ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشىنى ئۈن – تىنسىز قوللاۋاتامدۇ؟

2024-يىلى 3-يانۋار

 

 

خىتاينىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى (FDI) مەزكۇر دۆلەتلەردىكى يۇقىرى قاتلام سىياسەتچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىكنى ئەيىبلىشىگە توسقۇنلۇق قىلامدۇ؟

3- ئاينىڭ 22- ۋە 23- كۈنلىرى پاكىستاندا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OIC) نىڭ 48- نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىگە خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى «ئالاھىدە مېھمان» سۈپىتىدە قاتناشقان بولۇپ، بۇ ۋەقە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قەتلىئامىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ۋاڭ يى بۇ كېڭەشنى پۇرسەت بىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان ئاتالمىش ياخشىلىقلىرى ھەققىدىكى يالغان – ياۋىداقلار ۋە سەپسەتىلەرنى كۈچەپ بازارغا سېلىپلا قالماي، «خىتاي ۋە ئىسلام دۇنياسى ناھايىتى چوڭقۇر تارىخىي دوستلۇققا، ئوخشاش قىممەت قاراشلارغا ۋە ئورتاق تارىخىي نىشانلارغا ئىگە» دېدى. ۋاڭ يى يەنە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى ئارقىلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئوخشىمىغان تۈرلەرگە 400 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قارارىدىن كېيىن، ئىسلام دۈشمەنلىكى «دۇنياۋى تەھدىت» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ يەنىلا 48- نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ يادرولۇق مەسىلىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تالاش – تارتىش قىلىندى. مەزكۇر كېڭەشتە پەقەت تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرىلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئەزالىرى بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى قىسمىتىگە سۈكۈت قىلدى.

داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*