سۈرىيەدىكى يېڭى ۋەزىيەت ۋە خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىككىلىنىشى

2025-يىلى 8-سېنتەبىر

 

 

بېيجىڭ بىر تەرەپتىن خەتەرنى كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ياقلاۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيەدىكى چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈپ قېلىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتا.

 

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

 

2025-يىلى 3-سېنتەبىر كۈنى ئەنگلىيەدىكى دۇنياغا داڭلىق ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى بولغان خانلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى (Chatham House) نىڭ تور سەھىپىسىدە، ئىنستىتۇتنىڭ يېقىن شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا تەتقىقات پىروگراممىسىنىڭ ھەمكارلاشقۇچى تەتقىقاتچىسى ئەھمەد ئابدۇھ قەلىمىگە مەنسۇپ «ئەششەرئ ھالقىلىق بىر ئاينى باشتىن كەچۈرۈۋات ھازىرقىدەك شارائىتتا خىتاي نېمە ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنى قوللاشتا ئىككىلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك مۇھىم بىر ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالە، بېيجىڭنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يىقىلغاندىن كېيىنكى سۈرىيەگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئارقىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك لوگىكا، غايىۋى نىشان ۋە ئەمەلىيەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مۇرەككەپ قىيىنچىلىقلارنى چوڭقۇر قاتلاملىق تەھلىل قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى پەقەتلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى دائىرىسىدە چەكلەپ قالماي، بەلكى ئۇنى خىتاينىڭ يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەسى، يادرولۇق دۆلەت مەنپەئەتى ھەمدە ئامېرىكا بىلەن بولغان كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابىتى قاتارلىق تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئارقا كۆرۈنۈشلەر بىلەن باغلاپ تۇرۇپ يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئەھمەد ئابۇدوھنىڭ ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، خىتاينىڭ سۈرىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەتكە قاراتقان سىياسىتىنىڭ يادروسى ئىقتىسادىي مەنپەئەت ياكى گېئوسىياسىي تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئەمەس، بەلكى «بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش» پىرىنسىپىغا مەركەزلەشكەن. بۇ يەردىكى «بىخەتەرلىك» كەڭ مەنىدىكى رايون خاراكتېرلىك تەھدىتلەرنى ئەمەس، بەلكى نىشانى ئېنىق بولغان، خىتاينىڭ «يادرولۇق مەنپەئەتلىرى» گە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. سۈرىيەدىكى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (TIP)  ئەزالىرىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە قۇرۇلمىلىرىغا سىڭىپ كىرىشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئۇنۋانلارغا ئېرىشىشى بېيجىڭ ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىزىل سىزىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋال، بېيجىڭنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» بايرىقى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلۇقلۇقىغا ئېغىر زەربە بېرىپلا قالماي، تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بېيجىڭنىڭ نەزىرىدە كەلگۈسىدە ئوتتۇرا شەرقتىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرلىرىگە، ئېنېرگىيە لىنىيەلىرىگە، ھەتتا خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان «ئىستراتېگىيەلىك بومبا» دۇر. شۇڭلاشقا، خىتاينىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى پەقەتلا بىر دىپلوماتىك تاكتىكا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى قارىشىدىكى ئەڭ چوڭقۇر ئەندىشىسىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدۇر.

بۇ ئەندىشە ئاساسىدا، خىتاي سۈرىيەدە ئىنتايىن ئېھتىياتچان ۋە مۇرەككەپ بولغان «قوش رېلىسلىق سىياسەت» نى يولغا قويماقتا. بىر تەرەپتىن، بېيجىڭ باش ئەلچىسى ئارقىلىق يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك ئالاقىنى ساقلاپ، سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، دىپلوماتىك يوللارنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتمەسلىككە تىرىشماقتا. بۇ، ئەھۋالنىڭ يۈزلىنىشىنى يېقىندىن كۆزىتىش ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ئالاقە قانىلىنى ساقلاپ قېلىش تاكتىكىسىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئۆزىنىڭ ۋېتو ھوقۇقىنى بىر «قىلىچ» سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، ئەلشەرئا ھۆكۈمىتىگە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ھەققىدە ئاشكارا بېسىم ئىشلەتمەكتە. ئۇنىڭ ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جازالىرىنى، بولۇپمۇ 1267-نومۇرلۇق تىزىملىكنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىشى، ئەمەلىيەتتە دەمەشقنى ئۇيغۇر جەڭچىلىرى مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ تەلىپىگە كۆندۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان ئەڭ كۈچلۈك پىشاڭى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل قوش رېلىسلىق سىياسەتنىڭ تالىبانغا قاراتقان سىياسىتىدىن كۆرە، ئىسرائىلىيەگە قاراتقان سىياسىتىگە ئوخشىشىپ كېتىشى توغرىسىدىكى باھا ئىنتايىن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى خىتاي ھەر ئىككى ئەھۋالدا بىۋاسىتە ھەربىي ياكى ئىقتىسادىي ئارىلىشىشتىن ساقلىنىپ، خەلقئارا سەھنىلەردە سۆز ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

ئەمما، بۇ مەسىلە پەقەت خىتاي بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتىن ھالقىپ كەتكەن. ماقالىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ چەتئەللىك جەڭچىلەرنى قوبۇل قىلىشىنى قوللىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بۇ ۋەزىيەتكە يېڭى بىر گېئوسىياسىي قاتلام قوشىدۇ. ۋاشىنگتون ئۈچۈن، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىتاينىڭ كەلگۈسىدە سۈرىيەدىكى تەسىرىنى چەكلەيدىغان، ھەتتا پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقتە بېيجىڭنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر «ئىستراتېگىيەلىك كوزىر» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى مۇجاھىدلارنى قوللىغانلىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تاكتىكا. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئەلشەرئا ھۆكۈمىتى ئۆزىنى چوڭ دۆلەتلەر ئويۇنىنىڭ مەركىزىدە كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇھىم بىر كۈچ ۋە سىياسىي سودا ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.

ئاخىرىدا، ئەھمەد ئابۇدوھنىڭ خىتاينىڭ سۈرىيە سىياسىتىنى «كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيە ئەمەس، بەلكى خەتەرنى باشقۇرۇش» دەپ خۇلاسىلىشى ئىنتايىن توغرا. تارىختىن بۇيان، سۈرىيە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىسى بولۇپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ۋە گېئوسىياسىي ئورنى بېيجىڭ ئۈچۈن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ياكى ئىراققا ئوخشاش مۇھىم ئەمەس. شۇڭا، بېيجىڭ سۈرىيەگە زور مىقداردا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىپ، ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە رىقابەتلىشىشنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ ھازىرقى سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى: ئەڭ ئاز تەننەرخ بىلەن ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن خەۋپنى (يەنى ئۇيغۇر جەڭچىلىرى مەسىلىسىنى) كونترول قىلىش، ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق تۇتۇش، ئەمما ھەمياننى مەھكەم تاقاش. بۇ خىل تۆۋەن تەننەرخلىك، ئېھتىياتچان سىياسەت كەلگۈسى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئەسەددىن كېيىنكى سۈرىيە، خىتاي ئۈچۈن پۇرسەتتىن كۆرە خىرىسقا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئەڭ سەزگۈر نۇقتىسىغا چېتىلىدىغان بىر خىرىسقا تولغان مۇرەككەپ مۇھىت بولۇپ، بېيجىڭنىڭ بۇ يەردىكى ھەر بىر قەدىمى ئۇنىڭ يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەسى بىلەن يادرولۇق مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ساقلايدىغانلىقىنىڭ بىر سىناق تېشى بولۇپ قالىدۇ.

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



One Comment

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*