20ئەســىرنى ئىنســانىيەت تارىخىدىكــى دەۋر بۆلگــۈچ يېڭىلىقــلار ئــەڭ كــۆپ يــۈز بەرگــەن بىــر ئەســىر دېيىشــكە بولىــدۇ. بــۇ بىــر ئەســىردە ئىككــى قېتىــم دۇنيــاۋى ئــۇرۇش يــۈز بــەردى. ئاتــوم بومبىســى كەشــىپ قىلىنــدى ۋە ئىنســانلار ئۈســتىدە ســىناق قىلىنــدى. ئىنســانىيەت تۇنجــى بولــۇپ تاشــقى پالنېتلارغــا قــەدەم قويــدى. پــەن – تېخنىكىنىــڭ زور دەرىجىــدە تەرەققىــي قىلىشــى بىلــەن يىــراق مۇســاپىلەر قىســقىراپ، دۇنيــا ئاللىقاچــان بىــر كىچىــك »كەنت«كــە ئايلانـدى. ھالبۇكـى، ئىنسـانلار ۋە ئىنسـانلارنى ئاسـاس قىلغـان دۆلەتلــەر ئارىســىدىكى مۇســاپىلەرنىڭ يېقىنلىشىشــى، بىــر تەرەپتىــن ئىقتىســاد ۋە مەدەنىيەتنىــڭ تارىختــا مىســلى كۆرۈلمىگـەن دەرىجىـدە ئۆزئـارا ئۆتۈشۈشـىگە يـول ئېچىـپ، يـەر شارىلىشىشـنى كەلتـۈرۈپ چىقارغـان بولسـا، يەنە بىـر تەرەپتىن چەكلىــك بايلىــق مەنبەلىرىگــە بولغــان ھېرىســمەنلىك ۋە ئىدېئولوگىيەلىـك ئۈسـتۈنلۈك تالىشـىش خاھىشـى دۇنيانـى قۇتۇپلارغــا ئايرىۋەتتــى.
داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















