ئامېرىكا–خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى بۇرۇلۇش: رىقابەت ۋە مۇقىملىق

2026-يىلى 14-سېنتەبىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت 2026-يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ يېڭى بىر تىل بىلەن تەسۋىرلىنىشكە باشلىدى: «ئىجابىي (constructive) ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق». 14-مايدا بېيجىڭدا كۆرۈشكەن دونالد ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ بۇ ئىبارىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يېڭى ئاساس قىلىشقا قوشۇلدى. ئاقساراينىڭ رەسمىي باياناتى بۇ رامكىنى «ئادىللىق ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت» بىلەن باغلىسا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇنى ھەمكارلىق ئاساس بولغان، رىقابەت «مۇۋاپىق چەك» ئىچىدە تۇرىدىغان ۋە ئىختىلاپلار باشقۇرۇلىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق دەپ تەسۋىرلىدى.[1][2]

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى دا ۋېي 2026-يىلى 7-سېنتەبىر «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان « ئامېرىكا–خىتاي مۇناسىۋىتىدە بارلىققا كېلىۋاتقان يۇمشاش » (The Emerging U.S.-China Détente) ناملىق ماقالىسىدە بۇ ئۆزگىرىشنى يېقىنقى سەككىز يىلدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك بۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ ھازىر رىقابەتنىڭ ئۆزىنى رەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى باشقۇرغىلى بولىدىغان مۇناسىۋەت شەكلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، ۋاشىنگتون بولسا چوڭ ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىمدىن كۆرە، جىددىيلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى بەرپا قىلىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ.[3]

بۇ قاراشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرىپى «ئامېرىكا–خىتاي رىقابىتى ئاخىرلاشتى» دېمىگەنلىكىدە. ئەكسىچە، ئۇ يېڭى باسقۇچنىڭ ماھىيىتىنى رىقابەتنى يوقىتىش ئەمەس، بەلكى ئۇنى باشقۇرۇش دەپ بەلگىلەيدۇ. بۇ نۇقتا ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ بېيجىڭ ئۇچرىشىشىغا بەرگەن باھاسى بىلەنمۇ ماس كېلىدۇ: ئىككى تەرەپ «ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق» دېگەن بىرلا ئىبارىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ۋاشىنگتون ئۇنىڭ بىىلەن سودا ۋە كىرىزىسنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى، بېيجىڭ بولسا يادرولۇق مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى ۋە رىقابەتنىڭ چېكىنى بەلگىلەشنى كۆزدە تۇتىدۇ قىلىدۇ.[4]

شۇڭا نۆۋەتتىكى يۇمشاشنى 1970-يىللاردىكى ئامېرىكا–سوۋېت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۇمشاش دەۋرى بىلەن بىۋاسىتە سېلىشتۇرۇش توغرا ئەمەس. يېڭى رامكا يادرو قوراللىرىدا كەڭ كېلىشىم، ئىدېئولوگىيەلىك يارىشىش ياكى تەسىر دائىرىلىرىنى رەسمىي بۆلۈشۈشنى كۆزدە تۇتمايدۇ. ئۇ تېخىمۇ ئاددىي، ئەمما ئەمەلىي بىر مەقسەتكە ئىگە، ئۇ بولسىمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ رىقابىتىنى ئۇرۇش، ئىقتىسادىي ئايرىلىش ياكى كونترولسىز ئۆچ ئېلىش زەنجىرىگە ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلاشتىن ئىبارەت.

ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق: يېڭى تىل، كونا رىقابەت

دا ۋېينىڭ ماقالىسىدىكى ئەڭ مۇھىم پىكىرلەرنىڭ بىرى بېيجىڭنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت» دېگەن ئامېرىكا رامكىسىغا بولغان قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدۇر. 2018-يىلدىن كېيىن خىتاي سىياسەتچىلىرى بۇ ئىبارىنى ۋاشىنگتوننىڭ خىتاينىڭ كۈچىيىشىنى توسۇش ۋە تەرەققىيات يولىنى چەكلەش پىلانى دەپ قارىغان. 2026-يىلىغا كەلگەندە، بېيجىڭ رىقابەتنى ئۆزىگە نىسبەتەن مەۋجۇتلۇق خەۋپى دەپ قاراشتىن بەكرەك، تەڭ كۈچلەر ئارىسىدىكى باشقۇرۇلۇشقا تېگىشلىك دائىملىق ھالەت دەپ كۆرۈشكە باشلىدى.[3]

بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئۆزى مۇھىم. چۈنكى ئىككى چوڭ كۈچنىڭ مۇناسىۋەت تىلى قانداق بولسا، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ چېكىمۇ شۇنىڭغا قاراپ شەكىللىنىدۇ. «شېرىكلىك» تىلى يۇقىرى ئۈمىد يارىتىدۇ، «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت» ھەر بىر مەسىلىنى نۆل يىغىندىلىق كۈرەشكە ئايلاندۇرۇش خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ. «ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق» بولسا ئورتاق نىشاننى تۆۋەنلىتىدۇ، ھەمكارلىشىش شەرت ئەمەس، لېكىن سوقۇشماسلىق كېرەك.

لېكىن دەل مۇشۇ تىلنىڭ مۇجمەللىكى ئۇنىڭ كۈچى بولۇش بىلەن بىرگە ئاجىزلىقىمۇ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ تەھلىلىدە كۆرسىتىلگىنىدەك، ئامېرىكا بېيجىڭ ئۇچرىشىشىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىۋېلىشى، بوئېن ئايروپىلانى زاكازى، سىيرەك ئېلېمېنتلار ۋە سودا مېخانىزمىغا ئوخشاش كونكرېت نەتىجىلەرنى تەشۋىق قىلدى. خىتاي بولسا ئۇچرىشىشنى مۇناسىۋەتنىڭ سىياسىي قائىدىسىنى قايتا يېزىش پۇرسىتى دەپ كۆرسەتتى.[1][4]

بۇ پەرقكە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ۋاشىنگتون ئۈچۈن «مۇقىملىق» رىقابەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدىغان باشقۇرۇش ئۇسۇلى بولسا، بېيجىڭ ئۈچۈن ئۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاينى «ئاساسلىق تەھدىت» دەيدىغان قارىشىنى يۇمشىتىشى، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىقى، بولۇپمۇ تەيۋەن قاتارلىق «يادرولۇق مەنپەئەتلەر»دە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.[2][4]

ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارا تەتقىقاتلار مەركىزىمۇ بېيجىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ئىقتىسادىي جىددىيلىكنى تۆۋەنلىتىش ئېھتىياجىنى كۆرسەتكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ رامكا ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ «ۋاقىت ۋە ئىستراتېگىيەلىك بوشلۇق» ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ قاراش دا ۋېينىڭ ئۈمىدۋار باھاسىغا مۇھىم قارشى نۇقتا بېرىدۇ: يۇمشاش بەلكىم ئىشەنچنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ۋاقىت سېتىۋېلىش ئىستراتېگىيەسىمۇ بولالايدۇ.[5]

قۇرۇلمىلىق ئۆزئارا بېقىنىش: يۇمشاشنىڭ ھەقىقىي تۈۋرۈكى

نۆۋەتتىكى يۇمشاشنىڭ شەخسلەردىن ھالقىغان ئەڭ كۈچلۈك ئاساسى ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە زىيان يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىپ كەتكەنلىكىدۇر. دا ۋېي بۇنى مۇناسىۋەت «بەك چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇپ بولالماسلىق» بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. 2018-يىلدىن بۇيانقى سودا جېڭى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ چەكلىمىسى، سىيرەك مىنېراللار ۋە تەمىنات زەنجىرى تىركىشىشى ھەر ئىككى تەرەپكە قارشى تەرەپنىڭ ئاجىز نۇقتىسىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارى بارلىقىنى كۆرسەتتى.[3] بۇ ئۆزئارا بېقىنىش «دوستلۇق» ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ئاجىزلىق. ئامېرىكا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە بەزى يۇمشاق دېتال تېخنىكىلىرىغا كىرىشىنى چەكلىيەلەيدۇ، خىتاي بولسا سىيرەك تۇپراق ئېلېمېنتلىرى، باتارېيە زەنجىرى ۋە كۆپلىگەن سانائەت ئىمپورتلىرىدا ئامېرىكىغا بېسىم قىلالايدۇ. 2026-يىلى سېنتەبىردىمۇ خىتاينىڭ بىر قىسىم سىيرەك تۇپراق مىنېراللىرى تەمىنلىگۈچىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا مال ئەۋەتىشنى توختىتىشى، بېيجىڭنىڭ قولىدىكى بۇ كوزىرنىڭ يوقاپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرسەتتى.[6]

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا تەرەپمۇ تېخنىكا ۋە بىخەتەرلىك بېسىمىنى توختاتمىدى. 2026-يىلى يازدا خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتىلغان ھەربىي باغلىنىش تىزىملىكى كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، بېيجىڭ 10 ئامېرىكا ھەربىي-سانائەت ئورگىنىغا قوش قوللىنىشچان مەھسۇلات ئېكسپورتىنى چەكلىدى.[7] بۇ ۋەقە مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى رامكىسىنى ياخشى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ئۆچ ئېلىش توختىمىدى، بىراق ئىككى تەرەپ ئۇنى كونترولسىز كېڭىيىپ كېتىشتىن ساقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. دەل شۇ سەۋەبتىن «ئاجرىشىش»تىن كۆرە «خەۋپنى تۆۋەنلىتىش» تېخىمۇ رېئال ئىستراتېگىيە بولۇپ قالدى. تەمىنات زەنجىرىدىن خىتاينى پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىش سىياسىتى كۆپ ھالدا خىتاي كارخانىلىرىنى ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق يېڭى تور قۇرۇشقا ئىتتىردى. دا ۋېينىڭ كاتل ۋە فورد مىسالىدا كۆرسەتكەن نۇقتىسى شۇكى، تەمىنات زەنجىرى پارچىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزئارا باغلىنىشنىڭ ئۆزى يوقاپ كەتمەيۋاتىدۇ.[3]

بۇ يەردە سۈنئىي ئەقىل يېڭى بىر تەكشۈرۈش مەيدانىغا ئايلىنىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر بىرى سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنى خالايدۇ، لېكىن تېخنىكا تېزلىكى ۋە ھەربىي قوللىنىشلىرى ئۆزئارا خاتا ھېسابلاش خەۋپىنىمۇ ئاشۇرىدۇ. شۇڭا كەلگۈسىدىكى مۇقىملىقنىڭ بىر قىسمى رىقابەتنى توختىتىش ئەمەس، بەلكى سۈنئىي ئەقىل بىخەتەرلىكى، يادرو-قوماندانلىق سىستېمىلىرى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان ھەربىي قارارلاردا مەلۇم دەرىجىدىكى ئۆزئارا ئاجىزلىقنى قوبۇل قىلىشقا باغلىق بولۇشى مۇمكىن.

خىتاينىڭ ئىشەنچى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى: ئىككى خىل ھېساب

دا ۋېينىڭ ئەڭ تالاش-تارتىشلىق تېزىسى خىتاي كۈچەيگەن ۋە ئۆزىگە ئىشەنچى ئاشقانسېرى تېخىمۇ تاجاۋۇزچان ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان بولىدۇ، دېگەن قاراشتۇر. ئۇ خىتاي رەھبەرلىرى تەرەققىيات يولىنىڭ توسۇلمايدىغانلىقىغا ئىشەنسە، سىرتقى مۇھىتنى دۈشمەنلىك نۇقتىسىدىن كۆرۈشنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى، شۇڭا كېڭىشىش ۋە مەسىلىنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشقا تېخىمۇ مايىل بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.[3] بۇ باھادا مەلۇم لوگىكا بار. خىتاي 2018-يىلدىن بۇيانقى تېخنىكا چەكلىمىسىگە قارىماي يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىشتا زور ئىلگىرىلەش كۆرسەتتى، دىپسىكنىڭ 2025-يىلدىكى سۈنئىي ئەقىل مودېلى ۋە يەرلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدىكى تەرەققىيات بېيجىڭدا «ئامېرىكا چەكلىمىسى خىتاينى ئۆزىگە تايىنىشقا مەجبۇر قىلدى» دېگەن قاراشنى كۈچەيتتى.[3]

لېكىن ئىشەنچ بىلەن ئۆزىنى تۇتۇش ئارىسىدا ئاپتوماتىك سەۋەب–نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق. كۈچنىڭ ئېشىشى بەزى ئەھۋالدا كىرىزىستىن قورقۇشنى ئازايتىپ، تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. باشقا ئەھۋالدا بولسا، ئۆزىنىڭ رىقابەتچىدىن ئۈستۈن كېلىش ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەۋەككۈلچىلىككە يول ئاچىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ ئىشەنچىنى پەقەت تىنچلىققا مايىل كۈچ دەپ ئوقۇش ماقالىنىڭ ئەڭ چوڭ چەكلىمىسىدۇر.

ھازىرقى سانلىق مەلۇماتمۇ خىتايدىكى ئۆسۈشنىڭ بىرلا تەرەپتە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 2026-يىلى ئاۋغۇستتا خىتاي ئېكسپورتىنىڭ يۇقىرى ئېشىشنى داۋاملاشتۇرۇشى تاشقى سودا ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۈچىنى كۆرسەتتى، بىراق ئىچكى ئىستېمال ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاجىزلىقى، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ بېسىمى داۋاملىق قۇرۇلمىلىق مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.[8] شۇڭا، بېيجىڭنىڭ يۇمشاشقا قىزىقىشى پەقەت غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىدىن ئەمەس، ئىچكى ئىقتىساد ئۈچۈن تېخىمۇ تۇراقلىق سىرتقى مۇھىتقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىنمۇ كېلىشى مۇمكىن.

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھېسابى بولسا تېخىمۇ سودا-نەتىجە مەركەزلىك. ئاقساراي بېيجىڭ ئۇچرىشىشىنى بوئېن ئايروپىلانلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىۋېلىشى، سىيرەك مىنېراللار ۋە يېڭى سودا/مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ئارقىلىق چۈشەندۈردى.[1] بۇ ترامپ ئۈچۈن مۇناسىۋەتنى «رىقابەتنى قانداق ئاخىرلاشتۇرىمىز؟» دەپ ئەمەس، «رىقابەتنى قانداق قىلىپ ئامېرىكىغا كۆرۈنەرلىك سودا ۋە سىياسىي پايدا ئېلىپ كېلىدىغان دەرىجىدە باشقۇرىمىز؟» دەپ كۆرۈشنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.

شۇڭا ھازىرقى يۇمشاشنىڭ تۈرتكىسى ئىككى تەرەپتە ئوخشىمايدۇ: بېيجىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋاقىت، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان مۇھىت ۋە تەڭ كۈچ سۈپىتىدىكى ئېتىراپنى ئىزدەيدۇ. ۋاشىنگتون بولسا سودا پايدىسى، ئىران قاتارلىق كىرىزىسلاردا ھەمكارلىق ۋە چوڭ ھەربىي توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ئوخشىمىغان مەنپەئەتلەر ھازىر بىر يۆنىلىشتە كېسىشكەن، لېكىن ئۇلارنىڭ دائىم شۇنداق بولۇشىغا كاپالەت يوق.

تەيۋەن، تېخنىكا ۋە ئىتتىپاقداشلار: يۇمشاشنىڭ ئەڭ ئاجىز جايلىرى

يېڭى رامكىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك سىنىقى تەيۋەن. دا ۋېي تەيۋەننى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا «مەقسەتلىك ھەربىي توقۇنۇش»نى قوزغىتالايدىغان بىردىنبىر مەسىلە دەپ قارايدۇ. بۇ باھا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي باياناتى بىلەنمۇ ماس كېلىدۇ. شى جىنپىڭ 14-مايدىكى سۆھبەتتە تەيۋەننى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى «ئەڭ مۇھىم مەسىلە» دەپ ئاتىغان ۋە خاتا باشقۇرۇلسا توقۇنۇشقا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.[2] لېكىن دا ۋېينىڭ ئامېرىكا خىتاينىڭ تەيۋەن ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشى ياكى تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا ئوچۇق قارشى تۇرۇشى كېرەك دېگەن تەكلىپى ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى سىياسىتىدىن زور دەرىجىدە چەتنەيدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارا تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ مايدا خاتىرىلىشىچە، ترامپ–شى سۆھبىتىدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ماركو رۇبىيو ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەن سىياسىتى ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.[5] شۇڭا بۇ تەكلىپنى «مۇقىملىقنىڭ تەبىئىي چارىسى» ئەمەس، بەلكى بېيجىڭغا يېقىن بىر ئىستراتېگىيەلىك تەكلىپ دەپ ئوقۇش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپنىڭ تەيۋەنگە 14 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىش پىلانىنى كېچىكتۈرۈشى يۇمشاشنىڭ بەدىلى ھەققىدىكى سوئالنى كۈچەيتتى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاۋغۇستتىكى خەۋەرلىرى تەيۋەندە ۋاشىنگتوننىڭ ئىشەنچلىكلىكى ھەققىدىكى ئەندىشە ئاشقانلىقىنى، بەزى ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ترامپنىڭ چوڭ كۈچلەر بىلەن سودا-كېلىشىم قىلىش ئۇسۇلىنىڭ رايون بىخەتەرلىكىگە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.[9]

بۇ يېڭى مۇقىملىق رامكىسىنىڭ كەڭ رايون ئۈچۈن قوش خاراكتېرى بار. جىددىيلىكنىڭ تۆۋەنلىشى ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، فىلىپپىن ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن سودا ۋە ھەربىي خەۋپنى ئازايتىدۇ. لېكىن، ئەگەر ۋاشىنگتون بېيجىڭ بىلەن «مۇقىملىق» نامىدا تەيۋەن، تېخنىكا ياكى رايونلۇق بىخەتەرلىككە ئالاقىدار قارارلارنى ئىتتىپاقداشلارنىڭ خەۋىرى يوق كېلىشىپ قويسا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن. ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ «ئىككى چوڭ كۈچ ئارىسىدىكى ھازىرلىنىش كۆرۈنۈشى بار، ئەمما بۇنداق قۇرۇلما يوق» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشى دەل مۇشۇ خەۋپنى كۆرسىتىدۇ.[4]

تېخنىكا ساھەسىمۇ يەنە بىر چەك. ھازىرقى يۇمشاشقا قارىماي، ئامېرىكا تېلېگراف، سۈنئىي ئەقىل، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھەربىي باغلىنىشى ۋە ئىمپورت بىخەتەرلىكى ساھەسىدە بېسىمنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، بېيجىڭمۇ ئۆز نۆۋىتىدە سىيرەك مىنېرال، قوش قوللىنىشچان مەھسۇلات ۋە ئامېرىكا ئورگانلىرىغا قارشى چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇۋاتىدۇ.[6][7] بۇ، ھازىرقى يۇمشاشنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى رىقابەتنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنى ئەڭ روشەن ئىسپاتلايدۇ.

شۇڭا 2026-يىلى سېنتەبىردە پىلانلانغان شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىنى مۇناسىۋەتنىڭ ھەقىقىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدۇ دېيىش مۇمكىن. ئەگەر مايدىكى سۆزلەر دائىملىق ھەربىي ئالاقە، كىرىزىس باشقۇرۇش مېخانىزمى، سودا كېڭەشلىرىنىڭ خىزمىتى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە ئۆزئارا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ھەرىكەتكە ئايلانسا، يېڭى رامكا شەخسلەردىن ھالقىغان تۈزۈلمىۋى ئاساسقا ئېرىشىشى مۇمكىن. ئەگەر ھەممە ئىش ترامپ بىلەن شىنىڭ شەخسىي مۇناسىۋىتىگە باغلىنىپ قالسا، كېيىنكى بىر ئېمبارگو، تەيۋەن كىرىزىسى ياكى ھەربىي ۋەقە ئۇنى تېزلا بۇزۇپ تاشلىيالايدۇ.

خۇلاسە

دا ۋېينىڭ ماقالىسى ئامېرىكا–خىتاي مۇناسىۋىتىدە ھەقىقىي ئۆزگىرىش بارلىقىنى توغرا بايقىغان، ئىككى تەرەپنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ نىشانى رىقابەتتە غەلىبە قىلىشتىن بۇرۇن، رىقابەتنىڭ كونترولدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئايلانماقتا. بۇنى كىچىك نەتىجە دەپ قاراشقا بولمايدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مەركىزىدىكى يادرو قورالىغا ئىگە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇشتىن ساقلىنىشنى ئورتاق ئاساس قىلىشىنىڭ ئۆزى ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن، نۆۋەتتىكى باسقۇچنى «يېڭى يۇمشاش» دەپ ئاتاشتا ئېھتىيات كېرەك. ئاساسىي ئىختىلاپلار — تەيۋەن، ئىلغار تېخنىكا، ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقى، سانائەت سىياسىتى، ئىتتىپاقداشلىق تۈزۈمى ۋە رايون تەرتىپى — ھەل بولمىدى. ھەتتا يېڭى رامكىنىڭ ئۆزى ھەققىدىمۇ ئىككى تەرەپ ئوخشاش نەرسىنى كۆزدە تۇتمايدۇ.

تېخىمۇ توغرا تەسۋىر «باشقۇرۇلغان رىقابەت» ياكى «رىقابەتچان بىللە مەۋجۇت بولۇش» بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدا ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆرلىشىنى قوبۇل قىلغان بولمايدۇ، خىتايمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى رايون تەرتىپىگە رازىلىق بىلدۈرگەن بولمايدۇ. پەقەت ئىككى تەرەپ رىقابەتنىڭ بەزى ساھەلىرىنى چەكلەپ، ھەمكارلىق قىلىشقا بولىدىغان جايلارنى قايتا ئېچىش ۋە ھەربىي خاتا ھېسابلاشنى ئازايتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

بۇ رامكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچ شەرتكە باغلىق: ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق شەخسىي رەھبەرلەرنىڭ كېلىشىمىدىن تۈزۈلمىۋى مېخانىزمغا ئايلىنىشى؛ تەيۋەن ۋە تېخنىكا مەسىلىسىدە ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ قىزىل سىزىقلىرىنى سىناشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى؛ ئىتتىپاقداشلار ۋە ئۈچىنچى دۆلەتلەر مۇقىملىقنىڭ چوڭ كۈچلەر ئارىسىدىكى سودا قىلىش نامىغا ئايلىنىپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالىشى.

شۇنداق بولغاندا، 2026-يىلدىكى يۇمشاش ئامېرىكا–خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ رىقابەتتىن شېرىكلىككە قايتىشىنى ئەمەس، رىقابەتنىڭ يېڭى قائىدىلىرىنى ئىزدەشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەدىسى ئىككى چوڭ كۈچنى دوست قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دۈشمەنلىك زەنجىرىگە باغلىنىپ قېلىشتىن ساقلاش. ئەگەر بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشسا، دا ۋېي ئېيتقاندەك، بۇ «كىچىك» نەتىجە ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

مەنبەلەر:

[1] The White House. “Fact Sheet: President Donald J. Trump Secures Historic Deals with China, Delivering for American Workers, Farmers, and Industry.” May 17, 2026.

[2] Ministry of Foreign Affairs of the People’s Republic of China. “President Xi Jinping Holds Talks with U.S. President Donald J. Trump.” May 14, 2026.

[3] Da Wei. “The Emerging U.S.-China Détente: A Confident Beijing and a Pragmatic Washington Can Get Along.” Foreign Affairs, September 7, 2026.

[4] Zongyuan Zoe Liu. “China and the U.S. Agreed to ‘Strategic Stability’ in Beijing. They Don’t Define It the Same Way.” Council on Foreign Relations, May 18, 2026.

[5] Edgard D. Kagan and Bonny Lin. “Unpacking President Trump’s Visit to China.” Center for Strategic and International Studies, May 15, 2026.

[6] Reuters. “China rare earth firms halt some US shipments over geopolitical worries, sources say.” September 4, 2026.

[7] Ministry of Commerce of the People’s Republic of China. “MOFCOM Spokesperson’s Remarks on Adding 10 U.S. Entities to the Export Control Restricted Namelist.” June 22–24, 2026.

[8] Reuters. “China’s export growth seen accelerating in August: Reuters poll.” September 7, 2026.

[9] Reuters. “Trump’s Kim gambit deepens doubts over US reliability at a key moment for Asia.” August 24, 2026.

ئەسلىي ماقالە ھەققىدە:

دا ۋېي — تسىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى پروفېسسورى. ئۇنىڭ «شەكىللىنىۋاتقان ئامېرىكا–خىتاي يۇمشىشىشى» ناملىق ئەسلى ماقالىسى «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە 2026- يىلى 7-سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*