(كىتاپ خۇلاسىسى)
ئەرەب ئەخلاقىي تەپەككۇرى، يىلتىزى ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەب جەمئىيىتىگە تايانغان، ئەمما ئىسلامنىڭ تەبلىغ قىلىنىشى ۋە تەرەققىياتى بىلەن چوڭقۇرلىشىپ بېيىغان بىر ساھە سۈپىتىدە، ھەم دىنىي ھەم پەلسەپىۋى جەھەتلەردە مۇھىم بىر تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. بۈگۈنكى كۈندە ئەرەب ئەخلاقىي تەپەككۇرى، بۇ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مىراسىنىڭ تەنقىدى ۋە قايتا چۈشەندۈرۈلۈشى بىلەن شەكىللەنمەكتە. ئەخلاق ھەققىدىكى تەپەككۇرلار، بولۇپمۇ زامانىۋى ئەرەب جەمئىيەتلىرىدە، زامانىۋى دۇنيادىكى ئىجتىمائىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىشلىرىگە ماس ھالدا ئۆزگىرىش كەچۈرگەن.
جابىرىنىڭ «ئەرەب ئەقلىنىڭ تەنقىدى»
ماراكەشلىك مۇتەپەككۇر مۇھەممەد ئابىد ئەل-جابىرى، «ئەرەب ئەخلاقىي تەپەككۇرى» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەخلاقىي تەپەككۇرى ھەققىدە چوڭقۇر بىر تەتقىقات سۇنىدۇ. بۇ ئەسەر، جابىرىنىڭ «ئەرەب ئەقلىنىڭ تەنقىدى» ناملىق تەتقىقات تىزمىسىنىڭ تۆتىنچى كىتابى بولۇپ، ئەخلاق پەلسەپىسىنىڭ ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىدا تارىخىي جەھەتتىن قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەسەردە، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەخلاق ساھەسىدىكى ئاساسىي يازما مەنبەلىرىگە قارىتىلغان تارىخ، تەھلىل ۋە تەنقىدىي كۆز قاراش بىلەن، ئەرەب مەدەنىيىتىدە ئەخلاق ۋە قەدرىيەت سىستېمىسى قايتا مۇھاكىمە قىلىنغان مۇھىم بىر ئەسەر. جابىرى، بولۇپمۇ تەدۋىن دەۋرى ۋە كېيىنكى مەزگىلگە مەركەزلىشىپ ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى قەدرىيەت سىستېمىسىنى ئانالىز قىلىدۇ ۋە بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن ئەخلاقىي نورمىلارنىڭ مەنبەلىرىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.
ئەرەب ئەخلاقىي تەپەككۇرىدىكى تەرەققىيات باسقۇچلىرى
جابىرى، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىسىنى بەش مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى ئاستىدا مۇھاكىمە قىلىد. بۇ بەش مەدەنىيەت، ئەرەب-ئىسلام ئەخلاقىي ئەقلىنىڭ قۇرۇلۇش تاشلىرىنى شەكىللەندۈرگەن: ئەرەب مىراسى، پارس مىراسى، گرېك پەلسەپىسى، سوپىزم مىراسى ۋە ئىسلام مىراسى. بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەر بىرى، ئەرەب ئەخلاقى ئۈستىدە چوڭقۇر تەسىرلەر قالدۇرغان، ئەخلاقىي قەدرىيەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا بەلگىلىگۈچى رول ئوينىغان. بۇ جەريان، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ئەرەب جەمئىيەتلىرىگە ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئەخلاقىي قەدرىيەتلىرى بىلەن كونا مەدەنىيەتلەرنىڭ توقۇنۇشۇشى ۋە ماسلىشىشقا تىرىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن. ئىسلام دەسلەپتە قەدرىيەت سىستېمىسى جەھەتتىن دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقنى، بۇ توقۇنۇشۇش ۋە ماسلىشىش جەريانىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. قايسى قىممەت قاراشلارنىڭ ئىسلاملاشتۇرۇلغانلىقى، قايسىلىرىنىڭ جانلىقلىقىنى يوقاتقانلىقى ۋە بۈگۈنگە قايسى ئەخلاقىي چۈشەنچىلەرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى سوئاللىرى بۇ جەرياندا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
ئەخلاق، ئەدەپ ۋە قەدرىيەتلەر سىستېمىسى
ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىدە ئەخلاق ئۇقۇمى، كەڭ بىر مەنا دۇنياسىغا ئىگە. ئەخلاق، پەقەت شەخسىي ھەرىكەتلەرنىلا ئەمەس، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي نورمىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەدەپ، سىلىق-سىپايىلىق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى نازۇكلۇق قاتارلىق ئەخلاقىي ھەرىكەت شەكىللىرىنى ئىپادىلىسە، قەدرىيەتلەر سىستېمىسى بولسا جەمئىيەتنىڭ قايسى ئەخلاقىي پىرىنسىپلار بويىچە شەكىللەنگەنلىكىنى ۋە بۇ قەدرىيەتلەرنىڭ جەمئىيەت ئىچىدە قانداق ياشىتىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەخلاق، ئىسلام پەلسەپىسىدە پەقەت شەخسىي پەزىلەتلەرنىڭلا ئەمەس, شۇنداقلا ئىجتىمائىي ماسلىشىش ۋە تەرتىپنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان بىر ئۇقۇمدۇر.
باشتا قەدرىيەتلەر كىرىزىسى بار ئىدى
ئىسلامنىڭ تەبلىغ قىلىنىشىدىن بۇرۇنقى دەۋردە، ئەرەب جەمئىيىتىدە بىر قەدرىيەتلەر كىرىزىسى يۈز بەرگەنىدى. جاھىلىيەت دەۋرى دەپ تونۇلغان بۇ جەرياندا، شەخسلەر ۋە جامائەتلەرنىڭ ئەخلاقىي نورمىلىرى ئاساسەن قەبىلىچىلىك، مەردلىك ۋە كۈچ مۇناسىۋەتلىرىگە تايانماقتا ئىدى. بۇ كىرىزىس، ئىسلامنىڭ ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرى بىلەن ھەل قىلىنىشقا تىرىشىلدى. ئىسلامنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەسئۇلىيەت ۋە ئەركىنلىك ئۇقۇملىرى، بۇ قەدرىيەتلەرنىڭ كىرىزىسىگە بىر ھەل قىلىش چارىسى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئىسلام ئەخلاقى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي تەرتىپكە سالغۇچى پىرىنسىپىغا ئايلانغان.
ئەخلاقنى بەرپا قىلىدىغىنى نېمە؟ ئەقىلمۇ، نەقىلمۇ؟
ئىسلام تەپەككۇرىدە ئەخلاقنىڭ مەنبەسى، تارىخ بويىچە مۇنازىرىلىك بىر تېما بولۇپ كەلگەن. ئەقىلچىل ئېقىم، ئەخلاقنىڭ ئەقىل ئارقىلىق بايقىلالايدىغانلىقى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلسا، نەقىلچىل ئېقىم، ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنىڭ ۋەھىي بىلەن بەلگىلەنگەنلىكى ۋە ئۆزگەرمەس ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئىككىلىك، ئەرەب ئەخلاقىي تەپەككۇرىدىمۇ مەركىزىي ئورۇن تۇتىدۇ. ئىسلام پەيلاسوپلىرى، بولۇپمۇ فارابى، ئىبن سىنا ۋە غەززالى قاتارلىق ئىسىملار، ئەقىل بىلەن ۋەھىينىڭ ماسلاشقان بىر ئەخلاق چۈشەنچىسى شەكىللەندۈرەلەيدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلغان.
ئەرەب مەدەنىيىتىدىكى قەدرىيەتلەر سىستېمىسى – يىلتىزلىرى ۋە شاخلىرى
ئەرەب مەدەنىيىتىدە ئەخلاقىي قەدرىيەتلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان بىر قانچە ئاساسىي ئامىل بار. مەردلىك ئەخلاقى، ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي قەدرىيەتلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە باتۇرلۇق، سېخىيلىق ۋە قەبىلىگە سادىقلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ قەدرىيەتلەر، ئىسلامنىڭ تەبلىغ قىلىنىشىدىن بۇرۇن ئەرەب جەمئىيىتىنى تەرتىپكە سالغان ئاساسىي پىرىنسىپلاردۇر. ئىسلامنىڭ كېلىشى بىلەن بۇ قەدرىيەتلەر قايتا شەكىللەندۈرۈلگەن ۋە ئىسلامىي بىر چەمبەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەخلاقىي تەپەككۇر ئۈستىدە ئەرەب مىراسىدىن سىرت باشقا مەدەنىيەت تەسىرلىرىمۇ بەلگىلىگۈچى بولغان. ئىسلام مەدەنىيىتى، گرېك پەلسەپىسى بىلەن ئۇچراشقاندا، بۇ پەلسەپىنىڭ ئەخلاق ھەققىدىكى تەپەككۇرلىرى بولۇپمۇ بەخت-سائادەت ئەخلاقى جەھەتتە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. ئارىستوتېلنىڭ پەزىلەت ۋە بەخت-سائادەتنى بىرلەشتۈرگەن ئەخلاق چۈشەنچىسى، ئىسلام پەيلاسوپلىرى تەرىپىدىن ئىسلامىي تەپەككۇرغا ماسلاشتۇرۇلغان ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنغان.
پارس مىراسى – ئىتائەت ئەخلاقى
پارس مەدەنىيىتى، ئىسلامدىن كېيىنكى دەۋردە ئەرەب ئەخلاقىي تەپەككۇرىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە بولغان. بولۇپمۇ دۆلەت باشقۇرۇش ۋە ئىتائەت ئۇقۇملىرىدا پارس مىراسىنىڭ تەسىرى روشەن. ساسانىيلار ئىمپېرىيە ئەنئەنىسىدىن كەلگەن ئىتائەت ۋە نىزام چۈشەنچىسى، ئىسلامنىڭ سىياسىي ئەخلاقىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ. ئىتائەت ئەخلاقى، ھەم شەخسىي ھەم ئىجتىمائىي سەۋىيەدە، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مەركىزىي رول ئوينايدۇ.
گرېك مىراسى – بەخت-سائادەت ئەخلاقى
گرېك پەلسەپىسى، ئەرەب-ئىسلام تەپەككۇرىگە بولۇپمۇ ئەخلاق پەلسەپىسى جەھەتتىن چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان. ئارىستوتېلنىڭ پەزىلەت ۋە بەخت-سائادەت ھەققىدىكى تەپەككۇرلىرى، ئىسلام پەيلاسوپلىرى تەرىپىدىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىنغان ۋە ئىسلامىي بىر چەمبەرگە سېلىنغان. بۇ مىراس، بولۇپمۇ بەخت-سائادەت ئەخلاقى نۇقتىسىدا ئىسلام تەپەككۇرىگە تۆھپە قوشقان. بەخت-سائادەت ئەخلاقى، شەخسنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ بەخت-سائادەت ئىكەنلىكى ۋە بۇ بەخت-سائادەتنىڭ پەزىلەتلىك بىر ھايات بىلەن قولغا كەلتۈرۈلەلەيدىغانلىقى پىكرىگە تايىنىدۇ.
سوپىزم مىراسى: پانىيلىق ئەخلاقى ۋە ئەخلاقنىڭ پانا بولۇشى
سوپىزم تەپەككۇرى، ئەرەب ئەخلاقىي تەپەككۇرىدە چوڭقۇر ئىزلار قالدۇرغان. سوپىلار تەرەققىي قىلدۇرغان پانىي ئۇقۇمى، شەخسنىڭ ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشى ۋە مەنلىكتىن يەنى نەپىستىن پاكلىنىش جەريانىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ جەرياندا ئەخلاق، شەخسنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىدا ئېشىشى كېرەك بولغان بىر توسالغۇ سۈپىتىدە قارىلىدۇ. پانا ئەخلاقى، شەخسنىڭ دۇنياۋى ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئىلاھىي ئەخلاقنىڭ بىر پارچىسى بولۇش جەريانىنى چۈشەندۈرىدۇ. سوپىزم تەپەككۇرىدە ئەخلاق، بۇ مەنىدە ئىلاھىي كامالەتنىڭ بىر ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قارىلىدۇ.
ساپ ئەرەب مىراسى – مەردلىك ئەخلاقى
ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي قەدرىيەتلىرىدىن بىرى بولغان مەردلىك ئەخلاقى، باتۇرلۇق، سېخىيلىق ۋە قەبىلىگە سادىقلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئەخلاق چۈشەنچىسىدۇر. مەردلىك، جەمئىيەتلىك سەۋىيەدە شەخسلەرنىڭ بىر-بىرىگە قارىتا مەسئۇلىيەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئۇقۇمدۇر. بۇ ئەخلاق چۈشەنچىسى، ئىسلامنىڭ كېلىشى بىلەن يېڭى بىر ئۆلچەمگە ئېرىشكەن ۋە ئىسلامنىڭ ئادالەت ۋە مەرھەمەت پىرىنسىپلىرى بىلەن قايتا شەكىللەنگەن.
ئىسلامىي مىراس
ئىسلام ئەخلاقى، بارلىق بۇ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ئۆزىگە خاس بىر قۇرۇلما ھاسىل قىلغان. ئىسلامنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئادالەت، مەرھەمەت، مەسئۇلىيەت ۋە ئەركىنلىك قاتارلىق ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرى، ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ۋە بۇ قەدرىيەتلەر، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پەلسەپىۋى ۋە دىنىي تەپەككۇرنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشقان. ئىسلامىي ئەخلاق، ھەم شەخسنىڭ ھەم جەمئىيەتنىڭ ياخشىلىقىنى نىشان قىلغان بىر قەدرىيەتلەر سىستېمىسى سۈپىتىدە، بۈگۈنگىچە تەسىرىنى داۋاملاشتۇرغان.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.













