ناتو–رۇسىيە رىقابىتىنىڭ تويۇقسىزلا ئۆتكۈرلشىپ كېتىش خەۋپى

2026-يىلى 18-سېنتەبىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ئەڭ خەتەرلىك يادرو كىرىزىسى بەلكىم ھېچكىم پىلانلىمىغان كىرىزىس بولۇشى مۇمكىن

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

راند ياۋروپا 2026-يىلى ئېلان قىلغان (ئەنئەنىۋى ئۇرۇش لوگىكىسى ۋە يادرو ۋەھىمىسى: ناتو بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى قەستسىز ۋەزىيەت كەسكىنلىشىش خەۋپى) «Conventional Logics, Nuclear Fears: Inadvertent Escalation Risks between NATO and Russia» ناملىق 95 بەتلىك دوكلات، ياۋروپادىكى يادرو خەۋپىنى «رۇسىيە يادرو قورالى ئىشلىتىشنى خالامدۇ؟» دېگەن سوئالغا ئوخشىمايدىغان بىر باشقىچە نۇقتىدىن كۆزىتىدۇ. پائۇل ۋان خوفت، ماتياس ئېكېن، زوفىيە ۋولفورد، ئارتۇر خونىچ، توماس كېنچىڭتون ۋە كىران سۇمان-چاۋخاننىڭ مەركىزىي سوئالى ناتو ياكى رۇسىيە پۈتۈنلەي ئادەتتىكى ھەربىي مەقسەتتە قىلغان ھەرىكەتنى، قارشى تەرەپ «مېنىڭ يادرو قوغدىنىش ئىقتىدارىمنى يوقىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ خاتا چۈشىنىپ قالسا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ [بەت‑5‑3]

دوكلات بۇنى «قەستسىز  ئۆتكۈرلىشىپ كېتىش » (مەقسەت – مۇددىئاسىزلا تويۇقسىز جىددىيلىشىپ كېتىش) دەپ ئاتايدۇ. بۇ قەستەن يادرو بوسۇغىسىدىن ئۆتۈش ياكى تېخنىكىلىق خاتالىقتىن پەيدا بولغان «تاسادىپىي» يادرو ۋەقەسىدىن پەرقلىق. بۇ يەردە ھەرىكەتنىڭ ئۆزى ھەقىقىي، ئەمما ئۇنىڭ مەقسىتى تەرەپلەر تەرىپىدىن خاتا ئوقۇلىدۇ، يەنى، بۇ ئادەتتىكى قورال بىلەن قوماندانلىق ياكى رادار سىستېمىسىغا زەربە بېرىش، يادرو ئىككىنچى زەربە ئىقتىدارىنى كور قىلىشقا ئۇرۇنۇش دەپ قارىلىشى مۇمكىن. [بەت‑13‑12]

بۇ پەرق ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى يادرو ھۈركۈتۈشى ھەققىدىكى كۆپ مۇنازىرىلەر رەھبەرلەرنىڭ نىيىتى، «قىزىل سىزىق» ۋە سىياسىي ئىرادىگە قارىتىلىدۇ. راندنىڭ دوكلاتى بولسا تېخىمۇ قىيىن بىر مەسىلىنى كۆرسىتىدۇ، بەزى خەۋپلەر نىيەتتىن ئەمەس، قوراللارنىڭ قۇرۇلمىسى، جۇغراپىيە، سىستېمىلارنىڭ بىر-بىرىگە ئارىلىشىشى ۋە زامانىۋى ئۇرۇشنىڭ تېزلىكىدىن كېلىدۇ. شۇڭا ھېچكىم يادرو ئۇرۇشىنى خالىمىغان تەقدىردىمۇ، ھەربىي لوگىكىنىڭ ئۆزى يادرو بوسۇغىسىغا بېسىم پەيدا قىلالايدۇ. [بەت‑57‑56]

دوكلات ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يادرو مۇداپىئە تەشكىلاتى تەرىپىدىن يازدۇرۇلغان بولۇپ، ئوچۇق مەنبەلەر، ئۆتمۈش‑بۈگۈن سېلىشتۇرمىسى ۋە ناتو ئەزا دۆلەتلىرىدىكى 12 ھەربىي ۋە غەيرى ھەربىي مۇتەخەسسىس بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يېرىم قۇرۇلمىلىق سۆھبەتكە تايىنىدۇ. ئاپتورلار ئامېرىكا‑سوۋېت سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن باشقا، ئامېرىكا‑خىتاي، كورېيە يېرىم ئارىلى ۋە ھىندىستان‑پاكىستان يادرو رىقابىتىنىمۇ سېلىشتۇرما ئەينەك قىلىپ ئىشلىتىدۇ. [بەت‑3] [بەت‑17]

زامانىۋى ئۇرۇشنىڭ زىددىيىتى: تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ ئېنىق بولۇش تېخىمۇ بىخەتەر دېگەنلىك ئەمەس

دوكلاتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تېزىسى زامانىۋى تورلاشقان ئۇرۇش بىلەن يادرو مۇقىملىقى ئارىسىدىكى زىددىيەتتۇر. ناتو ۋە رۇسىيە ھەر ئىككىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچۇر، ئۇزۇن مۇساپىلىك دەل زەربە، تور ھۇجۇمى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ۋە ئالەم سىستېمىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىدۇ. ھەربىي نۇقتىدىن بۇلار دۈشمەننىڭ كۆز‑قۇلىقىنى بالدۇر كور قىلىش، قوماندانلىق زەنجىرىنى بۆلۈش ۋە بىرىنچى ھەرىكەت ئەۋزەللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇش مەيدانىدا پايدا بېرىدۇ. [بەت‑5‑4]

بىراق يادرو دۆلىتىگە قارشى دەل مۇشۇ ھەرىكەتلەر باشقا مەنىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. قوماندانلىق، كونترول، ئالاقە، كومپيۇتېر، ئىستىخبارات، كۆزىتىش ۋە رازۋېدكا سىستېمىسى (C4ISR) ئادەتتىكى ھەرىكەتنىلا ئەمەس، بەزى جايلاردا يادرو قوماندانلىق، كونترول ۋە ئالاقە سىستېمىسى (NC3)نىمۇ قوللايدۇ. ئادەتتىكى ئۇرۇش ئۈچۈن C4ISR نى زەئىپلەشتۈرۈش يادرو قوشۇنىنىڭ ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ياكى جاۋاب قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر قىلسا، قارشى تەرەپ «ئىشلەتمىسەم يوقىلىمەن» دېگەن بېسىمغا چۈشۈشى مۇمكىن. [بەت‑15‑14]

راند دوكلاتى تۆت چوڭ يولنى ئايرىيدۇ: C4ISR/NC3 غا ھۇجۇم قىلىش؛ يادرو قوراللىرى ياكى قوش ئىقتىدارلىق يەتكۈزۈش ۋاسىتىلىرىگە قارشى زەربە؛ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى مۇداپىئەنى قارشى تەرەپنىڭ جاۋاب قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىش تەييارلىقى دەپ چۈشىنىش؛ ھاكىمىيەت ياكى جەمئىيەتنىڭ ھايات-ماماتلىقىغا تەھدىت دەپ قارىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك زەربىلەر. [بەت‑34]

بۇ يەردىكى چوڭ پارادوكس شۇ: ئادەتتىكى ھۈركۈتۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قابىلىيەتلەر يادرو خەۋپىنىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرەلەيدۇ. 2026-يىللىق ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ئىتتىپاق چوڭقۇر، دەل زەربە، بىرلەشتۈرۈلگەن ھاۋا–باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەسى، ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلار، ئالەم–تور ۋە سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدارلىرىغا سېلىنما كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇلار رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىقىنى توسۇش ئۈچۈن قۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئەمما دەل مۇشۇ تېخنىكىلار راند كۆرسەتكەن «نىيەتنى پەرقلەندۈرۈش» مەسىلىسىنىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ. [1] [2]

خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ياۋروپادىكى «چوڭقۇر، دەل زەربە» پىروگراممىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىمۇ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ 1000–2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىدىكى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئاساسلىق زەربە سىستېمىلىرىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىقتىدارلارنىڭ ھۈركۈتۈش قىممىتى روشەن، ئەمما ئۇلار رۇسىيە قوماندانلىق مەركەزلىرى، يادرو ئۇل ئەسلىھەلىرى ياكى قوش ئىقتىدارلىق بازىلار بىلەن جۇغراپىيەلىك يېقىن بولغان شارائىتتا ئەنسىزلىك پەيدا قىلالايدۇ. [5]

قوش ئىقتىدارلىق قوراللار ۋە «كىم نېمە بىلەن زەربە بەردى؟» دېگەن مەسىلە

ياۋروپادا يادرو بىلەن ئادەتتىكى قورال ئارىسىدىكى پەرق قورالنىڭ شەكلىدىنلا بىلىنمەيدۇ. باللىستىك، چارلىغۇچى ۋە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان بىر قىسىم باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار يادرو ياكى ئادەتتىكى ئوق بېشىنى توشۇيالايدۇ بەزى ئايروپىلان ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىمۇ ئىككى خىل ۋەزىپىگە قاتنىشىدۇ. دوكلاتنىڭ باھاسىچە، ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن بۇ سىستېمىلارنى «بۇ يادرو ۋەزىپىسى، بۇ ئادەتتىكى ۋەزىپە» دەپ ئېنىق پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن قىيىنلىشىدۇ. [بەت‑5‑4] [بەت‑71‑70]

رۇسىيە تەرەپتە يادرو ۋە ئادەتتىكى قابىلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ سىياسىي–ھەربىي بېسىم يارىتىش ئۇزۇن يىللىق ئىستراتېگىيەنىڭ بىر قىسمى. 2024-يىلى يېڭىلانغان رۇسىيە يادرو ھۈركۈتۈش دوكترىنى يادرو قورالى ئىشلىتىش مۇمكىن بولغان شەرتلەرنى «دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى»دىن «ئىگىلىك ھوقۇق ۋە/ياكى زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھالقىلىق تەھدىت»كە قاراپ تېخىمۇ كەڭ ئىپادىگە ئېلىپ كەلدى. كىرېمل بۇ ھۆججەتنى رەسمىي يادرو ھۈركۈتۈش سىياسىتى دەپ بەلگىلىدى؛ Carnegie تەتقىقاتچىلىرى بولسا بۇ ئۆزگىرىشتە ھەقىقىي ئىستراتېگىيەلىك ئەندىشە بىلەن سىياسىي قورقۇتۇشنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. [3] [4]

بۇ ئۆزگىرىش راندنىڭ «مەقسەت قىلىنمىغان ئۆرلەش» تېزىسى بىلەن مۇھىم بىر جايدا ئۇچرىشىدۇ. رۇسىيەنىڭ رەسمىي دوكترىنى كەڭ ۋە مۈجمەل شەرتلەرنى ساقلىغانسېرى، ناتو پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ «بۇ ھەرىكەتنىڭ موسكۋا تەرىپىدىن قانداق ئوقۇلىدىغانلىقى»نى ھېسابلىشى تېخىمۇ مۇھىم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوكتىرىن يالغۇز ئۆزى ھەقىقىي يادرو قارارىنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. بۇ نۇقتا Carnegie تەھلىللىرىدىمۇ تەكىتلەنگەن. [4]

مەسىلە پەقەت رۇسىيە سىستېمىلىرىدا ئەمەس. ناتو ئەزالىرىنىڭ F-35 قاتارلىق قوش ئىقتىدارلىق ئايروپىلانلىرى ئادەتتىكى چوڭقۇر زەربە ۋە يادرو توسۇش ۋەزىپىلىرىنىڭ ھەر ئىككىسى بىلەن باغلىنىدىغان بولغاچقا، كىرىزىستا قورالنىڭ «مەقسىتى»نى قارشى تەرەپنىڭ توغرا تونۇشىغا كاپالەت يوق. دوكلات 46-بېتىدىكى خەرىتىدە رۇسىيەنىڭ مۇھىم ھەربىي‑يادرو ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۆرسىتىپ، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىشى ۋە شىمالىي ياۋروپادىكى قوش ئىقتىدارلىق ئاۋىياتسىيەنىڭ كۆپىيىشىنىڭ بۇ جۇغراپىيەلىك قاپلىنىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. [بەت‑46]

جۇغراپىيە نېمىشقا خەۋپنى بەلگىلەيدۇ؟ كولا، كالېنىڭگراد، بالتىق ۋە قارا دېڭىز

دوكلاتنىڭ كۈچلۈك تەرەپلىرىدىن بىرى يادرو خەۋپىنى پەقەت دوكتىرىن بىلەنلا ئەمەس، خەرىتە بىلەن چۈشەندۈرۈشىدۇر. 38-بېتىدىكى خەرىتە كولا يېرىم ئارىلىدىن بارېنتس دېڭىزى، نورۋېگىيە دېڭىزى ۋە گىرېنلاندىيە‑ئىسلاندىيە‑ئەنگلىيە بوغۇزىغىچە سوزۇلغان رۇسىيە «باسىتىئون مۇداپىئەسى»نى كۆرسىتىدۇ. كولا رايونىدا رۇسىيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا توشۇيدىغان يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرى، دېڭىز بازىلىرى ۋە ئۇلارنى قوغدايدىغان ھاۋا‑دېڭىز سىستېمىلىرى بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن. [بەت‑38]

شۇڭا ناتو ئادەتتىكى دېڭىز يوللىرىنى قوغداش ياكى رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى بېسىش ئۈچۈن سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا، بۇ ھەرىكەت رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا يېقىنلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ھەربىي مەقسەت «ئاتلانتىك دېڭىز لىنىيەسىنى قوغداش» بولسىمۇ، موسكۋا بۇنى ئۆزىنىڭ دېڭىزدىكى يادرو ئىككىنچى زەربە كۈچىگە قارشى تەييارلىق دەپ چۈشىنىشى ئېھتىمال. [بەت‑53]

كالېنىڭگراد باشقا تىپتىكى پارادوكسنى كۆرسىتىدۇ. بۇ رۇسىيە ئەكسكلاۋى بالتىق رايونىدىكى ناتو قىسىملىرى، رادار‑سېنزور تورى ۋە قاتناش لىنىيەلىرىگە تەھدىت پەيدا قىلالايدۇ، شۇڭا ناتو ئادەتتىكى توقۇنۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا ئۇ يەردىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ۋە قوماندانلىق ئىقتىدارىنى بېسىشقا ھەربىي مەنپەئەت كۆرىدۇ. بىراق دەل شۇ زەربىلەر رۇسىيەگە «مېنىڭ يادرو ۋە قوماندانلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىمنى كور قىلىۋاتىدۇ» دېگەن سىگنال بېرىشى مۇمكىن. [بەت‑52‑50]

قارا دېڭىزدا خەۋپنىڭ مەنبەسى يەنە باشقىچە. بۇ يەردە رۇسىيە‑ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن ناتو‑رۇسىيە رىقابىتىنىڭ بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىش ئېھتىمالى چوڭ. راند دوكلاتى رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم ئۇكرائىنا ھەرىكىتىنى ناتو قارارى دەپ خاتا باغلاپ قويۇش مۇمكىنچىلىكىنى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش، تور ھۇجۇمى ۋە قىسقا مۇساپىلىك سىستېمىلارغا زىچ تايىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. [بەت‑55‑53]

دېمەك، «يادرو بوسۇغىسى» پۈتۈن ياۋروپا بويىچە بىر خىل ئەمەس. كولا يېرىم ئارىلىدا سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە يادرو ئىككىنچى زەربە كۈچى، كالېنىڭگرادتا قوش ئىقتىدارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە قوماندانلىق تۈگۈنلىرى، بالتىقتا بىرىنچى ھەرىكەت ئەۋزەللىكى، قارا دېڭىزدا بولسا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن ئىتتىپاق ھەرىكىتىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى ئاساسىي خەۋپنى شەكىللەندۈرىدۇ. [بەت‑57]

2026-يىلدىكى يېڭى مۇھىت: تېخىمۇ كۆپ قورال، ئازراق كونترول مېخانىزمى

راند دوكلاتىنىڭ نەتىجىلىرى 2026-يىلدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتتا تېخىمۇ مۇھىم كۆرۈنىدۇ. ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنىدا يادرو، ئادەتتىكى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى مۇداپىئەنى ئالەم ۋە تور ئىقتىدارلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۈچەيتىشنى، بولۇپمۇ چوڭقۇر، دەل زەربە ۋە بىرلەشتۈرۈلگەن ھاۋا–باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى. [1]

بۇ سىياسەتنى «تەھدىتنى كۆپەيتىش» دەپلا چۈشەندۈرۈش توغرا ئەمەس. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلىتىشى، يادرو سىگناللىرى ۋە قوش ئىقتىدارلىق قوراللىرى ناتو دۆلەتلىرىنى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ئىتتىرىۋاتىدۇ. ناتو 2026-يىللىق رەسمىي يادرو سىياسىتىدە يادرو قوراللىرىنى ئىتتىپاق بىخەتەرلىكىنىڭ ئاخىرقى كاپالىتى دەپ تەكرارلاپ، ئادەتتىكى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەسى بىلەن بىر پۈتۈن توسۇش قۇرۇلمىسى ئىچىدە كۆرىدۇ. [7] بىراق شۇ ۋاقىتتا كونترول ۋە ئىشەنچ قۇرۇش مېخانىزملىرىنىڭ بىر قىسمى چېكىندى. ناتو رەسمىي مەنبەسى New START كېلىشىمىنىڭ 2026-يىلى 5-فېۋرال توشقانلىقىنى، يەنە رۇسىيەنىڭ ئوچۇق ئاسمان ۋە ياۋروپادىكى ئادەتتىكى قوراللىق كۈچلەر كېلىشىمىدىن چېكىنىشى قاتارلىق جەريانلارنىڭ، ياۋرو-ئاتلانتىك ئوچۇق سىستېمىسىنى زەئىپلەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ «تېخىمۇ كۈچلۈك قورال + تېخىمۇ ئاجىز ئالاقە» تەڭلىمىسى راند كۆرسەتكەن خاتا چۈشىنىش خەۋپىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدۇر. [6]

شۇڭا مەسىلە قوراللىنىش ياكى قورالسىزلىنىشنى ئاددىي تاللاش ئەمەس. ناتونىڭ ئىشەنچلىك ئادەتتىكى ھۈركۈتۈش ئىقتىدارى بولمىسا رۇسىيەنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ئىرادىسى كۈچىيىشى مۇمكىن؛ ئەمما ناتونىڭ كۈچىيىۋاتقان زەربە ۋە سېنزور تورى رۇسىيە تەرىپىدىن يادرو قورالىنى ئالدىن يوقىتىش پىلانى دەپ ئوقۇلسا، كىرىزىس ۋاقتىدا يادرو خەۋپى ئۆسۈشىمۇ مۇمكىن. راندنىڭ ئەڭ مۇھىم يەكۈنى دەل شۇكى، ئۈنۈملۈك ئادەتتىكى ھۈركۈتۈش بىلەن يادرو خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ماس كېلىدىغان نىشانلار ئەمەس. [بەت‑72‑71]

دوكلاتنىڭ چەكلىمىسى: خەۋپ ھەقىقىي، ئەمما ئۇنى كىم قانداق كۆرىدۇ؟

راندنىڭ بۇ تەتقىقاتى كەڭ مەنبە ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبىتىگە تايانغان بولسىمۇ، مۇھىم بىر چەكلىمىسىنى ئۆزى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىدۇ. رۇسىيە 2023-يىلى RAND نى «خالىمايدىغان تەشكىلات» دەپ بېكىتكەچكە، ئاپتورلار رۇسىيەلىك رەسمىي قارار بەرگۈچى ياكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزەلمىگەن. شۇڭا «رۇسىيە قارار بەرگۈچىلىرى بۇ ھەرىكەتنى قانداق ئوقۇيدۇ؟» دېگەن يەكۈنلەرنىڭ بىر قىسمى غەرب مەنبەلىرى ۋە غەربلىك سۆھبەتداشلارنىڭ باھاسىغا تايىنىدۇ. [بەت‑56] دوكلات بۇ خىل بىر تەرەپلىمىلىكنىمۇ ئېتىراپ قىلىپ، غەرب ئانالىزچىلىرىنىڭ ناتو يادرو دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇش ئىقتىدارىغا ھەددىدىن زىيادە ئىشەنچ قىلىشى ۋە رۇسىيە قارارلىرىغا بەك ئۈمىدسىز قارىشى مۇمكىنلىكىنى يازىدۇ. بۇ ئىلمىي ئېھتىيات دوكلاتنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ، چۈنكى مەقسەت «رۇسىيە چوقۇم خاتا چۈشىنىدۇ» دېگەن پەرەزنى جەزملەشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ھەربىي پىلاندا بۇ ئېھتىمالنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق. [بەت‑56]

يەنە بىر چەكلىمە شۇكى، بۇ تۇنجى دوكلات سېنارىيە ياكى ئۇرۇش ئويۇنى ئارقىلىق «قايسى زەنجىر ئەڭ يۇقىرى ئېھتىمال؟» دېگەننى سىناپ باقمىغان. ئۇ خەۋپ يوللىرىنى خەرىتىلەيدۇ، كېيىنكى تەتقىقات سېنارىيە ۋە ئۇرۇش ئويۇنى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋاقىت بىلەن قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىنى سىناشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا بۇ دوكلاتنى يادرو ئۇرۇشىنىڭ «دەل مۆلچەرى» دەپ ئەمەس، ھەربىي پىلانلىغۇچىلارنىڭ كور نۇقتىلىرىنى بايقاش رامكىسى دەپ ئوقۇش تېخىمۇ توغرا. [بەت‑17] [بەت‑56]

يەكۈن

دوكلانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئۇقۇمى «ئېنتروپىيەلىك» خەۋپتۇر: ئادەتتىكى توقۇنۇش ئۇزۇنغا سوزۇلغانسېرى C4ISR بۇزۇلىدۇ، ئالاقە ناچارلىشىدۇ، قوش ئىقتىدارلىق قورال ۋە سۇپىلار يوقىلىدۇ، قارار ۋاقتى قىسقىرايدۇ ۋە «ئۇرۇش تۇمانى» قويۇقلىشىدۇ. شۇڭا 10-كۈندىكى يادرو خەۋپىنى 1-كۈندىكى ئۆلچەم بىلەن، 100-كۈندىكى خەۋپنى 10-كۈن بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ. [بەت‑56] [بەت‑71]

بۇ يەكۈن ناتو ۋە رۇسىيە ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ۋەزىپە قويىدۇ. بىرىنچىسى، ئىشەنچلىك ھۈركۈتۈش ۋە تاجاۋۇزنىڭ پايدىسىنى تۆۋەن، تەننەرخىنى يۇقىرى قىلىدىغان ھەربىي ئىقتىدار. ئىككىنچىسى، خاتا چۈشىنىشنى باشقۇرۇش. كىرىزىس ئالاقىسى، ھەربىي-ھەربىي قانال، مەشىق ۋە چوڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ئېنىق سىگنال، قىزىل سىزىقلارنى پۈتۈنلەي مۈجمەل قويماسلىق ۋە ئۇرۇش پىلانىغا «ئۆتكۈرلىشىش سەزگۈرلۈكى»نى كىرگۈزۈش. [بەت‑72]

بۇ تەۋسىيەلەر ناتونىڭ ئۆز رەسمىي قورال كونترول سىياسىتى بىلەنمۇ ماسلىشىدۇ. ناتو ئوچۇقلۇق ۋە ئىشەنچ قۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ خاتا مۆلچەر ۋە مەقسەت قىلىنمىغان توقۇنۇشنى ئازايتىشتىكى رولىنى تەكىتلەيدۇ. قورال كونترول سىياسىتىنىڭ مەنىسى توسۇشتىن ۋاز كېچىش ئەمەس، بەلكى توسۇش بىلەن دىيالوگنى بىرلا بىخەتەرلىك نىشانىنىڭ ئىككى تەرىپى دەپ قاراشتۇر. [6]

ئاخىرىدا بۇ دوكلات بىزگە يادرو ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يولى ھەمىشە بىر رەھبەرنىڭ «يادرو قورالىنى ئىشلىتىمەن» دېگەن ئېنىق قارارى بولماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. تېخىمۇ خەتەرلىك سېنارىيەدە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى قوغداۋاتىمەن، ئادەتتىكى ھەربىي ئەۋزەللىك يارىتىۋاتىمەن ياكى دۈشمەننى توسۇۋاتىمەن دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، قارشى تەرەپ دەل شۇ ھەرىكەتلەرنى ئۆزىنىڭ يادرو قورالىنى يوقىتىشقا قارىتىلغان تەييارلىق دەپ ئوقۇيدۇ. [بەت‑72‑70]

شۇڭا ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ ئەڭ قىيىن سوئالى «ناتو قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشى كېرەك؟» ياكى «رۇسىيەنىڭ يادرو تەھدىتىگە ئىشەنگىلى بولامدۇ؟» بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. تېخىمۇ چوڭ سوئال ئىككى يادرو تەرەپ ئادەتتىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تېز، ئېنىق ۋە چوڭقۇر زەربە بېرىشكە مەجبۇر بولغاندا، شۇ ھەربىي لوگىكىنىڭ ئۆزىنى يادرو ئۇرۇشىغا باشلاپ بارمايدىغان قىلىپ قانداق باشقۇرىدۇ؟ بولىدۇ. دوكلاتنىڭ جاۋابى تولۇق ئەمەس، ئەمما ئاگاھلاندۇرۇشى روشەن، يادرو خەۋپىنى پەقەت قورال سانى بىلەن ئەمەس، قارشى تەرەپنىڭ سىزنىڭ ئادەتتىكى قەستسىز ھەرىكىتىڭىزنى قانداق كۆرۈشى بىلەنمۇ ئۆلچەش كېرەك.

ئاساسىي مەنبە:

Ana Kaynak

Paul Van Hooft, Mattias Eken, Zsofia Wolford, Artur Honich, Thomas Kenchington, Kiran Suman-Chauhan. Conventional Logics, Nuclear Fears: Inadvertent Escalation Risks between NATO and Russia. RAND Europe, 2026.

قوشۇمچە مەنبەلەر:

[1] NATO, “The Ankara Summit Declaration,” 8 July 2026.

[2] NATO, “Allies meet strike capability requirements with multinational initiatives,” 7 July 2026.

[3] President of Russia, “Executive Order Approving the Basic Principles of State Policy of the Russian Federation on Nuclear Deterrence,” 19 November 2024.

[4] Nicole Grajewski, “Russia’s Updated Nuclear Doctrine Isn’t a Blueprint for Weapons Use. Its Primary Value Is Manipulation,” Carnegie Endowment for International Peace, 26 November 2024.

[5] Douglas Barrie, Zuzanna Gwadera, and Fabian Hinz, “Deep Precision Strike: Europe’s Quest for Long-range Missile Capabilities,” IISS, 13 November 2025.

[6] NATO, “Arms control, disarmament and non-proliferation,” updated 30 April 2026.

[7] NATO, “NATO’s nuclear deterrence policy and forces,” updated 20 May 2026.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*