دوكتور مۇستاپا تەۋفىق كارتال
ئاپتورلار: دارون ئاجەموغلۇ[1] & جامېس ئا. روبىنزون
[1] 2024 يىلىدا نوبېل ئىقتىساد مۇكاتاپىغا ئېرىشكەن شەخستۇر.
يەرشارىلىشىشنىڭ كۈچىيىشى بىلەن بىرگە دۆلەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ قىيىن بىر ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە. ئىلگىرى دۆلەت دەرىجىسىدە كونترول قىلغىلى ياكى يېتەكلىگىلى بولىدىغان ئىنفلياتسىيە قاتارلىق نۇرغۇن كۆرسەتكۈچلەر ئەمدى ھازىر چوڭ دەرىجىدە خەلقئارالىق شارائىت ۋە تەرەققىياتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. بۇ ئەھۋال پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتىلغان خىزمەتلەردە دۆلەتلەر تەرىپىدىن دىققەت قىلىنىشى كېرەك بولغان ئاساسىي ئامىلدۇر. دەرۋەقە، بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىپ زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللانغان دۆلەتلەر دۇنياۋى رىقابەتتە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن بولسا، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللانمىغان ياكى قوللىنىشتا كېچىككەن دۆلەتلەر رىقابەتتە كەينىگە چېكىنمەكتە. دۇنيا بايلىقى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىر پۈتۈن ۋە بىردىنبىر ئىكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنغاندا، بايلىق ۋە پاراۋانلىق تەقسىماتى زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللانمىغان دۆلەتلەردىن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللانغان دۆلەتلەرگە قاراپ ئېقىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، بەزى دۆلەتلەر نامراتلىشىپ تېخىمۇ ماھىيەتلىك/ۋاقتى ئۇزارغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.
بۇ تەتقىقاتتا «دۆلەتلەرنىڭ يىمىرىلىشى: كۈچ، بايلىق ۋە نامراتلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى» (كىتاب) ناملىق ئەسەرنىڭ تەھلىلى ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىتاب ھەر خىل مىساللار ئارقىلىق دۆلەتلەرنىڭ بايلىقى ۋە نامراتلىقىنىڭ ئەسلى سەۋەبلىرىنى تەكشۈرۈپ، يېڭى بىر نەزەرىيە تەۋسىيە قىلغان بىر ئەسەردۇر. كىتابتا تارىخىي/قۇرۇلمىسى جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان ياكى يېقىن/چېگرىداش دۆلەتلەردىن بەزىلىرىنىڭ باي، بەزىلىرىنىڭ بولسا نامرات بولۇشىنىڭ ئاساسلىرى تەكشۈرۈلگەن. بۇ جەھەتتە، بەزىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش)، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە ۋە ياپونىيە بىلەن خىتاي، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، ئارگېنتىنا، پېرۇ، بىرازىلىيە، ۋېنېزۇئېلا، مىسىر، تۇنىس، شىمالىي كورېيە، سىيېررا لېئونې، زىمبابۋې، بوتسۋانا ۋە سۇدان ئارىسىدا سېلىشتۇرمىلار ئېلىپ بېرىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا رىم، پرۇسىيە، سوۋېت رۇسىيەسى، ئاۋسترىيە-ماجارىستان ۋە ئوسمانىيلار قاتارلىق تارىخىي مىساللارمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.
داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















