مۇھەممەت ئابدۇمىجىت
تەشۋىقات نىشان ئاممىنىڭ ئوي-پىكىر ، ئېتىقاد ياكى ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ياكى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇچۇر، ئىدىيە ياكى مىش-مىش پاراڭ تارقىتىش پائالىيىتى بولۇپ، ئەسىرلەردىن بىرى ھۆكۈمدارلار ، ھۆكۈمەتلەر ، دىنىي ئورگانلار ۋە باشقا تەشكىلىي ئاپپاراتلار جامائەت پىكىرىگە تەسىر كۆرسىتىش، ئۆزگەرتىش، تونۇش شەكىللەندۈرۈش ۋە ئاۋامنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇراجىئەت قىلىدىغان قورال بولۇپ كەلدى. مەلۇم بولۇشىچە، باشقىلارنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتىش پائالىيىتى يېزىق تېپىلماي تۇرۇپلا، يەنى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا باشلىنىپ بولغان.
ئەسىرلەردىن بىرى ئوخشىمىغان ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەر بىلەن ئىشلىتلىپ كېلىۋاتقان تەشۋىقات ھەققىدە بىر- بىرىدىن پەرقلىق ، ئەمما بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان ئوخشىمىغان ئېنىقلىمىلار تېپىلىدۇ.
تەشۋىقات (Propaganda) لاتىنچە ( propagar) دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، «باغۋەنلەرنىڭ يېڭى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۆسۈملۈكنىڭ يۇمران بىخلىرىنى تىكىشى » دېگەن مەنىدە. ئۇقۇمغا ئوكسفورد لۇغىتىدە «بىر تەلىمات ياكى تەتبىقاتنى قوللاش ياكى تەسەۋۋۇر قىلىش » دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن.
تەشۋىقات ئۇنى ئىجرا قىلغان مەركەزگە (تەشۋىقات ئىگىدارىغا) مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەلۇم بىر گۇرۇپپىنىڭ ھېس-تۇيغۇ، ئوي-پىكىر، پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەتلىرىگە، بولۇپمۇ ئاڭ ۋە يۇشۇرۇن ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش، ئۆزگەرتىش مەقسىتى بىلەن تەييارلانغان بارلىق ئۇچۇر، ئىدىيە، تەلىمات ياكى ئالاھىدە چاقىرىقلارنى نىشان جەمىئىيەت، ئامما ياكى شەخسكە قارىتا سىستېمىلىق، مۇۋاپىق ۋاستە ۋە تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ ئەۋەتىش ۋە قوبۇل قىلدۇرۇش تەشەببۇسىنى كۆرستىدۇ. تەشۋىقات ئىجرا قىلغان مەركەز نىشان جەمىئىيەت ياكى شەخسنىڭ سوتسىيو-كۈلتۈرەل ئاساسىي ۋە پسىخىكىلىق يۈزلىنىشگە قارىتا مۇۋاپىق ئىستىراتىگىيە تۈزۈپ، ئۈنۈملۇق ۋاسىتىلار ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسىتىنى روياپقا چىقىرىدۇ.
داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















