«ياۋروپانىڭ مۇستەقىللىق پەيتى» سۆزدىن سىياسەتكە ئۆتەمدۇ؟

2026-يىلى 26-سېنتەبىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

2026-يىلى 16-سېنتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى ئۇرزۇلا فون دەر لەيېن «ياۋروپانىڭ مۇستەقىللىق پەيتى» دېگەن سىياسىي رامكا ئاستىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەققىدىكى يىللىق نۇتۇقىنى سۆزلىدى. ئۇ نۇتۇقتا بىخەتەرلىك، رىقابەت كۈچى، ئېنېرگىيە، كۆچمەنلىك، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىق قاتارلىقلار بىر-بىرىدىن ئايرىم تېما ئەمەس، بەلكى ياۋروپانىڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش ۋە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان بىر پۈتۈن مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. [1]

گېرمانىيە تاشقى سىياسەت جەمئىيىتىنىڭ «ياۋروپانىڭ مۇستەقىللىق پەيتىمۇ؟ كومىسسىيە، كېڭەش ۋە پارلامېنت ئارىسىدىكى ‹ئىتتىپاقنىڭ ھالىتى›» ناملىق ماقالىسى دەل مۇشۇ سىياسىي نۇتۇقنىڭ ئىجرا بولۇش ئېھتىمالىنى تەكشۈرىدۇ. ماقالە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن تەۋسىيە قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى، ئەمما سىياسىي كۈنتەرتىپىنى بەلگىلەشتە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان ياۋروپا كېڭىشىنىڭ بارغانسېرى ئۈستۈن رول ئويناۋاتقانلىقىنى؛ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭمۇ ئورتاق قانۇن چىقارغۇچى سۈپىتىدە مۇھىم توسۇش ياكى شەكىللەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. [1-بەت]

شۇڭا «مۇستەقىللىق»نىڭ سىنىقى فون دەر لەيېننىڭ نۇتقىدىكى ئىرادىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئەمەس. ھەقىقىي سىناق 27 ئەزا دۆلەت، پارلامېنت ۋە ئىتتىپاق ئارىسىدىكى پەرقلىق مەنپەئەتلەرنى قانۇن، خامچوت ۋە ئورتاق سىياسەتكە ئايلاندۇرۇشتا. بۇ پەرق مەزكۇر ماقالىنىڭ تۆت ساھەنى بىرلا رامكىغا كىرگۈزۈشىدىكى ئاساسىي لوگىكىدۇر: خامچوت، كۆچمەنلىك، خىتايغا بولغان ئىقتىسادىي جاۋاب ۋە كېڭىيىش. [1-، 2-، 3-بەتلەر]

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ياۋروپانىڭ «مۇستەقىللىق پەيتى»نى ئامېرىكىدىن ياكى باشقا كۈچلەردىن پۈتۈنلەي ئايرىلىش دەپ چۈشىنىش توغرا ئەمەس. تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزى بېكىتكەن سىياسىي نىشانلارنى ئۆزىنىڭ ئورگانلىرى، پۇلى، سودا قوراللىرى ۋە قانۇنلىرى ئارقىلىق ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى كۆرسىتىدۇ. EPRS نىڭ 2026-يىللىق تەھلىلىمۇ رىقابەت كۈچى، خىتايغا بولغان بېقىنىشنى ئازايتىش، كېڭىيىش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇشۇ ئورتاق ئىقتىدار مەسىلىسى بىلەن باغلايدۇ. [8]

خامچوت: مۇستەقىل سىياسەتنىڭ ئالدى بىلەن پۇل مەنبەسى بولۇشى كېرەك

گېرمانىيە تاشقى سىياسەت جەمئىيىتى ماقالىسى تىلغا ئالغان بىرىنچى سىناق 2028-يىلدىن 2034-يىلغىچە يىللىق كۆپ يىللىق مالىيە رامكىسىدۇر. ماقالىگە قارىغاندا، ئىتتىپاق خامچوتنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئەۋرىشىم قىلىش، مەلۇم دەرىجىدە كېڭەيتىش ۋە ياۋروپانىڭ يېڭى كىرىم مەنبەلىرىنى قۇرۇشنى خالايدۇ، پارلامېنت بولسا تېخىمۇ چوڭ خامچوت تەلەپ قىلىپ، دېھقانچىلىق ۋە رايونلۇق تەرەققىيات مەبلىغىنى قوغداشنى تەكىتلەيدۇ. [1-بەت]

رەسمىي ئىتتىپاق تەكلىپى تەخمىنەن 1.76 تىرىليون ياۋرو، يەنى ئىتتىپاق ئومۇمىي مىللىي كىرىمىنىڭ 1.26 پىرسەنتىگە تەڭ كېلىدىغان رامكىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇنىڭغا كاربون چېگرا تەڭشەش مېخانىزمى، ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەت، تاماكا ۋە يىللىق كىرىمى 100 مىليون ياۋرودىن يۇقىرى چوڭ شىركەتلەردىن ئېلىنىدىغان «ياۋروپا كارخانا مەنبەسى» قاتارلىق يېڭى ئۆز كىرىملىرى قوشۇلغان. [2]

پارلامېنت بولسا 2026-يىلى ئاپرېلدا 1.27 پىرسەنتلىك چوڭراق رامكا ۋە «NextGenerationEU» قايتۇرىدىغان قەرزنى خامچوت چېكىدىن سىرتتا تۇتۇشنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ مۇداپىئە ۋە رىقابەت كۈچىگە يېڭى مەبلەغ كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، دېھقانچىلىق ۋە ئۇيۇشۇش سىياسىتىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىگە قارشى تۇردى. [3]

بۇ يەردىكى تۈزۈلمىۋى مەسىلە ناھايىتى روشەن. چىقىم رامكىسىدا پارلامېنتنىڭ تەستىقى لازىم بولسىمۇ، يېڭى «ئۆز مەنبە» كىرىملىرى ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىر ئاۋازدىن قوشۇلۇشى ۋە بەزى ئەھۋاللاردا دۆلەت پارلامېنتلىرىنىڭ تەستىقى كېرەك. گېرمانىيە تاشقى سىياسەت جەمئىيىتى ماقالىسى گېرمانىيە ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ چوڭ شىركەت تۆلىمىگە قارشى تۇرغانلىقىنى، شۇڭا ئاخىرقى كېلىشىمنىڭ «ئۈلگۈجە ھەل قىلىش چارىسى» ئارقىلىق، پەرقلىق دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا باغلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. [1-، 2-بەت]

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ 2016 – يىلى ئىيۇن يەكۈنىمۇ بۇ سىياسىي باغلىنىشنى دەلىللەيدۇ: كېڭەش يېڭى مالىيە رامكىسىغا دائىر سۆھبەتنى ئۆكتەبىر يىغىنىغا يەتكۈزۈشنى، 2026-يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن سىياسىي كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى نىشان قىلغان. بۇ خامچوتنى ئاددىي مالىيە تېخنىكىسىدىن چىقىرىپ، ياۋروپانىڭ قانداق «مۇستەقىل» بولالايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. [4]

كۆچمەنلىك: تۆۋەنلىگەن سان، يۇقىرىلىغان سىياسىي بېسىم

گېرمانىيە تاشقى سىياسەت جەمئىيىتى ماقالىسى بىنورمال كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشى ئازىيىۋاتقان بولسىمۇ، تېمىنىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپتىن چۈشمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئوڭ ۋە ئاشقۇن ئوڭ پارتىيەلەرنىڭ كۈچىيىشى، 2026-يىلى يازدىكى سېئۇتا ۋەقەلىرى ۋە چېگرا بېسىمى «سان» بىلەن «سىياسىي مۇھىملىق»نىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. [2-بەت]

فون دەر لەيېن نۇتقىدا ئورتاق ياۋروپا پاناھلىق سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى نەتىجە سۈپىتىدە كۆرسەتتى، ئەمما تاشقى چېگرانى تېخىمۇ كۈچلۈك كونترول قىلىش، فرونتېكسنىڭ رولىنى كېڭەيتىش، قايتۇرۇش سىياسىتىنى تېزلىتىش ۋە كۆچمەنلەر ئېقىمىنىڭ سىرتقى كۈچلەر تەرىپىدىن بېسىم قورالى قىلىنىش ئەھۋاللىرى ئۈچۈن يېڭى «ياۋروپا جىددىي ئىنكاس رامكىسى» تەكلىپ قىلدى. [1] [9]

گېرمانىيە تاشقى سىياسەت جەمئىيىتىنىڭ ئەسكەرتىشى بولسا تېخىمۇ تۈزۈمنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا «ياۋروپا بىرلىكى» نۇتۇقتىكىدەك مۇكەممەل ئەمەس. سېئۇتا ۋەقەلىرىگە بولغان ئىنكاس ئىسپانىيەنى تەنقىد قىلىش ۋە «ئورتاق مەسئۇلىيەت»نى قايتىدىن مۇنازىرىگە ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېڭەشتىكى كۆپ سانلىق ئەزا تېخىمۇ قاتتىق كۆچمەنلىك سىياسىتىگە مايىل؛ پارلامېنتتا بولسا بۇ مەسىلە پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ۋاقىتلىق كۆپ سانلىققا باغلىق. [2-بەت]

بۇ يەردىكى چوڭقۇر زىددىيەت شۇكى، ياۋروپا «مۇستەقىل» چېگرا سىياسىتى قۇرماقچى بولسا، بىر تەرەپتىن تاشقى چېگرا، قايتۇرۇش ۋە سىرتقى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى؛ يەنە بىر تەرەپتىن پاناھلىق قانۇنى، ئاساسىي ھوقۇق ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى يۈك تەقسىمىنى ساقلىشى كېرەك. ئىتتىپاقنىڭ يېڭى رامكا تەكلىپى دەل مۇشۇ ئىككى نىشاننىڭ ئارىسىدىكى سىياسىي تەڭپۇڭلۇقنى قايتا سىنايدۇ.

خىتاي بىلەن بولغان رىقابەت: «خەتەرنى ئازايتىش»تىن مۇداپىئە سودا سىياسىتىگە

ماقالىنىڭ ئەڭ گېئوئىقتىسادىي قىسمى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك. گېرمانىيە تاشقى سىياسەت جەمئىيىتى ياۋروپا سانائىتىنىڭ ئاپتوموبىل، ماشىنا ياساش ۋە خىمىيە قاتارلىق ساھەلەردە كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ دۆلەت ياردەملىرى ۋە ئىچكى بازار چەكلىمىلىرىنى ياۋروپانىڭ رىقابەت مەسىلىسىنىڭ مەركىزىگە قويىدۇ. [2-بەت]

بۇ باياننىڭ بىر قىسمى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ 2026-يىللىق يېڭى سانلىق مەلۇماتى بىلەن ماس كېلىدۇ: 2005-يىلدىن 2024-يىلغىچە ئارىسىدا خىتايدىكى سانائەت شىركەتلىرى ىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى دۆلەتلىرىدىكى رىقابەتچىلىرىدىن ئوتتۇرا ھېسابتا ئۈچ ھەسسىدىن سەككىز ھەسسىگىچە كۆپ دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى بۇ قوللاشنىڭ بازار ئۈلۈشىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى، بىراق مەھسۇلاتچانلىق ۋە پايدا نىسبىتىدە ئوخشاش دەرىجىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. [5]

فون دەر لەيېن نۇتقىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن كۈندىلىك سودا قىزىل رەقىمىنىڭ تەخمىنەن بىر مىليارد ياۋروغا يەتكەنلىكىنى، بەزى ھالقىلىق خام ئەشيالاردا خىتايغا بولغان بېقىنىشنىڭ 80 پىرسەنتتىن، بەزى سىيرەك تۇپراق ئېلېمېنتلىرىدا 90 پىرسەنتتىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە «قولدىكى بارلىق قورال»لارنى ئىشلىتىپ تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈزىتىشنى تەكىتلىدى. [1]

بۇ ماقالە بۇ نۇقتىنى سۆزدىن كېيىنكى ئىجرا باسقۇچىغا يۆتكەيدۇ: ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن ئۆكتەبىرغىچە سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئازايتىشقا دائىر كونكرېت ۋەدىلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قوغداش تەدبىرلىرى، تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى باج ۋە تەمىناتنى كۆپ مەنبەلىك قىلىدىغان قوراللارنى تېز ئىشلىتىش يوللىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. [2-بەت]

بۇ يەردە «مۇستەقىللىق»نىڭ مەنىسى خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش ئەمەس. ياۋروپانىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي باغلىنىشى چوڭقۇر. شۇڭا مەسىلە «باغلىنىش ياكى ئايرىلىش» دىن كۆرە، باغلىنىش ئىچىدىكى خەتەر ۋە سىياسىي بېسىم نۇقتىلىرىنى ئازايتىش. EPRS مۇ بۇنى «ئىقتىسادىي ئۆزئارا بېقىنىش بىلەن ھالقىلىق ساھەلەردە خەتەرنى ئازايتىشنى بىرلا ۋاقىتتا باشقۇرۇش» مەسىلىسى دەيدۇ. [8]

كېڭىيىش: گېئوپولىتىكىلىق نىشان بىلەن تۈزۈلمىۋى ئىقتىدار ئارىسىدا

مەزكۇر ماقالە كېڭىيىشنى ياۋروپانىڭ سىياسىي تەسىر كۈچى ۋە ياۋروپادىكى تەرتىپنى شەكىللەندۈرۈش قورالى دەپ قارايدۇ. ئۇكرائىنا، مولدوۋا ۋە غەربىي بالقان دۆلەتلىرىنى ياۋروپا ئورگانلىرىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش، پەقەت ئەزا سانىنى كۆپەيتىش ئەمەس، بەلكى ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك ۋە قانۇن-تۈزۈم دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. [2-، 3-بەت]

2026-يىلى ئىيۇن ۋە ئىيۇلدا ئۇكرائىنا ۋە مولدوۋا بىلەن قوشۇلۇش سۆھبەتلىرى بۇ سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئاللىقاچان داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ جەرياننى «تىنچلىق، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە گۈللىنىشكە سېلىنغان ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ» دەپ ئاتايدۇ. [6] [7]

غەربىي بالقانغا نىسبەتەنمۇ شۇ خىل سىياسىي لوگىكا بار. 2026-يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاقى غەربىي بالقان باشلىقلار يىغىنىدا كېڭىيىش «ئورتاق مۇقىملىق، گۈللىنىش ۋە بىخەتەرلىككە سېلىنغان ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ» دەپ تەسۋىرلەندى. بىراق ماقالە ھەقىقىي قىيىن سوئالدىن بىرنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ: ئەزالىقنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىش قاتارلىق پايدىلىرىنى ئالدىن قانداق بېرىش، قوشۇلۇشنى قانداق ئاددىيلاشتۇرۇش، ۋە يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلغاندا ئىتتىپاقنىڭ قارار چىقىرىش ئىقتىدارىنى قانداق ساقلاش؟ [2-، 3-بەت] [11]

فون دەر لەيېن نۇتقىدىكى كاناداغا «تۇنجى بىرلەشمە ئەزا»غا ئوخشاش يېڭى مۇناسىۋەت شەكلى قۇرۇش تەكلىپى بولسا كېڭىيىش ئۇقۇمىنىڭ ئۆزىنىمۇ ئۆزگەرتىدىغان بىر سىگنال. ئىتتىپاقنىڭ رەسمىي خۇلاسىسى بۇ تەكلىپنى كانادا بىلەن سودا، تېخنىكا، مۇداپىئە ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك شېرىكچىلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش رامكىسىدا تىلغا ئالىدۇ. [10]

لېكىن گېرمانىيە تاشقى سىياسەت جەمئىيىتى تەكىتلىگەندەك، كېڭىيىش پەقەت سىرتقا قاراپ بولمايدۇ. ئىچكى قانۇن ئۈستۈنلۈكى، بېلەت تاشلاش قائىدىسى، خامچوت تەقسىمى ۋە «لىبېرال چېكىنىش»كە قارشى مېخانىزم مەسىلىلىرى، يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش بىلەن بىللە ھەل قىلىنمىسا، گېئوپولىتىكىلىق كېڭىيىش تۈزۈلمىۋى ئاجىزلىقنىمۇ كېڭەيتىشى مۇمكىن. [3-بەت]

ئۈچ ئورگان، بىرلا «مۇستەقىللىق» نىشانى

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى فون دەر لەيېننىڭ نۇتقىدىكى سىياسىي مەزمۇننى «ياۋروپا ئىتتىپاقى نېمە دېدى؟» بىلەن چەكلىمەي، «ئۇنى كىم قوبۇل قىلىدۇ، كىم ئۆزگەرتىدۇ، كىم مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ؟» دېگەن سوئالغا يۆتكىگەنلىكىدۇر. خامچوتتا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئاۋازى، كۆچمەنلىك مەسىلىسىدە كېڭەش بىلەن پارلامېنتتىكى قوللاش سانىدىكى پەرقلەر، خىتاي سىياسىتىدە دۆلەتنىڭ سانائەت مەنپەئەتلىرى، ئىتتىپاقنىڭ كېڭىيىشىدە تۈزۈلمىۋى ئىسلاھاتنىڭ لازىملىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىرلا قۇرۇلمىلىق چەكلىمىنىڭ ھەرخىل كۆرۈنۈشلىرىدىن ئىبارەتتۇر. [1-، 2-، 3-بەتلەر]

ئىتتىپاق سىياسىي تەشەببۇس ۋە قانۇن تەكلىپلىرىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ، ئەمما يېڭى كىرىم مەنبەسىنى ئۆزىلا يارىتىپ بولالمايدۇ. پارلامېنت رىقابەت ۋە ئاساسىي ھوقۇق توغرىسىدا سىياسىي بېسىم پەيدا قىلالايدۇ، ئەمما بىر قىسىم ھالقىلىق مالىيە قارارلىرىدا ئاخىرقى سۆز ئەزا دۆلەتلەردە. ياۋروپا كېڭىشى بولسا سىياسىي يۆنىلىشنى بېكىتىدۇ، لېكىن 27 ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى پەرق ئۇنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتىنى چەكلەيدۇ.

شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى «مۇستەقىللىق» مەركەزلەشكەن دۆلەت مودېلىدىكى ئىگىلىك ھوقۇققا ئوخشىمايدۇ. ئۇ كۆپ قاتلاملىق كېلىشىم ئىقتىدارىدۇر. سىرتقى بېسىم كۈچەيگەنسېرى بۇ مودېلنىڭ ئاجىزلىقى بولغان ئاستا قارار، كۆپ ۋېتو نۇقتىسى قاتارلىقلار تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. بىراق ئۇنىڭ كۈچىمۇ يەنە شۇ يەردە بولۇپ، چوڭ قارارلار بىرلا مەركەزنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەس، بىر قانچە قانۇنىي ۋە سىياسىي سۈزگۈچكە تايىنىدۇ.

يەكۈن

گېرمانىيە تاشقى سىياسەت جەمئىيىتى ماقالىسى بىلەن 2026-يىللىق رەسمىي ياۋروپا مەنبەلىرىنى بىرلىكتە ئوقۇغاندا، فون دەر لەيېننىڭ «مۇستەقىللىق پەيتى» تىلىنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي قۇرۇلمىلىق بېسىملار كۆزگە تاشلىنىدۇ. بۇلار رۇسىيە بىخەتەرلىك تەھدىتى، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتتىكى ئۆزگىرىشچانلىق، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي رىقابەت، تۆۋەن ئۆسۈش، تېخنىكا–ئېنېرگىيە بېقىنىشى ۋە كېڭىيىش ئېھتىياجى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. [1] [8]

بىراق بۇ بېسىملارنىڭ ئۆزى سىياسىي مۇستەقىللىق پەيدا قىلمايدۇ. خامچوت ئۈچۈن يېڭى كىرىم مەنبەلىرى؛ كۆچمەنلىك ئۈچۈن ئىجرا ئىقتىدارى ۋە قانۇنىي ئورتاقلىق؛ خىتايغا نىسبەتەن سودا قوراللىرى بىلەن بازار ئوچۇقلىقى ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق؛ كېڭىيىش ئۈچۈن بولسا ئىچكى ئىسلاھات كېرەك. گېرمانىيە تاشقى سىياسەت جەمئىيىتى ماقالىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى مۇستەقىللىقنىڭ ئەڭ قىيىن باسقۇچىنىڭ نىشاننى ئېلان قىلىش ئەمەس، ئورگانلار ئارىسىدا ئۇنى ئىجرا قىلىشتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. [1-، 2-، 3-بەتلەر]

شۇ سەۋەبتىن كېيىنكى ياۋروپا سىياسىتىنى باھالاشتا «فون دەر لەيېن نېمە ۋەدە قىلدى؟» دېگەن سوئال يالغۇز يېتەرلىك ئەمەس. تېخىمۇ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەر — ياۋروپا كېڭىشىنىڭ قانچىلىك ئورتاق مەيدان ھاسىل قىلىشى، پارلامېنتنىڭ قانۇنغا قانداق شەكىل بېرىشى، يېڭى مالىيە مەنبەلىرىنىڭ قانداق قوبۇل قىلىنىشى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىللىي سىياسەت بىلەن ئورتاق ياۋروپا نىشانىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك.

بۇ جەھەتتىن، «ياۋروپانىڭ مۇستەقىللىق پەيتى» بىر قېتىملىق نۇتۇقنىڭ نامىدىن كۆرە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئارزۇسى بىلەن تۈزۈلمىۋى قۇرۇلمىسى ئارىسىدىكى پەرقنى ئاشكارىلايدىغان بىر سىناققا تېخىمۇ ئوخشايدۇ. نەتىجە بىرلا يىغىن ياكى بىرلا قانۇن بىلەن بېكىتىلمەيدۇ. ئۇ خامچوت، كۆچمەنلىك، سودا، كېڭىيىش ۋە قانۇن ئۈستۈنلۈكى قاتارلىق بىر-بىرىگە باغلانغان ساھەلەردە قانداق ئورتاق ئىجرا ئىقتىدارى قۇرۇلىدىغانلىقىغا باغلىق.

ئاساسىي مەنبە:

Selle, Linn; Claudia Schmucker; Nikola Xaviereff; Cédric Koch; Svenja Niederfranke. “Europas Unabhängigkeitsmoment? Die ‘State of the Union’ zwischen Kommission, Rat und Parlament.” DGAP Memo Nr. 34, September 2026.

قوشۇمچە مەنبەلەر:

[1] European Commission, 2026 State of the Union Address by President Ursula von der Leyen, 16 September 2026.

[2] European Commission, EU Budget 2028-2034.

[3] European Parliament, EU long-term budget: responding to citizens’ expectations and major challenges, 28 April 2026.

[4] European Council, Conclusions on the next MFF, migration, enlargement and reforms, 19 June 2026.

[5] OECD, Industrial subsidies reach highest levels since the global financial crisis, 1 June 2026.

[6] European Commission, Enlargement: EU opens accession negotiations with Ukraine on external relations policies, 14 July 2026.

[7] European Commission, EU and Moldova start negotiations on external relations policies, 14 July 2026.

[8] European Parliamentary Research Service, The 2026 State of the Union address, September 2026.

[9] European Commission, State of the Union: common European response on borders, migration and security, 16 September 2026.

[10] European Commission, State of the European Union Address 2026: highlights, 16 September 2026.

[11] European Commission, EU-Western Balkans Summit, 5 June 2026.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*