كەمتەر بىلىم ۋە كىبىرلىك «سەۋىيە»

2022-يىلى 3-فېۋرال

ئا.ئەرئۇيغۇر

«كەلگۈسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ۋە «21-ئەسىر ئۈچۈن 21 دەرس» ناملىق ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىپ دۇنيا مىقياسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان، دۇنيا تارىخى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى قاتارلىق ساھەلەردە مۇتەخەسسىسلەشكەن، بىئولوگىيە بىلەن تارىخ ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بار يوقلىقى، تارىختا ئادالەت بار يوقلىقى، تارىخنىڭ مەلۇم بىر يۆنىلىشكە ئىگە ياكى ئەمەسلىكى ۋە تارىخ ئىلگىرىلىگەنسېرى ئىنسانلارنىڭ خۇشاللىققا ئېرىشىپ ئېرىشمىگەنلىكى قاتارلىق سوئاللار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان تارىخچى ۋە يازغۇچى يۇۋال ھەرىرى، ئىلىم-پەن ئىنقىلابىنىڭ قانداقتۇر بىز بىلگەندەك بىلگى ئىنقىلابى بولماستىن، ئىنسانلارنىڭ نادانلىقىنى ۋە جاھالىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئىنقىلابى ئىكەنلىكىنى، ئىلىم-پەن ئىنقىلابىنى قوزغاتقان چوڭ بايقاشنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى بىلمەسلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ… يەنى ئىلىم-پەن ئىنقىلابى ئەمەلىيەتتە «بىلمەيمەن»ئىنقىلابىدۇر.

ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىردىكى پوپلارنىڭ نەزىرىدە ھەممە نەرسە بەش قولدەك ئايدىڭ ئىدى. تېپىلىشقا ياكى بايقىلىشقا تېگىشلىك يېڭى بىر نەرسە يوق ئىدى، بىراۋ بىر نەرسىنى بىلمىسە، چوقۇم باشقا بىرى بىلەتتى، ئەگەر بولمىسا ئۇ نەرسە بىلىشكە ئەرزىمەيدىغان قىممەتسىز نەرسە ئىدى. يۇۋال ھەرىرى 16-ئەسىرگىچە سىزىلغان دۇنيا خەرىتىلىرىدە بوش يەرنىڭ ئاساسەن يوقلىقىنى، ھەممە يەرنىڭ ناملىرى بارلىقىنى، قىسقىسى دۇنيادا بايقالمىغان يەر يوق ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. 16-ئەسىردە ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان چوڭ بايقاشلاردىن كېيىن سىزىلغان دۇنيا خەرىتىلىرى بۇرۇنقىلىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنەتتى. بۇ يېڭى خەرىتىدە نۇرغۇن بىلىنمىگەن رايونلار بار ئىدى. ھەممە نەرسىنى بىلىدىغان پوپلارمۇ پەقەتلا بىلمەيدىغان ۋە ئاڭلاپ باقمىغان نۇرغۇن يېڭى يەرلەر بايقالغانىدى. ھەرىرىنىڭ قارىشىچە، ئىلىم-پەن ئىنقىلابىنىڭ قوزغاتقان ئىدىيە « gnoramus» يەنى «مەن بىلمەيمەن»دۇر. يەنى، ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى ۋە جاھالىتىنى تەن ئېلىشىدۇر.

مەلۇمكى، ئۇقۇملارغا، ۋەقە-ھادىسىلەرگە، قانۇنىيەتلەرگە، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىگە، ئىزدىنىشكە، تەتقىقاتقا، دەلىل-ئىسپاتلارغا، ئۆگىنىشكە، بايقاشقا ۋە تەجرىبىگە مەركەزلىشىدىغان بىلىم، ئىنسانغا ئەڭ بېشىدا شۈبھىنى يەنى سوئال قويۇشنى ئۆگىتىدۇ. ھەممىدىن ئاۋال ئۆز كۆز قاراشلىرى، پىكىرلىرى ۋە ئىدىيەسىگە سوئال قويۇش، ئويلىنىپ تەكشۈرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىلىمدە مەلۇم بىر تېما ياكى مەسىلە ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلار يا  ئىسپاتلىنىدۇ ياكى مەشھۇر بىلىم پەلسەپچىسى پوپپېر دېگەندەك ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ. بۇنداق پوزىتسىيە بىلىمگە چەكسىز ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، ئىزدىنىش پۇرسىتى تەقدىم قىلىش بىلەن بىرگە، بىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى كەمتەر قىلىدۇ. بىلىمگە نىسبەتەن ئىنسان، جەمئىيەت، دۇنيا، كائىنات ھەر ۋاقىت تەتقىق قىلىنىشقا، بىلىنىشكە، ئىزاھلىنىشقا، شەرھىلىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەردۇر. بىلىم «بىلىمەن»دىن بەكرەك «بىلمەيمەن»دېگەن ئىدىيە ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. بىلىم مۇئەسسەسە بولۇش سۈپىتى بىلەن كەمتەر بولۇپ، ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرمەيدۇ، دەرھال سەھنىگە ياكى ئېكرانلارغا يۈگۈرۈپ چىقمايدۇ، ئۈستەلگە مۇشلاپ كەتمەيدۇ. چۈنكى قانچىلىك بىلىدىغانلىقىنى، قانچىلىك بىلمەيدىغانلىقىنى ۋە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

لېكىن پىكىرلەر، ئۇقۇملار،سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى،كونكرېت ۋەقە-ھادىسىلەر، ئۇچۇر-مەلۇماتلار ۋە دەلىل-ئىسپاتلار  بىلەن ئويلاشنىڭ ئورنىغا، سىمۋوللارغا، دوگماتىك ئىدىيەلەرگە، دەبدەبىلىك گەپلەرگە، لىدېرلارغا، مەشھۇر شەخسلەرگە مۇھەببەت باغلىغان ياكى ئۇلاردىن نەپرەتلەنگەن ئاساستا تەپەككۇر قىلىش كىبىرلىك «سەۋىيە»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ   تۆۋەن سەۋىيەلىك ياكى سەۋىيەسىز چۈشەنچە دەپمۇ قارىلىدۇ.

بۇ سەۋىيە تۇرمۇشتا ھەر خىل شەكىللەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغان بولۇپ، بىراۋنىڭ ياخشى كۆرىدىغان بىرەر شەخس،گۇرۇھ ۋە گۇرۇپپا، ئېقىم، ئىدىيەلەرگە «چىن دىلىدىن ساداقەتمەنلىك»كۆرسىتىشى ياكى ئۆزگىلەرگە دۈشمەنلىك نەزىرىدە قارىشى بۇلاردىن بىرسىدۇر.  يەنە مەلۇم كۆز-قاراش، ئېقىم، ئىدىيە، شەخس، گۇرۇپپا ياكى ھەرىكەت  بىئارام قىلسا، ئۇلارغا قارشى يېڭى پىكىرلەر ۋە قاراشلارنى ئىلمىي ئۇسلۇب بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئورنىغا ھاقارەت قىلىش ۋە ھەر خىل سەلبىي ناملار بىلەن تامغىلاش، قارشى پىكىردىكىلەرنى ياكى قارشى گۇرۇپپىدىكىلەرنى «شەيتانلاشتۇرۇش» قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل سەۋىيەدە  پىكىرگە پىكىر بىلەن، ئىدىيەگە ئىدىيە بىلەن، دەلىل-ئىسپاتقا دەلىل-ئىسپات بىلەن، ئەمەلىي ئىشقا ئەمەلىي ئىش بىلەن، ئۇقۇمغا ئۇقۇم بىلەن ئەمەس، تېمىغا مۇناسىۋەتلىك گەپكە مۇناسىۋەتلىك گەپ بىلەن ئەمەس بەلكى ھېسسىي ئىنكاس قايتۇرۇش، تاغدىن گەپ قىلسا باغدىن جاۋاپ قايتۇرۇش، تېمىدىن قېچىش خاھىشى ئېغىر بولىدۇ.

ئوسمانىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ياشىغان چوڭ زىيالىلاردىن نامىق كامال بىر يازمىسىدا پىكىرلەرنىڭ چەتكە قېقىلىپ «شەخسلەرگە نەپرەت ۋە ھۇجۇم»قىلىنىشىدىن بىئارامچىلىق ھېس قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، جەمئىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئۈممىتىمنىڭ ئوخشىماسلىقلىرى رەھمەتتۇر»دېگەن ھەدىسىنىڭ روھىغا زىت خاھىشلارنىڭ باش كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىكەن: «نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە پەيغەمبەرنىڭ بۇ ھەدىسى ئاقمايدۇ؟ پەرقلىق گەپ، پىكىر، قاراش ۋە ھەرىكەت قىلمىغانلار ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. مەسىلەن،  ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەر ياكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقەتلەر زەھەرلىك ۋە خەتەرلىك بولسۇنمۇ دەيلى، نېمىشقا ئىشەنچلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قايىل قىلىشنىڭ ئورنىغا شەخسلەرگە-ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىنىدۇ ياكى ئەمەلىي ئىش ۋە مەسىلىلەر بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇلۇپ شەخسىي غەرەزلەر ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتىدۇ؟»

ھەممىمىزگە يادقا بولۇپ كەتكەن مۇنداق بىر ئېسىل گەپ بار: «سەۋىيەسىز كىشىلەر شەخسلەرنى، سەۋىيەلىك كىشىلەر ۋەقە-ھادىسىلەرنى، يۇقىرى سەۋىيەلىك كىشىلەر پىكىرلەرنى سۆزلىشىدۇ.»  سەۋىيەسىز كىشىلەر ئۆزىگە زىت ياكى ئوخشىمىغان قاراش ياكى ئىنساننى ئويلاشقا ئۈندەيدىغان بىرەر پىكىرنى ئۇچراتسا دەرھال ئۇنىڭغا مەركەزلىشىشنىڭ ئورنىغا شەخسكە مەركەزلىشىدۇ. يوشۇرۇن ئېڭىغا ساقلاپ قويغان قورالىنى بەتلەپ ئېتىشقا ئۈلگۈرىدۇ. مۇنداقچە دېگەندە، بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئۆزىنى پىكىرلىرى بىلەن ئەمەس ھېسسىياتىنى قورال قىلىپ ئىپادىلەيدۇ.

شەخسلەرگىلا مەركەزلىشىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرىدىن قەتئىي خاتالىق سادىر بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى «ھەقىقەتلىرى»گە شۇنچىلىك ئىشەنچ بىلەن قارايدۇكى، باشقىلارنىڭكىنى پۈتۈنلەي خاتاغا چىقىرىدۇ، ھەتتا خىيانەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قارشى تەرەپ خائىن، خائىن بولمىسىمۇ ناداندۇر. قىسقىسى، قارشى تەرەپ چوقۇم خاتا ۋە ناتوغرا يولدىكىلەردۇر. ئۆزلىرى بىر نەرسە ئويلاپ چىقتىمۇ، ئويىدىن قەتئىي ئىككىلەنمەيدۇ، ئۆزلىرى تەۋە بولغان گۇرۇپپىنىڭ ئىدىيەسى  ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى بىردىنبىر ھەقىقەت بولۇپ، ئۇلار ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈشكە ئېھتىياج ھېس قىلمايدۇ.

تۈرك مۇتەپەككۇرلىرىدىن پىروفېسسور مۇمتاز تۇرھان بۇ خىلدىكى كىشىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئىشىنىۋالغانلىرىنى ھەقىقەت،چالا ۋە ئېتىبارسىز كۆزىتىشلىرىنى رېئاللىق دەپ ئويلىۋالىدۇ. ئۇلاردا نە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى، كەمتەرلىكىنى تاپقىلى بولمايدۇ، نە ھەقىقەت، پولاتتەك پاكىتلارغا قايىل بولۇشتەك پەزىلەتنى ئۇچرتقىلى بولمايدۇ. ئۆلۈك ھۆكۈم ياكى ئالدىن ھۆكۈملىرى، قاراشلىرى ۋە دوگما ئېتىقادلىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ.»

پىروفېسسور ئىسكەندەر ئۆكسۈز كۆز-قاراشلىرىنى «مەن خاتا ئويلىۋالغان بولسامچۇ؟»دېگەن ئوينى كاللىسىدىن ئازراقمۇ ئۆتكۈزمەي قاراملارچە ئوتتۇرىغا تاشلايدىغان بۇ تىپتىكى كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى «كارت»، ئىدىيەلىرىنى بولسا «كارتىزم»دەپ سۈپەتلەيدۇ. ئۇ ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرى تەرەققىي قىلمىغان مەزگىللەردە بۇ تىپتىكى كىشىلەرنىڭ سەھنىلەردە ئاز كۆرىنىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرى تەرەققىي قىلغان، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئومۇملاشقان كۈنىمىزدە مۇنبەر ۋە سەھنىلەرنى قاپلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇ »كارتىزم»نىڭ ئىككى خىل ئىپادىسى بارلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ: « بىرىنچىسى: بىراۋنىڭ دېگەنلىرىگە، يازغانلىرىغا دەرھال قارشى چىقىپ ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە قارىغاندا تېخىمۇ بىلىملىك ۋە ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش  پوزىتسىيەسى بولۇپ،  بۇ پوزىتسىيەدىكى كىشىلەر ھەم باشقىلارنىڭ نەزىرىدە، ھەممىدىن بەكرەك ئۆزىنىڭ نەزىرىدە بويى ئۆسۈپ قالغاندەك تەسىراتقا ئىگە بولۇپ قالىدۇ. ئىككىنچىسى: سىياسەت، ئىدېئولوگىيە ۋە گۇرۇھ سولداتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەسى، ئېتىقادى ۋە تۇتقان يولىدىن پەرقلىق ئىدىيە، يول ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىكى كىشىلەرنى دەرھال كەمستىپ ئابرويسىزلاشتۇرىدۇ.»

بۇ خىلدىكى كىشىلەر ۋەز ئېيتىشقا ئامراق كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى سوئاللارغا جاۋاب تېپىش بولماستىن ئۆزلىرى ئىشىنىۋالغان «ھەقىقەتلىرى»گە قارشى تەرەپنىمۇ ئىشەندۈرۈشتۇر. ئۇ ئويلىغاندەك بولمىسا «خاتا ۋە باتىل يول» يولدا  ۋە «ھەقىقەتلەر»دىن مەھرۇم بولغان قارشى تەرەپكە ئىچى ئاغرىيدۇ. ئۇلار ۋەز ئېيتقانلىرىغا شۇنچىلىك ئىشىنىدۇكى، بەرگەن مىساللىرى ھەممىسى ئىشەنچلىك بولمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ، پەقەت مىساللىرى ئىشىغا ۋە مەنپەئەتىگە توغرا كەلسىلا بولىدۇ.

قىسقىسى، كىبىرلىك «سەۋىيە» ئاز بىلىدۇ لېكىن كۆز-قاراشلىرىنى ۋە بىلىدىغانلىرىنى توختىماي ئاقلاشقا ۋە ياقلاشقا تىرىشىدۇ، پۇرسەت تاپسىلا باشقىلارنى چۈشۈرۈپ ئۆزىنى كۆككە كۆتۈرىدۇ. ئاز ئويلاپ كۆپ گەپ قىلىدۇ،  ھەر تېما ياكى مەسىلىگە يامىشىدۇ ۋە چوقۇم دەيدىغان بىر گېپى بولىدۇ، پىكىرلىرىدە چىڭ تۇرىدۇ، خاتالىقلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە يېڭى پىكىرلەرگە سوغۇق قارايدۇ.  قارشى تەرەپنىڭ مۇتەخەسسىسلىك ساھەسى ھەققىدە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئويلىۋالىدۇ،دۇنيانى يالغۇز ئۆزلىرى ئۈچۈن يارىتىلغاندەكلا ئويلايدۇ. ئۆزلىرىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئىپادىلەيدىغان ياكى نامايەن قىلىدىغان قابىلىيەتلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن دىن، مىللەت، مىللەتنىڭ قەدىرىيەتلىرىگە ئوخشاش سەزگۈر، ئەمما مۇھىم نەرسىلەردىن مەدەت تىلەيدۇ ۋە ۋاقتى كەلسە ئۇلارنى قالقان قىلىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى يۇقىرىدا دېيىلگەن سۈپەتلەرنى ئاڭلىسا قاتتىق ئاچچىقلىنىدۇ.

سىزچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇقۇملار، ئەمەلىي ئىشلار، ۋەقە-ھادىسىلەر، دەلىل-پاكىتلىق گەپلەر ۋە  بىلىم بەكرەك سۆزلىنىۋاتامدۇ ياكى شەخسلەرمۇ؟

 

 

پايدىلانمىلار

 

https://www.karar.com/yazarlar/iskender-oksuz/cartizm-1590341

https://www.tarihistan.org/yazarlar/prof-dr-iskender-oksuz/kavram-yoksa-kufur-ve-sopa-var/9149/

https://www.karar.com/yazarlar/iskender-oksuz/alcak-gonullu-bilim-ve-burnu-havada-cartizmw-1591482

https://www.karar.com/yazarlar/taha-akyol/dusuncenin-en-dusuk-seviyesi-1591662

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*