سوتسىيال دېموكراتىك دۆلەتلەر | سىياسەت 5-بابنىڭ داۋامى

2021-يىلى 25-ئىيۇل

سوتسىيال دېموكراتىك دۆلەتلەر

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتجان ئابدۇقادىر

تەھرىر: ئابدۇرەھىم دۆلەت

 

تەرەققىيپەرۋەر  دۆلەتلەر  ئارىلىشىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قوللاش ئۈچۈن قىلسا، سوتسىيال دېموكراتىك دۆلەتلەر بۇنى ئادەتتە ئادىللىق، باراۋەرلىك ۋە ئىجتىمائىي ئادالەت [1] قاتارلىق پىرىنسىپلارغا ئاساسلانغان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك قايتا تەشكىللەش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قىلىدۇ. ئاۋستىرىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە دۆلەت ئارىلىشىشىغا تەرەققىيپەرۋەر ۋە سوتسىيال  دېموكراتىك ئەۋۋەللىكلەر بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شۇنداقلا  تەرەققىيپەرۋەرلىك بىلەن سوتسىيال دېموكراتىيە ھەمىشە قول تۇتۇشۇپ ماڭمايدۇ. داۋىد ماركۇندنىڭ كۆرسەتكىنىدەك (1988)، ئەنگلىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەزگىلدە سوتسىيال دېموكراتىك يۆنىلىشتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىيپەرۋەر دۆلەت ھالىتىگە كېلەلمىگەن. سوتسىيال دېموكراتىك دۆلەتنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى دۆلەتنى رەزىللىك دەپ قارايدىغان «سەلبىي» دۆلەت قارىشىنى ئۇنى ئەركىنلىكنى كېڭەيتىشنىڭ ۋە ئادالەتنى كۈچەيتىشنىڭ ۋاسىتىسى دەپ قارايدىغان «ئىجابىي» دۆلەت قارىشى بىلەن ئالماشتۇرۇشتۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، سوتسىيال دېموكراتىك دۆلەت ھەم زامانىۋىي لىبېراللارنىڭ ھەمدە دېموكراتىك سوتسىيالىزمچىلارنىڭ غايىسىدۇر.

سوتسىيال دېموكراتىك دۆلەت سىستېمىدا، دۆلەت مەۋجۇتلۇق شەرتلىرىنى قوغداشتىن بەكرەك، بازار ئىقتىسادىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ئادالەتسىزلىكىنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئاكتىپ قاتناشقۇچىدۇر. شۇڭا بايلىق ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ئازراق، بايلىقنىڭ ئادىل ۋە ئىنساب بىلەن تەقسىملىنىشىگە بەكرەك دىققەت قىلغان. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كېينېسزم ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سوتسىيال دېموكراتىك دۆلەتنىڭ قوشكېزەك سىيماسىدۇر. كېينېسزىملىق ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنىڭ مەقسىتى زورىيىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كاپىتالىزمنى «باشقۇرۇش» ياكى «تەرتىپكە سېلىش»تۇر. بۇ بىر پىلانلاش ئامىلى تەلەپ قىلسىمۇ، كىلاسسىك كېينېس ئىستراتېگىيەسى مالىيە سىياسىتىدىكى تەڭشەشلەر ئارقىلىق، يەنى، ئاممىۋى چىقىم ۋە باج ئېلىش  جەھەتتىكى «تەلەپنى كونترول قىلىش»نى كۆرسىتىدۇ. پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنىڭ قوللىنىلىشى خەلق ئارىسىدا سوتسىيال بەخت – سائادەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە كېڭەيگەن مەسئۇلىيەتلىرى بىلەن پاراۋانلىق دۆلەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە يول ئاچقان. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، سوتسىيال دېموكراتىك دۆلەت ئۆزىنى شەخسنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئاتىغان «ھوقۇقلۇق دۆلەت»تۇر.

[1]  ئىجتىمائىي ئادالەت – ماددى بايلىقلارنىڭ ئەخلاقىي نۇقتىدىن يوللۇق شەكىلدە تارقىتىلىشى بولۇپ،  ئىجتىمائىي ئادالەت ھەمىشە باراۋەرلىك ئەندىشىسىدىن  كېلىپ چىققان بىر تەرەپلىمە قاراشنى كۆرسىتىدۇ.

 

داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*