ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
لوندوندىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار ئورنى (IISS) 2026-يىلى 25-مارتتا، دوگلاس باررى، فابىئان ھىنز ۋە دزاكى نارادىچىئانتامالار تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، ماتېۋ بىنت، ساشا برۇخمان، جۇمبېي ئىشىمارۇ، جورجيو دى مىزيو، ئېستېر ساباتىنو ۋە ئالبېرت ۋىداللارنىڭ ئورتاق ئەمگىكى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن «UAVs: ISR, Deterrence and War» ناملىق ئىستراتېگىيەلىك دوكلاتنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەمەلىي ئۇرۇش تەجرىبىلىرى ئارقىلىق، ئاددىي رازۋېدكا قورالىدىن ئىستىخبارات، چەكلەش ۋە زەربە بېرىشنى بىرلەشتۈرگەن سىستېمىلىق كۈچكە ئايلىنىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن يۇقىرى ئىلمىي ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دوكلاتنىڭ قىممىتى مەزكۇر ئاپپاراتلارنى نوقۇل يېڭى بىر قورال سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى تىنچلىق، «كۈلرەڭ رايون» رىقابىتى ۋە ئۇرۇشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان «ئىستىخبارات–قارار–زەربە» سىستېمىسىنىڭ يادرولۇق تەركىبى سۈپىتىدە چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرىشىدە تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. 1995-يىلى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا «MQ-1 Predator» ئايروپىلانى ئىشلىتىلگەندىن بۇيان، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ شەكلى، ھەجىمى، ۋەزىپىسى ۋە قوللىنىلىش ئۇسۇلى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېڭىيىپ، ئۇلار تار دائىرىلىك كۆزىتىش ۋاسىتىسىدىن نۇرغۇن دۆلەتلەر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي جەڭگىۋار قۇۋۋىتىگە ئايلاندى [5-6]. بۇ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش شۇنى كۆرسىتىدۇكى، زامانىۋى ھاۋا كۈچىنىڭ قىممىتى ئەمدىلىكتە ئايروپىلاننىڭ تېزلىكى ياكى يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قانچىلىك ئۇچۇر توپلىيالايدىغانلىقى، بۇ ئۇچۇرلارنى قانچىلىك تېز قارارغا ئايلاندۇرالايدىغانلىقى ۋە باشقا جەڭ سىستېمىلىرى بىلەن قانچىلىك زىچ باغلىنالايدىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
دوكلاتنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى مۇنداق يىغىنچاقلىنىدۇ: ئىستىخبارات، كۆزىتىش ۋە رازۋېدكا (ISR) نىڭ ئۆزى بىۋاسىتە توسۇپ قېلىش (چەكلەش) ئەمەس، بەلكى ئىشەنچلىك چەكلەش كۈچىنىڭ كۆزى، قۇلىقى ۋە دەسلەپكى شەرتىدۇر، چەكلەش مەغلۇپ بولغاندا بولسا، ئۇ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ [5، 7-8]. بۇ يەردە «بايقاش» بىلەن «توختىتىش» ئوتتۇرىسىدا مۇھىم پەرق بار. رەقىبنىڭ نىيىتىنى ئالدىن كۆرۈش ئەگەر سىياسىي ئىرادە، ئىشەنچلىك جازالاش ئىقتىدارى ياكى ھۇجۇمنى بەربات قىلىدىغان مۇداپىئە كۈچى بىلەن بىرىكمىسە، ئەمەلىي تەسىرى بولمايدۇ. شۇڭا دوكلاتنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھەققىدىكى تەھلىلى تېخنىكىلىق چۈشەندۈرۈشتىن ھالقىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخباراتنى سىياسىي نىشان، ئىتتىپاقداشلىق ۋە ھەربىي ئىقتىدار بىلەن قانداق باغلايدىغانلىقى ھەققىدىكى چوڭقۇر تەتقىقاتقا ئايلانغان.
دوكلات ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىدۇ ھەمدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى بىر ئەمەلىي تەجرىبىخانا سۈپىتىدە ئايرىم كۆزىتىدۇ. بۇ سېلىشتۇرما بىرلا تېخنىكىنىڭ ھەر خىل ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتتا نېمە ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان نەتىجىلەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ياۋروپادا كۆپ دۆلەتلىك سانائەت ھەمكارلىقى ۋە ئامېرىكىغا بېقىنىپ قېلىش ئاساسىي مەسىلە؛ ئۇكرائىنادا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ۋە تېز سۈرئەتتە ماسلىشىش ھەل قىلغۇچ ئامىل؛ ئوتتۇرا شەرقتە ئىراننىڭ ئەرزان ھەم كۆپ سانلىق زەربە مودېلى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت ئەندىزىسى رىقابەتلەشمەكتە؛ ھىندى-تىنچ ئوكياندا بولسا جۇغراپىيەلىك ئارىلىق، ئۇزۇن مۇساپە، دېڭىز كۆزىتىشى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي بېسىمى تەرەققىيات پىلانلىرىنى بەلگىلىمەكتە [5، 23، 39، 59، 81].
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوكلات ئوتتۇرىغا قويغان مېتودولوگىيەلىك چەكلىمىلەرنىمۇ كۆزدە تۇتۇش زۆرۈر، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى يېڭى سىستېمىلارنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلغان بولسىمۇ، ئۇ بارلىق كەلگۈسى ئۇرۇشلار ئۈچۈن تەييار بىر «ئومۇمىي قېلىپ» ئەمەس [51-53، 109-110]. ئۇكرائىنادىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇقىم ئالدىنقى سەپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تولۇق ھاۋا ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرەلمەسلىكى، سانائەت ۋە ئادەم كۈچى چەكلىمىلىرى، سودا بازىرىدىن ئاسان تاپقىلى بولىدىغان زاپچاسلار، غەربنىڭ ياردىمى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىران–خىتاي تەمىنات يوللىرى قاتارلىق ئامىللار بۇ ئۇرۇش مەيدانىنى ئۆزگىچە قىلغان. شۇڭا، مەزكۇر ماقالە پەقەت پاكىتلارنى تىزىپ چىقىش بىلەنلا چەكلەنمەي، قايسى دەرسلەرنىڭ باشقا رايونلارغا كۆچۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى، قايسىلىرىنىڭ مۇھىتقا باغلانغانلىقىنى ۋە قايسى خۇلاسىلەرنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئايرىم باھالايدۇ.
بۇ تەھلىلنىڭ باش تېزىسى شۇكى، ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلار ئادەم باشقۇرىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ ئورنىنى تولۇق باسالمايدۇ. ئۇلار ھەربىي كۈچ قۇرۇلمىسىنى «ئاز سانلىق، قىممەت باھالىق سۇپا» مەركىزىدىن «كۆپ قاتلاملىق سېنزور، تور، ئەرزان زەربە ۋاسىتىسى ۋە تاللانما يۇقىرى ئىقتىدارلىق سۇپا» مەركىزىگە يۆتكەيدۇ [109-110]. بۇ يېڭى دەۋردە غەلىبە قىلىدىغان تەرەپ ئەڭ كۆپ ساندىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىغا ئىگە بولغان تەرەپلا ئەمەس، بەلكى ئۇچۇرنى توپلاش، بىرلەشتۈرۈش، دەلىللەش، تارقىتىش ۋە زەربىگە ئايلاندۇرۇش زەنجىرىنى ئەڭ تېز ھەم ئەڭ چىداملىق قۇرالىغان تەرەپ بولىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، كەلگۈسى رىقابەتنىڭ ماھىيىتى پەقەت «ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىغا ئىگە بولۇش» ئەمەس، بەلكى «ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلارغا تايانغان بىر پۈتۈن جەڭ ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش»تۇر.
چەكلەش، ئىستىخبارات ۋە ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشى
چەكلەشنىڭ ئاساسىي لوگىكىسى رەقىبنى مەلۇم بىر ھەرىكەتنىڭ پايدىسى ئۇ تۆلەيدىغان بەدەل ۋە دۇچ كېلىدىغان خەۋپكە ئەرزىمەيدۇ دېگەن قاراشقا ئىشەندۈرۈشتۇر [8]. شۇڭا، ئىستىخباراتنىڭ رولى ئىككى قاتلاملىق بولىدۇ، بىرىنچىدىن، رەقىبنىڭ ئىقتىدارى ۋە نىيىتىنى باھالاپ، قارار چىقىرىش ۋاقىت كۆزنىكىنى كېڭەيتىش؛ ئىككىنچىدىن، رەقىبنىڭ ھەرىكىتىنى ئېنىق كۆرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ مەخپىيلىك ۋە تۇيۇقسىزلىق ئەۋزەللىكىنى يوقىتىش. لېكىن، بۇ ئىككى خىل رولمۇ جازالاش ياكى توسۇپ قېلىش ئىقتىدارى بىلەن بىرىكمىسە، رەقىبنىڭ پىلانىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. رۇسىيەنىڭ 2022-يىلدىكى تاجاۋۇزچىلىق قارارى بۇ ھەقىقەتنىڭ ئەڭ روشەن مىسالىدۇر.
ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ توپلىنىشىنى ھاۋا ۋە ئالەم بوشلۇقىدىكى ئىستىخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز كۆزىتىپ، ئالدى بىلەن مەخپىي دىپلوماتىيەدە، ئاندىن ئاشكارا باياناتلاردا ئىشلىتىش ئارقىلىق موسكۋانىڭ ساختا باھانىلىرىنى ئاجىزلاشتۇردى [9، 12-14]. گەرچە بۇ ئۇچۇرلار ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنى توسۇپ قالالمىغان بولسىمۇ، زور ئىستراتېگىيەلىك تەسىر كۆرسەتتى، ياۋروپادىكى دەسلەپكى گۇمانلارنى تارقىتىپ، ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئورتاق قارارغا كېلىشىنى تېزلەتتى ۋە ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنكى سىياسىي بىرلىكنى مۇستەھكەملىدى [7]. دېمەك، ئىستىخباراتنىڭ نەتىجىسىنى پەقەت «ھۇجۇم يۈز بەردىمۇ-يوق؟» دېگەن بىرلا ئۆلچەم بىلەن باھالاش توغرا ئەمەس، ئۇ ئىتتىپاقداشلىق ئىشەنچى، ئالدىنقى سەپ تەييارلىقى ۋە خەلقئارالىق قانۇنلۇق باياننىمۇ شەكىللەندۈرىدۇ.
رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قارىتا غەربنىڭ ئىستىخباراتى توغرا چىققان بولسىمۇ، ئۇنى توسۇپ قېلىش كۈچى يېتەرلىك بولمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇچۇر كەمچىللىكىدە ئەمەس، بەلكى موسكۋانىڭ پايدا-زىيان ھېسابىدا ئۇكرائىنانىڭ بېسىۋېلىنىش قىممىتىنىڭ غەرب بېرىدىغان جازادىن ئۈستۈن دەپ ھېسابلانغانلىقىدا ئىدى [7-8]. 2014-يىلى قىرىمنىڭ قوشۇۋېلىنىشىغا غەربنىڭ ئاجىز ئىنكاس قايتۇرۇشىمۇ رۇسىيە رەھبەرلىكىگە ئۈمىدۋار سىگنال بەرگەن. شۇڭا، ئىستىخبارات سىستېمىسىنىڭ ئېنىقلىقى بىلەن سىياسىي-ھەربىي ۋەدىلەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئايرىپ قاراش كېرەك. بىرىنچىسى نىيەتنى كۆرسىتىپ بەرسە، ئىككىنچىسى شۇ نىيەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.
دوكلاتنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ئەڭ مۇھىم بايقاشلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئورتاق ئىستىخبارات ئاددىي ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتىن خېلىلا يۈكسەك بىر مەسىلىدۇر. 2021-يىلى 24-دېكابىردىن 2022-يىلى 24-فېۋرالغىچە رۇسىيەنى كۆزىتىش ئۇچۇشلىرىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئامېرىكا ئىجرا قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا 30 دىن ئارتۇق ئايروپىلان بىلەن، ئامېرىكىدىن باشقا ناتو ئەزالىرى بولسا جەمئىي 21 سۇپا بىلەن قاتناشقان [13-14]. بۇ تەڭسىزلىك پەقەت سان جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى سىگنال ئىستىخباراتى، يادرو رادىياتسىيەسىنى بايقاش ۋە يۇقىرى پەللىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىش قاتارلىق سۈپەت پەرقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەتىجىدە، ئورتاق ئىستىخبارات ئىتتىپاقداشلىقنى كۈچەيتكەن بىلەن، ئىقتىدار تەقسىماتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەزكۇر ئىتتىپاقداشلىقنى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا ئاجىز قىلىپ قويىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ دىققىتى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەلگەنسېرى، ياۋروپانىڭ ئىستىخبارات جەھەتتە ئامېرىكىغا ھەددىدىن زىيادە بېقىنىشى چوڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپكە ئايلانماقتا [14-15]. خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىك ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو-راكت تەھدىتلىرى ئامېرىكىنىڭ چەكلىك ھاۋا ۋە ئالەم بايلىقىنى ئۆزىگە تارتىدۇ. بۇ مەسىلە نوقۇل ھالدا «ئامېرىكا ياۋروپادىن كېتەمدۇ؟» دېگەن ساددا پەرەزدىن ھالقىپ، بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە كىرىزىس يۈز بەرگەندە، قايسى رايونغا قانداق سېنزور، مۇتەخەسسىس ۋە ئۇچۇش ۋاقتى ئاجرىتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تاللاش مەسىلىسىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، ياۋروپانىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىستىخبارات توپلاش، تەھلىل قىلىش ۋە تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇشى قۇرۇق شوئاردىن ھالقىغان ئەمەلىي بىر مەجبۇرىيەتتۇر.
دوكلات ئىستىخبارات، كۆزىتىش ۋە رازۋېدكىنى نوقۇل سېنزورنىڭ ئۆزى بىلەنلا چەكلىمەيدۇ، ئۇنى ۋەزىپە بېكىتىش، ئۇچۇر توپلاش، پىششىقلاش، تەھلىل قىلىش ۋە ئېھتىياجلىق ئورۇنغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن زەنجىرسىمان دەۋرىيلىك دەپ قارايدۇ [9-10]. بۇ نۇقتا بۈگۈنكى «سانلىق مەلۇمات كۆپ، چۈشىنىش ئاز» بولۇشتەك مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. مىليونلىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان توپلىغان سۈرەت ۋە سىگناللار ئەگەر تېز سۈزۈلمىسە، يالغان ئۇچۇرلاردىن ئايرىلمىسا ۋە قومانداننىڭ ئەمەلىي قارارىغا تۇتاشتۇرۇلمىسا، ئەۋزەللىك ئەمەس، بەلكى ئۇچۇر بېسىمىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا كەلگۈسى مەبلەغنىڭ مۇھىم بىر قىسمى پەقەت فىزىكىلىق سۇپىلارغىلا ئەمەس، بەلكى تەھلىلچىلەرگە، بۇلۇت ھېسابلاش، بىخەتەر ئالاقە ۋە سانلىق مەلۇمات بىرلىكى قاتارلىق ئاساسلارغا يۆتكىلىشى زۆرۈر.
ئالەم بوشلۇقى سىستېمىلىرى قايتا كۆزىتىش سۈرئىتى ۋە كەڭ دائىرىلىك قاپلاش ئىقتىدارى بىلەن كۈنسېرى مۇھىم بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ھەرگىز پۈتۈن مەسىلىنى يالغۇز ھەل قىلالمايدۇ [16]. رەقىبنىڭ سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قوراللىرى، سىگنال توسۇش، ئالداش ۋاسىتىلىرى ھەمدە يەر ئۈستى باشقۇرۇش پونكىتلىرىنىڭ ئاجىزلىقى ئالەم بوشلۇقىنىمۇ رىقابەت ۋە توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرماقتا. شۇڭا ئاتموسفېرا ئىچىدىكى ئادەملىك ۋە ئۇچقۇچىسىز سېنزورلار، بولۇپمۇ يېپىق سىگناللىق ياكى يىراقتىن كۆزىتىش سۇپىلىرى ئالەم سىستېمىسىنىڭ ئورنىنى بېسىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ زاپاس ۋە تولۇقلىما قەۋىتى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. ھەقىقىي چىداملىق قۇرۇلما پەقەت بىرلا ساھەگە تايانمايدىغان، بىر قەۋىتى بۇزۇلسا باشقىسى ئۈزۈلمەي ئىشلەيدىغان كۆپ قاتلاملىق تورغا باغلىقتۇر.
سۇپا، ئاپتوماتىكلىق ۋە جەڭ تورىنىڭ تېخنىكىلىق ئۆزگىرىشى
ئوتتۇرا ئېگىزلىكتە ئۇزاق ۋاقىت ئۇچىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ (MALE) تەرەققىياتى ئىستىخباراتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۈزلۈكسىز كۆزىتىش ئېھتىياجىدىن باشلانغان بولۇپ، كېيىن قورال بىلەن سېنزور بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن [11، 25]. بۇ بىرلىشىش تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلەردە نىشانغا زەربە بېرىش ۋاقتىنى قىسقارتقان بولسىمۇ، سۇپىنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە ئاجىزلىقىنىمۇ تەڭ ئاشۇردى. چۈنكى ئوخشاش بىر سۇپا ھەم كۆزىتىش، ھەم نىشان تاللاش، ھەم زەربە بېرىشنى ئۈستىگە ئالغاندا، ئۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى بىر نەچچە ھالقىلىق ئىقتىدارنىڭ تەڭلا يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن يۇقىرى خەۋپلىك جەڭ مەيدانلىرىدا بۇ ۋەزىپىلەرنى بۆلۈپ، تېخىمۇ ئەرزان ياكى يوشۇرۇنۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان تارقاق سۇپىلارغا تەقسىملەش ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.
بىر يۆنىلىشلىك ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى (ئۆزى پارتلايدىغان ئاپپاراتلار) بىلەن يەر يۈزىگە زەربە بېرىدىغان قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانسېرى غۇۋالاشماقتا [11، 34-35]. بىرىنچىسى ئادەتتە سۈرئىتى ئاستا، پارتلاتقۇچ يۈكى كىچىك، ئەمما باھاسى كۆپ ئەرزان بولسا، ئىككىنچىسى تېز، ئوق بېشى ئېغىر، بىراق قىممەت باھالىقتۇر. بۇ يەردىكى ئاساسلىق پەرق نامدا ئەمەس، بەلكى قوللىنىلىش لوگىكىسىدا كۆرۈلىدۇ. ئەرزان سىستېمىلار كۆپ سان ئارقىلىق دۈشمەننىڭ مۇداپىئە تورىنى چارچىتىدۇ ۋە پالەچ ھالەتكە چۈشۈرىدۇ، قىممەت سىستېمىلار بولسا ھالقىلىق نىشانلارنى يۇقىرى ئېنىقلىق بىلەن پاچاقلاپ تاشلايدۇ. نەتىجىدە، ئەڭ كۈچلۈك جەڭ ئىقتىدارى بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللاشتا ئەمەس، بەلكى «يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئىقتىدارلىق قوراللارنىڭ مۇۋاپىق ئارىلاشمىسى»نى شەكىللەندۈرۈشتە كۆرۈلىدۇ.
ھەمكارلاشما جەڭ ئايروپىلانى (CCA) ئۇقۇمىنىڭ قايتا كۈنتەرتىپكە كېلىشى زامانىۋى ھاۋا كۈچلىرىدىكى سان جەھەتتىكى كەمچىللىكنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان ئەللىرى ئادەم باشقۇرىدىغان قىممەت باھالىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارغا قوشۇمچە قورال، سېنزور، يالغان نىشان، ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ۋە ھاۋادىن ھاۋاغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى قوشىدىغان ئۇچقۇچىسىز قاناتداش سۇپىلارنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا [16-18]. بۇ سۇپىلار ئادەملىك كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئالدىدا ياكى يېنىدا نەچچە ئون، ھەتتا يۈزلىگەن كىلومېتىر ئالدىن ئۇچۇپ، ئاساسىي كۈچنى دۈشمەن خەۋپىدىن ساقلايدۇ. شۇنداقتىمۇ، سېنزور، ئالاقە ۋە ئاپتونوم قارار بېرىش تېخنىكىسى كۈچەيگەنسېرى بۇ سىستېمىلارنىڭ تەننەرخىمۇ ئۆسۈپ، «ئاسانلا قۇربان قىلىشقا بولىدىغان سۇپا» بىلەن «قوغدىلىشى زۆرۈر بولغان يۇقىرى سۇپا» ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
ئاپتوماتىكلىق (ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىش) ھەققىدىكى مۇنازىرىلەردە دوكلات مۇھىم بىر نۇقتىنى ئايرىپ كۆرسىتىدۇ، ئۇچۇش، يول تېپىش، نىشاننى ئىز قوغلاش ۋە كۆپلىگەن سۇپىلارنى ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش بىلەن ئۆلتۈرۈش (زەربە بېرىش) قارارىنى ماشىنىغا تاپشۇرۇش تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى ئۇقۇمدۇر [18، 46-47]. ئالگورىزىم ۋە ماشىنىلىق ئۆگىنىش مەشغۇلاتچىنىڭ ئىش بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ، بىرلا ئادەمنىڭ بىر نەچچە ئاپپاراتنى بىرلا ۋاقىتتا باشقۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. ئەمما نىشاننىڭ قانۇنىيلىقى، خاتا ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۆز قوشۇنىغا زەربە بېرىپ قويۇش خەۋپى ئىنساننىڭ سىستېما ئۈستىدىكى ئەھمىيەتلىك كونتروللۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى مەجبۇرىي قىلىدۇ. شۇڭا بۈگۈنكى مۇنازىرە «ئاپتوماتىك بولامدۇ-يوق؟» دېگەندىن «قايسى تۈردىكى ۋەزىپە ۋە قايسى ھوقۇق دائىرىسىدە ئاپتوماتىكلىققا يول قويۇلىدۇ؟» دېگەن تېمىغا يۆتكىلىۋاتىدۇ.
كۈچلۈك مۇداپىئەگە ئىگە يۇقىرى خەۋپلىك ھاۋا تەۋەلىكىدە چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى تۆۋەندۇر. دوكلات بۇنىڭغا قارشى ئۈچ ئاساسىي تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىرىنچى، رەقىبنىڭ ھاۋا مۇداپىئە رادىئۇسىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئۇزۇن مۇساپىلىك ئىلغار سېنزورلارنى ئىشلىتىش؛ ئىككىنچى، راداردىن يوشۇرۇنۇش (ستېلس) لايىھەلىرى ئارقىلىق مۇداپىئەنى بۆسۈپ كىرىش؛ ئۈچىنچى، كۆپ ساندىكى ئەرزان سۇپىلار بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلۈش بەدىلىنى قوبۇل قىلىش [16، 29-30]. بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق بەدىلى بار بولۇپ، سىرتتا تۇرۇپ كۆزىتىش سۈرەت ئېنىقلىقى ۋە دائىرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يوشۇرۇنۇش تېخنىكىسى تەننەرخنى ئىنتايىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئەرزان سۇپىلارنىڭ كۆپلۈكى بولسا ئالاقە ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر يۈك ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا يەككە بىر تاللاشقا تايىنىش ئەمەس، ۋەزىپىگە قاراپ كۈچ تەقسىملەش مۇھىمدۇر.
تېخنىكىلىق تەرەققىيات سۈرئىتى ئەنئەنىۋى دۆلەت مۇداپىئەسى بويىچە قورال-ياراغ سېتىۋېلىش سۈرئىتىدىن تېز بولماقتا. ياۋروپادىكى نۇرغۇن قورال پىروگراممىلىرى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش شارائىتىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ لايىھەلەنگەن بولسىمۇ، ئۇلار تەييار بولغۇچە دۇنيا چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك توقۇنۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى [29-30]. نەتىجىدە ئەسلىدىكى پىلانلار ۋاقتى ئۆتكەن ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، يېڭى تەلەپلەرنىڭ قوشۇلۇشى تەننەرخنى ئۆستۈرۈپ، سىستېمىلارنىڭ ئەمەلىي سېپىگە قوشۇلۇشىنى نەچچە يىللاپ كېچىكتۈردى. بۇ قىلتاقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قورال لايىھەلىرىنى قىسقا سىناق دەۋرىگە ئىگە، مودۇللۇق يۇمشاق دېتال ۋە پات-پات ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاپ تۇرغىلى بولىدىغان زاپچاسلارغا تاياندۇرۇپ قۇرۇش لازىم.
ياۋروپا: سانائەت ئىرادىسى بىلەن ھەربىي جىددىي ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت
ياۋروپانىڭ دۇچ كەلگەن ئاساسىي قىيىنچىلىقى شۇكى، گەرچە قىتئە دۆلەتلىرى ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلارنىڭ قىممىتىنى بالدۇر تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، تۈركىيەدىن باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر ئوتتۇرا ئېگىزلىكتە ئۇزاق ئۇچىدىغان ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك سۇپىلىرىنى ۋاقتىدا جەڭ مەيدانىغا كىرگۈزەلمىدى [23-24]. فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، پولشا ۋە ئىسپانىيەلەرنىڭ ئامېرىكا ياكى ئىسرائىلىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇشى بۇ بوشلۇقنىڭ پەقەت تېخنىكىلىق مەسىلە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپ تەرەپلىك ھەربىي تەلەپلەر، سانائەتتىكى ئىش تەقسىماتى تالاش-تارتىشلىرى، دۆلەت ئىچى سىياسىتى، قوراللاندۇرۇش توغرىسىدىكى ئىختىلاپلار ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان خامچوت پىلانلىرى بىر يەرگە كەلگەندە، «ئورتاق تەرەققىيات» چىقىمنى تېجەشنىڭ ئورنىغا قارار چىقىرىشنى پاتقاققا پاتۇرۇپ قويىدىغان توسالغۇغا ئايلىنىپ قالغان.
فىرانسىيەنىڭ «Harfang» ۋە ئەنگلىيەنىڭ «MQ-9»نى سېتىۋېلىشى، 2000-يىللاردا كۆرۈلگەن جىددىي ئىستىخبارات بوشلۇقىنى تولدۇرۇشتا بازاردا بار بولغان سىستېمىلارنى دەرھال ئېلىشنىڭ، سىياسىي جەھەتتىن قىيىن بولسىمۇ، ھەربىي جەھەتتىن نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى [25-27]. يەرلىك «Harfang» پىلانىنىڭ بەش يىل كېچىكىشى ۋە «Watchkeeper»غا ئوخشاش سىستېمىلارنىڭ ئىشەنچلىكلىك جەھەتتىكى كاشىلىلىرى يەرلىك لايىھەلەرگە بولغان ئىشەنچنى سۇسلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافغانىستان ۋە لىۋىيەدىكى ئەمەلىي ۋەزىيەت «مۇكەممەل ياۋروپا لايىھەسى»نى كۈتۈپ تۇرۇشقا پۇرسەت بەرمىدى. بۇ يەردە قىسقا مۇددەتلىك جەڭ ئېھتىياجى ئۇزۇن مۇددەتلىك سانائەت مۇستەقىللىقىدىن ئۈستۈن چىقتى.
«EuroMALE»، «Talarion» ۋە فىرانسىيە–ئەنگلىيە ئورتاق پىلانلىغان «Telemos» قاتارلىق لايىھەلەرنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى بىر ھەقىقەتنى يەنە ئاشكارىلىدى، ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيگەنسېرى، تەلەپلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى چوڭىيىپ، لايىھە مۇرەككەپلىشىدۇ، خىراجەت بازاردىكى باھادىن تېزلا ئېشىپ كېتىدۇ ۋە ئاخىرىدا تۈرنىڭ سىياسىي ئاساسى غۇلايدۇ [27]. بۇ جەرياندا «ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقى» بىلەن «ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆز مىللىي سانائەت مەنپەئەتى» بىر-بىرىگە زىت كېلىپ قالدى. ئەگەر ھەر بىر دۆلەت ئۆزىگە كۆپرەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈلۈشى ۋە ئۆزگىچە ئۆلچەم تەلەپ قىلسا، پۈتۈن قىتئە مىقياسىدىكى بىرلىككە كەلگەن كۈچ مىللىي تالاش-تارتىشلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
گېرمانىيەنىڭ «Euro Hawk» ۋە «MQ-4C Triton» لايىھەلىرىدە دۇچ كەلگەن ئۇچۇش ئىجازەتنامىسى، سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش سىستېمىلىرى، چىقىم ۋە مەخپىي تېخنىكىلارغا ئېرىشىش مەسىلىلىرى ھەربىي سۇپىنى پەقەت ئايروپىلان سۈپىتىدىلا سېتىۋېلىشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى [27-28]. بۈگۈنكى كۈندە بىر ھەربىي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھاۋا تەۋەلىكى قائىدىلىرى، ئالاقە، يۇمشاق دېتال، سانلىق مەلۇمات ۋە مۇلازىمەت ئېكولوگىيەسىنىڭ بىر پۈتۈن بىرىكمىسىدۇر. ئەگەر بۇ ھالقىلارنىڭ بىرى قانۇنىي ياكى سىياسىي توسالغۇغا ئۇچرىسا، ئايروپىلان ئۇچالايدىغان تۇرۇپمۇ ھەربىي مەيداندا ئىشلىتىشكە يارىمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، كەلگۈسىدە پەقەت ئايروپىلانغا ئېرىشىشتىن كۆرە، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشلىتىلىش ھاياتى بويىچە مۇستەقىل كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش تېخىمۇ مۇھىم.
«Eurodrone»نىڭ جەڭ سەپلىرىگە كىرىش ۋاقتىنىڭ دەسلەپكى پىلان بويىچە 2025-يىلدىن 2028-يىلغا، كېيىن 2031-يىلغا سۈرۈلۈشى ھەمدە فىرانسىيەنىڭ 2025-يىلى باشقا ئەرزان باھالىق سىناق لايىھەلىرىنى باشلىشى كۆپ تەرەپلىك چوڭ لايىھەلەرگە بولغان ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ [28-29]. ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى، 2015-يىلىدىكى تەلەپلەر بويىچە باشلانغان بىر سۇپا 2030-يىللارنىڭ ئېغىر تەھدىتلىك ھاۋا مۇھىتىغا كىرگەندە، ئۆزىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇندىيالماسلىقى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن، بۇ ئاپپاراتلارغا بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش، سىگنال ئىستىخباراتى، دېڭىز چارلاش، يىراقتىن راكېتا ئېتىش ۋە بىر يۆنىلىشلىك ھۇجۇمچى قوراللارغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق يېڭى ۋەزىپىلەر يۈكلەنمەكتە. بىراق يېڭى ۋەزىپىلەر پىروگراممىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىمۇ ياكى سىستېمىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ چىقىمنى يەنە ئاشۇرۇۋېتىشىمۇ مۇمكىن.
سانائەت كۆلىمى ياۋروپادىكى مەسىلىنىڭ نېگىزىدە ياتىدۇ. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 2007-يىلدىن بۇيان 300 دىن ئارتۇق «MQ-9» سېتىۋالغان بولسا، «EuroMALE»نىڭ پىلانلانغان ئومۇمىي سانى 45، «Eurodrone»نىڭ پىلانى بولسا بار-يوقى 60 دانە بولغان [30]. تەتقىقات ۋە تەرەققىيات چىقىمى ئاز ساندا ئىشلەپچىقىرىلغان ئايروپىلانلارغا بۆلۈنگەندە، بىر دانە ئايروپىلاننىڭ باھاسى ئۆسۈپ، خەلقئارا بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى يوقىتىدۇ، ئېكسپورت كېمەيگەندە بولسا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تېخىمۇ قىسقىرايدۇ. بۇ تۇيۇق يولدىن چىقىش ئۈچۈن، ياۋروپا دۆلەتلىرى شېرىكلەر سانىنى بەس-بەستە كۆپەيتىشنىڭ ئورنىغا ئورتاق تەلەپلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇدا زاكاز چۈشۈرۈشى ۋە تار مەنپەئەتلەرنى ئومۇمىي ھەربىي نەتىجىگە بويسۇندۇرۇشى شەرت.
ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ياۋروپانىڭ ھازىرقى چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىغا قارىتا ئىككى مۇھىم دەرس بەردى، ئۇلار تىنچلىق مەزگىلى، دېڭىز تەۋەلىكىنى كۆزىتىش، چېگرا چارلاپ تەرتىپ ساقلاش ۋە كۈلرەڭ رايوندىكى رىقابەتلەردە يەنىلا ئىنتايىن قىممەتلىك، ئەمما رەقىبنىڭ كۈچلۈك يەر ئۈستى ھاۋا مۇداپىئە رايونىدا ئەركىن ھەرىكەت قىلالمايدۇ [29، 34-35]. شۇڭا، بۇ چوڭ ئايروپىلانلارنى پۈتۈنلەي «ئەخلەت» دەپ تاشلىۋېتىشمۇ ياكى «ھەر قانداق ئۇرۇشقا يارايدۇ» دەپ قاراشمۇ ئوخشاشلا خاتادۇر. ئەڭ توغرا تاللاش ئۇلارنى يىراقتىن سېزىدىغان سېنزورلار، يوشۇرۇنۇشچان كىچىك سىستېمىلار، ئەرزان يوقىتىشقا بولىدىغان قوراللار ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىستىخباراتى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنى خەۋپ دەرىجىسىگە قاراپ تەقسىملەشتىن ئىبارەت.
ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ھەمكارلاشما جەڭ ئايروپىلانى لايىھەلىرىمۇ كونا خاتالىقلارنى تەكرارلاش گىردابىدا تۇرماقتا. فىرانسىيە–گېرمانىيە–ئىسپانىيەنىڭ «كەلگۈسى ھاۋا جەڭ سىستېمىسى» (FCAS) ئۇچقۇچىسىز قوشۇمچە ئايروپىلانلارنى بىرلىككە كەلگەن ئورتاق تۈرگە كىرگۈزگەن بولسا، ئەنگلىيە–ئىتالىيە–ياپونىيە شېرىكلىكىدىكى «يەرشارى ھاۋا جەڭ پىروگراممىسى» (GCAP) دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم سىستېما تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يول قويغان [30-33]. 2025-يىلى كۆرۈلگەن كەسكىن سانائەت ئىختىلاپلىرى ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئايرىم يول تاللاش سىگناللىرى پىلان بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە ياۋروپا يەنە بىر قېتىم «تەييار بولغان چەت ئەل سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش» بىلەن «ۋاقتىدا پۈتمەيدىغان يەرلىك لايىھە» ئوتتۇرىسىدا قىستىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
تۈركىيە ياۋروپادىكى بۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تامامەن ئەكسىچە بىر مۇۋەپپەقىيەت مودېلىنى نامايان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىشنى چەكلىشىدىن كېيىن، 2004-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە تايىنىش پىلانى تۈزۈلگەن. شۇ ئارقىلىق «ئانكا»، «بايراقتار TB2»، «ئاقىنجى»، «ئاقسۇنگۇر»، «قىزىلئالما» ۋە «ئانكا-3» قاتارلىق ھەر تۈردىكى كۈچلۈك سىستېمىلار تەدرىجىي بەرپا قىلىندى، 500 دىن ئارتۇق «بايراقتار TB2» ئىشلەپچىقىرىلىپ، خەلقئارالىق زور ئېكسپورت بازىرى يارىتىلدى [34]. تۈركىيەنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيىتى دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ پەقەت پۇل بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۈزلۈكسىز دۆلەت زاكازلىرى، جەڭ مەيدانىدىكى ئەمەلىي سىناقلار ۋە كاشىلىلارنى تېز تۈزىتىشتەك سانائەت مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئۇكرائىنا ئۇرۇشى: كۆپ سان، ئېلېكتىرونلۇق مۇھىت ۋە تېز ماسلىشىشنىڭ تەجرىبىخانىسى
ئۇكرائىنا 2022-يىلى 24-فېۋرالدا جەمئىي 100 دانىدىنمۇ ئاز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا ئىگە ئىدى، 2025-يىلىغا كەلگەندە بولسا يىللىق 4.5 مىليون دانە ئاپپارات ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، 2025-يىلغا يەتكەندە ئالدىنقى سەپتىكى ئومۇمىي زەربە ۋە يوقىتىشلارنىڭ 80 پىرسەنتىگە يېقىن قىسمىنى ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلار ئېلىپ بارغان [39]. بۇ سانلىق مەلۇمات پۈتۈن ئۇرۇشنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار يالغۇز يەڭدى دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ زەمبىرەك ئوقلىرى، ھاۋا ئۈستۈنلۈكى ۋە ئەسكەر يېتىشمەسلىكتەك ئېغىر بوشلۇقلارنى تولدۇرۇشتىكى ئەڭ تېز ھەم تۈركۈملەپ كۆپەيتكىلى بولىدىغان قورالغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ساننىڭ شىددەتلىك ئېشىشى ئىستىخبارات كۈچىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىلگىرى پەقەت يۇقىرى قوماندانلىق شتابلىرىلا كۆرەلەيدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئالدىنقى سەپتىكى كىچىك گۇرۇپپىلارغىچە يەتكۈزدى.
بۇ ئۆزگىرىش تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان ئەمەس. 2014-2021-يىللىرى ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە كۆزىتىش ئۆمىكى ئېلىپ بارغان 13 مىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇش جەريانىدا ئېغىر قوراللارنىڭ كېلىشىملەرگە خىلاپ ھەرىكەتلىرىنىڭ 58 پىرسەنتى ئۇچقۇچىسىز سۇپىلار ئارقىلىق پاش قىلىنغان، شۇ مەزگىلدە سىگنال پۈتۈنلەي توسۇۋېلىنغان 1600 دىن ئارتۇق ھادىسە ۋە 200 قېتىمغا يېقىن قوراللىق ھۇجۇم تىزىمغا ئېلىنغان [39-40]. دېمەك، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئىككى تۈپ ئالاھىدىلىكى، يەنى جەڭ مەيدانىنىڭ ئۈزلۈكسىز سۈزۈك كۆزىتىلىشى ۋە شىددەتلىك ئېلېكتىر ماگنىت كۈرىشى 2022-يىلدىكى چوڭ تاجاۋۇزدىن كۆپ بۇرۇنلا كۆرۈلگەن بولۇپ، كېيىن ئۇ سانائەت كۆلىمى بويىچە تېخىمۇ پارتلىغان.
«بايراقتار TB2»نىڭ ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىكى زور ئۇتۇقلىرى رۇسىيەنىڭ خاتا مۆلچەرى ۋە تاكتىكىلىق بوشاڭلىقى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ئىدى. موسكۋا قارشىلىققا ئۇچرىمايمىز دەپ ئويلاپ، ئالدىنقى سەپكە تولۇق ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە كۈچلۈك ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرمىغان، نەتىجىدە «TB2» قىسقا ئارىلىقتىن رۇسىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىغا، برونېۋىكلىرىغا، ھەتتا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ۋە قارا دېڭىزدىكى چارلاش پاراخوتلىرىغا بىۋاسىتە ئېغىر زەربىلەرنى بېرەلىگەن [40]. ئاپپاراتتىن تارتىلغان ئېنىق سۈرەتلەر ئۇكرائىنا ئۈچۈن غايەت زور پىسخىكىلىق ۋە تەشۋىقات قورالىغا ئايلانغان. بۇ مىسال شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بىر قورالنىڭ ئۈنۈمى پەقەت ئۇنىڭ تېخنىكىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى رەقىبنىڭ تەييارلىق دەرىجىسى ۋە جەڭ مەيدانىدىكى پۇرسەتتىن كېلىپ چىقىدۇ.
كېيىنچە رۇسىيە ئۆزىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە تورى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق توسۇش ئەسلىھەلىرىنى تولۇق تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن، 2022-يىلى 3-ئايدىن 2023-يىلى 4-ئايغىچە ئاز دېگەندە 16 دانە «TB2» ئېتىپ چۈشۈرۈلدى ھەمدە ئۇكرائىنا ئۇلارنى ھۇجۇمچى سەپتىن چېكىندۈرۈپ، ئارقا سەپتىن ئۇزاق كۆزىتىش ۋەزىپىلىرىگە يۆتكىدى [40]. رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ «Inokhodets» (Orion) ۋە ئىراننىڭ «Mohajer-6» تىپلىق ئاپپاراتلىرىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى، ھەتتا 2024-يىلى كۇرسك سەپلىرىگە ئالدىراش كىرگۈزۈلگەندە يەنە نۇرغۇنى يوقىتىلدى [41]. بۇ تەجرىبە چوڭ سۇپىلارنىڭ پۈتۈنلەي كېرەكسىز بولۇپ قالغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قويۇق ھاۋا مۇداپىئە رايونىغا ئەرزان قوراللاردەك تەۋەككۈلىگە كىرگۈزۈشنىڭ قەتئىي ئاقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ئىجادىيىتى كىچىك ئاپپاراتلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىم ئىشلەتمەي، «Delta» ناملىق رەقەملىك قوماندانلىق-كونترول سىستېمىسىغا سېنزور قىلىپ كىرگۈزۈشى بولدى. 2016-يىلدىن باشلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بۇ تور سىستېمىسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار، يەر يۈزى كامېرالىرى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، غەرب ئىستىخباراتلىرى ۋە ئەپ ئارقىلىق دەلىللەنگەن خەلق ئۇچۇرلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، جەڭ مەيدانىنىڭ نەق مەيدان رەقەملىك خەرىتىسىنى شەكىللەندۈردى [41-42، 47]. بۇلۇت ئۇلىنىشىغا تايانغان بۇ ئوچۇق سىستېما ئەڭ ئاددىي ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەرگىچە دۈشمەننىڭ ئورنىنى ئېنىق كۆرۈش ئىمكانىيىتى بەردى. شۇڭا ئۇكرائىنا تەجرىبىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى مەلۇم بىر ئايروپىلان تىپى ئەمەس، بەلكى بارلىق سېنزورلارنى قارارغا تېز ئۇلايدىغان ئوچۇق رەقەملىك جەڭ تورىدۇر.
بىرىنچى شەخس كۆرۈنۈشلۈك (FPV) ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەربىي ئىنقىلاب يارىتىشى ئۇلارنىڭ ئەرزان باھاسى، قىسقا ۋاقىتلىق مەشىقى، كىچىك ئەترەتلەر تەرىپىدىن ئاسان باشقۇرۇلۇشى ۋە ئادەتتىكى سودا زاپچاسلىرى ئارقىلىق پۈتۈپ چىقىدىغانلىقىدىن بولدى. ئۇكرائىنانىڭ بۇ تۈردىكى يىللىق مەھسۇلاتى 2023-يىلدىكى 600 مىڭ دانىدىن 2024-يىلى 2.2 مىليون دانىگە يەتكۈزۈلدى. بىر دانە پىدائىي FPV نىڭ ئوتتۇرىچە تەننەرخى نەچچە يۈز دوللار ئەتراپىدا بولدى [43]. گەرچە بۇ سىستېمىلار ئېنىق زەربە بېرىشنى ئالدىنقى سەپكە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، «ئەرزان سۇپا» دېگەنلىك پۈتۈن جەرياننى ئەرزانغا چۈشتى دېگەنلىك ئەمەس. سەۋەبى، تېگىش نىسبىتىنىڭ تولۇق بولماسلىقى، پارتلاتقۇچ يۈكىنىڭ ئازلىقى، ھاۋارايى تەسىرى ۋە تۈركۈملىگەن ئۇچقۇچىلارغا بولغان جىددىي تەلەپ ئومۇمىي چىقىمنى كۆپەيتىدۇ [51].
نۇر تالالىق (ئوكتىك تالا) كابېل ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلار رۇسىيە تەرىپىدىن رادىيو-ئېلېكتىرونلۇق توسۇشلارغا قارشى كۈچلۈك بىر جاۋاب سۈپىتىدە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى. ئۇلار رادىيو سىگنالىغا تايانمىغانلىقتىن، پۈتۈنلەي توسالغۇسىز ھالدا نىشانغا يەتكۈچە ئەڭ سۈزۈك كۆرۈنۈش بىلەن تەمىنلەيدۇ، بولۇپمۇ كۇرسك جەڭلىرىدە ئۇكرائىنانىڭ ئېغىر تېخنىكىلىرىغا زور زىيان يەتكۈزدى [43]. بىراق تالا كابېل ئۇچۇش دائىرىسىنى ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى چەكلەيدۇ، شۇنداقلا دەرەخ ۋە قۇرۇلۇشلارغا ئىلىنىپ قېلىش خەۋپىگە ئىگە. بۇ ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسىتىدۇكى، جەڭ مەيدانىدا «ئەڭ ئىلغار تېخنىكا» ھەمىشە ئەڭ مۇرەككەپ رەقەملىك سىستېما بولۇشى ناتايىن؛ بەزىدە فىزىكىلىق ئەڭ ئاددىي چارىلەر دۈشمەننىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق توسۇشلىرىنى بىكارغا چىقىرالايدۇ.
رۇسىيەنىڭ ئىران لايىھەسىدىكى «Shahed-131» ۋە «Shahed-136» تىپلىق ئاپپاراتلارنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى ئۆز تېررىتورىيەسىدە «Geran-2» نامى بىلەن كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشى قوراللىق كۈرەشنىڭ يېڭى بىر قىياپىتىنى تۇغدۇردى. 2025-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا رۇسىيە كۈنىگە 170 دانىغىچە ئاپپارات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا يەتكەن بولۇپ، ھەقىقىي زەربە ئاپپاراتلىرىغا ئەرزان پۈتىدىغان «Gerbera» ۋە «Parodiya» كەبى يالغان نىشانلارنى قوشۇپ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم ئۇيۇشتۇردى [43-44]. بۇ يەردىكى تۈپ نىشان پەقەت ئىمارەت ۋە ئەسلىھەلەرنى پارتلىتىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇكرائىنانىڭ قىممەت باھالىق رادارلىرى، ئايروپىلانلىرى ۋە ھاۋا مۇداپىئە راكېتالىرىنى كۆپلەپ خەجلەشكە مەجبۇرلاپ، دۈشمەننى ئىقتىسادىي ۋە جەڭگىۋارلىق جەھەتتىن ھالسىرىتىشتۇر. مۇداپىئەچى تەرەپ نەچچە مىڭ دوللارلىق ئەرزان قورالنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن مىليون دوللارلىق راكېتانى ئېتىشقا مەجبۇر بولسا، ھۇجۇمچى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك پايدىغا ئېرىشىدۇ.
ئۇكرائىنا بولسا سودا خاراكتېرلىك «Mugin-5» سۇپىلىرىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، كېيىن ئۆزىنىڭ «UJ-26 Bober»، «AQ 400 Scythe»، «An-196 Lyutyy» ۋە يېنىك ئايروپىلاندىن ئۆزگەرتىلگەن «A-22» كەبى ئۇزۇن مۇساپىلىك سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ ئاپپاراتلار رۇسىيەنىڭ ئىچكىرىسىدىكى 3000 كىلومېتىرغىچە بولغان نىشانلارغا زەربە بەردى [44-45]. بۇ ئۇچقۇچىسىز قوراللارنىڭ مۇداپىئەنى بۆسۈپ ئۆتۈشى قېلىن برونېۋىكتىن ياكى تېز سۈرئەتتىن ئەمەس، بەلكى رۇسىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئورۇنلىرى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئىستىخبارات، دەل بېكىتىلگەن ئۇچۇش لىنىيەسى ۋە جانلىق پىلانغا تايىنىشتىن كەلدى. دېمەك، بىر يۆنىلىشلىك ھۇجۇمچى سىستېمىلار ئىستىخبارات ئورنىنى ئالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئەرزان پېتى نىشانغا يېتىشى تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ توغرا ئىستىخباراتنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئايلانما پارتلاتقۇچ قوراللار (كامىكادزې ئوق-دورىلىرى) FPV ئاپپاراتلىرىدىن قىممەت بولسىمۇ، سېنزور سۈپىتى، ئۇزاق كۆزىتىپ تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە نىشانغا تېگىشتىكى ئۆزلۈكىدىن يېتەكلەش تېخنىكىسى بىلەن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيەنىڭ «Lancet» ئاپپاراتى تەخمىنەن 35 مىڭ دوللار، ئامېرىكىنىڭ «Switchblade» ئاپپاراتى 53 مىڭ دوللار، ئاددىي بىر FPV بولسا بىر نەچچە يۈز دوللار ئەتراپىدىدۇر [45-46]. قىممەت بولغانلىقى سەۋەبىدىن جەڭ مەيدانىدا «Lancet»قا ئوخشاش قوراللار ئۆزى يالغۇز نىشان ئىزدەپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەستىن، بەلكى ئالدىن بارغان ئايرىم رازۋېدكا ئاپپاراتلىرى بايقىغان قىممەتلىك نىشانلارغا قارىتىپ ئېتىلغان. بۇ ئەمەلىيەت «كۆزىتىش بىلەن زەربىنى ئايرىش»نىڭ تەننەرخنى تېجەشتە ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاپتوماتىك نىشان بەلگىلەش، كۆرۈنۈشكە تايىنىپ يول تېپىش ۋە سۈنئىي ئەقىللىك نىشان پەرقلەندۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرى رادىيو سىگنالى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەندىمۇ قورالنىڭ نىشانغا دەل تېگىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى [46-47]. ئۇكرائىنانىڭ «Avengers» سىستېمىسى كۆرۈنۈشتىكى دۈشمەن تېخنىكىلىرىنىڭ 70 پىرسەنتىگىچە پەرقلەندۈرەلىگەن بولسا، رۇسىيەنىڭ «V2U» سىستېمىسىغا سۈنئىي ئەقىل ئۈچۈن مەخسۇس «Jetson Orin Nano» بۆلەكلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بايقالغان. لېكىن «سۈنئىي ئەقىل» دېگەن سۆز بىلەن ئاددىي ئاپتوماتىك نىشان تۇتۇشتىن تارتىپ، ئۆز ئالدىغا ئادەم ئۆلتۈرۈش قارارىغىچە بولغان چوڭ پەرقنى پەرقلەندۈرۈش لازىم. ئەگەر تېخنىكىلىق ھەقىقەت، مەشغۇلات پىرىنسىپلىرى ۋە ئادەمنىڭ ئارىلىشىش چېكى تولۇق باھالانمىسا، سىياسىي قارارلار چىنلىقتىن يىراقلاپ كېتىدۇ.
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ئالاقىسى ئۈچۈن ھاۋادىكى سىگنال كۈچەيتكۈچلەر، «Starlink»قا ئوخشاش تۆۋەن ئوربىتىلىق تورلار ۋە ھەتتا دۈشمەن زېمىنىدىكى يانفونلارنىڭ 3G/4G تورلىرى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلدى [47-48]. بۇ يېڭىلىق بۇرۇن پەقەت ئەڭ چوڭ ۋە قىممەت ئايروپىلانلارغىلا خاس بولغان كۆرۈش سىزىقىدىن ھالقىغان (BLOS) مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ئەڭ كىچىك قوراللارغىمۇ سىڭدۈردى. بىراق، پۇقراۋى ياكى چەت ئەل خۇسۇسىي ئالاقە تورىغا بېقىنىش ئۇرۇش كۈنلىرىدە مۇلازىمەتنىڭ تۇيۇقسىز كېسىلىشى، تور ھۇجۇمى ياكى سىياسىي چەكلىمە كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ. ھەر بىر دۆلەت بۇ تېخنىكىلارغا تايىنىشتىن بۇرۇن، كىرىزىس مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنىڭ قانۇنىي ۋە ئەمەلىي كاپالىتىنى قۇرۇشى كېرەك.
ئۇكرائىنا بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئەڭ شىددەتلىك ئېلېكتىر ماگنىت كۈرىشى مەيدانىغا ئايلاندى، سۈنئىي ھەمراھ (GPS) ئورۇن بەلگىلەشنى توسۇش، سىگناللارنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش لىنىيەلىرىنى ئۈزۈۋېتىش ھەمدە بۇنىڭغا قارشى كۆپ ئانتېننىلىق قوغداش سىستېمىلىرى بىلەن سۈنئىي ئەقىللىك يول باشلاش تېخنىكىلىرى مىنۇتسىرى رىقابەتلەشمەكتە [48-49]. بۇ كەسكىن مۇھىتتا بىر تەرەپ يېڭىلىغان يۇمشاق دېتال بىر نەچچە كۈنلا ئەۋزەللىك بېرىپ، دۈشمەن تەرەپ تاقابىل تۇرۇش چارىسى تېپىشى بىلەن ئۆز ئۈنۈمىنى تېزلا يوقاتماقتا. شۇ سەۋەبتىن، قوراللارنى باھالىغاندا ئۇنىڭ ئۇچۇش ئارىلىقى ۋە يۈك سىغىمىدىن باشقا، رادىيو چاستوتىسىنى تېز ئۆزگەرتىش، يۇمشاق دېتاللىرىنى جەڭ مەيدانىدا دەرھال يېڭىلاش ۋە تېز سۈرئەتتە زاپچاس ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىغا بەكرەك قاراش كېرەك.
ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى تارقاق خۇسۇسىي كارخانىلار ۋە پىدائىي قۇرۇلمىلارغا تايانغانلىقتىن، ئىنتايىن تېز يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە، لېكىن مەھسۇلات سۈپىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە كۆلەملەشتۈرۈشتە قىينالماقتا، رۇسىيەنىڭ ھەممە نەرسىنى تىك باشقۇرىدىغان تۈزۈلمىسى بولسا تۈركۈملەپ ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلەتكەن بىلەن، يېڭىلىق يارىتىشتا نىسبەتەن تەمكىن [49-50]. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سودا بازىرىدىكى مىكرو ئېلېكتىرون، كىچىك موتور ۋە باتارېيەلەرگە بېقىنىشى تەمىنات زەنجىرىنى يېڭى بىر كۈرەش مەيدانىغا ئايلاندۇردى. بۇنىڭدىن چىقىدىغان دەرس شۇكى، دۆلەتلەر «نوقۇل چوڭ دۆلەت زاۋۇتلىرى ياكى پەقەت كىچىك پۇقراۋى شىركەتلەر» دېگەن بىر تەرەپلىمىلىكتىن چىقىپ، دۆلەتنىڭ مەبلەغ، ئۆلچەم ۋە سىناق كۈچى بىلەن خۇسۇسىي تەرەپنىڭ تېز يېڭىلىق يارىتىش جانلىقلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى لازىم.
ئۇكرائىنا تەجرىبىسى جەڭ مەيدانىنى تامامەن «سۈزۈك» ھالەتكە كەلتۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى قوشۇنلارنى بىر يەرگە يىغىپ ئەنئەنىۋى بىرونېۋىك بۆسۈشلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى غايەت زور دەرىجىدە خەتەرلىك قىلدى، رۇسىيە كىچىك گۇرۇپپىلار، موتسىكلىتلار ۋە ئۈستى پۈتۈنلەي قاپلانغان «تاشپاقا تانكا»لار بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇر بولدى [51-52]. ئەمما، بۇ ئالدىنقى سەپلەر پەقەت ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك مىنا مەيدانلىرى بىلەن مۇستەھكەم قۇرۇلۇشلار تۈپەيلىدىن تاقالغان بولۇپ، ئۇكرائىنانىڭ 2024-يىلى كۇرسكقا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىشى مانېۋىر خاراكتېرلىك ھەرىكەتچان جەڭلەرنىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى كۆرسەتتى [52-53]. شۇڭا، «تانكا ۋە ئېغىر قوراللار دەۋرى پۈتتى» دېگەن خۇلاسە توغرا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ھاۋا كۆزىتىشى، تارقاق ھەرىكەت، ئېلېكتىرونلۇق مۇداپىئە ۋە تېز ھاۋا زەربىسى ياردىمىسىز يالغۇز ئىشلىتىشنىڭ خەۋپى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشتى، دەپ قاراش كېرەك.
ئوتتۇرا شەرق: ئەرزان كۆپ سانلىق زەربە بىلەن بىرلەشمە ھاۋا كۈچىنىڭ رىقابىتى
ئوتتۇرا شەرق ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلارنى دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر سىناق قىلغان، دۆلەت تەۋەلىكىدە بولمىغان قوراللىق گۇرۇپپىلارغا كەڭ تارقاتقان ھەمدە كۈچلۈك قوراللىق تىركىشىشلەردە داۋاملىق قوللىنىۋاتقان مۇھىم رايوندۇر [59]. ئىران، ئىسرائىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۆز ئالدىغا سانائەت قۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت نىشانى ۋە نەتىجىسى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇپ چىقماقتا. شۇ ۋەجىدىن، رايون بىزگە نوقۇل قوراللارنىڭ تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتىنىلا ئەمەس، بەلكى ھەر بىر دۆلەتنىڭ مەقسىتىگە قاراپ قوراللارنىڭ قانداق خاراكتېر ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىر سىستېمىنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئۇنىڭ پەقەت ئۆيدە ياسالغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى شۇ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىگە قانچىلىك ئۇيغۇن كەلگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ.
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان پىروگراممىسى ئەسلىدە ئىران–ئىراق ئۇرۇشىدىكى كۆزىتىش كەمچىللىكىدىن تۇغۇلغان بولۇپ، 2000-يىللاردىن باشلاپ پاسداران ئىنقىلابىي قوغدىغۇچىلار قىسمىنىڭ راكېتا قوشۇنلىرىنى نىشان ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە كۈچەيتىلگەن [59-61]. ئېمبارگو سەۋەبىدىن چەت ئەلنىڭ ئىلغار موتور ۋە سېنزورلىرىنى ئالالمىغانلىق چوڭ تىپتىكى ئايروپىلانلارنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئىران ئاددىي لايىھەلەرنى ئاممىۋى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئەرزان ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمچى قوراللاردا ئۆزىگە خاس زور ئۈستۈنلۈك ياراتتى. بۇ نەتىجە ئەڭ ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە بولۇشتىن ئەمەس، بار بولغان چەكلىك شارائىتقا ماسلاشقان توغرا لايىھە تۈزۈشتىن ھاسىل بولدى.
«Shahed-131» ۋە «Shahed-136» ئىراننىڭ تەڭپۇڭسىز (ئاسىممېتىرىك) قارشىلىق كۆرسىتىش دوكترىنىسىدا قىممەت باھالىق راكېتالارنى تولۇقلايدىغان ئەرزان قورال بولۇپ باھالانماقتا. ئىران بۇ سىستېمىلارنى ئۆزىنىڭ ئىراق، لىۋان ۋە يەمەندىكى پۈتۈن تەسىر كۈچلىرىگە، شۇنداقلا رۇسىيەگە تېخنىكىسى بىلەن قوشۇپ تارقاتتى [61]. بۇ تارقىتىش تاكتىكىسى ئىرانغا بىۋاسىتە ئۇرۇشقا كىرمەي تۇرۇپ رايوندا تەسىر كۆرسىتىش، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ مۇداپىئە خىراجىتىنى تېز ئاشۇرۇۋېتىش پۇرسىتى ياراتتى. ئەمما بۇ خىل ئەرزان سىستېمىلار ئىلغار ھەم بىر پۈتۈن ھاۋا مۇداپىئە كۈچىگە تاقابىل تۇرغاندا، تەنھالىق بىلەن كۆپ سانغا تايىنىشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك بولماي قالىدۇ.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي مودېلى ئىراننىڭكىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. 1970-يىللىرى مىسىرنىڭ ھاۋا مۇداپىئە راكېتالىرىغا قارشى نىشان ئالداش ۋە جانلىق رازۋېدكا قىلىش بىلەن باشلانغان تەرەققىيات، 1982-يىلى لىۋاندا سۈرىيە ھاۋا مۇداپىئە بازىلىرىنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئادەملىك كۈرەشچى ئايروپىلان، ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ۋە زەمبىرەكلەرنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ پاچاقلاپ تاشلاش تەجرىبىسىگە كۆچتى [62، 70]. «Heron»، «Heron TP»، «Hermes 450»، «Hermes 900»، «Harpy» ۋە «Harop» كەبى نۇرغۇن قوراللارنىڭ قىممىتى ئايرىم تۇرغاندا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ سېنزور بىلەن زەربە ئېلېمېنتلىرىنى بىرلا جەڭ تورىغا زىچ باغلىغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ ئۇسلۇب ئۇچقۇچىسىز سىستېمىنى ئادەملىك ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئەمەس، بەلكى ئادەملىك قوشۇننىڭ كۈچىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرىدىغان قوشۇمچە قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشتۇر.
2006-يىلدىكى لىۋان ئۇرۇشىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كۆرۈنۈشلىرىنى كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسىنىڭ ئالدىغا تۈز يەتكۈزۈش، 2008-2009-يىللاردىكى غەززە ھەرىكىتىدە نىشاننى كۆرۈشتىن زەربە بېرىشكىچە بولغان ۋاقىتنى بىر مىنۇتقا چۈشۈرۈش ھەمدە 2025-يىلى ئىران ھاۋا مۇداپىئەسىنى ئالدىن بېسىپ ئادەملىك ئايروپىلانلارغا يول ئېچىش بۇ ئورتاق مەشغۇلاتنىڭ كامالەتكە يەتكەنلىكىنى نامايان قىلدى [71]. لېكىن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى جەڭلەردە قوللانغان «Lavender»، «Gospel» ۋە «Where’s Daddy?» ناملىق سۈنئىي ئەقىللىق نىشان بەلگىلەش سىستېمىلىرى ئىنساننىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىنىڭ ئاجىزلىشىشى، خاتالىق پىرسەنتى ۋە پۇقرالارنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىشى تۈپەيلىدىن خەلقئارادا كەسكىن قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كەلدى [63]. بۇ يەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تېخنىكىلىق سۈرئەتنىڭ ئېشىشى قانۇنلۇق ياكى ئەخلاققا مۇۋاپىق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «تەييار قورال سېتىۋېلىش، تېخنىكا كىرگۈزۈش ۋە ئاستا-ئاستا يەرلىكلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت باسقۇچلۇق يولنى تۇتتى [64-68]. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «Saqr»، «Samoom»، «SkyGuard» پىلانلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ «ئاقىنجى» ئايروپىلانىنى ئۆز تېررىتورىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىش كېلىشىملىرى؛ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «EDGE Group» ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن «Reach-S»، «Reach-M» ۋە «Jeer» لايىھەلىرى يەرلىك تەرەققىيات ئىستىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما چەت ئەلنىڭ ماتورىغا، سېنزورلىرىغا تايىنىش ۋە تېخنىكىنىڭ دۆلەت ئىچىگە سىڭىشىنىڭ ئاستا بولۇشى «يەرلىك» دېگەن سۆزنىڭ تېخى پۈتۈنلەي مۇستەقىللىقنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەقىقىي مۇداپىئە ئىگىلىك ھوقۇقى قورالنى پەقەت قۇراشتۇرۇش بىلەنلا ئەمەس، يۇمشاق دېتال يېزىش، سىناق قىلىش، زاپچاس تەمىناتى ۋە كىرىزىس چاغلىرىدا ئۈزۈلمەي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
ئىلگىرى ئامېرىكا «باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى تىزگىنلەش كېلىشىمى» (MTCR) سەۋەبىدىن قورال سېتىشنى رەت قىلغاندا، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى خىتاينىڭ «Wing Loong» ۋە «CH-4» سىستېمىلىرىغا يۈزلەنگەن ئىدى، بىراق ئۇلارنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە بىرلا دۆلەتكە باغلىنىپ قېلىش ئەندىشىسى كېيىنچە بۇ ئەللەرنى تۈركىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە قايتىدىن ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىشقا يۆتكىدى [66-68]. كۆپ دۆلەتتىن قورال ئېلىش سىياسىي ئەۋرىشىملىك بەرگەن بىلەن، ئوخشىمىغان زاپچاس، مەشىق تۈزۈمى، ئالاقە كودلىرى ۋە ئوق-دورا ئۆلچەملىرى سەۋەبىدىن ھەربىي قوشۇننىڭ ئورتاق مەشغۇلات قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. قورال سېتىۋېلىش تىزىملىكىنىڭ كۆپلۈكى جەڭگىۋارلىقنىڭ يۇقىرىلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنە قوشۇمچە تەننەرخ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ھەمكارلاشما جەڭ ئايروپىلانى ساھەسىدە، ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ ئىلغار سانائىتى، سۈنئىي ئەقىل ئېكولوگىيەسى ۋە كۆپ خىل بىرلەشمە ھاۋا تەجرىبىلىرى بىلەن رايوندا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. گەرچە كۆپ قىسىم تۈرلىرى مەخپىي تۇتۇلسىمۇ، تېز تەرەققىي قىلماقتا [68-69]. ئىران يوشۇرۇنۇشچان سىستېمىلارغا قىزىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بىلەن، كونىراپ كەتكەن ئادەملىك كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئەترىتى، موتور كەمچىللىكى ۋە ئاۋىياتسىيە بوشلۇقى سەۋەبىدىن ئەڭ ئارقىدا قالماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خەلقئارالىق «GCAP» پىروگراممىسىغا كىرىش تىرىشچانلىقى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «Jeniah» لايىھەسى قولتۇق ئەللىرىنىڭ بۇ يېڭى بازارنىڭ بىرىنچى خېرىدارلىرىدىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن پۇلغا تېخنىكا سېتىۋېلىش بىلەن ئۇنى ئەمەلىي ئۇرۇش تورىدا ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئارىسىدا چوڭ پەرق بار.
2024- ۋە 2025-يىللىرى ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان تۈركۈملىگەن ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى كۈچلۈك كۆپ قاتلاملىق ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە خەلقئارالىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ كۈچلۈك توسۇشى ئالدىدا ئاساسەن ئاقمىدى، بولۇپمۇ 2024-يىلى 13-ئاپرېلدىكى 170 دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، 120 باللىستىك راكېتا ۋە 30 قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن تەشكىل تاپقان ھۇجۇمدا بىرەر دانىمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىسرائىلىيە ھاۋا بوشلۇقىغا بۆسۈپ كىرەلمىدى [73]. چۈنكى ئاستا ئۇچىدىغان بۇ ئاپپاراتلار مۇداپىئەچى تەرەپكە ئۇلارنى تەييارلىق بىلەن توسۇۋېلىشقا نەچچە سائەتلىك پۇرسەت بېرىپ قويغان. بۇ نەتىجە شۇنى كۆرسەتتىكى، «ئەرزان كۆپ سان» تاكتىكىسى رەقىبنىڭ ئىلغار تورىغا تاقابىل تۇرغاندا پەقەت ۋاقىت، كۆپ يۆنىلىشلىك سۈرئەت، كۈچلۈك ئېلېكتىرونلۇق قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە تېز سۈرئەتلىك راكېتالار بىلەن زىچ ماسلاشقاندىلا ئاندىن نەتىجە بېرەلەيدۇ.
يەمەندىكى خۇسىي ھەرىكىتىنىڭ قىزىل دېڭىز ۋە ئادەن قولتۇقىدىكى سودا پاراخوتلىرىغا قاراتقان كۆزىتىش ۋە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى بولسا بۇ ئەرزان سىستېمىلارنىڭ ئاجىز نىشانلارغا قارىتىلغاندا نەقەدەر زور خەۋپ يارىتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. كىچىك، تۆۋەن ئۇچىدىغان ۋە ئىسسىقلىق ئىزى ئاز ئاپپاراتلار غەرب ئۇرۇش كېمىلىرىنىڭ كۆپىنچە چوڭ راكېتالارغا قارشى پىلانلانغان مۇداپىئە قۇرۇلمىسىغا تەننەرخ ۋە بايقاش جەھەتتە ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلدى [72]. ھىزبۇللاھنىڭمۇ لىۋان چېگراسىغا يېقىن قىسقا ئارىلىقتىن قويۇپ بەرگەن كىچىك تىپتىكى قوراللىرى 2024-يىلى بىنيامىنا بازىسىغا ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ تۇرالغۇسىغا تېگىپ زىيان يەتكۈزەلىدى [73]. جۇغراپىيەلىك ئارىلىقنىڭ يېقىنلىقى، ئۇچۇش ۋاقتىنىڭ قىسقىلىقى ۋە نىشاننىڭ مۇداپىئە دەرىجىسى بىرلا قورالنىڭ جەڭ نەتىجىسىنى قانداق ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقى بۇ يەردە ناھايىتى روشەندۇر.
پارس قولتۇقى ئەللىرى يەمەن، لىۋىيە، ئېفىيوپىيە ۋە سۇداندىكى تۈرلۈك ۋەقەلەردە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئۆز قوشۇنلىرىنى خەۋپكە قويماي سىياسىي بېسىم ئىشلىتىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلەتتى؛ مەسىلەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 2018-2019-يىللىرى لىۋىيە مەيدانىدا 800 قېتىمدىن ئارتۇق زەربە ئېلىپ بارغان [74]. لېكىن تۈركىيە كېيىنچە ئۆزىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە قوراللىرى، «بايراقتار TB2» ئايروپىلانلىرى ۋە «Koral» ناملىق كۈچلۈك ئېلېكتىرونلۇق توسۇش سىستېمىلىرىنى تەڭ كىرگۈزۈش ئارقىلىق لىۋىيەدىكى جەڭ ۋەزىيىتىنى بىر پۈتۈن ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا چوڭ مانېۋىرلىرىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئاز قوللىنىلىشى سېتىۋېلىنغان تېخنىكىلار بىلەن ئەمەلىي بىرلەشمە ئۇرۇش دوكترىنى ئوتتۇرىسىدىكى يوچۇقنى كۆرسىتىدۇ [75].
ھىندى-تىنچ ئوكيان: جۇغراپىيە، ئىنسان كۈچى ۋە خىتاي بېسىمى شەكىللەندۈرگەن يېڭى تەلەپ
ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا سىستېمىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار غايەت زور دېڭىز كۆلىمى ۋە كۆپ خىل تەھدىتلەردۇر. تەيۋەن بوغۇزىدا ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقى، خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىزلاردىكى كۈلرەڭ رايون ھەرىكەتلىرى، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە راكېتا كۈچى ھەمدە 2025-يىلى كۆرۈلگەن ھىندىستان–پاكىستان توقۇنۇشى رايون ئەللىرىنى «توسۇپ قېلىش (رەت قىلىش) ئارقىلىق چەكلەش» ئىستراتېگىيەسىگە يۈزلەندۈردى [81-83]. بۇ رايوندا ئۇزاق سائەت ئۇچۇش، كۈچلۈك دېڭىز رادارى، سىگنال ئىستىخباراتى ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسى ئىختىيارىي ئەمەس، بەلكى كەم بولسا بولمايدىغان شەرتلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، تەرەققىي قىلدۇرۇلىۋاتقان سىستېمىلار قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرلا ۋاقىتتا نازارەت قىلىش ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك يىراق نىشانلارنى دەل كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن لايىھەلەنمەكتە.
ئاۋسترالىيەنىڭ 2024-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى ئۇزۇن مۇساپىلىك ئىستىخبارات، بىرلەشمە ھاۋا-راكېتا مۇداپىئەسى ۋە يىراقتىن زەربە بېرىشنى دۆلەتنى قوغداشنىڭ تۈۋرۈكى قىلدى؛ بۇ قۇرۇلمىدا «MQ-4C Triton» دېڭىز چارلاش سۇپىسى بىلەن «MQ-28 Ghost Bat» ناملىق ھەمكارلاشما جەڭ ئايروپىلانى ئىككى ئاساسىي كۈچنى شەكىللەندۈرىدۇ [81-82، 95]. «MQ-28» پىلانىغا ھازىرغىچە 1 مىليارد ئاۋسترالىيە دوللىرى مەبلەغ سېلىنىپ، 11 دانە سىناق ئايروپىلانى پۈتكۈزۈلدى ۋە 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 126 قېتىم سىناق ئۇچۇشى تاماملىنىپ، ھاۋادىن ھاۋاغا زەربە بېرىش باسقۇچىغا ئۆتتى [95]. ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى پەقەت ئايروپىلان پۈتتۈرۈشتىلا ئەمەس، بەلكى سىستېمىنى ئىشلەپچىقىرىش، سىناقتىن ئۆتكۈزۈش ۋە تەجرىبىنى تېز قوبۇل قىلىشتىكى پۇختا دۆلەت-سانائەت ھەمكارلىقىدىن كەلمەكتە.
ياپونىيە ئۆزىنىڭ 2022-يىلى ئېلان قىلغان ئۈچ چوڭ بىخەتەرلىك ھۆججىتىدە ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلارنى ئادەملىك ئايروپىلانلار ۋە سۈنئىي ئەقىل بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ ئۇرۇش قىياپىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ئاچقۇچلۇق كۈچ دەپ بېكىتتى ھەمدە 2023-2027-يىللىرى ئارىلىقىدا بۇ ساھەگە 1 تىرىليون ياپونىيە يېنى خامچوت ئاجراتتى [82]. «RQ-4B Global Hawk»، 23 دانە سېتىۋېلىش پىلانلانغان «MQ-9B Sea Guardian»، تىك ئۇچىدىغان «V-BAT» سىستېمىلىرى بىلەن يەرلىك لايىھەلەر ياپونىيەنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىنى قوغداش ۋە رازۋېدكىدىن زەربىگە ئۆتۈش قەدەملىرىنى تېزلەتمەكتە [83-85، 89-90]. لېكىن ئىچكى بازارنىڭ كىچىكلىكى، يۇقىرى باھا ۋە قاتتىق ئېكسپورت چەكلىمىلىرى ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىچى سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويغان بولۇپ، بۇ چەكلىمىلەر بوشىتىلمىسا 2032-يىلغىچە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش پىلانلىرى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن [90].
جەنۇبىي كورېيە بولسا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە راكېتا تەھدىتىگە قارشى تۈزۈلگەن «ئۈچ ئوقلۇق مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى»نىڭ مەركىزىگە قويدى، بۇلار ئالدىن زەربە بېرىپ يوقىتىش، ھاۋادا توسۇپ قېلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە قايتۇرما زەربە بېرىشتۇر [82-83]. گەرچە «RQ-4B Global Hawk» ۋە «Heron» تىپلىق ئايروپىلانلار شىمالنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، GPS سىگنالىنىڭ كۈچلۈك توسۇلۇشى ۋە ئاسراش قىيىنچىلىقلىرى بىر قىسىم كاشىلىلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى [85-86]. ئۆزلىرى تەتقىق قىلغان «KUS-FS»، سىگنال رازۋېدكا بۆلەكلىرى، 2023-يىلى قۇرۇلغان بىر تۇتاش ئۇچقۇچىسىز قوشۇن قوماندانلىق ئىشتابى ۋە 2030-يىلغا يەتكۈچە ھەمكارلاشما جەڭ ئايروپىلانلىرىنى سەپكە كىرگۈزۈش نىشانى جەنۇبىي كورېيەنىڭ بۇ تېخنىكىنى پۈتۈن تەشكىلىي ئاپپاراتىغا سىڭدۈرۈش ئىرادىسىنى كۆرسىتىدۇ [86، 92، 96].
تەيۋەننىڭ 2025-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە تەكشۈرۈشى «كۆپ قاتلاملىق توسۇپ قېلىش ۋە پۈكمەس مۇداپىئە» پىرىنسىپىنى چىڭ تۇتۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىش، دېڭىزدىن بېسىپ كىرىشنى تاقاش ۋە قىرغاققا چىققان دۈشمەنگە تارقاق زەربە بېرىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە مەركەزلەشتى [83]. يەرلىك «Teng Yun 2» لايىھەسى سىناقلاردا كېچىككەچكە، ئامېرىكىدىن ئېلىنىدىغان تۆت دانە «MQ-9B Sky Guardian»نىڭ كېلىشى 2026-2027-يىللىرىغا قالدۇرۇلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ رادارلىرىنى پارتلىتىدىغان «Chien Hsiang» تىپلىق ئەرزان ھۇجۇمچى قوراللار بىلەن كىچىك دېڭىز ئاپپاراتلىرى كەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلماقتا [86-87، 92]. بۇ سىستېما خىتاينىڭ غايەت زور سان ئۈستۈنلۈكىگە ئوخشاش ساندىكى قوشۇن بىلەن ئەمەس، بەلكى بوغۇز جۇغراپىيەسىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈنلەي تارقاقلاشقان ئەرزان زەربە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش نىشانىنى كۆزلەيدۇ.
تەيۋەن ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن «دۆلەتلىك ئۇچقۇچىسىز سىستېما ئەترىتى» 2028-يىلغىچە يىلىغا 180 مىڭ دانە ئاپپارات ئىشلەپچىقىرىشنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، 2024-يىلدىكى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش ئاران 8-10 مىڭ ئەتراپىدا قالغان، شۇڭا 2025-يىلدىكى تۈزىتىلگەن پىلان 2027-يىلغىچە 48 مىڭ 750 دانە سېتىۋېلىشنى نىشانلىغان [92-93]. كۆپ قىسىم يادرولۇق بۆلەكلەر ۋە ئۆزەكلەردە چەت ئەلگە تايىنىش، خىتاي زاپچاسلىرىنى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن قەتئىي ئىشلىتەلمەسلىك ۋە تەننەرخنىڭ يۇقىرىلىقى ئىشلەپچىقىرىشنى كۆلەملەشتۈرۈشنى چەكلەپ قويماقتا. بۇ ئەھۋال سانائەت كۈچىنىڭ پەقەت زاۋۇت ئېچىش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىشەنچلىك خام ئەشيا، ئۆزەك، دائىملىق دۆلەت زاكازلىرى ۋە ئېكسپورت بازىرى بىلەن بىۋاسىتە بىرىككەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ھىندىستان 1999-يىلدىكى كارگىل چېگرا ئۇرۇشىدىن تارتىپ تاغلىق رايونلارنى كۆزىتىشكە مەبلەغ سېلىپ، ئارمىيە تەۋەلىكىدە كۆپ ساندىكى ئىسرائىلىيە «Heron» ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ كەلدى، بولۇپمۇ 2020-يىلى خىتاي بىلەن بولغان چېگرا توقۇنۇشلىرىدىن كېيىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە ئاۋىياتسىيە قىسمىغا ئۆتكۈزدى [86-87]. يەرلىك تەتقىق قىلىنغان «TAPAS BH-201» پىلانى موتور كەمچىللىكى، ئېغىرلىق ۋە ئۇچۇش پەللىسىگە يېتەلمەسلىك تۈپەيلىدىن 2024-يىلى پۈتۈنلەي توختىتىلدى. شۇ ۋەجىدىن ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن 31 دانە «MQ-9B» سېتىۋېلىش، ئۇنىڭ 21 دانىسىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدە قۇراشتۇرۇش قارارىغا كەلدى [87-88]. بۇ تاللاش دۆلەت ئىچى سانائەت ئارزۇسى بىلەن ئالدىنقى سەپتىكى جىددىي تەھدىت ئارىسىدىكى قىيىن بىر مۇرەسسەنىڭ نەتىجىسىدۇر.
پاكىستان بولسا ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا سېتىش چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن خىتاي ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ «Burraq»، «Shahpar» كەبى ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرگە خىتاينىڭ «Wing Loong»، تۈركىيەنىڭ «بايراقتار TB2» ۋە «ئاقىنجى» ئايروپىلانلىرىدىن تەركىب تاپقان كۆپ مەنبەلىك كۈچلۈك بىر ھاۋا ئەترىتى قۇردى [89]. 2025-يىلى يۈز بەرگەن قىسقا مۇددەتلىك تۆت كۈنلۈك ھىندىستان–پاكىستان ھاۋا توقۇنۇشىدا، ئىككى تەرەپ تەڭلا ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا، يالغان نىشانلار بىلەن ھۇجۇمچى سىستېمىلارنى راكېتالار بىلەن بىرلىكتە قوللىنىپ، بىر-بىرىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سېپىنى سىناقتىن ئۆتكۈزدى [83، 94]. بۇ ئۇرۇش ئۇچقۇچىسىز قوراللارنىڭ ئىككى يادرو دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا ئادەم چىقىمى بولمىغان، ئەمما سىياسىي ئىنكار قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان يېڭى بىر زەربە پەلەمپىيى ياراتقانلىقىنى كۆرسەتتى. لېكىن ئىنسان چىقىمىنىڭ كەم بولۇشى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ زەربە بېرىش قارارىنى بەكلا ئاسانلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۇرۇشنىڭ كۈتۈلمىگەن ھالدا تېز كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىنىمۇ تۇغدۇرىدۇ.
ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا بىر يۆنىلىشلىك ھۇجۇمچى ئاپپاراتلارنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى يىراق مۇساپىلىك ئېنىق زەربىنىڭ ئەمدى پەقەت مىليون دوللارلىق راكېتالارغىلا بېقىنمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاۋسترالىيەنىڭ «OWL»، ياپونىيەنىڭ يېڭى تەتقىقاتلىرى، جەنۇبىي كورېيەنىڭ «Harpy»، «KUS-SX»، «KUS-FX» ۋە پولشادىن ئېلىنغان «Warmate 3»، تەيۋەننىڭ «Chien Hsiang» ۋە «Mighty Hornet»، ھىندىستاننىڭ «Nagastra» ھەمدە پاكىستاننىڭ «Blaze» سىستېمىلىرى رازۋېدكا، يالغان نىشان، ئېلېكتىرونلۇق قورال ۋە زەربىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرماقتا [89-94]. كەلگۈسى رىقابەتتە قورالنىڭ «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياكى باشقۇرۇلىدىغان راكېتا» دەپ قانداق نام ئالغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قايسى دەرىجىدىكى تېز سېنزور تورىغا ئۇلانغانلىقى ۋە قايسى باھادا دۈشمەن مۇداپىئەسىنى يېڭەلەيدىغانلىقى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق توسالغۇ لايىھەلەرنىڭ ئازلىقى ئەمەس، بەلكى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە جەڭگە تېز كىرگۈزۈش سۈرئىتىنىڭ كەمچىللىكىدۇر. ياپونىيەنىڭ پايدا تۆۋەنلىكى ۋە ئېكسپورت توسالغۇلىرى، تەيۋەننىڭ زاپچاس ۋە زاكاز بوشلۇقى، ھىندىستاننىڭ موتور قىيىنچىلىقى ۋە تۈرلەرنىڭ كېچىكىشى، جەنۇبىي كورېيەنىڭ بولسا بىرلا ۋاقىتتا بەك كۆپ ئوخشاش پىلانلارنى باشلاپ قويۇشى ئارزۇ بىلەن سانائەت ئەمەلىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى ئاشكارىلايدۇ [90، 93، 98-99]. چوڭ توقۇنۇش كۆتۈرۈلۈپ ئىستېمال پارتلىغاندا، قەغەز ئۈستىدىكى تۈگىمەس نۇسخىلاردىن كۆرە بۇرۇن پىشقان ئاز ساندىكى ئۆلچەملىك مودېللار، زاپچاس ئامبارلىرى ۋە تەربىيەلەنگەن كەسپىي ئۇچقۇچىلار كۆپ ئەسقاتىدۇ. ھەقىقىي سانائەت تەييارلىقى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى، يۇمشاق دېتال يېڭىلاش سۈرئىتى ۋە زىياننى تەڭشەش ئىقتىدارى بىلەن باھالىنىدۇ.
ھەمكارلاشما جەڭ ئايروپىلانلىرى (CCA) ئادەملىك كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ سان يېتىشمەسلىكىنى تولۇقلاش، تەھدىتلىك بوشلۇققا ئالدىن سېنزور كىرگۈزۈش، ھاۋا مۇداپىئەسىنى بېسىش ۋە ئۇچقۇچى كەمچىللىكىنى ھەل قىلىش قورالى دەپ قارالماقتا [95-98]. ئاۋسترالىيە «MQ-28» بىلەن ئەڭ ئالدىدا ماڭماقتا. جەنۇبىي كورېيە ئەرزان قۇربان قىلىنىدىغان ئاپپاراتلاردىن تارتىپ كۈرەشچى ئايروپىلانغا باراۋەر كېلىدىغان سىستېمىلارغىچە بولغان كۆپ قاتلاملىق يول تۇتماقتا؛ ھىندىستان ئۆزىنىڭ «Warrior» ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «Abhimanyu» لايىھەلىرىنى سىنىماقتا، ياپونىيە ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ لايىھە چىقارماقتا. بۇ پىلانلارنىڭ كۆپىنچىسى تېخى سىناق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقتىن، 2030-يىللاردىكى ئەمەلىي سان، سېتىۋېلىش باھاسى ۋە ئادەم بىلەن ماشىنىنىڭ ئورتاق مەشغۇلات ئەھۋالى ھازىرقى پەرەزلەردىن خېلىلا پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن.
ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەدىكى نوپۇسنىڭ تېز قېرىشى ۋە تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئازىيىشى ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلارنى ئاددىي بىر تېخنىكىلىق ھەۋەس ئەمەس، بەلكى ئارمىيە سەپلىرىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مەجبۇرىي چارىسىگە ئايلاندۇرماقتا [83، 90، 95]. لېكىن «ئۇچقۇچىسىز» دېگەن نام ئادەمگە بولغان ئېھتىياج پۈتۈنلەي تۈگىدى دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ؛ چۈنكى تېخنىكىلىق ئاسراش، ئۇچۇش پىلانى، سانلىق مەلۇمات ئانالىزى، ئالاقە، قورال ئىشلىتىش ئىجازىتى ۋە تور بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ يۇقىرى پەن-تېخنىكا خادىملىرى كېرەك. شۇڭا ئادەم كۈچىنى پەقەت ئايروپىلان كابىنىسىدىكى بىر ئۇچقۇچى بىلەنلا ھېسابلاپ چىقىدىغان قاراش تامامەن خاتادۇر. ھەقىقىي جەڭ ئۈنۈمى بىر مەشغۇلاتچىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قانچىلىك سۇپىنى بىخەتەر ھەم ئىشەنچلىك باشقۇرالايدىغانلىقىغا، كومپيۇتېر ئالگورىزىملىرىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ۋە ئارمىيە قۇرۇلمىسىنىڭ بۇ يېڭى روللارغا قانچىلىك تەييار ئىكەنلىكىگە باغلىقتۇر.
رايونلار ئارا خۇلاسە ۋە كەلگۈسى يۆنىلىش
دوكلاتتىن چىقىرىلغان بىرىنچى چوڭ ئىستراتېگىيەلىك خۇلاسە شۇكى، ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلار دۆلەتنىڭ چەكلەش (توسۇپ قېلىش) كۈچىگە ئىككى خىل يول بىلەن تۆھپە قوشىدۇ. رەت قىلىش ئارقىلىق چەكلەشتە، ئۇلار ئۈزلۈكسىز كۆزىتىش، تورلاشقان زەربە بېرىش، دۈشمەن ھاۋا مۇداپىئەسىنى باستۇرۇش ۋە كۆپ ساندىكى نىشان بىلەن دۈشمەننىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ جازالاش ئارقىلىق چەكلەشتە بولسا، ئۇلار ئۇزۇن مۇساپىلىك، ئەرزان ۋە ئۈزلۈكسىز بېسىم خاراكتېرلىك زەربە بېرىش قۇدرىتى بىلەن دۈشمەنگە ئېغىر بەدەل تۆلىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ [30، 82-83، 110]. لېكىن بۇ ئىككى خىل يولنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ئىسكىلاتلاردىكى ھەقىقىي زاپاس مىقدارىغا، ئالاقە تورىنىڭ پۇختا چىدامچانلىقىغا، دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە ۋە قورال ئىشلىتىش قائىدىلىرىگە باغلانغاندۇر. كۆرگەزمىلەردە كۆرسىتىلگەن نۇسخىلار چەكلەش كۈچى پەيدا قىلالمايدۇ، پەقەت سەپتە بار، تولۇق مەشىق قىلىنغان ۋە بارلىق جەڭ تۈرلىرىگە بىرىكتۈرۈلگەن ئەمەلىي كۈچلا رەقىبنىڭ ئۇرۇش پىلانىنى توختىتالايدۇ.
ئىككىنچى خۇلاسە، «كۆپ سان» بىلەن «يۇقىرى سۈپەت»نى بىر-بىرىگە تۈپتىن زىت دەپ قاراش كونا ۋە خاتا چۈشەنچىدۇر. ئۇكرائىنادىكى نەچچە يۈز دوللارلىق كىچىك FPV ئاپپاراتلىرى، ئىراننىڭ ئەرزان ھۇجۇمچى سىستېمىلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق جەڭ تورى ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ ھەمكارلاشما جەڭ ئايروپىلانلىرى ئوخشىمىغان مۇھىت ۋە ئوخشىمىغان ۋەزىپە قاتلاملىرىغا لايىھەلەنگەن مۇۋاپىق تاللاشلاردۇر [43، 71، 95]. كەلگۈسى قوراللىق قىسىملار يالغۇز بىرلا تۈردىكى قوراللاردىن ئەمەس، بەلكى سان بىلەن سۈپەتنى، ئەرزان باھا بىلەن يۇقىرى ئىقتىدارنى بىر-بىرىگە مۇۋاپىق تۇتاشتۇرغان كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلمىدىن بارلىققا كېلىدۇ. ئەرزان سۇپىلار دۈشمەن مۇداپىئەسىنى بايقايدۇ ۋە ئۇلارنى چارچىتىدۇ، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق قوراللار ھالقىلىق نىشاننى دەل ئۇجۇقتۇرىدۇ؛ ئادەملىك ئايروپىلانلار بولسا مۇرەككەپ ۋەزىيەتلەردە سىياسىي ۋە ھەربىي ئەقىل-پاراسەتنى ساقلاپ قالىدۇ.
ئۈچىنچى خۇلاسە شۇكى، كەلگۈسى ھاۋا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى ئايروپىلاننىڭ ئۆزىدىنمۇ بۇرۇن دەل جايىدىكى ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇماتلار بولۇپ قالىدۇ. سېنزورلار قانچە كۆپەيسە مەسىلە نىشان كەمچىللىكىدە ئەمەس، بەلكى قارار چىقارغۇچىلارغا كېلىدىغان تۈگىمەس ئۇچۇر تاشقىنىنى بىر تەرەپ قىلىشتا كۆرۈلىدۇ. ئۇكرائىنانىڭ «Delta» سىستېمىسى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تېزلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچلۈك ئاپتوماتىك سىستېمىلىرى ئۇنىڭ خەتەرلىك تەرەپلىرىنى، قولتۇق ئەللىرىدىكى تەھلىلچى يېتىشمەسلىك بولسا سانلىق مەلۇمات ئانالىزى بولمىسا قوراللارنىڭ كېرەكسىز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى [47، 63، 75]. شۇ ۋەجىدىن مەلۇماتنىڭ كېلىش مەنبەسى، خاتا نىشاننى سۈزۈپ چىقىرىش تېزلىكى ۋە ھەر بىر زەربىنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيەت زەنجىرى تېخنىكىنىڭ ئۆزىدەكلا ئەھمىيەتلىكتۇر.
تۆتىنچى خۇلاسە، سۈنئىي ئەقىل ۋە ئاپتونومىيە سىياسىتىنى ئۇرۇش كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ئولتۇرۇپ بەلگىلىگىلى بولمايدۇ. ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇشتا سىگنال پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن، قارار چىقىرىش ۋاقتى بىر قانچە سېكۇنتقا چۈشۈپ قالغان ۋە دۈشمەن نەچچە يۈزلىگەن قورال بىلەن كەلگەن جىددىي پەيتلەردە قارارنى ماشىنا ئالگورىزىمىغا تاپشۇرۇش بېسىمى تەبىئىي ھالدا پەۋقۇلئاددە كۈچىيىدۇ [46-49]. ئەگەر تىنچلىق مەزگىلىدە ئالدىن پىلانلانغان قانۇنىي چېگرالار، مەشغۇلات سىناقلىرى، ئېغىر خاتالىقلارنىڭ جاۋابكارلىق سىستېمىسى ۋە ئادەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالقىدا ئارىلىشىش پۇرسىتى تولۇق بېكىتىلمىسە، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي تىزگىن تېزلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا دۆلەتلەر ئاپتونومىيە تېمىسىنى نوقۇل «قوراللىق ياكى قورالسىز» دېگەندەك ساددا بۆلۈشكە باغلىماي، يول باشلاش، نىشان پەرقلەندۈرۈش، زەربە بېرىشنى ئالدىن تەستىقلاش، قورال قويۇپ بېرىش ۋە زەربىنى توختىتىش قاتارلىق مەشغۇلات باسقۇچلىرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھوقۇق قۇرۇلمىسىغا ئايلاندۇرۇشى شەرت.
بەشىنچى خۇلاسە شۇكى، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى سىياسىتىنى پەقەت بىرلا «يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى» بىلەنلا باھالاش يېتەرلىك ئەمەس. ياۋروپانىڭ كېچىكىپ قالغان كۆپ دۆلەتلىك مۇرەككەپ تۈرلىرى، تۈركىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىشلەپچىقىرىش–سىناق–ئېكسپورت دەۋرىيلىكى، ئۇكرائىنانىڭ تېز ھەم پۇقراۋى يېڭىلىق تورى، رۇسىيەنىڭ ھەممىنى دۆلەت مونوپول قىلغان تۈزۈلمىسى، قولتۇق ئەللىرىنىڭ تاشقى تېخنىكا كىرگۈزۈش مودېلى ۋە تەيۋەننىڭ زاپچاس تەمىناتى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرى ئالتە خىل ئوخشىمىغان تەرەققىيات يولىنى ئاشكارىلىدى [30، 34، 49-50، 64-66، 92-93]. نەتىجىدە ئەڭ چىداملىق ۋە ئۇتۇقلۇق بولغان مودېللارنىڭ ئورتاق سۈپىتى ئېنىق ھەربىي نىشان، قەرەللىك سېتىۋېلىش زاكازلىرى، مەيدان سىناقلىرى، يۇمشاق دېتاللارنىڭ نەق مەيداندا تېز يېڭىلىنىشى، تەمىنات يوللىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بولۇشى ۋە جەڭ مەيدانىدىكى تەجرىبىلەرنى سانائەتكە دەرھال يەتكۈزۈپ ئۆزگەرتەلەيدىغان يۈكسەك جانلىقلىقتۇر.
ئالتىنچى خۇلاسە سۈپىتىدە، 2030-يىللارنىڭ بېشىغا بارغاندا بەزى دۆلەتلەر ھەمكارلاشما جەڭ ئايروپىلانلىرىنى ئۆز قوشۇنلىرىغا قوشۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئادەملىك كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، ئەكسىچە، كېيىنكى يېڭى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ سېنزور، زەربە ۋە مۇداپىئە دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ بېرىدۇ [6، 109-110]. دەسلەپتە سەپكە كىرىدىغان بۇ تۈردىكى قوراللار يالغۇز ئۆزى ئۇرۇش قىلىدىغان ئاپپاراتتىن بەكرەك، يالغان نىشان بولۇش، ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ئېلىپ بېرىش، ئالدىن رازۋېدكا قىلىش، قوشۇمچە قورال توشۇش ۋە ھاۋا مۇداپىئەسىنى باستۇرۇشقا ئوخشاش ياردەمچى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ قىيىن تېخنىكىلىق چەكمۇ پەقەت ئۇچىدىغان سۇپا ياساش ئەمەس، بەلكى ئۇچقۇچى بىلەن بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق توسالغۇلارغا تەۋرەنمەيدىغان، دەل ۋاقتىدا ئىشلەيدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى بىخەتەر ئالاقە ۋە قوماندانلىق تورىنى قۇرۇپ چىقىشتۇر.
ئاخىرقى ھۆكۈم شۇكى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا سىستېمىلىرى ئۇرۇشنىڭ ئۆزگەرمەس ماھىيىتىنى — يەنى سىياسىي غايىلەرنى، خەۋپ-خەتەر، قەتئىي ئىرادە ۋە ئىنسانىي ھۆكۈمنى — ئۆزگەرتكىنى يوق. بىراق، ئۇلار ئۇرۇشنىڭ ئەمەلىي يۈرۈشۈش قىياپىتىنى، يەنى جەڭ مەيدانىنى كىمنىڭ كۆرەلەيدىغانلىقىنى، قارارنىڭ قانچىلىك تېز چىقىرىلىدىغانلىقىنى، ھۇجۇمنىڭ قانچىلىك ئەرزان بولىدىغانلىقىنى ۋە يوقالغان كۈچنى قايسى سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تۈپ يىلتىزىدىن قايتا شەكىللەندۈرمەكتە [109-110]. كەلگۈسى توقۇنۇشلاردا ئۈستۈنلۈك سېھىرلىك يەككە بىرلا قورالدىن كەلمەيدۇ؛ ئۇ پۈتۈنلەي كۆپ قاتلاملىق ئۈزۈلمەس ئىستىخبارات، تەۋرەنمەس ئالاقە، تېز سۈرئەتلىك سانائەت تەمىناتى، ئەرزان ۋە ئىلغار قوراللارنىڭ مۇكەممەل تۈزۈلۈشى، ئېنىق قانۇنىي ئاپتونومىيە سىياسىتى ھەمدە ئادەملىك ۋە ئۇچقۇچىسىز قىسىملارنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ئورتاق مەشغۇلاتىدىن ھاسىل بولىدۇ. خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار ئورنى دوكلاتىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك سىگنالىمۇ شۇ: ئۇچقۇچىسىز قوراللارنىڭ ئەمەلىي پايدىسى ھەققىدە ئەمدى ھېچقانداق شۈبھە قالمىدى، ئەمما بۇ ئاپپاراتلارغا قۇرۇق ئىگە بولۇپ قېلىش بىلەن ئۇلارنى دۆلەتنىڭ ھەقىقىي ئىستراتېگىيەلىك تەسىر كۈچىگە ئايلاندۇرالىشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق يەنىلا ئىنتايىن غايەت زوردۇر.
دوكلات مەنبەسى:
The International Institute for Strategic Studies. UAVs: ISR, Deterrence and War. Edited by Douglas Barrie, Fabian Hinz, and Dzaky Naradichiantama. London: The International Institute for Strategic Studies, March 25, 2026.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.













