مەن ھەددىن زىيادە تۇيغۇداشلىقنىڭ يامان نەرسە بولۇپ قېلىشى مۇمكىنمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى مەن، ئومۇمەن، بىز «تۇيغۇداشلىق» سۆزىنى ئىجابىي نەرسە سۈپىتىدە قوللىنىمىز دەپ ئويلايمەن. ئەگەر بىرەيلەننىڭ تۇيغۇداشلىق سەۋىيەسى يۇقىرى بولسا، ئۇلار ياخشى ئادەم دەپ قارىلىدۇ. مەن تۇيغۇداشلىقنى باشقا بىر كىشىنىڭ نېمىنى ھېس قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىش ئىقتىدارى دەپ چۈشىنىمەن. يۇقىرى سەۋىيەدىكى تۇيغۇداشلىقىم تۈپەيلىدىن، مەن ھەر كىمنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقى ۋە ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن دەپ پەرەز قىلايلى. ئۇنداقتا مەن بۇ ئۇچۇرنى ئۇلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيمەن ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلالايمەن. (ۋىكتور پولەند)
ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئىجادىيەتلىرى تارىخىدا، ئىككى خىل مايىللىق بار. بىرىنچىسى، دۇنيا ئىككى لاگېرغا بۆلۈنىدۇ: تېخنىكا ئۈمىدۋارلىرى (بۇ ئىنتايىن قالتىس) ۋە تېخنىكا ئۈمىدسىزلىرى (بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ناچار نەرسە). ئەمما بۇ ئىككى مايىللىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان ئەقىللىق، تەپەككۇر قىلىدىغان يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر بار. بۇ كىشىلەر: «ھېچقانداق تېخنىكا ماھىيەت نۇقتىسىدىن ياخشى ياكى يامان ئەمەس. ئۇنى قوللانغان ئىنسانلار ئۇنى شۇنداق قىلىپ قويىدۇ» دەيدۇ. مەتبە ماشىنىسى پەن-تېخنىكا كىتابچىلىرى ۋە پەلسەپە كىتابلىرىنى باسالايدۇ، شۇنداقلا شەھۋانىي رەسىملەرنى ۋە بومبا ياساش كۆرسەتمىلىرىنىمۇ باسالايدۇ. ئادەمسىز ھاۋا ئاپپىراتلىرى جىددىي ئەھۋالدا لازىملىق ماتېرىياللارنى يەتكۈزۈش ياكى بىر ئۆيگە بومبا تاشلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدىغىنى قورال ئەمەس، قورال ئىشلەتكەنلەر ئادەم ئۆلتۈرىدۇ. ئەمما بۇ پەقەت سۈنئىي يېڭىلىقلارلا ئەمەس؛ بۇ يەنە بىزنىڭ تەبىئىي تالانتلىرىمىز بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئالىملار بىزگە مىكرو دولقۇن ۋە رادىئو تېخنىكىسىنى بېرەلەيدۇ، ئەمما ئۇلار يەنە بىزگە V2 راكېتا ۋە ئانتراكسنىمۇ ئىشلەپچىقىرالايدۇ. ۋىكتور بۈگۈنكى سوئالدا كۆرسەتكىنىدەك، تۇيغۇداشلىق قابىلىيىتىمىز مانا مۇشۇنداق بىر قورال – ياخشىلىق ياكى يامانلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر قورال. تۇيغۇداشلىقى كۈچلۈك بىر ئادەم ئادەم داۋالاش ياكى خەير-ساخاۋەت خىزمىتىگە يۈزلىنەلەيدۇ، ياكى ئۇلار كىشىلەرنى شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن كونترول قىلالايدۇ.
شۇڭا، ۋىكتورنىڭ نېمىنى دېمەكچى بولغانلىقىنى ۋە پەلسەپىنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن “تۇيغۇداشلىق” نىڭ بۇ ئەھۋالدا نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك – بۇنىڭ ئۈچۈن پىسخولوگىيە كەسپىدىكى دوستلىرىمىزدىن ياردەم سورايمىز. ئاندىن، مارتىن خوفمەن بىزگە بىرەر خىل ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن «تۇيغۇداشلىق چارچاشلىقى» نى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
زېھىن قابىلىيىتى: نەرسىلەرنى كۆرسىتىش
“تۇيغۇداشلىق” نىڭ مەسىلىسى شۇكى، بۇ ئىنتايىن چوڭقۇر بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئادەتتە بىر-بىرىگە چېتىشلىق ۋە ئادەتتە بىر-بىرىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدىغان ئىدىيەلەر بىلەن تولغان. تۇيغۇداشلىق كۆپىنچە «زېھىن نەزىرىيەسى» ۋە «كۆيۈمچانلىق» نىڭ بىرىكمىسى دەپ قارىلىدۇ. زېھىن نەزەرىيەسى بىزنىڭ باشقىلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىش ئىقتىدارىمىز. ئەگەر بىز سىزنىڭ دېڭىز ساياھىتىڭىز ھەققىدە ئىككى سائەتلىك پاراڭ قىلىۋاتقاندا مەن بېشىڭىزنىڭ ئۈستىدىكى سائەتكە قارىسام، سىز (ئۈمىد قىلىمەنكى) مېنىڭ سەل زېرىكىپ قالغانلىقىمنى پەرەز قىلىسىز. بۇ تۇيغۇداشلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە قوللىنىلىشى. بەزىدە، بىز باشقىلارنىڭ نىيەتلىرىنى بەدەن تىلى ۋە باشقا تىلسىز ئىشارەتلەر ئارقىلىق پەرەز قىلىمىز. بۇ ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ ئاھاڭى، رىتىمى ۋە تەلەپپۇزىدىكى بىرەر نەرسە بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كۆپىنچە، بىز زېھىن نەزەرىيەسىنى بىراۋنىڭ كۆز ۋە ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق پەرەز قىلىمىز.
-1990يىللاردا، كلىنىكىلىق پىسخولوگ سىمون بارون كوھېن[1] بوۋاقلارنىڭ زېھىن نەزەرىيەسىنى «بىرلەشمە دىققەت» ئارقىلىق ئۆگىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دادىنىڭ بىر ئايروپىلاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «قارا! بىر ئايروپىلان!» دەپ بارمىقى بىلەن كۆرسىتىشىگە ئوخشاش ئەھۋال. دادا ۋە ئۇنىڭ بالىسى ئوخشاش نەرسىگە تىكىلىپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى ئوخشاش يۆنىلىشكە قارىتىلغان. بالا ئىككى كىشىنىڭ ئوخشاش شەكىلدە ئويلىيالايدىغانلىقىنى ئۆگىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ تۇيغۇداشلىق دەرىجىسى ئوخشاش ئەمەس، مانا بۇ يەردە ۋىكتور نىڭ سوئالى قىزىقارلىق بولۇپ قالىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر جەمئىيەتنىڭ نورمال ھەرىكەت قىلىشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن باشقىلار ھەققىدە يېتەرلىك پەرەز قىلالايدۇ. ئەمما بەزىلەر، تېزلا ئۆزلىرىنىڭ غەيرى تەبىئىي دەرىجىدىكى تۇيغۇداشلىق ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ – ئۇلار باشقىلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى بىلەلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ نىيەتلىرىنى باشقىلارغا قارىغاندا ناھايىتى ئاسان پەرەز قىلالايدۇ. ئۇلار بىر خىزمەتدىشىنىڭ نېمىشقا يىغلاۋاتقانلىقىنى سوراپمۇ بىلەلەيدۇ. ئۇلار بىر دوستىنىڭ قاچان ئۇلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار توغرا سوئاللارنى سورايدۇ ۋە سۆھبەتنى مەسلىھەت بېرىش كۇرسىدىكى پالچىدەك ئۇستىلىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.
ئۇلار بىر قورال بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئۇلار بۇنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟
ھوفمان: كۆيۈمچانلىق چارچاشلىقى
زېھىن نەزەرىيەسى ئۆزى يالغۇز تۇيغۇداشلىقنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. بىراۋنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقى ياكى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش سىزنى ئۇ كىشىگە ياردەم قىلىشقا ئۈندىمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىزگە كۆيۈمچانلىق كېرەك. مەسىلەن، مەن سىزنىڭ غەمكىن ئىكەنلىكىڭىزنى ۋە مېنىڭ ھەرىكەتلىرىمنىڭ سىزنى غەمكىن قىلىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىشىم مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ سىزگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئىچكى قوزغىتىشىم بولماسلىقى مۇمكىن. ياكى، ئالاھىدە رەھىمسىز بىر رەزىل مەخلۇق بىراۋنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى قانداق بىئارام قىلىشنى ۋە كونترول قىلىشنى ناھايىتى ياخشى بىلىشى مۇمكىن، بۇ بىلىمنى ئازابنى يېنىكلىتىش نىيىتى بولماستىن، ئەڭ چوڭ ئازاب كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىشى مۇمكىن.
شۇڭا، ۋىكتور، بۇ ئېنىقلىما بويىچە، بىز زېھىن نەزەرىيەسىنىڭ تۇيغۇداشلىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن كۆيۈمچانلىققا موھتاج دېيەلەيمىز. زېھىن نەزەرىيەسى ئەخلاقىي جەھەتتىن بىتەرەپ. بىزنىڭ كۆيۈمچانلىق ياكى شەخسىيەتچىلىككە ئوخشاش قوزغاتقۇچى ھېس-تۇيغۇلىرىمىز، زېھىن نەزەرىيەسىنى توغرا ياكى خاتا نەرسىگە ئايلاندۇرىدۇ.
ئەمما كۈندىلىك پەلسەپە ھەرگىز ئاددىي ئەمەس، ۋە بۇ يەردە يەنە باشقا بىر مەسىلىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ بىر كىشىدە بەك كۆپ كۆيۈمچانلىق بولغاندا نېمە بولىدىغانلىقىدۇر. پەرەز قىلايلى، بىر كىشىدە ھەم يۇقىرى دەرىجىدە ئىشلەيدىغان زېھىن نەزەرىيەسى ھەم تېشىپ تۇرغان كۆيۈمچانلىق بولسا، ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ؟ مانا بۇ ھوفماننىڭ «تۇيغۇداشلىق ھەددىدىن زىيادە قوزغىلىشى» دەپ ئاتىغان نەرسىسىدۇر. بىر كىشى باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن شۇنچىلىك چارچاپ كېتىدۇكى، بۇ ئۇلارنى ھالسىزلاندۇرىدۇ – ئۇلارنىڭ ئازابى مېنىڭ رېئال ئازابىمغا ئايلىنىدۇ. بۇ يامان نەرسىدەك كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن. نېمىلا بولمىسۇن، ئەگەر بىز باشقىلارنىڭ ئازابى ھەققىدە شەخسىي ئازاب ھېس قىلساق، ئۇنداقتا بىز ياردەم قىلىشقا تېخىمۇ مايىل بولىمىز. ئەمما ھوفمەن بۇ خىل ھەددىدىن ئېشىشنىڭ «كۆيۈمچانلىق چارچاشلىقى» غا ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، بۇ چاغدا بىز كۆڭۈل بۆلمەسلىكنى ئۆگىنىمىز. بىز كۆيۈمچانلىقىمىزنى تۆۋەنلىتىمىز. قەلبىمىزنى تاشقا ئايلاندۇرىمىز.
سائەتنىڭ پېندولىدەك تەۋرىنىش
تۇيغۇداشلىق قىلغۇچى قاتتىق تاش بىلەن سېغىز يەر ئارىسىغا قىسىلىپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇلاردا ھېچقانداق كۆيۈمچانلىق بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇلار مونوپۇل قىلىش ياكى ماكىياۋېللىزمغا[2] يۈزلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەگەر ئۇلاردا بەك كۆپ كۆيۈمچانلىق بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئاخىرىدا چارچاپ كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ يەنە كۆيۈمچانلىق بولماسلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ھەقىقىي، ئەخلاقىي تۇيغۇداشلىق قىلغۇچى كىشى بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى كۆيۈمچانلىق تانىسىدا مېڭىشنى باشقۇرالايدىغان كىشىدۇر.
ئەمەلىيەتتە بۇ قانداق كۆرۈنىدۇ؟ بۇ ھەر بىر شەخسكە ۋە ئۇلارنىڭ “كۆيۈمچانلىق چارچاشلىقى” نى كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا باغلىق. مەسىلەن، ماھاتما گاندى خىزمەت ۋە كۆيۈمچانلىق تۇيغۇمىزنى بارغانسېرى چوڭىيىپ ماڭىدىغان چەمبەرلەرگە كېڭەيتىش ھەققىدە سۆزلىگەن – بۇ ئىدىيەنى پېتېر سىنگېر بىر كىتابقا ئايلاندۇرغان. بىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ، ئائىلىمىزگە، ئاندىن مەھەللىمىزگە، ئاندىن دۆلىتىمىزگە، ئاندىن دۇنياغا، ئاندىن كائىناتقا قاراپ كېڭىيىمىز. مېنىڭچە كۆپىنچە كىشىلەر بۇ يولدا مەلۇم خىلدىكى كۆيۈمچانلىق چارچاشلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك بىز ئىككى خىل تاللاشقا دۇچ كېلىمىز. يا بىز ئۆزىمىزنى تېخىمۇ كۆيۈمچان بولۇشقا كۆندۈرىمىز، تۇيغۇداشلىق مۇسكۇللىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ ھېسسىي يۇقۇمنى قوبۇل قىلىشقا مەشىق قىلدۇرىمىز. ياكى، بىز كۆيۈمچانلىقىمىزنى تار چەمبەرلەر بىلەن چەكلەيمىز.
ئۇنداقتا، سىز قانچىلىك كۆيۈمچانلىقنى كۆتۈرەلەيسىز؟
جون تومسۇن
مەنبە:
https://bigthink.com/thinking/everyday-philosophy-how-much-empathy-is-too-much/
[1] Simon Baron-Cohen
مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق كېرەك. [2]
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.