خىتاينىڭ يېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆز كىملىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
ئۈرۈمچىدىكى بىر مەيدان ناخشا-ئۇسسۇل پائالىيىتى، ئاقسۇدىكى ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى ياكى مايتاغدىكى ئارىلاش ۋالىبول كوماندىلىرىنى ئايرىم كۆرگەندە، بۇلارنى ئادەتتىكى ئاممىۋى پائالىيەت دەپ چۈشىنىش مۇمكىن. لېكىن 2026-يىلى 22-سېنتەبىردىكى «شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرى ئۇلارنى مۇنداق بىر ئورتاق بىر سىياسىي مەقسەتكە باغلايدۇ، ئۇ بولسىمۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش». خەۋەردە تەشۋىقات، تىل ئۆگىنىش، ياشلارنى تەربىيەلەش، ئاساسىي قاتلامنى سەپەرۋەر قىلىش ۋە كارخانىلارنىڭ قاتنىشىشى بىر پۈتۈن پىلاننىڭ تەركىبلىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.[1]
بۇ پىلاننىڭ سىياسىي ئەھمىيىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن سەھنىدىكى كۆرۈنۈشلەردىن ھالقىپ، ئۇلارنى تەشكىل قىلىدىغان ھوقۇققا قاراش كېرەك. كىم «ئورتاق» مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنىنى بەلگىلەيدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى، تارىخى ۋە دىنىي تۇرمۇشىنى ئۆزلىرى بەلگىلىگەن شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقى بارمۇ؟ «ئىتتىپاقلىق» تەلىپىگە تەنقىدىي قاراش بىلدۈرۈش، ئانا تىل مائارىپىنى تەلەپ قىلىش ياكى بىر پائالىيەتكە قاتناشماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟ ئىختىيارىي ھەمكارلىق بىلەن مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ چېگراسى مۇشۇ سوئاللاردا كۆرۈنىدۇ.
بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي قارىشى شۇكى، يېڭى قانۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تەشۋىقاتنى ئىلگىرىكى باستۇرۇشتىن ئايرىپ ئوقۇشقا بولمايدۇ. رەسمىي تېكىستلەر كىملىكنى قايتا شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئوچۇق مەقسىتىنى كۆرسەتسە، مۇستەقىل تەتقىقاتلار ئۇنىڭ مەجبۇرلاش مۇھىتىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئىككىسى بىرلىكتە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئايرىم كوللېكتىپ كىملىكىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان سىياسىي يۆنىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، بىر خەۋەرنىڭ ئۆزىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم ئەمەس، بەلكى، قانۇن، ئىدارىي تەشكىلات ۋە خاتىرىلەنگەن ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىگە تايانغان تەھلىلدۇر.[2–8]
تەشۋىقات ھەپتىلىكىنىڭ ئارقىسىدىكى دۆلەت ئىرادىسى
خەۋەردىكى ئەڭ مۇھىم ئۇچۇر ناخشا-ئۇسسۇلنىڭ كۆپلۈكى ئەمەس، پائالىيەتلەرنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ماسلاشتۇرۇلغانلىقىدۇر. ئۈرۈمچىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى بىلەن يەرلىكلەردىكى پائالىيەتلەر بىر ۋاقىتتا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەن، تور ۋە مەيدان تەشۋىقاتى بىرلەشتۈرۈلگەن، «ئۈلگىلىك شەخس»لەرنىڭ شەخسىي ھېكايىلىرى سىياسەتنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىنغان. بۇ يەردە شەخسىي ياخشىلىق بىلەن دۆلەت بەلگىلىگەن سىياسىي كىملىك ئارىسىدا بىۋاسىتە باغلىنىش قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ، ياخشى قوشنا بولۇش، ياخشى خىزمەتچى بولۇش ۋە رەسمىي مىللەت قارىشىنى قوبۇل قىلىش بىرلىكتە تەقدىم قىلىنىدۇ.[1]
بۇ سىياسىي ئۇسۇلنىڭ كەم دېگەندە ئىككى روشەن ئۈنۈمى بار. ئالدى بىلەن، كونكرېت مىللىي ھوقۇق مەسىلىسى ئەخلاقىي ھېكايىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنىدۇ. بىر كىشىنىڭ باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىكى راست بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئۇنىڭ ئانا تىلىدا تولۇق مائارىپ ئېلىش ھوقۇقىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىمايدۇ. ئىككىنچىدىن، سىياسەتكە قوشۇلماسلىقنى ئىنسانلار ئارىسىدىكى دوستلۇققا قارشى تۇرۇشقا ئوخشىتىش مۇمكىنچىلىكى پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھوقۇق تەلىپىنىڭ ئۆزى ئەخلاقىي جەھەتتىن گۇمانلىق، ناتوغرا قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ.
بۇ پائالىيەتلەرنىڭ قانۇنىي ئاساسى بار. 2026-يىلى 12-مارت ماقۇللىنىپ، 1-ئىيۇل يولغا قويۇلغان «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نىڭ 56-ماددىسى سېنتەبىرنىڭ تۆتىنچى ھەپتىسىنى تەشۋىقات ھەپتىلىكى قىلىپ بېكىتكەن. 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى رەسمىي ئاخبارات يىغىنىدا دائىرىلەر يېڭى قانۇننى پارتىيەنىڭ مىللەت خىزمىتىدىكى ئىدىيەسىنى «دۆلەت ئىرادىسى»گە ئايلاندۇرىدىغان قەدەم دەپ چۈشەندۈرگەن.[2, 3]
بۇ چۈشەندۈرۈش مەقسەتنى ئىزدەشتە مۇھىم، مەركەزنىڭ مىللەت كىملىكىگە ئارىلىشىش نىيىتىنى پەقەت مەخپىي ھۆججەتلەردىن ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ رەسمىي سىياسەت سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان. ئاساسىي مەسىلە شۇكى، بۇ ئارىلىشىش كىشىلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قايسى نۇقتىدىن باشلاپ چەكلەيدىغانلىقىدۇر. پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر بىر ئادەمنى مەجبۇرلانغان دەپ قاراش توغرا ئەمەس، بىراق ئۇلارنىڭ سەھنىدىكى ئۇسسۇللىرىغا قاراپلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەركىن رازىلىقى بار، دەپ خۇلاسە چىقىرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.
يەرلىك پائالىيەتلەرنى يېتەكلەيدىغان مەركىزىي قۇرۇلما
22-سېنتەبىردىكى يېڭى خەۋەرلەر ئىلگىرىكى تېكىستتە كۆرۈنگەن يەرلىك پائالىيەتلەرنىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى بىر تەشكىللەشنىڭ تەركىبى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. «خەلق گېزىتى» بېيجىڭدىكى باشلىنىش مۇراسىمىدا مەركىزىي بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى گەنجيېنىڭ پائالىيەتنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ. تەشكىللىگۈچىلەر ئارىسىدا بۇ بۆلۈم بىلەن بىرگە مىللەتلەر، ئىجتىمائىي خىزمەت ۋە ئەدلىيە ساھەسىدىكى ئورگانلارمۇ بار. ئۈرۈمچىدىكى مۇراسىم ھەققىدىكى ئايرىم خەۋەردە بولسا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىگە مەسئۇل ئەمەلدارى ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىدۇ.[16, 18] بۇ ماسلىق يەرلىك پائالىيەتنىڭ قايسى سىياسىي مەركەزدىن يېتەكلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
بىرلىكسەپ قۇرۇلمىسىنىڭ بۇ يەردىكى ئەھمىيىتى، قوشنىلار ئارىسىدىكى ھەر بىر مۇناسىۋەتنى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغانلىقىدا ئەمەس. ئاساسىي مەسىلە جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرى بىلەن پارتىيە ئارىسىدىكى باغلىنىشنىڭ مەقسىتىنى بەلگىلەيدىغان سىياسىي دائىرىدىدۇر. مەركەز نىشاننى بېكىتكەندىن كېيىن، يەرلىك ئورگانلار ئۆز مۇھىتىغا ماس ھېكايە ۋە پائالىيەتلەرنى تاللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مەقسەت ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي تىللار ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ. بالىغا دوستلۇق، ئىشچىغا ھەمكارلىق، ئائىلىگە ياخشى قوشنىدارچىلىق ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىلىدۇ. ئايرىم مۇناسىۋەتلەردىكى سەمىمىيلىك، ئۇلارنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن مەقسەتكە باغلانغانلىقىنى يوققا چىقارمايدۇ.
بېيجىڭدىكى پائالىيەتتە ياشلار ئالماشتۇرۇش پىروگراممىلىرى بىلەن چېگرا رايونلىرىغا قارىتىلغان ئىجتىمائىي خىزمەت ياردىمىنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلۈشىمۇ دىققەتكە سازاۋەر.[18] ياشلارنىڭ باشقا خەلقلەرنى تونۇشى ياكى ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنىڭ كېڭىيىشى ئۆز ئالدىغا باستۇرۇش ئەمەس. بىراق بۇ پائالىيەتلەرنى باھالاش ئۈچۈن، مۇلازىمەت بىلەن بىللە قانداق ھەرىكەتنىڭ كۈتۈلىدىغانلىقىنىمۇ سوراش كېرەك. ياردەمدىن بەھرىمەن بولۇش سىياسىي ساداقەتنى كۆرسىتىشكە باغلانسا، ئىجتىمائىي سىياسەت ئېھتىياجنى قاندۇرۇشتىن ھالقىپ، كىملىكنى تەرتىپكە سېلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. خەۋەر ھەر بىر پىروگراممىدا مۇشۇنداق شەرتنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك مۇناسىۋەت دەل مۇشۇدۇر.
بۇنىڭدىن بارلىق پائالىيەتلەر بىرلا مەخپىي بۇيرۇق بىلەن يۈرگۈزۈلىدۇ، دېگەن خۇلاسە چىقىرىشقا بولمايدۇ، ئەمما ئوچۇق كۆرۈنگەن مەركەزلىك تەشكىللىنىش ۋە سىياسىي ماسلىشىش ئۇلارنىڭ تاسادىپىي يەرلىك پائالىيەتلەر ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئوچۇق كۆرۈنگەن تەشكىلىي ماسلىق كىملىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئورگانلار ئارىسىدا تەقسىملەنگەن ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەقسىمات مەسئۇلىيەتنى تۇتۇقلاشتۇرۇشى مۇمكىن: مەكتەپ دەرسلىكنى، كارخانا خىزمەتچى پائالىيىتىنى، مەھەللە ئىجتىمائىي ماسلىشىشنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتالايدۇ. ئەمما بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا بۇ ئارىلىشىشلار بىر يەرگە جەم بولىدۇ. دۆلەت ئىرادىسىنى باھالىغاندا ھەر بىر ئورگانغا ئايرىم قاراش، شۇ يىغىلىشنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ.
پارتىيەگە ساداقەت بىلەن مىللىي كىملىكنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى
«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ شۇ كۈنىدىكى باش ماقالىسى ئورتاق كىملىك نىشانىنى مىللەتلەر خىزمىتى بىلەنلا چەكلىمەي، رايوندىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇنى رايوندىكى باشلىنىش مۇراسىمى ھەققىدىكى خەۋەر بىلەن بىللە ئوقۇغاندا، بەش خىل تونۇش ۋە ساداقەت تەلىپى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: دۆلەت، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە خىتايچە سوتسىيالىزم.[15, 16] بۇ يەردە دۆلەتنىڭ زېمىن بىرلىكى، مەدەنىي تەۋەلىك ۋە مەلۇم سىياسىي ھاكىمىيەتكە باغلىنىش بىرلەشتۈرۈلىدۇ. پۇقرالىق بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ دۇنيا قارىشى ئارىسىدىكى پەرقنىڭ تارىيىشى ئاسسىمىلياتسىيە مۇھاكىمىسىدىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
بۇ بەش خىل ساداقەت ئوخشاش خاراكتېردە ئەمەس. بىر ئادەم ئۆزى ياشايدىغان دۆلەتتىكى باشقا كىشىلەر بىلەن تىنچ ياشاپ، ئورتاق ئورگانلارنى قوللاش بىلەن بىرگە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ تارىخ بايانىنى رەت قىلالايدۇ. ئۇ ئۆز مەدەنىيىتىنى كەڭرەك سىياسىي جەمئىيەتنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراپ تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭ مۇستەقىل تەرەققىياتىنى قوغدىيالايدۇ. ئوخشىمىغان ساداقەتلەر بىرلا سىياسىي توغرىلىق ئۆلچىمىگە بىرلەشتۈرۈلسە، مۇشۇ قانۇنلۇق پەرقلەرنى ئىپادىلەش قىيىنلىشىدۇ. ئانا تىلدا مائارىپ تەلەپ قىلغان كىشىنىڭ سۆزى مەكتەپ سىياسىتى ھەققىدىكى قاراش بولۇشتىن چىقىپ، ئورتاق كىملىكىدىكى كەمتۈكلۈك دەپ شەرھلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.
شۇڭا كىملىك سىياسىتىنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى ئۇنىڭدا «ئورتاق» سۆزىنىڭ قانچە قېتىم ئىشلىتىلگەنلىكى بىلەن ئۆلچەش ئادەمنى خاتا يەكۈنگە باشلايدۇ. ھەقىقىي سىناق شۇكى، بۇ «ئورتاقلىق» قانچىلىك پىكىر پەرقىنى ھەقىقەتەن سىغدۇرالايدۇ. ئۇيغۇر تارىخىنىڭ رەسمىي بايانغا زىت شەرھى ئېلان قىلىنالامدۇ؟ دىنىي تۇرمۇشنىڭ پارتىيە بەلگىلىگەن مەدەنىي پىروگراممىغا ماس كەلمەيدىغان شەكىللىرى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالامدۇ؟ ئوقۇتقۇچى بالىنىڭ خىتايچە ئۆگىنىشىنى قوللاپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرچىنىڭ ئوقۇتۇش تىلى بولۇش ئورنىنىڭ تارىيىشىغا ئېتىراز بىلدۈرەلەمدۇ؟ بۇلار مەدەنىي جەھەتتىن بېكىنىۋېلىش تەلىپى ئەمەس، كۆپ خىللىققا ئورۇن بېرىدىغان ئورتاق تۇرمۇشنىڭ شەرتلىرىدۇر.
باش ماقالىنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، دۆلەتنىڭ پەقەت تاشقى ئىپادە بىلەنلا قانائەتلەنمەيدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.[15] نىشان كىشىلەرگە ئىچكى جەھەتتىن قوبۇل قىلدۇرۇشتۇر، ئەمما ئىچكى ئىشەنچنى ئەمەلىي ئۆلچەش قىيىن. قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى، پائالىيەت سۈرەتلىرى ياكى رەسمىي ئىبارىلەرنىڭ تەكرارلىنىشى كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن ھەقىقىي ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇلار مۇۋەپپەقىيەت ئۆلچىمىگە ئايلانسا، كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ئويلىغىنى بىلەن، تاشقى دۇنياغا كۆرسىتىشكە مەجبۇر ھېس قىلغىنى ئارىسىدىكى پەرق چوڭىيىشى مۇمكىن. بۇ يېڭى تېكىستلەردە ئۆلچەنگەن نەتىجە ئەمەس، مەقسەت بىلەن باھالاش ۋاسىتىسى ئارىسىدىكى زىددىيەتتىن چىقىرىلغان تەھلىلىي ئېھتىمالدۇر.
دېمەك، ئىجتىمائىي ماسلىشىش بىلەن مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ پەرقىنى خەلقلەرنىڭ ئۇچراشقان-ئۇچراشمىغانلىقىدىن بۇرۇن، ئۇچرىشىشنىڭ سىياسىي شەرتلىرىدىن ئىزدەش كېرەك. ئىككى ئادەمنىڭ دوستلۇقى ئۇلارنىڭ دوست بولۇشتىن بۇرۇنقى كىملىكىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. دۆلەت ئالاقىنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىن بېكىتىپ، ھەممىنى بىرلا تارىخ ۋە ساداقەت چۈشەنچىسىگە يېتەكلەشنى نىشان قىلغاندا، ئۆزئارا تونۇشۇشنىڭ نەتىجىسى ئەركىن شەكىللەنمەيدۇ. بۇخىل مۇھىتتىكى «قوشۇلۇش»، باراۋەر تەرەپلەر بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان جەرياندىن يىراقلىشىدۇ.
ئورتاق كىملىك تەلىپىنىڭ ئىچىدىكى تەڭسىزلىك
يېڭى قانۇن باراۋەرلىك، كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ۋە پەرقلەرنى ھۆرمەتلەشنىمۇ تىلغا ئالىدۇ. بۇ ماددىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىش تەھلىلنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. مەسىلە قانۇندا پەرقلەرنىڭ تىلغا ئېلىنغان-ئېلىنمىغانلىقىدىن كۆرە، ئورتاقلىق بىلەن پەرق توقۇنۇشقاندا قايسىسىنىڭ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىدۇر. 15-ماددا مائارىپتا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئاساس قىلىنىدۇ، جامائەت سورۇنلىرىدا ئىككى تىل بىللە ئىشلىتىلسە، ئورۇن ۋە تەرتىپتە ئۇنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشكە كاپالەت بېرىش ئىبارىسىمۇ شۇ ماددىدا بار.[2]
بۇ يەردە تىل ئۆگىنىش بىلەن تىلنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئالماشتۇرۇشنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. ئۇيغۇر بالىسىنىڭ خىتايچىنى ياخشى بىلىشى ئۇنىڭ دۇنياغا ئېچىلىشىغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇيغۇرچە تولۇق بىلىم ئېلىش، ئىلىم يارىتىش ۋە كەسپىي ھايات قۇرۇشنىڭ يولى تارىيىپ، خىتايچە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسىي شەرتىگە ئايلانسا، «تاللاش» ئاللىبۇرۇن تەڭسىزلەشكەن بولىدۇ. ئائىلىنىڭ بالىسى ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدىشى، دۆلەت پەيدا قىلغان تىل تەڭسىزلىكىگە رازىلىق بەرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
خەۋەردىكى «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش مۇسابىقىلىرى» مۇشۇ نۇقتىدا ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك. ئۇنىڭ مەسىلىسى خىتايچە ئۆگىنىشنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، بەلكى تىل ئۆگىنىشنىڭ سىياسىي ساداقەت ۋە مىللىي بىر گەۋدىلىشىش بىلەن بىر ئۆلچەمگە باغلىنىشىدا. تىلغا دائىر بىر مائارىپ قارارىنىڭ «ئىتتىپاقلىق» سىنىقىغا ئايلاندۇرۇلۇشى، ئانا تىلنى قوغداشنى مەدەنىي ھوقۇق سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىدىغان بوشلۇقنى تارلاشتۇرىدۇ.[1, 3]
جېيمس سكوتنىڭ «دۆلەتنىڭ كۆزى بىلەن قاراش» ناملىق ئەسىرى بۇ خىل ئارىلىشىشنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. سكوت يۇقىرىدىن قۇرۇلغان جەمئىيەت پىلانلىرىنىڭ يەرلىك بىلىم ۋە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ تاشلاش خەۋپىنى تەھلىل قىلىدۇ.[9] بۇ نەزەرىيەنى شەرقىي تۈركىستانغا قوللانساق، ئۆلچەملىك تىل، بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك ۋە سىياسىي باھالاش ھاكىمىيەت ئۈچۈن جەمئىيەتنى باشقۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، لېكىن ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئۆز تۇرمۇشىغا مەنە بېرىدىغان بىلىم ۋە ئەسلىمىلىرىنى سىقىپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ سكوتنىڭ يېڭى قانۇن ھەققىدىكى باياناتى ئەمەس، ئۇنىڭ نەزەرىيەسىدىن چىقىرىلغان تەھلىلىي يەكۈندۇر.
كۆپ سانلىق مىللەت تىلى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تىلىنىڭ پەرقى، ئۇلارنى سۆزلەيدىغان ئادەم سانىدىلا ئەمەس. كۆپ سانلىق مىللەتنىڭ تىلى مەكتەپ، مەمۇرىيەت ۋە خىزمەت ھاياتىدىن ئۈزلۈكسىز ياردەم ئالسا، شۇ تىلدا سۆزلەيدىغان ئائىلە كۈلتۈرەل مەۋجۇتلۇقىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئازراق قوشۇمچە تىرىشچانلىق بىلەن ساقلىيالايدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئائىلىسى بولسا تىلىنى بالىسىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن رەسمىي ئورگانلار تەمىنلىمىگەن پۇرسەتنى ئۆزى يارىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ شەرتلەردە ئىككى ئائىلىگە ئوخشاش مەجبۇرىيەت يۈكلەش باراۋەر نەتىجە بەرمەيدۇ. باراۋەرلىك ئانا تىلنىڭ ئاممىۋى رولىنى داۋاملاشتۇرالايدىغان ئورگانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.
بۇ، خىتايچە ئۆگىتىشنى ئازايتىش كېرەك، دېگەن خۇلاسە ئەمەس. ئۇ ئۇيغۇرچە ۋە باشقا يەرلىك تىللاردىكى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى، سىنىپتىكى ئەمەلىي ئىشلىتىلىشىنى ۋە ئالىي مائارىپقا تۇتىشىدىغان يوللىرىنى تەكشۈرۈش تەلىپىدۇر. بىر تىلنىڭ دەرس بولۇشى بىلەن باشقا پەنلەرنى شۇ تىلدا ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى ئوخشاش ئەمەس. قانۇندىكى قوغداش ئىبارىسىنىڭ مەنىسىمۇ مۇشۇ يەردە سىنىلىدۇ، قوغدىلىۋاتقىنى پەقەت تىلنى ئەسلەش ئىمكانىيىتىمۇ ياكى شۇ تىلدا زامانىۋى بىلىم ۋە كەسپىي ھايات قۇرۇش ئىقتىدارىمۇ؟ يېڭى قانۇندىكى تىل ئۈستۈنلۈكى بۇ سوئالنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدۇ.[2]
ئەۋلادلار ئارىسىدىكى رىشتىنى كونترول قىلىش
بىر مىللەتنىڭ داۋاملىشىشى نوپۇس تىزىملىكىدە نامىنىڭ قېلىشى بىلەنلا ئۆلچەنمەيدۇ. تىلنىڭ ئائىلىدە ئىشلىتىلىشى، بالىنىڭ بوۋا-مومىسىنى چۈشىنىشى، تارىخنىڭ مەھەللىدە سۆزلىنىشى ۋە ئېتىقادنىڭ ئەركىن يەتكۈزۈلۈشىمۇ شۇ داۋاملىشىشنىڭ شەرتلىرىدۇر. مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنى تەكشۈرۈش، مۇشۇ رىشتىلەرنىڭ قايسى تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش دېمەكتۇر. ياتاق، مەكتەپ ياكى زاۋۇتنىڭ مەۋجۇتلۇقى يالغۇز ئۆزى مەجبۇرلاشنىڭ دەلىلى بولمايدۇ، بىراق كىشىنىڭ تاللاش، ئايرىلىش، قايتىش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئىمكانىيىتى ھەل قىلغۇچ ئۆلچەمدۇر.
تارىخچى رىيان تامنىڭ 2025-يىلى ئامېرىكا چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە مۇزېيى ئۈچۈن تەييارلىغان دوكلاتى، بار بولغان دەلىللەرگە ئاساسەن، كەڭ كۆلەملىك زۇلۇم ئەيىبلەشلىرىنى پەيدا قىلغان سىياسەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇمچە ماتېرىياللىرىدا 2023–2024-يىللىرى يېڭىدىن سېلىنغان ياكى ياتاقلىرى كېڭەيتىلگەن مەكتەپلەر ھەققىدىكى رەسمىي قۇرۇلۇش خېرىدار چاقىرىش ئۇچۇرلىرىمۇ بار.[5] بۇ مەنبە ھەر بىر بالىنىڭ شەخسىي ئەھۋالىنى ئايرىم ئىسپاتلىمىسىمۇ، «مەسىلە ئۆتمۈشتە قالدى» دېگەن قاراشنى رەت قىلىشقا يېتەرلىك بولغان تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى تەمىنلەيدۇ.
يېڭى قانۇننىڭ 20-ماددىسى ئائىلە تەربىيەسىنىمۇ ئورتاق كىملىك قۇرۇلۇشىغا باغلايدۇ. 46-ماددىسى دىنىي ئورگانلاردىن دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ.[2] بۇنى ئانالىز قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، بۇنداق ئەھۋالدا، مەكتەپتىكى رەسمىي تەربىيە بىلەن ئائىلىدىكى باشقىچە كەچۈرمىشلەر ئارىسىدا مۇستەقىل بىر بوشلۇقنىڭ قېلىشى قىيىنلىشىدۇ. بالىغا مىللىي تارىخىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مەسىلىسى ئاتا-ئانىنىڭ قارارىدىن چىقىپ، سىياسىي ماسلىشىش مەسىلىسىگە ئايلىنىدۇ.
چەت ئەلدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ بۇنىڭدىن ئايرىلمايدۇ. ھېنرىك شاجېۋسكىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يازغان 2026-يىللىق «سۇسلىشىۋاتقان رىشتىلەر» دوكلاتى ئائىلە ئالاقىسىگە قويۇلغان توسالغۇلارنى چېگرا ھالقىغان بېسىمنىڭ بىر ۋاسىتىسى دەپ تەھلىل قىلىدۇ. دوكلات سۆھبەت ۋە باشقا خاتىرىلەرگە تايىنىدۇ. ئۇنى پۈتكۈل ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سۈرىتى دەپ قاراشقا بولمايدۇ.[6] شۇنداقتىمۇ، بۇ دوكلات مۇھىم بىر بېسىم مېخانىزمنى روشەن كۆرسىتىدۇ. ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ ئۆزى خەتەرگە ئايلىنىپ قالغاندا، سىياسىي بېسىم پاسپورت ۋە چېگرادىن ھالقىپ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا كىرىدۇ.
شۇڭا ئاسسىمىلياتسىيەنى پەقەت بىر تىلنىڭ ئورنىنى باشقا تىلنىڭ ئېلىشى دەپ چۈشەندۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس. ئۇ ئۆز مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاجىزلىشىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئانا تىلنى بىلىدىغان ئەۋلاد بىلەن ئۇنى ئۆگىنىۋاتقان ئەۋلاد ئارىسىدىكى ئۇچرىشىش ئازايغاندا، بىر جەمئىيەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى يېڭىلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئائىلىنىڭ جەم بولۇشى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى بولۇش بىلەن بىرگە، مەدەنىيەتنىڭ داۋاملىشىشى مەسىلىسىدۇر.
ئەۋلادلار ئارىسىدىكى يەتكۈزۈش جەھەتتىن ۋاقىتنىڭ ئۆزىمۇ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بالا ئانا تىلىدا پۇختا ئوقۇش-يېزىش ئىقتىدارىغا ئېرىشمەي چوڭ بولسا، يىللار كېيىن ئېچىلغان بىر تىل كۇرسى يوقىتىلغان بارلىق مۇناسىۋەتنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ بېرەلمەيدۇ. بۇنى ھەر بىر كىشى ئۈچۈن مۇقەررەر دېگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئائىلىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە يېڭى ئۆگىنىش پۇرسەتلىرى مۇھىم. شۇنداقتىمۇ بالىلىقتا ئۈزۈلگەن رىشتىنى ۋە بۇ رىشتىدىن يېتىدىغان كۈلتۈرەل ئوزۇقلارنى قۇرامىغا يەتكەندە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تولۇقلاشنىڭ بەدىلى يۇقىرىلايدۇ. شۇڭا مائارىپ ۋە ئائىلە ئالاقىسىگە ئارىلىشىشنى پەقەت بۈگۈنكى راھەتلىك ياكى ماددىي ئىمكانىيەت بىلەن باھالاش، كەلگۈسىدىكى مەدەنىي زىياننى ھېسابتىن چىقىرىۋېتىدۇ.
ئۆتمۈشنى بۈگۈنكى كىملىككە ماسلاشتۇرۇش
شىنخۇا مۇخبىرى فەن سىشياڭنىڭ شۇ كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ماقالىسى ئورتاق كىملىك بايانىنىڭ تەرەققىياتىنى 2014، 2017، 2019، 2021 ۋە 2024-يىللاردىكى بۇرۇلۇشلار ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. ماقالە ئوخشىمىغان خەلقلەرنىڭ ئۆتمۈشىنى بۈگۈنكى بىرلىككە كەلگەن سىياسىي گەۋدىنىڭ شەكىللىنىشىگە باغلايدىغان تارىخ چۈشەنچىسىنى قۇرىدۇ.[17] بۇ ۋاقىت تەرتىپى 2026-يىللىق پائالىيەتنى ۋاقىتلىق تونۇشتۇرۇش ھەرىكىتى دەپ قاراشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يىللار داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بىر سىياسىي ئۇقۇم قانۇنىي ۋە ئىجتىمائىي ئورگانلارغا ئورنىتىلماقتا.
تارىخنى بۇ شەكىلدە ئوقۇشتىكى مەسىلە خەلقلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقە قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلىشتا ئەمەس. مەسىلە، شۇ ئالاقىلەرنىڭ كۆپ خىللىقىدىن بىرلا مەجبۇرىي سىياسىي نەتىجە چىقىرىشتا. سودا، كۆچۈش، دىنىي ھەرىكەت، توقۇنۇش ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئالمىشىشى بىر جۇغراپىيەدە ئوخشىمىغان تەۋەلىكلەرنى پەيدا قىلالايدۇ. بۈگۈنكى چېگرالارنى شۇ جەريانلارنىڭ مۇقەررەر ئاخىرقى نۇقتىسى قىلىپ كۆرسىتىش، ئۆتمۈشتىكى كىشىلەرنىڭ تاللاشلىرى ۋە ئۆز دۇنياسىنى چۈشىنىش شەكىللىرىنى تارلاشتۇرىدۇ. مىلۋاردنىڭ رايوننى ياۋروئاسىيا مۇناسىۋەتلىرى ئىچىدە تەھلىل قىلىشى دەل مۇشۇ تارىخىي كۆپ خىللىقنى ئەسلەش جەھەتتىن قىممەتلىكتۇر.[10]
رەسمىي تارىخ بايانى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت سىياسىتىنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلانغاندا، ئۆتمۈش ھەققىدىكى پىكىر پەرقى بۈگۈنكى سىياسىي ساداقەت ھەققىدىكى گۇمانغا ئايلاندۇرۇلۇشى مۇمكىن. بۇ مۇھىتتا تەتقىقاتچى بىر ۋەقەنى قايسى مەنبەنىڭ ياخشى چۈشەندۈرىدىغانلىقىدىن بۇرۇن، قايسى شەرھنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئويلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ ھەر بىر تارىخچىدا ئوخشاش ھەرىكەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقىلى بولمايدۇ. بىراق تەتقىقات چېگراسىنىڭ سىياسىي تەۋەلىككە باغلىنىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۆزى ھەققىدە يېڭى سوئال سوراش ئىمكانىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ بىلىم يارىتىشقا تۇتىشىدىغان تەرىپى مۇشۇ يەردە كۆرۈنىدۇ.
يەر ناملىرى ھەققىدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتمۇ بۇ مۇھاكىمىگە باغلىنىدۇ.[7] بىر يېزىنىڭ نامى ئۆزگەرسە، ئۆتمۈشنىڭ ھەممىسى ئۆچۈپ كەتمەيدۇ، كىشىلەر كونا نامنى ئىشلىتىۋېرىشى مۇمكىن. ئەمما رەسمىي خەرىتە، مەكتەپ خاتىرىسى ۋە ئاممىۋى ئىشلىتىشتە يېڭى نام ئورۇنلاشقانسېرى، كېيىنكى ئەۋلادنىڭ كونا نامغا ئالاقىدار ھېكايىگە يېتىشى قىيىنلىشىدۇ. بىر سۆزنىڭ ئارخىپتا بولۇشى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تارىخىي خاتىرىنى قوغداش ھۆججەت ساقلاش بىلەن بىللە، شۇ ھۆججەتنى چۈشەندۈرگىلى بولىدىغان تىل ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى قوغداشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.
مەدەنىي داۋامچانلىقنىڭ مەنىسى ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتمەي توڭلىتىپ قويۇش ئەمەس؛ مەسىلە مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىرىش يۆنىلىشىنى كىم بەلگىلەيدىغانلىقىدا. ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا جەمئىيەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىشى، يېڭى سەنئەت شەكىللىرىنى يارىتىشى ياكى باشقىچە تۇرمۇش تاللىشى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوققا چىقارمايدۇ. ھەل قىلغۇچ نۇقتا، شۇ ئۆزگىرىشكە ئۆزلىرىنىڭ سۆز ھەققىنىڭ بار يوقلۇقى مەسىىلىسىدۇر. بىر خەلقنىڭ ئۆز ئىچىدىكى مۇھاكىمە ۋە تاللاش ئارقىلىق ئۆزگىرىشى بىلەن، سىرتتىن بېكىتىلگەن سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن، ئۆز تاللاشلىرىنىڭ تارىيىشىنى ئوخشاش جەريان دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ. قوغدىلىشقا تېگىشلىك نەرسە مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى ئەمەس، ئۇنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشكە يۆنىلىش بېرىش ھوقۇقىدۇر.
مەدەنىيەتنى كۆرسىتىش بىلەن ئۇنىڭغا ئىگىدار بولۇش
«شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرى مىللىي كىيىم، ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ئۆزئارا ياردەم ھېكايىلىرىنى كۆپلەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەقىقىي مەدەنىي قىممىتىنى ئىنكار قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن بىر مەدەنىيەتنىڭ سەھنىدە كۆرۈنۈشى بىلەن شۇ مەدەنىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئۇنى ئەركىن شەرھلەش ھوقۇقى ئوخشاش نەرسە ئەمەس. ناخشا ئېيتىشقا رۇخسەت قىلىنغان جەمئىيەتتە، ناخشىنىڭ تارىخىي مەنىسىنى مۇستەقىل بايان قىلىش ياكى ھازىرقى ھوقۇق مەسىلىلىرىنى سۆزلەش چەكلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.[1]
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ياردەم تەشكىلاتىنىڭ 2024-يىللىق تەتقىقاتى بۇ پەرقنى كونكرېتلاشتۇرىدۇ. ئۇلار خىتاينىڭ 2009–2023-يىللىرىدىكى رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، تەخمىنەن 630 يېزا نامىدىكى دىنىي، تارىخىي ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر مەزمۇنلارنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقات بارلىق نام ئۆزگىرىشىنى سىياسىي ئۆچۈرۈش دەپ ھېسابلىماي، ئادەتتىكى ئىدارىي ئۆزگىرىشلەردىن ئايرىغان.[7] بۇنداق پەرقلەندۈرۈش ھەرگىزمۇ ئەيىبلەشنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇنىڭ تەكشۈرگىلى بولىدىغان قىسمىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىدۇ.
يەر نامى ئۆزگەرتىشنىڭ سىياسىي مەنىسىنى پەقەت خەرىتە مەسىلىسىگە قىسقارتىشقا بولمايدۇ. بىر يەرنىڭ نامى ئۇنىڭ كىمنىڭ خاتىرىسىدە قانداق ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئەگەر يەرلىك تارىخنى ئەسلىتىدىغان نام ئورنىغا دۆلەتنىڭ ھازىرقى سىياسىي شوئارى قويۇلسا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆتمۈشكە ئېچىلىدىغان بىر ئىشىك تاقىلىدۇ. بۇ يەردە تەشۋىقاتنىڭ «ئىتتىپاقلىق» تىلى بىلەن مەدەنىي خاتىرىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشى ئوخشاش بوشلۇقتا ئۇچرىشىدۇ.
جېيمس مىلۋاردنىڭ «ياۋروئاسىيا تۈگۈنى» ناملىق تارىخىي ئەسىرى رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەدەنىي كۆپ خىللىقى ۋە ياۋروئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.[10] بۇ تارىخىي قاراش بۈگۈنكى ھاكىمىيەتنىڭ رەسمىي كىملىك بايانىنى بىردىنبىر تەبىئىي نەتىجە دەپ قوبۇل قىلماسلىققا ياردەم بېرىدۇ. مەدەنىي ئالماشتۇرۇش تارىختا بولغان ۋە داۋام قىلىدۇ، لېكىن تارىخىي ئالماشتۇرۇشنىڭ مەۋجۇتلۇقى بۈگۈنكى بىر دۆلەتكە شۇ مەدەنىيەتنىڭ كەلگۈسىنى يالغۇز بەلگىلەش ھوقۇقى بەرمەيدۇ.
بۇ يەردە نىشاننى تېخىمۇ ئېنىق ئېيتىش مۇمكىن: مەدەنىيەتنىڭ بارلىق كۆرۈنۈشلىرىنى يوقىتىش شەرت ئەمەس، ئۇنىڭ مۇستەقىل مەنە يارىتىش ئىقتىدارىنى يوقىتىش يېتەرلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇرچە ناخشا، تائام ۋە كىيىم ساقلانغان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخى، ئېتىقادى ۋە كوللېكتىپ مەنپەئەتىنى ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا مۇھاكىمە قىلىش ئىمكانىيىتى چەكلەنسە، مەدەنىيەتنىڭ كۆرۈنۈشى بىلەن ھاياتىي كۈچى ئارىسىدا زور پەرق پەيدا بولىدۇ. بۇ ماقالىدىكى «كىملىكنى يوقىتىش» ئىبارىسىنىڭ ئاساسىي مەنىسىمۇ شۇدۇر.
بىخەتەرلىك بىلەن تەرەققىياتنىڭ بىرلىشىشى
شان روبېرتس «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» ناملىق ئەسىرى ۋە ئۇنىڭغا دائىر سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى مۇستەملىكىچىلىك تارىخى بىلەن خەلقئارالىق «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» تىلىنىڭ ئۇچرىشىشى ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ.[11] ئۇنىڭ قارىشىنىڭ بۇ يەردىكى ئەھمىيىتى شۇكى، مىللىي كىملىك خەۋپنىڭ مەنبەسى دەپ بېكىتىلسە، كونكرېت جىنايەتنى تەكشۈرۈشنىڭ ئورنىنى پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئالالايدۇ. بۇ ھەر بىر بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى يوققا چىقىرىش ئەمەس، بەلكى، بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ نىشانى بىلەن دائىرىسىنى ئايرىش تەلىپىدۇر.
داررېن بايلېرنىڭ «تېررور كاپىتالىزمى» ئەسىرى نازارەت، تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىشنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشىنى تەھلىل قىلىدۇ.[12] بۇ پاكىتلار «تەرەققىيات بار بولسا باستۇرۇش بولمايدۇ» دېگەن ساختا ئىككىلىك تاللاشنى بىكار قىلىدۇ. يول، زاۋۇت ياكى ساياھەت بازىرى قۇرۇلغانلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكى تەبىئىي كۆپىيىپ قالمايدۇ. تەرەققىياتنىڭ سىياسىي مەزمۇنىنى كىم قارار قىلىدىغانلىقى، كىم پايدا ئالىدىغانلىقى ۋە كىمنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بارلىقى بەلگىلەيدۇ.
2026-يىلى 22-يانۋاردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە تىبەتلەرگە چېتىلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى داۋاملىق ئۇچۇرلاردىن ئەندىشە بىلدۈرگەن. ئۇلار بەزى مەجبۇرلاش شەكىللىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولغان مەجبۇرىي يۆتكەش ياكى قۇل قىلىشقا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان.[8, 13] بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسى سوت ھۆكۈمى ئەمەس؛ شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ باھاسى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى پەقەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سانى بىلەن ئۆلچەشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.
خەۋەردىكى مايتاغ مۇسابىقىسىگە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، يەرلىك ئورگانلار، نېفىت ساھەسى ۋە كارخانىلارنىڭ قاتنىشىشى، رەسمىي كىملىك سىياسىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارغىمۇ سىڭدۈرۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالىدۇر.[1] بۇ مۇسابىقىنىڭ ئۆزىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك بار، دەپ خۇلاسە چىقارغىلى بولمايدۇ. لېكىن خىزمەت سورۇنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقا سىياسىي ماسلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىمۇ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. خىزمەت، تۇرالغۇ ۋە ئىجتىمائىي پۇرسەتلەر بىرلا ھوقۇق مەركىزىگە باغلانغاندا، ئىقتىسادىي بېقىندىلىق كىملىككە بېسىم ئىشلىتىشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلىنالايدۇ.
ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەققىدىكى قارشى قاراشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك. يۇقىرى كىرىم، ياخشى قاتناش ياكى سۈپەتلىك سەھىيە كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا ھەقىقىي ياخشىلىنىش پەيدا قىلالايدۇ. ئەمما ماددىي پايدا بىلەن سىياسىي مەجبۇرلاش بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولالايدۇ. بىرىنچىسىنى ئىنكار قىلىشنىڭمۇ، ئىككىنچىسىنى كۆرۈنمەس قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئىشچىنىڭ كىرىمى كۆپىيىۋاتقاندا ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ئاجىزلىشىشى، رايونغا ساياھەتچى كۆپ كەلگەندە يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز تارىخىنى سۆزلەش بوشلۇقى تارىيىشى مۇمكىن. سىياسەتنى پۈتۈن باھالاش، پايدىنىڭ بەدىلىگە قايسى ھوقۇقتىن ۋاز كېچىشنىڭ كۈتۈلىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشتۇر.
يىللىق سەپەرۋەرلىكتىن دائىملىق باشقۇرۇشقا
يېڭى مەنبەلەر بىرلىكتە كۆرسەتكەن مۇھىم ئۆزگىرىش، ئورتاق كىملىك نىشانىنىڭ دائىملىشىشىدۇر. باش ماقالە تەشۋىقات ھەپتىلىكىنى دائىملىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەربىيەنىڭ ۋاسىتىسى دەپ كۆرسىتىدۇ، قانۇن بولسا ئۇنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىدۇ.[2, 15] بۇ مۇناسىۋەت پەۋقۇلئاددە مەزگىلدىكى باستۇرۇش بىلەن كۈندىلىك باشقۇرۇشنى بىر-بىرىدىن ئۈزۈل-كېسىل ئايرىشنىڭ نېمە ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىر مەقسەت يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئورۇنلاشسا، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر قېتىم يېڭى سىياسىي كىرىزىس ئېلان قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
تەكرار سەپەرۋەرلىك دۆلەتكە جەمئىيەتتىن نېمە كۈتىدىغانلىقىنى قايتا ئەسكەرتىش ئىمكانىيىتى بېرىدۇ. ئورگانلارمۇ بۇ تەلەپنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى خىزمىتىگە قوشالايدۇ. بۇنىڭ ھەممە جايدا ئوخشاش جازا بىلەن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى چىقىرىۋېلىشقا بولمايدۇ، يەرلىك ئەمەلىيەتنى چوقۇم ئايرىم تەكشۈرۈش كېرەك. بىراق قۇرۇلمىلىق مەسىلە ئېنىق: سىياسىي كىملىكنى كۈچەيتىش ئورگاننىڭ دائىملىق ۋەزىپىسىگە ئايلانسا، ئۇنىڭدىن مۇلازىمەت ئالىدىغان كىشى كىملىكىگە دائىر تەلەپكە قايتا-قايتا ئۇچرايدۇ. بېسىمنىڭ كۆرۈنۈشى ئازايسىمۇ، ھەرىكەتنى شەكىللەندۈرۈش كۈچى داۋاملىشىشى مۇمكىن.
شۇڭا پائالىيەت تىلىنىڭ يۇمشىشى ئىلگىرىكى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ. يېڭى ھۆججەتلەر ئىلگىرى تۇتۇلغان ياكى ئائىلىسىدىن ئايرىلغان ھەر بىر كىشىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ئۇلارنى رىيان تامنىڭ زۇلۇمنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەتقىقاتى بىلەن بىللە ئوقۇش، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك بىر ئېھتىمالنى كۈچەيتىدۇ، يەنى، ئوچۇق مەجبۇرلاش قۇرغان چەكلىمىلەر كېيىن مائارىپ، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتىدە قايتا ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن.[5] بۇ جەرياننى ئىلمىي جەھەتتىن دەلىللەش ئۈچۈن، ئوخشاش جايلاردىكى ئەمەلىيەتنى ۋاقىت بويىچە سېلىشتۇرۇش زۆرۈر.
دائىملىشىش زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىمۇ قىيىنلاشتۇرالايدۇ. بىر سىياسەتنىڭ نەتىجىسى مەكتەپتىن خىزمەتكە، ئائىلىدىن ئاممىۋى خاتىرىگە كېڭەيگەندە، پەقەت بىر قانۇن ماددىسىنى ئۆزگەرتىش يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن. بالىنىڭ ئانا تىلدا مائارىپ ئېلىش يولىنى، ئايرىلغان ئائىلىنىڭ ئالاقىسىنى ۋە مۇستەقىل مەدەنىي ئورگانلارنى قايتا قۇرۇش كېرەك بولىدۇ. شۇڭا خەلقئارا ئىنكاسنىڭ نىشانى ئەڭ كۆرۈنەرلىك باستۇرۇش ۋاسىتىسىنى تاقاش بىلەنلا چەكلەنمەسلىكى لازىم. كىشىلەرنىڭ ئۆز ھاياتى ۋە خەلقىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەش ئىمكانىيىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە قايتقان-قايتىمىغانلىقى كۆزىتىلىشى كېرەك.
يوقىتىش نىيىتىنى قانداق باھالاش كېرەك؟
«ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىش نىيىتى»نى ئىلمىي تەھلىلدە ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ نىشانىنى ئېنىقلاش زۆرۈر. كىشىلەرنى جىسمانىي يوقىتىش، بىر گۇرۇپپىنىڭ مەدەنىي-ئىجتىمائىي داۋاملىشىشىنى بۇزۇش ۋە پۇقرالارنى ئورتاق قانۇنغا بويسۇندۇرۇش ئوخشىمىغان ئۇقۇملاردۇر. بۇ ماقالىدە تەھلىل قىلىنغان دەلىللەر، بولۇپمۇ كىملىك قۇرۇلۇشىغا قارىتىلغان قانۇنىي مەجبۇرىيەتلەر، تىل سىياسىتى، ئائىلە تەربىيەسى ۋە مەدەنىيەت ھەققىدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتلار، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە يۆنىلىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۈچلۈك كۆرسىتىدۇ. ئەمما تەشۋىقات خەۋىرىنىڭ ئۆزى پۈتكۈل بىر مىللەتنى جىسمانىي يوقىتىش نىيىتىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتى ئەمەس.
1948-يىللىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ ئىككىنچى ماددىسى قوغدىلىدىغان گۇرۇپپىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىش نىيىتى بىلەن سادىر قىلىنغان بەلگىلىك قىلمىشلارنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇلار ئۆلتۈرۈش بىلەنلا چەكلەنمەي، ئېغىر جىسمانىي ياكى روھىي زىيان، تۇغۇتنى چەكلەش تەدبىرلىرى ۋە بالىلارنى باشقا گۇرۇپپىغا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.[14] شۇڭا «كەڭ كۆلەملىك ئۆلتۈرۈش كۆرسىتىلمىدى» دېگەن گەپ بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ھەر بىر مەدەنىي چەكلىمىنى ئۆزلۈكىدىن شۇ جىنايەتكە تەڭلەشتۈرگىلىمۇ بولمايدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ 2022-يىللىق باھالاش دوكلاتىدىكى مۇھىم خۇلاسە، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاساسەن مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ، باشقا ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىشلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلقئارالىق جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىدۇر.[4] بۇنى «ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە سوت ھۆكۈمى چىقاردى» دەپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. سىياسىي تەھلىلنىڭ ئىشەنچلىكلىكى، ئەيىبلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەنبەنىڭ ئېيتقىنىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە باغلىق.
دۆلەت نىيىتىنى باھالاشتىكى تېخىمۇ مۇستەھكەم يول، ئېلان قىلىنغان مەقسەت بىلەن تاللانغان ۋاسىتىنىڭ مۇناسىۋىتىگە قاراشتۇر. ئەگەر مەقسەت باراۋەر پۇقرالىق بولسا، ئانا تىل مائارىپى، ئائىلە ئالاقىسى ۋە ئەركىن مەدەنىي ئىپادە شۇ باراۋەرلىككە سىغالايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزى سىياسىي گۇمان پەيدا قىلسا، تەلەپ ئادەتتىكى قانۇنغا رىئايە قىلىشتىن ھالقىپ، كىمنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەشكە ئۆتكەن بولىدۇ. مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ھەققىدىكى خۇلاسە دەل مۇشۇ پەرقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
نىيەت ھەققىدىكى ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي خۇلاسە بىرلا قاتتىق سۆزدىن ئەمەس، بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان تاللاشلاردىن چىقىدۇ. ئورتاق كىملىكنىڭ بارلىق خىزمەتكە يۆنىلىش بېرىشى، تىلدىكى ئۈستۈنلۈك، ئائىلە تەربىيەسىگە ئارىلىشىش ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتلار خاتىرىلىگەن چەكلىمىلەر بىر يۆنىلىشكە جەم بولغاندا، ئۇلارنى تاسادىپىيلىق دەپ چۈشەندۈرۈش قىيىنلىشىدۇ.[2,5–7,15] بۇ سىياسىي خۇلاسە بىلەن بەلگىلىك شەخسلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى بېكىتىدىغان قانۇنىي باھالاشنى قەتئىي ئايرىش كېرەك. كېيىنكىسى قىلمىشنىڭ دائىرىسى، ئىجرا قىلغۇچى بىلەن باغلىنىشى ۋە ئالاھىدە قەستنى تېخىمۇ تەپسىلىي دەلىل ئارقىلىق تەكشۈرۈشى كېرەك.
خەلقئارا سىياسەتنىڭ دىققىتى نەگە قارىتىلىشى كېرەك؟
«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرگە بىر ئۇسۇل مەسىلىسىنىمۇ ئەسلىتىدۇ: جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىنى پەقەت دۆلەت كۆرسىتىشنى تاللىغان كۆرۈنۈشلەردىن باھالىغىلى بولمايدۇ. خاتىرجەم كوچا ياكى كۆتۈرەڭگۈ پائالىيەت ئەركىن رازىلىقنىڭ بىۋاسىتە ئۆلچىمى ئەمەس. ئەركىنلىكنى ئۆلچەيدىغان سوئاللار تېخىمۇ ئاددىي: بالا ئانا تىلىدا بىلىم ئالالامدۇ؟ ئائىلە تۇققانلىرى بىلەن قورقماي ئالاقە قىلالامدۇ؟ ئىشچى بېرىلگەن خىزمەتنى رەت قىلالامدۇ؟ يازغۇچى رەسمىي بايانغا ئوخشىمايدىغان تارىخنى ئېلان قىلالامدۇ؟
شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا سىياسەتتە پەقەت مۇراسىم خاراكتېرلىك ئەيىبلەش يېتەرلىك ئەمەس. مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ توسالغۇسىز زىيارىتى، تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش، ئائىلىلەرنىڭ جەم بولۇشى، ئانا تىل مائارىپى ۋە دىنىي تۇرمۇشنىڭ ئەركىنلىكى كونكرېت تەلەپكە ئايلىنىشى كېرەك. كارخانىلار ئۈچۈن ئىشچىنىڭ ئەركىن رازىلىقى، خىزمەتتىن ئايرىلىش ھوقۇقى ۋە جازاسىز سۆزلەش ئىمكانىيىتى تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈشنىڭ مەركىزىدە تۇرۇشى لازىم. بۇلار ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسىي تەكلىپلەر بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئەمەلگە ئاشقان ئۆزگىرىشلەر سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەيدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەتقىقاتى، ئەدەبىياتى، ئائىلە خاتىرىسى ۋە تىل مائارىپىنى قوللاشنىڭمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى بار. بىر خەلقنى پەقەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈپىتىدە تەسۋىرلەش ئۇنىڭ بىلىم يارىتىش ۋە ئۆزى ھەققىدە سۆزلەش ئىقتىدارىنى كۆلەڭگىدە قالدۇرىدۇ. ھەق-ھوقۇقنى قوغداش ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تاللىغان كەلگۈسىنى قۇرۇش ئىمكانىيىتىنى قوغداشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى بىر پۈتۈن خىتاي خەلقىگە كوللېكتىپ ئارتىپ قويۇش خاتادۇر، بۇ يەردە جاۋابكارلىق نىشانى سىياسەتنى بەلگىلەيدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغان ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىدۇر.
شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىنىڭ ئۆلچىمى قانچە مىللىي كىيىم كۆرسىتىلگەنلىكى ياكى قانچە قېتىم «ئىتتىپاقلىق» دېيىلگەنلىكى ئەمەس. ھەل قىلغۇچ نۇقتا ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئۆز تىلى، ئېتىقادى ۋە تارىخى بىلەن كەلگۈسىگە ئۆتۈش ھوقۇقىغا ئىگىدار بولۇشىدۇر. دۆلەت ئورتاقلىقنىڭ مەزمۇنىنى يالغۇز بەلگىلەپ، شۇ كەلگۈسىنى يارىتىدىغان مۇستەقىل مۇناسىۋەت ۋە ئورگانلارنى ئاجىزلاشتۇرسا، «ئىتتىپاقلىق» باراۋەر بىللە ياشاشنىڭ ئىپادىسى بولۇشتىن چىقىپ، ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ئايلىنىدۇ.
مەنبەلەر:
[1] 石榴云/新疆日报. “民族团结进步宣传周正式启动——天山南北掀起同心筑梦热潮.” 2026-09-22, A01.
[3] 国家民族事务委员会/国务院新闻办公室. “文字实录|国新办举行新闻发布会,介绍《中华人民共和国民族团结进步促进法》和我国民族工作有关情况.” 2026-06-24.
[7] Human Rights Watch and Uyghur Hjelp. “China: Hundreds of Uyghur Village Names Change.” 2024-06-18.
[13] Reuters. “China rejects UN experts’ concerns for alleged forced labour in Xinjiang.” 2026-01-23.
[15] 新疆日报评论员. “牢牢把握主线 推进民族团结进步事业行稳致远.” 新疆日报, 2026-09-22, A01.
[16] 郭玲. “首个民族团结进步宣传周新疆系列活动启动.” 石榴云/新疆日报, 2026-09-22, A02.
[17] 范思翔. “守好民族团结这条生命线.” 新华社, 2026-09-21; 新疆日报, 2026-09-22, A04.
[18] 易舒冉. “二〇二六年民族团结进步宣传周主场活动在京举行.” 人民日报, 2026-09-22, 03.
تەھرىر خاتىرىسى: بۇ نۇسخىدا ماقالىنىڭ مەزمۇنى، مەنبەلىرى، ئىزاھاتلىرى ۋە ئاساسىي تەرتىپى ساقلاپ قېلىندى؛ يۇمشاق ۋە ھەددىدىن زىيادە شەرتلىك ئىبارىلەر ئىلمىي دەلىلگە تايانغان تېخىمۇ ئېنىق ۋە مۇستەھكەم ئىپادىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇلدى. ماقالە قىسقارتىلمىدى.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.












