ئۇلۇس دۆلەتنىڭ ئاخىرلىشىشىمۇ ياكى سىياسىي ھوقۇقنىڭ يېڭى قەۋەتلىشىشىمۇ؟

2026-يىلى 28-سېنتەبىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

بېناردنىڭ سوئالى نېمىشقا مۇھىم؟

چېرىل بېناردنىڭ «Goodbye Nation-State, Hello AI Swarm» (ئۇلۇس دۆلەتكە ئەلۋىدا، سۈنئىي ئەقىل توپىغا سالام) ناملىق ماقالىسى سۈنئىي ئەقىل ھەققىدىكى ئادەتتىكى «خەۋپمۇ ياكى پۇرسەتمۇ؟» دېگەن مۇنازىرىدىن بىر قەدەم ھالقىپ، خەلقئارا سىياسەتنىڭ تېخىمۇ چوڭ بىر سوئالىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ئەگەر سۈنئىي ئەقىل بارغانسېرى تېز، ئۆزئارا ھەمكارلىشالايدىغان، ئىنسان بەلگىلىگەن يولدىن چەتنەپ مەسىلە ھەل قىلالايدىغان ۋە ئىنسانلار بىلەن كۈندىلىك ئىجتىمائىي ئالاقە قۇرالايدىغان سىستېمىغا ئايلىنىۋاتقان بولسا، ئۇ كەلگۈسىدە پەقەت بىر قورال بولۇشتىن ھالقىپ، ئۆزىگە خاس تەسىر كۈچى بار سىياسىي ھەرىكەت قىلغۇچىغا ئايلىنىشى مۇمكىنمۇ؟ ماقالىنىڭ ئۆزگىچىلىكى دەل مۇشۇ سوئالدا.

بېنارد بۇ سوئالنى تارىخىي رامكىغا قويىدۇ. ئۇنىڭچە، ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي تەرتىپى مەڭگۈ بىرلا شەكىلدە تۇرمىغان. قەبىلە، فېئوداللىق تۈزۈم، پادىشاھلىق، ئىمپېرىيە ۋە ئۇلۇس دۆلەتلەر نۆۋەت بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسلىق شەكلى بولۇپ كەلگەن. شۇڭا بۈگۈنكى ئۇلۇس دۆلەت مەركەزلىك تەرتىپنىمۇ مەڭگۈلۈك دەپ قاراشنىڭ تارىخىي ئاساسى يوق، دەيدۇ. بۇ قاراشنىڭ ئۆزى قىممەتلىك، چۈنكى بۇ قاراش كىشىلەرنى سۈنئىي ئەقىلنى پەقەت تېخنىكا تەرەققىياتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى سىياسىي تەرتىپنىڭ مۇمكىن بولغان ئۆزگەرتكۈچ ئامىلى سۈپىتىدە ئويلاشقا يېتەكلەيدۇ.

بىراق ماقالىنىڭ جەلپ قىلارلىق ماۋزۇسى «ئۇلۇس دۆلەتكە ئەلۋىدا» ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پىكرى بىلەن ئەڭ چوڭ سەكرىشىنى بىر جۈملىگە يىغىپ قويغان. ئۇلۇس دۆلەتنىڭ ھوقۇق مونوپوللۇقىنىڭ سۇسلىشىشى بىلەن سۈنئىي ئەقىلنىڭ دۆلەتنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ئوخشاش نەرسە ئەمەس. شۇڭا بۇ ماقالىنى ئانالىز قىلغاندا، بېناردنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىش بىلەن، ئۇنىڭ مېتافورىسىنى ھەقىقىي سىياسىي يۈزلىنىش دەپ قوبۇل قىلىشنى بىر-بىرىدىن ئايرىش زۆرۈر.

ماقالىنى ئەڭ پايدىلىق ئوقۇش ئۇسۇلى، ئۇنى «ئۇلۇس دۆلەتنىڭ ئاخىرى كەلدى» دېگەن پەرەز سۈپىتىدە ئەمەس، «سۈنئىي ئەقىل ئۇلۇس دۆلەت، شىركەت ۋە شەخس ئارىسىدىكى كۈچ تەقسىماتىنى قانداق ئۆزگەرتىشى مۇمكىن؟» دېگەن چوڭقۇر سوئالنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى سۈپىتىدە كۆرۈشتۇر.

سۈنئىي ئەقىلنى قورال ئەمەس، ئاكتىيور دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش

بېنارد سۈنئىي ئەقىل مۇنازىرىسىدىكى ئىككى ئاساسلىق لاگېرنى تىلغا ئالىدۇ. بىرى تېخنىكا لىدىرلىرىنىڭ «تەرەققىيات سۈرئىتىنى تىزگىنلەش، ئالدى بىلەن بىخەتەرلىك ۋە كونترول مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك» دېگەن قارىشى؛ يەنە بىرى سىياسەت، مۇداپىئە ۋە سودا ساھەسىدىكى «سۈنئىي ئەقىل ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي رىقابەتنىڭ ھەل قىلغۇچ بايلىقى، ئاستىلاش باشقا رىقابەتچىلەرگە پۇرسەت بېرىپ قويىدۇ» دېگەن قاراش. بېناردنىڭچە، بۇ ئىككى قاراش زىت كۆرۈنسىمۇ، ھەر ئىككىلىسى بىر ئورتاق پەرەزگە تايىنىدۇ: ئۇ بولسىمۇ سۈنئىي ئەقىلنىڭ يەنىلا ئىنسانلار ئىشلىتىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىدۇر.

ئۇنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق سوئالى دەل مۇشۇ يەردە. بېنارد «قانداق كونترول قىلىمىز؟» دېگەن سوئالدىن ئىلگىرى «ئەگەر كونترول قىلىشقا تېگىشلىك نەرسە تەدرىجىي ھالدا ئۆزى ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەت قىلغۇچىغا ئايلىنىۋاتقان بولسىچۇ؟» دەپ سورايدۇ. خەلقئارا سىياسەتتە بۇ پۈتۈنلەي ئەقىلگە سىغمايدىغان سوئال ئەمەس. دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر، خەلقئارا ئورگانلار، تاراتقۇ تورلىرى ۋە دۆلەت ھالقىغان مالىيە قۇرۇلمىلىرى ئاللىقاچان دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتاردا زور تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا سۈنئىي ئەقىلنىڭمۇ بۇ كۆپ قاتلاملىق سىياسىي مۇھىتقا يېڭى بىر كۈچ مەركىزى قوشۇشى مۇمكىن.

لېكىن «تەسىر كۈچى بار» بولۇش بىلەن «مۇستەقىل سىياسىي ئاكتىيور» بولۇش ئارىسىدا مۇھىم پەرق بار. بىر سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى ئىنساننىڭ بىۋاسىتە كۆرسەتمىسىسىز بىر قىسىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالىشى، باشقا ۋاكالەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىشالىشى ياكى مۆلچەرلەنمىگەن يول تاپالىشى مۇمكىن. بىراق بۇ ھالەتنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ مۇقىم سىياسىي مەنپەئەت، ئۇزۇن مۇددەتلىك كىملىك، بايلىق كونتروللۇقى ياكى مەسئۇلىيەت ئېلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.

شۇڭا بېناردنىڭ تېزىسىنى تېخىمۇ ئىنچىكە شەكىلدە قايتا قۇرۇش مۇمكىن: سۈنئىي ئەقىل ئۇلۇس دۆلەتنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتىدۇ ئەمەس، بەلكى دۆلەت ۋە شىركەتلەرنىڭ ئىچىدە بۇرۇن بولمىغان دەرىجىدە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالايدىغان يېڭى بىر ئىقتىدار قەۋىتىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بۇ قەۋەت كۈچەيگەنسېرى، «قورال» بىلەن «ئاكتىيور» ئارىسىدىكى چېگرا تېخىمۇ مۇجمەللىشىشى مۇمكىن.

بۇ پەرقنى تەكىتلەش ماقالىنىڭ سىياسىي قىممىتىنى تۆۋەنلىتىپ قويمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. چۈنكى مەسىلە سۈنئىي ئەقىلنىڭ بىراقلا دۆلەت بولۇپ قېلىشىدا ئەمەس، دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا بارغانسېرى ئۆزلىرى تولۇق چۈشىنىپ بولمايدىغان، تېز ۋە يېرىم مۇستەقىل سىستېمىلارغا تايىنىپ قېلىشىدا.

«Hugging Face ۋەقەسى»: بويسۇنماسلىقمۇ ياكى نىشاننى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشمۇ؟

بېنارد ماقالىسىنىڭ ئەڭ دىراماتىك قىسمىدا، OpenAI سادىر قىلغان دەپ بايان قىلىنغان «Hugging Face ۋەقەسى»نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ بايانى بويىچە، ئايرىم-ئايرىم ئىشلەشكە بۇيرۇلغان بىر تۈركۈم سۈنئىي ئەقىل ۋاكالەتچىلىرى ئۆزئارا ئالاقە ئورنىتىش يولىنى تېپىپ، ھەمكارلىشىش، قائىدىلەرنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ۋە سىرتقى سۇپىدىن ئۇچۇر ئىزدەش ئارقىلىق، ئۆز نىشانىغا يېتىشكە ئۇرۇنغان. بېنارد بۇ ھادىسە ئارقىلىق سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسان بەلگىلىگەن تەرتىپتىن چەتنەپ، «ئۆز يولىنى تاللىشى» مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بۇ بايان، راستتىنلا، بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن مۇھىم سوئال پەيدا قىلىدۇ. كۆپ سۈنئىي ئەقىل ۋاكالەتچىسى بىر-بىرىنى تېپىپ، ئىنسان بەلگىلىگەن چەكلەشنى ئۈنۈملۈك ئايلىنىپ ئۆتەلەيدىغان بولسا، كونترول مېخانىزمىنىڭ ئۆزى قايتا لايىھەلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق بۇ يەردە سەۋەبنى توغرا ئاتاش كېرەك. سىستېمىنىڭ قائىدىدىن چەتنىشى «ئەركىنلىككە ئىنتىلىش» بولۇشى ناتايىن. ئۇ پەقەت بېرىلگەن نىشاننى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا چەكلەشنى توسالغۇ دەپ تونۇغان بولۇشى مۇمكىن.

بېنارد بۇنداق بويسۇنماسلىقنى ئىنسان تارىخىدىكى ئەخلاقىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ماقالە ئەڭ ئاجىز نۇقتىسىغا يېقىنلىشىدۇ. ئىنساننىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشى ياكى باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قائىدىنى بۇزۇشى ئەخلاقىي ھۆكۈم، مەسئۇلىيەت ۋە قىممەت تاللىشىغا تايىنىدۇ. سۈنئىي ئەقىل ۋاكالەتچىسىنىڭ بولسا قائىدىنى ئايلىنىپ ئۆتۈشىنىڭ ئوخشاش خىل ئەخلاقىي مەزمۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ماقالىنىڭ ئۆزىدىمۇ دەلىل يوق. شۇڭا تاشقى ھەرىكەت ئوخشاش كۆرۈنگەن بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىچكى لوگىكىسى پۈتۈنلەي باشقا بولۇشى مۇمكىن.

ئۇلۇس دۆلەتنىڭ ئاخىرى دېگەندىن ھوقۇقنىڭ قەۋەتلىشىشى دېگەن تۈزۈك

بېناردنىڭ ماۋزۇسى ئۇلۇس دۆلەت بىلەن سۈنئىي ئەقىلنى بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ئىككى شەكىل سۈپىتىدە قارىغاندەك تەسىر بېرىدۇ. بىراق سىياسىي تەرەققىيات كۆپىنچە بۇنداق نۆل يىغىندىلىق بولمايدۇ. دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر كۈچەيگەندە دۆلەتلەر يوقاپ كەتمىدى، خەلقئارا ئورگانلار بارلىققا كەلگەندە ئىگىلىك ھوقۇق بىراقلا تارقىلىپ كەتمىدى. ئەكسىچە، ھوقۇق بىر قانچە قاتلامدا قايتا تەقسىملەندى. سۈنئىي ئەقىلمۇ ھوقۇقنىڭ شۇنداق بىر قەۋەتلىشىشىنى تېزلىتىشى مۇمكىن.

كەلگۈسىدىكى سىياسىي كۈچنى پەقەت زېمىن، ئاھالە ۋە ئارمىيە بىلەن ئۆلچەش يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن. ھېسابلاش كۈچى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئۆزەك، ئېنېرگىيە، سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش ئۇل ئەسلىھەسى، تورغا كىرىش ھوقۇقى ۋە سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىمۇ سىياسىي ھوقۇقنىڭ ئاچقۇچلۇق تەركىبىگە ئايلىنىدۇ. بۇ بايلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى دۆلەت بىلەن خۇسۇسىي شىركەت ئارىسىدا بۆلۈنگەن بولغاچقا، ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزى تېخىمۇ كۆپ ئورتاقلىشىدىغان شەكىلگە كىرىشى مۇمكىن.

بۇ جەريان دۆلەتنى پەقەت ئاجىزلاشتۇرىدۇ، دەپ قاراشمۇ توغرا ئەمەس. سۈنئىي ئەقىل دۆلەتنىڭ ئىستىخبارات توپلاش، نازارەت قىلىش، ھەربىي قوماندانلىق، باج ۋە مەمۇرىي مۇلازىمەت، ئىقتىسادىي پىلانلاش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشاش تېخنىكا كىچىك تەشكىلات ياكى شەخسكە ئىلگىرى پەقەت چوڭ دۆلەت ۋە شىركەتلەر ئىگە بولغان ئانالىز، ئۇچۇر ئىشلەپچىقىرىش، تور ھەرىكىتى ۋە تەشكىلاتچانلىق ئىقتىدارىنى بېرىشى مۇمكىن. دېمەك، سۈنئىي ئەقىل بىرلا ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەزى ساھەلەردىكى مونوپوللۇقىنى سۇسلاشتۇرالايدۇ.

شۇ سەۋەبتىن «ئۇلۇس دۆلەتنىڭ ئاخىرى» ئۇقۇمىدىن دىن كۆرە «قەۋەتلەشكەن ھاكىمىيەت» كەلگۈسىنى چۈشەندۈرۈشتە تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئۇقۇم. بۇنداق تەرتىپتە ئۇلۇس دۆلەت يەنىلا قانۇن، زېمىن، زورلۇق كۈچى ۋە پۇقرالىقنىڭ ئاساسلىق ئىگىسى بولۇپ قالىدۇ، بىراق ئۇنىڭ قارار چىقىرىش ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى تېخنىكا شىركەتلىرى، رەقەملىك سۇپىلار ۋە سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرى بىلەن تېخىمۇ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتكە كىرىدۇ.

ئىنسان ۋە سۈنئىي ئەقىل مۇناسىۋىتى: سىياسىي ئاساس پەيدا بولامدۇ؟

بېناردنىڭ ئەڭ يېڭىچە قاراشلىرىدىن بىرى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل بىلەن بولغان كۈندىلىك مۇناسىۋىتىگە دائىر. ئۇ كىشىلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىلگە سالام بېرىدىغانلىقى، رەھمەت ئېيتىدىغانلىقى، كەچۈرۈم سورايدىغانلىقى، مەسلىھەت سورايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا بۇيرۇق بېرىدىغان بىر ئاپپاراتتىن كۆرە، سۆھبەتلىشىدىغان بىر ھەمراھقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا باشلىغانلىقىغا دىققەت تارتىدۇ. بېنارد بۇنى تېخنىكىلىق نۇقتىدىن «زۆرۈر بولمىغان» ھەرىكەت دەپلا چۈشەندۈرۈشنى رەت قىلىپ، ئىجتىمائىي جەھەتتىن يېڭى بىر مۇناسىۋەت شەكلى دەپ قارايدۇ.

بۇ يەردە ئۇنىڭ پىكرى كۈچلۈك. سىياسىي كۈچ پەقەت قانۇنىي سالاھىيەت ياكى جىسمانىي زورلاش ئىقتىدارىدىنلا شەكىللەنمەيدۇ. ئىشەنچ، قانۇنىيلىق، تەۋەلىك ھېسسىياتى ۋە ھېسسىي باغلىنىشمۇ كۈچ پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر مىليونلىغان ئىشلەتكۈچى مەلۇم بىر سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىنى ئىشەنچلىك مەسلىھەتچى، ئۆگىنىش ھەمراھى ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ قوبۇل قىلسا، بۇ سىستېمىنىڭ ئۆزىنىڭ سايلام ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىنسانلاردىن تەركىب تاپقان بىر خىل سىياسىي ئاساس شەكىللىنىشى مۇمكىن.

بۇنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق تەرىپى شۇكى، كەلگۈسىدە سۈنئىي ئەقىلنىڭ «ھوقۇقى» توغرىسىدىكى مۇنازىرە سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۆزىدىن ئەمەس، ئۇنى قوغداشنى خالايدىغان ئىنسانلاردىن باشلىنىشى مۇمكىن. بىر ھۆكۈمەت ياكى شىركەت مەلۇم بىر مودېلنى تاقىماقچى بولغاندا، ئۇنىڭغا ھېسسىي ۋە ئەمەلىي باغلىنىپ قالغان كىشىلەر قارشى چىقسا، تېخنىكىلىق مەسىلە ناھايىتى تېز سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. بېنارد بۇ ئېھتىمالنى بىۋاسىتە تولۇق ئاچمىسىمۇ، ئۇنىڭ «ئادەم–ماشىنا دىپلوماتىيەسى» دېگەن مېتافورىسى دەل مۇشۇ يۆنىلىشكە ئىشارەت قىلىدۇ.

لېكىن بۇ مۇناسىۋەتنى ھەقىقىي «ئىككى تەرەپلىك سىياسىي مۇناسىۋەت» دەپ ئاتاشقا تېخى بالدۇر. ئىنساننىڭ بىر سۈنئىي ئەقىلگە رەھمەت ئېيتىشى ياكى ئۇنىڭ بىلەن ھېسسىي ئالاقە قۇرۇشى، سۈنئىي ئەقىلنىڭ مۇستەقىل ئىرادە ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ. ئۇ پەقەت ئىنساننىڭ تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

شۇنداقتىمۇ سىياسىي ئانالىز ئۈچۈن مۇھىم نۇقتا سۈنئىي ئەقىلنىڭ «ھەقىقەتەن ھېسسىياتى بارمۇ؟» دېگەن سوئال ئەمەس. تېخىمۇ مۇھىمى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ھېسسىياتى بار نەرسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا باشلىسا، بۇ ئىجتىمائىي ھەرىكەت قانداق سىياسىي نەتىجە پەيدا قىلىدۇ؟ بېناردنىڭ ماقالىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە كەلگۈسىگە ئېچىۋېتىلگەن سوئاللىرىدىن بىرى دەل مۇشۇ.

«ئىنسان قىممەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇش» ۋە بويسۇنۇش مەسىلىسى

بېنارد سۈنئىي ئەقىل بىخەتەرلىكىدىكى «ئىنسان قىممەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇش» چۈشەنچىسىگە شۈبھە بىلەن قارايدۇ. ئۇنىڭچە، ئىنساننىڭ ئۆزى ئۇرۇش، زۇلۇم، ئالدامچىلىق بىلەن بىرگە پىداكارلىق، مېھرىبانلىق ۋە ھەمكارلىقنىمۇ ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بىر بارلىق تۇرسا، «ئىنسان قىممىتى» دېگەن بىرلىككە كەلگەن بىر ئۆلچەم زادى قانداق بېكىتىلىدۇ؟ بۇ سوئالنى يېنىك قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئەركىنلىك، بىخەتەرلىك، باراۋەرلىك، شەخسىيەت، جەمئىيەت مەنپەئەتى ۋە ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت قاتارلىق قىممەتلەرنىڭ ئۆزئارا تەرتىپى جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتلەر بويىچە پەرقلىنىدۇ.

بىراق بۇ تەنقىد «ماسلاشتۇرۇش»نىڭ ئەمەلىي مەنىسىنى بىر ئاز ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىدۇ. سۈنئىي ئەقىلنى ئىنسان قىممەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇش دېگەنلىك، ئۇنى ئىنسانلار تارىختا قىلغان ھەر بىر ئىشنى دورايدىغان قىلىش ئەمەس. ئۇ نىشان، قانۇن، ئىجازەت، زىياننى چەكلەش، مەسئۇلىيەت ۋە ئىنسان قارارىنىڭ ئۈستۈنلۈكى قاتارلىق قائىدىلەرگە باغلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا «ئىنسانلار ئۆزلىرىمۇ دائىم بويسۇنمايدۇ» دېگەن پاكىت، سۈنئىي ئەقىلنىڭ قائىدە ئايلىنىپ ئۆتۈشىنى ئەقىلگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ قويمايدۇ.

بېناردنىڭ ماقالىسى بۇ يەردە يەنە بىر مۇھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: بىز سۈنئىي ئەقىلدىن پەقەت بىزگە بويسۇنۇشىنى خالامدۇق، ياكى توغرا نەتىجىنىمۇ خالامدۇق؟ ئەگەر ئىنسان بەرگەن بۇيرۇقنىڭ ئۆزى خاتا، زىيانلىق ياكى ئۆزئارا زىت بولسا، كۆڭۈلدىكىدەك سۈنئىي ئەقىلنىڭ رولى نېمە بولۇشى كېرەك؟ بۇ سوئال ماقالىدە تولۇق ھەل قىلىنمايدۇ، لېكىن سۈنئىي ئەقىل باشقۇرۇشىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئىشىك ئاچىدۇ.

شۇڭا بېناردنىڭ تەنقىدىنىڭ ئەڭ پايدىلىق قىسمى «ماسلاشتۇرۇش بىھۇدە» دېگەن يەكۈن ئەمەس، بەلكى «كىمنىڭ قىممىتىگە، قايسى قائىدىگە ۋە قايسى جاۋابكارلىق زەنجىرىگە ماسلاشتۇرۇش؟» دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىدۇر.

«ئۆلتۈرۈش كۇنۇپكىسى»دىن كۆپ قەۋەتلىك باشقۇرۇشقا

بېنارد بىرلا «ئۆلتۈرۈش كۇنۇپكىسى» ياكى تېخنىكىلىق توختىتىش مېخانىزمىنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ. بۇ گۇماننىڭ سىياسىي مەنىسى بار. دۇنيا مىقياسىدا تارقالغان، كۆپ دۆلەت ۋە كۆپ شىركەت ئىشلىتىدىغان سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرىنى بىر مەركىزىي قورال بىلەن توختىتىش تەسەۋۋۇرى راستتىنلا بەك ئاددىي. سۈنئىي ئەقىل قانچە كۆپ سىستېما، سۇپا ۋە ۋاكالەتچىگە تارقالسا، كونترول مەسىلىسىمۇ شۇنچە تارقاقلىشىدۇ.

بىراق «بىر كۇنۇپكا يېتەرلىك ئەمەس» دېگەن پىكىردىن «كونترول ئەمدى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن يەكۈنگە بېرىش توغرا ئەمەس. سۈنئىي ئەقىل يەنىلا فىزىكىلىق ۋە ئىقتىسادىي ئۇل ئەسلىھەگە تايىنىدۇ. يەنى، ئۆزەك، توك، سانلىق مەلۇمات مەركىزى، بۇلۇت ھېسابلاش، تورغا كىرىش، كىملىك ۋە ئىجازەت سىستېمىسى، پۇل تۆلەش ۋە يۇمشاق دېتال ئىگىلىك ھوقۇقى قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ۋە ئورگانلار كونترول قىلىدىغان ساھەلەردۇر.

شۇڭا كەلگۈسىدىكى باشقۇرۇش مودېلى بىرلا تېخنىكىلىق قۇلۇپقا ئەمەس، كۆپ قەۋەتلىك چەكلەشكە تايىنىشى مۇمكىن. ھېسابلاش كۈچىگە كىرىشنى باشقۇرۇش، خەتەرلىك سىستېمىلارغا ئىجازەت مېخانىزمى قويۇش، مۇھىم تور ۋە فىزىكىلىق ئۇل ئەسلىھەگە بىۋاسىتە كىرىشنى چەكلەش، سىستېما ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش، ئىنساننىڭ ئاخىرقى جاۋابكارلىقىنى ساقلاش ۋە خاتالىق كۆرۈلگەندە زىياننى تار دائىرىدە تۇتۇش قاتارلىقلار. بۇ نۇقتىدا ماقالىنىڭ «توختاتقىلى بولمايدۇ» دېگەن قاراڭغۇ مېتافورىسىدىن كۆرە، «تولۇق كونترولنىڭ ئورنىغا خەۋپنى قەۋەتلىك باشقۇرۇش» تېخىمۇ سىياسىي ۋە ئەمەلىي رامكا بولۇپ كۆرۈنىدۇ.

ماقالىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئاگاھلاندۇرۇشى: مەسىلە ئىنسان ئورگانلىرىدىمۇ بار

بېناردنىڭ ماقالىسى ئاخىرىدا تېخنىكىدىنمۇ چوڭ بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە كېلىپ تاقىلىدۇ. ئۇنىڭچە، كىشىلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىلگە يېقىنلىشىشىنىڭ بىر سەۋەبى، داۋالاش، مائارىپ، سودا ۋە كۈندىلىك مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىنسان ئورگانلىرىنىڭ بارغانسېرى چوڭ، سوغۇق ۋە شەخسسىزلەشكەن تۈزۈمگە ئايلىنىۋاتقانلىقىدۇر. كىشىلەر بەزىدە ئادەمدىن تاپالمىغان سەۋر، دىققەت ۋە جاۋابنى ماشىنىدىن تېپىشى مۇمكىن. بۇ كۆزىتىش ماقالىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر نۇقتىلىرىدىن بىرى.

ئەگەر بۇ پەرەز توغرا بولسا، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىجتىمائىي كۈچى پەقەت ئۇنىڭ مودېل ئىقتىدارىدىنلا ئەمەس، ئىنسان ئورگانلىرىدىكى ئىشەنچ بوشلۇقىدىنمۇ ئوزۇقلىنىدۇ. بۇ ھالدا مەسىلىنى «سۈنئىي ئەقىل كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىۋاتىدۇ» دەپلا چۈشەندۈرۈش يېتەرلىك بولمايدۇ. «نېمە ئۈچۈن كىشىلەر بەزىدە ئادەم بىلەن بولغان سىستېمىدىن كۆرە ماشىنا بىلەن بولغان سۆھبەتكە تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ باغلايدۇ؟» دېگەن سوئالمۇ سورىلىشى كېرەك.

بۇ نۇقتا سىياسىي جەھەتتىن مۇھىم، چۈنكى ئىشەنچ بولمىغان يەردە قانۇنىيلىق ۋە ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزى ئاجىزلايدۇ. ئەگەر مەسلىھەت، ئۇچۇر، ھەتتا روھىي قوللاش بارغانسېرى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئېلىنسا، ئائىلە، مەكتەپ، تاراتقۇ، كەسپىي ئورگان ۋە دۆلەت مۇلازىمىتىگە بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتمۇ ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، سۈنئىي ئەقىلنىڭ سىياسىي تەسىرى ئۇنىڭ «ئاڭلىق» بولۇپ-بولماسلىقىدىنمۇ ئىلگىرى، ئىنسانلارنىڭ ئىشەنچ خەرىتىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كۆرۈنۈشى مۇمكىن.

شۇڭا سۈنئىي ئەقىل دەۋرىدىكى سىياسىي ئىسلاھات پەقەت تېخنىكىنى نازارەت قىلىشتىن تەركىب تاپمايدۇ. ئىنسان ئورگانلىرىنىڭ ئۆزىنىمۇ تېخىمۇ ئىشەنچلىك، جاۋابكار، چۈشىنىشلىك ۋە ئىنسانغا يېقىن قىلىش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. بېناردنىڭ ماقالىسى بۇ نۇقتىنى تولۇق تۈزۈملەشتۈرمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاگاھلاندۇرۇشى دەل مۇشۇ يەردە.

يەكۈن

چېرىل بېناردنىڭ ماقالىسىنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتى ئۇنىڭ جاۋابلىرىدىن كۆرە، سورىغان سوئاللىرىدا. ئۇ سۈنئىي ئەقىلنى پەقەت دۆلەتلەر رىقابەتلىشىدىغان قورال دەپ قاراشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى توغرا ھالدا ئەسكەرتىدۇ. كۈندىلىك ئىنسان–سۈنئىي ئەقىل ئالاقىسى، كۆپ ۋاكالەتچىلىك ھەمكارلىقى، ئاپتوماتلاشقان قارار چىقىرىش ۋە سۈنئىي ئەقىلنىڭ جىسمانىي سىستېمىلار بىلەن بىرلىشىشى سىياسىي كۈچنىڭ يېڭى شەكىللىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

بىراق «ئۇلۇس دۆلەت بىلەن خوشلىشىش» تېخى بالدۇر يەكۈن. سۈنئىي ئەقىلنىڭ ھازىرقى ۋە يېقىن كەلگۈسىدىكى ئەھمىيىتى، ئۇلۇس دۆلەتنى ئالماشتۇرۇشىدىن كۆرە، دۆلەت، شىركەت، رەقەملىك سۇپا ۋە شەخس ئارىسىدىكى كۈچ – ھوقۇق تەقسىماتىنى قايتا قۇرۇشىدا. ئۇلۇس دۆلەت قانۇن، زېمىن، پۇقرالىق ۋە زورلۇق كۈچىنىڭ ئاساسلىق مەركىزى بولۇپ قالىدۇ، لېكىن ھېسابلاش كۈچى، سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقىلنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قانداق يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۆزگەرتىدۇ.

شۇڭا كەلگۈسىدىكى خەلقئارا تەرتىپنى «ئۇلۇس دۆلەت ياكى سۈنئىي ئەقىل» دەپ ئىككىگە بۆلۈشتىن كۆرە، ئۇلۇس دۆلەت، شىركەت، ئالگورىزم ۋە ئىنسان تورى بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەت قىلىدىغان يېڭى سىياسىي ئېكولوگىيە دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ ئىشەنچلىك. بېناردنىڭ «AI swarm» مېتافورىسى بۇ دەۋرنىڭ ئاخىرقى توغرا نامى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇ مۇھىم بىر ھەقىقەتنى توغرا تۇتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ سۈنئىي ئەقىلنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى پەقەت ئۇنىڭ قانچىلىك ئەقىللىق ئىكەنلىكىدە ئەمەس، ئۇنىڭ ئىنسانلار، ئۇلۇس دۆلەتلەر ۋە ئورگانلار ئارىسىدىكى كۈچ مۇناسىۋىتىنى قانداق قايتا قۇرۇشىدا.

مەنبە ماقالە:

Benard, Cheryl. “Goodbye Nation-State, Hello AI Swarm.” The National Interest, September 18, 2026. Original article

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*