ئادىلجان ئەرئۇيغۇر
مەدەنىيەت كىملىكى، شەخسنىڭ كىملىكىنىڭ ياكى ئۆزلۈك تونۇشىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە مىللەت، ئىرقىي كېلىپ چىقىش، دىن، ئىجتىمائىي تەبىقە، ئەۋلاد، جىنسىيەت ياكى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئاساسى بولغان ھەرقانداق ئىجتىمائىي قۇرۇلما بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەدەنىيەت كىملىكى ھەم شەخسنىڭ ھەم ئوخشاش مەدەنىيەت كىملىكنى ياكى تەربىيىلىنىش ئۇسۇلىنى ئورتاقلاشقان مەدەنىيەت جەھەتتىن ئوخشاش گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتىدۇر.
مەدەنىيەت كىملىكى؛ ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنىڭ بايانلىرىدىكى توختاۋسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان، مۇقىم بولمىغان بىر جەرياندۇر. بەزى كىشىلەر باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپرەك مەدەنىيەت كىملىك ئۆزگىرىشىگە ئۇچرايدۇ، ئاز ئۆزگىرىش بولغانلار بولسا تېخىمۇ ئېنىق مەدەنىيەت كىملىككە ئىگە بولىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن دىنامىك، ئەمما مۇقىم بىر پۈتۈنلۈككە ئېرىشكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. مەدەنىيەت كىملىكىڭىز، ھاياتىڭىزدىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئېتىقادلىرىنى، قىممەت قاراشلىرىنى، ھەرىكىتىنى ۋە نورمىلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەن، مەنىسىنى چۈشەنگەن ۋە قوبۇل قىلغان ياكى رەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا تەرەققىي قىلىدىغان شەخسىي كىملىكىڭىزنىڭ ۋە دۇنيا قارشىڭىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر.
داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
View Fullscreenئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.