ئىسلام تەپەككۇر تارىخىغا كىرىش

2024-يىلى 28-ئۆكتەبىر

 

ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ ئېنىقلىمىسى

ئىسلام تەپەككۇرى مۇسۇلمان پەيلاسوپلار ۋە مۇتەپەككۇرلار ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنىڭ ئورتاق نامىدۇر.

ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ دائىرىسى

ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ دائىرىسىنى تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىيەلەيمىز: نەزەرىيەۋى پەلسەپە (مەنتىق ۋە مېتافىزىكا)؛ ئەمەلىي پەلسەپە (ھوقۇق، سىياسەت، ئەخلاق ۋە ئىقتىساد پەلسەپىلىرى)؛ كالام؛ تەسەۋۋۇپ؛ ئىلىم پەن پەلسەپەسى، سەنئەت پەلسەپەسى؛ دىن پەلسەپەسى؛ تىل پەلسەپەسى ۋە تارىخ پەلسەپەسى.

ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ مەنبەلىرى

ئىسلامىي مەنبەلەر: ئىسلامىي مەنبەلەر ئىسلام دىنىنىڭ ئۆز ئاساسىي مەنبەلىرىدۇر. ئىسلامىي مەنبەلەرنى ئۆز ئىچىدە ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرىنچىسى، قۇرئان؛ ئىككىنچىسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر.

قۇرئان: مەلۇم بولغىنىدەك، قۇرئان پەقەت ئېتىقاد ۋە ئىبادەتكە دائىر مەلۇمات بېرىدىغان بىر دىنىي كىتاب ئەمەس. بۇ جەھەتلەر بىلەن بىرگە، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ كۆپرەك ئىنسان، جەمئىيەت، تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەت تارىخىغا دائىر توغرا مەلۇماتلارنى بېرىدىغان بىر كىتابتۇر.

بۇ ھەرخىل تېمىلارغا ئائىت مەلۇماتلار يا قانۇن دەرىجىسىدىكى ناھايىتى كۇللىي مەلۇماتلاردۇرياكى بەزى تېمىلاردا بولغىنىدەك، ئەڭ نازۇك تەپسىلاتلارغا مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى جۈزئىي مەلۇماتلاردۇر. بۇ مەلۇماتلارنىڭ بايانىدىن تارتىپ ئۇلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان ئاساسىي ئۇقۇملارغىچە، قۇرئاندىكى ھەر بىر مەسىلە مۇسۇلمانلارنى تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىمۇ مەيلى قۇرئاننى چۈشەندۈرگۈچى سۈپىتىدە بولسۇن، مەيلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرخىل تېما ۋە مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك شەخسىي كۆز قاراشلىرى ۋە ئەمەلىيەتلىرى سۈپىتىدە بولسۇن ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا مەنبە بولغان.

 

داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*