ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى پوزىتسىيەلىرىنىڭ ئۆزگىرىشلىرى

2020-يىلى 12-ئۆكتەبىر

مۇھەممەد ئەمىن نۇرمۇھەممەد (ئۇيغۇرى)
بەزى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سىياسىي زۇلۇم – زىيانكەشلىك قىلىش مەسىلىسى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى تاشقى سىياسەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ كەلدى. بۇ جەھەتتە بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەيدانى گەۋدىلىك بولدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى خەلقئارا سەھنىلەردە قوغداش بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مەشرۇيەت (قانۇنىي) مەنبەلىرىنىڭ بىرى. ھەتتا ئىسلام ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ ئىسمىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىلىشى بىلەن تەڭ؛ ئۇنىڭ رولى ئەقسا مەسچىتى، قۇددۇس ۋە پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن بىر پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتى – بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ بار – مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكىچە ئۆزگىرىشلىرى؛ ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسى بۇ يېڭى ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ كۈن تەرتىپىدە ئۆز ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەرەب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى قوللىشىدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئارقىغا چېكىنىش بولدى، بولۇپمۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردا تېخىمۇ شۇنداق. خىتاينىڭ غەربىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» دىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ھېچقانداق نېسىۋىسىنى ئالالمىدى. بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان بۇنىڭ بېشىدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ قاتاردا كېلىدۇ . ئەكسىچە، بۇ تەشكىلات خىتاينىڭ رايوندىكى ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ پوزىتسىيە ھەر دەرىجىلىك قاتتىق تەنقىدلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ تاشقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم دەپ قارايدىغانلا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەر بار بولۇپ؛ بېرمادىكى روھىڭيا مۇسۇلمانلىرى، جاممۇ – كەشمىر، فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى ئاراللار، تايلاند، برۇندى، كونگو، سېررالېئون قاتارلىق رايونلاردىكى جىددىيچىلىك، ئازاب – ئوقۇبەت، بىخەتەرلىكسىزلىك ۋە مۇقىمسىزلىق ئىچىدە ياشايدىغان بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. ھازىرغا قەدەر، ئەرەب دۆلەتلىرى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدىكى تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىس ۋە ئاپەتلەرنى ھەل قىلىشتا ھېچقانداق تەسىرلىك رول ئوينىمىدى، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى جاممۇ كەشمىردىن ئاپتونومىيە سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدۇر.
تۆۋەندىكى ئابزاسلار ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت تارىخىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت بولمىسىمۇ، ئەمما كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان خىتاي بىلەن بولغان ھازىرقى رېئاللىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرىقىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇقەددىمە:
زۇلۇم – سىياسىي زىيانكەشلىكنىڭ – مەنىسى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىرق، دىن ياكى سىياسىي ئېتىقاد سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەت ئادالەتسىز ۋە رەھىمسىز مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى: ھاكىمىيەت ھوقۇقتىكى چەكتىن ئېشىپ كېتىش، خالىغانچە مەجبۇرىي زورلاش ۋە ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتۇر، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
دىن، ئىرق ياكى ”ئىرقىي قىرغىنچىلىق” (Genocide) دەپ ئاتىلىدىغان سىياسىي قېرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرىدىن شۇكى؛ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە سىياسىي كونترول قىلىش مەقسىتىدە، بىر خەلق ياكى بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇۋېتىش ياكى ئۇلارنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش…
دىنىي زۇلۇم – زىيانكەشلىكلەرگە كەلسەك، ئۇ دىن ياكى مەزھەپنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ئاساس قىلغان زۇلۇم – زىيانكەشلىكنىڭ بىر تۈرىدۇر. مەسىلەن: بۇددىستلارنىڭ بىرما روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان باستۇرۇشلىرى، خېرىستىيان ئەسكەرلىرىنىڭ جەنۇبى ئافرىقا مۇسۇلمانلىرىغا زۇلۇم – زىيانكەشلىك قىلىشى، ھىندىستاننىڭ كەشمىردىكى مۇسۇلمانلارنى بوزەك قىلىشى ۋە باشقىلار.
ئېتنىك ياكى ئىرقىي قېرغىنچىلىقلارغا كەلسەك، ئۇ ھاكىمىيەت ياكى پارتىيەلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى، بېئولوگىيلىك ئوخشىماسلىق؛ يەنى تېرىنىڭ رەڭگى ۋە تىلى، مىللىتى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئوخشىماسلىقلار سەۋەبىدىن مەلۇم بىر كىشىلەر توپىغا زوراۋانلىق ۋە رەھىمسىزلىك قىلىش، ياكى سىياسىي ھوقۇقتا بىرنى باشقىلاردىن ئۈستۈن قىلىش ۋە ئۇنى سىياسىي ئىمتىيازلاردا پەرقلەندۈرۈش، شۇنداقلا بىر خەلقنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشتۇر. بۇنىڭغا مىسال ئالىدىغان بولساق؛ قارا تەنلىك ئافرىقىلىقلارنىڭ قۇل سودىسىدىكى تاۋارلارغا ئايلاندۇرۇلىشىدا ئېلىپ بېرىلغان زۇلۇم – زىيانكەشلىك بولۇپ؛ ئۇلار باشقا بىر ئىرق ۋە رەڭگە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنىڭ قۇل كىشىلەرگە ئايلىنىشىدۇر.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق (Genocide) قا كەلسەك، ئۇ مىللىي ياكى دىنىي ئاساسنى ئاساس قىلغان تاجاۋۇزچىلىق جەريانىدا قىلىنغان ۋەھشىيلىك دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. ئۇ مەلۇم بىر توپ كىشىلەرگە قارىتىلغان ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش نىيىتىدە كەڭ كۆلەملىك قاتىللىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇقۇمنىڭ ئېلېمېنتلىرىنى بېكىتىپ چىقىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئوچۇق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؛ بۇ 1948 – يىلدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى ماقۇللىغان ئەھدىنامىنىڭ 2 – ماددىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاشقا ئۇرۇنغانلىقى بولۇپ؛ بۇ ماددىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق (Genocide) نىڭ، مىللىي، ئېتنىك، ئىرق ياكى دىنىي گۇرۇپپىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىش مەقسىتىدە قىلىنغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى كۆرسىتىدۇ:
• مەلۇم بىر گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش.
• گۇرۇپپا ئەزالىرىغا ئېغىر جىسمانىي ياكى مەنىۋى جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈش.
• بۇ گۇرۇپپىنى مەقسەتلىك ھالدا ئۇنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقۇتۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ مەلۇم تۇرمۇش شارائىتىغا بويسۇندۇرۇش.
• گۇرۇپپا ئىچىدە بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشىغا تۇسالغۇلۇق قىلىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش.
• بالىلارنى گۇرۇپپىدىن مەجبۇرىي ھالدا باشقا گۇرۇپپىغا يۆتكەش.
يۇقىرىقى ئەھدىنامە 1948 – يىلى 12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن ماقۇللانغان ۋە 1951 – يىلى 12 – يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.
ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىگە قاراتقان سىياسىتى ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى ئورنىغا قايتىپ كېلىدىغان بولساق:
سىياسىي زۇلۇم – زىيانكەشلىك ۋە قاتتىق سىياسەتلەر ھەمىشە ئوخشاش كىملىك – سالاھىيەتكە ئىگە بولمىغان ھاكىمىيەتنىڭ باشقۇرۇشىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەردە يۈز بېرىدۇ. مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان باشقا دىن ياكى دىنسىز جەمئىيەتلەردە ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ خاراكتېرى بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە، بىر قىتئەدىن قىتئەگە قاراپ ئوخشىمايدۇ، بۇلار ناھايىتى كۆپ ۋە ھەرخىللىقا ئىگە. مەسىلەن، ياۋروپادىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە پۇقرالىق سالاھىيىتى – دۆلەت گىراژدانلىقى بولمىسىمۇ، مەلۇم دەرىجىدە ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئەمما بەزى ئۆز يۇرتىدا ياشايدىغان بىر قىسىم مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا كەلسەك، ئۇلار ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا ئوخشىمايدىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى ئىشغال قىلغانلىقى ياكى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئەركىنلىكىنىمۇ يۇقاتماقتا. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى زۇلۇم= زىيانكەشلىكلەر ۋە سىياسىي چەكلىمىلەر ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى: دىنىي، ئىجتىمائىي، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەپلەر.
بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مىسالى كوممۇنىست خىتاينىڭ غەربىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) دىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىدۇر، چۈنكى ئۇلار يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ئېرقىي قېرغىنچىلىقنىڭ بەش خىل تارمىقىنىڭ ھەممىسىگە ئۇچۇرماقتا. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئەرەب – خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇسۇلمانلار مەسىلىلىرىنى قوغداشنى قوللانغان ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەيدانى ھەققىدە توختالغاندا چۈشەندۈرۈلىدۇ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ.

بىرىنچى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىپادىلىرى
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەسىرلەر بويى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتالغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاينىڭ غەربىدە ياشايدىغان تۈركىي مىللەت بولۇپ، بۇ رايون شەرقتە خىتاي ۋە موڭغۇلىيە، شىمالدا رۇسىيە، غەربتە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە ھىندىستان، جەنۇبتا شىزاڭ بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەرمەيدانى كۆلىمى بىر مىليون سەككىز يۈز قىرىق سەككىز مىڭ تۆت يۈز ئون سەككىز (1 مىليون 848 مىڭ 418) كىۋادرات كىلومېتىر.
ئىسلام بۇ يەرگە ھىجرىيە 96 – يىلى / 714 – يىلى يېتىپ كەلگەن بولۇپ، مىلادىيە 322 – يىلى / 934 – يىلى سۇلتان ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان بۇ دۆلەتنىڭ دىنىنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىسلام تارىخى قاراخانىيلار دۆلىتى نامىدا موڭغۇل مۇستەملىكىسىگە تاجاۋۇز قىلغانغا قەدەر بىلىم ۋە مەدەنىيەت بىلەن ئىنتايىن گۈللەنگەن ئىدى. ئۇلار تۈركلەرنىڭ تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار 1876 – يىلى خىتاي مانجۇر ئىمپېرىيەسى بۇ رايونغا تاجاۋۇز قىلىپ، سەككىز يىل داۋاملاشقان قانلىق ئۇرۇشتىن كېيىن، يەنى 1884 – يىلى 18 – نويابىرغىچە «شەرقىي تۈركىستان» دا ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دۆلىتىنى ساقلاپ كەلگەن ۋە شۇ يىلى بۇ رايوننىڭ ئىسمىنى شىنجاڭ، – يەنى (يېڭى ئىشغال زېمىن) ياكى (يېڭى چېگرا) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان – غا ئۆزگەرتكەن.
20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئۇيغۇرلار 1933 – يىلى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» دۆلىتىنى قۇرۇپ، قىسقا مۇددەت مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ دۆلەت ئوسمانلى خەلىپىلىكى يىمىرىلگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئىنقىلاب قوزغاپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن قۇرۇلغان تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىدى. ئەپسۇس ئۇلارنى ئېزىپ سۈرۈپ كېلىۋاتقان قىزىل تاجاۋۇزچى ھۇجۇملار ئالدىدا پۇ تىرەپ تۇرالمىدى. ئۇيغۇرلار يەنە بىر قېتىم مۇستەقىل بولۇش ۋە 1944 – يىلى نويابىردا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نامىدا ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، چۈنكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ رايوننىڭ شىمالى كەڭ خەلق ئاممىسى ئىنقىلابىغا شاھىت بولغان ئىدى. ئەمما كوممۇنىست خىتاي كوممۇنىست سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن 1949 – يىلى پۈتكۈل رايوننى كونترول قىلىپ، ئىدىيە، مەدەنىيەت، ھەتتا پايدا – مەنپەئەتلىرىدە تامامەن ئوخشىمايدىغان خاراكتېرگە ئىگە بۇ دۆلەتنى ئاخىرلاشتۇردى. خىىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنكى 70 يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نوپۇس ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆپ ساندىكى خىتاي (خەنزۇلار) نى (خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مىللەت) ھەربىي، دېھقان ۋە باشقا ھەرخىل سالاھىيەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) غا كۆچۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ كۆرۈنەرلىك نوپۇس ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇيغۇرلار دەسلەپتە بۇ رايون نوپۇسىنىڭ 75% نى تەشكىل قىلغان، خىتايلار بولسا ئاران % 6 نى تەشكىل قىلاتتى. ھازىرقى ئەھۋالدا بولسا، تامامەن ئوخشىمىغان سان – سىپىرلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. چۈنكى ئۇيغۇرلار 2017 – يىلدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار % 45، خىتايلار% 40 نى تەشكىل قىلىدۇ.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۆپ يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ھەر خىل ئۇسلۇبلار بىلەن باستۇرۇپ كەلدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا، كۆپىنچە تۈرك مىللەتچىلىك ئىدىئولوگىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدىكى مىللەتچى «بۆلگۈنچىلىك» دەپ قارىغان بولسا، 2001 – يىلدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئاتالغۇسىنى سۈيئستىمال قىلىپ، ئىسلام دۈشمەنلىكىنى دۇنيا مىقياسىدا تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت تىرورىزم ھەرىكىتىنى ئاقلىدى. ئاندىن ئۆزى ئىگە بولغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىسلام كىملىكىنى ئېرىتىپ يۇقۇتۇشقا قوللاندى؛ تاكى بۇ ھالەت خىتاي ھۆكۈمىتى دائىرىلىرنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقنىڭ سىرت بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋىتىنى ئايرىشتىن باشقا، رايوننى ئەڭ قەبىھ ۋە ئەڭ ئېغىر ئىسكەنجە – قورشاۋ ۋە كونترول قىلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، پۈتۈنلەي يېپىق تۈرمىلەرگە ئايلاندۇردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا مىقياسىدا خەۋەر تور بېكەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن ئاۋاتلاشتى. بۇ ھالەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مەدەنىيەت ۋە تارىخىي يادىكارلىقلارنى چېقىش، دىنىي سىمۋوللارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىش پائالىيەتلىرىنى باشلاش ئارقىلىق مەدەنىيەت ۋە دىنىي تەرەپلەرنى نىشان قىلغان تەدبىرلىرىدىن كېيىن بولۇپ، ھازىرقى پىرېزىدېنت شى جىنپىڭ خىتاي دا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تېخىمۇ ئوچۇق نامايان بولدى.
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OIC) نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OIC) 1969 – يىلى 9 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن 25 – كۈنىگىچە ماراكەشنىڭ رابات شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام باشلىقلار يىغىنى تەرىپىدىن ماقۇللانغان قارار بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدە ئاقسا مەسچىتىگە ئوت قۇيۇشقا ئۇرۇنۇشىغا قارشى رەددىيە ئىنكاسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇنىڭ نىزامنامىسى 1972 – يىلى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا رەسمىي ئېلان قىلىنغان. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغان يېرىم ئەسىردە كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ خەلقئارالىق ھۆكۈمەتلەر تەشكىلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئەزا ھۆكۈمەت سانى جەھەتتە 57 ئەزا دۆلەت بولۇپ، 1 مىليارد 700 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان خەلىقلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار دۇچ كەلگەن كرىزىسلارنى ھەل قىلىش ۋە دۇنيادىكى ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى قوغداشنى ئۆزىگە ئالىي شوئار قىلىپ بېكىتتى. بۇ تەشكىلاتنى قۇرۇشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، يۇقارىدا دىيىلگىنىدەك پەلەستىنلىكلەرنىڭ تارىخىي ۋە قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىشىنى ياردەم بېرىش ئىدى. چۈنكى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئەرەب ۋە ئىسلام زېمىنىنى بولغان پەلەستىننى قوغداش ئۈچۈن مۇشۇنداق تەرتىپلىك تىرىشچانلىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، شۇنداقلا، بۇ زېمىننىڭ مۇسۇلمانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان رىشتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى. چۈنكى ئۇ دۇنيادىكى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە دىنىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىشلىرى، يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇن ۋە كىيىنكى مەزگىللەردە ئوچۇق ھالدا قوللىغانلىقى ئۈچۈن، گەرچە پەلەستىنلىكلەر ئۆز زېمىنىدا ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرغان ۋە پەلەستىننى دۆلەت بولۇشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار ھەربىي مەغلۇبىيىتى ۋە باشقا ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ تەۋسىيەلىرى سەۋەبىدىن 1974 – يىلىنىڭ بېشىدا ئىسرائىل دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلغان، ۋە ئىشغال قىلىنغان 1967 – يىلدىن بۇرۇنقى چېگرالارغا ئاساسلانغاندىكى، پەقەت % 22 تارىخى پەلەستىن زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىشىگە قوشۇلغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەمدى دۆلەتكە ئىگە بولالمىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي مەجلىسىدە (كۆزەتكۈچى) سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ئۇزاق ئۆتمەي، شۇنداقلا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى بىلەن، پەلەستىنلىكلەر دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى زىئونىزىم ئىدېئولوگىيەسىگە ئىرقچى ئىدېئولوگىيە سۈپىتىنى قوشۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
كەشمىر مەسىلىسىدىكى تالاش – تارتىش پەلەستىندىكى توقۇنۇشقا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇنىڭ مەسىلىسىگىمۇ ئوت تۇتۇشۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەل قىلمىغان كونا توقۇنۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەمەلىيەتتە توقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا ئانچە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ نۇرغۇن قارارلارنى چىقاردى. قوشنا ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشمۇ كەشمىر ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا تۆھپە قوشتى. كەشمىر مەسىلىسى ھازىرقى ئومۇمەن ئىسلام دۆلەتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسئۇلىيىتى ئېغىر خىرىسلارنىڭ بىرسىگە ئايلانماقتا.
ئاندىن بۇ تەشكىلاتنىڭ رولى روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۈستىگە ياغقان ئاپەت ۋە كرىزىسلىرىنى ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا ئۇرۇنۇشتا ئايان بولدى. ھەمدە ئۇ ئەمەلىي نەخمەيدانغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىش ئارقىلىق ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. بۇنىڭ جۈملىسىدىن، تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلۇددىن ئېھسانئوغلۇنىڭ بىرماغا ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ ھەقىقەتلەرنى پاكىتلىرى بىلەن تەكشۈرۈشى ۋە 2012 – يىلى راخىن ئىشتاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە مەھەللە ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىدا كۆرۈنەرلىك بولدى.
بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىرما ھۆكۈمىتى يېقىندا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ راخىن ئىشتاتىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى ئېچىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ئارقىلىق زوراۋانلىق ۋە زىيانكەشلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مايانمار ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ راخىندا ئىنسان ھەقلىرى ئىشخانىسى ئىچىشىغا يول قويمىغان بولسىمۇ، بۇ بايانات ئىلگىرى ھۆكۈمەت بىلەن ئىشخانا ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، تەشكىلاتنىڭ ئۈمىدىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى.
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى روھىڭيا مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن يەنىلا ناھايىتى ئاكتىپ ۋە جىددىي – ئالدىراش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ تۇرىدۇ. 2012 – يىلى 8 – ئاينىڭ 14 – ۋە 15 – كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن مەككە باشلىقلار يىغىنىدا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى تەيىنلەش قاتارلىقلاردا بۇ جەھەتتە ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان كونكرېت تەدبىرلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان قارارلار ماقۇللاندى. باش كاتىپ ئېھسانئوغلۇ يەنە بىرما پىرېزىدېنتى تېئىن سېئىنغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمونغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ناۋى پىللايغا ۋە بېرمادىكى دېموكراتىيە مەملىكەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئاڭسان سۇكىغا خەت ئەۋەتتى.
ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسىگە كەلسەك؛ ئۇلار ھەققىدە، بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان ھېچقانداق ئۈنۈملۈك ۋە تەسىرلىك رولى بوپ باقمىدى، چۈنكى ئۇ چىقارغان قاراردا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە كىملىكىنى قوغداشتا شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ تەكىتلىدى. ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «مۇسۇلمان پۇقرالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش تىرىشچانلىقى»نى ماختىدى. خىتاي ئۇلارنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەكىللىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئۆزىنىڭ زۇلۇم سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغانلارنى خونۇكلاشتۇرۇشتا ئاقلىغۇچى ئامىل سۈپىتىدە سۈيئىستىمال قىلىپ كەلمەكتە.
خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۆزىنى «ئىسلام دۇنياسىنىڭ كوللېكتىپ ساداسى» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان كۈزۈتىۋاتقان بولۇپ؛ ئۇنىڭ يېقىنقى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدە ئېچىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ قىرىق ئالتىنچى قېتىملىق يىغىنىدىكى پائالىيەتلىرى، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بېيجىڭدىكى خىتاي كومپارتىيەنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق ھەركەتلىرىدىن ئەپسۇسلانغان ھالەتتە كۈزەتمەكتە.

ئىككىنچى: ئەرەب – خىتاي سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى
مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا سىڭىپ كىرىش ۋە مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتكەن بىر پەيتتە، خىتايمۇ ئىمپېرىيەسىنى باشلاپ بۇ جۇغراپىيەلىك رايونلارنى مۇستەملىكە قىلىش مەقسەتىدە، خىتاي سېپىلى (سەددىچىن سېپىلى) تەرەپتىن بېسىپ كەلگەن ئىدى. ئىككى قوشۇن مىلادىيە 751 – يىلى بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى چېگراسىغا جايلاشقان تالاس شەھىرىدە ئۇچراشتى. خىتاي قاتتىق ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتتىن نەسىۋېسىنى ئېلىپ بۇ رايونلاردىن 10 ئەسىرلىك چېكىنگەن بولسا، مۇسۇلمانلار ۋە تۈركلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ھۆل – ئاساسىنى ياراتقان بىر تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەتنى قىسقا قىلىپ تۆۋەندىكىدەك تىزىشقا بولىدۇ:
1. ئەرەبلەرنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن تونۇشۇش ۋە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مۇناسىۋىتى ۋە خىتايغا قارشى ئۇرۇشى
ئۇمەۋىيلەر شاھزادىسى «قۇتەيبە بىن مۇسلىم» مىلادىيە 706 – يىلى بۇخارا ۋە مىلادىيە 711 – يىلى سەمەرقەندنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، تۈركلەر ئۆزىنى تۇنجى قېتىم يېڭى بىر دىن ۋە باشقىچە بىر مەدەنىيەتنىڭ قارشىسىدا كۆردى. يەنى، ئەرەب – ئىسلام مەدەنىيىتى ئالدىدا يۈزمۇ –يۈز كۆرۈشتى. تۈركلەر يېڭى دىنلارغا ئالدىراپ قىزىقىپ كەتمىگەنلىكتىن، دەسلەپتە راۋان ئالاقە قۇرىيالىمىغان بولسىمۇ كېيىنچە تەدىيجىي ھالدا تۇنۇشۇشقا ۋاقىت كېتەتتى. ئەمما خىتاي ئېمپراتورلۇقى ئەينى ۋاقىتتا ئابباسىيلار خەلىپىلىكنىڭ كۈچىگە خەلەل يەتكەندىن كېيىن تۈركلەرنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلىرنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، «ئىسلام دۆلىتى» يەنە مۇقىملىققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خەلىپە ئەبۇ جائفەر ئەل مەنسۇر شەرقىي تۈركىستاندا ھەربىي سەپەرۋەرلىككە تەييارلىق قىلىشقا بۇيرۇدى، شۇنىڭ بىلەن قوماندانى «ئەبۇ مۇسلىم» باشچىلىقىدىكى ئابباسىيلار ئارمىيەسى سەمەرقەندتىكى ئابباسىيلار قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىۋاتقان قوماندان «زىياد بىن سالىھ» نىڭ قوشۇنغا قۇشۇلۇشقا يۈرۈش قىلدى.
مىلادىيە 751 – يىلى 7 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئەرەب – خىتاي ئىككى قوشۇن تلاس دەرياسىغا جايلاشقان «تالاس» شەھىرى ئەتراپىدا توقۇنۇشقان، ھەمدە ئابباسىيلار شاھزادىسى بازىسىدىن يىراق بولغاچقا، ئىسلام ئارمىيەسى 50 مىڭغا يېقىن كۈچلۈك بولغان خىتاي ئارمىيەسى ئالدىدا قىيىن ئەھۋالدا قالدى. يەنە بىرى بولسا (خىتاي) ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى دۈشمىنىنى مەغلۇپ قىلىش پۇرسىتىگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ بولغان ۋاقىىتتا، ئۇشتۇمتۇق تۈركلەرنىڭ ئارىلىشىشى ئۇرۇش مەيدانىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتتى. چۈنكى خىتاي ئارمىيەسى يىگىرمە مىڭدىن ئارتۇق ئەرەب ئەسكىرىنى ئەسىر ئېلىۋالغاندىن باشقا، نەچچە مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە قورشاۋغا ئالغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ ئىسلام قۇشۇنلىرىغا قېتىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم تۈركلەر ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسلام كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيتى كارۋىنىدىكى ئورنىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى.
مىلادى 924 – يىلى، دۇنيا ئىسلام تارىخى بولۇپمۇ تۈرك تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە شاھىت بولدى، چۈنكى ئۇلۇغ خاقان ئابدۇلكەرىم «ساتۇق بۇغراخان» ئىسلام دىنىنى تۈركىيە خاندانلىقىنىڭ رەسمىي ۋە بىردىنبىر دىنى دەپ جاكارلىدى.
گېرمانىيە تارىخچىسى ۋون كاراباجاق مۇنداق دەيدۇ: «تۈركلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى، ئۇلارنىڭ تارىخ سەھنىسىدە ئىسلامنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى، دەسلەپتە چەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھادىسە سۈپىتىدە باشلاندى، ئاندىن بۇ ھادىسە دۇنيا تارىخىدا تەڭداشسىز زور تەسىر پەيدا قىلدى». ئىسلام ئۆز جۇغراپىيىسىدىكى بەزى ئىچكى ئۇرۇشلار ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم تەركىبلىرى ئارىسىدا ھاكىمىيەت ۋە كۈچنىڭ ئايلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيا تارىخىنىڭ چاقىنى ئايلاندۇرىدىغان ئاساسلىق كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. تۈرك – ئەرەب مۇناسىۋىتىمۇ مۇسۇلمانلىق رىشتىسىدە 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتى. تۈركلەرنىڭ يۇرتلىرىدىن ئۆتىدىغان يىپەك يولى ئارقىلىق ئازغىنە تىجارەت – سودىدىن باشقا ئەرەبلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئالاقە – مۇناسىۋەت بولمىدى.
2. ئەرەبلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ باشلىنىشى ۋە خاراكتېرى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنكى خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، خىتاي – ئەرەب مۇناسىۋىتى يېڭى باغلىنىش دەۋرگە كىردى، چۈنكى خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 22 دۆلەت بىلەن باغلاشقا ئۇرۇندى. بۇ دەل 1949 – يىلى ئۆكتەبىردە خىتاي كومپارتىيەسى باشچىلىقىدا قۇرۇلغان يېڭى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» نى ئىشغال قىلغان تارىختىن باشلىنىدۇ.
دەل شۇ يىلى – (1949 – يىلى 15 – ئۆكتەبىر)، ئالجىرىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزى كومىتېتى خىتاي رەئىسى ماۋ زېدوڭغا (1897 – 1976) تېلېگرامما ئەۋەتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، – شۇنداقلا تۇنىس كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ۋە ماراكەش كومپارتىيەسىنىڭ مەركىزى كومىتېتى – تەبرىكلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى خەت – ئالاقە ۋە تېلېگراممىلار باشلاندى.
ئەگەر بىز بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ باشلىنىشىغا ۋە خاراكتېرىگە ئىنچىكىلىك بىلەن قارايدىغانلا بولساق، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب ۋە خىتاي سىياسىيونلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك كوممۇنىزم ئىدىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. شۇنداقلا، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق پىرىنسىپ (كومىنىزىم) مەنپەئەتى، ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۆز – ئارا قوللاشقا ئېرىشىش ئىكەنلىكى ئاشكارا؛ چۈنكى كوممۇنىست خىتاي ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى (سوتسىيالىستىك كوممۇنىزم) پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلغان مۇستەقىللىق ئىنقىلابلىرىنى قوللىغان بولسا، بۇنىڭ بەدىلىگە، ئەرەب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كەلگەن مۇستەملىكىگە كۆز يۇمغاندىن باشقا، خىتاينىڭ يېڭى كوممۇنىزم ھاكىمىيتى ۋە «شەرقىي تۈركىستان» ئۈستىدىكى ئىستىيلاسنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى قۇللاپ بېرىش ۋە خىتاي تەشەببۇسىغا زىت پوزىتسىيەدە بولماسلىق بولدى. ئالايلۇق، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ مېۋىسىدىن، 1951 – يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە ئېلان قىلىنغان قارارىغا مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە ۋە جەنۇبىي يەمەن ئامېرىكىنىڭ كوممۇنىست خىتاينى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلدى دەپ ئەيىبلەش قارارىغا بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچتى. (كۈنىمىزدىمۇ ئوخشاش ئىش تەكرارلىنىۋاتىدۇ).
1955 – يىلى 8 – ئايدا، سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خىتاينى ماراكەش ۋە ئالجىرىيە خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىرغان ئەسلەتمە تىلگىراممىسنى تاپشۇردى؛ بۇنىڭغا جاۋابەن، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى جاۋابنامە يېزىپ، ئالجىرىيە، ماراكەش ۋە تۇنىستىكى خەلق قوزغىلىڭىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 1956 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، سۈرىيە مىنىستىرلار يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارى ماقۇللاندى، 10 – ئاۋغۇست، ئىككى ھۆكۈمەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تاشقى مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
گەرچە كوممۇنىزم ئەرەب جەمئىيەتلىرىدىن تەدرىجىي يوقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، دەسلەپتە، ئەرەب – خىتاي مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپنىڭ سوتسىيالىستىك كوممۇنىزم پىرىنسىپىدا كۈچەيگەن بولدى. ئەمما ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى 70 – يىللارنىڭ بېشىغىچە داۋاملاشتۇردى. مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ ئىشلىرىغا تەزىيە سىياسىتىگە ئاساسەن، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىسلام كېڭىشى (ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى) قۇرۇلغانغا قەدەر، خىتاي تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ مەسىلىدىمۇ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى ۋە ئۇنى (پەلەستىن مەسىلىسىنى) كوممۇنىزمنىڭ ئاككوردىسىدا ئويناشنىڭ ئورنىغا قويدى. خىتاي بۇ تەشكىلاتنىڭ مەيدانىنى قوللىغاندىن باشقا، ئەرەب دۆلەتلىرى قاتارىدا پەلەستىن ئىشلىرىنى قوللىدى. بۇنىڭ بەدىلىگە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە، بولۇپمۇ «شەرقىي تۈركىستان» دىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە كۆز يۇمدۇرۇشتا چوڭ پايدا ئايدا ئالدى. شۇنداقلا، بۇ رايوندىكى سىياسەتلىرىنى ئۆزى خالىغانچە يولغا قويۇش ئۈچۈن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىگە ئېرىشتى.
گەرچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پەقەت پەلەستىن مەسىلىسى بىلەنلا توختاپ قالمىغان بولسىمۇ، بەلكى دە تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭىيىپ، ھەرقايسى جەمئىيەتلەردىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر دۇچ كەلگەن كرىزىسلارغا ئارىلاشقان بولدى. دەرۋەقە، ئۇ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ئاساسلىق ئامىلغا ئايلاندى، شۇڭا ئۇ بەزىدە غەرب بىلەن رىقابەتلىشىدىغان ئاساسلىق كۈچ سۈپىتىدە كۆرۈنىدۇ، بۇ تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ نۇتقىدا، جۈملىدىن ئۇنىڭ 2017 – يىلى ئامېرىكا ئېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ جاكارلىغاندا قىلغان سۆزىدە: «يېرۇسالېم مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىزىل سىزىق. …» دېيىشى، ھەمدە «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى ئىستانبۇلدا باشلىقلار يىغىنىغا چاقىرىمىز» دېيىشلىرى ۋە باشقىلار… . بۇ يەردىن بىز ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى سىياسەت باشلىقلار يىغىنىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئورنىنى كۆرەلەيمىز، ئەمما ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىر قېتىممۇ بۇنىڭغا ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتۇپ باقمىدى.

4. ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ئەرەب – خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى
11 – سېنتەبىر ۋەقەسى بولسا، خىتاي تەرەپ خەلقئارا سەھنىلەردە يېڭىدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش، باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە قوللۇنۇشتا، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەت كۈرىشىدە ئامېرىكا (ئا ق ش) بىلەن رىقابەتكە چۈشۈشىدە ئەڭ چوك پۇرسەت ۋە تۇتقۇلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە قوللاندى. ھەمدە خىتاي پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى ئاساسلىق بىر يۆنىلىشكە قاراتقان بولۇپ؛ ئاستىرتتىن، “ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك زومىگەرلىكى ۋە دۇنيانى ئۆز كونتىروللىقغا ئېلىۋېلىشى 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى” دېگەن ئىددىئانى ئاستىرتتىن بازارغا سالدى.
خىتاي سىياسىي تەسىرىنى ئاسىيا رايونلىرىنىڭ نېفىتىغا مەركەزلەشتۈردى، ئۇ يەردىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتتى ۋە دۇنيانىڭ مۇھىم سۇ يوللىرىغا ھەربىي ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئاساس قىلىپ، تەشكىللىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق رايونىدا مەۋجۇتلۇقىنى تۇرغۇزۇش تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدىغان سىياسىي گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ چىقىشقا ھەرىكەت قىلدى.
ئەگەر 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىگە قارالسا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «دىن خەلقلەرنىڭ ئەپيۇنى» دېگەن پىرىنسىپىدا ئىسلامنىڭ تېرورلۇقنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنلارنى ئېلان قىلدى. ھەمدە بۇخىل قانۇنلىرىنى چىقىرىش ئارقىلىق ئىسلامنىڭ تەسىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىشنى ئاساس قىلىدىغان يوليورۇق – بەلگىلىمە چىقىرىشقا باشلىدى. نەتىجىدە، دىنىي مەكتەپلەر، مەدىرىسە ۋە كىتاپخانىلارنى تاقىدى ۋە دىنىي كىتابلارنى سېتىشنى چەكلىدى. شۇنداقلا، مەجبۇرى خەنزۇ تىلىنى يولغا قويۇش ۋە ماركسىزم كوممۇنىزم پىرىنسىپلىرىنى يولغا قويۇش ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئانا تىلنىڭ قوللىنىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق بارلىق مەكتەپ دەرسلىكىنى ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ بېكەت، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا دىنىي شوئارلارنى ئادا قىلىشى چەكلىدى. گەرچە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇندا دىنىي ئەركىنلىكنى رەسمىي ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بەزى ماددالار بولسىمۇ، ئەمما بۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغانلا بولساق، ئەمەلىيەتتە ئاممىۋى تۇرمۇشتا ھېچقانداق ئىپادىسى يوق.
4. ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى (2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى) ۋە ئەرەب باھارى
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ رايوننىڭ پايتەختى بولغان ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان تىنچ نامايىشقا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش سۈپىتىدە، 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن 7 – كۈنىگىچە، يۈزلىگەن ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، مىڭلىغانلىرىنى يارىلاندۇردى ۋە نۇرغۇنلىرى مەجبۇرىي غايىب قىلىندى. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن زۇلۇم سىياسىتى ۋە ھاياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئۇلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش نەتىجىسىدە كوچىلارغا چىققان ئىدى.
ئېنىقكى، بۇ ئەمەلىي جەريان شۇنى ئىسپاتلىدىكى؛ ئەرەب باھارى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بۇ مەسۇم خەلقنى تۈپ يىلتىزىدىن يۇقۇشۇش ياكى تامامەن خىتايچىلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇر رايونى) غا قاراتقان ئىستراتېگىيىسىدىكى كەڭ قورساقلىق ياكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ساداسى، ئەندىشىسىنى ئاڭلاش، ئارزۇسىغا قۇلاق سېلىش ئورنىغا ۋەھشىيانە زوراۋانلىق ۋە ئوچۇق – ئاشكارا زىيانكەشلىك قىلىشقىغىچە بولغان مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلانغان ئىدى. بۇنىڭ تەسىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىملىكىنى ئۆچۈرۈمەكچى بولۇۋاتقان بۇ كىشىلەرگە ناھايىتى تەسىر كۆرسەتتى. خىتاي تۈرمىلىرىدە نامايىش قىلغانلىقى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن ھەتتا مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار غايىب بولدى، نەتىجىدە بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى زور دەرىجىدە ناچارلاشتى. بۇ رايوندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېغىر جىددىيلىك ۋە قانلىق باستۇرۇشلار ۋە ساقچىلارنىڭ كۈچلۈك كونترول قىلىۋېلىشىغا شاھىت بولدى. ھەتتاكى ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەخمىنەن ئۈچ مىليون مۇسۇلماننىڭ رايوندىكى ئاتالمىش “سىياسىي تەربىيەلەش لاگىرلىرى” دا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. تۇتقۇنلار سانى داۋاملىق يېڭىلىنىۋاتىدۇ.

ئۈچىنچىسى: ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ھازىرقى سىياسىتى
خىتاي ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن شەرقىي تۈركىستان – ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى، – گەرچە ئەرەب ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىلىك ياكى ۋاستىسىز ھېچقانداق بىر باغلىنىشلىق تەسىر بولمىغان بولسىمۇ – ئەرەب باھارىغا باغلاپ، ئۆزىنىڭ ۋەھشىيانە، چەكتىن ئاشقان سىياسىي قىلمىشلىرىنى ئاقلاپ كەلدى. ئاندىن كىيىن خىتاي دائىرىلىرى تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى قويۇپ بۇ ئەرەب باھارى دولقۇنلىرى باھانىسىدە، ھەج قىلىشنى مەنئى قىلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلدى ئۇلارنىڭ ساياھەت قىلىش ئىشلىرىنى تامامەن توختىتىپ، رايوندىكى بارلىق دۆلەت تىرورى خاراكتېردىكى جىنايەتلىرىنى ياپتى.
خىتاينىڭ پوزىتسىيەسى –مەيدانى – رايوننىڭ ئەرەب باھارىدىن يۇقۇملىنىشىدىن قورقۇش بولماستىن؛ بەلكى ماھىيەتتىن ئالغاندا، خەلقئارالىق جىئوپولىتىك (جۇغراپىيەلىك سىياسەت) مەسىلىلىردە غەرب بىلەن تىركىشىشىدىن باشلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ دۇنياۋى ئىقتىسادىي قۇتۇپلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي قۇتۇپ شەكلىدە شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش ئىدى. بىر تەرەپتىن دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى ۋە ئوتتۇرا شەرق بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئىران ۋە رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملىرىدىن كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقاندەك قىلىدۇ.
ئۆزۋاقتىدا، خىتايدىكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ مەغلۇبىيتى ۋە قالايمىقانچىلىقلىرىدىن كېلىپ چىققان مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە ئىچكى كرىزىسلار 80 – يىللارنىڭ بېشىغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنى چارچىتىپ، ھۇلىنى تەۋرىتىپ قويغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى دۇنياغا تېخىمۇ ئېچىلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن ئىدى. بۇ ھالەت، ئۇنىڭغا ياۋروپا – ئامېرىكا غەربنىڭ قارشىسىدا، ئىقتىسادىي ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ھەمكارلىق ئاساسىدا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ يېڭىدىن جانلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە (1980 – 1990) ئازراق نەپەس ئېلىۋېلىش پۇرسىتى ياراتقان ئىدى. بىراق، 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنلا، خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىي كومپاسنى ئۇيغۇرلار تەرەپكە ئۆزگەرتىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپ سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئارقىدىنلا رۇسىيە، پاكىستان ۋە ئەمدىلا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان بەش يېڭى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەتراپىغا توپلاپ، ئۇنى ناھايىتى زور شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇ تەشكىلات، ئۆتكەن 19 يىلدىن بىرى ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى ئۇچرىشىدىغان ئەڭ چوڭ سىياسەت سۇپىسىغا ئايلىنىپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرتەرەپلىمىلىك ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە خەلىقىلەر ئارا ئالماشتۇرۇشۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان پاكىستان ۋە ئىراننى ئۆزىگە قۇشۇۋالدى. بۇ ھالەتتىكى خىتاينىڭ دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئالدى پەشلىكىنىڭ ئارقىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەردىن يىراق بىر چەتتە كۆمۈلۈپ قىلىيۋەردى.

تۆتىنچى: ئەرەب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سىياسىي ئىسلامغا تۇتقان پوزىتسىيسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تەسىرى
سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى ۋاھابىلىق ھەرىكىتىنى ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئاساسىي يىلتىز دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇنى چەتئەللەردىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرى قاتارىغا قويىدۇ، ھەمدە سەلەفى چاقىرىقىنى مۇسۇلمان دۆلەتلەردە، جۈملىدىن مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ رايونلىرىدا تارقىتىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇنداقلا يەنە بۇ ھەركەتلەتلەرنى ئىرانچە شىئىزىم مەزھىپىگە قارشى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە ئۇرۇنماقتا.
بۇ نۇقتىدا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇيغۇر جەمىيئىتى سوپىزم ئەقىدىسى بىلەن ئارىلاشقان ھەنەفىيلىك مەپكۈرەسىگە سادىق بولۇپ، باشتا سەلەفىزىم تەشەببۇسچىلىرنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىغان ئىدى. كېيىنچە، 1990 – يىللارنىڭ بېشىدا، رايوندا ۋاھابى ئىدىيەسى سەئۇدى ئەرەبىستان نۇسخىسىدا ئاساسلىقى ياشلار ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپتىن رايوندىكى تەسىرى كۈچلۈك ھەنەڧى ئۆلىمالىرىنىڭ رولىنى جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنسا ۋە يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ۋاھابىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دەپ ئەيىبلەپ تۈرمىگە تاشلاپ، ئۇندىن باشقا يەنە ئالىملار ۋە زىيالىيلارنى سەلەفىيلىك ياكى دىينى بۆلگۈنچىلىككە مەنسۇپ دەپ ئەيىبلەپ قالايمىقان تۈرمىلەرگە سولىغان بولسا، 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن باشلاپ ئۇلارنى پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىۋېتىش بىلەن تەڭ، ئۇلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېسداشلىقىغا تەشنا ھالەتتە، پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرىدىن يىراق تاشلىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ بۇ كوممۇنىزمچە سىياسىتىدىن خەۋەردار، ئەمما ئۇلار بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ سۈكۈت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، زۇلۇم ۋە باستۇرۇلۇشىنى ئوچۇق – ئاشكارا قىلىش پۇرسىتى بولۇپ كەلدى. بىرما بۇددىست ھۆكۈمىتىمۇ روھىڭيالىقلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىدە بۇنىڭدىن ئىلھام ئالدى.
خۇلاسىلىگەندە، خىتاي ئەرەب باھارى ئىنقىلابلىرىدىن ناھايىتى كۆپ نەپكە ئېرىشىپلا قالماي، ئامېرىكا (ئا ق ش) ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسەتلىرىگە رىقابەت ئېلان قىلدى. بۇنىڭ يارقىن مىسالى؛ ئۇنىڭ قولتۇقى دۆلەتلىرى ۋە ئوتتۇرا شەرقنى ئۇلاردىن تارتۋېلىپ ئۆز سېپىغا قۇشۇۋېلىشىدۇر. ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن، ئۆزىنىڭ خىتاي تۈر – پىلانلىرىلىرىنى بۇ دۆلەتلەرگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىنى تۇتاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى بويىچە، باشتا ئىران ۋە تۈركىيەنى، ئانىدىن كىيىن باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنى بۇ سېپىغا قوشۇۋالالىدى.

ئىلاۋە: بۇ ماقالە 2019 نويابىردا ئەرەب سىياسەتلىرى مۇنبىرىدە (Arab Policy Forum) ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خېلى زور تەسىر قوزغىغان ئىدى. ھازىر تەرجىمە قىلىندى. https://www.alsiasat.com/

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*