20-ئەســىر چاغــداش تىلشۇناســلىقنىڭ قۇرغۇچىســى دەپ قارالغــان فەردىنانــد دە سائۇسســۇر )de Ferdinand Saussure)، تىلشۇناســلىقىنىڭ پەقــەت ۋە پەقــەت تىلنــى تىــل ئۈچــۈن تەتقىــق قىلىدىغــان بىــر ســاھە بولۇشــى كېرەكلىكىنـى ئوتتۇرىغـا قويغـان. ئىجتىمائىـي تىلشۇناسـلىق بولسـا تىـل بىلـەن جەمئىيـەت ئوتتۇرىسـىدىكى مۇناسـىۋەتنى ھەرجەھەتتىــن كــەڭ دائىرىــدە تەتقىــق قىلىدىغــان بىــر ســاھە. تىلشۇناســلىق توغرىســىدىكى زامانىــۋى تەتقىقاتــلار گىرمانىيــە، ئامېرىــكا ۋە فىرانســىيە قاتارلىــق دۆلەتلــەردە بىــر قــەدەر بالــدۇر ئېلىــپ بېرىلىشــقا باشــلىغان. تــۈرك تىلشۇناسـلار تۈركىيەدىكـى تىـل تەتقىقاتىنىـڭ تىلشۇناسـلىق تەرەققىــي قىلغــان دۆلەتلــەر بىلــەن سېلىشــتۇرغاندا، ئــەڭ ئـاز 50 يىـل كەينىـدە قالغـان دەپ قارايـدۇ. مەيلـى تۈركچـە ياكــى ئۇيغۇرچــە بولســۇن، ئىزدىنىــپ باقىدىغــان بولســاق، ئىجتىمائىـي تىلشۇناسـلىق ياكـى تىلشۇناسـلىق توغرىسـىدىكى ماتېرىياللارنىــڭ كەمچىللىكــى بىزنــى ھەيــران قالدۇرىــدۇ.
داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















