
BBC نىڭ نەزىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان: ساياھەتچىلەر ئېقىنىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قورقۇنچلۇق رېئاللىقلار
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
2025-يىلى 2-نويابىر BBC خەۋەرلىرىدە كېللىي نىگ (Kelly Ng) ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان «300 مىليون ساياھەتچى يېقىندا خىتاينىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) رايونىنى زىيارەت قىلدى، ئەمما ئۇلار كۆرمىگەن يەنە بىر تەرەپ بار» (300 million tourists just visited China’s stunning Xinjiang region. There’s a side they didn’t see) سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىدە كۆزگە چېلىققان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر زىددىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىدۇ. بىر تەرەپتىن، بۇ رايوننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مىلياردلارچە دوللار مەبلەغ سېلىنىپ غايەت زور ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلۇشى ۋە 2024-يىلغا كەلگەندە 300 مىليونغا يېتىدىغان رېكورت ياراتقۇچى زىيارەتچى سانىغا يېتىشىدەك رېئاللىق تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوخشاش بىر زېمىندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا سادىر قىلىنغانلىقى خەلقئارالىق دوكلاتلاردا پاش قىلىنغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى مەۋجۇت. ماقالە بۇ ئىككى زىت رېئاللىقنى، رايوننى زىيارەت قىلغان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر دىياسپورا ۋەكىللىرىنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرى ئارقىلىق كۆپ قاتلاملىق شەكىلدە يورۇتۇپ بېرىدۇ. بۇ ئەسەر، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (خ ك پ) نىڭ باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى پارلاق بىر ساياھەت تەشۋىقاتى بىلەن قانداق نىقابلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ۋە بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىكتىكى ئەكس ساداسىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىشى بىلەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
يازغۇچى تەھلىلىنى 2015- ۋە 2024-يىللىرى بۇ رايوننى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلغان «ئاننا» ئىسىملىك بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىلەن باشلايدۇ. ئاننانىڭ تۇنجى زىيارىتىدە دوستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى «خىتاينىڭ ئەڭ خەتەرلىك رايونلىرىنىڭ بىرى» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ بېرىشىغا قارشى تۇرۇشى، بۇ رايوننىڭ يېقىنقى ئۆتمۈشتىكى ئوبرازىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەمما توققۇز يىلدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق زىيارىتىدە ئۇچراتقان مەنزىرە پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى: شەرقىي تۈركىستان ئەمدى «ھەددىدىن زىيادە قىستا قىستاڭ» بىر ساياھەت جەننىتىگە ئايلانغانىدى. بۇ ئۆزگىرىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىك سىياسىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ماقالىدە كۆرسىتىلگىنىدەك، بېيجىڭ بىر مەزگىل زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن تىلغا ئېلىنغان بۇ رايوننى غايەت زور ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىلىرى، دۆلەت قوللىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە ئالاھىدە تەشكىللەنگەن ئاخبارات ساياھەتلىرى ئارقىلىق قايتىدىن ئوبراز يارىتىپ چىقماقتا. بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئەڭ ھەجۋىي تەرىپى شۇكى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ «يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن يەرلىك «ئېتنىك» كەچۈرمىشلىرىنىڭ ساياھەت جەزبىدارلىقى ئامىلى سۈپىتىدە بازارغا سېلىنىشىدۇر.
ساياھەت تەشۋىقاتى ۋە پەرقلىق زىيارەتچى تەجرىبىلىرى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بەلگىلىگەن نىشانلىرى ئىنتايىن يۇقىرى: 2024-يىلى 300 مىليوندىن ئاشقان زىيارەتچى سانى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن 360 مىليارد يۈەنلىك (تەخمىنەن 51 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) ساياھەت كىرىمى ئارقىلىق، 2030-يىلىغا بارغاندا يىللىق 400 مىليوندىن ئارتۇق زىيارەتچى ۋە 1 تىرىليون يۈەن كىرىم نىشانىغا يېتىشنى مەقسەت قىلماقتا. Hilton ۋە Marriott قاتارلىق 200 گە يېقىن خەلقئارالىق مېھمانساراينىڭ بۇ رايوندا پائالىيەت قىلىشى ياكى مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىشى، بۇ تۈرنىڭ كۆلىمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ساياھەت ساھەسىدىكى بۇ پارتلاش خاراكتېرلىك قەدەمنىڭ نىشانلىق خېرىدارلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى يەرلىك خىتاي ساياھەتچىلەر تەشكىل قىلىدۇ. ماقالە بۇ ئەھۋالنىڭ ئارقىسىدىكى پسىخولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنىمۇ يورۇتۇشقا تىرىشىدۇ. مەسىلەن، ئاننانىڭ ئانىسىنىڭ بۇ رايوندا ئىشلەنگەن ۋە دۆلەت تاراتقۇلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنغان «To the Wonder» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ئارزۇسى، دۆلەت تەشۋىقاتىنىڭ ئامما ئۈستىدىكى تەسىرىگە ئېنىق بىر مىسال بولالايدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بولسا، شەرقىي تۈركىستان «تەڭرىنىڭ مەخپىي باغچىسى»، «جەننەتتىن بىر بۇلۇڭ» دېگەندەك تەسۋىرلەر بىلەن، تەبىئىي گۈزەللىكى ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيىتى بىلەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن بىر مەنزىلگاھقا ئايلىنىپ قالدى.
بىراق، ماقالە بارلىق زىيارەتچىلەرنىڭ بۇ پارلاق مەنزىرىنى ئويلانمايلا قوبۇل قىلمىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەيدۇ. سىنگاپورلۇق بىر زىيارەتچى سۇن شېڭياۋنىڭ كەچۈرمىشى، بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەرنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شېڭياۋ بۇ رايوننى «يېڭى زېلاندىيە، شىۋېتسارىيە ۋە موڭغۇلىيەنىڭ بىر يەرگە جەملەنگەن شەكلى» دەپ تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە، قويۇق ساقچى مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىك كامېرالىرى قاتارلىق ئامىللارنى «چوڭ بىر مەسىلە» دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال بەزى زىيارەتچىلەرنىڭ سۇنۇلغان كىشىنى مەھلىيا قىلغۇدەك مەنزىرىلەر ئالدىدا، رايوندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كونتروللۇق ۋە كۆزىتىشنى نورمال ئەھۋال دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، سىنگاپورلۇق يەنە بىر زىيارەتچى تېنمولى سىلۋادورىنىڭ گۇۋاھلىقى، مېدالنىڭ يەنە بىر يۈزىنى ئاشكارىلايدۇ. دوستلىرى بىلەن بىللە ياغلىق ئارتىۋالغان سىلۋادورى، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىشىپ «ياغلىقىمىزنى ئەركىن ئارتالىشىڭلارغا ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى» بايان قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا، يەرلىك مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنماسلىقى، سىلۋادورى ۋە دوستلىرىنىڭ ئىزدىگەن ھەقىقىي مەدەنىيەت كەچۈرمىشىنى باشتىن كەچۈرەلمەسلىكىگە ۋە ئۈمىدسىزلىنىشىگە سەۋەب بولغان. بۇ پەرقلىق تەجرىبىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى بەرپا قىلغان «ساختا رېئاللىقنىڭ» بەزى زىيارەتچىلەر تەرىپىدىن ھېس قىلىنغانلىقىنى ۋە سوئال ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
كۆزلەردىن يوشۇرۇنغان ھەقىقەت: سىستېمىلىق باستۇرۇش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى
كېللىي نىگ ماقالىسىدە ساياھەت پەردىسىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان قاراڭغۇ مەنزىرىنى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ رايوندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ سادىر قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىگە دائىر پاكىتلىرى، ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە دەلىللەيدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights Watch) نىڭ 2024-يىللىق بىر دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2009-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاندىكى يۈزلىگەن يېزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، تارىخىي ياكى مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسىملىرى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىدېئولوگىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ناملارغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ، جۇغراپىيەلىك ماكاننى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر مەدەنىيەت خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈش ھەرىكىتىدۇر. ئوخشاش شەكىلدە، رايوندىكى مەسچىتلەرنىڭ تاقىلىشى، چېقىۋېتىلىشى ياكى باشقا مەقسەتلەردە ئىشلىتىلىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىلىشى، ئىسلام دىنىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردىكى كۆرۈنۈشىنى ۋە ئەمەلىيىتىنى چەكلەشكە قارىتىلغان سىستېمىلىق بىر سىياسەت سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە.
ماقالە BBC نىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىگىمۇ ئىشارەت قىلىش ئارقىلىق، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق قورقۇنچلۇق ئەيىبلەشلەرگە دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنى ئەسلىتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ سېنتەبىردىكى بىر زىيارىتىدە رايوننىڭ «دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان» تەرەققىياتىنى ماختاش بىلەن بىرگە، «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» قا چاقىرىق قىلىشى، بۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىسىدۇر. 2010-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان يازغۇچى جوش ساممېرسنىڭ قەشقەر قەدىمكى شەھىرى ھەققىدىكى يەكۈنىمۇ بۇ مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقىنى خۇلاسىلەپ بېرىدۇ. ساممېرس تارىخىي شەھەرنىڭ «پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلىنىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ھېچقانداق شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرمەيدىغان بىر شەكىلدە قايتىدىن لايىھەلەنگەنلىكى ۋە سېلىنغانلىقىنى» بىلدۈرىدۇ. بۇ، ھەقىقىي بىر مەدەنىيەت مىراسىنىڭ يوقىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دۆلەت تەستىقلىغان، ساياھەتچىلىككە ماسلاشتۇرۇلغان ۋە ساختا بىر نۇسخىسىنىڭ دەسسىتىلىشى دېگەنلىك بولىدۇ.
دىياسپورانىڭ ساداسى ۋە خۇلاسە
ماقالىنىڭ ئەڭ تەسىرچان بۆلەكلىرىنىڭ بىرىنى 1998-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلغان ئۇيغۇر-ئامېرىكىلىق پائالىيەتچى ئىرادە قەشقەرىنىڭ كۆز قاراشلىرى تەشكىل قىلىدۇ. قەشقەرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى «ئۇيغۇر خەلقىنى ساياھەت جەزبدارلىقى مەركىزى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى نۇسخىسىنى سېتىۋاتىدۇ». بۇ تەشۋىقات ئۇيغۇرلارنى «ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خۇشال – خۇرام كۆرۈنىدىغان، ئۇسسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىدىغان رەڭدار بىر خەلقتىنلا ئىبارەت» بىر ئوبرازغا سولاپ قويماقتا. قەشقىرى ساياھەتچىلەرنى بۇ رايوندىكى «ئېغىر مەسىلىلەرنى ھېس قىلىشقا» چاقىرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا «زىيارەت قىلماڭلار» دېيىشنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ئەمەسلىكىنى، ئەمما كۆرگەن نەرسىسىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېزەلگەن بىر نۇسخىسى» ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى ئەڭ چوڭ پاجىئە بولسا، ئۆزىگە ئوخشاش پائالىيەتچىلەرنىڭ «ۋەتەنلىرى» بولغان بۇ تۇپراقلارغا قايتىپ كېلىشىنىڭ «ئىنتايىن خەتەرلىك» بولۇشىدۇر. بۇ ئەھۋال، ساياھەت زىيارەتلىرى ئەركىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر زېمىننىڭ، ئۆز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن قانداق بىر سۈرگۈن ۋە ھەسرەت ماكانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئاچچىق بىر شەكىلدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە، كېللىي نىگنىڭ ماقالىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ساياھەتنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك گۈللىنىشىنىڭ رايوندىكى نورماللىشىشنىڭ ياكى گۈللىنىشنىڭ بىر بەلگىسى ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە، ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن مۇرەككەپ بىر تەشۋىقات ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزىنى قوپۇرۇشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ مەدەنىيەتنىڭ روھىدىن ئايرىلغان، ئۆزگىچە بىر نۇسخىسىنى يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە بازارلىماقتا. ماقالە بۇ ئالاھىدە قۇرۇپ چىقىلغان «چىرايلىق» سىرتقى كۆرۈنۈش بىلەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى «سەت» ھەقىقەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر پەرقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇرمەننى ئۆزى كۆرگەنلىرىنىڭ يوشۇرۇن تەرىپى ھەققىدە ئويلىنىشقا چاقىرىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















