ئادىلجان ئەرئۇيغۇر
دۇنيــا تەرتىپــى ئۇقۇمــى يېقىنقــى بىــر نەچچــە يىلدىــن بېــرى خەلقئــارا مۇناســىۋەتلەردە كــۆپ تىلغــا ئېلىنىدىغــان ئۇقۇمغــا ئايلانـدى. بۇنىــڭ ســەۋەبىنى غەربنىــڭ كۈچىنىــڭ ئاجىزلىشىشـى، خىتـاي ۋە باشـقا ئاسـىيا دۆلەتلىرىنىـڭ بـاش كۆتۈرۈشـى بىلەن غەربنىڭ قىممەت قاراشـلىرىنى ۋە ئۇلار بەرپا قىلغـان دۇنيـا سىستېمىسـىنى رەت قىلىشـقا باشلىشـى دەپ قاراشـقا بولىـدۇ. يېڭـى دۇنيـا تەرتىپـى مەسىلىسـى ھەقىقەتەن دۇنيـا دۆلەتلىـرى يېقىندىـن كۆڭـۈل بۆلـۈپ ۋە دىققـەت قىلىـپ كېلىۋاتقـان شـۇنداقلا دۇنيـا خەلقىنىـڭ تەقدىـرى بىلـەن زىـچ مۇناســىۋەتلىك مەســىلىدىن ئىبــارەت. كىسســىنگېرنىڭ مەزكـۇر كىتابـى، دۇنيـا تەرتىپىنىـڭ نېمـە ئىكەنلىكـى، قانـداق تارىخىــي ۋە سىياســىي جەريانـلار باشــتىن كەچۈرگەنلىكــى ۋە مەۋجــۇت ھالىتىمىزنىــڭ قانــداق ئىكەنلىكــى ھەققىــدە ئەتراپلىـق، كـەڭ دائىرىلىـك ۋە تەپسـىلىي توختالغـان بولـۇپ، بــۇ ھەقتىكــى ئــەڭ مۇھىــم ئەســەرلەرنىڭ بىــرى بولــۇپ ھېســابلىنىدۇ.
داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















