالىىي ئىرلاندىيە، ئېپوپىيە، سۇدان، قىبرىس، ئىران، نىگېرىيە ياكى جەنۇبىي ئافرىقاغا ئوخشاش دۆلەتلەردىكى مەسىلىلەر ۋە توقۇنۇشلارنى ئانالىز قىلىپ چىقىدۇ.[42]ئازارنىڭ توقۇنۇشلارنىڭ پەيدا بولۇپ ئىزچىللىشىپ قېلىشى ياكى يىلتىز تارتىپ قېلىشىنى ماسلوۋنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلار نەزىرىيەسىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئاساسلىق ئېھتىياجلار نەزىرىيەسىدە نەزەردىن ساقىت قىلىنغان ئىجتىمائىي، پىسخىكىلىق ۋە پىسخىك ئانالىز سەۋەبلەرنىمۇ قوشۇپ تەھلىل قىلىدۇ.  ئازار گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى زوارۋانلىق تۈسى بولغان تىركىشىشلەر ۋە توقۇنۇشلارنى بىخەتەرلىك، ئېتىراپ قىلىنىش، سالاھىيەت-نوپۇز، قوبۇل قىلىنىش، ھاكىمىيەت ۋە سىياسەت مەنبەلىرىنىڭ ئۈلۈشۈلۈشى قاتارلىقلار مەيلى شەخسىي بولسۇن مەيلى ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى مەنسۇپ قىلغان ياكى  ئىپادىلىگەن گۇرۇپپا كىملىكلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق ئېھتىياجلىرى سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى دەيدۇ. ئازار توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشلار ھەققىدە يازغانلىرىنى 1990-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ قايتىدىن تۈزىتىپ چىقىپ، توقۇنۇش ۋە تىركىشىشلەرنىڭ بۇرۇنقى دەۋرلەردىن پەرقلىق ھالدا زېمىن، ئىقتىسادىي بايلىق ياكى شەرق-غەرب دۈشمەنلىكىدىن بەكرەك كوللېكتىپ كىملىكلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇلارنىڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئەمەس گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇپ دۆلەتلەر ئىچىدە شەكىللىنىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئازارنىڭ نەزىرىيەسىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسىمۇ دەل مۇشۇ يەردىن كېلىدۇ. “يىلتىز تارتقان ياكى ئىزچىللىشىپ كەتكەن ئىجتىمائىي”توقۇنۇشلاردا ئاساسلىق ئوبيېكت سۈپىتىدە ئۆزلىرىنى ئېتنىك، دىنى، كۈلتۈر قاتارلىق كىملىكلەر بىلەن تەبىرلەيدىغان ياكى ئىپادىلەيدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ ھەل قىلىنالماسلىقىدىن، يەنى سىياسىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنماي تۈزۈمنىڭ سىرتىغا سىقىپ چىقىرىلىشى، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈر ساھەلىرىدىن چەتكە قېقىلىشى ياكى بۇ ساھەلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماسلىقى، كىملىك جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنىش ۋە ئىپادە قىلىش تەلەپلىرىنىڭ يوق قىلىنىشى، بىخەتەرلىك ئېھتىياجلىرىنىڭ ھەل قىلىنماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئىنسانلارنى مەيلى شەخسىي مەيلى كوللېكتىپ جەھەتلەردە بولسۇن بۇ ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىش بەدىلىگە توقۇنۇشقا ياكى كۈرەشكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئازار ئېھتىياج مەركەزلىك توقۇنۇشلاردا بىراۋلارنىڭ شەخسىي ئېھتىياج ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ مەلۇم بىر گۇرۇپپا ئىچىدە ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىدىن كىملىكنىڭ شەخسلەرنى ئاسانلا سىياسىي تۈسكە ئىگە قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، شەخسلەرنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ مەنپەئەتتىن بەكرەك ئونتولوگىيەلىك (ماھىيەتلىك ۋە مەۋجۇدلۇق)بولۇشى سەۋەبىدىن مۇرەسسە قىلىنمايدىغان ۋە ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئەنئەنىۋى ئۇرۇش ياكى توقۇنۇش نەزىرىيەچىلىرى تەرىپىدىن غەيرى ئەقلى سۈپىتىدە تەبىرلەنگەن كىملىكنىڭ ۋە كۈلتۈرنىڭ ئىپادىسى ۋە سىياسىي تۈزۈم ئىچىدە قوبۇل قىلىنىشىغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى دەۋرنىڭ بولمىسا بولمايدىغان ئامىللىرى دەپ قارايدۇ.[43]ئازار بىلەن بۇرتوننىڭ ئوخشاش قاراشلىرىنى قىسمەن بولسىمۇ قوبۇل قىلغان جاي روتمەن (jay rothman)، گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا ياكى گۇرۇپپىلار بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى كىملىك سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان توقۇنۇشلارنىڭ ئېھتىياجلاردىن بەكرەك مەنپەئەتلەرنىڭ توقۇنۇشى ئىكەنلىكىنى، يەنى توقۇنۇشنىڭ مۇئەييەن كىملىككە ئىگە گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەتلەردىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بارلىق كىملىك مەركەزلىك توقۇنۇشنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى بولىدىغانلىقىنى، لېكىن بارلىق مەنپەئەت توقۇنۇشىنىڭ كىملىك توقۇنۇشى بولمايدىغانلىقىنى دەيدۇ.[44]ئازار، بۇرتون ۋە روتمەنگە ئوخشاش شەخسلەر كونكرېت نىشانلار تۈپەيلى ئېلىپ بېرىلىدىغان تىركىشىشلەرنىڭ، شۇنداقلا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىجتىمائىي-پىسخىكىلىق ئامىللار ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، بۇ ئامىللارنىڭ ئابستىراكىتلىق تەرىپى كونكرېت تەرىپىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپ  توقۇنۇشلارنىڭ كۆپ قىرلىق ھالەتتە كېلىپ چىقىدىغانلىقى،نەتىجىدە ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ. ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ كەتكەن مەسىلىلەر ئىچىدىكى ئىجتىمائىي-پىخسىكىلىق سەۋەبلەر كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كونكرېت نىشانلار تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان توقۇنۇشلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. بۇ قاراش كېيىنچە نۇرغۇن ئىلىمشۇناس تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.[45]

نىسپىي مەھرۇملۇق نەزىرىيەسى: يىلتىزى ج. دېيۋىس بىلەن تېد ر.گۇررغا تۇتۇشىدىغان، ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن مەۋجۇت ئەھۋال ئوتتۇرىسىدىكى پەرق سەۋەبىدىن ئىنسانلارنىڭ نىسپىي بولسىمۇ مەھرۇملۇق ھالىتىگە چۈشۈپ قالىدىغانلىقى ۋە ۋاستىلىك ھالدا ئۈمىدسىزلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ياقلايدىغان بۇ نەزىرىيەدە “ئاساسلىق ئىنسانىي ئېھتىياجلار نەزىرىيەسى”دىن پەرقلىق تەرىقىدە، مۇتلەقلىقتىن بەكرەك نىسپىيلىك تەكىتلىنىدۇ. [46]يەنى گۇرۇپپىلارنىڭ مەۋجۇت ھالىتى ياكى ئورنى بىلەن ئارزۇ قىلغان ھالەت ياكى ئورنى ئوتتۇرىسىدا پەرق ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ، مەھرۇملۇقنىڭ سەۋبى بولسا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈر جەھەتلەردە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان گۇرۇپپىنىڭ يولغا قويغان سىياسىتىدۇر. گۇرر توقۇنۇش كېلىپ چىقىش ئۈچۈن مۇنداق تۆت ئامىلنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى دەيدۇ: ئىنسانلارنىڭ مەھرۇملۇق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى، بۇ مەھرۇملۇقنىڭ ھەممە گۇرۇپپىنىڭ ئەمەس ئۆزى تەۋە بولغان گۇرۇپپىنىڭلا بېشىغا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىشى، بۇ ئەھۋالنىڭ ھەقسىزلىق ۋە تەڭسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئويلىشى ۋە بۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ سىياسىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى قاتارلىقلاردۇر. گۇرر كېيىنچە نەزىرىيەسىگە گۇرۇپپىلارنىڭ ئالدى بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئايرىمچىلىققا دۇچ كېلىشى كېرەكلىكىنى قوشۇپ قويىدۇ.[47] نىسپىي مەھرۇملۇق نەزىرىيەسىدە ئۆزگىرىش ئىچىدىكى ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈر شارائىتلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. 1917-يىلىدىكى بولشىۋىك ئىنقىلابى، 1952-يىلدىكى مىسىر ئىنقىلابى ياكى 1960-يىللاردا قارا تەنلىك ئامېرىكالىقلارنىڭ كۈرەشلىرى قاتارلىقلارنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.[48]

رىجىم-ھۆكۈمەت نەزىرىيەسى: رىجىمغا مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر قاراشمۇ توماس ھوببېسنىڭ “لەۋىئاتخان” (Leviathan) ناملىق ئەسىرىدە مەركىزى ھاكىمىيەت بولمىغان ئەھۋالدا ئىنسانلارنىڭ جان-جەھلى بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقى، تۇغما ۋە پىخسىكىلىق نەزىرىيەلەرنىڭمۇ ئاساسلىق ئىدىيەلىرى ئىچىدە بولغان ئىنساننىڭ ماھىيەت جەھەتتىن رەزىل بولۇشىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدىغان ھاكىمىيەت يەنى دۆلەت بولمىغان مالمانچىلىق ئەھۋاللاردا ئىنسانلارنىڭ كۈرەشلىرىنىڭ زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇش تۈسى ئېلىپ بىر-بىرلىرىنى يوق قىلغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقى چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلىدۇ. يەنى ھاكىمىيەت بولمىغان ئەھۋاللاردا، ئىنسانلارنىڭ مەقسەت ۋە قەدرىيەتلىرى ئۈچۈن رىقابەت ۋە كۈچ تالىشىش كۈرىشىگە كىرىدىغانلىقى، ئورتاق قائىدە-پرىنسىپلاردىن مەھرۇم ۋە ئوبيېكتىپ چۈشەنچىلەر نوپۇزلۇق ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ خىلدىكى كۈرەشلەرنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانلىق توقۇنۇش بولىدىغانلىقى ئاساسلىق چىقىش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قاراشنى كېيىنچە ۋىليام زارتمان ئافرىقادىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئاجىزلىقى ياكى كەملىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ خىل ئەھۋالغا “كۈچ بوشلۇقى”دەپ ئېنىقلىما بېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ كېڭەيتكەن.  بۇ نەزىرىيەنىڭ مەزمۇنى كېڭەيتىلىش جەريانىدا، نەزىرىيەنىڭ ئورتودوكىسلىققا دائىر قىسمىنىڭ دۆلەتنى نوقۇل بىخەتەرلىك بەرپا قىلىدىغان تەدبىرلەرنى ئالىدىغان فۇنكسىيەگە ئىگە دەپ قارىشى تەنقىد قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي، كۈلتۈر ۋە سىياسىي بولۇپ باشقا مەسئۇلىيەتلىرىنڭمۇ بارلىقى، بۇ ساھەلەرگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلمىسە ئوخشىمىغان سەۋىيەدە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ توقۇنۇش پەيدا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شۇنداقلا مالمانچىلىق يۈز بەرگەن دەۋرلەردە چوقۇم زوراۋانلىق تۈسى بولغان تىركىشىشلەر ياكى توقۇنۇشلار يۈز بەرسىمۇ، بۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي كىرزىسلەرنىڭ توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇقەررەردۇر.[49]

“رىجىم نەزىرىيەسى”يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان رامكا ئىچىدە ئانالىز قىلىنسىمۇ، بەزى مەنبەلەردە نىسبەتەن ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنىپ مەيلى خەلقئارا تەرتىپ ۋە تۈزۈمنىڭ بولسۇن مەيلى ئۇلۇس رىجىملىرىنىڭ خاراكتېرىنىڭ توقۇنۇشلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. بولۇپمۇ، دۆلەت رىجىملىرىنىڭ خاراكتېرى يەنى، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ سىياسىي، كۈلتۈر ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرىگە قويغان چەكلىمىلىرىنىڭ دەرىجىسى ، بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلىرى، ئېتىراپ قىلىنىش، سالاھىيەت-نوپۇزغا ئوخشاش ئەھۋاللار بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلىدۇ. كوللېكتىپ كىملىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ بۇلاردىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشى، چەتكە قېقىلىشى ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە ھەمبەھرىلەنمەسلىكى قاتارلىقلار مەسىلە پەيدا قىلىپ توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش قاراشلار بۇرۇنقى قىسىملاردىكى “ئاساسلىق ئېھتىياجلار، نىسپىي مەھرۇملۇق، ھاكىمىيەت ۋە سىنىپ توقۇنۇشلىرى”غا ئوخشاش ھەرخىل نەزىرىيەلەر رامكىسىدىن تەھلىل قىلىنغانلىقتىن “رىجىم نەزىرىيەسى”نۇقتىسدىن قايتا تەھلىل قىلمايمىز.

ئەقلىي تاللاش نەزىرىيەسى: س.تىللى بىلەن ساۋۇل باككاش باشلامچىلىقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان “ئەقلىي تاللاش نەزىرىيەسى”، شەخس بىلەن گۇرۇپپىلارنىڭ مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن توقۇنۇشتىن ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغانلىقىنى يەنى، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارغا قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر شارائىت يارىتىپ بەرسىمۇ، مۇھىمى ئالدىن بېكىتىلىپ بولغان مەقسەتلەرگە (مەنپەئەت، كۈچ، سالاھىيەت-نوپۇز، ھاكىمىيەت، سىنىپى قاتلام…)غا يېتىش ئۈچۈن شەخس ياكى گۇرۇپپىلارنىڭ زوراۋانلىق تۈسى بولغان كۈرەش ۋە توقۇنۇشلارغا مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. بۇ يەردە تەكىتلىنىشى كېرەك بولغان نۇقتا شۇكى، ئىختىلاب ۋە توقۇنۇشلارنىڭ غەيرى ئەقلىي بولۇشتىن بەكرەك ئەقلىي سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىقىشىدۇر. بۇ نەزىرىيەدىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتىمۇ توقۇنۇشقا كىرگەن تەرەپنىڭ يوقىتىپ قويغىنىغا قايتىدىن ئېرىشىش، قولىدا بولسا تېخىمۇ كۆپىگە ئېرىشىش ئارزۇسى بىلەن توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى، بۇ تەرىقىدە توقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ ۋەھىملىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدۇر.[50]

نوپۇس ۋە مۇھىت نەزىرىيەسى:  ب توماس ر. مالتۇس نوپۇس گىئومېتىرىيەلىك تەرىقىدە ئىزچىل ئاشسىمۇ ئىنسانىي ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىدىغان بايلىقلارنىڭ ئوخشاش سەۋىيەدە تەرەققىي قىلماسلىقى سەۋەبىدىن، ئىنسانلارنىڭ بۇ بايلىقلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن رىقابەتكە كىرىدىغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ تەبىئىي ھالدا توقۇنۇش كەتلۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ قاراش كېيىنچە بەزى ئىلىمشۇناسلار تەرىپىدىن تېخىمۇ تەرىپىدىن چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ نەزىرىيە ھالىتىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. بولۇپمۇ  نازلى چوكرى پەرقلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلىق نوپۇس قۇرۇلمىسىغا ئىگە دۆلەتلەردە تەڭپۇڭلۇق ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ پايدىسىغا ئايلاندۇرۇلغاندا، بۇ گۇرۇپپىنىڭ كۈچكە ۋە بايلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىگە بولۇشنىڭ كويىدا بولۇشى ياكى تېخىمۇ كۆپ كۈچكە ۋە بايلىققا ئىگە بولۇشى سەۋەبىدىن، باشقا گۇرۇپپىلار بىلەن توقۇنۇشقا كىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئېتنىك قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولماي ئاساسەن بىر خىل بولغان دۆلەتلەردە نوپۇسنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كۈچنىڭمۇ ئاشىدىغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇ دۆلەتكە  ئەتراپتىكى رايونلارغا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى يولغا قويۇشقا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى، بايلىقلارنىڭ ئازىيىشى بىلەن كۆچنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى، نەتىجىدە كۆچمەنلەر بىلەن يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدا كۈلتۈر ياكى ئىقتىسادىي توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.[51]

مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى: س.خانتىڭتون يېڭى دۇنيادا ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى تىركىشىشلەرنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىنىڭ كونا دۇنيادا بولغىنىدەك ئىدېئولوگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي بولۇشتىن بەكرەك مەدەنىيەت بولىدىغانلىقىنى، ئۇلۇس دۆلەتلەر داۋاملاشسىمۇ،  توقۇنۇشلارنىڭ يەتتە پەرقلىق مەدەنىيەت (تۈرگە ئايرىشتىكى مۇجمەل ئىبارىلەر تۈپەيلى بەزىلەر سەككىزگە ئايرىيدۇ) ئوتتۇرىسىدا كۈلتۈر پەرقى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ  دۇنيا سىياسىتىدە نوپۇزلۇق ئورۇنىغا ئۆتىدىغانلىقى، مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىنىڭ مودېرن دۇنيادىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. خانتىڭتون  توقۇنۇشنىڭ تېگىدە كۈلتۈر قەدرىيەتلىرى بارلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، باشقا نەزىرىيەلەردىكىگە ئوخشاش مەنپەئەت توقۇنۇشى، ھاكىمىيەت، كۈچ تىركىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ توقۇنۇشقا زېمىن تەييارلايدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ نەزىرىيەسىنىڭ مەركىزى ئىدىيەسىدە مەدەنىيەت پەرقلىرى توقۇنۇشنىڭ ۋاستىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. خانتىڭتون تارىختىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەن تىركىشىشلەرنىڭ سىياسىي ياكى ئىدېئولوگىيەلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋردە بولسا مەدەنىيەت سەۋەبلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. خانتىڭتون ئوخشاش مەدەنىيەتكە تەۋە دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشلاردا بىر=بىرىگە ياردەم قىلىشىنى بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاش كۈلتۈر رىشىتىسىگە ئاساسەن تەھلىل قىلىدۇ. ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن دىنى ئۇرۇشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ئىكەنلىكىنى دەيدۇ.[52]خانتىڭتوننىڭ “مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى” نەزىرىيەسىنى تەنقىد قىلغان نۇرغۇن كىشى، بىۋاستە مەدەنىيەت توقۇنۇشى يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. “مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى” نەزىرىيەسىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، دۇنيادا بولۇپ ئۆتكەنلەرنىڭ ئىنكاس خاراكتېرلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ يەر شارىلىشىشقا ئەگىشىپ بارغانچە چوڭىيىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي پەرقلەرنىڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان جاھانگىرلىك ۋە شۈمۈرۈش سىياسىتىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ بولسا بۇ مەسىلىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ يوق دېگۈچىلىك دەرىجىدە ئاز ئىكەنلىكىنى دېگەن تەنقىدچىلەر، مەدەنىيەتنىڭ رولىنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچى، تاماملىغۇچى ۋە تەبىرلىگۈچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. دۇنياۋى تېررورىزمنىڭمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققانلىقىنى دېيىشىدۇ.[53]خانتىڭتون  مەدەنىيەت سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان توقۇنۇش ھەققىدە ئېغىز ئاچسىمۇ، ھازىرغىچە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنىڭ كەينىدە ماددىي ئامىللار- كۈلتۈر قەدرىيەتلىرى سەۋەب بولغان توقۇنۇشلارنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىماي-نىڭ بەكرەك كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

“كىملىك مەركەزلىك توقۇنۇش”مۇنازىرىسى

كىملىكنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئالاھىلىكلىرى

“قېرىندىشىمغا قارشى مەن، بىر نەۋرە تۇققىنىمغا قارشى مەن بىلەن قېرىندىشىم، دۇنيادىكى باشقا ئىنسانلارغا قارشى مەن، قېرىندىشىم ۋە تۇققىنىم بىر سەپتە تۇرىمىز.” (ئەرەب ماقال—تەمسىللىرىدىن)

ئىنسانلار ئەلمىساقتىن بۇيان ئۆزىنى ئىزچىل تەبىرلەش-ئىپادىلەش ئېھتىياجى ھېس قىلىپ كەلگەن ۋە ئوخشىمىغان شارائىتلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا پەرقلىق ئامىللارغا ئاساسەن ئۆزلىرىنى تەبىرلىگەن، بۇنى قىلغاندا ئالدى بىلەن ئۆزىدىن پەرقلىق بولغانلار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزى ۋە ئۆزگىلەرنى تونۇپ يەتكەن.

كىملىك تېمىسىدا ئېنىق بىر تەبىرنىڭ ۋە تەتقىقاتىدا يەككىلىكنىڭ يوقلىقىنى، ئوخشىمىغان ئېنىقلىمىلارنىڭ بارلىقىنى، تەتقىقاتلاردىمۇ پەرقلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىلغانلىقى چوقۇم ئەسكەرتىلىشى كېرەك. مودېرن جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پىسخولوگىيە ساھەلىرىدە ئېنىق ۋە تولۇق بىر كىملىك ئۇقۇمى يوق بولۇپ، كىملىك ئىنساننىڭ ئۆزلىك تۇيغۇسىغا ئۆزى ھەققىدىكى تۇيغۇلىرى ۋە پىكىرلىرىگە (ئىجتىمائىي جىنسىيەت ياكى سىنىپ)مۇراجىئەت قىلىنغان ھالدا ئىشلىتىلىدۇ. كىملىكنى ئەڭ ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، بىر نەرسەنىڭ “نېمە ۋە كىم ئىكەنلىكى، ئۆزىنى قانداق تەبىرلەيدىغانلىقى-تونۇيدىغانلىقى، ئۆزىنى ئۆزگىلەردىن قانداق ئايرىپ ئوخشاش تۈرلىرى بىلەن قانداق ئوخشاشلىق ئورناتقانلىقى، ياكى ئۆزگىلەر تەرىپىدىن قانداق تەبىرلىنىدىغانلىقى-تونۇلىدىغانلىقى”نى كۆرسىتىدۇ.[54]بەزى ئېنىقلىمىلاردا كىملىك ئىجتىمائىيلىشىش جەرياندا سىڭدۈرۈلگەن ئىجتىمائىي روللار دەپ قارالسا، يەنە بەزى ئېنىقلىمىلاردا بۇ ئىجتىمائىي روللاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بۇ روللاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئىگە بولغان نەرسىلەر، دەپ قارىلىدۇ.[55]

كىملىك تۈرلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەرقلىق تۈرلەرگە ئايرىشلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ،[56]ئەمەلىيەتتە ھەممىسىنىڭ “شەخسىي” ۋە ‘ئىجتىمائىي”بولۇپ ئىككى خىل كىملىككە ئايرىلىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئا. سىمىس كىملىكنى ئككى تۈرگە ئايرىيدۇ. كىملىكنى “شەخسىي ۋە كوللېكتىپ كىملىكلەر” بولۇپ ئىككى خىل جەھەتتە ئانالىز قىلغان ئا. سىمىس، شەخسىي كىملىكلەرنى كۆپ قىرلىق (ئائىلە، ئىجتىمائىي جىنسىيەت، سىنىپ، رايون، دىن، ئېتنىك ۋە مىللەت) ۋە شارائىت ۋە شارائىتقا ئاساسەن مۇھىملىق دەرىجىسى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان كىملىكلەر تەرىقىسىدە ئىزاھلايدۇ. ئا. سىمىس كوللېكتىپ كىملىكلەرنىڭ (ئېتنىك ۋە مىللىي مۇناسىۋەتلەر)كۆپ چاغلاردا ئۆزگىرشچان بولۇشتىن بەكرەك كەڭ دائىرلىك ياكى ئومۇمىي بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ كىملىكلەرگە ئىگە چىقىش (تەئەللۇق ھېس قىلىش) ۋە بۇ كىملىكلەرنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى شارائىت ۋە زامانغا ئاساسەن ئۆزگىرەيدۇ، شۇنداقلا  دائىرىسى تارايتىلىدۇ ياكى كېڭەيتىلىدۇ.[57]

ماقالىمىزنىڭ تېمىسى “كوللېكتىپ كىملىكلەرنىڭ توقۇنۇشى”[58]بولغانلىقتىن، ئىجتىمائىي-كوللېكتىپ كىملىك ئۈستىدە ئايرىم توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. باشقا كىملىك ئېنىقلىمىرىلىداا ، كوللېكتىپ-ئىجتىمائىي كىملىك مەسىلىسىدىمۇ ئېنىق ۋە ئورتاق بىر ئېنىقلىما بولمىسىمۇ،لېكىن ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ئىبارىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ن. بىلگىن ئىجتىمائىي كىملىكنى بىر گۇرۇپپىنىڭ ئۆزىنى تەبىرلىشى-تونۇشى ۋە باشقا گۇرۇپپىلار ئىچىدىكى ئورنى دەپ ئىزاھلىسا[59]، تاجفېل ئىجتىمائىي كىملىكنى ئۆزلۈكنىڭ مۇئەييەن بىر گۇرۇپپىغا تەۋە بولۇشى ھەققىدە تونۇش ياكى ئاڭغا ئىگە بولۇشى دەپ ئىزاھلاپ، بۇ ئەھۋالنىڭ شەخسلەرنىڭ ئۆزلىرىنى بىر گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە كۆرۈشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. تاجفېل بىلەن تۇرنېر بىرلىشىپ “ئىجتىمائىي كىملىك نەزىرىيەسى”[60]نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن گۇرۇپپىنىڭ شەكىللىنىشى، گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ “بىز ئېڭى” ۋە بىرلىكتە ياشاش ئەھۋالى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بارىدۇ. گوفمانغا ئوخشاش بەزى ئىلىمشۇناسلار ئىجتىمائىي كىملىكنى شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدە بىر كىشىنىڭ ئىجتىمائىي كاتېگورىيەلەردىن بىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ بۇ ئىجتىمائىي ئورۇنغا ماس كېلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق نامايەن قىلىدىغان كۆرۈنۈش ياكى يۈز-چىراي سۈپىتىدە ئىزاھلايدۇ. گوفمان بۇنىڭ كىشىنىڭ ھەققىي ئىگە بولغان كاتېگورىيە ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر كىملىك ياكى كىشىنىڭ ئەھۋالىغا، مەجۇدلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك سۇبيېكتىپ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە چۈشەنچىلىرىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىغان كىملىك ئىكەنلىكىنى دەيدۇ.[61]ھال (Hall) بولسا كىملىكنى دۇنياۋى ۋە يەرلىك، ماتېرىيال، تارىخىي، كۈلتۈر سۆزلەملىرى ۋە شارائىتلار بىلەن تەجرىبىلەر تۈرتكىسىدە توختاۋسىز شەكىللىنىپ تۇرىدىغان، ئىگە چىقىلغان، زېممىسىغا ئېلىنغان، بىر تەرەپتىن ئىشەنچ ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسى بەرپا قىلىش مەقسىتىدە مۇقىملاش ۋە  ئورۇن بەلگىلەش ئارۇزسى بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن پەرقلىق ئامىللار ئىچىدە مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە پەيدا بولغان سۈركىلىش شەكىللەندۈرىدىغان تەۋەلىك ئەندىزىسى دەپ ئىزاھلايدۇ.[62] ۋېكس (weeks) ئىسىملىك يەنە بىر ئىلىمشۇناس بولسا، ئىنسانلارنىڭ كىملىكلىرىنى بەرپا قىلىش ۋە تەبىرلەشتە نېمىلەرنڭ ئوخشاش ئورتاق ئىكەنلىكى ۋە نېمىلەرنىڭ بۆلۈنۈپ پەرقلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ئېنقىلىما بېرىدۇ.[63] نامىك ۋولكان ئىجتىمائىي كىملىكنى “چوڭ گۇرۇپپا كىملىكى”دەپ سۈپەتلەپ، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىدا بىر يەرگە كېلىپ بولالمايدىغان شەخسلەرنىڭ ئوخشاش بىر ئېتنىك، دىنى، ئۇلۇس ياكى ئىدېئولوگىيەلىك گۇرۇپپىغا تەۋە بولغان ئاساستا كۈچلۈك ئوخشاشلىق تۇيغۇسى ئىگە بولىدىغانلىقىنى، دەيدۇ. ۋولكان كىملىكنىڭ بىر تەرەپتىن باشقا چوڭ گۇرۇپپىغا تەۋە كىشىلەر بىلەن بەزى ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۈچلۈك ئوخشاشلىق تۇيغۇسىنى ئورتاقلىشىش فۇنكسىيەسى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئېتنىك، ئۇلۇس، دىن، ئىدېئولوگىيەگە ئوخشاش كىملىكلەرنى مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ.[64]  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىمائىي كىملىكلەر ئېنتىك، دىن، رايون، ئىدېئولوگىيە، سىنىپ، مائارىپقا ئوخشاش ئامىللارنىڭ بىرى ياكى بىر نەچچىسىگە ئاساسەن تەبىرلەنمەكتە. ئىگە چىقىلغان كىملىكلەرنىڭ دەرىجىسى ۋە زىچلىقى شەرت-شارائىتقا ئاساسەن ئۆزگىرىدۇ. كىملىكلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە “ئۆزگىلەر”[65]، شۇنداقلا بەزىدە كىملىكلەر بىر-بىرىنى تولۇقلاش ۋە قوللاش رولى ئوينايدۇ. بەزىدە مائارىپ، شەخسىي ئالاھىدىلىكلەر، ئائىلە، سىياسىي مەۋقەگە ئوخشاش ئامىللار بىر ياكى بىر نەچچە كىملىكنىڭ نامايەن بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.  بەزىدە كىملىكنىڭ ئاساسلىق بىر تەرىپى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولىدۇ، توقۇنۇش ياكى تىركىشىشلەردە كىملىكنىڭ ئاساسلىق بىر ئامىلى  يەنى “يېپىشقاق ئىدېئولوگىيە”[66] مۇھىم رول ئوينايدۇ. ياۋروپادىكى دىن ئۇرۇشلىرىدا دىنى كىملىكنىڭ “يېپىشقاق ئىدېئولوگىيەسى” ۋە توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىشى سەۋەبىدىن، بۆلۈنۈش ۋە ئۇرۇشلار “دىنى كىملىك”تۈپەيلى يۈز بەرگەن. فىرانسىيە ئىنقىلابىدا ياكى مۇستەملىكە-شۈمۈرگەچىلىكتىن كېيىنكى ئازادلىق ھەرىكەتلىرى جەريانىدا باش كۆتۈرگەن مىللەتچىلىك ئېقىمىنىڭ تەسىرى تۈرتكىسىدە “ئۇلۇس-مىللىي كىملىك”ى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە سنىپ سىياسەتلىرى ۋە ئېڭى كۈچلۈك بولدى، شۇنداقلا خەلقئارا كۈرەشنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە “سىنىپ كىملىكى” رول ئوينىدى. ئافرىقادا باش كۆتۈرگەن مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئورتاق نىشانلار ئۈچۈن “ئافرىقالىق كىملىك”ى بىرلەشتۈرۈش رولى ئوينىغان بولسا، مۇستەقىللىقتىن كېيىنكى دەۋرلەردە گۇرۇپپىلار كىملىكلىرىنى ئۆز ئىچىدىكى توقۇنۇشلار ۋە تىركىشىشلەرگە ئاساسەن تەبىرلىگەن، مەسىلەن بۇ گۇرۇپپىلار قەبىلە، ئۇرۇق ۋە رايونلارغا ئاساسەن كىملىكلىرىنى تەبىرلەپ-ئىپادىلەپ چىققان.[67] بالقانلارمۇ بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. يۇگۇسلاۋىيەگە قارايدىغان بولساق سىرپ، ھىرۋات ۋە بوشناققا ئوخشاش ئوخشاش ئېتنىك يىلتىزدىن كەلگەن ئۈچ ئۇلۇس دىن پەرقى ، كۈلتۈر، ئىقتىساد ۋە تارىخىي ئامىللارنىڭ بىرلىشىشى قاتارلىقلار تۈرتكىسىدە ئوخشىمىغان كىملىكلەر شەكىللەندۈرگەن. [68] ياكى گىرېتسىيەدىكى پوماك ئاز سانلىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تونۇشىدا پەرقلىق ئامىللاردىن باشقا ئەڭ چوڭ ئامىلنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ گىرىك ئورتودوكس، ئاز سانلىقنىڭ بولسا مۇسۇلمان تۈرك بولۇشىدۇر.[69]ھىندىستاندىن ئايرىلىپ چىققان پاكىستان ۋە باڭلادېشنىمۇ مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

كىملىكنىڭ ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىگە مىسال بېرىش ئۈچۈن ئا. سىمىسمۇ مىللىي كىملىكنىڭ بەزى ئەھۋاللاردا دىن تەرىپىدىن شەكىللىنىدىغانلىقى، دىننىڭ كىملىك شەكىللىنىشىدە ئوخشىمىغان تەسىرلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، كاتولىك بىرىتانىيەدە ئىرلاندىيە تۆۋەن كىملىكنى بىرىتانىيە ئۈست كىملىكتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئامىلنىڭ ئۇلۇس كىملىكى ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. قىبرىستا تۈركلەر بىلەن رىملار ئوتتۇرىسىدىكى ئېتنىك ئوخشىماسلىقتا دىنى ئامىل مۇھىم ئوينايدۇ.[70]

كىملىكلەرنىڭ كۆپلىكى تۈپەيلى كىملىكلەر ئوتتۇرىسىدا قاتلاملىق (پىرامىدا شەكىللىك)  ۋە رەت تەرتىپلىك مۇناسىۋت بار بولۇپ،  بۇ رەت تەرتىپنىڭ زامان، ماكان ۋە شارائىتلارغا ئاساسەن ئۆزگىرىدۇ. بەزى ئىلىمشۇناسلار بۇ ئامىللارنىڭ بىر ئىنسان ياكى توپلۇقنىڭ بىر ياكى بىر نەچچە كىملىككە تەئەللۇق بولۇشنى ئىزاھلاشتا يېتەرلىك بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا شارائىت ۋە ۋەزىيەتنىڭمۇ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ. كىملىكلەرنى شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي دەپ ئىككىگە ئايرىغان ئا. سىمىسنىڭ قارىشىچە، كوللېكتىپ كىملىكتە مۇھىم بولغىنى شەخسلەرنىڭ تاللاش ۋە ھېس-تۇيغۇلىرى ئەمەس كوللېكتىپ رىشىتىنىڭ خاراكتېرىدۇر.[71]باشقا گۇرۇپپىلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان كوللېكتىپ كىملىك، ئىجتىمائىي كىملىكلەرنىڭ جەمئىيەت سەۋىيەسىدىكى ئىپادىسى سۈپىتىدە تەبىرلىنىدۇ. ئا. سىمىس كىملىكلەرنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى رەتكە تىزغاندا، ئەڭ بېشىغا “مىللىىي كىملىك”نى تىزىدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە مىللىي كىملىكنىڭ ھېسىي تەرىپى باشقا كىملىكلەرگە قارىغاندا كۈچلۈكتۇر.[72] ئا، سىمىس مىللىي كىملىكنىڭ ھېسسىي تەرىپىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دىنى كىملىكمۇ مىللىي كىملىكتىن قېلىشقۇچىلىقى يوق ھەتتا بەزىدە تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر. دىنى كىملىك ئىنسانلارغا ھەم “بۇ دۇنيا ھەمدە ئۇ دۇنيا”ئۈچۈن ۋەدىلەرنى بېرىدۇ. تارىختا مىللەتچىلىك دەل دىننىڭ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلانغان.[73]

ب. پارېكس ئىجتىمائىي كىملىكنىڭ بىر پۈتۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئىجتىمائىي روللار،سالاھىيەتلەر ۋە ئورۇنلار، جىنسىيەتلەر، كۈلتۈر، ئېتنىك، ۋە دىن قاتارلىقلارنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كېتىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي كىملىكنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى دەيدۇ. شەخسلەرنىڭ بۇ كىملىكلەرنىڭ بىرى ياكى بىردىن كۆپىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، بۇنداق بولۇشىدا شەخسلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ئائىلىسى، شەخسىي ئالاھىدىلىكلىرى، ئىجتىمائىي مۇھىتقا ئوخشاش ئامىللار مۇھىم رول ئوينايدۇ. [74]ن.ۋولكانمۇ كىملىكنىڭ بۇ تەرىپىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، كىملىكنى بىر چېدىرغا ئوخشىتىپ چېدىرنىڭ لاتىلىرىدا نۇرغۇن رەسىملەر ۋە شەكىللەر بولغىنىدەك بىر ئىجتىمائىي گۇرۇپپىدا نۇرغۇن كىملىكنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ.  تەھدىت ۋە خەتەردەك ئەھۋاللاردا قايسى خىل كىملىكنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن چېدىر مىسالىنى بەرگەن ۋولكان، بەزىدە چېدىرنىڭ ئورنىغا دەرەخنى مىسال بېرىدۇ. [75] ئىجتىمائىي كىملىك توغرۇلۇق “ئۈست كىملىك ۋە ئاستى كىملىك”كە ئوخشاش ئېنىقلىمىلار بېرىلسىمۇ، بۇ ئېنىقلىمىلار ماقالىمىزنىڭ باش قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مەيلى شەخسىي بولسۇن مەيلى كۆپلۈك كىملىكلەرنىڭ كۆپلىكى ۋە ئوخشىمىغان شارائىتلارغا ئاساسەن مۇھىملىق (تەۋەلىك)دەرىجىلىرى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. يەنى “ئۈست-ئاستى”ئايرىمىنىڭ ئورنىغا كۆپ خىل كىملىكلەر ۋە شارائىتلارغا ئاساسەن ئۆزگىرىدىغان كىملىكلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى ۋە تەۋەلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر خىل ئامىللارغا ئاساسەن شەكىللىنىدىغانلىقىنى دېيىش بەكرەك مۇۋاپىق. قىسقىسى، كىملىكلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ قاتلاملىق ۋە رەت تەرتىپى بارلىقىنى دېيىش، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئاستى كىملىكنىڭمۇ ئۈست كىملىكنىڭمۇ بىرلىكتە تەڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقى، ئۇنى ئاساسلىق ئورۇنغا ئىگە قىلىدىغان نەرسىنىڭ شارائىتلار ۋە باشقا ئامىللار ئىكەنلىكىنى دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.

كوللېكتىپ كىملىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا،پەرقلەرنى بەكرەك بايقايمىز. يەنى بىر كوللېكتىپ كىملىك باشقا بىر كوللېكتىپ كىملىك بىلەن زىتلىق ئىچىدە بولغانلىقتىن، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي ھالدا پەرق پەيدا بولىدۇ، بۇ سەۋەبتىن مەلۇم بىر ساھەدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان گۇرۇپپىلارنىڭ باشقا گۇرۇپپىلاردىن پەرق ئىكەنلىكىنى نايامەن قىلىدۇ. كوللېكتىپ كىملىكنىڭ فۇنكسىيەسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىش، ھەرىكەتلەندۈرۈش، سۇبيېكتىپ ئالاھىدىلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ئىزچىللىققا ئىگە قىلىش، ئۆزگەرتىش، بەزى ئەھۋاللاردا ئوبيېكتىپلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا چىقىرىپ تۇرمۇش شەكلىنى بەلگىلەشكە ئوخشاش بىر-بىرىلىرىدىن پەرقلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كىملىكلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالنىڭ جاۋابىنى پىسخولوگلار بىلەن جەمئىيەتشۇناسلار بېرىشكە تىرىشىپ كەلمەكتە. بەزى پىسخولوگىيەلىك تەتقىقاتلار ئىنسانلار ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ مەيلى شەخسىي سەۋىيەدە بولسۇن مەيلى ئىجتىمائىي سەۋىيەدە بولسۇن ئۆزلىرىدىن پەرقلىق بولغانلار بىلەن پەرقلىق ۋە ئايرىملىق خاھىشىغا ئىگە بولۇپ كەلگەنلىكى، ئۆز ئالدىغا ئايرىم قالغاندىمۇ “ئىجتىمائىي دۇنيانىڭ سىرلىرىنى يېشىشتە ئاجىز كېلىپ قېلىش” سەۋەبىدىن ئوبيېكتىپ ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشقا، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئېھتىياجى  بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. غايىۋى ياكى ئىدىئال بولغان نەرسىنىڭ كوللېكتىپ بىر ئېنىقلىمىسىنى قىلىش ۋە ئىجتىمائىي ھەقىقەت يارىتىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە خاتالىقنىڭ شەخسىي ئىكەنلىكى، ھەقىقەتنىڭ بولسا ئىجتىمائىي بولىدىغانلىقى چۈشەنچىسى بار. نۇرغۇن كىشىنىڭ ئوخشاش نەرسىنى ئويلىشى ئىنسان پىسخىكىسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىنسان بىر مەسىلە ھەققىدە ئۆزىلا ھەقلىق ۋە توغرا بولۇشتىن بەكرەك، نۇرغۇن كىشى بىلەن بىرلىكتە ھەقلىق ۋە يوللۇق بولۇشنى خالايدۇ. گۇرۇپپىغا تەۋە بولۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولسا ئىنسان نوپۇز ۋە كۈچ ئارزۇسى بىلەن ئىجتىمائىي پائالىيەت ۋە ئىشلاردا گۇرۇپپىلارنىڭ مەشرۇتىيەت-قانۇنلۇق رولىغا ئېھتىياجى چۈشىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت گۇرۇپپا سىرتىدا قالغۇچىلارغا نىسبەتەن بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسىمۇ بولىدۇ. بەزى نەزىرىيەچىلەر سەۋەبسىزلا “ئۆزگىلەر”گە سەلبىي پوزىتسىيە تۇتۇلىدىغانلىقىنى دېىسىمۇ، يەنە بەزى نەزىرىيەچىلەر شارائىت ۋە تەجرىبىلەرنىڭ تەسىرى ۋە رولى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ.[76]

بېرنېك (Berneque)مۇ كوللېكتىپ كىملىكلەرنىڭ بىر-بىرىگە زىت بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇ، يەنى “كىملىكنىڭ ھەم ئىشەنچ بېرىدىغان ھەمدە ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى، ھەمدە ئىزچىللىق ھەمدە ئۆزگەرتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. شۇنداقلا، ئۆزگەرمەيدىغان كىملىكنىڭ يوقلىقىنى، كىملىكلەرنىڭ ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ھەم بىر پۈتۈنلەشتۈرىدۇ ھەمدە ئۆزگىلەردىن ئايرىيدىغان قوش بىسلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. كىملىكنىڭ ھەر خىل تەرەپلىرى، ئامىللىرى ۋە كاتېگورىيەلىرى بىر-بىرلىرى ئورنىغا ئالمىشىپ تۇرىدۇ. كىملىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ئالاھىدىلىك بولسا گۇرۇپپا كىملىكى تۇرغۇنلۇق ھالەتتە تۇرغاچقا، تەھدىت، كىرىزىس ياكى ھۇجۇم يۈز بەرگەن ئەھۋالدا شەخسلەرنىڭ گۇرۇپپىغا بولغان تەئەللۇق ئېڭى قۋۇەتلىنىدۇ،گۇرۇپپا ئېڭى كۈچىيىدۇ، گۇرۇپپىنىڭ ھەر قانداق بىر ئەزاسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پالاكەت گۇرۇپپىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ بېشىغا كەلگەندەك چۈشەنچە شەكىللىنىدۇ. يەنى بىر-بىرىلىرىنى تونۇمايدىغان  ئەزالارنىڭ ئورتاق تەھدىت ۋە ۋەھىمىگە نىسبەتەن بىرلىك شەكىللدۈرىدىغانلىقىنى، گۇرۇپپىغا ۋاكالىتەن كوللېكتىپ-ھەتتا بەزى بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ تەسىرى بىلەن زوراۋانلىق كېلىپ چىقىدىغان- پائالىيەت ۋە ھەرىكەتلەرنى ئېىپ بارىدىغانلىقىنى دېيىش مۇمكىن. [77]

ئېنىقلىمىلار پەرقلىقتەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن ئاساسلىق نۇقتا يەنىلا تەئەللۇق ھېسسى ۋە ئىپادىلەشتۇر. كىملىك ھەققىدە پەرقلىق سەۋىيەلەردە ئوخشىمىغان تەۋەلىككە ئاساسەن مېنىڭسىمەك، قوبۇل قىلىنىش ۋە ئەزاسى بولۇشقا ئوخشاش ئامىللار مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىنسانلار  يا شەخسىي ياكى ئىجتىمائىي سەۋىيە بولسۇن ئۆزلىرىنى ئوبيېكتلاردىن ئىجتىمائىي رول ۋە سالاھىيەتلەرگىچە، دىندىن ئېتنىك، قەبىلە، ئۇرۇق ۋە ئائىلىلەرگىچە، ئىدېئولوگىيەلىك مەۋقەدىن، سىنىپىي ئاڭلارغىچە ياكى جىنسىي كاتېگورىيەگىچىلەرگىچە بولۇپ ھەر جەھەتتە ئىپادىلەيدۇ.

قىسقىسى، كىملىك ھەر خىل قۇرۇلما ۋە شەرت-شارائىتلارنىڭ تەسىرىدە ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىپادە قىلىدىغان تەۋەلىك يەرلىرىدۇر. بۇ ئىپادىلەشلەر شارائىتقا، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان “ئۆزگىلەر”گە، تەھدىت چۈشەنچىلىرىگە، مەنپەئەتلەرگە، توقۇنۇشلارغا، تىركىشىشلەرگە ۋە كۈرەشلەرگە ئاساسەن ئۆزگىرىدۇ. ئىنسانلار بىردىن كۆپ كىملىككە ئىگە بولسىمۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇھىملىق دەرىجىسى پەرقلىق شارائىتلارنىڭ تەسىرىگە باغلىق ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كىملىكلەر قاتلاملىق يەنى پىرامىدالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ قاتلام (پىرامىدا،رەت تەرتىپ) شەرت-شارائىتقا ئاساسەن ئۆزگىرىدۇ. كىملىكلەر ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھەر باسقۇچىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، مودېرنلىقتىن (زامانىۋىلىق)كېيىن ئاساسەن دېگۈدەك ئوبيېكت ھالىغا كەلدى. پوست-مودېرن دەۋر ھېسابلىنىدىغان ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا يەرشارىلىشىش جەريانى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېتنىك ۋە دىنى توقۇنۇشلار، غەربتە باش كۆتۈرگەن چەت ئەللىك دۈشمەنلىكى ۋە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ بەكرەك تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان “مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى”بىلەن سىياسەتنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

كىملىك مەركەزلىك توقۇنۇشلار ئۈستىدىكى مۇنازىرىلەر

ماقالىمىزنىڭ تېمىسى  “كىملىك مەركەزلىك توقۇنۇشلار” ئاساسىغا قۇرۇلدى. شۇڭا ئالدى بىلەن كىملىك توقۇنۇشىغا دائىر نەزىرىيەگە ئورۇن ئاجرىتىلدى. ئارقىدىن مەزكۇر ماقالىنىڭ مۇئەللىپىنىڭ ئاساسلىق قارىشىنى چۆرىدىگەن ھالدا بۇ نەزىرىيەنىڭ توقۇنۇش نەزىرىيەلىرى بىلەن گىرەلەشكەن ياكى ئوخشاپ كەتكەن ۋەياكى ئايرىلغان تەرەپلىرى مۇنازىرە قىلىندى.

كىملىك توقۇنۇشى نەزىرىيەلىرىگە قارايدىغان بولساق، توقۇنۇش ماقالىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان ئوبيېكتىپ-ئەقلىي ياكى سۇبيېكتىپ-غەيرى ئەقلىي دەپ ئىككى تۈرگە ئاساسەن تەبىرلەندى. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئانتروپولوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە ۋە پىسخىك ئانالىز ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە كىملىك مەركەزلىك توقۇنۇشلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا بىردەككە كەلگەن قاراش يوق بولۇپ، بۇ تېما ئۈستىدىكى تەتقىقات ۋە مۇنازىرىلەر ھېلىھەم داۋاملاشماقتا. “توقۇنۇش ئانالىزى ۋە تىچنلىق تەتقىقاتلىرى”غا دائىر ئەسەرلەرگە قارايدىغان بولساق، “كىملىك مەركەزلىك”، “توقۇنۇش ئامىلى سۈپىتىدە كىملىك” ۋە “كىملىك توقۇنۇشلىرى”غا ئوخشاش ناملار بىلەنمۇ كىملىك توقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيەلەرنى ئۇچرىتىمىز. بەزى ئىلىمشۇناسلار كىملىك مەركەزلىك توقۇنۇشلارغا نوقۇل ئوخشىمىغان كۈلتۈر كىملىكلەرنىڭ نورمىلىرى، قەدرىيەتلىرى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان پەرقلەر ۋە بۆلۈنۈشلەر سەۋەب بولىدىغان توقۇنۇشلار تەرىقىسىدە ئېنىقلىما بېرىشىدۇ. بەزى ئىلىمشۇناسلار بولسا پەرقلىق ئېتنىك ياكى دىنغا ئوخشاش كۈچلۈك كىملىككە ئىگە گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ۋە توقۇنۇشلار ياكى ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھاكىمىيەت، بايلىقلارنى ئۈلۈش، سالاھىيەت-نوپۇز ۋە نىشانلار ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تىركىشىش، كۈرەش ۋە ئۇرۇشلارنى كىملىك مەركەزلىك توقۇنۇش كاتېگورىيەسىگە تەۋە قىلىدۇ. تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە بىردەك قوبۇل قىلىنغان يەنە بىر قاراش بولسا، كىملىك مەركەزلىك توقۇنۇشلارغا ھەر قانداق بىر ئىجتىمائىي كىملىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەيلى سىممېترىك بولسۇن مەيلى غەيرى سىممېترىك بولسۇن، مەقسەتلەر ياكى قەدرىيەتلەر سەۋەبىدىن ئېلىپ بارغان كۈرەش، تىركىشىش دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. مەزكۇر قاراشنىڭ ئەتراپلىقى نەزەرگە ئېلىغىنىدا، ئىجتىمائى (كوللېكتىپ)كىملىك گۇرۇپپىلىرنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرى، مەنپەئەتلىرى، سىياسىي ھاكىمىەتتىن ئۈلۈش ئېلىش مەقسەتلىرى، ئىدېئولوگىيەلىك نىشانلىرى، ئېتىراپ ۋە قوبۇل قىلىنىش، شەرەپ، ئېتىقادلىرى ياكى قەدرىيەتلىرىگە ئوخشاش تىركىشىش ساھەلىرىدە  دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، مۇستەملىكچىلىك-شۈمۈرگەچىلىكتىن كېيىنكى ئۇلۇس ئازادلىق كۈرەشلىرى، ئىدېئولوگىيەلىك گۇرۇپپىلارنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك گۇرۇپپا كىملىكلىرىنى ئاساس قىلىپ باشقا ئىدېئولوگىيەلىك گۇرۇپپىلار بىلەن ھاكىمىيەتنى تالىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىچكى ئۇرۇشلار، ئىنقىلابلار، تارىخنىڭ مەلۇم دەۋرىدە يۈز بەرگەن سىنىپىي توقۇنۇشلار، دىنى ئۇرۇشلار، ھەتتا جىنسىيەت مەركەزلىك تالاش-تارتىش ۋە توقۇنۇشلار قاتارلىقلار ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان كىملىك ئېنىقلىمىسى بولۇشتىن بەكرەك، كىملىك توقۇنۇشى دەپ قارىلىدۇ. كىملىكنىڭ كەڭ ئېنىقلىمىسى ۋە دائىرىسىنىڭ ئەكسىچە، ماقالىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، كوللېكتىپ ۋە ئومۇملاشقان توقۇنۇشلارغا ئېتنىك، دىن، ئۇلۇس، ئىدېئولوگىيە، سىنىپ بولۇپ ھەم ھېسسىيلىقى كۈچلۈك ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئاساسلىق مەركىزىنى ئېتنىك، دىن، ئۇلۇس، ئىدېئولوگىيە ۋە سىنىپ قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ ئىپادىلىگەن كىملىكلەرگە ئاساسەن ئېنىقلىمغا بېرىلگەنلىكىنى بايقايمىز.

نوپۇزلۇق جەمئىيەتشۇناس ماردىن شەرىف 1953-يىلى نەشىر قىلىنغان “ئىناقلىق ۋە سۈركىلىشتىكى گۇرۇپپىلار ”  (Groups in Harmony and Tensions)ناملىق كىتابىدا گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ تېگىدە مەنپەئەت توقۇنۇشى بارلىقى تەكىتلىنىدۇ.  1970-يىللارغا كەلگەندە تاجفەل بىلەن تۇرنېر، “ئىجتىمائىي كىملىك نەزىرىيەسى”نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەخسلەر ياكى گۇرۇپپىلارنىڭ سەۋەبسىزلا ئۆزگىلەرنى سىنىپقا ياكى تۈرگە ئايرىش ئارقىلىق سەلبىي سۈپەتلەر ۋە ناملار تاقاپ زوراۋانلىق ئىشلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ. م.ب برېۋېر 2000-يىللارنىڭ بېشىدا ئىجتىمائىي كىملىك نەزىرىيەسىنىڭ كىملىك مەركەزلىك توقۇنۇشلارنى ئىزاھلاشتا يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى، گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا يوشۇرۇن ۋە ئوچۇق مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى، چوڭقۇر كۈلتۈر پەرقلىرى، ئىدېئولوگىيەلىك ئازغۇنلۇققا ئوخشاش باشقا دىنامىك ياكى ئامىللارنىڭ توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى دەپ، ئىككىك ئېقىمنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭىچە نەزىرىيە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كىملىك توقۇنۇشلىرىنى غەيرى ئەقلىي ئامىللارنى چىقىش قىلىپ شەرھىيلىگەن تاجفېل بىلەن تۇرنېرنىڭ نەزىرىيەلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا كېڭەيتىلگەن بولسىمۇ، ئاساسلىق ئىدىيەسى ئۆزگەرمەي شۇ پېتى قالغان. گۇرۇپپا ئۆز  ئەزالىرىنى چوڭ كۆرسە، گۇرۇپپا سىرتىدىكىلەرنى سىنىپقا ياكى تۈرگە ئايرىپ سەلبىيلەشتۈرۈش، قىممەتسىزلەشتۈرۈش، بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە چۈشەنچىلەر ئارقىلىق “بىز” ۋە “ئۆزگە”دەپ ئايرىيدۇ. بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدىغان توقۇنۇشلار پىسخىكىلىق بولۇپ، خىيالى ۋە زىھنى تەمسىللەرنى ئاساس قىلىپ، كونكرېت ۋە ئوبيېكتىپ ھېچقانداق سەۋەب بولمايلا كېلىپ چىقىدۇ. ئىدېئولوگىيەلىك، دىنى ياكى مىللىي قەدرىيەتلەر، نورما ۋە ئېتىقادلارنىڭ زىتلىقى سەۋەبىدىن قارشى تەرەپنى خاتا چۈشىنىش تۈپەيلى پەيدا بولغان زىھنى توقۇنۇشلارمۇ بىر گۇرۇپپىنىڭ كونكرېت مىساللىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ.[78]ئىجتىمائىي كىملىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ توقۇنۇشلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى، نۇرغۇن كىملىككە ئىگە بولغان شەخسلەرنىڭ كىملىكلىرى ئىچىدىن بىرىگە تەھدىت، خەتەر ياكى ھاياجان پەيدا قىلىدىغان ئەھۋال ياكى ھادىسىگە قارىتا كىملىككە بولغان رىشتىسى ياكى تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كىملىك ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، كۈلتۈر، سىنىپ ياكى ئېتنىك تەۋەلىك سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ ئۇيقۇ ھالىتىدىكى مەلىكىنى[79] ئەسلىتىدىغان كىملىك ئويغىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشى ئاسان ۋە تېز بولۇشى، كوللېكتىپنىڭ لىدېرلارنىڭ رولى بىلەن ھەر قانداق يېتەكلىنىشكە ئوچۇق ئىكەنلىكى ۋە گۇرۇپپا بولۇش تەقەززا قىلىدىغان بېسىم بىلەن، شەخسلەرنىڭ ھەر قانداق تاللىشى يوق قىلىنىپ گۇرۇپپا ئىچىدىكى كوللېكتىپ سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىنىدىغان بۇنداق ئەھۋاللاردىمۇ ئىختىلاب ۋە مەسىلىلەر ئاسانلا توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.[80]باشقا كىملىك گۇرۇپپىلىرى بىلەن بولغان رىقابەت ياكى كۈرەش كۈچەيگەنسېرى، گۇرۇپپىغا بولغان بېقىندىلىقىمۇ ئاشىدۇ، لېكىن ئۆزگە گۇرۇپپىغا بولغان قارىشى سەلبىيلىشىپ ماڭىدۇ، بۆلۈنۈش كۈچىيىدۇ،ئاقىۋەت ئاسانلا توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ.[81] بەزى قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، كىملىكنى قوغداش ۋە بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن قارشى تەرەپكە زىيان بېرىش ياكى يوق قىلىشنىڭ زۆرۈر دەپ قاراشمۇ مۇقەررەر ھالدا توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ.

 پايدىلانمىلار

تەرجىمان: بايتاش

[1] -Kemal Ġnat, Burhanettein Duran, Muhittin Ataman (ed.), Dünya Çatışma Bölgeleri, Ankara, Nobel Yayın ve Dağıtım, 2007, s – X-XI

[2] -Heseyin Pazarcı, Uluslararası Hukuk, Ankara, Turhan Kitapevi, 2004, s. 443

[3] -Özgür Mengiler, Birleşmiş Milletler Çerçevesinde Uluslararası Uyuşmazlıkların Barışçı Çözümü, Ankara, Platin Yayınları, 2005, s. 17

[4] -Gordon Marshall, Sosyoloji Sözlüğü, çev. Derya Kömürcü, Osman Akınhay, Ankara, Bilim ve Sanat Yayınları, 1999, s. 111-112

[5] -Lee Jussim, Richard D. Ashmore ve David Wilder, “ Social Identity and Intergroup Conflict: Introduction” , Lee Jussim, Richard D. Ashmore ve David Wilder (ed.) ,Social Identity and Intergroup Conflict , New York: Oxford University Press, 2001, s. 6-7

[6] – Hugh Mial, Oliver Ramsbotham, Tom Woodhouse, “Contemporary Conflict Resolution: The Prevention, Management and Transformation of Deadly Conflicts” , Cambridge, Polity Press, 2007, s. 7

[7] – Ho- Won Jeong, Understanding Conflict and Conflict Analysis , Los Angles, SAGE Publications, 2008, s. 7

[8] =Muzaffer E. Yılmaz, Uyuşmazlık Analizi ve Çözümü: İnsan Uyuşmazlıklarının Kaynakları ve Çözüm Paradigmaları , Ankara, Nobel Yayın ve Dağıtım, 2005, s. 7

[9] John W. Burton,, Violence Explained: The Sources of Conflict, Violence, and Crime and Their Prevention , Manchester: Manchester University Press, 1997, s. 9-11

[10] Charles Webel, “ Toward a Philosophy and Metaphilosophy of Peace”, Charles Webel, Johan Galtung( der.), Handbook of Conflict and Peace Studies, New York, 2007, Routledge, s 3-12 ;  Hugh Mial, Oliver Ramsbotham, Tom Woodhouse, “Contemporary Conflict Resolution: The Prevention, Management and Transformation of Deadly Conflicts” , s 25-40 ;  Nimet Beriker, “GiriĢ”, Çatışmadan Uzlaşmaya: Kuramlar, Süreçler ve Uygulamalar, Ġstanbul: Ġstanbul Bilgi Üniversitesi Yayınları, 2009, s. X-XII

[11] Tarihin farklı aĢamasındaki savaĢların nedenleri ve yapılıĢ türlerinin birbirinden farklı olduğu, özellikle SavaĢ sonrası dönemdeki çatıĢmaların daha çok devletlerin kendi içlerinde (intra wars) yaĢanan ve kimlik odaklı çatıĢmalar olduğu görülmektedir. Hugh Mial, Oliver Ramsbotham, Tom Woodhouse, “Contemporary Conflict Resolution: The Prevention, Management and Transformation of Deadly Conflicts” , s. 44-47

[13] Graham Evans ve Jeffrey Newnham, Uluslararası İlişkiler Sözlüğü, çev. H.Ahsen Utku, Ġstanbul, 2007, Gökkubbe Yayınları, s. 292-294 ve 606-607

[14]

[15] Ho- Won Jeong , Understanding Conflict and Conflict Analysis, s.9-12

[16] J.Galtung, “ Peace by Peaceful Means: Peace and Conflict, Development and Civilization”, London: 1996, SAGE Pub., s 62

[17]Muzaffer E. Yılmaz, “Uyuşmazlık Analizi ve Çözümü: İnsan Uyuşmazlıklarının Kaynakları ve Çözüm Paradigmaları” s. 9–22

[18] Bakınız: Morton Deutsch, “ Introduction”, Morton Deutsch, Peter T. Coleman, Eric C. Marcus (ed.), The Hand Book of Conflict Resolution: Theory and Practice, San Francisco, Josses- Bass Press, 2006 , s.1-19 ; Ho- Won Jeong , a.g.e, s. 25-62 ; ; C.R. Mitchel, “ Evaulating Conflict” , Journal of Peace Search , Cilt 17, No 1, s. 61-73; Arthur A. Stein, “ Conflict and Cohesin: A Review of the Literature”, Journal of Conflict Resolution, Cilt 20, Sayı 1, 1976, s.143-17

[19] Muzaffer E. Yılmaz, Savaş ve Uluslararası Sistem, Ankara, 2010, Nobel Yayın Dağıtım, s. 8-9 ; Arthur A. Stein, “ Conflict and Cohesin: A Review of the Literature”, Journal of Conflict Resolution”, Cilt 20, Sayı 1, 1976, s. 146-150

[20]  Her ne kadar insan doğasının kötülüğü ekolojistler tarafından anılmıĢ olsa da, siyaset felsefesi veya uluslararası iliĢkiler teorileri içinde de felsefi olarak benzer argümanların olduğunu belirtmek gerekir. Burada yapılan ayrımın “daha çok bilimsel” araĢtırmalara dayandırıldığından tercih edildiği düĢünülmektedir.

[21] Bakınız: Konrad Lorenz, “Ecco Homo (ĠĢte Ġnsan)”, çev. Mustafa Tüzel, s.65-76, “Saldırganlığın Spontanlığı” , çev.Müjgan ġahinoğlu, s. 165-168, Cogito, Sayı.6-7, KıĢ- Bahar, 1996

[22] Ho- Won Jeong , a.g.e., s.45

[23] A.g.e., s. 45-47

[24] Daha ayrıntılı bilgi için bakınınız: Muzaffer Ercan Yılmaz, 2006, s.46-54 ; Vamık D. Volkan, The Need to Have Enemies and Allies, Northvale, N.Arınson Inc., 1998

[25] 25 Ho- Won Jeong , a.g.e., s.48-49

[26]

[27] Aktaran: Nuri Bilgin, Kimlik İnşası, Ġzmir, AĢina Kitap, 2007, s.111–113

[28] -زوراۋانلىق تۈرلەرگە ئايرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، نوپۇزلۇق زوراۋانلىق ئايرىمىغا قاراپ چىقىش كېرەك. گالتۇڭ، زوراۋانلىق تۈرلىرىنى “بىۋاستە، قۇرۇلمىلىق ۋە كۈلتۈر”دەپ ئۈچكە ئايرىيدۇ. گالتۇڭ، “بىۋاستە زوراۋانلىق”نى ئۆلۈم، قىيىن-قىستاققا ئوخشاش كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان كونكرېت نەرسىلەر بىلەن ئىزاھلىسا، “قۇرۇلمىلىق زوراۋنلىق” دېگەندە گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرسىزلىك ۋە تەڭسىزلىككە سەۋەب بولىدىغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن گۇرۇپپا ياكى كىشىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغان زوراۋانلىقنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، بۇ خىلدىكى زورۋانلىقنىڭ كېيىنچە بىۋاستە زوراۋانلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، بىۋاستە زوراۋانلىقتىن تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى دەيدۇ. قۇرۇلمىلىق زوراۋانلىقتا ئوخشىمىغان كىملىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارغا ئېرىشىشتە ئايرىمچىلىققا دۇچ كېلىشى، سىياسىي نوپۇز ۋە ۋەكىللىككە ئېرىشەلمەسلىكىنى قۇرۇلمىلىق زوراۋانلىققا مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. “كۈلتۈر زوراۋانلىقى”دېگەندە جەمئىيەتتىكى بىر گۇرۇپپىنىڭ كۈلتۈر ھۆكراملىقىنى سۆزلەملەر، سىمۋوللار بىلەن تىكلىۋېلىش ئارقىلىق باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ كۈلتۈر بايلىقلىرى ۋە قەدرىيەتلىرىنى كەمسىتىشىنى، ھەتتا قىممەتسىزلەشتۈرۈشىنى كۆزدە تۇتىدۇ.

[29] Muzaffer E. Yılmaz, 2006, , s. 40–51; Muzaffer E. Yılmaz, 2010, s.15–17

[30] Muzaffer E. Yılmaz, 2006, s. 40-51; Muzaffer E. Yılmaz, 2010, s. 15-1

[31] AyĢe Betül Çelik, a.g.e., s. 167–168

[32] Gordon Marshall, a.g.e., s.111–112

[33] -سىياسىي ھاكىمىيەت دېگەن نەرسە بىر سىنىپنىڭ يەنە بىر سىنىپقا بېسىم قىلىىشغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان كۈچتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس ياكى مودېرن دۆلەت ھاكىمىيىتى بارلىق بۇرژۇۋازىيە سىنىپلىرىنىڭ ئورتاق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان كومىتېتتىن ئىبارەتتۇر دېگەن سۆزلىرىگە ئاساسەن، سىنىپىي توقۇنۇش ياكى كۈرەشلەرنىڭ ھاكىمىيەت كۈرىشىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

[34]  Bakınız: Vilademir Ġ. Lenin, Emperyalizm: Kapitalizmin En Yüksek Aşaması, çev. Cemal Süreyya, Ankara, Sol Yayınları,1969

[35] Umut Özkırımlı, Milliyetçilik Kuramları: Eleştirel Bir Bakış, Ġstanbul, Doğu Batı Yayınları, 1999, s 122130

[36] Muzaffer E. Yılmaz, 2006, s.71-72

[37]  Axel van den Berg, Thomas Janoski “ Siyaset Sosyolojisinde Sosyal ÇatıĢma Kuramları”, çev. Öykü Terzioğlu, Fatih Kocaman, Burak Otluoğlu, Thomas Janoski, Robert Alford,Alexander Hicks, Mildred A. Schwarz (ed.), Siyaset Sosyolojisi, Ankara, 2010, Phoenix, s.80-82

[38] Axel van den Berg, Thomas Janoski “ Siyaset Sosyolojisinde Sosyal ÇatıĢma Kuramları”, çev. Öykü Terzioğlu, Fatih Kocaman, Burak Otluoğlu, Thomas Janoski, Robert Alford,Alexander Hicks, Mildred A. Schwarz (ed.), Siyaset Sosyolojisi, Ankara, 2010, Phoenix, s.80-82

[39] Allan, Conflict and Critical Theories, D.Sarah (ed.), The Social Lands; in Imitation of Social and Sociological Theory, New York, SAGE, 2009, s. 234-239

[40] ماسلوۋنىڭ ئېھتىياج نەزىرىيەسىدىكى تۈرلەرنىڭ ئىزاھلىنىشى ۋە قاتلىمىغا قارىغان چېغىمىزدا رەت تەرتىپى بىلەن مۇنداق بولىدۇ: بىيولوگىيەلىك ئېھتىياجلار: ېيمەك، سۇ ۋە ئىنسان نەسلىنى ئاۋۇۋتۇشقا ئوخشاش ئىنسانىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلارنى كۆرسىتىدۇ، بىخەتەرلىك ئېھتىياجى بىيولوگىيەلىك ئېھتىياجتىن كېيىن كېلىدىغان بولۇپ، بۇئېھتىياج ئالدى بىلەن ئىشەنچىلىك بىر قونالغۇ تېپىشنى كۆرسىتىدۇ. بىخەتەرلىك ئېھتىياجى ھەم ماددىي ۋە پىخسىكىلىق بولسىمۇ، ماسلاوۋنڭ پىسخىكىلىق ئېھتىياج ئۈستىدە توختالمىغان. يەنە بىر ئېھتىياج بولسا سۆيگۈ ۋە تەۋەلىك ئېھتىياجى، ئۆزىگە ئىشەنچ ئېھتىياجى، ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئېھتىياجى قاتارلىقلادۇر. شۇنى تەكىتلەپ قويۇش زۆرۈركى، ماسلوۋ بۇ ئېھتىياجلار رەت تەرتىپىنىڭ ئالمىشىپ تۇرسا بولىدىغانلىقىن قوبۇل قىلىدۇ.

[41] Muzaffer E. Yılmaz, 2006, s. 22–33

[42] Hugh Mial, Oliver Ramsbotham, Tom Woodhouse,,a.g.e., s. 44–51

[43] Oliver Rambotham, “The Analysis of Protracted Social Conflict: A Tribute to Edward Azar”, Review of International Studies, Sayı 31, 2005, s.109-121

[44] Ronal J. Fisher,” Cyprus: The Failure of Mediation and the Escalation of Identity Based Conflict to an Adversarial Impasse”, Journal of Peace Research, Sayı 38, Cilt 3, 2001, s. 308-309

[45] Farklı kaynaklarda “ deep-rooted conflicts, intractable conflicts, procracted conflicts, enduring rivaliers, prolanged conflicts” gibi tanımlamalar kullanılmaktadır. Bknz: Oliver Rambotham, ,a.g.e., s. 110; Ho- Won Jeong , a.g.e. , s.12-13

[46] Muzaffer E. Yılmaz, 2006, s. 33–36

[47] AyĢe Betül Çelik, a.g.e.,s. 268-169

[48] Ho- Won Jeong , Understanding Conflict and Conflict Analysis, s. 50-5

[49] Muzaffer E. Yılmaz, 2006, s. 75–77

[50] A.g.e, s.86–87

[51] Muzaffer E. Yılmaz, a.g.e., 2006, s.90-94.

[52] Samuel Huntington, “Medeniyetler ÇatıĢması mı?” , çev. Mustafa Çalık, Doğu- Batı Dergisi 2007, Sayı 41, sf. 83–107

[53] Hugh Mial, Oliver Ramsbotham, Tom Woodhouse, a.g.e., , s. 49

[54] Bhikhu Parekh, A New Politics of Identity, New York, 2008, Palgrave Macmilan, s. 8-9

[55] Gordon Marshall,a.g.e.,, s. 407

[56] -شەخسىي كىملىك، ئىنسانىي ھەرىكەتلەرنىڭ يەككە ۋە بىر بولۇشى سەۋەبىدىن، ئىنسانلارنىڭ پەرقلىق شەخسىي ئاڭلىرى ۋە  روھىي قۇرۇلمىسى پەرقلىق بولىدۇ، بۇ ئەھۋال دەل ئىنسانغا تەۋەلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان كىملىكتۇر. ئىجتىمائىي كىملىك ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى باشقا ئىنسانىي گۇرپپىلاردىن ئايرىش ياكى ئوخشاش دەپ قارايدىغان گۇرۇپپا تەۋەلىك كىملىكىنى كۆرسىتىدۇ. (بىكھۇ پارېل   ). بوزكۇرت گۈۋەنچ كىملىكنى ئىندىۋۇدىئال، شەخسىي ۋە ئۇلۇس-كۈلتۈر كىملىكلىرى”دەپ ئۈچكە ئايرىيدۇ. ئىندىۋۇدىئال كىملىك بىراۋنىڭ ئۆزگىلەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن مەلۇم بىر ئورگان ياكى مۇئەسسسە تەرىپىدىن بېرىلگەن  كارتلارنى كۆرسەتسە، شەخسىي كىملىك بىراۋا ئەزاسى بولغان ئورگان ۋە مۇئەسسەسەلەر، كۇلۇپلار، مەكتەپلەر، ھېسسىي ياكى كەسپىي مۇناسىۋەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پىسخىكىلىق-ئجتىمائىي ياكى شەخسىي كىملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلۇس-كۈلتۈر كىملىكلىرى بولسا بىراۋ ئەزاسى بولغان دۆلەت ياكى كۈلتۈردىكى كىملىكلەرنى كۆزرسىتىدۇ. (Bozkurt Güvenç, Türk Kimliği Kültür Tarihinin Kaynakları, Ġstanbul, Remzi Yayınevi, 2000, s.4-5)

[57] Anthony D. Smith, Milli Kimlik, çev. Bahadır S. ġener, Ġstanbul, ĠletiĢim Yayınları, 1999, s. 20-29

[58] – كوللېكىتپ كىملىك بىلەن ئىجتىمائىي كىملىك پەرقلەندۈرۈلسىمۇ، ئىككى ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىلمەكتە. لېكىن بەزى مەنبەلەر كوللېكتىپ كىملىكنى ئىجتىمائىي كىملىكنىڭ كوللېكتىپ ھالەتتىكى ئىپادىسى دەپ قارايدۇ.

[59] Nuri Bilgin, “Kimlik İnşası”, Ġzmir, AĢina Yayınları., 2007, s. 11

[60] -ئىجتىمائىي كىملىك نەزىرىيەسى تاجفېل بىلەن تۇرنېر 1979-يىللارغا باشلامچىلىق قىلىش نەتىجىسىدە نەزىرىيەۋى ئېقىم ھالىتىگە كەلگەن، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى مەلۇم بىر گۇرۇپپىنى ئاساس قىلىپ تەبىرلەيدىغانلىقى-تونۇيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ سىرتىدىكىلەرنى بولسا “ئۆزگە گۇرۇپپىلار”دەپ تەبىرلەپ، “ياخشى-يامان”ياكى “سەلبىي ياكى ئىجابىي”دەپ تۈرگە ئايرىيدۇ. ئۆزلىرىگە ئوخشايدىغانلارغا نىسبەتەن ئىجابىي پوزىتسىيە ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولسا، ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلارغا نىسبەتەن سەلبىي پوزىتسىيە ۋە چۈشەنچىگە ئىگىدۇر. بۇنىڭ ئاساسلىق ھالقىلىق ئامىلى بولسا دەل كىملىكتۇر.

[61] Aktaran: Nuri Bilgin, 2007, s. 59-71

[62] S. Hall, “Eski ve Yeni Kimlikler, Eski ve Yeni Etniklikler”, Kültür, Küreselleşme ve Dünya Sistemi, der. Anthony D. King, çev: Gülcan Seçkin‐Ümit Hüsrev Yolsal, Ankara,Bilim ve Sanat Yay.,1998,

[63]  Aktaran: Sibel Karaduman, “ Modernizmden Postmodernizme Kimliğin Yapısal DönüĢümü”, Journal of Yasar University, Cilt 5, Sayı 17, 2010, s. 2886‐2899

[64] Vamık Volkan, “Kimlik Adına Öldürmek: Kanlı Çatışmalar Üzerine Bir İnceleme”, çev. Medine Banu Büyükal, Ġstanbul; Everest Yayınları, 2007, s. 4-5

[65] DeğiĢen “ötekilere” göre kimlik algısının ve sahiplenilen kimliğinin değiĢmesi ile ilgili olarak daha ayrıntılı bilgi için bakınız: Serap A. Akfırat ve Bengi Ö. Özkan, “Ulusal/ Etnik Kimliklerin Stratejik ĠnĢası: Kuzey Kıbrıs Örneği”, Bilig, 2010, KıĢ, Sayı 52, s. 1–32

[66] Crawford Young, ”Nationalism and Etnic Conflict in Africa,” Understanding Nationalism, , Montserrat Guibernau ve John Hutchinson (ed.), Cambridge, Polity Press, 2001 s. 164-181.

[67] Crawford Young, ”Nationalism and Etnic Conflict in Africa,” Understanding Nationalism, , Montserrat Guibernau ve John Hutchinson (ed.), Cambridge, Polity Press, 2001 s. 164-181.

[68] Ġlhan Uzgel, “Sosyalizmden Ulusçuluğa: Yugoslavya‟da Ulusçuluğun Yeniden CanlanıĢı”, Ankara Üniversitesi Siyasal Bilgiler Dergisi, Cilt 47, Sayı1,1992, s. 222

[69]  Baskın Oran, “Balkan Müslümanlarında Dinsel ve Ulusal Kimlik, Yunanistan, Bulgaristan, Makedonya ve Kosova Üzerine KarĢılaĢtırmalı Bir Ġnceleme” Ankara Üniversitesi Siyasal Bilgiler Dergisi, Cilt 48, Sayı, 1, 1993, s. 109-120

[70] Aktaran: Elçin Aktoprak, Devletler ve Ulusları-Batı Avrupa’da Milliyetçilik ve Ulusal Azınlık Sorunları, Ankara, Tan Kitapevi Yayınları, 2010, s.24

[71] Daha ayrıntılı bilgi için bakınız: A. Smith, a.g.e. 24-36

[72] Daha ayrıntılı bilgi için bakınız: A. Smith, a.g.e. 24-36

[73] – بۇ جەھەتتە ھەممە ئادەمنىڭ دادا، ئەر، پادىشاھ ھەتتا قەھرىمانغا ئوخشاش روللىرى بارلىقىنى ئېيتقان ئا. سىمىس، شەخسىي كىملىكلەرنىڭ ئاساسەن بۇ ئىجتىمائىي رول ۋە كۈلتۈر كاتېگورىيەلىرىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كۆپ خىل كىملىكلەر دەپ ئاتىغا كىملىكنى “جىنسىي، ماكان ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي سىنىپ كىملىكى”دەپ ئۈچكە ئايرىيدۇ. بۇ تۈرلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن قارايدىغان بولساق، جىنسىي كىملىك ئۈچۈن شەخسنى شەكىللەندۈرىدىغان كاتېگورىيە ۋە روللار ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىق ۋە رۇشەن بولغان ئامىلنىڭ جىنسىيەت كاتېگورىيەسى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى جىسنىيەتكە تەۋە تۈرگە ئايرىشنىڭ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەسلىكىنى، بەلكىم ئۇنىۋېرسال ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. جىنسىيەتنىڭ بۇ ئۇنىۋېرساللىقى ۋە ئا. سىمىسنىڭ ئىپادىسى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا “كۈچلۈك بولۇشى” مودېرن دۇنيادا جىنسىي كىملىك زېمىننىڭ ھەر تەرىپىدە باشقا كوللېكتىپ كىملىك ئالدىدا مۇقەررەر ھالدا ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئا. سىمىس جىنسىيەت كىملىكىنى نورمال دەپ قاراش لازىملىقىنى، جىنسىيەت كىملىكى مەلۇم بىر ھەرىكەتكە تېما بولىدىغان بولسا باشقا كىملىكلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ماكان-رايون كىملىكى  بولسا مەلۇم بىر زېمىنغا تەئەللۇق بولۇشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يەرلىك ۋە رايونلۇق كىملىكلەر بولۇپمۇ  مودېرىن دەۋرلەردىن بۇرۇن  ئەينەن سەۋىيەدە ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ.  ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي سىنىپ كىملىكى ماركس جەمئىيەتشۇناسلىقىدا ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، سىنىپ مۇقەددەس بولۇپ، ئەڭ مۇھىم كوللىكېتىپ كىملىك ۋە تارىخنىڭ يېگانە موتورى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ، ماركسنىڭ قارىشىچە تارىخنىڭ ھەر باسقۇچىدا سىنىپ كىملىكى ۋە سىنىپ كۈرىشى مەۋجۇدتۇر. ئا. سىمىس سىنىپ كىملىكىنىلا ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى دەيدۇ. سىنىپلار خەلقئارا مىقىياسىدا ئەمەس رايون مىقىياسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادىي ئامىللارنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ  تېز ۋە قارارسىز ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كېلىشى تۈپەيلى، ئوخشىمىغان ئىقتىسادىي گۇرۇپپىلارنىڭ سىنىپنى ئاساس قىلىدىغان گۇرۇپپىلار ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش ئېھتىمالى يوقتۇر. ئا. سمىس سىنىپ پەرقلىرى سەۋەبىدىن كىملىك پەرقلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان، توقۇنۇش ئىچىدىكى ئىككى ياكى تېخىمۇ كۆپ سىنىپ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

[74] Bhikhu Parekh,, a.g.e.,s. 15-2

[75] Vamık Volkan, a.g.e. 278-322

[76] Konuyla ilgili daha ayrıntılı tartıĢmalar için bakınız:. Dominique Schanapper, Sosyoloji Düşüncesinin Özünde Öteki İle İlişki, çev. AyĢegül Sönmezay, Ġstanbul, Ġstanbul Bilgi Üniversitesi Y

[77] Elçin Aktoprak, a.g.e., s 25-27; Vamık Volkan, a.g.e., s. 109; Nuri Bilgin, 1999.  Burada daha önce de belirtildiği üzere kimliğin birleĢtirici çatısı altına bir taraftan güven ve saygı ihtiyacı için girilirken, diğer taraftan bireylerin kolektif duygularla kendilerini bu gruba adama bu grubun ortak amaçları için yapılan davranıĢlar görülmektedi

[78]

[79]

[80]

[81]

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*