كەلگۈسىگە نەزەر: خىتاي دۇنياغا غوجىدارلىق قىلالامدۇ؟

2020-يىلى 10-ماي

كەلگۈسىگە نەزەر: خىتاي دۇنياغا غوجىدارلىق قىلالامدۇ؟([1])

ۋاشىنگتون بېيجىڭغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ يەرشارى ھۆكۈمرانلىقى ساھەسىدىكى رىقابەت كۈچىگە چەكلىمە قويۇشنى قارار قىلدى. ئەمما مەسىلە: ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي بېسىمى ئېغىر دەرىجىدىكى يېپىق خىتاي سىستېمىسىدا  ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلەمدۇ؟

ئاتنىڭ چۇلۋۇرى دەل مانا بۇ يەردە، خىتايدەك سىرتقا پۈتۈنلەي يېپىق ۋە پىكرىي جەھەتتە بېكىنمە ، ئۆزىنىڭ ئىمپېرىيالىزم نىشانىغا قاراپ تىنىمسىز ئىلگىرىلەۋاتقان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شەكلىنىڭ، يېڭى ھادىسە ۋە ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا نورمال تەرەققىي قىلالايدىغان ۋە ۋەزىيەتكە ماسلىشالايدىغان، ئۆزگىرىپ – ئالمىشالايدىغان ھاكىمىيەت سىستېمىلىرىغا قارىغاندا ئۆمرى ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ. ئازراق ئۆتمۈشكە قايتىدىغان بولساق: بۈيۈك سوۋېت ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭدىكى سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئەۋرىشىم ۋە ماسلىشىشچان مۇئامىلەلەردىن خالىي قالغانلىقىنى بايقايمىز. خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت بولۇپ، ھەر ئىككىسى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى تۇلۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىۋېلىپ، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مونوپوللۇق ئاساسىدىكى كومپارتىيە پىكىرىگە تايىنىدۇ؛ بۇ پىكىرنىڭ، پارتىيەنىڭ چوڭ پىلانلىرىنى روياپقا چىقىرىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىدۇ.

ئەمما تارىخ، ئەمەلىيەتنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئارقىدىن كورونا كىرىزىسى مەيدانغا كېلىپ، يېپىق ھۆكۈمەتلەر ئالدىدىكى ئېغىر خەۋپلەرنى ئاشكارىلاپ قويدى.

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ بىر ئەمەس، ئىككى تەرىپى بار:

گەرچە ۋىرۇس تۇنجى بولۇپ خىتايدىن تارقالغان بولسىمۇ، ھازىر خىتاي ئەندىزىسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى، «بېيجىڭنىڭ، ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كورونا يۇقۇمىنى تېز بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى يېڭىپ چىققان تۇنجى دۆلەتكە ئايلانغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈشۈۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىياسىي قۇتۇپلىشىش نەتىجىسىدە سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىغان دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئەكسىچە، خىتايدىكى، دۆلەتنىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئارقىسىدىكى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ بىرلىشىشى بۇ تېز سۈرئەتلىك غەلىبىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىدى. ئەمما، ئۇلار ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپكە سەل قاراۋاتىدۇ، يەنى خىتاي ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت مودېلى ۋىرۇسنى تۇنجى بايقىغان خىتاي دوختۇر لى ۋېنلياڭنى قاتتىق باستۇرۇش ئارقىلىق ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ، بۇ يۇقۇمنىڭ دۇنياغا يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.[2]

ئۇلار ۋۇخەندىن ۋىرۇسنىڭ تارقالغانلىقى توغرىسىدا 1- ئاينىڭ بېشىدىلا دوكلات تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى كېسەللىك تارقىلىپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە ھېچقانداق جىددىي تەدبىر قوللانمىغان.

شۇڭلاشقا ، گەرچە خىتاي يۇقۇم ئەھۋالىنى تېز بىر تەرەپ قىلغان ھېسابلانسىمۇ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرىنى ۋە ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ.[3]

ئالدىراقسانلىقنىڭ ئېغىر خاتالىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنىدەك، كېچىكتۈرۈشنىڭ كىرىزىسلىرى تېخىمۇ ئېغىر بولاتتى، ئەلۋەتتە. بۇ نۇقتىدا خىتاي دۆلىتى پۈتۈنلەي تەھدىتكە ئۇچرىشىشى مۇمكىن. شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا، بۇنداق خاتا سىياسەتلەردىن ساقلىنىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكى ئېنىق. چۈنكى بۇنىڭدەك ئۆز بېشىمچى كىشىنىڭ چىقارغان قارارىنى ئۆزگەرتىشى ئۇنىڭ خاتالىقتىن خالىي غايىۋى رەھبەر بولۇشتەك ئوبرازىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كوللېكتىپ چىقارغان خاتا قارارلارنى ئۆزگەرتىش ئاسانغا توختايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئەيىب مەلۇم بىر ئادەمگە ئەمەس، بەلكى بىر توپ كىشىلەرگە يۈكلىنىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ كومپارتىيە ئىچىدە ساداقەتمەنلىك تەلەپلىرى ئاللىبۇرۇن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى باشقىچە پىكىردىكىلەرنى جىمىقتۇرۇپ بولدى. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كومپارتىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان تىركىشىشتە كەلگۈسىدىكى خاتالىقلاردىن ساقلىنىش ياكى يارىشىۋېلىشىشتا جىددىي شەكىلدە ئەۋرىشىملىككە موھتاج بولۇۋاتىدۇ.[4]

شى جىنپىڭ 2012- يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا، كوللېكتىپ رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنى بىر كىشىنىڭ دىكتاتورىلىقىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆزگەرتتى. شى جىنپىڭ كېلىشتىن بۇرۇن، پارتىيە ئىزچىل تۈردە كوللېكتىپ قارار چىقىرىش ئاساسىدا ئىدىيەۋى يۇمشاقلىقى، سىياسىي ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە خاتالىقلاردىن ساقلىنىشتا ئۆزىنى نامايان قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۆكتىچى تەرەپلەرنىڭ پىكىرلىرى قوبۇل قىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مەنپەئەتلەر كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان  ئىدى. شۇنىڭدەك، كوممۇنىستىك پارتىيە ئوتتۇرا شەرقتىكىگە ئوخشاش تىكەنلىك توقۇنۇشلاردىن ۋە ۋاشىنگتوننىڭ مۇھىم مىللىي مەنپەئەتىگە دەخلى- تەرۇز يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەردىن ساقلىنىش ئارقىلىق تاشقى توقۇنۇشتىن ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئىچكى جەھەتتىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ھۆكۈمران سەرخىللىرى ھوقۇق- مەنپەئەتنى ئۆزئارا تەقسىملەش ئارقىلىق تىنچلىقنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بۇ خىلدىكى ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەت ھېچقاچان پەزىلەتلىك بولۇپ باقمىغىنىدەك، چىرىكلىك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى مونوپول قىلىۋېلىشتىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۈچلۈك تەرتىپتە دائىم تەييار تۇرۇش قاتارلىق كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى. 2018- يىلى، شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەتنى مۇددەتسىز ساقلاپ قېلىش نىيىتىنى ئاشكارىلاپ، رەئىسلىك مۇددىتىنىڭ چەكلىك بولۇشىدىن قۇتۇلۇشنى قارار قىلدى ۋە كۈچلۈك سىياسىي تازىلاش ھەرىكىتى قوزغاش ئارقىلىق، سىياسىي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تونى ئاستىدا پارتىيە ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەردىن قۇتۇلۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، خوڭكوڭدىكى نامايىشنى باستۇرۇش، يۈزلىگەن پائالىيەتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە ماۋ دەۋرىدىن كېيىنكى تاراتقۇلارنى بوغۇپ كونترول قىلىشتا ئەڭ يۇقىرى پەللىنى ياراتتى. شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى، شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستاندا) «سىياسىي قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قارار -تەدبىرلەر مەركەز قىلىنغان بولۇپ، كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت مالىيە مەبلەغلىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ تۈرلەرگە تۆكۈلدى.

قانداقلا بولمىسۇن، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خېلىلا ئاجىزلاشتۇردى، چۈنكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە غايەت زور كۆپەيتىلىشى ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىدۇ. قاتتىق نازارەت قىلىش ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىمۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.[5]

سىرتتىن قارايدىغان بولساق، بۇ مەسىلە تېخىمۇ خەتەرلىك. چۈنكى خىتاي رەئىسىنىڭ غەربنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىگە، بولۇپمۇ ئامېرىكالىقلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئېغىر تەھدىتلەرنى ئېلىپ كەلگەن يىپەك يولى لايىھەسىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلىشى بىلەنلا، خىتاي سىياسىي مېخانىزمى تىنچلىق باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى، بۇ نۇقتىدا زىيانغا ئۇچرىغان تەرەپلەر ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايدۇ.

ئەڭ باشتا ئىقتىساد:

دونالد ترامپ بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسىنى داۋالغۇتۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن خىتاينى ئامېرىكادىكى پايدىسىدىن، يەنە بىر تەرەپتىن رەقەملىك تېخنىكىلاردىن مەھرۇم قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، خىتاي ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كۈچ مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان، مىليونلىغان خىتاي ياشلىرىنى خىزمەت پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئىقتىسادتىنمۇ مەھرۇم قالىدۇ.

شۇنىڭدەك، خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا قاتتىق زەربە بەرگەن ۋۇخەن ۋىرۇسى كىرىزىسى، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە دېگۈدەك كۈچلۈك كۆلەڭگە تاشلىدى. ھەمدە دۇنيانىڭ يېڭى ئىقتىسادىي كىرىزىسقا كىرىپ قېلىشىنى نەزەردە تۇتقاندا، بەلكىم بۇ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىكى كرىزىسلەرنىڭ ئەڭ ئېغىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ 1929-يىلى يۈز بەرگەن چوڭ بوھرانغا ئوخشايدۇ. بۇ ۋەزىيەتلەر بىرلىكتە خىتاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە، كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە يىلدا ئالىي مەكتەپنى ياخشى ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بوھرانى سەۋەبىدىن ئىشسىز قالغان ۋە ئارزۇ قىلغان خىزمەتلەرگە ئېرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار، قوزغىلاڭ، كەڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە ئىش تاشلاش قاتارلىق ئىجتىمائىي داۋالغۇش ئالامەتلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. ھاكىمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ئەڭ كۈچلۈك تەھدىت خىتاي ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەسىدىن كېلىدۇ. چۈنكى تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۇرغۇنلىشىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمى كومپارتىيەگە قارشى تۇرۇشى مۇمكىن.

دەسلەپتە ئېنىق بولمايدۇ، چۈنكى خىتاي ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەسى ئەنئەنىۋى سىياسەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. ئەمما بۇ سىنىپنىڭ ئەزالىرى ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشقا قاتناشمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار مۇھىت ئاسراش، ئاممىۋى ساغلاملىق، مائارىپ ۋە يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ۋاسىتىلىك ھالدا نامايىشلاردا نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە، بەلكى چەت ئەلگە كۆپلەپ كۆچۈپ، غەزەپ – نەپرىتىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن.

ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشى كوممۇنىست پارتىيەسىنى قوللايدىغان قۇرۇلمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشى مۇمكىن. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن ئۆزى بىلەن ھەمكارلاشقانلارنى تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت ۋە مەنپەئەتلەر بولۇپ، يېقىنقى ئۆتمۈشتە، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ھۆكۈمەتنى مول كىرىم بىلەن تەمىنلىدى. 2008- يىلدىن 2018- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئومۇمىي پايدا ئۈچ ھەسسە ئاشتى. بۇ، پارتىيەگە كېرەكلىك مالىيە مەنبەلىرى يارىتىپلا قالماي، قول ئاستىدىكى ئاددىي – ساددا كىشىلەر، رايونلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ ئىقتىسادىي تۈرلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۆجىزىسىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئەگىشىپ، كومپارتىيە بۇ ئەمەلدارلار كۈتكەن پايدا ۋە ماددىي مەنپەئەتلەردىكى ئىمتىيازلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. شۇنداقلا، پارتىيەنىڭ سەرخىللىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئىقتىسادىي تۈرلىرى ئۈچۈن ئۆزئارا رىقابەت شەكىللەندۈرۈپ، ئۆز تۈرلىرىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەستىقىنى ئېلىشقا يۈزلىنىدۇ. ئەگەر شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» قاتارلىق دەبدەبىلىك مۇھىم پىلانلىرى داۋاملىق ئېتىبارغا ئېرىشكەن تەقدىردە، يۇقىرىقى تەرەپلەرنىڭ قۇربانلىق بېرىشى ۋە كۆپ چىقىم تارتىشىغا توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ سەرخىللار ئارىسىدىمۇ نارازىلىقلار كۈچىيىشى مۇمكىن.

بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر بېيجىڭ يەنە بىر يېڭى ۋىرۇسنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ قالسا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەجرىبىلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، ھەمدە خىتاي ئەينى زاماندا 30 مىليوندىن ئارتۇق خىتاي خەلقنى ئۆلتۈرگىنىگە ئوخشاش بىر نەچچە كۈندىلا يېڭى ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىشى مۇمكىن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى سىياسەتتە سۈزۈكلۈك ۋە سەمىمىيەتنىڭ بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان چىرىكلىكنىڭ يامرىشى، كوممۇنىست پارتىيەنىڭ بېلىنى سۇندۇرۇشى مۇمكىن. مانا بۇ ۋاشىنگتوننىڭ كۈتۈۋاتقىنى بولۇپ، بۇنداق سىياسىي چىرىكلىك، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ھۆكۈمىتىدە يۈز بەرگەندەك ھۆكۈمەت ئۆز ئىچىدىن بىر – بىرىنىڭ ئېتىنى يېيىشكە باشلاپ بارىدۇ.

بېيجىڭ، تاشقى سىياسىتىدە قەرز تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرۇۋاتقان بۇنداق ھالەتتە بىرەر ئوچۇق ئۇرۇشقا كىرگەن تەقدىردە، ئىچكى جەھەتتە كۈچلۈك ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ بېيجىڭنىڭ تىرىليون دوللارلىق غايەت زور مەبلەغ خەجلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى بېسىمنى دېمەيلا قويايلى. دېمەك، خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش خاتا سىياسەتنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت خاتالىقلار بىلەن نەچچە قاتلىنىۋاتىدۇ.

يېقىندىن بۇيان، دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كىرىزىسىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا مەركەزلەشتى. بۇ يۈزلىنىش قارىماققا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىتىگە بولغان غەزىپىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشارەت قىلىۋاتىدۇ: چۈنكى، خىتايدا گىتلېر ناتسىزىمنىڭ يېڭىدىن جانلاندۇرۇلۇشى ، بېيجىڭنىڭ قانداقلا بىر سودا ۋە سىياسىي جازاغا دۇچ كېلىشى، ئۇنىڭ چۆكۈشىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

دۇنيا جامائەتچىلىكى نەزىرىدىكى خىتاي:

ئىبنى خەلدۇن بىزگە شۇنى ئۆگىتىپ كەتكەنىدى: بويسۇندۇرۇلغۇچى تەرەپ ھۆكۈمران تەرەپنىڭ ئەنئەنىسىنى ياخشى كۆرىدۇ، چوڭ ئىمپېرىيەلەر ئۆزىنىڭ نوپۇزىنىڭ بىر قىسمىنى يۇمشاق كۈچ ۋە ئۆزلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەكتىن كىيىم-كېچەككىچە بولغان مەدەنىيەتلىرىنى تارقىتىش ئىقتىدارى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىدۇ. ئىمپېرىيەلەرنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىشتە تىلنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىقىنى دېمىسەكمۇ ھەممىگە ئايان.

ئەمما خىتايغا قارايدىغانلا بولساق ئەھۋالنىڭ تامامەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقايمىز، ئۇنىڭ تىلى ئىنتايىن قىيىن، لاتىن تىلى گۇرۇپپىسىدىكى تىللاردەك دۇنيا مىقياسىدا تارقىلالىشى ناتايىن. خىتاينىڭ يېمەك – ئىچمەك كۈلتۈرى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادىتىدىن كېلىپ چىققان كورونا ۋىرۇسى دۇنياۋى بالاغا ئايلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ نەزىرىدە ئېغىر سەلبىي ئوبرازى شەكىللەندى. دەۋرىمىزدىكى ئالەمشۇمۇل ئۇچۇرلارغا قولاي ئېرىشىش ئەۋزەللىكلىرى، كىشىلەرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن زور بىر قىسىم يەر شارىۋى يۇقۇملۇق كېسەللەر تارىخىنى بىلىۋېلىشىغا تۆھپە قوشتى. بۇ نۇقتىدا، كىشىلەر يېقىنقى زاماندا ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى يوقىتىۋەتكەن مەشھۇر «قارا ئۆلۈم» ۋاباسىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدە بايقىلىشىدىن ئىلگىرى خىتايدىن تارقالغانلىقىنىمۇ بىلىپ يەتتى. ئەمما بىز بۇ ۋابانىڭ خىتايدا دائىم يۈز بېرىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئايرىم ھالەتلەردە نەچچە ئونمىڭلىغان ۋە يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى بايقىدۇق.

سىز ئۆزىڭىز تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ياكى سىز كۆرۈۋاتقان كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! 6 يىل ئىچىدىلا دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس، ئەمما بۇ تارىختا بىر قېتىم ئەمەلىي يۈز بەرگەن.[6]

خىتاي دائىم يەرشارى يۇقۇملىرىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ كەلدى، 1990- يىللاردا تارقالغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن باشلاپ، 2002- 2003- يىللىرىدا تارقالغان سارس بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

تارىخىي جەھەتتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز مىللىتى ۋە ئاممىۋى ساغلاملىقنى قوغداشتا ئۆزىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە كېسەلگە قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى پائالىيىتىنىڭ سىياسىي مەقسەتلەرسىز بولمىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى، يەككە پارتىيەلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش دۆلەتنىڭ زۆرۈر شەرتى دەپ قارايدىغان بۇ كوممۇنىست ھۆكۈمەت، مەسىلىگە ئۆزىنىڭ خاس كۆزىدىن قارايدۇ. ماۋزېدۇڭنىڭ كېسەللىككە قارشى كۈرىشى بۇ قاراشنىڭ دەلىللىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشتە ئاممىۋى ساغلاملىق ئۈچۈندەك بىلىنىۋاتقان بۇ پائالىيىتى، ئەسلىدە ئىچكى قىسمىدىكى ئۆكتىچى تەرەپنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش، ئىچكى بىرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە كاپىتالىستىك ئىمپېرىيالىزمغا قارشى ئوت ئېچىشنى مەقسەت قىلغان ئىجتىمائىي پىروگراممىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.[7]

بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە ۋىرۇسلارنىڭ تارىخى خىتاي بىلەن چەمبەرچاس مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىتاي بۇ نۇقتىدا ئىنسانىيەتكە يەتكەن ئەجەللىك كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسىي بەلگىسىگە ئايلاندى. شۇڭلاشقا، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ دىنازاۋۇر سۈپىتىدە قانداق پەيدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئامىللار بولۇپ كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ، بىراق ئۇ، قەغەز دىنازاۋۇر، ھەقىقىي بولمىغان چىشسىز ئىقتىساد دىنازاۋۇرى، پەقەتلا رەقەملىك كۆرسەتكۈچلەر خالاس.

 خۇلاسە:

بۇ دوكلات خىتاينىڭ يەر شارىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇش سېنارىيەسى مەسىلىسىدىكى سەل قارالغان تەرەپكە مەركەزلىشىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، خىتاينىڭ ئىچىدە نامايىش ۋە قالايمىقانچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئېلىش، بېيجىڭنىڭ ئۇنى بىر تەرەپ قىلالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى، خىتاي ساقچى قىسىملىرى ۋە ھەربىي كۈچى قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن، ئەگەر ۋەزىيەت مۆلچەرلەنگەن دائىرىدىن ھالقىغان تەقدىردە، ئۇنى كونترول قىلىۋالالىغۇدەك ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بولۇپمۇ خىتاي، تارىخ بويىچە بىرلەشمە كۈچنى مەركەزگە توپلاپ كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشىمايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 15 جۇمھۇرىيەت بىر قېتىمدىلا بۆلۈنۈپ، ئارقىدىن قالغان جۇمھۇرىيەتلەر ئايرىلىپ چىققىنىدەك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى ئېھتىمالدىن يىراق.

ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاي ئۈچۈن نېگىزلىك تەھدىت ئەمەس، بۇنى ۋاشىنگتون ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما ھازىر رېئاللىقتا كۆرۈلۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭدىن كېيىنكى دەۋرگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن خىتاي ئەندىزىسىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت خالاس.

بىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە ۋىرۇس ئەھۋالى توغرىسىدىكى سۆزىمىز ھەرگىزمۇ خىتايدا داۋالاش مېخانىزمىنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھازىرقى خىتايدىكى كىشىلەرنىڭ باياشاتلىقى – پاراۋان تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۇلارنىڭ غىزالىنىش، ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ خىتاي ھوقۇقى كۈچ مەركەزلىك دۆلەت بولغاچقا، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان ھايۋانات ۋە ھاشارات بازارلىرىنى تاقىۋېتەلەيدۇ.

ئەمما ئاساسلىق مەقسەت شۇكى، ۋۇخەن ۋىرۇسى كىرىزىسىدىن كېيىن خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى مۇقەررەر ئەمەس. غەرب كۈچلىرىنىڭ ھازىرمۇ بۇ يۈكسىلىشنىڭ ئالدىنى توسۇپ قېلىش ۋە ئۇنى يېڭىش ئىقتىدارى بار؛ ئەمما دوكلاتىمىزدا تىلغا ئىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئامىللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

[1] تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەت ئەمىن نۇرمۇھەممەت. ماقالىنىڭ (دوكلات) ئەسلى مەنبەسى: الشارع السياسي.

https://politicalstreet.org/2020/05/05/%D8%A7%D9%84%D9%85%D8%B3%D8%AA%D9%82%D8%A8%D9%84-%D8%A7%D9%84%D9%85%D9%86%D8%B8%D9%88%D8%B1-%D9%87%D9%84-%D8%A7%D9%84%D8%B5%D9%8A%D9%86-%D9%82%D8%A7%D8%AF%D8%B1%D8%A9-%D8%B9%D9%84%D9%89-%D9%82%D9%8A/

[2] شادي عبد الحافظ، “وباء البيروقراطية .. لماذا تأخرت الصين بالكشف عن حجم انتشار كورونا؟”، ميدان الجزيرة، 29/1/2020.  الرابط: https://2u.pw/KgM3F

[3] فرح عصام، “تنين من ورق .. هل سقوط الصين محتوم في المستقبل المنظور؟”، ميدان الجزيرة، 21/4/2020

https://midan.aljazeera.net/reality/politics/2020/4/21/%D8%B3%D9%82%D9%88%D8%B7-%D8%A7%D9%84%D8%B5%D9%8A%D9%86

[4] يۇقارقى مەنبە قارالسۇن.

[5] يۇقارقى مەنبە قارالسۇن.

[6] فرح عصام، “مبادرة الحزام والطريق الصينية .. هل تكون سببا في نشر الموت الأسود من جديد؟”، ميدان الجزيرة، 27/3/2020. https://midan.aljazeera.net/reality/politics/2020/3/27/%D8%A7%D9%84%D8%AD%D8%B2%D8%A7%D9%85-%D9%88%D8%A7%D9%84%D8%B7%D8%B1%D9%8A%D9%82

[7] فرح عصام، “تاريخ من الفشل في محاربة الأوبئة .. هل تعلمت الصين درسها هذه المرة؟”، ميدان الجزيرة، 16/4/2020.  https://midan.aljazeera.net/reality/politics/2020/4/16/%D9%87%D9%84-%D8%AA%D8%B9%D9%84%D9%85%D8%AA-%D8%A7%D9%84%D8%B5%D9%8A%D9%86-%D8%AF%D8%B1%D8%B3%D9%87%D8%A7-%D9%87%D8%B0%D9%87-%D8%A7%D9%84%D9%85%D8%B1%D8%A9

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*