راند دوكلاتىدىكى ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچى: خىتايغا قارشى يېڭى ئەۋلاد ئىستراتېگىيە ئىزدەش

2025-يىلى 9-نويابىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

بۇ سىياسىي مۇلاھىزە،  راند(RAND)  شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە خوۋارد ج. شاتز، ماركو خافنېر، ناۋكو ئائوكى، پېتىر دورتمانس، تىموتىي ر. خىس ۋە فىئونا كۇئىمبرې تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتاي مەسىلىسىدە ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش (deterrence) كۈچى» (Economic Deterrence in a China Contingency) ناملىق كەڭ دائىرىلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تەھلىل قىلىدۇ. 2025-يىلى نەشر قىلىنىدىغان بۇ دوكلات، تەيۋەنگە قارىتىلغان يوشۇرۇن خىتاي تاجاۋۇزچىلىقى (قورشاۋ ياكى ئىشغالىيەت) نىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى (ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە) نىڭ قوللىنالايدىغان ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنىڭ مۇمكىنچىلىكى، يوشۇرۇن تەسىرى ۋە يەرشارى ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا بولغان ئەكس تەسىرىنى تەھلىل قىلىدۇ. دوكلات، چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى كەسكىنلەشكەن، جۇغراپىيەلىك ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەر بىر خىل ئىستراتېگىيەلىك قورالغا ئايلانغان بۈگۈنكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ئۈچۈن ھالقىلىق بىر يول خەرىتىسى سۇنۇش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ مۇلاھىزە، دوكلاتنىڭ ھەر بىر بۆلىكىنى سىستېمىلىق ھالدا تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچىنىڭ نەزەرىيەۋى رامكىسى، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرى، ئاكتىيورلارغا ئاساسلانغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرى ۋە مودېللانغان نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر باھالاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭلىمىسى، ئەنئەنىۋى ھەربىي پارادىگمالارنىڭ ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنىڭ بارغانسېرى مەركىزىي ئورۇنغا چىققان بىر «جۇغراپىيەلىك ئىقتىساد دەۋرى» سۈپىتىدە شەكىللەنمەكتە. بۇ يېڭى دەۋردە، دۆلەتلەر ئارا رىقابەت پەقەت ھەربىي ئىقتىدار بىلەنلا ئەمەس، بەلكى سودا، پۇل-مۇئامىلە، تېخنىكا ۋە تەمىنلەش زەنجىرى ئۈستىدىكى كونتروللۇق كۈچى بىلەنمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا. نىكولاس مۇلدېرنىڭ «ئىقتىسادىي قورال» ناملىق ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، ئىقتىسادىي جازالار زامانىۋى ئۇرۇشنىڭ بىر ۋاسىتىسى سۈپىتىدە چوڭقۇر تارىخقا ئىگە بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ھەر قانداق چاغدىكىدىن تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئۈنۈملۈك ھالغا كەلدى. مانا بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، راند شىركىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان «خىتاي مەسىلىسىدە ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچى» ناملىق دوكلات، بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ ھالقىلىق جۇغراپىيەلىك سىياسىي جىددىيچىلىك لىنىيەلىرىنىڭ بىرى بولغان تەيۋەن بوغۇزىدا، ئىقتىسادىي كۈچنىڭ بىر ھۈركۈتۈش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىدىغان باشلامچى خىزمەت سۈپىتىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنمەكتە.

دوكلاتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى، ئەنئەنىۋى ھۈركۈتۈش نەزەرىيەسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بىر كىرىزىس پارتلاشتىن ئىلگىرى ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشىدۇر. بۇ تەتقىقات، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا يوشۇرۇن تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە كىرىشىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلۈشتىن ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يولغا قويالايدىغان ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنىڭ (بۇنىڭدىن كېيىن «ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچى» دەپ ئاتىلىدۇ) ئۈنۈمى، تەننەرخى ۋە ئاقىۋەتلىرىنى بىر پۈتۈنلۈك ئۇسۇلى بىلەن مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ ۋاقىت ئارىلىقى، ئىستىخبارات توپلاش، سىياسەت تاللاشلىرىنى باھالاش ۋە ئىتتىپاقداشلار بىلەن ماسلىشىش ئۈچۈن ھالقىلىق بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نىشاندىكى دۆلەتكە قارشى ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتىنىمۇ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا دوكلات، ۋاقىت ئامىلىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭلىمىنىڭ مەركىزىگە قويىدۇ.

دوكلاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى، ئۇ سۇنغان ئانالىز چوڭقۇرلۇقى ۋە سىياسەتنى مەركەز قىلغان ئۇسۇلىدا ياتىدۇ. ئۇ پەقەت نەزەرىيەۋى رامكا بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرگە يوشۇرۇن بىر كىرىزىس پەيتىدە قايسى ۋاسىتىلەرنى، قايسى ۋاقىتتا ۋە قايسى ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا كونكرېت سانلىق مەلۇمات ۋە مۆلچەرلەرنى سۇنىدۇ. بۇ تەتقىقات، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئاكتىيورلارنىڭ مەيدانى، ئىچكى چەكلىمىلىرى، ئىقتىدارى ۋە ئىككىلىنىشلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كۆپ تەرەپلىك ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچى ئىتتىپاقى قۇرۇشنىڭ ئالدىدىكى قىيىنچىلىق ۋە پۇرسەتلەرنى رېئاللىققا ئۇيغۇن ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئاكتىيورلارنى ئاساس قىلغان ئانالىز، ئىستراتېگىيەنىڭ پەقەت لايىھىلىنىشىلا ئەمەس، بەلكى يولغا قويۇلۇشىنىڭمۇ قانچىلىك مۇرەككەپ دىپلوماتىك ۋە سىياسىي ئىنژېنېرلىقنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

دوكلاتنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەپلىرىنىڭ بىرى، پەقەت جازالارنىڭ يولغا قويۇلۇشچانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى ماكرولۇق ئىقتىسادىي مودېللاش ئارقىلىق بۇ جازالارنىڭ ھەم نىشاندىكى دۆلەت (خىتاي) ھەم ئۇنى يولغا قويغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە  بولغان تەسىرىنى مىقدارلاشتۇرۇپ ئۆلچىشىدۇر. ھەرىكەتچان ھېسابلىنىشچان ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇق   مودېلىنىڭ ئىشلىتىلىشى، ئوخشىمىغان جازا سېنارىيەلىرىنىڭ ئىقتىسادىي بەدىلىنى كونكرېت رەقەملەر بىلەن ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىنى يارىتىدۇ. بۇ جەھەتتىن دوكلات، ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچى مۇنازىرىلىرىنى ئابستراكت ئىستراتېگىيەلىك مۇلاھىزىلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ تەننەرخ-پايدا ئانالىزىنى تېخىمۇ ساغلام ئاساستا ئېلىپ بېرىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان، ئۆلچىگىلى بولىدىغان بىر رامكا بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئانالىز رامكىسىنى بەش ئاساسلىق سوئال ئەتراپىدا شەكىللەندۈرگەن دوكلات، بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش جەريانىدا بىر قاتار دەسلەپكى پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يادرولۇق ئىتتىپاقنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ئەنگلىيەدىن تەركىب تېپىشى ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنىڭ يالغۇز خىتاينى توسۇش ئورنىغا، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى پەقەت «كېچىكتۈرەلەيدىغانلىقى» توغرىسىدىكى پەرەزلەر، ئانالىزنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەت نۇقتىلىرىدۇر. تارىخىي سانلىق مەلۇماتلار، دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق مىللىي مەنپەئەت دەپ قارىغان مەسىلىلەردە ئىقتىسادىي بېسىملارغا ناھايىتى ئاز تەسلىم بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭلاشقا دوكلات، ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنىڭ باشقا ھۈركۈتۈش كۈچى ئامىللىرى (ھەربىي ۋە دىپلوماتىك) بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئۈستى يېپىق ھالدا تەكىتلەيدۇ.

بۇ مۇلاھىزە، RAND  دوكلاتى سۇنغان بۇ مول ۋە كۆپ قاتلاملىق ئانالىزنى سىستېمىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىدۇ. ھەر بىر بۆلۈمدە، دوكلاتنىڭ ئاساسلىق پىكىرلىرى، دەلىل-ئىسپاتلىرى ۋە خۇلاسىلىرى تەھلىل قىلىنىدۇ. ئاكتىيورلارنىڭ مەيدانى، ئىقتىسادىي مودېللاشنىڭ نەتىجىلىرى ۋە سىياسەت تەكلىپلىرى چوڭقۇر باھالىنىدۇ. مەقسەت، دوكلاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خۇلاسىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەزمۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچىنىڭ 21-ئەسىردىكى چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىدىكى ئورنى ۋە كەلگۈسىنى چۈشىنىشكە تۆھپە قوشۇشتۇر.

ئىستراتېگىيەلىك مېمار: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رولى ۋە ئىقتىدارى

RAND دوكلاتىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكى، يوشۇرۇن ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئاكتىيورى ۋە كەم بولسا بولمايدىغان مېمارى سۈپىتىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى مەركەزگە قويىدۇ. ئانالىز، ئامېرىكانىڭ بۇ مەركىزىي رولىنى، ئۇنىڭ يەرشارى سىستېمىسىدىكى ئۆزگىچە ئورنىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئۈچ ئاساسلىق كۈچ تۈۋرۈكىگە ئاساسلايدۇ: غايەت زور ئىقتىسادىي كۆلەم، تەڭدىشى يوق پۇل-مۇئامىلە ھۆكۈمرانلىقى ۋە باشقا چوڭ دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يەرشارى سودىسىدىكى نىسپىي ئايرىملىقى. بۇ ئۈچ ئامىل بىر يەرگە كەلگەندە، ئامېرىكاغا ھەر قانداق ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچى ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى بېرىدۇ. دوكلات، بۇ ئىقتىدارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ كۈچنىڭ سىياسىي ئىرادىگە ئايلىنىشىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرىدۇ.

ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى، ھۈركۈتۈش كۈچى تەڭلىمىسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. 2023-يىلغا كەلگەندە يەرشارى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %25.9 ىنى يالغۇز ئىشلەپچىقارغان ئامېرىكا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاۋار ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ، يەرشارى ئىمپورتىنىڭ %13.5 ىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۇ غايەت زور بازار، بولۇپمۇ خىتايغا ئوخشاش ئېكسپورتقا تايىنىدىغان ئېشىش مودېلىنى قوللانغان ئىقتىساد ئۈچۈن گويا بىر جان تومۇردۇر. ئامېرىكانىڭ بۇ بازارغا كىرىشنى چەكلەش ياكى پۈتۈنلەي تاقاش تەھدىتى، بېيجىڭ ئۈستىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي بېسىم ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ بازار كۈچى، ئامېرىكاغا پەقەت بىۋاسىتە خىتايغا قارشىلا ئەمەس، بەلكى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ خىتايغا قارشى مەيدان تۇتۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن بىر پىشاڭ كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىقتىسادىي كۆلەمنىڭ سىرتىدا، ئامېرىكانىڭ ھەقىقىي ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكى يەرشارى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىدىن كېلىدۇ. ئامېرىكا دوللىرى، خەلقئارا سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە زاپاس پۇللارنىڭ ئاساسلىق پۇل بىرلىكى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 2023-يىلغا كەلگەندە يەرشارى پۇل زاپىسىنىڭ %54 ى، يەرشارى قەرزلىرىنىڭ %64 ى ۋە خەلقئارا پۇل ئۆتكۈزۈشلىرىنىڭ (ياۋرو رايونىنى ھېسابقا ئالمىغاندا) %60 ىنىڭ دوللار بىلەن بولۇشى، بۇ ھۆكۈمرانلىقنىڭ كونكرېت كۆرسەتكۈچلىرىدۇر. بىر دۆلەت ياكى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتىنى دوللارنى ئاساس قىلغان سىستېمىدىن يېتىم قالدۇرۇش، ئۇ ئاكتىيورنىڭ يەرشارى ئىقتىسادى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئەمەلىيەتتە ئۈزۈپ تاشلاش دېگەنلىكتۇر. دوكلات، SWIFT ئۇچۇر سىستېمىسىدىن چىقىرىۋېتىش، بانكا مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈش ياكى ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقىنىڭ پۇل-مۇئامىلە جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش تورى (FinCEN) ئارقىلىق مەلۇم ئاپپاراتلارنى «بىرىنچى دەرىجىلىك پۇل يۇيۇش ئەندىشىسى» دەپ بېكىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ، ئىقتىسادىي بىر «يادرو » كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئامېرىكانىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك تەڭلىمىگە ئېلىپ كەلگەن ئۈچىنچى مۇھىم ئەۋزەللىكى، باشقا چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە سېلىشتۇرغاندا يەرشارى سودىسىدىكى زەربىلەرگە قارشى تېخىمۇ «ئايرىلىپ تۇرغان» بىر قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشىدۇر. 2022-يىللىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تاۋار ئېكسپورتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە بولغان نىسبىتى ئامېرىكا ئۈچۈن پەقەت %8.1 بولسا، بۇ نىسبەت خىتاي ئۈچۈن %18.7، ياپونىيە ئۈچۈن %17.7 ۋە ئەنگلىيە ئۈچۈن %16.9 دۇر. بۇ نىسپىي ئايرىلىپ تۇرۇش، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى قاتتىق ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللانغان تەقدىردە ئۆز ئىقتىسادىنىڭ نىسپىي ھالدا تېخىمۇ ئاز زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال، ۋاشىنگتونغا، ئىتتىپاقداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ۋە تېخىمۇ جاسارەتلىك قەدەملەرنى ئېلىش جەھەتتە ئىستراتېگىيەلىك جانلىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىتتىپاقداشلىرى ئىقتىسادىي ئۆچ ئېلىشلاردىن تېخىمۇ كۆپ ئەنسىرەۋاتقاندا، ئامېرىكا تېخىمۇ قەتئىي بىر مەيداندا تۇرالايدۇ.

بىراق دوكلات، بۇ غايەت زور كۈچنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ، ئۇنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا ئىشلىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان چوڭقۇر سۆھبەتلەرگە ئاساسلىنىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سۆھبەتلەر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، بىر توقۇنۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى يەنى «ئالدىنى ئېلىش» (preemptive) خاراكتېرلىك ھالدا كەڭ دائىرىلىك جازالارنى يولغا قويۇش مەسىلىسىدە قاتتىق ئىككىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئىككىلىنىشلەرنىڭ ئارقىسىدا ياتقان ئاساسلىق سەۋەبلەر ئىنتايىن ئىستراتېگىيەلىكتۇر. بىرىنچىسى، بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىزچىل تۇتۇپ كەلگەن سىياسىتىدىن تۈپتىن چەتنەپ كېتىش بولۇپ، مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىككىنچىسى، جازا كوزىرىنى ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئويناش، كىرىزىس پەيتىدە دىپلوماتىك سۆھبەت ئۈستىلىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قولىدىكى ئەڭ مۇھىم كوزىرلارنىڭ بىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

ئۈچىنچىسى ۋە بەلكىم ئەڭ مۇھىمى، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك جازالار، خىتايغا ھەم ئامېرىكانىڭ ئىستىخبارات ئىقتىدارىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ھەققىدە ھالقىلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ھەم بېيجىڭغا ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى قانۇنىيلاشتۇرۇش (ھەقلىقلەشتۈرۈش) ئۈچۈن بىر «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى» ھېكايىسى بەرپا قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد ئىشلىرى بويىچە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسىنىڭ مۇئاۋىنى دالىپ سىنگىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن ئىلگىرىكى ۋەزىيەتنى باھالىغاندا ئېيتقىنىدەك، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك جازالار «ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدىكى بىرلىكنى بۇزۇشى ۋە پۇتىنغا ‹ئامېرىكانىڭ ھېچقاچان تىنچلىقنى قوغداش نىيىتى يوق ئىدى› دېگەن باھانە بىلەن تاجاۋۇزنى باشلاش پۇرسىتى بېرىشى مۇمكىن ئىدى». ئوخشاش لوگىكا، بىر تەيۋەن سېنارىيەسىدىمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بېيجىڭ، ئامېرىكانىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك جازالىرىنى، ئۆزىنى «مۇداپىئە» مەقسەتلىك بىر ھەرىكەتكە ئىتتىرگەن بىر تاجاۋۇزچىلىق دەپ كۆرسىتەلەيدۇ.

بۇنىڭغا قارىماي، دوكلات ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك جازا تاللىشىنىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىدىن پۈتۈنلەي ئىتتىرىلىپ كەتمىگەنلىكىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ بىر ئىشغالىيەت نىيىتىنىڭ «ئېنىق» ئىكەنلىكىگە دائىر قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان ئىستىخبارات مەلۇماتلىرى بولسا ۋە بۇ ئىشغالىيەتنىڭ قېچىپ قۇتۇلغۇسىز ئىكەنلىكىدە بىر ئورتاق تونۇش شەكىللەنسە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەمنى ئالالايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنداق بىر قارار، دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەزىنە مىنىستىرلىقىنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقى ئەندىشىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىپلوماتىك ئەكس تەسىرلەر ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىش خەۋپىگە دائىر باھالىشى ئارىسىدا قۇرۇلىدىغان نازۇك بىر تەڭپۇڭلۇق بىلەن ئېلىنىدۇ. ئەمما بۇ يولغا كىرىلگەن تەقدىردىمۇ، ئامېرىكانىڭ يالغۇز ھەرىكەت قىلىش ئورنىغا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە باشچىلىقىدىكى ئاچقۇچلۇق ئىتتىپاقداشلىرىنى بۇ جەريانغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك دىپلوماتىك بېسىم ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئىشقا سالىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. بۇ ئەھۋال، ئىستراتېگىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقداشلارنىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تىنچ ئوكياندىكى ئاچقۇچلۇق ئىتتىپاقداشلار: ئىككىلىنىش ۋە بېقىندىلىق

RAND  دوكلاتى، ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشچانلىقى ۋە ئۈنۈمىنىڭ، ئامېرىكانىڭ بىر تەرەپلىمە كۈچىدىن زىيادە، ئىتتىپاقداشلار بىلەن قۇرۇلىدىغان كوللېكتىپ بىر ئىرادىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، تىنچ ئوكياندىكى ئىككى ئاچقۇچلۇق ئىتتىپاقداش بولغان ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەنىڭ مەيدانى، ئىستراتېگىيەنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەڭ ئاجىز ھالقىلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھەر ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئامېرىكا ئىتتىپاقىغا، ئىقتىسادىي گۈللىنىشىنى بولسا زور دەرىجىدە خىتاي بىلەن بولغان چوڭقۇر سودا باغلىنىشىغا قەرزداردۇر. دوكلاتنىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بۆلەكلىرى، بۇ ئىككى دۆلەت دۇچ كەلگەن بۇ مۇرەككەپ ئىككىلىنىشنى، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرى ۋە چەكلىمىلىرى رامكىسىدا تەپسىلىي تەھلىل قىلىدۇ.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئەھۋالى، تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئارىسىدا خىتايغا بولغان قۇرۇلمىلىق بېقىندىلىقنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك مىسالىدۇر. دوكلاتنىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا، ئاۋسترالىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرى، خىتاينىڭ سانائەت ئېھتىياجلىرىغا گويا لەڭگەرلەنگەن ھالەتتىدۇر. 2022-23-يىللىق مالىيە يىلىدا، ئاۋسترالىيەنىڭ ئومۇمىي تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئېكسپورتىنىڭ تەخمىنەن %29.7 گە يېقىن غايەت زور بىر قىسمى يالغۇز خىتايغا قىلىنغان. بۇ نىسبەت، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ باشقا ئۈچ سودا شېرىكى بولغان ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ توپلام نىسبىتىدىن (%28.7) مۇ يۇقىرىدۇر. بولۇپمۇ تۆمۈر رۇدىسى، مېتاللورگىيەلىك كۆمۈر ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) قاتارلىق ئاساسلىق تاۋارلارنىڭ ئېكسپورتىدا خىتاي، ئورنىنى ئالماشتۇرۇش قىيىن بولغان بىر بازاردۇر. بۇ چوڭقۇر ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش، ئاۋسترالىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە بىر خىل «خىتايغا نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھۋال» يارىتىپ، بېيجىڭغا قارشى قاتتىق ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى ئېلىشنىڭ تەننەرقىنى ئىنتايىن قىممەتكە چۈشۈرمەكتە.

دوكلات، ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىككىلىنىشىنىڭ نەزەرىيەۋى بىر ئەندىشىدىن ئىبارەت ئەمەسلىكىنى، يېقىنقى ئۆتمۈشتىكى ئاچچىق تەجرىبىلەرگە تايىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. 2020-يىلى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، COVID-19  يۇقۇمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل بىر خەلقئارا تەكشۈرۈش باشلاش يۆنىلىشىدىكى چاقىرىقى، بېيجىڭ تەرىپىدىن قاتتىق ئىنكاس بىلەن قارشى ئېلىنغان. خىتاي، ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان ئارپا، شاراب، كالا گۆشى، دېڭىز تاقىسى ۋە كۆمۈر قاتارلىق نۇرغۇن مەھسۇلاتلارغا غەيرىي رەسمىي تاموژنا بېجى ۋە كۋوتا يۈرگۈزگەن. گەرچە ئاۋسترالىيە ئىقتىسادى، بۇ مەھسۇلاتلار ئۈچۈن تېزلىكتە يېڭى بازارلار (ھىندىستان، ياپونىيە قاتارلىقلار) تېپىش ئارقىلىق مۆلچەرلىگەندىنمۇ چىداملىق چىققان ۋە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە بولغان ئومۇمىي تەسىرى چەكلىك بولغان بولسىمۇ، بۇ ۋەقە ئىككى مۇھىم ساۋاق بەردى: بىرىنچىسى، بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنى ئىستراتېگىيەلىك بىر قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشتىن قورقمايدىغانلىقى؛ ئىككىنچىسى، ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ خىل ئىقتىسادىي تەھدىتكە قارشى قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكى ھەقىقىتىدۇر.

بۇ تەجرىبە، كانبېررادىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ئېسىدە يېڭى بىر ئورۇن تۇتماقتا. شۇڭلاشقا، دوكلاتنىڭ سۆھبەتلەر ۋە ئانالىزلار نەتىجىسىدە يەتكەن ئاساسلىق يەكۈنى، ئاۋسترالىيەنىڭ يوشۇرۇن بىر تەيۋەن كىرىزىسىدە مەنىلىك ۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي جازالارنى يولغا قويۇشقا ئىنتايىن ئىستەكسىز بولىدىغانلىقى يۆنىلىشىدىدۇر. دوكلات، كانبېررانىڭ پەقەت ئۈچ ئالاھىدە شارائىت بىر يەرگە كەلگەن تەقدىردىلا ھەرىكەتكە ئۆتەلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەيدۇ. بىرىنچىسى، يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرنىڭ زور دەرىجىدە «سىمۋوللۇق» بولۇشى ۋە ئاۋسترالىيە-خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىنى مەڭگۈلۈككە بۇزۇۋەتمەيدىغان خاراكتېردە بولۇشىدۇر. ئىككىنچىسى، خىتايدىن كەلگەن تەھدىتنىڭ ئاۋسترالىيە ئۈچۈن بىۋاسىتە «مەۋجۇتلۇق» خاراكتېرىنى ئېلىشى ياكى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق بىخەتەرلىك مەنپەئەتلىرىنى قايتۇرغىلى بولمايدىغان بىر شەكىلدە تەھدىتكە ئۇچرىتىشىدۇر. ئۈچىنچىسى، ئاۋسترالىيەگە ئامېرىكادىن، ئۈنۈملۈك بىر كوللېكتىپ جاۋاب ئۈچۈن ئاۋسترالىيەنىڭ قاتنىشىشىنىڭ «ھاياتىي» ئىكەنلىكى يۆنىلىشىدە ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىر دىپلوماتىك بېسىم كېلىشىدۇر.

بۇ ئۈچ شارائىتتىن سىرت، ئاۋسترالىيەنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر ۋە تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن يوللارنى تاللىشى ئىنتايىن مۇمكىندۇر. بۇ يوللار ئارىسىدا، AUKUS  ئىتتىپاقى رامكىسىدا ئامېرىكا بىلەن ئىستىخبارات ھەمبەھرىلەشنى كۈچەيتىش، دىپلوماتىك سۇپىلاردا ئامېرىكىنى قوللاش ياكى تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىق تېخىمۇ ۋاسىتىلىك ۋە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ساھەلەردە چەكلىك قەدەملەرنى ئېلىش ئورۇن ئالىدۇ. قىسقىسى، ئاۋسترالىيە، ئىقتىسادىي گۈللىنىشىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماي تۇرۇپ بىخەتەرلىك ئىتتىپاقدىشىغا بولغان ساداقىتىنى كۆرسىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ، بۇ بولسا ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچى ئىتتىپاقىنىڭ ئۈنۈمى جەھەتتە ئېغىر سوئال ئىشارىتى پەيدا قىلماقتا.

ياپونىيەنىڭ ئەھۋالى، ئاۋسترالىيە بىلەن ئوخشاش بىر ئىقتىسادىي بېقىندىلىق ئىككىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، جۇغراپىيەلىك يېقىنلىق سەۋەبىدىن بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى تېخىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر مەنزىرىنى نامايان قىلىدۇ. ياپونىيەنىڭ ئەڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئارىلى بولغان يوناگۇنى، تەيۋەنگە پەقەت 110 كىلومېتىر ئارىلىقتىدۇر. بۇ جۇغراپىيەلىك رېئاللىق، تەيۋەن بوغۇزىدا يۈز بېرىدىغان ھەر قانداق ھەربىي توقۇنۇشنىڭ، ياپونىيەنىڭ دېڭىز سودا يوللىرى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى بىۋاسىتە تەھدىتكە ئۇچرىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭلاشقا توكيو، تەيۋەننىڭ ئورنىنى ئۆز مىللىي بىخەتەرلىكىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ ۋە بۇ مەسىلىدە ئاۋسترالىيەدىن كۆپ تېخىمۇ سەزگۈر ۋە تەشەببۇسكار بىر مەيداندا تۇرىدۇ.

بىراق بۇ ئىستراتېگىيەلىك سەزگۈرلۈك، ئىقتىسادىي رېئاللىقلارنىڭ ئېغىر بېسىمى ئاستىدىدۇر. خىتاي، 2023-يىلغا كەلگەندە ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجىمى 300 مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي زېمىنىدا 30 مىڭدىن ئارتۇق ياپون شىركىتى پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق ياپون پۇقراسى ياشايدۇ. ياپونىيەنىڭ خىتايغا قارشى يولغا قويىدىغان كەڭ دائىرىلىك ئىقتىسادىي جازالىرى، بېيجىڭنىڭ بۇ شىركەتلەرنى مۇسادىرە قىلىش، خىزمەتچىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ياكى سودا پائالىيەتلىرىنى توسۇش قاتارلىق قاتتىق ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى قوللىنىش خەۋپىنى بىللە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيەنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائىتى، بولۇپمۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بەزى سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى ۋە خىمىيەلىك ماددىلار جەھەتتە يەنىلا زور دەرىجىدە خىتايغا بېقىنىدۇ. خىتاينىڭ 2010-يىلى سېنكاكۇ ئاراللىرى كىرىزىسىدە سىيرەك توپا ئېكسپورتىنى ئەمەلىيەتتە توختىتىشى، ياپونىيە ئۈچۈن ئاچچىق بىر ساۋاق بولغان.

دوكلات، ياپونىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا بۇ بېقىندىلىقلارنى ئازايتىش ۋە ئىقتىسادىي چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە كەڭ دائىرىلىك بىر «ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك» سىياسىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ۋە بۇ ساھەدە دۇنيادا باشلامچى رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سىياسەت، ھالقىلىق تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، سەزگۈر تېخنىكىلارنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي بېسىملارغا قارشى قارشىلىق كۈچى شەكىللەندۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ. ھالبۇكى ياپونىيە، رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن موسكۋاغا قارشى غەرب دۇنياسى بىلەن تولۇق ماسلىشىپ تېز ۋە كەڭ دائىرىلىك جازالارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى تېخنىكىلىق ۋە قانۇنىي ئىقتىدارىنى ئىسپاتلىدى. بىراق دوكلات، خىتاينىڭ ياپونىيە ئۈچۈن رۇسىيەدىن كۆپ پەرقلىق بىر تۈرگە كىرىدىغانلىقىنى ۋە قارار چىقىرىش جەريانىنىڭ كۆپ تېخىمۇ تولغاقلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ياپونىيەنىڭ يوشۇرۇن بىر كىرىزىستە ئالىدىغان قەدەملىرى، بىر قاتار مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇشىغا باغلىق بولىدۇ. دوكلاتنىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا، توكيونىڭ ھەرىكەتلىرىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل «كۆپ تەرەپلىك» بولىدۇ. ياپونىيە، بىر تەرەپلىمە تەۋەككۈلچىلىكتىن قەتئىي ساقلىنىدۇ ۋە بولۇپمۇ G7 سۇپىسىدا ئېلىنىدىغان ئورتاق قارارلارنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكانىڭ قەتئىي بىر رەھبەرلىك كۆرسىتىشى ۋە ياپونىيەگە ھەم بېسىم ئىشلىتىشى ھەم بىخەتەرلىك كاپالەتلىرى سۇنۇشى، توكيونىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن ئەڭ ھالقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ئامىلى بولىدۇ. ئاخىرىدا، ياپون ھۆكۈمىتى، ئېلىنىدىغان ھەر بىر قەدەمنىڭ ئۆز ئىقتىسادى، شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرى ئۈستىدىكى يوشۇرۇن تەننەرخى ۋە خەۋپىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ھېسابلايدۇ. شۇڭلاشقا، ياپونىيەنىڭ دەسلەپتە شەخسىي مال-مۈلۈكلەرنى توڭلىتىش قاتارلىق سىمۋوللۇق ۋە خەۋپى تېخىمۇ تۆۋەن قەدەملەر بىلەن كۇپايىلىنىشى، كەڭ دائىرىلىك سودا ياكى پۇل-مۇئامىلە جازالىرى قاتارلىق تېخىمۇ جاسارەتلىك قەدەملەرنى بولسا پەقەت كۈچلۈك بىر خەلقئارا ئىتتىپاق ۋە ئامېرىكانىڭ تەۋرەنمەس رەھبەرلىكى مەۋجۇت بولغان ئەھۋالدا ئېلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئاتلانتىك ئوكياننىڭ رولى: ئەنگلىيەنىڭ ئېنىقسىز مەيدانى

دوكلاتنىڭ بەشىنچى بۆلىكى، يوشۇرۇن ھۈركۈتۈش كۈچى ئىتتىپاقىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قاناتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاكتىيورى بولغان ئەنگلىيەنىڭ مەيدانىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئانالىز، ئەنگلىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى رەسمىي سىياسىتىنى ئېنىق بىر شەكىلدە «ئېنىقسىز» (ambiguous) دەپ تەسۋىرلەيدۇ. لوندون، «بىر خىتاي» سىياسىتىگە ئاساسەن تەيۋەننى مۇستەقىل بىر دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە ئارالغا قارىتا ھېچقانداق رەسمىي مۇداپىئە ۋەدىسى يوق. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھازىرقى ھالەتنىڭ تىنچ يوللار بىلەن ۋە كۈچ ياكى مەجبۇرلاش ئىشلىتىلمەي ساقلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنىمۇ ھەر پۇرسەتتە ئىپادىلەيدۇ. بۇ مۈجمەل مەيدان، ئەنگلىيەگە دىپلوماتىك جانلىقلىق بەرسىمۇ، يوشۇرۇن بىر كىرىزىس پەيتىدە قانداق بىر مەيدان تۇتىدىغانلىقىغا دائىر جىددىي بىر مۆلچەرلىگۈسىزلىك يارىتىدۇ.

دوكلات، ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا قارشى ئۈنۈملۈك بىر ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىنىڭ ئالدىدا ئۈچ ئاساسلىق قۇرۇلمىلىق چەكلىمە بارلىقىنى ئېنىقلايدۇ. بۇلاردىن بىرىنچىسى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چوڭقۇر «ئىقتىسادىي ئاسسىممېترىكلىك» دۇر. خىتاي، ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھالقىلىق تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە (مەسىلەن، لىتىي، تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرى، باتارېيە) مەركىزىي رول ئوينايدۇ، ئەكسىچە، ئەنگلىيەنىڭ خىتاي ئىقتىسادى ئۈستىدىكى ئېغىرلىقى تېخىمۇ چەكلىكتۇر. بۇ ئەھۋال، لوندوننىڭ بېيجىڭغا قارشى يولغا قويالايدىغان بىر تەرەپلىمە جازالىرىنىڭ ئۆز ئىقتىسادىغا بېرىدىغان زىيىنىنىڭ، خىتايغا بېرىدىغان زىيىنىدىن كۆپ تېخىمۇ چوڭ بولۇش خەۋپىنى بىللە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئاسسىممېترىكلىك، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ پۇت- قولىنى باغلايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر.

ئىككىنچى مۇھىم چەكلىمە، «ئىدارىۋى ئىقتىدارىنىڭ كەمچىللىكى» دۇر. دوكلات، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ (Whitehall)  ھەر قايسى تارماقلىرىدا خىتاي مەسىلىسىدە يېتەرلىك مۇتەخەسسىسلىك، تىل بىلىمى ۋە ئانالىز ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكىگە دائىر پارلامېنت ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى قاتارلىق رەسمىي ئورگانلارنىڭ تەنقىدلىرىگە ئورۇن بېرىدۇ. خىتاينىڭ مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سىستېمىسىنى، دۆلەت قوللىغان شىركەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن قۇرۇلمىلىرىنى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ قارار چىقىرىش مېخانىزملىرىنى چوڭقۇر چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ۋە نىشانلىق جازالارنى لايىھەلەش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئىقتىدار كەمچىللىكى، لوندوننىڭ مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى جىددىي دەرىجىدە چەكلەيدۇ.

ئۈچىنچى چەكلىمە، ئەنگلىيە تارىخىدا «ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك جازا» يولغا قويۇش ئەنئەنىسىنىڭ بولماسلىقىدۇر. ئەنگلىيەنىڭ جازا سىياسىتى، تارىختا بىر ۋەقە ياكى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا «جاۋاب» سۈپىتىدە شەكىللەنگەن. تېخى يۈز بەرمىگەن بىر تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، خىتايغا ئوخشاش غايەت زور بىر ئىقتىسادىي كۈچكە قارشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جازا يولغا قويۇش، ھەم قانۇنىي ھەم سىياسىي جەھەتتىن مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر قەدەم بولىدۇ. بۇ ئەنئەنىنى بۇزۇش، بولۇپمۇ ئىچكى جامائەت پىكرى ۋە سودا دۇنياسىدا جىددىي مۇنازىرىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بۇ قۇرۇلمىلىق چەكلىمىلەر ئاستىدا، ئەنگلىيەنىڭ يوشۇرۇن بىر كىرىزىستە ئاساسلىق ئىستراتېگىيە سۈپىتىدە «جازالاش ئارقىلىق ھۈركۈتۈش» (deterrence by punishment) ئۇسۇلىنى، يەنى كەڭ دائىرىلىك سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە جازالىرىنى قوللىنىشى مۇمكىن ئەمەس كۆرۈنىدۇ. دوكلات، بۇنىڭ ئورنىغا لوندوننىڭ، ئۆز سىياسەت ھۆججەتلىرىدىمۇ يىپ ئۇچى بېرىلگەن ئىككى ئالماشتۇرۇشچان ھۈركۈتۈشچان ئىستراتېگىيەسىگە مەركەزلىشىشىنىڭ تېخىمۇ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇلاردىن بىرىنچىسى، «رەت قىلىش ئارقىلىق ھۈركۈتۈش» (deterrence by denial) دۇر. بۇ ئىستراتېگىيە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا بىر ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولىدىغان ھالقىلىق تېخنىكىلار، ھەربىي ئۇچۇر ۋە قوش ئىشلىتىشچان ماتېرىياللارغا ئېرىشىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئېكسپورت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش، تېخنىكا يۆتكىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتىلغان تەتقىقات بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇش ۋە ھەربىي ھەمكارلىقلارنى توختىتىش بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىلىرىدۇر.

ئىككىنچى ۋە بارغانسېرى مۇھىملىشىۋاتقان ئىستراتېگىيە بولسا «چىدامچانلىق ئارقىلىق ھۈركۈتۈش» (deterrence through resilience) دۇر. بۇ ئۇسۇل، بىۋاسىتە خىتاينى نىشان قىلىش ئورنىغا، ئەنگلىيەنىڭ ئۆز ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى خىتايدىن كېلىدىغان زەربىلەر ۋە بېسىملارغا قارشى تېخىمۇ چىداملىق ھالغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھالقىلىق مىنېراللار ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەر قاتارلىق ساھەلەردە تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى چەت ئەل كونتروللۇقىدىن قوغداش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈش مېخانىزملىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسىملىرىدۇر. بۇ ئۇسۇل، ھۈركۈتۈش كۈچىنى، رەقىبنى ئاجىزلاشتۇرۇشتىن زىيادە ئۆز ئاجىزلىقلىرىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاخىرىدا، دوكلاتنىڭ يەتكەن خۇلاسىسى، ئەنگلىيەنىڭ مەنىلىك ۋە قاتتىق قەدەملەرنى ئېلىشىنىڭ، يالغۇز ھەرىكەت قىلىشىدىن زىيادە، زور دەرىجىدە ئامېرىكانىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىگە ۋە ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدا (بولۇپمۇ AUKUS ۋە G7 شېرىكلىرى) كۈچلۈك بىر پىكىر بىرلىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە باغلىق ئىكەنلىكىدۇر.

نىشاندىكى ئاكتىيور: خىتاينىڭ ئېھتىمالىي ئىنكاسى ۋە ئاجىزلىقلىرى

دوكلاتنىڭ ئانالىزلىرى ئەڭ مۇھىم بۆلەكلىرىنىڭ بىرى بولغان ئالتىنچى بۆلۈم، ھۈركۈتۈش كۈچى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نىشانىدىكى ئاكتىيور بولغان خىتاينىڭ ئېھتىمالىي ئىنكاسلىرىنى سېنارىيە ئانالىزى ئۇسۇلى بىلەن تەكشۈرىدۇ. بۇ بۆلۈم، ئۆلچەملىك ئەقلىي ئاكتىيور پەرەزلىرىنىڭ ھالقىپ ئۆتۈپ، بىر رەھبەرنىڭ ئۇرۇشقا كىرىش ياكى كىرمەسلىك قارارىنىڭ، مەلۇم بىر «رىغبەت قۇرۇلمىسى» (structure of incentives)  ئىچىدە ئېلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئۇسۇل، قارار چىقىرىش جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ئۈچ پەرقلىق ئانالىز سەۋىيەسىدە مۇزاكىرە قىلىدۇ: خەلقئارا سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسى (خەلقئارالىق سەۋىيە)، دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرى (دۆلەت سەۋىيەسى) ۋە رەھبەرنىڭ شەخسىي ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تۇيغۇلىرى (شەخسىي سەۋىيە). تەتقىقاتچىلار، بۇ ئۈچ سەۋىيەدىكى ئامىللارنىڭ قانداق بىر يەرگە كېلىپ پەرقلىق نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىككى زىت سېنارىيە قۇرۇپ چىققان.

بىرىنچى سېنارىيە: چەكلىك تاجاۋۇزچىلىق ۋە بۆلۈنگەن رىغبەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىسى

بۇ سېنارىيە، كۆلەملىك ئۇرۇشتىن ساقلانغان ئەمما تەيۋەن ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇشنى خالايدىغان بىر خىتاي رەھبەرلىكىنىڭ، تەيۋەنگە تەۋە كىچىك بىر تاشقى ئارالنى (مەسىلەن، تەيۋەن بوغۇزىدىكى كىنمېن ياكى ماتسۇ ئاراللىرى) ئىشغال قىلىشنى پىلانلىغان چەكلىك بىر تاجاۋۇزچىلىق ئەھۋالىنى پەرەز قىلىدۇ. بۇ سېنارىيەنى شەكىللەندۈرگەن رىغبەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە: خەلقئارا سىستېما سەۋىيەسىدە، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيچىلىك ئاشقان بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چوڭقۇر ئىقتىسادىي باغلىنىش يەنىلا داۋام قىلماقتا. دۆلەت سەۋىيەسىدە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (خ ك پ) ئىچىدە، تېخىمۇ ئۇرۇشخۇمار ۋە مىللەتچى بىر گۇرۇپپا بىلەن ئىقتىسادىي مۇقىملىق ۋە ئېشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بىر گۇرۇپپا ئارىسىدا روشەن بىر بۆلۈنۈش بار. جامائەت پىكرىمۇ ئوخشاش شەكىلدە، مىللەتچى ھېسسىيات بىلەن ئىقتىسادىي گۈللىنىشنىڭ داۋاملىشىشى ھەققىدىكى كۈتۈشلەر ئارىسىدا بۆلۈنگەن. شەخسىي سەۋىيەدە بولسا، دۆلەت رەھبىرى (شى جىنپىڭ ياكى بىر ۋارىس)، ھەم ئىچكى ئۇرۇشخۇمار ئۆكتىچىلەرنى تىنچلاندۇرۇش ھەم تەيۋەنگە چېكىنمەيدىغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك بىر سىگنال بېرىش مەقسىتىدە بۇ چەكلىك ھەربىي ھەرىكەتكە يېشىل چىراغ ياقىدۇ، ئەمما ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە بىر توقۇنۇشقا سەۋەب بولىدىغان ئومۇمىي ئۇرۇشتىن قەتئىي ساقلىنىشنى خالايدۇ.

بۇ مۇرەككەپ ۋە بۆلۈنگەن رىغبەت قۇرۇلمىسى ئاستىدا، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يولغا قويىدىغان جازالىرىنىڭ تەسىرى، زور دەرىجىدە بۇ جازالارنىڭ خاراكتېرى ۋە دائىرىسىگە باغلىق بولىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشىنى ئالالماي پەقەتلا قاتتىق جازالارنى (مەسىلەن، خىتاي ماللىرىغا كەڭ دائىرىلىك ئىمپورت چەكلىمىسى) يولغا قويسا، بۇ ئەھۋالنىڭ ئەكس تەسىر قوزغاش خەۋپى يۇقىرىدۇر. بېيجىڭ، بۇنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالغان بىر ئامېرىكا قۇتراتقۇچىلىقى دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆز جامائەت پىكرى نەزىرىدە تاجاۋۇزچىلىقىنى قانۇنىيلاشتۇرالايدۇ ۋە پارتىيە ئىچىدىكى ئۇرۇشخۇمار گۇرۇپپىنىڭ قولىنى كۈچەيتەلەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا، جازالار ھۈركۈتۈش كۈچى بولۇشتىن زىيادە، ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان رىغبەتلەندۈرگۈچ بىر رول ئوينىشى مۇمكىن.

بىراق، ئەگەر ئامېرىكا، G7 ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق كەڭ ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى نىشان قىلغان كەڭ دائىرىلىك ۋە ماسلاشتۇرۇلغان جازالارنى يولغا قويسا، ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بۇنداق بىر كوللېكتىپ ھەرىكەت، خىتاي رەھبەرلىكى ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن بىر «زەربە» تەسىرىنى يارىتىشى مۇمكىن. رەھبەرلىك، كىچىك بىر ئارالنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئىقتىسادىي بەدىلىنىڭ (يەرشارى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن چەتكە قېقىلىش، چوڭ بازارلارغا كىرىشنى يوقىتىش قاتارلىقلار) سىياسىي پايدىسىدىن كۆپ ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. پارتىيە ئىچىدىكى بۆلۈنگەن قۇرۇلما، بۇ خىل تاشقى بېسىمغا قارشى تېخىمۇ ئاجىزدۇر ۋە ئەمەلىيەتچىل گۇرۇپپا، ھەرىكەتنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك بىر دەلىلگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا رەھبەر، جامائەت پىكرى ئالدىدا ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى قاتتىق بىر تىل بىلەن ئەيىبلەپ ئۆچ ئېلىش تەھدىتلىرىنى ياغدۇرغان ھالدا، پەردە ئارقىسىدا دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئابرۇيىنى ساقلايدىغان بىر چېكىنىش يولى (off-ramp) ئىزدەشكە كىرىشىشى مۇمكىن. بۇ سېنارىيە، جازالارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ، خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىنى توغرا ئوقۇش ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ كېڭىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن قانچىلىك يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر شەكىلدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىككىنچى سېنارىيە: ئومۇمىي ئىشغالىيەت ۋە رادىكاللاشقان رىغبەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىسى

ئىككىنچى سېنارىيە، تېخىمۇ قاراڭغۇ ۋە رادىكال بىر كەلگۈسىنى تەسۋىرلەيدۇ: خىتاينىڭ، تەيۋەننى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىشقا ۋە بۇ يولدا ئامېرىكا بىلەن ئومۇمىي ئۇرۇشنى كۆزگە ئېلىشقا قارار قىلغان بىر ئەھۋال. دوكلات، بۇنداق بىر قارارنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن رىغبەت قۇرۇلمىسىنىڭ بۈگۈنكىدىن تۈپتىن پەرقلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇنىڭ پەقەت بىر قاتار سەلبىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىشى بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ سېنارىيەدىكى ئاساسلىق پەرەزلەر، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرىدىن ئىلگىرىكى شارائىتقا ئوخشايدۇ: خەلقئارا سىستېما دەرىجىسىدە، يەرشارىۋى قالايمىقانچىلىق، چوڭ بىر ئىقتىسادىي كاساتچىلىق، خەلقئارا ئاپپاراتلار ۋە نورمىلارنىڭ (بولۇپمۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش قاتارلىقلار) پۈتۈنلەي يىمىرىلىشى ۋە دۇنيانىڭ رەقىب ھەربىي بىلوكلارغا بۆلۈنۈشى.

دۆلەت سەۋىيەسىدە، خىتايدا كۈچلۈك سىياسىي داۋالغۇشلار ۋە ھوقۇق تالىشىشلار نەتىجىسىدە، مۆتىدىل ۋە ئەمەلىيەتچىل كادىرلارنىڭ پۈتۈنلەي تازىلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئورنىغا رادىكال، مىلىتارىست ۋە ھەددىدىن زىيادە مىللەتچى بىر گۇرۇپپىنىڭ خ ك پ ئىچىدە ھاكىمىيەتنى پۈتۈنلەي قولىغا ئالغان بىر قۇرۇلما ئوتتۇرىغا چىققان. جەمئىيەت، كۈچلۈك تەشۋىقات ۋە سىياسىي سەپەرۋەرلىكلەر بىلەن ئۇرۇش ئىدىيەسىگە تەييارلانغان، قارشى ئاۋازلار بولسا پۈتۈنلەي باستۇرۇلغان. شەخسىي سەۋىيەدە بولسا، دۆلەتنىڭ بېشىدا ئەمدى شى جىنپىڭغا ئوخشاش نىسپىي ھالدا ئېھتىياتچان بىر مۇستەبىت ئەمەس، ئۇرۇشنىڭ قېچىپ قۇتۇلغۇسىز ۋە ھەتتا مىللىي قايتا تۇغۇلۇش ئۈچۈن «زۆرۈر» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان، ئىدېئولوگىيەلىك جەھەتتىن قاتتىق ۋە رادىكاللاشقان يېڭى بىر رەھبەر بار. بۇ رەھبەر، ئامېرىكادىن كەلگەن ھەر بىر قەدەمنى دۈشمەنلىك نىيىتىنىڭ ئىسپاتى دەپ شەرھلەيدۇ.

بۇ خىل رىغبەت قۇرۇلمىسى ئاستىدا، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يولغا قويىدىغان ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي جازالىرىنىڭ ھۈركۈتۈش كۈچى يارىتىش ئېھتىماللىقى «نۆلگە يېقىن» دۇر. چۈنكى بۇ نۇقتىغا كەلگەن بىر خىتاي رەھبەرلىكى، غەربتىن كېلىدىغان جازالارنى ئاللىقاچان يىللار ئىلگىرى مۆلچەرلىگەن ۋە ئىقتىسادىنى بۇ زەربىگە قارشى تەييارلاش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك قەدەملەرنى ئالغان. بۇ قەدەملەر ئارىسىدا، ھالقىلىق ماتېرىياللاردىن (يېمەك-ئىچمەك، ئېنېرگىيە، ھەربىي ئەسلىھەلەر) غايەت زور مىقداردا زاپاس ساقلاش، دوللار سىستېمىسىغا ئالتېرناتىف پۇل-مۇئامىلە مېخانىزملىرى ،مەسىلەن، CIPS نىڭ كېڭەيتىلىشى، غەرب بازارلىرىغا بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىپ ئىچكى ئىستېمالغا ياكى «دوست» دۆلەتلەر بىلەن سودىغا يۆنىلىش قاتارلىقلار بار.

بۇ سېنارىيەدە، ئىقتىسادىي جازالارنىڭ رولى ۋە مەقسىتى تۈپتىن ئۆزگىرىدۇ. ئەمدى مەقسەت، ئۇرۇشتىن «ھۈركۈتۈش» (deterrence) ئەمەس، باشلانغان ياكى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى «يىمىرىش»(attrition) تۇر. جازالار، خىتاينىڭ يەرشارى يېقىلغۇ، يېمەك-ئىچمەك، زاپاس زاپچاس ۋە ئىلغار تېخنىكا زاپچاسلىرىغا ئېرىشىشىنى ئۈزۈپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ (PLA)  ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە يۇقىرى زىچلىقتىكى بىر ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاجىزلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. خىتاينىڭ زاپاسلىرى قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، غايەت زور بىر ئۇرۇش ماشىنىسىنى ۋە 1.4 مىليارد ئىنساننى مەڭگۈ بېقىپ تۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ سېنارىيەدە جازالار، ھەربىي ئىستراتېگىيەنى قوللايدىغان بىر ئۇرۇشنى يىمىرىش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ئىككى زىت سېنارىيە، ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچىنىڭ ھەممە دەردكە داۋا بىر چارە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ پۈتۈنلەي شۇ ۋاقىتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەزمۇنغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلەرنى مودېللاش: سانلىق مەلۇماتلار بىلەن جازانىڭ بەدەللىرى

RAND دوكلاتىنىڭ يەتتىنچى بۆلىكى، تەتقىقاتنىڭ ئەڭ كونكرېت ۋە بەلكىم ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى سۇنىدۇ. بۇ بۆلۈمدە، ئىلگىرىكى بۆلەكلەردە مۇزاكىرە قىلىنغان ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچى سىنارىيەلىرىنىڭ يوشۇرۇن ئاقىۋەتلىرى، RAND  تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ھەرىكەتچان ھېسابلىنىشچان ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇق (DCGE) مودېلى ئارقىلىق مىقدارلاشتۇرۇلۇپ تەھلىل قىلىنىدۇ. بۇ مودېللاش، پەرقلىق ئاكتىيورلار قاتناشقان ۋە پەرقلىق قاتتىقلىق دەرىجىسىگە ئىگە 10 ئايرىم جازا سېنارىيەسىنىڭ، خىتاي ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئاچقۇچلۇق دۆلەتلەرنىڭ ۋە يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە بولغان تەسىرىنى مۆلچەرلەيدۇ. بۇ بۆلۈم، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ئالىدىغان قارارلىرىنىڭ ئىقتىسادىي بەدىلىنى كونكرېت رەقەملەر بىلەن كۆرۈشىنى تەمىنلەش ئارقىلىق، ئىستراتېگىيەلىك مۇنازىرىلەرنى رېئاللىققا ئۇيغۇن بىر ئاساسقا ئولتۇرغۇزىدۇ.

مودېلنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى، «بىر تەرەپلىمىلىكنىڭ يۇقىرى تەننەرخى» دۇر. ئامېرىكا ۋە تەيۋەن يولغا قويغان سېنارىيەلەر (1- ۋە 2-سېنارىيە) بۇ ھەقىقەتنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا ۋە تەيۋەننىڭ تولۇق دائىرىلىك ۋە قاتتىق جازالارنى يولغا قويغان 2-سېنارىيەدە، ئامېرىكانىڭ يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى زىيىنىنىڭ %0.5 گە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، جازالارنىڭ ھەقىقىي نىشانى بولغان خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى زىيىنى بولسا پەقەت %1 ئەتراپىدا قالىدۇ. بۇ ئاسسىممېترىك نەتىجىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، خىتاينىڭ، ئامېرىكا بازىرىنى يوقاتسىمۇ، سودىسىنى ياۋروپا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ قالغان قىسمىغا يۆتكەش (سودا يۆتكىلىشى) جانلىقلىقىغا ئىگە بولۇشىدۇر. بۇ ئەھۋال، بىر تەرەپلىمە جازالارنىڭ، ئۇنى يولغا قويغان دۆلەتكە ئەكىلىدىغان زىيىنىنىڭ نىشاندىكى دۆلەتكە ئەكىلىدىغان زىيىنىغا يېقىن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ۋە ھۈركۈتۈش كۈچى تەسىرىنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، مودېلنىڭ ئىككىنچى ئاساسلىق نەتىجىسى، «كۆپ تەرەپلىكلىكنىڭ كۈچى» دۇر. جازا ئىتتىپاقى كېڭىيىپ، تېخىمۇ كۆپ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە (بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە، ئەنگلىيە) بۇ جەريانغا قاتناشقانسېرى، خىتاي ئۈستىدىكى ئىقتىسادىي بېسىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا جازانى يولغا قويغان دۆلەتلەر ئۈستىدىكى تەننەرخ تارقىلىپ باشقۇرغىلى بولىدىغان ھالغا كېلىدۇ. دوكلاتنىڭ ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە ئەڭ قاتتىق سېنارىيەسى بولغان 8-سېنارىيە (ئامېرىكا، تەيۋەن، ئەنگلىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ۋە ماسلاشتۇرۇلغان جازا يولغا قويۇشى)، بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئەڭ ئېنىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ سېنارىيەدە، خىتاينىڭ يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى زىيىنىنىڭ %2.5 تىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ نىسبەت، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئۈچۈن ئىقتىسادىي چېكىنىشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يوشۇرۇن بىر ئىقتىسادىي يىمىرىلىش مەنىسىنى بېرىدىغان ۋەيران قىلغۇچ بىر زەربىدۇر. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا خىتاي سودىسىنى يۆتكىيەلەيدىغان چوڭ ئالتېرناتىف بازارلار قالمىغان بولىدۇ.

ئۈچىنچى مۇھىم نەتىجە، جازالارنىڭ ئىتتىپاقداشلار ئۈستىدىكى «ئاسسىممېترىك تەسىرى» دۇر. ھەر بىر ئىتتىپاقداش، جازالاردىن ئوخشاش دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي باغلىنىشىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە قۇرۇلمىسىغا باغلىق ھالدا، بەزىلىرى باشقىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ زىيانغا ئۇچرايدۇ. مودېللاش نەتىجىلىرى، بولۇپمۇ ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەگە ئوخشاش خىتايغا خام ئەشيا ۋە ئارىلىق ماللارنى ئېكسپورت قىلىشقا يۇقىرى دەرىجىدە بېقىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ، ئەڭ كەڭ دائىرىلىك كۆپ تەرەپلىك سېنارىيەلەردىمۇ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە سەلبىي تەسىرلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قىزىقارلىق يېرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىتتىپاققا قاتناشقان سېنارىيەلەردە، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئۈستىدە مۆتىدىل «ئىجابىي» تەسىرلەرنىمۇ كۆزىتىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، خىتاينىڭ غايەت زور ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىدىن چەتكە قېقىلىشى، بۇ سودا ئېقىمىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان شېرىكى بولغان ئامېرىكاغا يۆنىلىشىگە (سودا يۆتكىلىشى) سەۋەب بولۇشىدۇر. بۇ نەتىجە، ئىتتىپاق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىنىڭ قانچىلىك مۇرەككەپ ۋە كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تۆتىنچى نەتىجە، جازالارنىڭ «يەرشارىۋى تەننەرخى» دۇر. ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچى، يەرشارى ئىقتىسادى ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەيدىغان بىر ئىستراتېگىيە ئەمەس. ئەڭ كەڭ دائىرىلىك جازا سېنارىيەسى بولغان 8-سىنارىيەنىڭ، يەرشارى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە يىللىق %0.5 تىن ئارتۇق بىر زىيانغا سەۋەب بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ، 2025-يىللىق رەقەملەر بىلەن تەخمىنەن 650 مىليارد دوللارلىق بىر يەرشارىۋى ئىقتىسادىي قىسقىراش دېگەنلىكتۇر. بۇ تەننەرخ، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ، بولۇپمۇ يەرشارى ئىقتىسادىي مۇقىملىقىدىن مەسئۇل بولغانلارنىڭ، بۇ خىل قەدەملەرنى ئېلىشتىن ئىلگىرى تەكرار ئويلىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغان دەرىجىدە يۇقىرىدۇر. بۇ ئەھۋال، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە كىرىزىستىن بىۋاسىتە تەسىرگە ئۇچرىمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاققا قاتنىشىشىنى قىيىنلاشتۇرۇشى مۇمكىن بولغان بىر ئامىلدۇر.

ئاخىرىدا، مودېللاش ساھە دەرىجىسىدىمۇ مۇھىم نەتىجىلەرنى سۇنىدۇ. يەرشارى مىقياسىدا جازالاردىن ئەڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرايدىغان ساھەلەرنىڭ بېشىدا «ئېلېكتىرون» ۋە «ئېغىر سانائەت» كېلىدۇ. بولۇپمۇ، يەرشارى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئېلېكتىرون تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ قانچىلىك بىر گەۋدىلەشكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغاندا، ئەڭ قاتتىق جازا سېنارىيەسىدە ئېلېكتىرون ساھەسىدىكى يەرشارى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يىللىق %14 گە يېقىن نىسبەتتە تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرى ئىنتايىن ئەندىشىلىكتۇر. بۇ، خىتايغا قارىتىلغان جازالارنىڭ پەقەت خىتاينىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋە ئىستېمالىنى چوڭقۇر تەسىرگە ئۇچرىتىدىغان بىر دومىنو تەسىرى يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ مىقدارلىق ئانالىزلار، دوكلاتنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇرىنى مۇستەھكەملەيدۇ: ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچىنىڭ ھەم ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقىرىش ھەم تەننەرخىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، ئاساسى كەڭ ۋە كۆپ تەرەپلىك قەتئىي بىر ھەرىكەت بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر.

سىياسەت تەكلىپلىرى: ئامېرىكىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي چەكلىمىلەرگە تەييارلاش

RAND  دوكلاتىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى، ئىلگىرىكى بۆلەكلەردە سۇنۇلغان سۈپەتلىك ئانالىزلار ۋە مىقدارلىق مودېللاش نەتىجىلىرىدىن چىقىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان كونكرېت، ھەرىكەتكە ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن سىياسەت تەكلىپلىرىنى سۇنىدۇ. بۇ بۆلۈم، دوكلاتنىڭ ئىلمىي بىر ئەسەر بولۇشتىن ھالقىپ، بىر ئىستراتېگىيە ھۆججىتى ۋە بىر يول خەرىتىسى خاراكتېرىنى ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تەكلىپلەر، يوشۇرۇن بىر تەيۋەن كىرىزىسىگە تەييارلىق قىلىش جەريانىنى ئىككى ئاساسلىق باسقۇچقا ئايرىيدۇ: كىرىزىستىن ئىلگىرى ئېلىنىشى كېرەك بولغان تەشەببۇسكار تەييارلىق قەدەملىرى ۋە كىرىزىسنىڭ روشەنلەشكەن ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ھالقىلىق مەزگىلىدە ئېلىنىشى كېرەك بولغان كونكرېت قەدەملەر.

كىرىزىستىن ئىلگىرىكى تەييارلىقلارنىڭ بىرىنچى ۋە ئەڭ ئاساسلىق قەدىمى، «ئىدارىۋى ئىقتىدارنى كۈچەيتىش» دۇر. دوكلات، ھازىرقى ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، يولغا قويۇلىدىغان ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنىڭ مۇرەككەپ ۋە كۆپ قاتلاملىق ئاقىۋەتلىرىنى (بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك تەسىرلەر) توغرا مۆلچەرلىيەلەيدىغان ئانالىز ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىدۇ. بۇ كەمچىلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن، خەزىنە، سودا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىدا، خىتاي ئىقتىسادى ۋە يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرلىرى ھەققىدە چوڭقۇر مۇتەخەسسىسلىككە ئىگە خىزمەتچىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ۋە تېخىمۇ مۇرەككەپ ئىقتىسادىي مودېللاش ۋاسىتىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. 2017-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان جازالاردىن ۋە خىتاينىڭ بۇلارغا بەرگەن ئىنكاسلىرىدىن «ساۋاق ئېلىش» ۋە بۇ تەجرىبىلەرنى سىستېمىلىق ھالدا تەھلىل قىلىپ كەلگۈسىدىكى سىياسەت لايىھەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىككىنچىدىن، «ماسلىشىش ۋە پىلانلاش» مېخانىزملىرىنى ياخشىلاش كېرەك. دوكلات، دۆلەت بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى (ئاقساراي، مۇداپىئە مىنىستىرلىقى) بىلەن ئىقتىساد ئاپپاراتلىرى (خەزىنە، سودا مىنىستىرلىقى) ئارىسىدا تېخىمۇ چىڭ ۋە ئىدارىۋىلاشقان بىر ماسلىشىش مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ مېخانىزمنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى، يوشۇرۇن بىر تەيۋەن كىرىزىسى ئۈچۈن تەپسىلىي «جىددىي ئەھۋال پىلانلىرى» (contingency plans) نى تەييارلاش بولۇشى كېرەك. بۇ پىلانلار، پەقەت خىتايغا قارىتىلغان تاجاۋۇزچىلىق تەدبىرلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلار ئىقتىسادى ئۈستىدىكى سەلبىي تەسىرىنى يېنىكلىتىشكە قارىتىلغان مۇداپىئە خاراكتېرلىك «يېنىكلىتىش تەدبىرلىرى» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. بۇ پىلانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، كىرىزىس پەيتىدە ۋەھىمە ۋە ئالدىراقسانلىق بىلەن قارار ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېخىمۇ ۋاقتىدا ۋە ئۈنۈملۈك بىر جاۋاب بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

ئۈچىنچى تەكلىپ، تەييارلىق جەريانىغا «خۇسۇسىي ساھەنى قاتناشتۇرۇش» دۇر. زامانىۋى جۇغراپىيەلىك ئىقتىسادىي توقۇنۇشلار پەقەت دۆلەتلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى شىركەتلەر ۋە بازارلار ئارقىلىقمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ، دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە كۆپ مىللەتلىك گۇرۇھلىرى بىلەن قەرەللىك بىر دىيالوگ ئىچىدە بولۇشى ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ دىيالوگ، ھۆكۈمەتنىڭ خۇسۇسىي ساھەنىڭ يوشۇرۇن بىر كىرىزىستىكى ھەرىكىتى ۋە ئاجىزلىقلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىنى تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىركەتلەرنى ئۆز تەمىنلەش زەنجىرى چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا ۋە ئۆز جىددىي ئەھۋال پىلانلىرىنى تەييارلاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. بۇ ھەمكارلىق، جازالارنىڭ خۇسۇسىي ساھە تەرىپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈلۈشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ ۋە ئومۇمىي ئۈنۈمنى ئاشۇرىدۇ.

تۆتىنچىدىن، «ئىتتىپاقداشلار بىلەن ئورتاق پىلانلاش» نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. دوكلاتنىڭ مودېللاش نەتىجىلىرى، كۆپ تەرەپلىكلىكنىڭ ئىستراتېگىيەنىڭ ئومۇرتقىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. شۇڭلاشقا، ئىتتىپاقداشلار بىلەن ماسلىشىش، كىرىزىس پەيتىگە قالدۇرۇلماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى ئاچقۇچلۇق شېرىكلىرى بىلەن، يوشۇرۇن بىر كىرىزىستە قايسى قەدەملەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقى، يۈكنىڭ قانداق ھەمبەھىرلىنىدىغانلىقى ۋە قارار چىقىرىش مېخانىزملىرىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقى مەسىلىلىرىدە قەرەللىك ھالدا ئورتاق پىلانلاش خىزمەتلىرى ۋە ھەتتا «ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئويۇنلىرى» نى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. بۇ، ھەم كوللېكتىپ جاۋاب بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، ھەم بېيجىڭغا غەربنىڭ بۇ مەسىلىدە قەتئىي ۋە بىرلىككە كەلگەنلىكى يۆنىلىشىدە كۈچلۈك بىر ھۈركۈتۈش كۈچى ئۇچۇرىنى ئەۋەتىدۇ.

كىرىزىسنىڭ يېقىنلاشقان ھالقىلىق پەيتىدە بولسا، دوكلات تېخىمۇ كونكرېت بىر ھەرىكەت پىلانىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئالدى بىلەن، ھازىرقى ئىستىخبارات نەتىجىلىرى ئاستىدا، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك جازالارنىڭ خىتاينىڭ قارار چىقىرىش مېخانىزمى ئۈستىدە ھەقىقەتەن ئىستراتېگىيەلىك بىر تەسىر يارىتىپ-ياراتمايدىغانلىقىنى سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى نەتىجىسىگە ئېرىشسە، خىتايغا دىپلوماتىك يوللاردىن، تاجاۋۇزچىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىقتىسادىي چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىغا دائىر ئېنىق ۋە ئىشەنچلىك بىر سىگنال بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ سىگنال كارغا كەلمىسە ۋە بېيجىڭ تەييارلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە، پىلانلىق ھالدا، دەسلەپتە خىتاينىڭ دوللار سىستېمىسىغا ئەڭ بېقىنىدىغان چوڭ بانكىلىرىنى ۋە چېگرا ھالقىغان بانكىلار ئارا پۇل ئۆتكۈزۈش سىستېمىسى (CIPS) نى نىشان قىلغان «پۇل-مۇئامىلە جازالىرى» يولغا قويۇلۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان (مەسىلەن، ئىلغار تېخنىكىلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەر، ئايروپىلان موتورى زاپچاسلىرى) ماللارغا قارىتىلغان «ئېكسپورت كونتروللۇقى» كۈچەيتىلىشى كېرەك. پۈتۈن بۇ جەريان بويىچە، ئىتتىپاقداشلارنىڭ قاتنىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن دىپلوماتىك بېسىم ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزملىرى ئاكتىپ ھالدا ئىشلىتىلىشى كېرەك. دوكلات، پۈتۈن بۇ قەدەملەرنىڭ پەقەت ئىشەنچلىك ھەربىي تەييارلىقلار ۋە كۈچلۈك بىر دىپلوماتىك ئىتتىپاق بىلەن قوللانغاندىلا ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنىڭ يالغۇز يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ.

ئومۇمىي باھا

RAND  شىركىتىنىڭ «خىتاي مەسىلىسىدە ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچى» ناملىق دوكلاتى، 21-ئەسىرنىڭ چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە بۇ رىقابەتتە ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنىڭ رولىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يېزىلغان، ئىنتايىن ئەستايىدىل، كەڭ دائىرىلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن قىممەتلىك بىر ئەسەردۇر. دوكلات، مەسىلىنى بىر دۆلەتنىڭ ياكى بىر پەننىڭ تار نۇقتىئىنەزىرىدىن ئەمەس، كۆپ ئاكتىيورلۇق، كۆپ پەنلىك ۋە ھەم سۈپەتلىك ئانالىزلارنى ھەم مىقدارلىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغان مودېللاشنى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن بىر پۈتۈنلۈك رامكىسىدىن مۇزاكىرە قىلىشى بىلەن كۆزگە كۆرۈنىدۇ. بۇ ئۇسۇل، ئۇنى پەقەت ئىلمىي بىر تېكىست بولۇشتىن چىقىرىپ، بىۋاسىتە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرگە خىتاب قىلىدىغان بىر ئىستراتېگىيە قوللانمىسىغا ئايلاندۇرىدۇ. دوكلاتنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى، ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچىنىڭ سېھىرلىك بىر تاياق ئەمەسلىكىنى، ئەمما توغرا شارائىت ئاستىدا ۋە توغرا ئىستراتېگىيە بىلەن يولغا قويۇلغاندا ئۈنۈملۈك بىر دۆلەت ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسى بولالايدىغانلىقىنى كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇنداق كەڭ دائىرىلىك بىر تەتقىقاتنىڭمۇ تەبىئىي ھالدا بەزى چەكلىمىلىرى ۋە تېخىمۇ كۆپ مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان ساھەلىرى بار. دوكلاتنىڭ يوشۇرۇن ھالدا يېتەرسىز قالغان بىرىنچى نۇقتىسى، ئىقتىسادىي مودېللاشنىڭ تەبىئىتىدىن كېلىپ چىققان چەكلىمىلەردۇر. DCGE  مودېللىرى، ئەقلىي ئاكتىيورلار ۋە بازار تەڭپۇڭلۇقى پەرەزلىرىگە تايىنىدۇ. ئەمما، تەيۋەنگە ئوخشاش يەرشارىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر رايوندا، بىر كىرىزىس پەيتىدە بازارلارنىڭ ئەقلىي ھەرىكەت قىلىشى كۈتۈلمەيدۇ. پۇل-مۇئامىلە ۋەھىمىسى، كاپىتال قېچىشى، ئىشەنچنىڭ يىمىرىلىشى قاتارلىق «ئەقلىي بولمىغان» ئامىللار ۋە بۇلار يارىتىدىغان زەنجىرسىمان رېئاكسىيەلىرى، مودېلنىڭ مۆلچەرلىگىنىدىنمۇ كۆپ چوڭ ۋە ۋەيران قىلغۇچ ئىقتىسادىي زەربىلەرگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا مودېل، جازادىن قېچىش  (sanctions evasion)، قارا بازار پائالىيەتلىرى ۋە بىر مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ سىياسىي مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنىڭ چېكى قاتارلىق ئۆلچىنىشى قىيىن بولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈشتە قىينىلىشى مۇمكىن.

ئىككىنچىدىن، دوكلات خىتاينىڭ يوشۇرۇن ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى زور دەرىجىدە سىممېتىرىك (يولغا قويۇلغان جازالارغا ئوخشاش قارشى جازالار) دەپ پەرەز قىلىشقا مايىل. ھالبۇكى بېيجىڭنىڭ ئاسسىممېترىك ۋە كۈتۈلمىگەن ئۆچ ئېلىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىش يوشۇرۇن كۈچى يۇقىرىدۇر. مەسىلەن، خىتاي، غەرب شىركەتلىرىنىڭ دۆلەتتىكى مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلالايدۇ، ھالقىلىق سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى ۋە مىنېراللارنىڭ ئېكسپورتىنى پۈتۈنلەي توختىتىش ئارقىلىق غەربنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ۋە مۇداپىئە سانائىتىنى پالەچ ھالغا كەلتۈرەلەيدۇ ياكى غەربنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەسىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇملىرىنى ئۇيۇشتۇرالايدۇ. بۇ خىل ئاسسىممېترىك قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ يارىتىدىغان قالايمىقانچىلىقى ۋە تەننەرخى، دوكلاتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى مەركەز قىلغان مودېللاشتىن ھالقىپ ئۆتكەن بىر تەسىرگە ئىگە بولۇشى ۋە غەرب ئىتتىپاقىنىڭ قەتئىيلىكىنى تېزلىكتە يىمىرىشى مۇمكىن. دوكلات بۇ خەتەرلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ ئاسسىممېترىك ئۆچ ئېلىش سېنارىيەلىرىنىڭ تەپسىلىي بىر ئانالىزىنى ۋە يوشۇرۇن ئاقىۋەتلىرىنى يېتەرلىك چوڭقۇرلاشتۇرمىغان.

ئۈچىنچى بىر كەمچىلىك، دوكلاتنىڭ ئانالىزىنىڭ زور دەرىجىدە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ يادرولۇق ئىتتىپاقداشلىرىغا( G7ۋە ئاۋسترالىيە)گىلا  مەركەزلىشىشى، ئەمما «يەرشارى جەنۇبى» (Global South) دەپ ئاتالغان دۆلەتلەرنىڭ يوشۇرۇن رولىنى يېتەرلىك دەرىجىدە تەڭلىمىگە قاتماسلىقىدۇر. ھىندىستان، بىرازىلىيە، ھىندونېزىيە، تۈركىيە ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى قاتارلىق چوڭ ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ يوشۇرۇن بىر جازا تۈزۈمىگە قاتناشماي بىتەرەپ قېلىشى، ھەتتا خىتاي ئۈچۈن ئالتېرناتىف بازارلار ۋە تەمىنلەش يوللىرىغا ئايلىنىشى، غەربنىڭ ئىقتىسادىي يېتىم قالدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى جىددىي دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن. بۇ دۆلەتلەرنىڭ شەكىللەندۈرىدىغان «جازانى ئايلىنىپ ئۆتۈش» مېخانىزملىرى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى مودېلنىڭ مۆلچەرلىگەندىنمۇ كۆپ تۆۋەن سەۋىيەلەردە تۇتۇشى مۇمكىن. دوكلاتنىڭ دەسلەپكى بۆلەكلىرىدە بۇ «سىڭىپ ئۆتكىلى بولىدىغان پەردە» ئېھتىماللىقى بىلدۈرۈلسىمۇ، مىقدارلىق مودېللاش ۋە ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر بۆلۈمىدە بۇ ئامىلنىڭ ئېغىرلىقى يېتەرلىك ھېس قىلىنمىغان.

ئاخىرىدا، دوكلاتنىڭ مەركەزلەشكەن «ئالدىنى ئېلىش» خاراكتېرلىك جازا مېخانىزمىنىڭ سىياسىي داۋاملىشىشچانلىقى مەسىلىسى تېخىمۇ كۆپ مۇزاكىرە قىلىنسا بولاتتى. دېموكراتىك دۆلەتلەردە، جازالارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي تەننەرخلىرى (پۇل پاخاللىقى، ئىشسىزلىق، ئىقتىسادىي چېكىنىش) جامائەت پىكرىنىڭ ئىنكاسىغا ۋە سىياسىي مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بىر قانچە ئاي ئىچىدە سايلامغا كىرىدىغان بىر غەرب رەھبىرىنىڭ، دۆلىتىنى ئىقتىسادىي چېكىنىشكە دۇچار قىلىش بەدىلىگە تېخى يۈز بەرمىگەن بىر ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ قەدەر خەتەرلىك بىر قەدەم ئېلىش ئىرادىسىنى قانچىلىك داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقى مۇھىم بىر سوئال بەلگىسىدۇر. مۇستەبىت بىر تۈزۈم بولغان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئازابنى خەلقىگە يۈكلەش ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئىقتىدارى، دېموكراتىك بىر دۆلەتنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرىدۇر. بۇ ئاسسىممېترىك سىياسىي چىدامچانلىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئىقتىسادىي يىمىرىش ئۇرۇشىدا غەرب ئىتتىپاقىنىڭ زىيىنىغا ئىشلىشى مۇمكىن.

بۇ تەنقىدىي خاتىرىلەر، دوكلاتنىڭ قىممىتىنى ئازايتىش ئورنىغا، ئۇ سۇنغان ئانالىز رامكىسىنى تېخىمۇ بېيىتىش ۋە كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتلار ئۈچۈن يېڭى ئىشىكلەرنى ئېچىش مەقسىتىنى كۆزلەيدۇ. چۈنكى بۇ چەكلىمىلەر، مەسىلىنىڭ قانچىلىك مۇرەككەپ ۋە مۆلچەرلىگۈسىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرىدۇ. ئاخىرىدا، RAND  دوكلاتىنىڭ يەتكەن ئاساسلىق نەتىجىلىرى تەۋرەنمەس بىر شەكىلدە كۈچىنى ساقلايدۇ: ئىقتىسادىي ھۈركۈتۈش كۈچى، پەقەت ۋە پەقەت كەڭ بىر خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ قەتئىي ئىرادىسى بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. بۇ يول، بارلىق تەرەپلەر ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەت ۋە ھالقىلىقتۇر. مۇۋەپپەقىيەت، كىرىزىس پەيتىدە ئېلىنىدىغان قەدەملەردىن بەكرەك، بۈگۈندىن باشلاپ قىلىنىدىغان ئەستايىدىل تەييارلىقلارغا باغلىقتۇر: ئىدارىۋى ئىقتىدار قۇرۇش، ئىتتىپاقداشلار بىلەن چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش، خۇسۇسىي ساھە بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا دىيالوگ قۇرۇش ۋە ئەڭ مۇھىمى، ئىشەنچلىك بىر كوللېكتىپ ئىرادىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى. RAND  نىڭ بۇ ئەسىرى، بۇ ئىرادىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ پىكرىي ئۇل ئەسلىھەسىنى ۋە يول خەرىتىسىنى سۇنۇش ئارقىلىق، 21-ئەسىر دۆلەت ئىدارە قىلىش تەتقىقاتىغا مۇھىم بىر تۆھپە قوشتى.

پايدىلىنىلغان ئەسەر (دوكلات):

Shatz, Howard J., Marco Hafner, Naoko Aoki, Peter Dortmans, Timothy R. Heath, and Fiona Quimbre. Economic Deterrence in a China Contingency. Santa Monica, CA: RAND Corporation, 2025.

https://www.rand.org/pubs/research_reports/RRA4022-1.html

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*