
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
بۇ ماقالىدە، گېرمانىيەنىڭ ئون يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن خىتاي سىياسىتىنىڭ يېتىپ كەلگەن ھالقىلىق نۇقتىسى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي بېقىندىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاجىزلىقلار، كۈچىيىۋاتقان سۈركىلىشلەر، بۇ ئەھۋالنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكىگە كۆرسىتىدىغان مۇمكىن تەسىرلەر ۋە بۇ ئۆزگىرىشنىڭ خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋىتى ھەمدە خىتاي-ناتو مۇناسىۋەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان يوشۇرۇن تەسىرلىرى تەتقىق قىلىنىپ، ھازىرقى زامان گېئوپولىتىكىلىق دىنامىكىسى يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ كۆپ قاتلاملىق ۋە مۇرەككەپ بولۇشى، ئۇنى ئىلمىي نۇقتىدىن تۇرۇپ تەھلىل قىلىش ۋە كېلەچەككە قارىتا ئىستىراتېگىيەلىك باھالاش ئېلىپ بېرىشنى زۆرۈرىيەتكە ئايلاندۇرماقتا.
گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە پارادىگما ئۆزگىرىشى
گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، بولۇپمۇ يېقىنقى ئون يىلدا، ئۆزئارا بېقىندىلىقتىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي شېرىكلىكتىن ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتكە ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان گېئوپولىتىكىلىق جىددىيچىلىككە قاراپ كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرمەكتە. «Süddeutsche Zeitung» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى لېئا ساھاينىڭ (Lea Sahay) باھاسىغا قارىغاندا[1]، گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ «ۋەيرانچىلىق» بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئون يىل ئىلگىرى خىتاي «خىتايدا ئىشلەنگەن 2025» پىلانىدا سانائەت نىشانلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان، بولۇپمۇ ماشىنىسازلىق ۋە ماشىنا ئادەم ياساش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئەمما، نۇرغۇن گېرمانىيە شىركەتلىرى خىتايدىكى تىجارىتىنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق بولۇشى ۋە ئۇ يەردىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۇقىرى كىرىمگە ئېرىشىشى سەۋەبىدىن بۇ سىگناللارغا پۈتۈنلەي پەرۋا قىلمىدى. بۇ دائىرىدە، 2016-يىلى ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى «Nexperia» شىركىتى ھېچقانداق سۇئال-سوراقسىزلا بىر خىتاي مەبلەغ سالغۇچىسىغا سېتىۋېتىلدى[1].
ھازىرقى ئەھۋالدا، خىتاينىڭ سانائەت سىياسىتىنىڭ دەسلەپكى «گېرمانىيە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن خىتايدا كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش» شەكلىدىكى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مۇناسىۋەتنى «ھايات – مامات جېڭى»گە ئايلانغان بىر رىقابەتكە ئۆزگەرتكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. چوڭقۇر قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالغان ۋە ئۆز ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشنى خالايدىغان بېيجىڭ، ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى خەلقئارا بازارلارغا تۆۋەن باھا بىلەن سۈرۈپ كىرگۈزمەكتە، بۇ ئەھۋال گېرمانىيە ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنى كۈتۈلمىگەن ھايات-مامات كىرىزىسى بىلەن يۈزلەندۈرمەكتە. بۇ ۋەزىيەتنى «خىتاي شوكى 2.0» دەپ ئاتاشنىڭ ئورنىغا، گېرمانىيەنىڭ ئۆزىنىڭ «قارىغۇلارچە ئىشەنچى»نى ئېتىراپ قىلىشى دېسە تېخىمۇ توغرا بولىدۇ[1].
شۇنداقتىمۇ، بەزى گېرمانىيە شىركەتلىرى يەنىلا خىتايدىكى مەبلىغىنى ئاشۇرۇشنى، يەنى «خىتاي ئۈچۈن خىتايدا» ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆتمۈشتىكى شانلىق كۈنلەرنى قايتا ياشاش خىيالىنى قىلماقتا. ئەمما، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن پەقەت خىتاي مەنپەئەت ئالماقتا[1]. گېرمانىيەنىڭ خىتايغا بولغان ھالقىلىق ئىقتىسادىي بېقىندىلىقى پەقەت ئۆزەكلەر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. «Welt» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى دوروتېئا سىمس (Dorothea Siems) كۆرسەتكەندەك[2]، شامال تۇربىنلىرىدىن ھەربىي مەھسۇلاتلارغىچە نۇرغۇن ساھەلەردە سىيرەك تۇپراق ئېلېمېنتلىرىسىز ئىشلەپچىقىرىش قىلغىلى بولمايدۇ. خىتاي دۇنيا مىقياسىدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سىيرەك تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنىڭ %90 نى ئىشلەپچىقىرىدۇ ۋە بۇ 17 ئېلېمېنت، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون، ئېلېكتىر ماشىنا، شامال تۇربىنلىرى، نۇرغۇنلىغان داۋالاش ۋە ھەربىي تېخنىكا تۈرلىرى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىيالدۇر[2]. بېيجىڭ بۇ مونوپول ئورنىنى بارغانسېرى رەھىمسىزلەرچە ئىشلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكىنى سودا شېرىكلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر قورال سۈپىتىدە ئىشقا سالماقتا.
ئىقتىسادىي بېقىندىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاجىزلىقلار ۋە خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىرى
خىتاي نۇرغۇن ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن مونوپول ئورنىنى بارغانسېرى رەھىمسىزلەرچە ئىشلەتمەكتە. گېرمانلار «سودا جەڭچىلىرى» دېيىلگەندە ئادەتتە دونالد ترامپنى ئويلىشىدۇ، ئەمما خىتايلار تېخىمۇ ھىيلىگەرلىك بىلەن كۆپ تەرەپلىك قائىدە سىستېمىسىنى تەۋرىتىۋەتمەكتە. بېيجىڭنىڭ ئۇسۇللىرى گېرمانىيە ۋە پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ترامپنىڭ تاموژنا تەلۋىلىكىدىنمۇ كۆپ ۋەيران قىلغۇچىدۇر. مەيلى مۇھىم دورىلار، مەيلى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەر ياكى سىيرەك تۇپراق ئېلېمېنتلىرى بولسۇن، بېيجىڭ سەزگۈر ساھەلەردە غايەت زور زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش كۈچىگە ئىگە. ئەڭ يېڭى مىسال، «Nexperia» ناملىق شىركەتتىن چىقىدىغان ئالاھىدە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرگە بېقىنىپ قالغان گېرمانىيە ئاپتوموبىل سانائىتىدۇر. بۇ ئۆزەكلەر گوللاندىيەدە ئىشلەپچىقىرىلسىمۇ، ئەمما خىتايدا قاچىلىنىدۇ. بېيجىڭنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارغا ئېكىسپورت چەكلىمىسى ئېلان قىلىشى سەۋەبىدىن، گېرمانىيە ئاپتوموبىل سانائىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنىڭ يېقىندا توختاپ قېلىش خەۋپى بار. ۋولكىسۋاگېننىڭ (VOLKSWAGEN) بۇ يېڭى ناچار خەۋەردىن ئىلگىرى ۋولفسبۇرگدا (Wolfsburg) پىلانلىغان قىسقا مۇددەتلىك ئىش توختىتىشى، يېقىندا پۈتۈن ساھەگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن[2].
بۇ ئەھۋال پەقەت ئاپتوموبىل سانائىتىدەك مۇھىم بىر ساھە بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى سىيرەك تۇپراق ئېلېمېنتلىرىدىكى مونوپول ئورنىنىمۇ سودا شېرىكلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر قورال سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە. بېيجىڭنىڭ بۇ ساھەدىمۇ ئېكىسپورت چەكلىمىسى قارارىنى چىقىرىشى سەۋەبىدىن، گېرمانىيە شىركەت باشقۇرغۇچىلىرى بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا. سىمس كۆرسەتكەندەك، نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرى دۇنيا مىقياسىدا تېپىلسىمۇ، خىتايلار ئون يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى بايلىقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋالغان بولۇپ، ھازىر بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكنى ئىشلىتەلەيدىغان ئەھۋالغا كەلدى[2]. بېرلىن ھالقىلىق تېخنىكىلار ۋە مۇھىم خام ئەشيالار ساھەسىدە مونوپول ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ، بېيجىڭنىڭ ئۆز كۈچىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان مۇھىم بىر قورالى ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر. ئېلان قىلىنغان يېڭى بەش يىللىق پىلانلاردىمۇ بۇ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر مۇھىم رول ئوينايدۇ[1].
گېرمانىيە سىياسىتى ۋە شىركەتلىرىنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرۈشى
گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ بۈگۈنكى بۇ جىددى ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىغا ئاساسلىقى ئۆزى جاۋابكار. شىركەت باشقۇرغۇچىلىرى خىتايغا بولغان زور بېقىندىلىقىنىڭ بىر كۈنى ئۆزلىرىگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا يىللاردىن بۇيان پەرۋا قىلماي كەلگەن. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئىدى، بۈگۈنكى ئەھۋالمۇ بۇنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. چۈنكى خىتاي خەلقئارالىق ئادىل ئويۇن قائىدىلىرىگە نۇرغۇن جەھەتتىن خىلاپلىق قىلماقتا. شۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكانىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكىگە ئايلىنىشى يامان خەۋەردۇر. شەرقتىن كەلگەن مەھسۇلاتلار گېرمانىيە بازىرىنى بېسىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، گېرمانىيە ئېكىسپورتچىلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشى بارغانسېرى قىيىنلاشماقتا، چۈنكى خىتاي ھازىر ماشىنا ۋە ئاپتوموبىلغا ئوخشاش مەھسۇلاتلارنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى[2].
«Rheinische Post» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئانتىيې ھۆنىڭنىڭ (Antje Höning) باھاسىغا قارىغاندا[3]، قارىماققا بۇ ئۆزەك كىرىزىسى ئامېرىكا-خىتاي سودا تالاش-تارتىشىنىڭ بىر نۇقتىسى بولۇپ، گېرمانىيە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى بىگۇناھ قۇربانلارغا ئوخشايدۇ. ئەمما، يېقىندىن قارىغاندا، گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقى ئېنىق. گېرمانىيە سانائىتى كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە باشقىلارغا ھەددىدىن زىيادە بېقىنىپ قېلىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. تەمىنلەش زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قالغاندا، ئىشلەپچىقىرىش دەرھال قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا خىتاينىڭ يۇقۇمنى قامال قىلىشى تۈپەيلىدىن، ھازىر بولسا خىتاينىڭ كۈچ ئويۇنلىرى تۈپەيلىدىن ئوخشاش ئەھۋال يۈز بەرمەكتە. ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ پەقەت قىسقا مۇددەتلىك چىقىمغىلا ئەھمىيەت بېرىشى ئېنىقلا كالتە پەم بىر ھەرىكەتتۇر[3].
ئاپتوموبىل سانائىتى ئادەتتە رىقابەتنىڭ پايدىسىنى ماختاشتىن يانمايدىغان تۇرۇقلۇق، سېتىۋېلىش جەريانلىرىدا رىقابەتكە سەل قاراپ، ھازىر بۇنىڭ بەدىلىنى ئېغىر تۆلىمەكتە. ئاپتوموبىل سانائىتى ئاددىي ئۆزەكلەرنى، سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى بولسا مۇرەككەپ ئۆزەكلەرنى ئىشلىتىدۇ. سابىق ئىقتىساد مىنىستىرى روبېرت ھابېك (Robert Habeck) ئۆزەكلەرنىڭ مۇھىملىقىنى ئاللىقاچان ھېس قىلغان ئىدى، ئەمما بۇ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان سىياسىيوننىڭ يۇقىرى ياردەم پۇلى بىلەن ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۇرۇنۇشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. مەسىلىنى پەقەت ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىش ۋە ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، كەڭ دائىرىلىك تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، خىتاي ياۋروپا بازىرىدا «توسقۇنسىز» بىر شەكىلدە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ[3].
گېئوپولىتىكىلىق جىددىيچىلىكلەر ۋە دىپلوماتىك تۇيۇقلار
خىتاي تەرەپ بىلەن سىياسىي زىيارەتلەرنى پىلانلاش ھەرگىزمۇ ئاسان بولۇپ باقمىدى. «Zeit Online» تورىنىڭ مۇخبىرى ئەلىس بوتا (Alice Bota) تەكىتلىگەندەك[4]، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش-ئۆتكۈزۈلمەسلىكى ياكى مۇخبىرلارنىڭ سوئال سورىشىغا رۇخسەت قىلىنىش-قىلىنماسلىقىغا ئوخشاش ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىلەر، دىپلوماتىك ئالاقىلەرنىڭ پىلانلاش باسقۇچىدا توختىماي قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ دىپلوماتىك جەريانلاردا بايان ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى تىزگىنلەشنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە بىۋاسىتە ئالاقە قىلىشنى خالايدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن دائىم توسالغۇلارنى پەيدا قىلماقتا.
بۇ قىيىنچىلىق گېرمانىيە خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى (CDU) دىن بولغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوھان ۋادېفۇلنىڭ (Johann Wadephul) خىتايغا قىلىدىغان تۇنجى زىيارىتىنى پىلانلاش جەريانىدا روشەن گەۋدىلەندى. زىيارەتنى پىلانلاشتىكى قەدەملەر شۇنچىلىك مۇرەككەپ ۋە كۆپ ئىدىكى، ۋادېفۇل ئاخىرىدا يەكشەنبە كۈنى خىتايغا ئۇچۇشنىڭ ئورنىغا زىيارىتىنى كېچىكتۈرۈش قارارىنى ئالدى[4]. بۇ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتتىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، پەقەت ماددىي-تېخنىكىلىق توسالغۇلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىلەردىكى كۈتۈش ۋە ھەرىكەت ئۇسلۇبلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ماس كەلمەسلىكنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال ماھىيەتلىك بىر ئۆزگىرىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئالدىنقى شەرتلەرنىڭ ھازىرلانمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئەلىس بوتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋادېفۇلنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىنى كېچىكتۈرۈش قارارىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى زىيارەتلەرنى ئۆزىنىڭ سىياسىي بايانلىرىغا ئۇيغۇن بىر «تاماشا»غا ئايلاندۇرۇشىغا يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى[4]. بۇ ھەرىكەتنى گېرمانىيەنىڭ ئەمدى خىتاينىڭ دىپلوماتىك ئويۇنلىرىغا ئاسانلىقچە كەلمەيدىغانلىقىنىڭ ياكى پىرىنسىپلىرىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ۋەقە پەقەتلا كۈچىيىۋاتقان بىر ئىشەنچ كىرىزىسىنىلا ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئۆزئارا خاتا چۈشىنىشلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىدى، چۈنكى گېرمانىيە پايدىسىز ۋە يوشۇرۇن ھالدا كونترول قىلىنىدىغان شارائىتتا بىر زىيارەت ئېلىپ بارغاندىن كۆرە، ھېچ زىيارەت قىلماسلىقنى تاللىدى[4].
توقۇنۇشنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە كەلگۈسى مۆلچەرلەر
ھازىرقى سۈركىلىشلەر ۋە بېقىندىلىقتىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە تۈپ بۇرۇلۇش پەيدا قىلىدۇ. «بېيجىڭدا پەقەت بىرلا ھەمكارلاشقۇچى ئولتۇرمايدۇ»[1] تېزىسى گېرمانىيە قارار چىقارغۇچىلىرى ئارىسىدا بارغانسېرى كۆپرەك قوبۇل قىلىنماقتا. بۇ ئەھۋال، كەلگۈسىدىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئارىلىق ساقلايدىغان، تېخىمۇ ئېھتىياتچان ۋە تېخىمۇ رىقابەتچان بىر ئاساستا داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
گېرمانىيە خىتايغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن «خەۋپنى ئازايتىش»[5] ئىستراتېگىيەسىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىنىدۇ. بۇ، تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، ھالقىلىق خام ئەشيالار ئۈچۈن باشقا مەنبەلەرنى تېپىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى مەبلىغىنى «خىتاي ئۈچۈن خىتايدا» ئىستراتېگىيەسىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، يەر شارى خاراكتېرلىك تىجارىتىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭ شەكىلدە تارقىتىشى كۈتۈلىدۇ[1, 2].
خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردىكى مەبلەغ سېلىشىغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق بىر پوزىتسىيە تۇتۇلىدۇ. «Nexperia» مىسالى[1] ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ چەت ئەل تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىشىغا قارىتىلغان بەلگىلىمىلەرنى چىڭىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گېرمانىيە ياۋروپادا ئىقتىسادىي بېقىندىلىقنىڭ ئېغىر خەۋپ-خەتىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشتىن تارتىنماسلىقى كېرەك[1].
دىپلوماتىك جىددىيچىلىكلەر ۋە گېرمانىيەنىڭ بۇلارغا قارشى تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇشى، ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرنىڭ تېخىمۇ قىيىن ئۆتۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق، تەيۋەن ۋە خەلقئارالىق قائىدىگە ئاساسلانغان سىستېما قاتارلىق مەسىلىلەردە گېرمانىيەنىڭ تەنقىدىي پوزىتسىيەسى داۋاملىشىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋادېفۇلنىڭ زىيارىتىنى كېچىكتۈرۈشى بۇ قەتئىي ئىرادىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر[4].
گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتوغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى
گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي خىتاي ئىستراتېگىيەسىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى مىقياسىدا خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق ۋە ماسلاشقان «خەۋپنى ئازايتىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى «شېرىك، رەقىب ۋە سىستېمىلىق رەقىب» دەپ بېكىتكەن پوزىتسىيەسىنى مۇستەھكەملەيدۇ، ئەمما رىقابەت ۋە سىستېمىلىق رەقىب تەرەپلىرىگە تېخىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ[5, 6].
گېرمانىيە دۇچ كەلگەن بېقىندىلىق مەسىلىلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيە ئىزدەش ھەرىكىتىنى تېزلىتىدۇ. بۇ، بولۇپمۇ ھالقىلىق تېخنىكىلار، خام ئەشيالار ۋە سەھىيە ساھەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ياۋروپا ئىچىدە كۈچەيتىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاينىڭ ياۋروپا بازىرىدا «توسقۇنسىز»[3] ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى سەۋىيەسىدە سىياسەتلەر تۈزۈپ چىقىلىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئادالەتسىز سودا قىلمىشلىرى، ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى ۋە ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۆكمە قىلىشىغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك تۆكمىچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە دۆلەت تولۇقلىمىسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ تۆۋەن باھا بىلەن خەلقئارا بازارلارغا ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىشىنى سۈرۈپ كىرگۈزۈشى[1] ۋە خەلقئارالىق ئادىل ئويۇن قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشى[2]، بۇ خىلدىكى تەدبىرلەرنى زۆرۈر قىلىدۇ.
گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى قاتتىقلىشىش، ئامېرىكا بىلەن خىتاي مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ماسلىشىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم بېرىدۇ. دوروتېئا سىمس كۆرسەتكەندەك، ئامېرىكا بىلەن بولغان «قىيىن بولسىمۇ، ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان شېرىكلىك»[2]، خىتايغا قارشى تۇرۇشتا ئىستراتېگىيەلىك بىر زۆرۈرىيەتكە ئايلىنىدۇ. خىتاينىڭ كۆپ تەرەپلىك قائىدە سىستېمىسىنى «تېخىمۇ ھىيلىگەرلىك بىلەن يىمىرىۋاتقانلىقى»[2] ھەققىدىكى تونۇش بۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.
ناتو ئىچىدە خىتايغا قارىتا تېخىمۇ ئېنىق ۋە بىرلىككە كەلگەن بىر پوزىتسىيە شەكىللىنىدۇ. گېرمانىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەر (ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق) بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، خىتاينىڭ رايونلۇق تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا ھەسسە قوشىدۇ. ھۆكۈمەتلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە شىركەتلەر خىتاينى دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن بىر تەھدىت دەپ تونۇشى كېرەك[2].
خۇلاسە
گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. ئون يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن «تىجارەت ئارقىلىق ئۆزگەرتىش»[1] سىياسىتى ئورنىنى «ئىستراتېگىيەلىك خەۋپنى ئازايتىش» ۋە «سىستېمىلىق رىقابەت» ئۇقۇملىرىغا بوشاتماقتا. ئۆزەك كىرىزىسى، سىيرەك تۇپراق ئېلېمېنتلىرىغا بېقىندىلىق ۋە دىپلوماتىك جىددىيچىلىكلەرگە ئوخشاش كونكرېت مىساللار، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا بولغان بېقىندىلىقىنىڭ ھەم ئىقتىسادىي گۈللىنىشىنى ھەم سىياسىي ئاپتونومىيەسىنى تەھدىتكە ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى[1, 2].
بېيجىڭنىڭ بىر «ھەمكار»[1] ئەمەسلىكى ھەقىقىتى، گېرمانىيە قارار چىقارغۇچىلىرى ئارىسىدا بارغانسېرى كۆپرەك قوبۇل قىلىنماقتا. بۇ قوبۇل قىلىش، گېرمانىيەنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا قارشى تېخىمۇ تەشەببۇسكار ۋە ئۆزىگە ئىشەنگەن بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشكە مەجبۇرلىماقتا. گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ۋە سىياسىي رەھبەرلىكىنىڭ ئۆتمۈشتىكى «قارىغۇلارچە ئىشەنچى»[1] ۋە قىسقا مۇددەتلىك چىقىمغا ئەھمىيەت بېرىشى[3]، بۈگۈنكى ئاجىزلىقنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن.
بۇ يېڭى دەۋردە، گېرمانىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشى، ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىشى، ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە خەلقئارالىق قائىدىلەرگە ئاساسلانغان سىستېمىنى قوغدىشى ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. گېرمانىيەنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى قەدەملىرى، پەقەت ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي-ناتو مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە يەرشارى گېئوپولىتىكىلىق تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قايتىدىن شەكىللىنىشىگە ھەسسە قوشىدۇ. لېئا ساھاي تەكىتلىگەندەك، «كېچىكىپ قالغانلىق، ھېچ قىلماسلىقتىن ياخشىدۇر»[1].
پايدىلانغان مەنبەلەر:
[1] Sahay, L. (2025, 23 Ekim). Wann erkennt Deutschland endlich: In Peking sitzt kein Partner. Süddeutsche Zeitung. Erişim adresi: https://www.sueddeutsche.de/meinung/china-deutschland-vw-chipkrise-kommentar-li.3329342?reduced=true [2] Siems, D. (2025, 22 Ekim). Die Abhängigkeit von China bedroht unseren Wohlstand. Welt. Erişim adresi: https://www.welt.de/debatte/article68f8ba2f017aa2400fa9a2cb/chips-und-seltene-erden-die-abhaengigkeit-von-china-bedroht-unseren-wohlstand.html?icid=search.product.onsitesearch [3] Höning, A. (2025, 23 Ekim). Pandemie nichts gelernt. Rheinische Post. Erişim adresi: https://rp-online.de/politik/analyse-und-meinung/chipkrise-kommentar-die-autobranche-hat-aus-der-pandemie-nichts-gelernt_aid-137523801 [4] Bota, A. (2025, 24 Ekim). Lieber nicht reisen, als falsch reisen. Zeit Online. Erişim adresi: https://www.zeit.de/politik/ausland/2025-10/china-reise-johann-wadephul-besuch-verschiebung-termine [5] German Federal Government. (2023). Strategy on China. (Bu, Almanya’nın kendi Çin stratejisi belgesinde yer alan «de-risking» kavramına ve AB’nin Çin’e yönelik stratejilerine genel bir referanstır.) [6] European Commission & European External Action Service. (2019). EU-China – A Strategic Outlook. (Bu, AB’nin Çin’e ilişkin genel yaklaşımını belirleyen stratejik bir belgedir.)ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















