رافائېل لېمكىن بىر قېتىم مۇنداق دېگەنىدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇش ئەمەس! ئۇ ئۇرۇشتىنمۇ خەتەرلىك». بۇ سۆزدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر جەمئىيەتكە، بىر دۆلەتكە ۋە ئەڭ مۇھىمى كىشىلەرگە قانچىلىك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنىڭ پىسخىكىلىق جاراھىتى قۇربانلارنى ئۇزۇن كۈنلەر داۋامىدا ئازابلايدۇ. ئەمما، قۇربانلارغا ئوخشاشلا، جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەقەسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغاندا خاتىرجەم ۋە سالماق بولۇشى ئالىملار ۋە تارىخچىلارنى ھەيران قالدۇردى. بۇنداق قىلمىش مۇتەخەسسىسلەرنى جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ پىسخولوگىيەسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا ئۈندىدى. ئۇلار قانداق پىسخولوگىيەلىك ئامىللار جىنايەت سادىر قىلغۇچى كاتتىباشلارنى گۇناھسىز كىشىلەرنى پىلانلىق ھالدا يوقىتىش مەقسىتىدە ئۆلتۈرۈشكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشتى.
ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن پەقەت شۇ ۋەقەنىڭ يىلتىزىنى تەكشۈرۈشنىڭلا ئۆزى يېتەرلىك ئەمەس. جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ پىسخولوگىيەسى ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنى چەكلەيدىغانلارنىڭ روھىي ھالىتىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشىدۇ. نۇرغۇن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئانالىزچىلىرى دەل پىسخولوگ ۋە پىسخىك كېسەللىكلىرى دوختۇرىدۇر. ئۇلار كۆپلىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنى نورمال ئىنساندىن پەرقلەندۈرىدىغان ھەرقانداق چوڭ غەيرىي نورمال پىسخولوگىيەلىك ئامىللارنى بايقىيالمىدى. ئەمما ئۇلار جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنى ۋەھشىي ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا ياكى بۇيرۇق بېرىشكە تۈرتكە بولىدىغان بەزى ئامىللارنى ئېنىقلاپ چىقتى.
داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















