ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
مايكىل ج. مازار، ھەبىبە ئەھمەد، مارزىيە گىئامبېرتونى، شېئا خېندېرسون، روبېرت ئۇلرىخ ناگېل ۋە كرىستىيان تروتتى تەييارلىغان راند تەتقىقات ئورگىنىنىڭ 2026-يىللىق «يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان رەقەملىك جەڭ مەيدانى: ئامېرىكا–خىتاي رەقەملىك تور رىقابىتىدە ئەۋزەللىك يارىتىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىللار» ناملىق دوكلاتى ئامېرىكا–خىتاي تېخنىكا رىقابىتىنى «كىمنىڭ سۈنئىي ئەقلى كۈچلۈك؟»، «كىمنىڭ 5G ئۈسكۈنىسى ياخشى؟» دېگەن سوئاللاردىن چىقىرىپ، تېخىمۇ چوڭ مەسىلىگە يۆتكەيدۇ: 21-ئەسىرنىڭ رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەسىنى كىم قۇرۇپ بېرىدۇ؟ بۇ سىستېمىغا قايسى دۆلەتلەر كىرىدۇ ۋە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن چىقىش قانچىلىك قىيىن بولىدۇ؟ دوكلات فىزىكىلىق ئۇلىنىش، سىمسىز تور ۋە نەرسىلەر ئىنتېرنېتى، سۈنئىي ئەقىل–سانلىق مەلۇمات ئېكولوگىيەسى ۋە ئالەم سىستېمىلىرىنى تەھلىل قىلىپ، كوستارىكا، نىگېرىيە، فىلىپپىن، سېربىيە ۋە دېڭىز ئاستى كابېللىرىنى مىسال قىلىدۇ. ئاپتورلار ئۆز نەتىجىلىرىنى ئۆلچەنگەن سەۋەب–نەتىجە قانۇنى ئەمەس، كۆپ ساھەدە تەكرار كۆرۈلگەن ئامىللار ھەققىدىكى سۈپەت خاراكتېرلىك باھا دەپ ئېھتىيات بىلەن چەكلەيدۇ. [1-، 3–5-، 19–20-بەتلەر]
دوكلاتنىڭ ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى «رەقەملىك كۈچ» كە قايتا ئېنىقلىما بەرگەنلىكىدۇر. كۈچ پەقەت ئەڭ ئىلغار مودېل ياكى ئەڭ تېز تورغا ئىگە بولۇشتىن كەلمەيدۇ، ئۇ بىر دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۈندىلىك ئىقتىسادى، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى، سانلىق مەلۇمات ئېقىمى ۋە بىخەتەرلىك سىستېمىسىغا قانچىلىك چوڭقۇر ئورۇنلاشقانلىقىدىن كېلىدۇ. شۇڭا رەقەملىك رىقابەت بازار ئۈلۈشى مەسىلىسىدىنمۇ چوڭ بولۇپ، ماھىيەتتە، ئۇ كەلگۈسىدىكى تاللاش بوشلۇقىنى كىم شەكىللەندۈرىدۇ، دېگەن رىقابەتتىن ئىبارەت.
ئۈچىنچى دۆلەتلەر — رىقابەتنىڭ ھەقىقىي مەيدانى
راندنىڭ رامكىسىدا ئامېرىكا–خىتاي رىقابىتىنىڭ ھەل قىلغۇچ مەيدانى بېيجىڭ ياكى ۋاشىنگتوننىڭ ئۆزى بولماسلىقى مۇمكىن. ھەقىقىي سەھنە — نىگېرىيە، فىلىپپىن، مالايسىيا، سېربىيە، كوستارىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ «كىمنىڭ تورىنى، بۇلۇت مۇلازىمىتىنى، سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىنى ۋە سۈنئىي ھەمراھ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىمىز؟» دېگەن قارار مەيدانىدۇر. رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە ئادەتتىكى تاۋار ئەمەس. ئۇ بىر قېتىم ئورنىتىلغاندىن كېيىن يېڭىلاش، زاپچاس، خادىم تەربىيەلەش، سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش ۋە تېخنىكىلىق ئۆلچەملەر ئارقىلىق يىللارچە داۋاملىشىدىغان مۇناسىۋەت يارىتىدۇ. [15-، 22–23-بەتلەر]
سانائەت دەۋرىدە بوغما نۇقتىلار پورت، نېفىت تۇرۇبىسى ياكى دېڭىز يولى بولسا، رەقەملىك دەۋردە بوغما نۇقتا دېڭىز ئاستى تالالىق كابېل، سانلىق مەلۇمات مەركىزى، ھېسابلاش كۈچى، سىمسىز تور ئۆلچىمى ياكى ئالەم يول باشلاش سىستېمىسى بولالايدۇ. دوكلات دېڭىز ئاستى ۋە قۇرۇقلۇق تالالىق كابېللىرىنىڭ قىتئەلەر ئارا سانلىق مەلۇماتنىڭ 95–99 پىرسەنتىنى توشۇيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ خىل ئۇل ئەسلىھە بىرلا ۋاقىتتا تەرەققىيات قورالىمۇ، شۇنداقلا، كىرىزىستا بېسىم قورالىمۇ بولالايدۇ. [24-بەت]
شۇڭا «كىمنىڭ تېخنىكىسى ئەڭ ياخشى؟» دېگەن سوئال رىقابەتنى تولۇق چۈشەندۈرەلمەيدۇ. ئۈچىنچى دۆلەتلەر دائىم ئەڭ ئىلغار تېخنىكىنى ئەمەس، باھاسى كۆتۈرەلەيدىغان، تېز قۇرۇلىدىغان، مەبلەغ ياردىمى بار ۋە ئۆزىنىڭ دەرھال ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان سىستېمىنى تاللايدۇ. راند سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مودېل ۋە ھېسابلاش كۈچىدە زور ئەۋزەللىكى بارلىقىنى، خىتاينىڭ بولسا ئەرزانراق، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن ۋە ئوچۇق ئېغىرلىقلىق مودېللار ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان بازارلارغا تېخىمۇ تېز كىرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. [18–19-، 25–26-بەتلەر]
بۇ يەردە رەقەملىك رىقابەتنىڭ بىرىنچى پارادوكسى كۆرۈنىدۇ: يۇقىرى تېخنىكىلىق سۈپەت بىلەن بازار غەلىبىسى بىر نەرسە ئەمەس. تېخنىكىنىڭ «يېتەرلىك دەرىجىدە ياخشى»، تېز ۋە مالىيە جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان بولۇشى، بەزى دۆلەتلەر ئۈچۈن «ئەڭ ياخشى» بولۇشىدىنمۇ مۇھىم.
خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى بىرەر مەھسۇلات ئەمەس
دوكلاتنىڭ ئەڭ ئويلاندۇرىدىغان يەكۈنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىنىڭ خۇاۋېي، بېيدوۋ، دىپسىك ياكى باشقا بىر مەھسۇلات ئەمەس ئىكەنلىكىدۇر. بەلكى، ھەقىقىي ئەۋزەللىكى بىر پۈتۈن ئېكولوگىيەنى بىر بولاق قىلىپ ساتالايدىغانلىقىدا. تېلېكوم ئۈسكۈنىسى بىلەن بىللە مەبلەغ، قۇرۇلۇش، خادىم تەربىيەلەش، بۇلۇت سىستېمىسى، ئەقلىي شەھەر، يەرلىك دىپلوماتىك ئالاقە ۋە باشقا ئۇل ئەسلىھە مەبلىغى بىرلا تەكلىپنىڭ قىسمىغا ئايلىنىدۇ. غەرب شىركەتلىرى بولسا كۆپىنچە ئايرىم مەھسۇلات، ئايرىم مالىيە ئورگىنى ۋە ئايرىم دىپلوماتىك قانال بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. [30–31-، 45–47-بەتلەر]
راند بۇ «باغلىنىپ قېلىش»نى خىتاينىڭ ئاشكارا ئېلان قىلغان رەسمىي نىشانى دېمەيدۇ. ئۇنى كۆزىتىلگەن ھەرىكەت ئەندىزىسىنىڭ نەتىجىسى دەپ ئايرىدۇ. تېلېكوم ۋە كابېل ساھەسىدە تەمىنلىگۈچىنى ئالماشتۇرۇش چىقىمى يۇقىرى، سۈنئىي ئەقىلدە بولسا ئوچۇق مودېللار سەۋەبىدىن بىر قەدەر تۆۋەن. بۇ ئىنچىكە پەرق دوكلاتنىڭ كۈچلۈك يېرى بولۇپ، «بېقىندىلىق» ھەممە تېخنىكىدا ئوخشاش شەكىلدە پەيدا بولمايدۇ. [7-، 31-بەتلەر]
ئەڭ كۈچلۈك قورال مەبلەغ ۋە باھا. 2023-يىلى خىتاينىڭ ئېكسپورت كىرېدىت مالىيەسى 39 مىليارد دوللار بولغان، ئامېرىكىنىڭكى 2.7 مىليارد دوللار ئەتراپىدا قالغان. راند بۇ پەرقنى خىتاينىڭ دۆلەت ياردىمى، كۆلەم، تۆۋەن تەننەرخ ۋە ئېتىبارلىق قەرزنى بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ مىسالى قىلىدۇ. [43–44-بەتلەر] لېكىن ئەڭ ئەرزان تەكلىپ ھەمىشە غەلىبە قىلمايدۇ. دېڭىز ئاستى كابېل تۈرلىرىدە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بەزى باھاسى غەرب رىقابەتچىلىرىدىن 20–30 پىرسەنت تۆۋەن بولسىمۇ، قانۇنىي بېسىم، جازا خەۋپى ۋە بىخەتەرلىك قارىشى سەۋەبىدىن يېڭىلىپ قالغان مىساللار بار. بۇ رىقابەتنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. يەنى، باھا سىياسەتنى يېڭەلەيدۇ، ئەمما بەزىدە سىياسەت باھانى يېڭىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. [7-، 35-بەتلەر]
42-بەتتىكى 3.4-جەدۋەل دوكلاتنىڭ بارلىق مىساللىرىنى بىر رامكىغا يىغىدۇ. تەننەرخ ۋە ئىقتىسادىي ئەمەلىيلىك بىلەن ئېكولوگىيەلىك ئەۋزەللىك تۆت خىل دەلىل مەنبەسىنىڭ ھەممىسىدە ئەڭ كۈچلۈك باھا ئالغان. سىياسىي-ئىستراتېگىيەلىك ماسلىق، تېخنىكا سۈپىتى ۋە دۆلەتنىڭ رەقەملىك باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولسا كېيىنكى دەرىجىدە بولغان. باغلىنىپ قېلىش، قانۇن-تەرتىپ، يەرلىك مەۋجۇتلۇق ۋە يۇقىرى قاتلامنى ئۆزىگە تارتىش كۆپىنچە ئالدىنقى ئامىللارنى كۈچەيتىدىغان مېخانىزم دەپ باھالانغان. [42-بەت]
ئۈچىنچى دۆلەتلەر پاسسىپ شاھمات ئۇرۇقى ئەمەس
دوكلاتنىڭ باشقا نۇرغۇنلىغان «چوڭ دۆلەت رىقابىتى» توغرىسىدىكى تەتقىقاتلاردىن پەرقلىق يېرى، ئۈچىنچى دۆلەتلەرنى «قايسى لاگېرنى تاللايدۇ؟» دېگەن ئىككىلىك سوئالغا قىستۇرۇپ قويماسلىقىدۇر. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئەمەلىيەتتە تاللىماسلىقنى تاللايدۇ. خىتاي قاتتىق دېتالى بىلەن غەرب يۇمشاق دېتالىنى بىرلەشتۈرىدۇ، سەزگۈر بولمىغان ساھەدە خىتاي سىستېمىسىنى، بىخەتەرلىك ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ساھەدە غەرب تېخنىكىسىنى ئىشلىتىدۇ، ئىككى تەرەپنى رىقابەتكە سېلىپ ياخشىراق شەرت ئالىدۇ. مالايسىيا بۇ رەقەملىك تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنىڭ روشەن مىسالى. [7-، 48–49-، 60–61-بەتلەر]
بۇ نۇقتا دوكلاتنىڭ ئۆزىدىكى ئامېرىكا مەركەزلىك رامكىنىمۇ تەنقىدىي ئوقۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. 28-بەتتىكى 2.1-جەدۋەل ئامېرىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆپ مەنبەلىك تەمىنات، ئوچۇق ئۆلچەم ۋە ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ «رەقەملىك ئىگىلىك ھوقۇقى» بىلەن باغلايدۇ. خىتاي مۇۋەپپەقىيىتىنى بولسا خىتاي ئۆلچەملىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، تاللاش يوللىرىنىڭ تاقىلىشى ۋە بېيجىڭنىڭ مەجبۇرلاش ئىقتىدارى بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. [28-بەت]
بۇ رامكا ئامېرىكا بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن لوگىكىلىق، بىراق رەقەملىك بېقىندىلىقنىڭ ئۆزى خىتايغا خاس ئەمەس. سنوۋدېن ئاشكارىلىغان نازارەت پائالىيەتلىرى، Starlink نىڭ ئۇكرائىنادىكى مۇلازىمەت چەكلىمىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ شېرىكلەرگە قارىتىلغان يېقىنقى بېسىملىرى واشىنگتوننىڭ «ئىشەنچلىك شېرىك» ئەۋزەللىكىنى سۇسلاشتۇرغان. دوكلات ھەتتا ئامېرىكا خىتايدىن بىخەتەر تاللاش بولۇشنى خالىسا، ئۆزىنىڭ رەقەملىك تورغا كىرىش ئىقتىدارىنى مەخپىي ئۇچۇر توپلاش ياكى مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە قارىتا ئېنىق چەكلىمىلەرنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دەپ يەكۈنلەيدۇ. [31–32-، 66-بەتلەر]
شۇڭا، ئۈچىنچى دۆلەت ئۈچۈن ھەقىقىي تاللاش «ئامېرىكامۇ ياكى خىتايمۇ؟» ئەمەس. ھەقىقىي سوئال: «قانداق قىلىپ ھېچقايسىغا ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بېقىنىپ قالمايمىز؟» دۇر. بۇ نۇقتىدا دوكلاتنىڭ «رەقەملىك ئىگىلىك ھوقۇق» ئۇقۇمى ئۆزىدىنمۇ كەڭ مەنىگە ئېرىشىدۇ: تېخنىكىنىڭ پاسپورتىدىن بۇرۇن، تەمىنلىگۈچىنى ئالماشتۇرۇش، سانلىق مەلۇماتنى كونترول قىلىش ۋە كىرىزىستا سىستېمىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارى مۇھىم. [29-، 62–63-بەتلەر]
كېيىنكى ئالتە، يەتتە يىل ۋە «نورمال» بولۇپ قالىدىغان بېقىندىلىقلار
راندنىڭچە، كېيىنكى بەش يىلدىن يەتتە يىلغىچە بولغان ۋاقىت، يىل رەقەملىك تور رىقابىتىدە ئالاھىدە ھەل قىلغۇچ مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. 5G دىن 6G غا ئۆتۈش، سۈنئىي ئەقىل ئېكولوگىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇشى ۋە ئالەم مۇلازىمىتىنىڭ تېز كېڭىيىشى يېڭى ئۆلچەم ۋە تەمىنلىگۈچى مۇناسىۋىتىنى بېكىتىدۇ. بۇ ئۆتكۈنچى باسقۇچتا قۇرۇلغان سىستېما كېيىن يۇقىرى ئالماشتۇرۇش چىقىمى ئارقىلىق نەچچە ئون يىللىق يولغا بېقىنىش پەيدا قىلالايدۇ. [32–33-، 57-بەتلەر]
ئامېرىكىنىڭ مەسىلىسى تېخنىكىلىق ئاجىزلىق ئەمەس. دوكلات بويىچە ئامېرىكا شىركەتلىرى دۇنيادىكى ئاشكارا تىزىملىكتىكى سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىنىڭ 46 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى؛ مىكروسوفت، ئامازون تور مۇلازىمىتى ۋە گۇگۇل بولسا ئالدىنقى توققۇز بۇلۇت تەمىنلىگۈچى ئىچىدىكى مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ تەخمىنەن 62 پىرسەنتىنى كونترول قىلىدۇ. غەرب ۋە ياپونىيە شىركەتلىرى دېڭىز ئاستى كابېل ئۇزۇنلۇقىنىڭ تەخمىنەن 90 پىرسەنتىگە ئىگە. [18-بەت]
مەسىلە بۇ كۈچنى تەييار، ئەرزان، مالىيە جەھەتتىن مۇمكىن ۋە يەرلىك دۆلەت ئېھتىياجىغا ماس بىر پۈتۈن تەكلىپكە ئايلاندۇرۇش. راند ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئۇسۇلىنى ئورگانلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن، مالىيە ۋاسىتىلىرى مۇرەككەپ ۋە يەرلىك مەۋجۇتلۇقى يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارايدۇ. خىتاي بولسا تېزرەك كىرىپ، باشقىلاردىن بالدۇر ئورۇن ئىگىلەپ، كېيىن ئاسراش، يېڭىلاش ۋە خادىم تەربىيەلەش ئارقىلىق باغلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. [12-، 59–60-بەتلەر] شۇڭا دوكلاتنىڭ ئامېرىكىغا بەرگەن بەش چوڭ تەكلىپى شۇ: بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، تېخىمۇ كۈچلۈك رەقەملىك مالىيە قورالى، ياۋروپا ۋە ياپونىيە بىلەن بىرلەشمە تەكلىپ، شېرىك دۆلەتلەردە دائىملىق رەقەملىك مۇلازىمەت خادىملىرى، شۇنداقلا ئوچۇق ۋە ئۆزئارا ماس ئۆلچەملەرنى قوللايدىغان ئىتتىپاق — تېخنىكا رىقابىتىنى پۈتۈن دۆلەت كۈچىنىڭ رىقابىتىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. [8-، 64–67-بەتلەر]
رەقەملىك ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى
دوكلاتنىڭ ئىچكى پارادوكسى شۇكى، ئۇ ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ تاللاش ئەركىنلىكى ۋە خىتايغا ھەددىدىن زىيادە باغلىنىپ قالماسلىقىنى ئامېرىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئۆلچىمى دەپ قارايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، واشىنگتوننىڭ مەقسىتى بۇ دۆلەتلەرنى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ تېخنىكا سىستېمىسىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش. بۇ زىددىيەتنى «بىزنىڭ باغلىنىشىمىز ياخشى، ئۇلارنىڭ باغلىنىشى خەتەرلىك» دېگەن فورمۇلا بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
رەقەملىك ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئۆلچىمى تەمىنلىگۈچىنىڭ پاسپورتى بولماسلىقى كېرەك. دۆلەت سىستېمىنى تەكشۈرەلەمدۇ؟ سانلىق مەلۇماتنىڭ قەيەردە ۋە قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىيەلەمدۇ؟ تەمىنلىگۈچىنى ئالماشتۇرالايدىغان رېئال يولى بارمۇ؟ بىر سىياسىي كىرىزىستا چەت ئەل شىركىتى مۇلازىمەتنى توختاتسا، مۇھىم ھۆكۈمەت ۋە ئىقتىسادىي سىستېما داۋام قىلالامدۇ؟ بۇ سوئاللار تېخنىكىنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىدىنمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەزكۇر دوكلات ئۆزىنىڭ چەكلىمىسىنى ئېنىق ئېتىراپ قىلىدۇ. تەخمىنەن ئون نەچچە سۆھبەتنىڭ زور قىسمى سابىق ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە خۇسۇسىي ساھە ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن؛ دۆلەت مىساللىرى چەكلىك؛ توققۇز ئامىل بىر-بىرىگە باغلانغان بولغاچقا، ھەر بىر ئامىلنىڭ مۇستەقىل سەۋەبلىك كۈچىنى ئايرىپ ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس. بۇ چەكلىمە دوكلاتنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنى «رەقەملىك رىقابەتنىڭ تۆمۈر قانۇنى» دەپ ئەمەس، قايتا-قايتا كۆرۈلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئامىللارنىڭ تىزىملىكى دەپ ئوقۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. [20-، 38-بەتلەر]
دەل شۇ سەۋەبتىن دوكلاتنىڭ ئەڭ چوڭقۇر دەرسىنى ئامېرىكا ياكى خىتايغا ئەمەس، ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە قارىتىلغان دەپ ئوقۇشقا بولىدۇ: رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە سېتىۋېلىش ئادەتتىكى سېتىۋېلىش قارارى ئەمەس، ئۇ كەلگۈسىدىكى سىياسىي تاللاش دائىرىسىنىمۇ سېتىۋېلىش ياكى سېتىۋېتىش قارارىدۇر.
62-بەتتىكى 4.1-جەدۋەلنىڭ ئەڭ مۇھىم سۆزى «بازار ئۈلۈشى» ئەمەس، «رەقەملىك ئىگىلىك ھوقۇق». دوكلات مۇۋەپپەقىيەتنى شېرىك دۆلەتنىڭ بىرلا تەمىنلىگۈچىگە باغلانماسلىقى، باشقا تاللاشقا ئۆتەلەيدىغانلىقى ۋە مەجبۇرلاشقا قارشى تۇرالايدىغانلىقى بىلەن باغلايدۇ. [62-بەت]
بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا–خىتاي رەقەملىك رىقابىتىنىڭ ھەقىقىي غالىبى پەقەت خۇاۋېي، ئامازون، دىپسىك ياكى مىكروسوفت بولماسلىقى مۇمكىن. ھەقىقىي غالىب ئەڭ ياخشى تېخنىكىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپمۇ، ھېچكىمگە ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بېقىنىپ قالمايدىغان دۆلەت.
شۇ سەۋەبتىن 21-ئەسىرنىڭ رەقەملىك جۇغراپىيەلىك سىياسىتىدىكى ئەڭ مۇھىم سوئال «كىمنىڭ تورى تېخىمۇ چوڭ؟» ئەمەس. ھەقىقىي كۈچنى ئۆلچەيدىغان سوئال بارغانسېرى مۇشۇ بولۇپ قالماقتا: «كىمنىڭ تورىدىن چىقىش مۇمكىن؟»
مەنبە:
Mazarr, Michael J., Habiba Ahmed, Marzia Giambertoni, Shea Henderson, Robert Ulrich Nagel, and Christian Trotti. The Emerging Digital Battleground: The Critical Factors That Produce Advantage in the U.S.-China Competition for Digital Networks. RAND Corporation, 2026. https://www.rand.org/pubs/research_reports/RRA4569-1.html
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.












