پوپۇلىزم (populism) ۋە «خەلق»ۋەكىللىكى

2022-يىلى 24-يانۋار

ي. ئىبراھىم

پوپۇلىزم جەمئىيەت ۋە كۈندىلىك سىياسەتنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋاسىتە بولۇپ،  ھاكىممۇتلەق بىر سىياسىي رەھبەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان جەمئىيەتلەردە، خەلققە ۋەكىللىك قىلىش جەھەتتە مەلۇم سەۋىيەدە دېموكراتىيەنىڭ نىسبەتەن ئىشقا ئېشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان بولسا، كۆپ خىللىقتىن تەشكىل تاپقان جەمئىيەتلەردە بولسا قۇتۇپلىشىش ۋە سۈركىلىشىش پەيدا قىلىپ جەمئىيەتتە ئىچكى  توقۇنۇش مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.

كېيىنكى 150 يىل ئىچىدە پوپۇلىزم ئۈچ خىل تەرىقىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دەسلەپ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا پەيدا بولغان «دېھقانچىلىق پوپۇلىزمى»، ئارقىدىن 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لاتىن ئامېرىكادا ئوتتۇرىغا چىققان «ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي پوپۇلىزم»، ئاخىرىدا 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا گىتلېر، فرانكو ۋە مۇسسولىن قاتارلىق دىكتاتورلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان، كۈنىمىزدە بولسا ترامپ، چاۋېز، بېرلۇسكونى، مادۇرو، دۇتېرتېر، مورى، ماكرون مىچوتاكىس، شى جىنپىڭ قاتارلىق نۇرغۇن سىياسەتچىلەر بىلەن تېخىمۇ ئومۇملىشىپ، ئۆزگىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى نىشان قىلغان «سىياسىي پوپۇلىزم»دۇر.  كۈنىمىزدە ھەتتا لې پېن ياكى ۋىلدېرسنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل  پارتىيەلىرى بىلەن سىيرىزا ياكى پادېموسقا ئوخشاش نۇرغۇن سولچىل ھەرىكەتلەرمۇ نۇرغۇن پوپۇلىزمدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنماقتا.

پوپۇلىزم (populism)نىڭ تەبىرلىرى

پوپۇلىزمنىڭ نۇرغۇن تەبىرلىرى بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  • پوپۇلىزم خەلقنىڭ قىزىل سىزىقلىرى، مۇھەببەت  نەپرىتى، سەزگۈر نۇقتىلىرى ۋە قەدىرىيەتلىرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي غەرىزىگە يەتمەكچى بولغان سىياسەتچىلەرنىڭ خەلققە تەخسىكەشلىك قىلىشىدۇر.
  • پوپۇلىزم خەلقنىڭ ئەقلىگە ئەمەس ھېسسىياتىغا، ئارزۇ-ئارمانلىرىغا، نەپرىتىگە، ئۈمىدسىزلىكلىرىگە خىتاپ قىلىدىغان بىر ئېقىم بولۇپ، ئۇ قانداقتۇر ئىجتىمائىي پىروگرامما ياكى سىستېمىلىق ئىدېئولوگىيە ئەمەس.
  • شەخسلەر ياكى سىياسىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئاۋام ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش چۈشەنچىسىنى شوئار قىلىش ئارقىلىق، جەمئىيەتنى گۇرۇپپا ۋە گۇرۇھلارغا ئايرىپ خەلقنى يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەرگە قارشى قۇترىتىدىغان ۋە تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان سىياسىي چۈشەنچىدۇر.
  • پوپۇلىزم سىياسىي ئىدېئولوگىيەدۇر.
  • پوپۇلىزم مەلۇم بىر شەخس ياكى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئوخشاش بىر جەمئىيەت ياكى مىللەت ئىچىدىن دۈشمەن ياكى ئۆزگىلەرنى پەيدا قىلىپ، ئۆزلىرىنى قوللايدىغان گۇرۇپپىنى كۈچەيتىش ۋە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىدىيەسىنى ۋە مېتودلىرىنى ئومۇملاشتۇرىدىغان ئۇسۇلدۇر.
  • پوپۇلىزم مەلۇم شەخس ياكى گۇرۇپپىلارنىڭ خەلقنىڭ جۇغلىنىپ كەتكەن نەپرىتى، قىيىنچىلىقى، ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى سۈيئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۇسۇلىدۇر.

پوپۇلىزمنىڭ نېگىزلىك مەنتىقىسى

پوپۇلىزمنىڭ ئاساسلىق مەنتىقىسى خەلق ئىرادىسىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى، بىۋاسىتە دېموكراتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمرانلىقى بولۇپ، شەخسىي مەسئۇلىيەت، مىللىيلىك ۋە يەرلىكلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. خەلق ئىرادىسى مۇھىم دەپ قارالغاچقا دېموكراتىيەنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى بولغان كۈچلەرنىڭ ئايرىلىشى، نازارەت قىلىش ۋە تەڭپۇڭلۇققا ئوخشاش كۈچلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ. خەلق ئىرادىسى سۈيئىستېمال قىلىنىشقا ئارانلا تۇرىدىغان ئۇقۇم بولۇپ،  بۇمۇ پەرقلىق چۈشىنىلىنىدۇ. سان جەھەتتىن كۆپ بولۇش خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرەمدۇ ياكى باشقا ئۆلچەملىرىمۇ بارمۇ؟ سان جەھەتتىكى كۆپلۈكنىڭ نوقۇل خەلق ئىرادىسى سۈپىتىدە كۆرۈلۈشى، ئەمەلىيەتتە كۆپ سانلىقنىڭ سىرتىدا قالغان باشقىلارنىڭ چەتكە قېقىلىشىغا، ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا، ھەتتا دۈشمەن سۈپىتىدە كۆرسىتىلىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

پوپۇلىزمنىڭ زىتى

پوپۇلىزمنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ زىتى بولغان سەرخىلىزمنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. يەنى، سەرخىللەر ھۆكۈمرانلىقىنى بىلىش لازىم. پوپۇلىزم ئىجتىمائىي ئورۇن، مائارىپ، مەدەنىيەت ساپا، ئىقتىسادىي شارائىت قاتارلىق جەھەتلەردە جەمئىيەتتىكى كۆپ سانلىقتىن پەرقلىق بولغان سەرخىللار قاتلىمىنىڭ چىرىكلىشىپ خەلققە ياتلاشقانلىقى، بۇ سەۋەبتىن خەلق ۋە مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى، خەلق ۋە مىللەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغانلىقى ھەققىدىكى قاراشتۇر. ئەپسۇس، پوپۇلىزمنىڭ سەر خىللار قاتلىمىغا زادى كىملەرنىڭ كىرىدىغانلىقى ھەققىدە كونكرېت ئۆلچەملىرى يوق. سىياسەت ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى سەرخىللار دەپ تەرىپىلگەن «دۈشمەن گۇرۇپپا»نىڭ نامىمۇ ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەردە پەرقلىق بولىدۇ. پوپۇلىزم مىللەت ياكى خەلققە نوپۇزلۇق ۋە كۈچلۈك بىر لىدېرنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقىنى، خەلققە ياكى مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتى ۋە قابىلىيىتى بولغان بىر لىدېرنىڭ دۆلەتنى خەلق ياكى مىللەتتىن ئالغان ھوقۇق بىلەن خالىغانچە باشقۇرۇش لازىملىقىنى، بۇ سەۋەبتىن دۆلەت مۇئەسسەسەلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ توسالغۇ ياكى دۈشمەن بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

جېن-ۋېرنېر مۇللېر پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن مەشھۇر ئەسىرى «پوپۇلىزم نېمە؟»ناملىق كىتابىدا مۇنۇ قۇرلارنى بايان قىلىدۇ:«سەرخىللارنى تەنقىد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى پوپۇلىست بولمايدۇ. پوپۇلىستلار سەرخىللار قاتلىمىغا قارشى بولغاندىن سىرت كۆپ خىللىققىمۇ قارشى تۇرىدۇ.  پەقەت ۋە پەقەت ئۆزلىرىنىڭلا خەلققە ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقىنى بېلجىرلايدۇ. باشقا بارلىق سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ مەشرۇئىيەت (قانۇنىي سالاھىيەت)تتىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ بىر قىسمى ياكى ۋەكىلى بولالمايدىغانلىقىنى توختىماي كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدۇ. يېقىندىن كۆزىتىلىدىغان بولسا، پوپۇلىستلارغا نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى جەمئىيەت ياكى مىللەتكە بىر پۈتۈن پايدىلىق بىرەر ئىش ياكى  نەتىجىدىن بەكرەك، سىمۋول خاراكتېرلىك  خەلق ۋەكىللىكىدۇر. پوپۇلىزم يېقىنقى يىلللاردا سىياسىي ئانالىزلاردا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ. پوپۇلىزم ئومۇمەن بىراۋنىڭ ياكى مەلۇم بىر گۇرۇپپىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئۇرغۇتۇش، قوزغىتىش ۋە جانلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇ ۋە ئۇلارغا رېئاللىقتىن ۋە ھەقىقەتتىن ھالقىغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ، ئۇنى ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت بولغان قۇتراتقۇ خاراكتېرلىك قىلمىش، سۆز ئويۇنى ۋە ئاشقۇنلۇق مايىللىقلىرى، كۆپ خىللىققا دۈشمەنلىك، قۇتۇپلىشىش، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئەدلىيە مۇستەقىللىقىنىڭ ئاجىزلىشىشى، چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش، پارتىزانلىق، قۇرۇق ۋە دەبدەبىلىك شوئارلار،ئەمەلىي ئىشقا ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەمەس، ئىنسانلارغىلا مەركەزلىشىدىغان شەخس ۋە شەخسلەر بىلەن بىرلىكتە تالاش-تارتىش قىلىنماقتا. 21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەيدانغا كەلگەن سىياسىي داۋالغۇشلارنى ئىزاھلاشتا پوپۇلىزم ئۇقۇمى ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسەتتى.»

كىتاب مۇنۇ قۇرلار بىلەن داۋاملىشىدۇ: «پوپۇلىستلارنىڭ قارىشىچە، پەقەت ۋە پەقەت ئۆزلىرىلا خەلقنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، ئۆزلىرىنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا ھەرقايسىڭ كىم بولسەن؟ خەلقنىڭ ۋەكىلى بىز! دېيىش ئارقىلىق، قارشى تەرەپنى خەلق دۈشمىنى قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. ھاكىمىيەت رىقابىتى ئەسناسىدا پوپۇلىست سىياسەتچىلەر رەقىبلىرىنى ئەخلاقسىز ۋە چىرىكلەشكەن سەر خىللارنىڭ ئۇنسۇرلىرى تەرىقىسىدە سۈپەتلىشىدۇ، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ھېچقانداق ئۆكتىچى پارتىيە ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. پوپۇلىستلارنىڭ مەنتىقىسى بويىچە، ئۆز ھەرىكىتى ۋە پارتىيەسىنى قوللىمىغانلار خەلق ياكى مىللەتنىڭ ھەقىقىي ئەزاسى ھېسابلانمايدۇ.»

دەسلەپ خەلق ياكى مىللەتنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سەرخىللارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، خەلق ياكى مىللەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش شوئارىنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىققان پوپۇلىستلار سىياسەتكە كىرىپلا جەمئىيەتنى «خەلق ياكى مىللەتنىڭ ھەقىقىي ئەۋلاتلىرى ۋە ئۆزگىلەر» دېگەن تەرىقىدە گۇرۇپپا ۋە قۇتۇپقا ئايرىشقا ئايرىشقا ئۇرۇنىدۇ.  ئەسلىدە ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى دەل مۇشۇدۇر. يەنى، تاشقى دۈشمەننى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ئوخشاش مىللەت ياكى خەلق ئىچىدىن دۈشمەن پەيدا قىلىشتۇر.

پوپۇلىزم خەلقنى بىرلەشتۈرەمدۇ ياكى ئايرىمدۇ؟

پروفېسسور دوكتور ئەلى ئاكارجا پوپۇلىزمنىڭ نوقۇل سىياسىي تەرىپىنىڭلا يوقلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە كۈلتۈر ۋە ئىقتىسادىي تەرەپلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ پوپۇلىزم قايسى خىلدا بولۇشتىن قەتئىينەزەر،پوپۇلىزمنىڭ خەلق ياكى مىللەتنى ۋە ياكى جەمئىيەتنى باي ۋە كەمبەغەل، شەھەرلىك ۋە سەھرالىق، كۆپ سانلىق ۋە ئاز سانلىق، پىرولتارىيات ۋە بۇرژۇئازىيە، يەرلىك ياكى كۆچمەن، خەلقنىڭ «ۋەكىلى» ياكى دۈشمىنى، «ھەقىقىي خەلق» ياكى «ئۆزگىلەر» دەپ گۇرۇپپا ياكى قۇتۇپقا ئايرىيدىغانلىقىنى، پوپۇلىزمدا ھەممىدىن چاتاق بولغىنىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك تامغىلاشنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، مەسىلەن، پوپۇلىستلارنىڭ ئۆزلىرىنى «خەلق سۆيەر، ۋەتەن سۆيەر، ھەق سۆيەر، ئەركىنلىك سۆيەر ۋە مۇستەقىللىق سۆيەر» دەپ تەرىپلىسە، دۈشمەن ئېلان قىلغان تەرەپنى « خەلق دۈشمىنى، ۋەتەن دۈشمىنى، ھەق دۈشمىنى، ئەركىنلىك دۈشمىنى ۋە مۇستەقىللىق دۈشمىنى»دەپ تامغىلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

دەسلەپتە، ئېزىلگەن ۋە ھاكىمىيەتتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە مەيدانغا كەلگەن، كېيىنچە مەقسەت ۋە غايە بولۇش رولىدىن ئايرىلىپ قېلىپ،  سىياسەتچىلەرنىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىشىدىكى سىياسىي ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالغان پوپۇلىزمنى، بەزىلەر سىياسەتچىلەرنىڭ خەلققە تەخسىكەشلىك قىلىشى دەپ تەرىپلىسە، يەنە بەزىلەر سىياسىي ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە قارىماقتا، يەنە بەزىلەر بولسا خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسىي ئىدىيە دەپ تەرىپلىمەكتە.  خەلق ئىرادىسى، خەلق ۋەكىللىكى ۋە خەلق مەنپەئەتى قاتارلىقلار بىلەن  بىرلىكتە تەلەپپۇز قىلىنىۋاتقان پوپۇلىزم راستتىنلا خەلق تەرەپتىمۇ؟ ھەقىقەتەن خەلق تەرەپتە بولسا خىتايدىكى نۇرغۇن دۆلەت ئورگانلىرى، مەكتەپلەر، ئارمىيە ۋە بانكىلارنىڭ ناملىرىنىڭ «خەلق» بىلەن ئاتىلىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

 

 

 

 

پايدىلانمىلار

https://iletisim.com.tr/kitap/populizm-nedir/9473

https://www.hurriyet.com.tr/egitim/populizm-nedir-populizm-hakkinda-bilgi-41659594

https://perspektif.eu/2019/01/25/populizm-nedir/

https://www.gazeteduvar.com.tr/forum/2017/04/02/populizm-nedir-iyi-midir-kotu-mudur-bizde-nasildir

https://www.youtube.com/watch?v=AGv32_gw0jA

https://www.karar.com/yazarlar/ibrahim-kiras/bir-siyasi-ideoloji-olarak-populizm-1589914

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*