ئۇقۇملار سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. سىياسىي دەتالاشلارنى كۆپىنچە ئاتالغۇلارنىڭ يوللۇق (legitimate) مەنىسى ئۈسىتىدىكى كۈرەش دېسەك قىلچىمۇ ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز. دۈشمەن تەرەپلەرنىڭ ھەر بىرى «ئەركىنلىكنى قوغداۋاتقانلىقىنى»، «دېموكراتىيەگە رىئايە قىلىۋاتقانلىقىنى» ياكى «ئادالەتنى ياقىلاۋاتقانلىقىنى» دەۋا قىلىپ تۇرۇپ، بىر-بىرى بىلەن دەتالاش قىلىدۇ، تۇقۇنۇشىدۇ، ھەتتا ئۇرۇشىدۇ. مەسىلە «ئەركىنلىك»، «دېموكراتىيە» ۋە «ئادالەت»… دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئوخشىمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان مەنالارغا ئىگە بولغانلىقىدا بولۇپ، قارىماققا بۇ ئۇقۇملارنىڭ ئۆزىدىمۇ چاتاق باردەك قىلىدۇ.
مەيلى دۆلەت ئىچى ياكى خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە بولسۇن، سىياسىي تەھلىللەردە ئۇقۇملارنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ سەۋەب كۆرسىتىش مۇمكىن. بىرىنچىدىن، سىياسىي تەھلىللەر ئادەتتە ئومۇملاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. سىياسەت بىلەن تارىخنىڭ بۇ جەھەتتىكى پەرقىنى ئويلاشقاندا بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ نامايەن قىلغىلى بولىدۇ. بىر تارىخچى مۇئەييەن بىر ۋەقەگە (مەسىلەن: فرانسىيە ئىنقىلابى، روسىيە ئىنقىلابى ياكى 1989-، 1991- يىللىرىدىكى شەرقىي ياۋروپا ئىنقىلابلىرى) كۆڭۈل بۆلسە؛ بىر سىياسىي ئانالىزچى بۇنداق ۋەقەلەرنى تېخىمۇ چوڭ ياكى ئومۇمىي بىر ھادىسە سۈپىتىدە ئىنقىلاپنىڭ ئەھمىيىتى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشى مۇمكىن. تارىخشۇناسلار ئۈچۈن، «ئىنقىلاپ» ئۇقۇمى ئۈستىدە ئالاھىدە ئىزدىنىشنىڭ بەك ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى ئۇلار ئاساسەن مۇئەييەن ۋەقەلەر ھەققىدىكى پەرقلىق، ھەتتا تەڭداشسىز نەرسىلەرگە قىزىقىدۇ. ئەمما سىياسىي ئانالىزچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ئىنقىلاپ» ئۇقۇمى ئۈستىدە ئىزدىنىش زۆرۈر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ سىياسىي تەتقىقاتنىڭ جەريانى ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنچىدىن، تىل ئىشلىتىش جەھەتتە، سىياسەت ئۆگەنگۈچىلەر بىلەن، سىياسەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، بولۇپمۇ كەسپىي سىياسىئونلارنىڭ ئىشلىتىدىغان تىلى زور دەرىجىدە ئوخشايدۇ. سىياسەتچىلەر سىياسىي چۈشەنچىدىن بەكرەك سىياسىي تەشەببۇسقا قىزىقىدىغان بولغاچقا، ئۇلاردا تىلنى كونترول قىلىش، بەزىدە قايمۇقتۇرۇش مەقسىتىدە ئىشلىتىش خاھىشى كۈچلۈك. نەتىجىدە بۇ، سىياسەت ئۆگەنگۈچىلەرنى تىل ئىشلىتىشتە ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇشقا زورلايدۇ. ئۇلار، كۈندىلىك سىياسىي مۇنازىرىلەردە ھەمىشە كۆرۈلىدىغان سۇيىئىستېمالدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاتالغۇلارغا روشەن ئېنىقلىما بېرىشى، ئۇقۇملارنى دەل جايىدا بېكىتىشى كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، سىياسىي ئۇقۇملار ھەر دائىم ئىدېئولوگىيەلىك ئېتىقادلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. زامانىۋى سىياسىي ئىدېئولوگىيەلەر 18- ئەسرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان، يالغۇز يېڭى بىر سىياسىي خىتاب تىلى مەيدانغا كەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە، سىياسىي مۇنازىرىدىكى ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملارمۇ چىگىش، كۆپىنچە قارمۇ-قارشى مەنالارغا تولۇپ كەلدى. شۇڭلاشقا، سىياسىي ئۇقۇملار خىرىسقا تولغان مەخلۇقلاردۇر: ئۇلار ھەمىشە مۈجمەل بولۇپ، دائىم رىقابەت ۋە مۇنازىرە تېمىسى بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇقۇملارغا قوللانغۇچىلاردىن بىخەۋەر قىممەت قاراش ھۆكۈملىرى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك تەسىرلەر «يۈكلەنگەن» بولۇشى مۇمكىن.
ئۇقۇم (concept)دېگەن نېمە؟
ئۇقۇم دېگىنىمىز ئادەتتە تاق سۆز ياكى قىسقا سۆز بىرىكمىسى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، مەلۇم نەرسە ھەققىدىكى ئومۇمىي ئىدىيەدۇر. ئۇقۇمنىڭ مەنا دائىرىسى مەلۇم بىر خاس ئىسىم ياكى مەلۇم بىر نەرسىنىڭ نامىدىن تېخىمۇ كەڭ. مەسىلەن: بىر مۈشۈك (مۇئەييەن، ئۆزگىچە بىر مۈشۈك) ھەققىدە پاراڭ قىلىش بىلەن «مۈشۈك» ئۇقۇمى (مۈشۈك ھەققىدىكى ئىدىيە)گە ئىگە بولۇش ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. مۈشۈك ئۇقۇمى مەلۇم بىر نەرسە ئەمەس، بەلكى بىر ئىدىيە، يەنى مۈشۈككە «تۈكلۈك ھايۋان»، «كىچىك»، «ئۆي ھايۋىنى»، «چاشقان تۇتىدۇ»… دېگەندەك ئۆزگىچە خارەكتېر ئاتا قىلىدىغان تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ئىدىيەدۇر. ئوخشاشلا «پرېزىدېنتلىق» دېگەن ئۇقۇممۇ مەلۇم بىر پرېزىدېنتنى ئەمەس، بەلكى ئىجرائىيە ھوقۇقىنىڭ تەشكىللىنىشى ھەققىدىكى بىر قاتار ئىدىيەلەرنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئۇقۇملار زور دەرىجىدە ئومۇمىيلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى، تېخىمۇ توغرىسى ئومۇمىي ئىدىيەگە ئۇيغۇن كىلىدىغان ھەر بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداقتا، ئۇقۇملارنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ئۇقۇم ھاسىل قىلىش پىكىر قىلىش مۇساپىسىدىكى نېگىزلىك بىر قەدەمدۇر. ئۇقۇملار بىر يۈرۈش قوراللار بولۇپ، بىز پىكىر، تەنقىد، مۇنازىرە، بايان ۋە تەھلىل قىلىشتا ئۇلارغا تايىنىمىز. تاشقى دۇنيانى ھېس قىلىشنىڭ ئۆزىلا بىزنى دۇنيا ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە قىلمايدۇ. دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن مەلۇم جەھەتتىن بىز ئۇنىڭغا مەنا يۈكلىشىمىز كېرەك. بىز بۇ ۋەزىپىنى ئۇقۇم شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق ئورۇنلايمىز. ئاددىيلا قىلىپ ئېيتقاندا، بىر مۈشۈككە مۈشۈك سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن ئۇنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە ئۇقۇم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. بۇ سىياسىي ئەقىل يۈرگۈزۈش جەريانىغىمۇ دەل چۈشىدۇ: بىز سىياسىي دۇنيا ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنى نوقۇل ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ ئەمەس، بەلكى دۇنيانى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان ئۇقۇملارنى ئىجاد قىلىش ۋە پۇختىلاش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان. ئۇقۇملار بۇ جەھەتتىن ئىنسان بىلىمىنىڭ قۇرغۇچى كېسەكلىرىدۇر. ئۇقۇملار يەنە تېيىلغاق بولۇپ، سىياسىي ئۇقۇملاردا بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. سىياسىي ئۇقۇملاردىكى ئاساسلىق مەسىلە شۇكى، ئۇلارغا ھەر قاچان قىممەت قاراش-قەدرىيەت سىڭگەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مەنىلىرى مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش تېمىسى بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزىدە ئۇلارنىڭ قىمممىتى ۋە ئەھمىيىتى ئەسلىدىكىدىن بەكرەك مۇبالىغە قىلىۋېتىلىدۇ.
ئۆلچەمچىل (normative) ۋە تەسۋىرچىل (descriptive) ئۇقۇملار
ئۆلچەمچىل ئۇقۇملار ئادەتتە «قىممەتلەر» (values) سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ ۋە «كېرەك، شەرت، لازىم»… دېگەندەك ئەخلاقىي پرىنسىپلار ۋە غايىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، «ھۆرلۈك» (liberty)، «ھەق-ھوقۇقلار» (rights)، «ئادالەت» (justice)، «باراۋەرلىك» (equality)، «سىغدۇرۇش» (toleration)… دېگەندەك كۆپلىگەن سىياسىي ئۇقۇملارغا قىممەت قاراشلار يۈكلەنگەن. شۇڭلاشقا، قىممەت قاراشلار ياكى ئۆلچەمچىل ئۇقۇملار مەلۇم ھادىسە ياكى ئەھۋالنى تەسۋىرلەشتىن بەكرەك، مۇئەييەن ھەرىكەت شەكلىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بەزى چاغلاردا، سىياسىي قىممەت قاراشلار بىلەن ئۇلارنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلارنىڭ ئەخلاقىي، پەلسەپىۋىي ۋە ئىدىيىۋىي ئەقىدىلىرىنى پەرقلەندۈرۈش تەس. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، تەسۋىرچىل ياكى دەلىلچىل ( (positiveئۇقۇملار ئوبيېكتىپ ۋە كۆرسەتكىلى بولىدىغان مەۋجۇت «ئەمىلىيەتلەر»نى (facts)، يەنى ئۇلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن، «كۈچ» (power)، «نوپۇز» (authority)، «تەرتىپ» (order) ۋە «قانۇن» (law)… دېگەندەك ئۇقۇملار ئۆلچەمچىل بولۇشتىن بەكرەك، تەسۋىرچىللىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. چۈنكى ئۇلارنىڭ بار-يوقلۇقىغا سۇئال قويغىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەت بىلەن قىممەت ئارىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئادەتتە يارقىن تەپەككۇر قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ قارىلىدۇ. قىممەتلەر كۆز قاراش ھېسابلىنىشى مۇمكىن، لېكىن ئەمەلىيەتلەرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، تەسۋىرچىل ئۇقۇملار «بىتەرەپ» (neutral) ۋە قىممەتتىن خالىي دەپ قارىلىدۇ. قىسقىسى، ئۇلار ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ زىللىقىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ، دەلىلچىلىك (positivism)نىڭ تەسىرى ئاستىدا، سىياسەت ئىلمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چاقىرىقى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۆلچەمچىل ئۇقۇملارنىڭ «مېتافىزىكىلىق» دەپ قارىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، قۇرۇق گەپتىن دېرەك بېرەتتى. قانداقلا بولمىسۇن، سىياسىي ئۇقۇملاردىكى مەسىلە ئەمەلىيەتلەر بىلەن قىممەتلەرنىڭ ھەر دائىم ئۆز-ئارا كىرىشىپ كەتكەنلىكىدە بولۇپ، قارىماققا تەسۋىرچىل كۆرۈنگەن ئۇقۇملارغىمۇ بىر قاتار ئەخلاقىي ۋە ئىدىيىۋىي ئىما-ئىشارەتلەر سىڭدۈرۈۋېتىلگەن بولىدۇ. مىسالغا ئېيتىساق، «نوپۇز» (authority) دېگەن ئۇقۇمدىن بۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ناۋادا نوپۇزغا «باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ھوقۇقى» دەپ ئېنىقلىما بىرىلسە، ئۇ چاغدا، نوپۇزغا كىملەرنىڭ ئىگە بولۇپ-بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىش ۋە ئۇنىڭ نېمىگە ئاساسەن يۈرگۈزىلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بۇ ئۇقۇمنى تەسۋىرچىل شەكىلدە قوللىنىش تامامەن مۇمكىن. ھالبۇكى، بۇ ئۇقۇمنى نوپۇزنى قاچان، قانداق ۋە نېمىشقا يۈرگۈزۈش كېرەك… دېگەندەك قىممەتچىل ھۆكۈملەردىن تامامەن ئايرىش مۇمكىن ئەمەس. قىسقىسى، نوپۇزغا نىسبەتەن ھېچكىم بىتەرەپ ئەمەس. ئالايلۇق، يۇقۇرىدىن بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلەيدىغان كونسېرۋاتىپلار (conservatives) نوپۇزنى توغرا ۋە ساغلام دەپ قاراشقا مايىل بولسا، ھۆكۈمەت ۋە قانۇننىڭ رەزىللىكىگە ئىشىنىدىغان ئانارخىستلار (anarchists)غا نىسبەتەن نوپۇز قىپيالىڭاچ زۇلۇمدۇر. شۇڭلاشقا، مەيلى ئۆلچەمچىل بولسۇن ياكى تەسۋىرچىل بولسۇن، پۈتۈن سىياسىي ئۇقۇملارنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىدىيىۋىي نوقتىئىنەزىرىگە قاراپ چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان سىياسىي ئۇقۇملارنىڭ قىممەت يۈكلۈك خاراكتېرىگە بېرىلگەن بىر جاۋاب بولسا تىل ئىشلىتىشتە «سىياسىي كوررېكتورلۇق» (political correctness) تا چىڭ تۇرۇش ھەرىكىتى بولدى. سىياسىي كوررېكتورلۇق ئومۇمەن تىلنى ئىرقچى، جىنسىيەتچى ۋە باشقا كەمسىتكۈچى ياكى يەكلىگۈچى ئىما-ئىشارەتلەردىن تازىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغان فېمېنىستلار(ئايال ھەقچىلىك)، پۇقرالار ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى ۋە ئاز سانلىق گۇرۇپپا ۋەكىللىرى تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىنىپ كەلدى. بۇ تەشەببۇس، تىل زور دەرىجىدە بىر جەمئىيەتتىكى كۈچ قۇرۇلمىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن، ھۆكۈمران گۇرۇھلارغا خىزمەت قىلىپ، تارماق گۇرۇپپىلارنى يەكلەيدۇ، دېگەن چۈشەنچىگە ئاساسلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىنسان تۈرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئادەم (man) (ئەر مەنىسىدە)، ئازسانلىق مىللەتلەرنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نىگېرلار (negroes) ياكى رەڭلىكلەر (coloureds)، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن «ئۈچىنچى دۇنيا» (third world) ياكى «كەينىدە قالغان» (underdeveloped)… دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش بۇنىڭ روشەن ئىپادىلىرى ھېسابلىنىدۇ. سىياسىي كوررېكتورلۇقنىڭ نىشانى بولسا سىياسىي مۇنازىرىنى كەمسىتىشتىن خالىي تىل بىلەن ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىشتۇر. ھالبۇكى، تەرەپسىز ۋە ئوبيېكتىپ بىر سىياسىي خىتاب تىلى بەرپا قىلىش ئارزۇسى خام خىيالدۇر. ئەڭ قىلالىغاندا، «مەنپىي» (negative) ئاتالغۇلارنى ئىجابىي (positive) ئاتالغۇلارغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: «ئىقتىدارسىز» (disabled) (مېيىپ مەنىسىدە) كىشىلەرنى «پەرقلىق ئىقتىدارلىق» (differently abled) كىشىلەر، «نىگېرلار» (negroes) نى «قارە تەنلىكلەر» (black) دېيىش مۇمكىن. بىراق، سىياسىي كوررېكتورلۇقنى تەنقىد قىلغۇچىلار بۇنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك چەكلىمە پەيدا قىلىپ، تىلنى نامراتلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقى ۋە «خاتا» قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئىختىلاپلىق (contested) ئۇقۇملار
تېخىمۇ چوڭ مەسىلە شۇكى، سىياسىي ئۇقۇملار ھەمىشە ئىلمىي ۋە ئىدىيىۋىي تالاش-تارتىشلارنىڭ تېمىسىغا ئايلىنىدۇ. يۇقۇرىدا كۆرسىتىلگەندەك، ئوخشاش پرىنسىپ ياكى ئىدىيەنى ياقىلايدىغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا دەتالاش يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭلاشقا، ئۇقۇم ئىختىلاپىنىڭ ئۆزىمۇ سىياسەتنىڭ جەڭگاھلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ خىل ئەھۋال «ھەقىقىي» دېموكراتىيە ، «ھەقىقىي» ئەركىنلىك، «ھەقىقىي» ئادالەت.. دېگەندەك، بىر ئۇقۇم ھەققىدىكى مەلۇم بىر چۈشەنچىنى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن توغرا دەپ بېكىتىشكە ئۇرۇنۇشتا ئەكس ئېتىدۇ. بۇ خىل ئارىسالدىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ۋ. ب. گاللىي (W. B. Gallie) (6-1955) كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، «كۈچ»، «ئادالەت» ۋە «ئەركىنلىك»… دېگەندەك ئۇقۇملاردا ئىختىلاپ شۇ قەدەر ئېغىركى، بۇ خىل ئۇقۇملارغا بىتەرەپ ياكى مۇقىم ئېنىقلىما بېرىش ھېچقاچان مۇمكىن بولمايدۇ، شۇڭا بۇخىل ئۇقۇملارنى «ماھىيىتىدىن ئىختىلاپلىق ئۇقۇملار» (essentially contested concepts) سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش كېرەك. ماھىيەتتە، ھەر بىر ئاتالغۇ كۆپلىگەن قارمۇ-قارشى ئۇقۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئاتالغۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسى دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما، بىر ئۇقۇمنىڭ «ماھىيىتىدىن ئىختىلاپلىق» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىق ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس، بەلكى شۇ ئۇقۇمنىڭ قارمۇ-قارشى نۇسخىلىرىنىڭ باراۋەر ھالدا كۈچكە ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقتۇر.
ھەممىسى بولمىغاندىمۇ، نۇرغۇن ئۇقۇملار كۆپ تەرەپلىمىلىك ياكى «ماھىيىتىدىن ئىختىلاپىق»، دېگەن قاراش كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن، خۇسۇسەن تېرېنس بال (Terence Ball) (1988) تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان. بۇ ھەقتە ئىككى لىنىيەلىك بىر مۇنازىرە ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىرىنچى لىنىيە، گاللىينىڭ قاراشلىرىنى تەتبىقلاشقا ئۇرۇنغان كۆپلىگەن نەزەرىيەچىلەرنىڭ (لۇكس (Lukes)نىڭ «كۈچ»كە قارىتا قىلغىنىدەك) ھەر دائىم مەلۇم بىر ئۇقۇمنىڭ ئۆزلىرىگە ياققان چۈشەندۈرۈلۈشىنى ياقىلاپ، باشقىلىرىنى يەكلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بىر ئۇقۇمنىڭ بارلىق نۇسخىلىرىنىڭ باراۋەر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلماسلىق مەۋجۇت دەتالاش ۋە مۇنازىرىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ خىل مۇنازىرە كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر باسقۇچتا يالغۇز ۋە مەقبۇل بىر ئۇقۇمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھېچبىر ئۇقۇم تەبىئىتىدىن قارمۇ-قارشى ۋە زىت ئەمەس. مۇنازىرىنىڭ ئىككىنچى لىنىيەسى بولسا، گاللىينىڭ تەھلىلىنىڭ تارىخىي ئاساسىي يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئالايلۇق، ھازىر ئىختىلاپلىق بولغان بىر قىسىم ئۇقۇملار بۇرۇن كەڭ تۈردە قوبۇل قىلىنغانىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، بۈگۈن دېموكراتىيەنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ ۋە چوڭقۇر تالاش-تارتىشلار پەقەت 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ يېڭى ئىدىيىۋىي ئېقىملار بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىققان. شۇڭلاشقا، ئىختىلاپلىق ئۇقۇملارغا «ھازىرچە» ئىختىلاپلىق ئۇقۇملار (بېرچ (Birch)، 2007) ياكى «ئەھۋالغا قاراپ» ئىختىلاپلىق ئۇقۇملار (بال (Ball)، 1997) دېگەن تۈزۈك.
كەلىمىلەر ۋە شەيئىلەر
ئۇقۇملارغا دائىر ئاخىرقى مەسىلە بولسا ئۇقۇملارغا چوقۇنۇشتۇر. بۇ خىل ئەھۋال ئۇقۇملارغا گۇيا ئۇلارنى قوللىنىۋاتقان ئىنسانلاردىن ئايرىم، كونكېرت بىر مەۋجۇتلۇقتەك مۇئامىلە قىلغاندا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كەلىمىلەرگە شەيئىلەرنى چۈشىنىشنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى شەيئىلەرنىڭ ئۆزى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ماكس ۋېبېر (Max Weber) (1864–1920) بۇ مەسىلىنى مەلۇم ئۇقۇملارنى «ئىدېئال تىپلار» (ideal types) سۈپىتىدە تۈرگە ئايرىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئورۇنغان. ئىدېئال تىپ دېگىنىمىز بىر خىل ئەقلىي رامكا بولۇپ، ئۇنىڭ ياردىمىدە مەنتىقىلىق چوقىغا يېتىش ئارقىلىق چەكسىز ۋە مۇرەككەپ رېئاللىقتىن كونكېرت مەنا چىقىرىلىدۇ. يەنى ئىدېئال تىپلار رېئاللىقنىڭ تەقلىدى ئەمەس، بەلكى چۈشەندۈرگۈچى قوراللاردۇر؛ ئۇلار يا رېئاللىقنى خوراتمايدۇ، يا بىر ئەخلاقىي غايە بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. شۇڭا، «دېموكراتىيە»، «ئىنسان ھەقلىرى» ۋە «كاپىتالىزم»… دېگەندەك ئۇقۇملار ئۆزلىرى تەسۋىرلىمەكچى بولغان شەكىلسىز رېئاللىققا قارىغاندا تېخىمۇ يۇمىلاق ۋە بىردەكلىككە ئىگە. ۋېبېرنىڭ ئۆزىمۇ نوپۇز (authority) ۋە بيۇروكراتىيە (bureaucracy) گە ئىدېئال تىپلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلغان. مەلۇم ئۇقۇملارنى ئىدېئال تىپلار سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بولسا ئۇقۇملارنىڭ پەقەتلا ئانالىز قوراللىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەتتۇر. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇقۇملارنى ياكى ئىدېئال تىپلارنى نوقۇل ھالدا «ھەقىقىي» ياكى «ساختا» دەپ ئويلىغاندىن، «قوللىنىشچانلىقى» (useful) تۆۋەن ياكى يۇقۇرى دەپ ئويلىغان ياخشى.
سىياسىي ئۇقۇملارنىڭ ئېھتىماللىق تەبىئىتى ئاتالمىش كېيىنكى مودېرنىزم نەزەرىيەچىلىرى تەرىپىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكىتلەندى. ئۇلار ھەممە كىشى قوبۇل قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال قىممەتلەرنى تېپىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان «ئەنئەنىۋى» ئىزدىنىشكە، بۇ بارچە قىممەتلەر ۋە ئىددىئالارغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىغان يۈكسەك بىر نۇقتا بارلىقىنى پەرەز قىلغانلىق، دەپ ھۇجۇم قىلدى. بۇ يۈكسەك نۇقتىنىڭ ئورنى ھەققىدە نېگىزلىك ئىختىلاپلارنىڭ ھېچ توختىمايۋاتقانلىقى يوللۇق سىياسىي ۋە ئەخلاقىي قاراشلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى، تىلىمىزنىڭ ۋە سىياسىي ئۇقۇملىرىمىزنىڭ پەقەتلا ئۇلار ئىجاد قىلىنغان ۋە ئىشلىتىلگەن مۇھىت ئىچىدە كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ۋاھالەنكى، ئۇقۇملار ھەققىدىكى ئەڭ رادىكال تەنقىد ماھايانا بۇددىزم (Mahayana Buddhism) پەلسەپىسىدە شەكىللەنگەندەك قىلىدۇ. بۇ پەلسەپە، ئۇقۇملارنى مەلۇم شەكىلدە قوللىنىش ئۈچۈن ئاۋامنىڭ رازىلىقىغا تايىنىپ رەسمىي بىر توختامنى شەكىللەندۈرىدىغان «توختاملىق» ھەقىقەت بىلەن بىۋاستە تەجرىبە ئارقىلىق رېئاللىققا سېڭىپ كىرىش ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇقۇملاشتۇرۇشتىن ھالقىشقا دائىر «مۇتلەق» ھەقىقەتنىڭ ئارىسىنى پەرقلەندۈرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھەر قانداق تەپەككۇر رېئاللىققا چۈشۈرۈلگەن شولىغا تەڭ بولۇپ، بىر خىل خىيالىي تۇيغۇنى شەكىللەندۈرىدۇ. خۇددى زېن (Zen) تەرىقىتىدە (ئەسلى خىتايچە چەن (禪) دەپ ئوقۇلىدىغان بولۇپ، ماھايانا بۇددىزىمىدىكى بىر ئېقىم – تەرجىماندىن) ئېيتىلغىنى بۇيىچە، ئايغا ئىشارەت قىلغان بارماقنى ئاينىڭ ئۆزى دەپ ئويلاپ قالغاندەك، ناۋادا بىزمۇ كەلىمىلەرنى شەيئىلەر دەپ ئويلاپ قالساق، خەتەرگە يولۇقىمىز.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.