ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
بۇ ماقالىدە، 2025-يىلى 6-نويابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە (ب د ت خ ك)، سۈرىيەنىڭ يېڭى ۋاقىتلىق جۇمھۇر رەئىسى ئەھمەد شارا ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەنەس خەتتابقا قارىتىلغان دائىش / ئەلقائىدە ئېمبارگولىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار 2793-نومۇرلۇق قارار لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىشتە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «بىتەرەپ» پوزىتسىيەسى تەھلىل قىلىنىدۇ. ئاۋاز بېرىش 14 «ماقۇل» بېلەت ۋە خىتاينىڭ بىردىنبىر «بىتەرەپ» بېلىتى بىلەن ئاخىرلىشىپ، لايىھە قوبۇل قىلىندى. بۇ ماقالىدە، بېيجىڭنىڭ ئەنئەنىۋى رەت قىلىش سىياسىتىدىن چەتنەپ نېمە ئۈچۈن بىتەرەپ قالغانلىقى، بۇ قارارنىڭ ئارقىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھېساباتلار ۋە خىتاينىڭ ئۆزگىرىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ تۈرتكە كۈچلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ماقالىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇ خىتاينىڭ سۈرىيە كىرىزىسىدا پاسسىپ رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە كۈچ بولۇشتىن ھالقىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى (بولۇپمۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى) مەركەز قىلغان تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ۋە جانلىق دىپلوماتىيەگە يۈزلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ تەھلىل خىتاينىڭ يەر شارى سىياسىتىدىكى يېڭى رول ئىزدىنىشى ۋە چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەلگۈسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم بىر ئۈلگىلىك ۋەقە تەتقىقاتى ھېسابلىنىدۇ.
ئۆزگىرىۋاتقان سۈرىيە ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ھالقىلىق ئاۋاز
سۈرىيەدە ئون يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇش 2024-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن يېڭى ۋە مۆلچەرلىگۈسىز بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. «ھەيئەت تەھرىر شام» (ھ ت ش) باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئىلگىرىلىشى نەتىجىسىدە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ۋە 2025-يىلى 29-يانۋار ۋاقىتلىق جۇمھۇر رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن ئەھمەد شارا رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش يولىنى ئىزدىدى. بۇ جەرياننىڭ ئەڭ مۇھىم قەدەملىرىدىن بىرى، شارا ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىدىكى نۇقتىلىق شەخسلەرنىڭ ب د ت نىڭ تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقىرىلىشى ئىدى. نەتىجىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش) ۋە ئەنگلىيەگە ئوخشاش غەرب دۆلەتلىرى يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تېخىمۇ يېقىن ئالاقە ئورنىتىش مەقسىتىدە، «ھەيئەت تەھرىر شام» نى ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىش يولىنى تاللىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەكس ئېتىشى سۈپىتىدە، 2025-يىلى 6-نويابىر ئا ق ش تەرىپىدىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان بىر قارار لايىھەسىدە، شارا ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەنەس خەتتابنىڭ 1267/1989/2253-نومۇرلۇق دائىش / ئەلقائىدە ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقىرىلىشى كۆزدە تۇتۇلغان ئىدى.
سۈرىيە مەسىلىسىدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئەنئەنىۋىي ھالدا رۇسىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنى نىشان قىلغان غەرب قوللىشىدىكى لايىھەلەرنى كۆپ قېتىم رەت قىلغان خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋاز بېرىشتىكى پوزىتسىيەسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. لېكىن، بېيجىڭ بۇ قېتىم قارارنى قوللىغان غەرب دۆلەتلىرىگە قوشۇلمىدى ھەمدە لايىھەنى رەت قىلىپ توسۇپمۇ قالمىدى. بۇ، خەلقئارا دىپلوماتىيەدە ئادەتتە ئېنىقسىزلىق ياكى ئىككىلىنىش دەپ چۈشىنىلسىمۇ، ئەمما خىتاي دىپلوماتىيەسىدە كۆپىنچە ھاللاردا ئاڭلىق بىر ئىستراتېگىيەنىڭ مەھسۇلى بولغان «بىتەرەپ» بېلەت تاشلاشنى تاللىدى. بېيجىڭ ئادەتتىكى ئۇسۇللارغا ئوخشىمايدىغان ھالدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رۇسىيە بىلەن ئورتاق بىر پوزىتسىيەنىمۇ شەكىللەندۈرمىدى. لايىھە 14 «ماقۇل» بېلەت بىلەن قوبۇل قىلىنغان بولسا، خىتاينىڭ بۇ بىردىنبىر بىتەرەپ بېلىتى بېيجىڭنىڭ سۈرىيە سىياسىتىدە ئىنچىكە بىر ئۆزگىرىشنىڭ سىگنالى سۈپىتىدە ئوقۇلۇشى كېرەك. بۇ ماقالە خىتاينىڭ رەت قىلىش بىلەن «ماقۇل» بېلەت تاشلاش ئارىسىدا نېمە ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر يولنى تاللىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنى ۋە بېيجىڭنىڭ سۈرىيەنىڭ يېڭى رېئاللىقىغا ھەمدە ئۆزىنىڭ يەر شارىۋى مەنپەئەتلىرىگە قانداق ماسلىشىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلىدۇ.
خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى سۈرىيە سىياسىتى: ئىگىلىك ھوقۇق ۋە رەت قىلىشلار
خىتاينىڭ سۈرىيە كىرىزىسى باشلانغاندىن بۇيانقى پوزىتسىيەسى، ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى بولغان «دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالماسلىق»، «ئىگىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش» ۋە «زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش» قاتارلىق پىرىنسىپلارنى چۆرىدەپ شەكىللەندى. بېيجىڭ بۇ پىرىنسىپلارغا ئاساسەن، سۈرىيەدىكى كىرىزىسنىڭ تاشقى ئارىلىشىشلار بىلەن ئەمەس، بەلكى «سۈرىيەلىكلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋە سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا» بولغان بىر سىياسىي جەريان بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى. بۇ پوزىتسىيە خىتاي تاشقى سىياسىتىنىڭ ئۇل تاشلىرىدىن بىرى بولۇپ، پەقەت سۈرىيەگىلا خاس بولماستىن، بېيجىڭنىڭ يەر شارىۋى مەسىلىلەرگە بولغان ئومۇمىي ياقلاشىمىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
بۇ جەريان ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنى نىشانلىغان ياكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار لايىھەلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا رەت قىلىشى بىلەن نەتىجىلىنىپ كەلدى. بۇ رەت قىلىش سىياسىتى خىتاينى غەرب دۆلەتلىرى نەزىرىدە كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان «ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قالغۇچى» بىر ئاكتىيور ئورنىغا قويغان بولسىمۇ، بېيجىڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بىر قانچە ئاساسلىق مەقسەتكە خىزمەت قىلاتتى. بىرىنچىدىن، ئا ق ش ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇش» كۈنتەرتىپىگە قارشى چىقىپ، ئۆزى «بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى» دەپ قارايدىغان قۇرۇلمىغا جەڭ ئېلان قىلىش. ئىككىنچىدىن، رۇسىيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىچىدە غەربكە قارشى ئورتاق بىر تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى كۈچ ھاسىل قىلىش ئىدى.
لېكىن بۇ سىياسەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇق ئەندىشىسى ئىدى. بېيجىڭ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش سەزگۈر ئىچكى مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن، ئۆزى «بۆلگۈنچىلىك، ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇق» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن تەھدىتلەرگە قارشى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدە ئارىلىشىش ھوقۇقىنى قوغداشتا ۋە بۇ ھەقتە خەلقئارالىق بىر ئۆرنەك يارىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلىماقتا ئىدى. سۈرىيەگە قارىتىلغان بىر تاشقى ئارىلىشىشنى تەستىقلاش، كەلگۈسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە قارشى ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلاتتى. بىراق، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىشى ۋە سۈرىيەدە يېڭى بىر سىياسىي ئاكتىيورنىڭ مەيدانغا چىقىشى، بۇ ئەنئەنىۋى ۋە قاتتىق سىياسەتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بېيجىڭنى يېڭى بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈشكە مەجبۇر قىلدى.
ئاۋاز بېرىش جەريانى ۋە خىتاينىڭ ئەندىشىلىرى: پەردە ئارقىسىدىكى مۇزاكىرىلەر
ئەھمەد شارا نىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقىرىلىشىنى كۆزدە تۇتقان قارار لايىھەسى ئۈستىدىكى مۇزاكىرىلەر خېلى «تالاش-تارتىشلىق» ئۆتتى. ئا ق ش نىڭ لايىھەسى ئومۇمەن كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، خىتاي ۋە مەلۇم دەرىجىدە رۇسىيە تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان جىددىي ئەندىشىلەر مەۋجۇت ئىدى. خىتاي دىپلوماتلىرى مۇزاكىرىلەر جەريانىدا لايىھەگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئاساسلىق ئەندىشىنى جاسارەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ئەھۋال بېيجىڭنىڭ سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرسىتىپ بەردى.
بىرىنچىسى ۋە ئەڭ مۇھىمى، چەت ئەللىك تېررورچى جەڭچىلەر مەسىلىسى ئىدى. بېيجىڭ، سۈرىيەدىكى مۇقىمسىزلىقتىن پايدىلانغان نۇرغۇنلىغان چەت ئەللىك تېررورچى جەڭچىلەرنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۆز دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت دەپ قارايدىغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» (ش ت ئى ھ) نىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ گۇرۇپپىلارغا قارشى كونكرېت ۋە قەتئىي قەدەملەرنى بېسىشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ ھەقتە كاپالەت بېرىشنى ئىستىدى. بېيجىڭغا نىسبەتەن، شارا ۋە خەتتابنىڭ تىزىملىكتىن چىقىرىلىشى، سۈرىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسئۇلىيىتىنى ئازايتماستىن، ئەكسىچە كۆپەيتىشى كېرەك ئىدى.
ئىككىنچىسى، ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش شەكلى ۋە ۋاقتى ئىدى. خىتاي، شارا ۋە خەتتابنىڭ ئىسىملىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر مۇددەتكىچە (مەسىلەن بىر يىل) تىزىملىكتىن چىقىرىلىشىنى ۋە بۇ مۇددەت ئاخىرلاشقاندا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋەزىيەتنى قايتا كۆزدىن كۆچۈرۈشىنى تەكلىپ قىلدى. بۇ تەكلىپ بېيجىڭنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتكە تولۇق ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىسىنى كۆرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر «نازارەت قىلىش مېخانىزمى» قۇرۇش تىرىشچانلىقى ئىدى. ئەمما بۇ تەكلىپ لايىھەنىڭ ئاخىرقى تېكىستىگە كىرگۈزۈلمىدى ۋە بۇ خىتاينىڭ ئەندىشىلىرىنىڭ تولۇق ھەل بولمىغانلىقىنىڭ بىر ئىشارىتى بولدى.
ئا ق ش نىڭ، شارا نىڭ ۋاشىنگتونغا قىلىدىغان زىيارىتىدىن ئىلگىرى لايىھەنى تېزلىكتە ئاۋازغا قويۇش ئارزۇسى، خىتاينىڭ بۇ ئەندىشىلىرىنىڭ تولۇق ھەل قىلىنماسلىقىغا سەۋەب بولدى. خىتاي 4-نويابىر لايىھەنىڭ «جىمجىتلىق تەرتىپى»نى [i]بۇزۇپ، لايىھەگە بولغان قارشىلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئەتىسى ئا ق ش نىڭ تېكىستكە چەت ئەللىك تېررورچى جەڭچىلەر مەسىلىسىدە بەزى كىچىك ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ، لايىھەنى بىۋاسىتە ئاۋازغا قويۇشى بېيجىڭنى قانائەتلەندۈرمىدى. خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى فۇ سۇڭ ئاۋاز بېرىشتىن كېيىنكى باياناتىدا، لايىھەنى سۇنغان دۆلەتنىڭ (ئا ق ش) «بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئورۇنلۇق ئەندىشىلىرىنى تولۇق ئاڭلىمىغانلىقىنى» ۋە «ئۆزىنىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن كېڭەشنى زورلىغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
بىتەرەپ قارارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەھلىلى: نېمە ئۈچۈن رەت ئەمەس؟ نېمە ئۈچۈن «ماقۇل» ئەمەس؟
خىتاينىڭ بىتەرەپ قېلىش قارارى بىر ئىككىلىنىش پەيتى ئەمەس، ئەكسىچە كۆپ قەۋەتلىك ۋە ئاڭلىق بىر دىپلوماتىك مانېۋىر ئىدى. بۇ قارار بېيجىڭنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان رايونلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئاساسلىق دۆلەت مەنپەئەتلىرى ئارىسىدا نازۇك بىر تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بېيجىڭنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقا ئىككى ئېنىق تاللاش، يەنى رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ياكى لايىھەگە «ماقۇل» بېلەت بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىش كېرەك.
ئالدى بىلەن، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلايلى. رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى سۈرىيە سىياسىتى بىلەن دەسلەپكى قاراشتا ماس كېلىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۆزگەرگەن شارائىت ئاستىدا بېيجىڭ ئۈچۈن خېلىلا قىممەتكە چۈشىدىغان ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن خاتا بىر تاللاش بولاتتى. ئەڭ مۇھىمى، لايىھەنى رەت قىلىش، شارا رەھبەرلىكىدىكى يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئەڭ باشتىلا مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلاش دېگەنلىك بولاتتى. خىتاي سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇلۇش جەريانىدا مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلەرگە ئىگە بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن دىيالوگ يوللىرىنى ئوچۇق تۇتۇشنى خالايدۇ. رەت قىلىش بېيجىڭنى «يېڭى سۈرىيەنىڭ قارشى تەرىپىدىكى كۈچ» ئورنىغا ئىتتىرىپ، بۇ يوشۇرۇن پۇرسەتلەرنى يوققا چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قالغان 14 ئەزاسىنىڭ ھەممىسى قوللىغان بىر لايىھەنى يالغۇز رەت قىلىش، خىتاينىڭ خەلقئارادا بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتقان «ئىجابىي يەر شارىۋى كۈچ» ئوبرازىغا ئېغىر دەرىجىدە زىت كېلەتتى. بۇ ئەھۋال، بېيجىڭنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان جاھىل ۋە ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قالغۇچى بىر ئاكتىيور ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى غەرب مەنبەلىك تەنقىدلەرنى توغرىلاپ، خىتاينى دىپلوماتىك يېتىم قېلىشقا سۆرەيتتى. ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەمدى مەۋجۇت بولمىغان بىر شارائىتتا، كونا ھاكىمىيەتنى قوغداشقا ئۇرۇنغاندەك ھېس قىلىنىدىغان بىر رەت قىلىش، خىتاينىڭ سۈرىيەدىكى يېڭى رېئاللىقنى توغرا ئوقۇيالمىغانلىقى ۋە جانلىق سىياسەت تۈزەلمىگەنلىكى ھەققىدىكى تەنقىدلەرگە يول ئاچاتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، لايىھەگە «ماقۇل» بېلەت بېرىشمۇ خىتاينىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەيدانى بىلەن ماس كەلمەيتتى. «ماقۇل» بېلەت بېرىش، خىتاينىڭ مۇزاكىرىلەر جەريانىدا قەيسەرلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە چەت ئەللىك تېررورچى جەڭچىلەر مەسىلىسىدىكى جىددىي ۋە خىتاي نۇقتىسىدىن قانۇنلۇق خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرىنىڭ تولۇق ھەل قىلىنمىغانلىقىدەك رېئاللىققا كۆز يۇمۇشى دېگەنلىك بولاتتى. بۇ، بولۇپمۇ ئىچكى جامائەتچىلىك ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى ئالدىدا ئاقلاش تەس بولغان بىر پوزىتسىيە بولاتتى. بېيجىڭ ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى بىر كوزىر سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە كونكرېت قەدەملەرنى بېسىشقا ۋە ھەمكارلىشىشقا زورلاشنى ئويلىماقتا ئىدى، «ماقۇل» بېلەت بۇ كوزىرنى بالدۇرلا قولدىن چىقىرىۋېتىش دېگەنلىك بولاتتى.
ئاخىرىدا، «ماقۇل» بېلەت خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيەسى جەھەتتىنمۇ مەسىلە پەيدا قىلاتتى. بۇ، ئا ق ش تەييارلىغان ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن ئىلگىرى سۈرگەن بىر لايىھەگە شەرتسىز قوللاش دېگەنلىك بولاتتىكى، بۇ بېيجىڭنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق بىر دۇنيا تەرتىپىنى ئىزدىشى بىلەن ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى. ئۇندىن باشقا، مۇزاكىرىلەر جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەندىشىلىرىگە ھەمدەم بولغان رۇسىيە بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى ماسلىشىشچانلىقىنى بۇزۇش خەۋپىنىمۇ ئېلىپ كېلەتتى. شۇڭا، بىتەرەپ قېلىش خىتاي ئۈچۈن ھەم خەتەرلەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدىغان، ھەم ئىستراتېگىيەلىك جانلىقلىق بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق تاللاش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.
بىتەرەپلىكنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرى: شەرتلىك ھەمكارلىق ۋە ئەمەلىيەتچىل دىپلوماتىيە
بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بىتەرەپلىك خىتاي ئۈچۈن ئەڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللاش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ بېلەت بىر ھەرىكەتسىزلىك ياكى ئىككىلىنىش ھالىتى ئەمەس، ئەكسىچە بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە نىشانغا خىزمەت قىلىدىغان مۇرەككەپ ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن تەڭشەلگەن بىر دىپلوماتىك ئۇچۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۇچۇرنىڭ ئوخشىمىغان قاتلام ۋە ئوخشىمىغان قەۋەتلىرى بار.
بىرىنچىدىن، بۇ قارار يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان ئېنىق بىر ئۇچۇردۇر: «ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلمايمىز ۋە سىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا، سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇشقا تەييارمىز. ئەمما بۇ ھەمكارلىقىمىز شەرتسىز ئەمەس. بىز ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق شەرت، دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزگە بولغان تەھدىتلەرنى، بولۇپمۇ زېمىنىڭلاردىكى ش ت ئى ھ ئۇنسۇرلىرىنى يوقىتىشىڭلاردۇر.» باش ئەلچى فۇ سوڭنىڭ، سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى، كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى» تەكىتلىشى، بۇ شەرتلىك ھەمكارلىق تەكلىپىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئىككىنچىدىن، بۇ بىتەرەپ بېلەت ئا ق ش ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان بىر ئۇچۇردۇر: «سۈرىيەدە مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ۋە ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تىرىشچانلىقلارغا كۆلەڭگە چۈشۈرمەيمىز، ئەمەلىيەتچىل قەدەملەرنى قوللىيالايمىز. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتلىرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەندىشىلىرىمىزگە سەل قارالغاندا، سىلەر يېتەكچىلىك قىلغان تەشەببۇسلارغا ئاپتوماتىك ھالدا ماقۇللۇق بەرمەيمىز.» بۇ، خىتاينىڭ ھەم ھەمكارلىققا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، ھەم ئۆزىنىڭ قىزىل سىزىقلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان، ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيەسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىر پوزىتسىيە. بۇ پوزىتسىيە بېيجىڭنىڭ ئەمدى يەر شارىۋى مەسىلىلەردە پەقەت بىر ئەگەشكۈچى ئەمەس، بەلكى ئۆز كۈنتەرتىپى بولغان بىر ئاكتىيور ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ.
خۇلاسە: خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسى
خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بىتەرەپ بېلىتى، بېيجىڭنىڭ سۈرىيە ۋە ئومۇمەن ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە مۇھىم بىر تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قارار خىتاينىڭ ئەمدى رايوندىكى كىرىزىسلارغا پەقەت ئىدېئولوگىيەلىك پىرىنسىپلار (ئىگىلىك ھوقۇق، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىۋالماسلىق) ياكى چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى (ئا ق ش قا قارشى رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىش) نۇقتىسىدىنلا قارىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە، بېيجىڭ كۈنسېرى ئۆزىنىڭ كونكرېت دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى (بۇ ۋەقەدە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقى) مەركەز قىلغان، جانلىق، ئەمەلىيەتچىل ۋە كۆپ يۆنىلىشلىك بىر دىپلوماتىيە يۈرگۈزمەكتە.
بىتەرەپلىك بىر ھەرىكەتسىزلىك ئەمەس، بەلكى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلانغان بىر ھەرىكەتتۇر. بۇ ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق خىتاي، بىر تەرەپتىن يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ھەمكارلىقنى ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىك شەرتلىرىگە باغلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەم ئا ق ش غا، ھەم رۇسىيەگە تەڭپۇڭ ئۇچۇرلارنى بېرىپ، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر تورىدا ئۆزىگە خاس بىر مانېۋىر بوشلۇقى ياراتتى. بۇ ۋەقە خىتاينىڭ يەر شارىۋى مەسىلىلەردە رەت قىلىش ھوقۇقىنى بارغانسېرى ئاز، دىپلوماتىك ۋاسىتىلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ خىل ۋە مۇكەممەل بىر شەكىلدە ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى ئېنىقسىزلىقىنى ساقلاپ قېلىۋاتقاندا، بېيجىڭنىڭ بۇ «شەرتلىك ۋە ئەمەلىيەتچىل» ئۇسۇلىنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى ۋە دۇنيادىكى رولىنى داۋاملىق شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە خىتاي، سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانىنىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە خىتاي دىپلوماتلىرى بىلەن ھەربىي ھەيئىتىنىڭ شامنى زىيارەت قىلىشى جەريانىدا، ب د ت مۇھىتىنىڭ سىرتىدا سۈرىيەدىكى مەنپەئەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى مۇمكىن.
ئىزاھات:
[i] جىمجىتلىق تەرتىپى (Silence Procedure): ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر قارار لايىھەسى ئۈستىدە ئومۇمىي بىرلىك ھاسىل قىلىنغاندا، تېكىست مەلۇم بىر مۇددەتكىچە (ئادەتتە 24 سائەت) «جىمجىتلىق»قا قويۇلىدۇ. بۇ جەرياندا ھېچقانداق ئەزا دۆلەت قارشى چىقمىسا، لايىھە ماقۇللانغان ھېسابلىنىدۇ. بىرەر ئەزا دۆلەتنىڭ قارشى چىقىشى «جىمجىتلىقنى بۇزۇش» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە تېكىستنىڭ قايتا مۇزاكىرە قىلىنىشى ياكى بىۋاسىتە ئاۋازغا قويۇلۇشى كېرەك بولىدۇ.
مەنبە:
United Nations. (2025, 6 Kasım). Security Council Removes Sanctions on Two Syrian Nationals, Adopting Resolution 2793 (2025) by Vote of 14 in Favour, with 1 Abstention. Press Release SC/16214.
https://press.un.org/en/2025/sc16214.doc.htm
Çin Halk Cumhuriyeti’nin Birleşmiş Milletler Daimi Temsilciliği. (2025, 6 Kasım).傅聪大使在安理会表决调整涉叙利亚制裁决议草案后的解释性发言 (Büyükelçi Fu Cong’un Suriye Yaptırımlarını Ayarlayan Karar Tasarısının Oylanmasının Ardından Yaptığı Açıklayıcı Konuşma).
https://un.china-mission.gov.cn/hyyfy/202511/t20251107_11748660.htm
Xinhua Net. (2025, 7 Kasım). 中国代表对涉叙决议未能回应有关各方合理关切表示遗憾 (Çin Temsilcisi, Suriye Kararının İlgili Tarafların Makul Endişelerine Yanıt Verememesinden Üzüntü Duyduğunu Belirtti).
http://www.news.cn/world/20251107/2dfec18430e94111ac47a5980c73088a/c.html
Security Council Report. (2025, 5 Kasım). Counter-Terrorism: Vote on a Draft Resolution Amending the 1267/1989/2253 ISIL/Da’esh and Al-Qaida Sanctions List. What’s In Blue.
https://www.securitycouncilreport.org/whatsinblue/2025/11/counter-terrorism-vote-on-a-draft-resolution-amending-the-1267-1989-2253-isil-daesh-and-al-qaida-sanctions-list.php
Reuters. (2025, 6 Kasım). UN Security Council removes sanctions on Syria’s president, interior minister.
https://www.reuters.com/world/middle-east/un-security-council-removes-sanctions-syrias-president-interior-minister-2025-11-06/
The New York Times. (2025, 6 Kasım). U.N. Security Council Lifts Sanctions on Syria’s New Leader.
https://www.nytimes.com/2025/11/06/world/middleeast/unsc-syria-al-shara-sanctions-removed.html
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















