مەپكۇرە: ئۇقۇم، تارىخ ۋە ئەھمىيىتى

2024-يىلى 31-ئۆكتەبىر

 

تەييارلىغۇچى: ئا.ئاقھۇن

 

كىرىش سۆز

مەپكۇرە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم پەلسەپەۋى-سىياسىي چۈشەنچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىنسان جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلگەن. بۇ چۈشەنچە ئىنسانلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىگىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە ئۈمىد-غايىلىرىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. مەپكۇرە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى بىلەن ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي قۇرۇلمىسىنى بەلگىلەشتە مۇھىم ئامىل بولۇپ كەلگەن (Freeden, 2003).

  1. مەپكۇرىنىڭ ئۇقۇمى ۋە ماھىيىتى

مەپكۇرە سۆزى ئەسلىدە ئەرەبچە «فكر» (پىكىر) سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىغا «مەپكۇرە» شەكلىدە ئۆزلەشكەن. زامانىۋى مەنىدە، بۇ سۆز غەرب تىللىرىدىكى  «Ideology» سۆزىنىڭ مۇقابىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە.  «Ideology»  سۆزىنى تۇنجى بولۇپ فىرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر دېستۇت دې تىراسى 1796 -يىلى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ سۆز لاتىنچە «idea» (پىكىر) ۋە گىرېكچە «logos» (ئىلىم) دېگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكمىسىدىن ياسالغان (Kennedy, 1979).

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*