ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
شى جىنپىڭنىڭ 2026-يىلى 1–2-سېنتەبىر كۈنلىرى مىسىرغا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى پەقەت خىتاي–مىسىر دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان رەسمىي پائالىيەت دەپ قاراش يېتەرلىك ئەمەس. بۇ زىيارەت خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىقتىسادىي مەۋجۇتلۇقىنى سانائەت، تېخنولوگىيە، مالىيە ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىگە كېڭەيتىۋاتقان، مىسىر بولسا ئامېرىكاغا تايانغان كونا بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى بۇزماستىن، خىتاي، ياۋروپا، رۇسىيە ۋە دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان شېرىكلىكىنى كۆپ خىللاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى. ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا «مىسىر 2030» بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول»نى تۇتاشتۇرۇش، سۈنئىي ئەقىل، بۇلۇت ھېسابلاش، سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ھالقىلىق مىنېراللار، يەرلىك پۇلدا سودا، قانۇن ئىجرا قىلىش، تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ۋە پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بىرلا سىياسىي ھۆججەتتە بىرلەشتۈرۈلۈشى مۇناسىۋەتنىڭ دائىرىسىنىڭ قانچىلىك كېڭەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. [1]، [2]
لېكىن دائىرىنىڭ كېڭىيىشى مۇناسىۋەتنىڭ بارلىق ساھەدە ئوخشاش دەرىجىدە چوڭقۇرلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. مىسىر ئارمىيەسىنىڭ قورال، تەربىيەلەش ۋە ھەربىي مالىيە قۇرۇلمىسىدا ئامېرىكا يەنىلا ئورنىنى ئېلىش قىيىن بولغان ئورۇنغا ئىگە. مىسىر–ئىسرائىلىيە تىنچلىق شەرتنامىسى، غەززەدىكى ۋاسىتىچىلىك ۋە سىناي بىخەتەرلىكىمۇ قاھىرە بىلەن ۋاشىنگتوننى بىر-بىرىگە باغلايدۇ. كارنىگ خەلقئارا تىنچلىق فوندى نىڭ 2026-يىللىق تەتقىقاتى خىتاينىڭ رايوندا سودا ۋە ئىقتىسادتا كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكانىڭ ھەربىي–بىخەتەرلىك ئۈستۈنلۈكىنىڭ يەنىلا روشەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. [3]، [4]
شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ قاھىرە زىيارىتىنىڭ مەركىزىي مەنىسى «مىسىر ئامېرىكادىن خىتايغا بۇرۇلدىمۇ؟» دېگەن ئاددىي سوئالدا ئەمەس. تېخىمۇ توغرا سوئال شۇكى، مىسىر چوڭ كۈچلەر ئارىسىدىكى رىقابەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت بوشلۇقىنى قانچىلىك كېڭەيتەلەيدۇ؟ خىتاي بولسا ئىقتىسادىي تەسىرىنى قايسى دەرىجىدە سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك تەسىرىگە ئايلاندۇرالايدۇ؟ بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي تېزىسى شۇكى، 2026-يىللىق زىيارەت «ئوق ئالماشتۇرۇش»تىن كۆرە، مىسىرنىڭ كۆپ شېرىكلىك ئىستراتېگىيەسىنى ۋە خىتاينىڭ رايوندىكى رولىنى تۈزۈملەشتۈرگەن بىر باسقۇچتۇر.
1. نېمە ئۈچۈن 2026-يىل؟
زىيارەتنىڭ رەسمىي ۋاقتى 70 يىللىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت بىلەن باغلانغان. مىسىر 1956-يىلى خەلق جۇمھۇرىيىتى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۇنجى ئەرەب ۋە ئافرىقا دۆلىتى بولغان. شى جىنپىڭ زىيارەتتىن بۇرۇن مىسىرنىڭ «ئەل-ئېھرام»، «ئەل-ئەخبار» ۋە «ئەل-جۇمھۇرىيە» گېزىتلىرىدا ئېلان قىلغان ئىمزالىق ماقالىسىدە بۇ تارىخنى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش، سۇۋەيش ۋە «قەدىمىي مەدەنىيەتلەر»نىڭ ئۆزئارا ھۆرمىتى بىلەن باغلىدى. [5] مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسىمۇ مۇناسىۋەتنى تارىخىي دوستلۇق بىلەنلا ئەمەس، سانائەتنى يەرلىكلەشتۈرۈش، تېخنولوگىيە يۆتكەش ۋە دۆلەت تەرەققىيات پىلانى بىلەن باغلىدى. [6]
لېكىن 2026-يىلنى مۇھىم قىلغان ئامىل خاتىرە كۈنىدىنمۇ چوڭ. بۇ يىل ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىنى رايونلۇق ئۇرۇش، ئىران بىلەن بولغان توقۇنۇش، ھورمۇز ۋە قىزىل دېڭىزدىكى سودا يوللىرىنىڭ خەۋپى، غەززە مەسىلىسى ۋە ئېنېرگىيە بازىرىدىكى تەۋرىنىش قاتارلىقلار بەلگىلىدى. خەلقئارا پۇل فوندى نىڭ 7-ئايدىكى باھاسى مىسىرنىڭ بۇ زەربىلەرگە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك ماكرو ئىقتىسادىي ئورۇندا تاقابىل تۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، يۇقىرى قەرز، چوڭ مالىيە ئېھتىياجى، ئېنېرگىيە باھاسى ۋە سۇۋەيش قانىلى كىرىمىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى يەنىلا خەتەر دەپ كۆرسەتتى. [7]، [8] دۇنيا بانكىسىمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشنىڭ مىسىرنىڭ تاشقى ھېساباتى ۋە نامراتلىقنى ئازايتىش ئىستىقبالىغا بېسىم قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. [9]
بۇ شارائىت خىتاينىڭ قاھىرە ئۈچۈن قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. خىتاي ئۇل ئەسلىھە، ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل ئېنېرگىيە، سانلىق تېخنولوگىيە ۋە مەبلەغ مەنبەسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ مىسىرنىڭ غەرب بىلەن بولغان سودىلىشىش كۈچىنىمۇ ئاشۇرىدۇ. خىتاي ئۈچۈن مىسىرنىڭ قىممىتى بولسا سۇۋەيش قانىلى، ئافرىقا–ئەرەب دۇنياسىدىكى سىياسىي سالمىقى ۋە ياۋروپا–ئاسىيا سودىسىنىڭ تۈگۈنى بولۇشىدا. رويتېرس ۋە بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى زىيارەتنى دەل مۇشۇ رايونلۇق تەسىر، ئامېرىكا بىلەن رىقابەت ۋە مىسىرنىڭ شېرىكلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشى رامكىسىدا باھالىدى. [10]، [11]
شۇنداقتىمۇ، بېيجىڭنىڭ نىشانىنى «ئامېرىكانى قوغلاپ چىقىرىش» دەپ ئوقۇش ئاشۇرىۋېتىلگەن قاراش بولىدۇ. چاسام سارىيىنىڭ 2026-يىللىق ئانالىزى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ رايونلۇق بىخەتەرلىك كاپالىتى بەرگۈچىنىڭ ئورنىنى تولۇق ئىگىلەش مودېلىغا قۇرۇلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ۋاشىنگتون يېقىن شەرق سىياسىتى ئىنستىتۇتىمۇ شىنىڭ قاھىرە سەپىرىنى «ئىنچىكە ھېسابلانغان» زىيارەت دەپ باھالايدۇ، گەرچە ئىككى دۆلەتنىىڭ ئىقتىساد، تېخنولوگىيە ۋە مۇداپىئە ئالاقىسى چوڭقۇرلاشسىمۇ، مىسىرنىڭ ئىران ياكى قىزىل دېڭىز مەسىلىسىدە خىتايدىن كۈتكەن نەتىجىسىنىڭ چەكلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. [12]، [13]
2. 70 يىللىق مۇناسىۋەت: دوستلۇقتىن ئىستراتېگىيەلىك كۆپ قاتلاملىق شېرىكلىككە
خىتاي–مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىنى بىر سىزىقلىق «دوستلۇق ھېكايىسى»گە ئايلاندۇرۇش بۈگۈنكى ئۆزگىرىشنى يوشۇرۇپ قويىدۇ. ناسىر دەۋرىدە مۇناسىۋەتنىڭ مەركىزى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش، سۇۋەيش ۋە ئاسىيا–ئافرىقا ھەمكارلىقى ئىدى. سادات دەۋرىدىن باشلاپ مىسىرنىڭ ئاساسىي بىخەتەرلىك ۋە مالىيە ئوقى ئامېرىكاغا بۇرۇلدى. 1979-يىللىق مىسىر–ئىسرائىلىيە تىنچلىق شەرتنامىسى بۇ ئۆزگىرىشنى رەسمىي تۈزۈملەشتۈردى. [14] مۇبارەك دەۋرىدە خىتاي بىلەن سودا كېڭەيدى، لېكىن مىسىرنىڭ ھەربىي–دىپلوماتىك قۇرۇلمىسىدا ۋاشىنگتون يەنىلا ئۈستۈن ئورۇندا قالدى. [4] ئابدۇلفەتتاھ سىسى دەۋرىنىڭ پەرقى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئاددىي سودا ئالاقىسىدىن چىقىپ، دۆلەت تەرەققىياتى، يېڭى مەمۇرىي پايتەخت، سۇۋەيش قانىلى ئىقتىسادىي رايونى، ئېنېرگىيە، سانلىق تېخنولوگىيە، ئالەم تەتقىقاتى ۋە بارغانسېرى بىخەتەرلىك ساھەلىرىگە كېڭىيىشىدۇر. 2014-يىلى «ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك» نىڭ ئورنىتىلىشى، 2016-يىللىق شى جىنپىڭ زىيارىتى ۋە مىسىرنىڭ بىرىكس (BRICS) قا قوشۇلۇشى بۇ جەرياننىڭ مۇھىم باسقۇچلىرى. 2026-يىللىق بىرلەشمە بايانات بۇلارنى بىر گەۋدىلىك سىياسىي رامكىغا جەملىدى. [1]، [15]
ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر ئىپادىلەرنىڭ بىرى خىتاي تەرەپنىڭ مىسىر يولغا قويۇۋاتقان «ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق» پىرىنسىپىنى ئاشكارا قوللىشىدۇر. [1]، [2] بۇ پىرىنسىپنىڭ مەنىسى قاھىرەنىڭ ئامېرىكاغا قارشى خىتايغا يۆنىلىشى ئەمەس، ئەكسىچە، ئامېرىكا، خىتاي، ياۋروپا، رۇسىيە ۋە دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا شېرىكلىك قۇرۇپ، بىرلا تاشقى مەنبەگە بولغان تايىنىشنىڭ سىياسىي تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشتۇر. كارنىگ خەلقئارا تىنچلىق فوندى بۇنى رايوندىكى ئوتتۇرا كۈچلەرنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا خەتەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقنى كېڭەيتىش ھەرىكىتى دەپ چۈشەندۈرىدۇ. [3]
3. ئامېرىكا–مىسىر–خىتاي ئۈچ بۇرجىكى: خىتاي ئامېرىكانىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟
مىسىرنىڭ خىتايغا يېقىنلىشىشىنى توغرا ئۆلچەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكانىڭ قاھىرەدىكى ئورنىنىڭ قۇرۇلمىلىق چوڭقۇرلۇقىنى كۆرۈش كېرەك. ئامېرىكا 1946-يىلدىن 2024-يىلغىچە مىسىرغا دوللار ھېسابىدا 90 مىليارد دوللارغا يېقىن ياردەم بەرگەن، ھەربىي ياردەم 1979-يىلدىن كېيىن زور دەرىجىدە ئاشقان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەتقىقات مۇلازىمىتى (CRS) نىڭ 2024-يىللىق دوكلاتىدا 2024-مالىيە يىلى ئۈچۈن 1.3 مىليارد دوللارلىق چەت ئەل ھەربىي مالىيە ياردىمى تەمىنلەنگەنلىكى، بۇ مەبلەغنىڭ ئامېرىكا قورال سىستېمىسى ۋە مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشقا باغلانغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. [4] بۇ سان 2026-يىللىق ياردەمنىڭ دەل مىقدارى ئەمەس، لېكىن ئىككى دۆلەت ھەربىي مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي چوڭقۇرلۇقىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئۆلچەم.
مىسىر–ئىسرائىلىيە تىنچلىق شەرتنامىسى بۇ قۇرۇلمىنىڭ يەنە بىر تۈۋرۈكى. 1979-يىللىق شەرتنامە ئىسرائىلىيەنىڭ سىنايدىن چېكىنىشى، نورمال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېكىتتى. [14] غەززە ئۇرۇشى بۇ تارىخىي شەرتنامىنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. رافا چېگرا ئېغىزى، سىنايغا پەلەستىنلىكلەرنى كۆچۈرۈش ئېھتىمالى، غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ چېگرا رايوندىكى ھەرىكىتى مىسىرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەتقىقات مۇلازىمىتى (CRS) مىسىرنىڭ ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە خاماس ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىچىلىك رولىنىمۇ شۇ قۇرۇلمىنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسىتىدۇ. [4]
خىتاي بىلەن مىسىر پەلەستىن مەسىلىسىدە كۆپ نۇقتىدا ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈردى. 1967-يىل چېگراسىنى ئاساس قىلغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى، شەرقىي قۇددۇسنىڭ پايتەخت بولۇشى، پەلەستىنلىكلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە قارشى تۇرۇش ۋە غەززەدىكى ئۇرۇشنى توختىتىشنى قوللاش. [1]، [2] بۇ سىياسىي بىردەكلىك بېيجىڭغا ئەرەب جامائەت پىكرىدە ئىجابىي ئوبراز يارىتىدۇ. ئەمما ھەرگىزمۇ مىسىرنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان كۈندىلىك بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ياكى ئامېرىكانىڭ ھەربىي رولىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.
شۇڭا خىتاينىڭ قاھىرە ئۈچۈن ئەڭ چوڭ قىممىتى «ئامېرىكانىڭ ئورنىنى بېسىش»تا ئەمەس، بەلكى قاھىرەگە قوشۇمچە تاللاش يارىتىشتا. ئامېرىكا بەزى قورال ياكى تېخنولوگىيەنى سىياسىي شەرت، ئېكسپورت چەكلىمىسى ياكى كىشىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشىغا باغلىغاندا، خىتاي تېخىمۇ ئاز شەرتلىك تەمىنات بىلەن مىسىرنىڭ سودىلىشىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. لېكىن ھەربىي بىر گەۋدىلىشىش، ئىستىخبارات، قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە رايونلۇق كىرىزىسلاردا ھەرىكەت ئىقتىدارى جەھەتتە ئامېرىكانىڭ ئەۋزەللىكى يەنىلا روشەن. [3]، [12]
4. ئىقتىسادىي رېئاللىق: سودا ئۆسۈشى بىلەن تەڭپۇڭسىزلىق بىرلا ۋاقىتتا
خىتاي–مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تۈۋرۈكى ئىقتىساد. لېكىن سودا ھەجىمىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۆز-ئۆزىدىن «تەڭ پايدا» دەپ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. مىسىر مەركىزىي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (CAPMAS) سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل قىلغان «ئەل-ئېھرام» تورىغا قارىغاندا، 2026-يىلنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا مىسىرنىڭ خىتايغا ئېكسپورتى 840.8 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن تەخمىنەن ئۈچ ھەسسە ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتايدىن قىلىنغان ئىمپورت 10.4 مىليارد دوللارغا، ئىككى تەرەپلىك سودا 11.3 مىليارد دوللارغا يەتكەن. [16] دېمەك، مىسىرنىڭ ئېكسپورتى تېز ئاشقان بولسىمۇ، سودا قىزىل رەقىمىنىڭ قۇرۇلمىلىق خاراكتېرى ئۆزگەرمىگەن.
بۇ تەڭپۇڭسىزلىق سىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «سانائەتنى يەرلىكلەشتۈرۈش» ۋە «تېخنولوگىيە يۆتكەش»نى تەكرار-تەكرار تەكىتلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مىسىرنىڭ خىتايغا قىلىدىغان ئېكسپورتىدا يېقىلغۇ، مىنېرال، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە پاختا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. خىتايدىن بولسا ئېلېكتىر ۋە مېخانىك ئۈسكۈنىلەر، ئاپتوموبىل، تۆمۈر-پولات، پىلاستىك ۋە خىمىيە مەھسۇلاتلىرى زور مىقداردا ئىمپورت قىلىنىدۇ. [16] ئەگەر بۇ قۇرۇلما ئۆزگەرمىسە، خىتاي بىلەن بولغان سودا مىسىرنىڭ سانائەت قۇدرىتىنى ئاشۇرۇشتىن كۆرە، ئىمپورتقا بولغان تايىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى مۇمكىن.
2026-يىللىق زىيارەت دەل بۇ مەسىلىگە جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن ئېلېكتىر ئاپتوموبىلى، پاراخوت ياساش، قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسى، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش، بۇلۇت ھېسابلاش، سانلىق مەلۇمات مەركىزى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، تور بىخەتەرلىكى، ئالەم بوشلۇقى ۋە ھالقىلىق مىنېرال تەمىنات زەنجىرىنى ئورتاق ھەمكارلىق ساھەسى سۈپىتىدە بەلگىلىدى. [1]، [2] مىسىر مەبلەغ سېلىش ۋە ئەركىن رايونلار باش ئىدارىسى (GAFI) نىڭ 2026-يىلى 13-ئاۋغۇستتىكى سانلىق مەلۇماتى مىسىردا تەخمىنەن 3366 خىتاي شىركىتى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شىركەتلەر توقۇمىچىلىق، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى، خىمىيە، ئاپتوموبىل ۋە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردە پائالىيەت قىلىدۇ. شۇ يىغىندا خىتاي شىركەتلىرى دۇچ كەلگەن مەمۇرىي ۋە سودا توسالغۇلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان. [17] بۇ سانلار مۇناسىۋەتنىڭ رېئال مەبلەغ ئاساسى بارلىقىنى، ئەمما «توسالغۇسىز مۇۋەپپەقىيەت» ئەمەسلىكىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرسىتىدۇ.
يەنە بىر مۇھىم ئۆلچەم مىسىرنىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلما. خەلقئارا پۇل فوندى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادتىكى زور ئىزىنى ئازايتىش، خۇسۇسىي ساھەگە بوشلۇق ئېچىش ۋە دۆلەت مۈلكىنى قىسمەن سېتىش ئىسلاھاتلىرىنىڭ ئاستا كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. [7]، [8] يەزىد سايغ بولسا ئارمىيە ۋە دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى يەر، ئۇل ئەسلىھە ۋە مۈلۈككە تايانغان « كاپىتالىزم»نىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنولوگىيەلىك يېڭىلىنىشنى چەكلەيدىغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ. [18] شۇڭا خىتاي مەبلىغىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئېلان قىلىنغان دوللار مىقدارى بىلەن ئەمەس، يەرلىك تەمىنلىگۈچى، يۇقىرى قىممەتلىك ئىش ئورنى، تېخنولوگىيە يۆتكەش ۋە ئۈچىنچى بازارغا ئېكسپورت قىلىش ئىقتىدارى بىلەن ئۆلچەش كېرەك.
زىيارەتتە 20 دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالانغانلىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى، ئەمما «ئەل-ئېھرام» تورىنىڭ تەكشۈرۈشى تولۇق رەسمىي تىزىملىكنىڭ ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى ۋە ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ياكى ھەمكارلىق رامكىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. [19] شۇڭا «ھۆججەت ئىمزالاندى» بىلەن «مەبلەغ كەلدى»، «زاۋۇت قۇرۇلدى» ۋە «تېخنولوگىيە يۆتكەلدى»نى ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەك. زىيارەتنىڭ ئىقتىسادىي نەتىجىسى پەقەت كېيىنكى يىللاردا بۇ ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلىي تۈرگە ئايلانغان-ئايلانمىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
5. سۇۋەيش قانىلى ۋە پۇل–مۇئامىلە: جۇغراپىيەنى ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش
مىسىرنىڭ خىتاي ئۈچۈن قىممىتىنى سۇۋەيش قانىلىسىز چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. خىتايدىن ھىندى ئوكيان، قىزىل دېڭىز ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق ياۋروپاغا بارىدىغان سودا لىنىيەسىنىڭ ئەڭ نازۇك تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى دەل سۇۋەيش قانىلىدۇر. قانال مىسىر ئۈچۈن تاشقى پېرىۋوت كىرىمى، خىتاي ئۈچۈن بولسا ياۋروپا–ئاسىيا سودا زەنجىرىنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى. سۇۋەيش قانىلى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانىغا قارىغاندا، 2026-يىل بېشىدىن 8-فېۋرالغىچە 1315 پاراخوت، 56 مىليون توننا ساپ يۈك ئۆتكەن ۋە 449 مىليون دوللار كىرىم يارىتىلغان. [20] قىزىل دېڭىزدىكى كىرىزىس بۇ سانلارنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىك بىلەن قانچىلىك باغلانغانلىقىنى كۆرسەتتى.
سۇۋەيش قانىلى ئىقتىسادىي رايونىنىڭ خىتاي ئۈچۈن قىممىتى پەقەت قانالدىن پايدىلىنىشتا ئەمەس، مىسىردا ئىشلەپچىقىرىپ، ئافرىقا، ئەرەب دۇنياسى ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىدە. شۇڭا خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مىسىرغا يۆتكىلىشى بېيجىڭنىڭ ئېكسپورت بازىرىنىلا كېڭەيتىپ قالماي، سودا چەكلىمىسى ۋە تەمىنات زەنجىرى خەۋپىنى تارقىتىشقا ياردەم بېرىدۇ. قاھىرە بولسا بۇ جۇغراپىيەلىك ئورۇننى سانائەت ۋە ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. بىرلەشمە باياناتتا مىسىرنى «ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپانى باغلايدىغان رايونلۇق سانائەت، ئەشيا ئوبوروتى، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە سانلىق ئىقتىساد مەركىزى»گە ئايلاندۇرۇش نىشانى دەل شۇ ھېسابنى ئىپادىلەيدۇ. [1]
پۇل–مۇئامىلە ساھەسىدىمۇ مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى قاتلىمى شەكىللەندى. 2026-يىلى 6-ئايدا خىتاي خەلق بانكىسى بىلەن مىسىر مەركىزىي بانكىسى يەرلىك پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى يېڭىلاپ، كۆلىمىنى 18 مىليارد يۈەندىن 30 مىليارد يۈەنگە كېڭەيتتى، مۇددىتى ئۈچ يىل قىلىپ بېكىتىلدى. [21] بۇنى «دوللارسىزلاشتۇرۇشنىڭ غەلىبىسى» دەپ سۇنۇش بالدۇر، ئەمما ئىككى دۆلەت سودىسىدا يەرلىك پۇل ئىشلىتىش، مالىيە تاللاشلىرىنى كۆپەيتىش ۋە پۇل بازىرى خەۋپىنى تارقىتىش جەھەتتە ئەمەلىي قىممىتى بار. مىسىرنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى، دېڭىز قولتۇقى مەبلىغى ۋە دوللار سىستېمىسىغا بولغان ئېھتىياجى داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يۈەن قوشۇمچە قورال، ئالماشتۇرغۇچى سىستېما ئەمەس. [7]، [8]
6. ئىقتىسادتىن بىخەتەرلىككە: ھەربىي ھەمكارلىق ۋە رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە
2026-يىللىق زىيارەتنىڭ ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر تەرەپلىرىنىڭ بىرى خىتاي–مىسىر ھەربىي ئالاقىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشى. شىنىڭ قاھىرەگە كېلىشى ئالدىدا «مەدەنىيەت بۈركۈتلىرى» ناملىق ئىككىنچى قېتىملىق بىرلەشمە ھاۋا مانېۋىرى داۋاملاشتى. مىسىر ئارمىيەسى بۇ مانېۋىرنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت ئىقتىدارى، ئۇچقۇچىلارنىڭ ماھارىتى ۋە ھاۋادا يېقىلغۇ تولۇقلاش مەشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. [22] ۋاشىنگتون يېقىن شەرق سىياسىتى ئىنستىتۇتى خىتاينىڭ J-10 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە خۇاۋېينىڭ سۈنئىي ئەقىل رەقەملىك مەلۇمات مەركىزىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلىرىنى ئىككى دۆلەت ئالاقىسىنىڭ يېڭى چېگراسى دەپ كۆرسىتىدۇ، لېكىن بۇ تۈرلەرنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى توختام ياكى ئەمەلىيلەشكەن سېتىۋېلىش ئەمەس. [12]
بىرلەشمە باياناتتا بىخەتەرلىك تېخىمۇ تۈزۈملەشكەن تىلدا ئىپادىلەندى. چېگرا ھالقىغان جىنايەتكە قارشى تۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى، تاپشۇرۇپ بېرىش شەرتنامىسىنى سۆھبەتلىشىشنى تېزلىتىش ۋە تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. [1]، [2] بۇ، خىتاي–مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ پەقەت كارخانا ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، دۆلەت بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىگە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ جەرياننى ئامېرىكا–مىسىر ھەربىي شېرىكلىكى بىلەن تەڭلەشتۈرۈش توغرا ئەمەس. خىتاينىڭ رايوندىكى ھەربىي ئىزى، ئامېرىكانىڭ بازا، قورال، مانېۋىر، ئىستىخبارات ۋە مالىيە تورىدىن زور دەرىجىدە كىچىك. [3]، [4]
ئۇزۇن مۇددەتتە ئەڭ سەزگۈر رىقابەت ساھەسى قورالدىنمۇ بەكرەك رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە بولۇشى مۇمكىن. سۈنئىي ئەقىل، بۇلۇت ھېسابلاش، سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، تور بىخەتەرلىكى، ئالەم بوشلۇقى ۋە يىراقتىن سېزىش بىرلەشمە باياناتقا كىرگۈزۈلدى. [1]، [2] بۇ ساھەلەر ئاددىي سودا مەھسۇلاتى ئەمەس، دۆلەتنىڭ سانلىق مەلۇماتى، نازارەت ئىقتىدارى، ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە كەلگۈسى سانائەت سىياسىتى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغان. شۇڭا مىسىرنىڭ خىتاي بىلەن تېخنولوگىيەلىك يېقىنلىشىشى ۋاشىنگتون ئۈچۈن ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. [12]
7. دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق»
خىتاي–مىسىر يېقىنلىقىنى پەقەت ئىقتىساد بىلەن چۈشەندۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ئوخشاش ئەمەس. خىتايدا كومپارتىيە دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزى، مىسىردا بولسا پىرېزىدېنتلىق، ئارمىيە، بىخەتەرلىك ئاپپاراتى ۋە رەسمىي سايلام ئورگانلىرى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن. لېكىن ھاكىمىيەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، «مۇقىملىق»نى ئالدىنقى سىياسىي قىممەت دەپ قاراش، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كەڭ مەنىدە چۈشەندۈرۈش ۋە تاشقى كىشىلىك ھوقۇق بېسىمىغا گۇمان بىلەن قاراشتا ئىككى دۆلەتتە ئورتاقلىق بار.
ئەركىنلىك سارىيى مىسىرنى 2026-يىللىق باھادا 100 دىن 18 نومۇر بىلەن «ئەركىن ئەمەس» دەپ تۈرگە ئايرىدى. [23] كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مىسىردا تىنچ تەنقىدچىلەر، مۇستەقىل جەمئىيەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا بېسىم، قانۇنسىز تۇتقۇنلۇق ۋە ئادىل بولمىغان سوت مەسىلىلىرىنىڭ داۋاملاشقانلىقىنى خاتىرىلىدى. [24] خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ تىنچ پائالىيەتكە قارشى قوللىنىلغانلىقىنى، پۇقراۋى تەشكىلاتلارغا چەكلىمە ۋە تۇتقۇندىكى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرسەتتى. [25]
خىتايغا قارىتا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2026-يىللىق دوكلاتى پىكىر، دىنىي ئېتىقاد، جەمئىيەت ۋە سىياسىي پائالىيەت ئەركىنلىكىگە بولغان كەڭ چەكلىمىلەرنى، خوڭكوڭ، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم سىياسىتىنى خاتىرىلەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بەزى سىياسەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇققا قارشى جىنايەت شەكىللىرى بىلەن باغلايدۇ. [26] بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە بېيجىڭنىڭ «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق» پىرىنسىپى قاھىرە ئۈچۈن جەلپكار. مەبلەغ، تېخنولوگىيە ياكى قورال ھەمكارلىقىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق شەرتلىرىگە باغلاش ئېھتىمالى تۆۋەن بولىدۇ.
بۇ ساھەدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي تەجرىبە ئالاھىدە ئېھتىيات بىلەن تىلغا ئېلىنىشى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2017-يىلى مىسىر دائىرىلىرىنىڭ كەم دېگەندە 62 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى خاتىرىلىگەن. [27] 2026-يىللىق بىرلەشمە باياناتتا تاپشۇرۇپ بېرىش شەرتنامىسىنى تېز سۆھبەتلىشىش قارارىنىڭ بولۇشى شۇ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش سەۋەبىدىن كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن مۇھىم. [2] ئەمما ھازىرغىچە بۇ شەرتنامە مۇزاكىرىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچلىك دەلىل يوق. توغرا ئانالىز بۇنى مەجبۇرىي قايتۇرماسلىق پىرىنسىپى جەھەتتىكى خەۋپ سۈپىتىدە كۆرسىتىشى، نىيەت ھەققىدە دەلىلسىز ھۆكۈم چىقارماسلىقى كېرەك.
8. بىر زىيارەت، ئۈچ خىل مېدىيا ھېكايىسى
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ قانداق باھالانغانلىقى مەنبەنىڭ سىياسىي ئورنىغا قاراپ روشەن پەرقلەرنى كۆرسەتتى. مىسىرنىڭ رەسمىي ۋە يېقىن مېدىياسى زىيارەتنى 70 يىللىق دوستلۇق، مىسىرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، مەبلەغ، سانائەتنى يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە «ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق» ئارقىلىق سۇندى. «ئەل-ئېھرام» تورىنىڭ نەتىجىلەر تىزىملىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرى، ئىقتىساد، تېخنولوگىيە ۋە رايونلۇق سىياسىي ماسلىشىشقا ئەھمىيەت بەردى. [19] سىسىنىڭ رەسمىي سۆزىدە بولسا مىسىرنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىسى تېخنولوگىيە يۆتكەش ۋە يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش بولدى. [6]
خىتاي دۆلەت مېدىياسىنىڭ تىلى تېخىمۇ ئىدېئولوگىيە تۈسىگە ئىگە. شىنخۇا ۋە «خەلق گېزىتى» 70 يىللىق دوستلۇق، «يەر شارى جەنۇبى»، ئۆزئارا قوللاش، كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى»نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. [15]، [28]، [5] خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى زىيارەتنى «سىياسەت، ئىقتىساد–سودا، مەدەنىيەت، بىخەتەرلىك ۋە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش»تىن ئىبارەت بەش تۈۋرۈكلۈك ھەرىكەت رامكىسى دەپ سۇندى. [29] بۇ مەنبەلەرنى مۇستەقىل باھا دەپ ئەمەس، بېيجىڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايونلۇق رولىنى قانداق چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بايان مەنبەسى دەپ ئىشلىتىش كېرەك.
مۇستەقىل خەلقئارا مېدىيا بولسا ئاساسەن ئۈچ سوئالغا مەركەزلەشتى: بۇ زىيارەت خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنى قانچىلىك ئاشۇرىدۇ؟ مىسىر ئامېرىكاغا بولغان تايىنىشىنى قانچىلىك كۆپ خىللاشتۇرۇۋاتىدۇ؟ خىتاي–مىسىر ھەربىي ۋە تېخنولوگىيەلىك ئالاقىسى ۋاشىنگتون ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ رويتېرس بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى ۋە رايونلۇق تەسىرنى، بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى بولسا، مىسىرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان شېرىكلىكىنى ساقلىغان ھالدا خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. [10]، [11]
«ئەل-ئېھرام» تورى نىڭ 40 تىن ئارتۇق خەلقئارا خەۋەرنى سېلىشتۇرغان ئوبزورىدا يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بار، كۆپ خەۋەرلەر خىتاي–ئامېرىكا رىقابىتى ياكى «تارىخىي زىيارەت»كە ئەھمىيەت بەرگەن، ئەمما مەبلەغنىڭ كونكرېت شەرتلىرى، يەرلىك تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئۈلۈشى، تېخنولوگىيە يۆتكەشنىڭ ھەقىقىي دەرىجىسى ۋە سانلىق مەلۇماتنى باشقۇرۇش قائىدىلىرىنى ئاز تەكشۈرگەن. [30] بۇ «سۈكۈت»نىڭ ئۆزى سىياسىي ئانالىز ئۈچۈن مۇھىم، زىيارەتنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ھەيۋەتلىك باياناتتا ئەمەس، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۈزۈلمىۋى ئۆزگىرىشتە ئۆلچىنىدۇ.
خۇلاسە
شى جىنپىڭنىڭ 2026-يىللىق مىسىر زىيارىتى خىتاينىڭ مىسىردىكى تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى روشەن كۆرسىتىدۇ. بۇ تەسىر بۈگۈن سودا ۋە قۇرۇلۇشتىن ھالقىپ، ئېلېكتىر ئاپتوموبىلى، يېشىل ئېنېرگىيە، يەرلىك پۇل، سۈنئىي ئەقىل، سانلىق مەلۇمات مەركىزى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ھەربىي مانېۋىر ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىغىچە يېتىپ باردى. [1]، [2] لېكىن بۇ ئۆزگىرىشنى «خىتاي ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئالدى» دەپ ئاتاش ئۈچۈن تېخى پاكىت يېتەرلىك ئەمەس. ئامېرىكا–مىسىر ھەربىي قۇرۇلمىسى، مىسىر–ئىسرائىلىيە تىنچلىق شەرتنامىسى ۋە غەززەدىكى ۋاسىتىچىلىك ۋاشىنگتونغا يەنىلا قۇرۇلمىلىق ئەۋزەللىك بېرىدۇ. [4]، [14]
ئەڭ كۈچلۈك دەلىل شۇنى كۆرسىتىدۇكى، قاھىرە بىر كۈچنى يەنە بىر كۈچ بىلەن ئالماشتۇرۇۋاتقىنى يوق. ئۇ ھەرقايسى كۈچلەرنىڭ پەرقلىق ئەۋزەللىكىنى بىر ۋاقىتتا ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكادىن ھەربىي بىخەتەرلىك ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان رەسمىي قاناللار؛ خىتايدىن سانائەت، تېخنولوگىيە، ئۇل ئەسلىھە ۋە قوشۇمچە مالىيە تاللاشلىرى؛ دېڭىز قولتۇقىدىن كاپىتال؛ ياۋروپادىن بازار ۋە سودا. بۇ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئەمەلىي مەزمۇنى. [3]
بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، شىنىڭ قاھىرە سەپىرى ئوتتۇرا شەرقتە «ئامېرىكا دەۋرى»نىڭ تۇيۇقسىز ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى ئەمەس، بەلكى بىر دۆلەتنىڭ بارلىق بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە ئېھتىياجىنى بىرلا چوڭ كۈچكە باغلاش مودېلىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى. رايون بارغانسېرى كۆپ شېرىكلىك، كۆپ قاتلاملىق ۋە سودىلىشىش خاراكتېرى كۈچلۈك تەرتىپكە يۆتكىلىۋاتىدۇ. مىسىر بۇ جەرياندا پاسسىپ «تالاش نىشانى» ئەمەس، سۇۋەيش، غەززە ۋاسىتىچىلىكى، ئەرەب دۇنياسىدىكى سىياسىي ۋەزنى ۋە زور ئىچكى بازارنى قولىدىكى سودىلىشىش بايلىقىغا ئايلاندۇرۇۋاتقان بىر ئاكتىيوردۇر.
شۇڭا 2026-يىللىق زىيارەتنىڭ ئەڭ توغرا يەكۈنى شۇكى، مىسىر خىتاينى تاللىمىدى، بەلكى تاللاش ئىمكانىيىتىنىڭ ئۆزىنى تاللىدى. خىتاي بولسا بۇ تاللاشلار ئارىسىدا بارغانسېرى مۇھىم، ئەمما تېخى بىردىنبىر ئەمەس بىر شېرىككە ئايلاندى.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
[1] رئاسة جمهورية مصر العربية. «بيان مشترك بين جمهورية مصر العربية وجمهورية الصين الشعبية حول مواصلة تعميق علاقات الشراكة الاستراتيجية الشاملة المصرية الصينية.» 2 سبتمبر 2026.
[2] 《人民日报》. “中华人民共和国和阿拉伯埃及共和国关于进一步深化全面战略伙伴关系的联合声明.” 2026年9月3日.
[3] Hamzawy, Amr, and Kathryn Selfe. “In the Middle East and North Africa, America and China Converge More Than They Diverge.” Carnegie Endowment for International Peace, July 1, 2026.
[4] Sharp, Jeremy M. “Egypt: Background and U.S. Relations.” Congressional Research Service, RL33003, September 12, 2024.
[5] 新华网. “习近平在埃及媒体发表署名文章.” 2026年9月1日.
[6] رئاسة جمهورية مصر العربية. «كلمة الرئيس عبد الفتاح السيسي في مستهل المباحثات مع الرئيس الصيني.» 2 سبتمبر 2026.
[7] International Monetary Fund. “IMF Executive Board Completes the Seventh Review Under the Extended Arrangement Under the Extended Fund Facility and Second Review Under the Resilience and Sustainability Facility Arrangement for Egypt.” July 30, 2026.
[8] International Monetary Fund. Middle East and Central Asia Dept. “Arab Republic of Egypt: Seventh Review Under the Extended Arrangement Under the Extended Fund Facility…” IMF Staff Country Reports 2026, no. 224, August 13, 2026.
[9] World Bank. “Macro Poverty Outlook for Arab Republic of Egypt: April 2026.” Washington, D.C.: World Bank Group, 2026.
[10] Reuters. “China’s Xi urges new Middle East security framework during Egypt visit.” September 2, 2026.
[11] Associated Press. “Xi visits Egypt as China deepens ties across the Mideast.” September 2, 2026.
[12] Anand, Shivane, and Grant Rumley. “Xi’s Carefully Calibrated Egypt Trip.” The Washington Institute for Near East Policy, September 1, 2026.
[13] Aboudouh, Ahmed. “China will benefit from the Iran war, regardless of any deal between Trump and Tehran.” Chatham House, May 6, 2026.
[14] U.S. Department of State, Office of the Historian. “Foreign Relations of the United States, 1977–1980, Volume IX, Arab-Israeli Dispute: Editorial Note on the Egypt-Israel Treaty of Peace.” March 26, 1979.
[15] 《人民日报》. “习近平同埃及总统塞西会谈.” 2026年9月3日.
[16] Abdelhamid, Nora, and Doaa A. Moneim. “Egyptian exports to China leap around 200% in H1 2026: CAPMAS.” Ahram Online, September 1, 2026.
[17] الهيئة العامة للاستثمار والمناطق الحرة. “الرئيس التنفيذي لهيئة الاستثمار يترأس أعمال اللجنة المصرية الصينية.” 13 أغسطس 2026.
[18] Sayigh, Yezid. “Egypt’s Military Landlord Economy and its Limitations.” Carnegie Endowment for International Peace, July 9, 2026.
[19] A. Moneim, Doaa. “Factbox: Key outcomes of Chinese President Xi Jinping visit to Egypt.” Ahram Online, September 2, 2026.
[20] هيئة قناة السويس. “خلال مشاركته في المؤتمر السنوي الدولي للنقل البحري واللوجستيات (مارلوج) الفريق أسامة ربيع: «قناة السويس أعادت تعريف نفسها من جديد لتصبح منظومة لوجيستية متطورة تتبنى التحول الرقمي».” 8 فبراير 2026.
[21] 新华网. “中埃两国央行续签双边本币互换协议.” 2026年6月3日.
[22] Elkabany, Hussien. “Egypt, China continue joint air drills ahead of Xi’s visit to Cairo.” Anadolu Agency, August 31, 2026.
[23] Freedom House. “Egypt: Freedom in the World 2026 Country Report.” 2026.
[24] Human Rights Watch. “World Report 2026: Egypt.” 2026.
[25] Amnesty International. “Human rights in Egypt.” Amnesty International Report 2025/26.
[26] Human Rights Watch. “World Report 2026: China.” 2026.
[27] Human Rights Watch. “Egypt: Don’t Deport Uyghurs to China.” July 8, 2017.
[28] 新华网. “携手各国发展振兴,改革完善全球治理——中共中央政治局委员、外交部长王毅谈习近平主席出席2026年上海合作组织峰会并对吉尔吉斯斯坦、埃及进行国事访问.” 2026年9月3日.
[29] 中国新闻网. “‘千里同好’,习近平历史性访问推动中埃关系再深化.” 2026年9月3日.
[30] Reda, Ahmed. “Global media zooms in on significance and outcomes of Chinese President Xi Jinping historic visit to Egypt.” Ahram Online, September 2, 2026.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.













